قايسى بىر رەسسام رەڭدار سۈرەت قەلىمى بىلەن رېئاللىقنىڭ سىزىقلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، رىئاللىققا تۈس ئالالايدۇ ياكى رېئاللىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟
پايانسىز خام خىيال دېڭىز ۋە كىمىلىرى توختىمايدىغان دېڭىز قولتۇقى مەۋجۇتمۇ— ئەمەسمۇ؟ مېنىڭ پۈتۈن ئەزايى بەدەنلىرىم قۇرۇپ قاقشال بولدى، ئەتراپىم رېئاللق تۈرمىسىگە ئايلاندى!
مەن ھېچكىم نىجاتلىق ئاتا قىلمايدىغان بىر بىچارە بەندىمەن!
مەن ئەرۋاھلار بىلەن خام خىيال يىپىغا باغلايدىغان، دىلغۇل بولۇپ يۈرگەن بىر ئادەممەن!
مەن ھۆرلۈك، ئازادلىق ناخشىسىنى ياڭرىتىمەن، چۈنكى قەلبىم تەشنالىق بىلەن تولغان... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەن رىئاللىققا تەن بەرمىسەممۇ، ھۆرلۈك، ئازادلىققا مەڭگۈ ئىرىشەلمىسەممۇ، رىئاللىق يىپلىرى بىلەن باغلىنىپ تۇرىمەن!
قانداق نەرسە بۇلارنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ؟
مەن ئۇنىڭ رىئالىققا ئايلىندىغان — ئايلانمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ھەممە نەرسە خام خىيال! ئەدناسى مېنىڭ نەزىرىمدە شۇنداق.
..................................................
ئۇ خاتىرىسىنى قاتلاپ ئىككى قوللاپ تۇتتى، چۈشۈنۈكسىز كۆز ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلدى. ئۇ گويا ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ۋە يولىدىن ئادىشىپ قالغان بىر يولۇچى ئوتتەك قىزىزىپ كەتكەن قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا كېتىۋاتقاندەك كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئەزرائىلغا ئەل بولۇشنى راۋا كۆرمەيتتى ھەم داۋاملىق ئالغا قاراپ يۈرگىدەك ماجالى يوقتەك قىلاتتى. ئىز تورى www.iz.la
ئۇ كېيىن بىر تال سىگارت تۇتاشتۇردى— دە خاتىرسىنى ئېچىپ خاتىرە يازماقچى بولدى. ئەمما قەلىمنىڭ سىياسى تۈگەپ كەتكەچكە خاتىرە يازالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شاققىدە ئورنىدىن تۇردى—دە يازغان خاتىرىسىگە قارىدى، بۇ خاتىرلەر ئۇنىڭغا ياتتەك ئەسلى كۆرۈپ باقمىغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ « ھەي قەلەم، ھەركەتلەنسەڭچۇ، توختاپ قالما! سەندىن ئاقىدىغان قان قۇرۇپ قالسا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ قان مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدىن يۈرەك — باغرىمدىن ئېقىپ چىقىدىغان قان!» دېدى پەس ئاۋاز بىلەن شىۋىرلاپ.
ئۇ نەچچە ئىلتىجا، نىدا قىلغان بولسىمۇ ھېچبىر نەتىجىسى بولمىدى. رېئاللىق ئۇ قەلەمدىن سىياھ چىقارمىدى ۋە خاتىرە بېتىدە ھەركەتلەندۈرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خاتىرسىنى ۋاراقلاپ، بۇرۇن يازغان خاتىرسىنى قولغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى.
..................................................
مۇھەببەت قۇشى مېنىڭ باش ئۈستۈمدە پەرۋاز قىلدى، مەن مۇھەببەت قۇشىنىڭ ئادەمنڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك دەرىجىدە خەندان ئۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.
مەن زىنھار قارشىلىق قىلماي ۋە ئۆزەمنى دالدىغا ئالماي ئاشۇ يېقىملىق، لەزىز ئاۋاز ناۋالارغا ئەسىر بولدۇم.
