لوقمان بۆرىخان
كېچە قاراڭغۇسى يېيىلىپ كېلىۋاتقان پەيتتە نۇر قۇربېشى خەرسەڭ تاشلار پاناسىدىن باش كۆتۈرۈپ، كەڭ تۈزلەڭلىكتىكى قىشلىغى تەرەپكە مەيۈس-مەھزۇن تەلمۈردى. يا رەب، ھۇۋۇلداپ تۇرغان مۇنۇ خارابىلىك ئۇنىڭ ئانا ماكانىمىدۇ؟! قېنى، قىر باغرىدا يېيىلىپ يۈرگۈچى توپ-توپ قوي-قوزىلار؟ قېنى، پۈتۈن قىشلاقنى قىي-چۇۋغا كۆمۈپ يۈرىشىدىغان بالىلار؟ سۇ باھانىسىدە، بۇلاق بېشىغا قىيغىتىپ-قىيغىتىپ يىغىلغۇچى قىز-جۇۋانلار قېنى؟ نۇر قۇربېشى ئۆز قىشلىغىغا ئۈچ باھارۇ ئۈچ قىشتىن بېرى بۇ قەدەر يېقىن كەلمىگەن، ھۇۋ، ئاشۇ ئىللىق كۆكلەم سەھىرىدە ئون بايتالغا بىر دۇنيا قاراكالا تېرىسى يۈكلەپ، قارشى (شەھەر نامى) لىق سودىگەرلەر بىلەن قەشقەر تەرەپلەرگە ئاتلانغىنىدا سەپىرىنىڭ بۇنچىلىك ئۇزاپ كېتىشىنى ئەسلا كۈتمىگەن ئىدى. ئاشۇ چاغدا ئاتىسى- قېرى چارۋىچى باي كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرغان يىگىرمە بەش ياشلىق ئوغلىنى، ئادەتتىكىدەك، ئىشەنچ بىلەن پەخرلەنگەنچە ئۇزىتىپ قالغانىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئەمما ئەتىكى بىر يىللىق بۇ سەپەر نۇر بايۋەچچىگە نەق بىر ئەسر سوزۇلغاندەك بولدى. ھەيۋەتلىك تاغلاردىن ئېشىپ، قەھرىتاننىڭ سوغۇق شاماللىرى بىلەن تەڭ، ئاخىرى قەشقەر بازارلىرىغمۇ يېتىپ كەلگەن ئاللىقانداق ئىنقىلاپ توغرىسىدىكى مىش- مىشلار ھەممە مۇساپىرلار قاتارى ئۇنىمۇ تەشۋىشلەندۈرۈپ قويغانىدى. ئېنىقى، كېتەر پەيتتە ئارقىسىدا چىرقىراپ قالغان بىر ياشلىق ئوغلىنى ئۆلگۈدەك سېغىنغىنىدىن كوڭلىگە قىل سىغمايتتى. شۇ سەۋەپ، گاھى سودىنىمۇ يىغىشتۇرۇپ، ئۆتكەن كەچكەن بالىلارنى تاماشا قىلىپ ئولتۇراتتى، ئۇلارغا كۆپلىگەن سوۋغىلار ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى. ئاخىرى، سەۋر قاچىسى لىقمۇ-لىق تولۇپ، ئىللىق كۆكلەم كۈنلىرىدىن بىرىدە، شېرىكلىرىنى ئالدىرىتىپ يولغا تەييارلاندى. سېغىنىش ئىنتىزارلىقتا بايۋەچچىدىن كېمى يوق دوستلىرىمۇ جان-جان دەپ ئاتلارغا قامچا بېسىشاتتى. ئۇلار يوللىرى ئايرىلىدىغان چۈشكۈندە ئۇزاق-ئۇزاق خەيرلەشتى.
ئاشۇ يىلى كۆكلەم خېلى ئىسسىق كېلىپ، قار-مۇزلار شىر-شىر ئېرىپ ئېقىشتى، كەڭ قىر باغرى سەيھانلىقلاردا كۆپ-كۆك ئوت-چۆپلەر گۈركىرەپ ياتاتتى، گۈل-چىچەكلەرنىڭ تاۋۇستەك ھۆسنى كۆرگەن كۆزنى قاماشتۇراتتى. ئەمما، سېغىنىشنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان نۇر بايۋەچچە ئارقا-ئالدىغا قارىماي، تىز-تىز يول باساتتى. بىر چاغدا، قەدىردان قىشلىقىغا يېرىم كۈنلۈك يول قالغان بىر مەھەلدە، تار بىر تۈزلۈكتە بىر توپ ئاتلىقلار ئالدىنى توسۇپ چىقىشتى. نۇر قۇربېشى چەۋەندازلارنىڭ ھالىتىدىن يۈرىكى يېرىلغۇدەك بولۇپ، ئۇلار ئىچىدىكى ھەمقىشلىغىنى، قىشلاق ئاقساقالنىڭ ئارزۇلۇق بالىسىنى تونۇپ، ھاياجان بىلەن ئېتىدىن سەكرەپ چۈشتى.
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، - دېدى قۇچاق ئېچىپ كۆرۈشۈشكە تەييارلىنىپ. چىرايى قۇۋانچتىن ئېچىلىپ كەتكەنىدى.
ئەمما ھەمقىشلاق سۇلايمان ئارغىمىقىنى پىر-پىر ئايلاندۇرغاچ، سوغۇققىنا سالاملاشتى:
- ياخشى يېتىپ كەلدىڭمۇ؟
نۇر بايۋەچچە گاڭگىراپ قالدى: يا ئاللاھ، قىشلاق ئاقساقىلىنىڭ موللىۋەچچە ئوغلى سۇلايمانمۇ شۇ؟! ياھ، ئەجەپ، نازۇكقىنا، سىپاغىنا، قوي ئاغزىدىن چۆپ ئالمىغان يىگىت ئىدى-غۇ؟ مۇنچە قەھرۇ غەزەپ، مۇنچە شىددەت قايدىن كەلدى ئۇنىڭغا؟! يەلكىسىدە مىلتىق، ئۈست-بېشى كىر، چاچ-ساقىلى ئۆسۈك، بۇ نە ھال؟!
- ئېغىر بول، نۇر، - دېدى سۇلايمان ئات يۈگىنى مەھكەم تارتىپ.- كۆرگۈلۈك! ھەممە ياقتا ئىنقىلاپ بالاسى! ئىز تورى www.iz.la
ئيتىشلىرىچە، ئۈچ ئايچە ئىلگىرى قىشلاقنى قىزىل قوشۇن مىژمىلاقتەك بېسىپتۇ. مال-مۈلۈككە كۆز ئالايتىشىپتۇ، ھايۋانلار! قىشلاق ئاقساقىلى نومۇسقا چىدىيالماي، ھويلىسىدا ئەمىرلەردەك كىيىنىپ يۈرگەن ئەسكەرلەرگە ئورغاق ئېلىپ تاشلانغاندا قىزىل قوماندان كەكلىكتەك ئېتىپ تاشلاپتۇ ئۇنى! سۇلايمان دەرازىدىن چىقىپ قاچقانمىش. نۇربەگنىڭ ئاتىسىدىن ئۈچ خۇم ئالتۇن تەلەپ قىلىپ، ئۇنى ئاتخانىغا قاماپ قويۇشۇپتۇ. بىچارە چالنى ھاجەتكىمۇ ئېلىپ چىقىشماپتۇ، "ئاتخانا كەڭ، بىلگىنىڭنى قىلىۋەرمەمسەن، ئەخمەق"، دەپ قاھ-قاھ كۈلۈشۈپتۇ. ئەتىسى، قاپىغى يېرىلىپ، ئاشۇ كېچىدىلا تىنچىغان بوۋاينى ئوۋلىغان خېچىردەك تاشقىرىغا سۆرەپ چىقىپ تاشلىۋېتىپتۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
بېشىغا توقماق يىگەندەك، ئاللىقاچان سالپىيىپ قالغان نۇر بايۋەچچە، بىمەھەل، گويا، توساتتىن ئۇيقۇسىنى ئاچقاندەك ھۇۋ تارتىپ كەتتى.