ئۇنىڭ شەپقەت — ئىنسانىيەتلىرىدىن قەلب گۈلىستانىمدا رەڭدار گۈللەر ئىچىلدى.
مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا جۆر بولۇپ ناۋا ئەيلىدىم...
قۇش مەندىن ئايرىلىپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتتى،
يېقىملىق ناۋالارمۇ قۇلاق تۈۋىمدىن غايىپ بولدى.
ئەمما ئۇ قەلب قەسىرىمنىڭ تېرەن جايلىرىدىن ئورۇن ئالدى.
مەن ھېلھەم ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق پاك ھەم بىغۇبار بولدۇم...
ئەمما ئۇنىڭ ئاشۇ نۇرلۇق قوي كۆزلىرى...
مەن ئۇنىڭ نۇرلۇق قوي كۆزلىرىنى دېمىگەن بولسام ھەرگىزمۇ ئىشخانامدىن چىقىپ ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئۆتىدىغان يولىغا تەلمۈرمىگەن، ئۇنىڭغا يىراقتىن ئەگەشمىگەن بولاتتىم. مەن ئۇ مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن، مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى سىزىپ قالمىسۇن، ئۇ چۆچۈپ كەتمىسۇن، دەپ ئۇنىڭغا يىراقتىن ئەگىشىپ مېڭىشقا مەجبۇر بولاتتىم.
ئۇ قىز دوستلىرى بىلەن خۇشال پاراڭلىشىپ ماڭاتتى. مەن بىشىمنى سالغىنىمچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭاتتىم. قەلبىمدە ئاشۇ گۈزەل قوي كۆزلەرگە تەقۋادارلىق بىلەن چوقۇناتتىم.
ئىز تورى بەك ياخشى
نۇرغۇن كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى، بۇ چاغلاردا مەن بەختىيارانە مەنزىرلەر قوينىدا سەيىر ئەتتىم، مەن ئىچكى دۇنيارىمدىكى ئىدىيۋى كۈرەشنى تونۇپ يەتكەن چېغىمدىلا ئاندىن ئۇ بەخىتلىك ۋىجدانىم ئالدىدا بارغانسېرى ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى بىلدىم، بارا— بارا خىجىل بولدۇم.
كۆز ئالدىمدا رېئال كارتىنىلار نامايان بولدى. ئۇ بەخت مەنزىرسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشاتتى، خام خىياللىرىم كونكىرىت رېئاللىققا ئايلاندى. مەن بىردىنلا ئىزتىراپ ئازابىنى تىللاپ، قارغاشقا باشلىدىم. ئۆيگە بىكىنىۋىلىپ، سىرتلارغا چىقمىدىم. قەلب قەسىرىمدىن ئورۇن ئالغان خىيانەتكار قۇشنىڭ خەندان ئۇرۇپ سايراشلىرىنى توسماقچى بولدۇم، ئەمما بۇمۇ تامامەن بىكار كەتتى. مەن ئاخىرى ئۇ غەزەللىرىنىڭ نۇرغۇن يېڭى غەزەللەر بىلەن بىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم. مەن ئۇنىڭدىن «مۇھەببەت گويا بىر دېڭىزغا ئوخشايدۇ، پەقەت رىئاللىق كېمىسىلا بۇ دېڭىزدىن ئامان ئۆتەلەيدۇ!» دېگەن بىر سۆزىنى بىلىۋالدىم.
مەن خام خىيال كېمىسىدە ئولتۇرۇشۇم كېرەك ئىدى! ئۇنداق بولمىسا رەھىمسىز دولقۇنلار مېنى ۋەيران قىلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ھەر كۈنى قوغلىشش نىيتىدىن يېنىپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىر پىلان تۈزۈش ئۈچۈن باش قاتۇردۇم.