- ئاتىجا-ا-ان، ھۇۋۋۋۋۋ، ئاتا-ئا...
ئۇ تاشلىق يەرنى ئەلەم بىلەن مۇشتلار، غەزەپ بىلەن تىپەتتى.
بايۋەچچىنىڭ ھازىسىدىن ئاساۋ تۇلپارلارمۇ ھەيرەتلەنگەندەك تىك قاترىدى. چەۋەندازلار بىردىن ئاتلىرىدىن چۈشۈشتى، لېكىن يۈگەنلىرىنى قويۇۋەتمەي، يەرگە تىزلىنىپ ئولتۇرۇشتى. سۇلايمان قىسقىغىنا مۇڭلۇق تىلاۋەت قىلدى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
پاتىھىدىن كېيىن توپ بېشى ھامان ئۆزىنى باسالماي، ھىقىللاپ يىغلاۋاتقان ئەلەمزادىنىڭ يەلكىسىگە كەڭ قولىنى قويۇپ:
- ئىسلامنىڭ تۈرك نەۋكىرىگە كۆز-ياش ياراشماس،- دېدى خىيالچان كۆرۈنۈشتە.
نۇر بايۋەچچە، "ئەمىسە، قانداق قىلىمەن"، دىگەندەك، ياشلىق كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى. ئەتراپتىكىلەر، خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغان كەبى، چۇۋۇلداپ كەتتى:
- قانغا قان ئال-قىساس!
- ھېچ كىمنىڭ دەردى سېنىڭكىدىن كەم ئەمەس،- دېدى سۇلايمان قامچا سېپى بىلەن يىگىتلەرگە ئىشارە قىلىپ.
نۇر بويۋەچچە چاڭغا مىلىنىپ قاراپ قالدى، خورسىندى. كېيىن، تاغلار ئارقىسىدىكى قىشلىغى تەرەپ غەمكىنلا قاراپ تۇرۇپ، پىچىرلىدى: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ماڭىمۇ ياراق بېرىڭ...
ئۇنىڭ نەق ئىككى يىلغا سوزۇلغان قانلىق سەپىرى خۇددى شۇ تاشلىق سايدىن باشلاندى. ئۇلار ئاشۇ كۈنىلا ئەنۋەر پاششانىڭ بۈيۈك لەشكىرىگە قوشۇلۇش نىيىتىدە بايسۇن تاغلىرى تامان يول ئالدى. كەچكە يېقىن بىر تۈۋسىز يار لېۋىدىكى سوقماقتىن ئۆتۈش ئارىسىدا نۇر بايۋەچچە يانمۇ-يان ئات يورغىلىپ بېرىۋاتقان سۇلايمانغا تارتىنىپ كۆز تاشلاپ، ئوغلى ھەققىدە سورىدى. سورىدى-يۇ، گويا، يەنە ناخۇشخەۋەر ئاڭلايدىغاندەك، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ، يۈرىكى ئۇرۇپ كەتتى.
- ئوغلۇڭ، - دەپ گەپ باشلىدى سۇلايمان، پىكىر خىياللىرىنى بىر ئاز يىغىپ، - ئوغلۇڭ نىشان خىزمەتكارنىڭ قارىمىغىدا، خوتۇنۇڭ... شۇنىڭغا تەگدى، يارىماس ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇ گېپىنى تۈگىتەر-تۈگەتمەس، نۇر بايۋەچچە ئېتىغا ئاچچىق قامچا سالدى.
نۇربەگ بىر چاقىرىمچە جايدىن ئات بېشىنى قايتۇرۇپ، يەنە توپقا قوشۇلدى. ئۇنى ھەيران كۈزىتىپ تۇرغان چەۋەندازلار بىر-بىرلىرىگە مەنىلىك-مەنىلىك قارىشىۋالدى. ھەمقىشلاقنىڭ زوقى سۇلايمانغىمۇ يۇققانىدى. ئۇ بېشىنى سىلكىپ-سىلكىپ پۇشقۇرىۋاتقان نۇربەگنىڭ ئېتىغا ھەۋەس بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ:
- تۇلپىرىڭغا ھەۋەس قىلىمەن، نۇر، - دېدى. - تاشتۇياقمىسەن، تاشتۇياق!