مېنىڭ ھېبىبۇل دېگەن بىر فوتوگراف دوستۇم بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقتا تۇراتتىم ۋە ياخشى ئۆتەتتىم. ئۇنىڭ كۆرگەن — بىلگەنلىرى كۆپەيدى، جاھاندارچىلىقنىڭ ئېپىنى بىلەتتى، ھەتتا ئۇنى ياراملىق كېمىچى دەپ ئاتاشقىمۇ بولاتتى. ئۇ مېنى رېئاللىق كېمىسىدە ھىدايەت قىلالايتتى. چۈنكى ئۇ تۇنسىدىكى چوڭ — كىچىك قىزلارنى بىر — بىرلەپ ساناپ بىرەلەيتتى. مەن مۇشۇنداق ۋەھىمە ئالدىدا تۇغۇنلۇق يەنە نېمىشكە ئۇنىڭدىن ياردەم سورىمايمەن؟
شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈمنى ئۇنىڭ ھىماتىغا تاپشۇردۇم.
— دەل شۇ ...چاتاق يوق، دەل شۇ جېنىم قىرىندىشىم ھېبىبۇل ، بۇ گەپچە سەن ئۇنى تۇنۇيدىكەنسەن — دە ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسىم — شەرىپى نېمىكىن؟— دېدىم تەئەججۈپ ئىلكىدە، مەن ھەبىبۇلنىڭ رەسىم ئاپپاراتىنىڭ قېپى ئىچىدە ئۇنىڭ سۈرىتىنى كۆردۈم ۋە رەسىم ئاپاراتىنىڭ قېپىدىن ئۇنىڭ سۈرتىنى ئېلىپ كۆكسۈمگە ياقتىم، ھېبىبۇل ماڭا قاراپ قويدى— يۇ، ئۈندىمىدى. بىر ئازدىن كېيىن مېنى تەشۋىشكە سالىدىغان بىر خىل سوغۇق تەلەپپۇزدا، — سەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىڭمۇ؟— دېدى
مەن ئۇنىڭ سۈرەتتىكى نۇرلۇق قوي كۆزلىرىگە قارغىنىمچە جاۋابەن، — ياق ، تېخى ئۇنداق قىلغۇچە بولمىدىم! پۈتۈن ھىكايە ئىككىمىز دېيىشكەن گەپلەردىن ئارتۇق ئەمەس، ئەمما مەن راستىنلا ئامالسىز قالدىم... مەن بۇ خىل توسۇۋالغۇسىز ئوتلۇق مۇھەببەت قوينىدىن ئۆزۈمنى قۇتۇلدۇرۇشۇم كېرەك... مەن ئۆركەش ياساۋاتقان دولقۇنغا غەرق بولغان.. دېدىم. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۇ چۈشەنمەي گىپىنى بۆلدى، — ھەي فاتىخ ، بۇ سەنما؟ ئەمما مەن ئاۋۋال سەن بىلەن كېلىشكەن — دە!
— ئۇ دېگەن ئىككىمىز ئوتتۇرسىدىكى سىر، ھەتتا بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. مەن شۇ تاپتا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەملەر قۇتقۇزۇڭلار دەپ توۋلاشقا مەجبۇر بولغاندەك ھالغا چۈشۈپ قالدىم. ئاللاھنىڭ ھەقىقى ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرگەن بولساڭ.
— رەشىدە — رەشىدە— رەشىدە! مەن ئۇنى «زىيا » دەپ ئاتاي. مانا بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزىلا ماڭا كۇپايە قىلىدۇ. ئەمما دىققەت قىلمىسام ئۇنى «زاھىدە» دەپ سېلىشىم مۇمكىن.«زاھىدە» دېگەن «بۈۋۈم » دېگەن بولىدۇ— شۇنداق بولۇشىدىن ئۆزۈڭ ساقىلغايسەن، ئاللاھ— مەن ھازىردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىسمىنى «زىيا» دەپ ئاياي.