بايۋەچچە سىلىق جىلمايدى.
تاشتۇياق! نۇرلارنىڭ پۈتۈن ۋادىغا داڭقى كەتكەن دۇلدۇلى! كۆپكارىلارنىڭ كۆركى ئىدى ئۇ! ئۇلاقنى چىشلەپ ئۈزەتتى-دە، جانىۋار؟! يەنە، بەيگىلەردە قاناتسىز ئۇچۇشىنى ئېيتمايسىز؟! ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
نۇربەگ تاشتۇياقنىڭ ياللىرىنى مېھر بىلەن سىلاپ-سىلاپ، يەنە بىئىختىيار ئوغلىنى ئويلاپ كەتتى. خىيالەن، ئۇنى تاشتۇياققا مىنگۈزۈپ، چەۋەندازلىقنى ئۆگەتتى... قىلىچ ئوينىتىش، ئوق ئېتىشنى مەشق قىلدۇردى.
"ئوغلۇم، بەردەم بول!"- دەپ پىچىرلىدى نۇر ئىچ-ئىچىدىن ۋە تېشىدا ئېغىر خۇرسىندى. بۇ خۇرسىنىش يەنە ئىككى يىل باغرىنى كۆيدۈرۈپ يۈرۈشىدىن خەۋەرخەۋەرسىز ئىدى ئۇ! ئەتىسىگە، پېشىن نامىزىدىن كېيىن، بايۋەچچە غادايغان ياشقىنا نەۋكەردىن بىر غۇلاچ تاسما تېپىپ، ئوغلىغا ئاتاپ ئالغان، ياغاچتىن نەپس ياسالغان ئويۇنچۇق تاينى بوينىغا دۇربۇندەك ئېسىۋالدى. ئاشۇ غارايىپ كىيىملىك سودىگەرنىڭ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي تەرىپلىشىچە بۇ تاي نەق پەرەڭىستان (ئىران) دا ياسالغان ئىمىش.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
قەھرلىك، سەرەنلىك دەملەر... جەڭگى جىدەل- قەشقەر بازىرىدا مال سېتىش ئەمەسلىگىنى نۇر بايۋەچچە ھىس قىلىشقا باشلىدى. ئوغلىنىڭ ھىدىغا زار دىمىغى قان ھىدى، ئوق-دورا ئىسىغا كۆنۈكتى. ھەتتا، بۇ ئىسلارسىز تۇرالمايدىغان، كۆزى تىنىپ، بېشى ئايلىنىدىغان ئازابقا يولۇقتى. شۇ سەۋەپتىنمۇ، ھەر قېتىم، ئۇ سوقۇشلاردا شىردەك ئېتىلىپ، چاچراۋاتقان قاننى كۆرۈپ تەلۋىلەرچە شادلىناتتى. بىر ئاخشىمى، سېرىق ئارچىزار ئۈستىدە ئادىشىپ چەرخ ئۇرۇۋاتقان تورغايغا خىيالچان تەلمۈرۈپ تۇرغان نۇربەگ، بوينىدىكى ئويۇنچۇق تايغا تىكىلىۋاتقان سەردارنى سەزمەي قالدى.
- ئوغلانىمىزغا ئاللاھ پاناھ قىلسۇن! - دېدى سەردار جىلمىيىپ. بايۋەچچە ھەيرەتلىنىپ ئۇنىڭغا يۈزلەندى.