— فاتىخ، سەن ئۇنىڭغا خەت ياز ، پۈتۈن ئەقىل — پاراسىتىڭنى نامايان قىل ، ئاندىن كېيىن... — ئاھ ، مەن ئىستىدادىمنىڭ ۋۇجۇدىدىن يوقالغانلىقىنى سەزدىم، چۈنكى ئۇ رىئاللىق دوقمۇشلىرىغا سوقۇلغان ئىدى. مەن خىياللىرىمنى ۋەيران قىلغان مىنۇتلىرىمدىن باشلاپ سەنئەتكارلىقىمدىن قالغان . بەدىئي ئەسەرلەر كىشلەرنىڭ روھى بوشلۇقىنى تولدۇرىدىغان خام خىيال ئىكەن.
— گىپىمنى قىلغىلى قوي فاتىخ ، مەن سېنى بىر سەنئەتكار دېمىدىممۇ؟ ئەمما سەن ئۆزۈڭ بۇنى تونۇپ يەتمىدىڭ ، سەن ئۇنىڭ بىلەن كەسپىڭ توغرۇلۇق پاراڭلاشساڭ بولىدۇ. ئۇنى ماقالە يېزىپ بىرىڭ دەپ تەكلىپ قىل .
كېيىن ئۇ يەنە، — خېتىڭ ئەتىلا ئۇنىڭ قولىغا تېگىدۇ—دېدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
—ئۇ شۇنداق دېدى— دە قىزنىڭ ئادرېسىنى ماڭا بىرىپلا ئۇدۇل چىقىپ كەتتى.
مەن خەتنى قىزنىڭ خەت ساندۇقىغا سالدىم. بۇ چاغدا روھىم مۇقەددەس قەسىرىگە كىرگەندەك، زور دولقۇن كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولغاندەك رېئاللىق كېمىسى مېنى ئېلىپ ئالغا قاراپ كېتىۋاتقاندەك بولدى، ھوزۇر بىغىشلايدىغان سالقىن، مەيىن شامال كۆڭۈل بېتىمنى سۆيۈپ ئۆتكەندەك سەزدىم.
مەن كېمىنىڭ قىرغاققا يېقىنلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، قىرغاقمۇ مەن چۈشكەن كېمىگە يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى خىرە سەزگەندەك بولدۇم. روھى قۇدرىتىم ئۇرغاندەك بولدى، بىكارچىلىققا بەرھەم بىرىش ئۈچۈن بىرەر خىزمەت تىپىش ئۈچۈن ئالدىرىدىم. مەن ئۆزگەردىم، قايتا خام خىيال سۈرمەيدىغان بولدۇم. مەن ئۆتمۈشنى، ھىلىھەم خام خىيال سۈرۈپ يۈرۈيدىغان كىشىلەرنى مەسخىرە قىلدىم. مەن سەزگۈسىز، ئاڭسىز ھالدا خىيالى سەزگۈلىرىم بىلەن مەۋھۇم رېئاللىقنى تۇتۇش ئەمەس ، ئۆز قولۇم بىلەن چىن رىئاللىقنى تۇتۇشقا تەشنا بولدۇم...
مەن بۇرۇن ھەر كۈنى يېرىم كىچىلەردە قورقۇنۇچلۇق قاباھەتلىك چۈشنىڭ زەربىسىگە ئۇچرايتتىم، بۇنى تېخى سەنئەتدە چۈشىنەتتىم، شۇ كۈنى ئاخشىمى شېرىن ئۇيقۇغا غەرق بولغان ئىدىم، چۈشۈمدە ياشانغان، ساقاللىق بىر بوۋاي ئالدىمدا تۇرغاندەك، بوۋاي تولىمۇ ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك كۆرۈنگەندەك بوۋاي مەندىن« ھەي يىگىت سېنىڭ بىر جۈپ قانات چىقىرىپ ئاسمان قەھرىدە پەرۋاز قىلىپ ئۇچقۇڭ بارىمۇياكى كەتمەن ئىلىپ ئېتىزلىقتا دېھقانچىلىق قىلغۇڭ بارمۇ؟» دەپ سورىغۇدەك.
مەن ئۇنىڭ بۇ گىپىنى چۈشەنمەيلا جاۋابەن« مەن زىمىنغا ئىشىنىمەن، چۈنكى زېمىننى تۇتالايمەن، زىمىن ئۈستۈمدە ماڭالايمەن. مەن ئاسماندا ھەر قانچە ئۇزۇن ئۇچساممۇ يەنىلا ھامان ئوزۇقلىنىش ئۈچۈن زىمىنغا چۈشىمەن» دېگۈدەكمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بوۋاي قاقاقلاپ ئاسمانغا ئۇچۇپ كەتكۈدەك ۋە ماڭا « شۇ تاپتا سېنى رېئاللىقنىڭ تورلىرى ئورىۋاتىدۇ » دېگۈدەك.
مەن ئويغۇنۇپ كەتتىم ۋە كۆڭلۈمدە :« رىئاللىق دېگەن نېمە؟ رىئاللىقنى كىم ئىجاد قىلغان. بىزنىڭ رېئاللىقنى تۇتۇشىمىز نېمە ئۈچۈن توسۇلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ئاسماننىڭ قوينىغا چىقىشىغا دالالەت قىلىدۇ؟ ئۇ بوۋاي كىمدۇ؟ مۇبادا مەن ئۇ چاغدا ئۇ بوۋايدىن ماڭا بىر جۈپ قانات بەرسىڭىز دېگەن بولسام، ئۇ نېمە دەر ئىدى؟» دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
ھەقىقەتەن ساختا رىئاللىق — دە بۇ!
ئۇ دوستۇمنى ساقلاپ كۆزۈم تېشىلگۈدەك بولدى. سەۋرى قاچام توشتى، مەن رېئاللىقتىن ياكى خام خىيالدىن مۇشۇنداق كۈتۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىمىنى زادى بىلەلمىدىم. رېئاللىق بىلەن خام خىيال ئارلىشىپ كەتكەن، مېنى گاڭگىرتىپ قويغان ئىدى، مەن نېمىنىڭ رېئاللىق، نېمىنىڭ خام خىيال ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالدىم. ئىز تورى بەك ياخشى
شۇ تاپتا كېچە سائەت ئىككى بولدى، مەن ھېلھەم سەۋرى قىلىپ تۇردۇم، ياق ئامالسىز تۇرىۋاتىمەن. ھەتتا مەن ئۆزۈمنىڭ سەۋرچانلىقىمدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم، مۇبادا ئۇ دوستۇمنى تېپىش سەۋىرچان ئادەم دەپ پەرەز قىلماقتىن باشقا ئامالىم يوق ئىدى، چۈنكى رېئاللىق شۇنداق قىلىشقا مۇھتاج ئىدى. خۇددى مىڭلىغان — ئون مىڭلىغان جاپاكەش ئادەملەرنىڭ ئۇلارنى ئاچ، زارلىق قىسمىقىغا ئالغان ئىدى. ئەمما قورسىقىدىن غەم يىمەيدىغان نەسھەتلەر ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ جىمى نەرسىگە سەۋرى— تاقەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سەۋرى — تاقەتنىڭ ئەۋزەللىكىنى بايان قىلاتتى.
..................................................
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
رەشىدە.. ياق، ئۇنى زىيا دەپ ئاتاش كېرەك. ئۇ ھەر قېتىم ھېبىبۇلنىڭ قېشىغا بارغاندا ئۇنىڭ رەسىم ئاپاراتىنىڭ قېپىدىن نۇرغۇن سۈرەتلەرنى ئېلىپ زوقلىناتتى. بۈگۈن ئۇ بۇرۇنقىدەك ھېبىبۇلنىڭ يېنىغا كەلدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ھېبىبۇل جىددى بىر ئىش بىلەن سىرتقا چىقماقچىدەك كۆرۈندى. چۈنكى ئۇ بەك ئالدىراشلا ئىدى، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ ئىدى. ئۇنى تېخى نۇرغۇن ئۇچرىشىشلار كۈتۈپ تۇراتتى، زىيا ئۇنىڭدىن تارتقان سۈرەتلىرىڭىزنى كۆرەپ باقاي. دەپ ئۆتۈندى. ئۇ ئامالسىزلىقتىن ماقۇل بولدى. توساتتىن بىر پرچە سۈرەت ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېبىبۇلدىن ، — ھەي، ھېبىبۇل بۇ كىم بولىدۇ؟ ئۇ ئارتىستەك قىلىدىغۇ، غەزەلخانغىمۇ ئوخشاپ تۇردىغۇ، —دېدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
— ياق ، ئۇ بىر شائىر!
— ئۇنىڭ ئىسمى نېمە، تېخى ياشلار تۇردىغۇ؟
— بۇ چاغدا ھېبىبۇل گەپكە قىزىقىپ قالدى — دە جاۋابەن:
— رەشىدە ئۇ ياش بولغىنى بىلەن ھەقىقى بىر سەنئەتكار، لىرىك شائىر، ياخشى دوستلىرىمنىڭ بىرى بولىدۇ، — دېدى،.
— ماڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز!
— مەن ئۇنى سىزنى شىيا تاتقۇزۇپ قويارمىكىن ياكى سىز ئۇنى زىيان تارتقۇزۇپ قويارسىزمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن، بولدىلا ئۇنىڭ بۇ ئىسمنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟
— ھەي، ھېبىبۇل ، سىز ئادەتتە بۇنداق سەمىمىي ئەمەس ئىدىڭىزغۇ!— دېدى زىيا كۈلۈپ تۇرۇپ.
— ئۇ دوستۇم فاتىخ بولىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
زىيانىڭ پۈتۈن — ئەزايى بەدىنى لەرزىگە كەلدى. ئۇ قەلىپ دېڭزىدا ئۆركەش ياسىغان دولقۇنلارنى ئاران بېسىۋالدى. كېيىن ئۇ ھېبىبۇل بىلەن خوشلىشىپ يۈرۈپ كەتتى.
..................................................
پاراخوت قىرغاققا بارغانسىرى يىقىنلاپ كېلىۋاتاتتى. شۇ تاپتا مېنىڭ سۈرىتىم ئۇنىڭ قولىدا ئۇنىڭ سۈرىتى مېنىڭ قولۇمدا ئىدى. بۇ ئوڭۇممۇ ياكى چۈشۈممۇ؟ ئەجەبا ئىش مۇشۇنداق كۆڭۈلدىكىدەك، مۇشۇنداق تېز بولارمۇ؟!
بەخت مېنى ئوينىتىۋاتاتتى، مەنمۇ ئۇنى ئوينىتىۋاتاتتىم، بۇرۇن مەن ئۇ مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ئۆزۈمنى ئىمكانقەدەر دالدىغا ئالاتتىم، ئەمما كېيىنچە ئۇنى كۆرەشكە ئىنتىزار بولدۇم. ئاھ، رىئاللىقنىڭ يۈزى نېمە دېگەن كۆپ— ھە! مەن زىددىيەت بىلەن تولغان بۇنداق رېئاللىققا ھەرگىزمۇ ئىشەنمەيمەن. ئەمما «مۇھەببەت خۇددى دېڭىزغا ئوخشايدۇ، پەقەت رىئاللىق كىمىسىلا بۇ دېڭىزدىن ئامان ئۆتىدۇ» دېگەن گۈزەل كۈي قەلب قەسىرىمدە جاراڭلايتتى. ئۇ كۈي ماڭا غەيرەت — شىجائەت، ئىشەنچ — ئېتقاد ۋە پىداكارلىق روھ ئاتا قىلغان بولسىمۇ، مېنى يەنە زىددىيەت قاينىمىغا تاشلىۋەتتى، مەن رېئاللىقنىڭ چىنلىقىنى، مەنىسىنى ئىزدىدىم. ئەمما مېنىڭ ئىزدەپ تاپقىنىم مۈجىمەللىك ۋە خىرەلىك بولدى، ئىنسان مانا مۇشۇنداق بىر ئاساستا تۇراقسىز ياشايدۇ، چۈنكى مۇجىمەللىك بىلەن خىرەلىكنىڭ ئاقىۋىتى ئېنىقلىق بىلەن روشەنلىك بولىدۇ.
ئەمما بۇلار قانداقمۇ رېئاللىق بولالايدۇ؟ ئەجەبا ئىنسانلارنىڭ ئاسىيلىرى جادۇ— ئەپسۇنلىرى بىلەن ئۇنىڭغا مۇشۇنداق ئىسىم قويۇپ قويغانمىدۇ؟
زىيا دەل مۇشۇ ۋەجىدىن سۈرئىتىمنى ئوغۇرلاپ ئېلىۋالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. مەن ھامىنى بىر كۈنى ئۇنىڭ مەپتۇنكارى قوي كۆزلىرىگە يېقىنلىشىمەن، ئۇنى يېقىملىق تەلەپپۇز بىلەن « زىيا ...زىيا! » دەپ چاقىرىمەن.
................................................
مەن رەشىدە بىلەن ، ياق... ياق زىيا بىلەن ئۇچراشقىلى ماڭغىنىمدا يەردە كېتىۋاتقان بولساممۇ، ئۆزۈمنى ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدەۋاتقان بەختنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى سەزدىم. زىيا مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ تامنىڭ ئارقىسىغا يۇشۇرنىۋالغان ئىدىم. بىر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن جامائەت ئالدىدا كۆرۈشەتتىم. قەھۋەخانىدا ئۇچرىشاتتىم، بۇ ئىشلارغا زادى ئىشەنگۈم كەلمىسىمۇ، رىئاللىق بۇلارنىڭ راستلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇراتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاھ ، ئارلىق نېمە دېگەن يىراق— ھە! ھەتتا ماڭا ئىككى — ئۈچ كۈندىن كېيىنلا « دېڭىز دەرۋازىسى» غا يېتىپ بارىدىغاندەك تۇيۇلدى، ئەينى چاغدا چۈشۈمدە كۆرگەن ھېلىقى بوۋايدىن بىر جۈپ قانات تەلەپ قىلىپ ئالغان بولسام، زىمىندىن باشقا نەرسىلەرگە ئىشەنمەيمەن دېمىگەن بولسام نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى— ھە شۇنداق بولغان بولسا قەھرىنى قۇچۇپ، زىيانىڭ ھوزۇرىغا ئۇچۇپ باراتتىم. زىمىندا بۇنداق ئەزمىلىك بىلەن مىڭىپ يۈرمەيتتىم. ئەمما ئۇنى يەنە كۆرەلمەيتتىم ۋە سىلاشتۇرۇپ تۇتالمايتتىم.
ھەي!
مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان يەرگە قانداق كېلىپ قالغانلىقىمنى بىلەلمىدىم. رىئاللىق ھەممىنى ئىسكەنجىگە ئالغان ئىدى. مەيلى سەن ئۇنىڭغا ئىشەن ياكى ئىشەنمە بەربىر ئىدى. مەن قەھۋەخانىدا ئۇنى كۈتۈپ ئولتۇردۇم. كېلىشكەن ۋاقىتمۇ توشاي دەپ قالدى. ئۇ قەھۋەخانىغا كىرىشى بىلەنلا ئۇدۇل ئالدىمغا كېلەتتى، چۈنكى ئۇنىڭدا مېنىڭ سۈرىتىم بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئاشۇ مەپتۇنكار قوي كۆزلىرىنى ئۆمۈر ۋايەت ئۇنتالمايتتىم. ئۇ جەننەتكە كىرىپ ھۆر پەرلەر بىلەن بىرگە تۇرسىمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرى مېنىڭ كۆز ئالدىمدىن ئۆچمەيىتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاھ، مەن دېگەن بەخىتلىك —ھە!
مەن ئۆزۈمنى پۈتۈن ئىنسانلارنى بەخىتلىك قىلىۋاتقاندەك سەزدىم، چۈنكى مەن پۈتۈن ئەزايى — بەدەنلىرىمدىن بەخت ئىقبال نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدىم، قەھۋەخانىدا ئولتۇرغان دەملىرىمدە ئەتراپقا ۋۇجۇدۇمدىن بەخت تىنىقلىرى تارىلاتتى.
..................................................
زىيا جەھۋەخانىغا كىرىپ ئەتراپقا قارغىنىچە مېنى ئىزدەشكە باشلىدى. مەن كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چىلىقمايدىغان بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرغان ئىدىم. مەن ئۇنىڭ قەھۋەخانىغا كىرگەنلىكىنى كۆردۈم. شۇ ئەسنادا مەندە ئۇنىڭغا مەن بۇ يەردە دەپ قول پۇلاڭلاتقۇدەكمۇ جاسارەت يوقمىدى، ئەمەلدە مەن نەپەسلىنەلمەيۋاتاتتى، قورۇقۇپ كىلىۋاتاتتىم.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇنىڭ قوي كۆزلىرى مەن ئولتۇرغان بۇلۇڭغا چۈشتى. مەن ئۇنى كۆرمىگەن بولىۋالدىم، كۆڭلۈمدە بولسا ئۇ مېنى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ تىلىدىم.
توساتتىن ئۇنىڭ قولدىكى سۈرەت مېنىڭ بىر يىل ئىلگىرىكى سۈرىتىم ئىكەنلىكىنى ئېسىمگە كەلدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى تونىماي قالارمۇ دەپ ئەنسىرىدىم...
ئاھ — پەرۋەردىگار !
ئۇ مېنى كۆردى، ئەمما ئۇنىڭ نەزىرى ۋۇجۇدىدىن ئورۇن ئالمىغان ئىدى،قىزىزىق ئەمدى مەن قانداق قىلاي ؟ ئۇ ئۇ يەردە خىل ئۇزۇن تۇردى، قۇلاق تۈۋۈمدە بولسا« مۇھەببەت خۇددى دېڭىزغا ئوخشايدۇ، پەقەت رېئاللىق كېمىسىلا بۇ دېڭىزدىن ئامان ئۆتىدۇ» دېگەن بىر كۈي ياڭرىدى، شۇنىڭ بىلەن جاسارىتىم، روھىتىم ئەسلىگە كەلدى، قولۇم بىلەن ئۇنىڭغا ئىشارە قىلدىم...
ئىز تورى www.iz.la
مەن ئۆمرۈمدە ئەڭ قىممەتلىك ھاسلاشقا ئېرىشتىم، زىيا ماڭا باققاندا چىرايىدا لەزىز تەبەسسۇم پەيدا بولغان ئىدى.
ئو تولىمۇ گۈزەل ئىدى! مەن چەكسىز بەخت ھېس قىلدىم. مېنىڭ رىئاللىقىم يەنە قانداق خىرە بولسۇن...!
زىيا ماڭا قاراپ كىلىۋاتاتتى، ھاياتىم، بىھۇدە ئۆتۈك كەتكەن، ئەمما تىرلىشنى سەمىمىيلىك بىلەن كۈتكەن يۈكسەك ھاياتىم يۇلغۇنغا ئوخشاش ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ دەررۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم، ئۇنىڭ يىنىدىكى بىر يىگىت بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتۈم. ئۇ ماڭا ئۇ يىگىتنى تونۇشتۇرۇپ، — بۇ نەۋرە ئاكام ۋاھاب بولىدۇ، يەنى مېنىڭ بولغۇسى ئېرىم... دېدى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
شۇ ئەسنادا كۆڭۈل قەسرىمدە لەرزان ياڭراۋاتقان كۈي بىردىنلا ئۆچتى، ئەسلىدىنلا شادىمان كۆڭلۈم پۇچىلاندى، ئۆرتەندى...
ئۇ ماڭا بىر نەچچە پارچە ماقالا بەردى ۋە ژورنىلىڭىزدا ئېلان قىلىپ بېرەرسىز، دەپ ئۆتۈندى، مەن ئۇنىڭ كېيىنكى گەپلىرىنى بىزەمۇ چۈشىنەلمىدىم...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!