ئوغلى بارلىقىنى ئۇ نەدىن بىلدى؟! سۇلايمان ئېيتتىمىكىن، يا؟ ئۇندا "ئوغلانىمىز" دىمەكنىڭ بائىسى نىمە؟ يا، سەردارنىڭمۇ ئوغلى بارمىكىن؟ نۇربەگ توپبېشىنىڭ مېھرلىك تىلىگىدىن بوشىشىپ، قولىنى كوكسىگە قويدى:
- تەشەككۈر، ئەپەندىم...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇلارنىڭ سەردارى ئىستانبۇل تەرەپلەردىن كەلگەن بولۇپ، ئەنۋەر پاششانىڭ ئىشەنچلىك نائىبلىرىدىن بىرى ئىكەن. قىزىللار ئارىسىدا ‹قېرى قاپلان› لەقىمى بىلەن داڭ چىقارغان بۇ سەكسەن ياشلىق چالنىڭ غايەت تېتىكلىگى ھەممىنى ھەيرەتكە سالاتتى. ھەتتا، ھەربى يۈرۈشنىڭ بىرىدە ئېغىر يارىلىنىپ ياتقاندىمۇ خېلى ۋاقىت كۆزلىرى چاقناپ تۇردى. نىھايەت، "ئاللاھقا شۈكۈرلەر... بوۋىلار يۇرتىدا شېھىد بولماق نېسىپ بولمىش..."، دىگىنىچە جان بەردى.
شۇندا نۇر بايۋەچچىنىڭ قىلىچ تۇتقىنىغا راسا بىر يىل تولغان ئىدى. "قېرى قاپلاننىڭ مۇردىسى سوۋۇماي تۇرۇپ، قۇربېشىلىق داۋاسى قىلغان بىر غۇلامنى ئۇ قاق ئاغزىدىن ئېتىپ تاشلىدى. ئاندىن، ئاشۇ چاشكىدا ئۇلۇغ بوۋاينى ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۆمگەندىن كېيىن، نۇربەگ ئۆزى ئۇستىلىق بىلەن يىگىتلەرنى سوقۇشقا باشلاپ كىردى. ئەندى، ئۇ- نۇر قۇربېشى ئىدى! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كۆپ ئۆتمەي، ئەنۋەر پاششامۇ ئاققا ئۇچتى-يۇ، "بۈيۈك لەشكەر" توزغۇپ قالدى. بەگلەر، پانساتلار ھاكىملىق تالىشىپ، بىر-بىرلىرىگە تىغ كۆتۈردى. خېلىدىن بۇيان ساراسىمىدە يۈرگەن قىزىل قوشۇننىڭ يەلكىسىگە ئاپتاپ تەگدى. نۇر قۇربېشى ئېسى بارىدا ئېتىگىنى يىغدى-دە، يۈزچە نەۋكىرىنى باشلاپ، يەنە ئىزىغا - ئۆز قىشلىغى ياققا قايتتى. ئۇلار يولدا ئاقباش ئاۋۇلى ئەتراپىدا چوڭ بىرقوشۇنغا يولۇقتى. ئۇچرىغان قوشۇننىڭ سەردارى نۇربەگنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭ بوينىدىكى پەرەڭ ئويۇنچۇقىنى يايراپ-يايراپ مازاق قىلدى. "بەك گۆدەك ئىكەنسەن-غۇ، ئاتا ئوغۇل، يىگىتلەرنى ماڭا تاپشۇر، ھەققى ئۈچۈن باشقا زور ئويۇنچۇق تېپىپ بېرىمەن"، دەپ قاھ-قاھ كۈلدى. بىراق ئاشۇ تۈندە، ئۇنىڭ ئۆزى سەكسەن ئەزىمىتىنى "گۆدەك"كە مىراس قالدۇرۇپ، زەھەرلەنگەن قۇدۇققا تىن تارتماي غۇلىدى. ئىز تورى www.iz.la
ئاشۇ يىلى نۇر قۇربېشى بايسۇنتاغ ئېتەكلىرىدە قاپسىلىپ قېلىپ كەتتى. لەنىتى قىزىل قوشۇن دىگەنلىرى دەقىقىسېرى كۈچىيىپ باراتتى، ھەر ئۇچرىغان سەيھانلىق، ھەر ئۇچرىغان داۋاندا مىلتىق ئوقلىنىپ تۇرار ئىدى. نۇربەگ يىگىتلىرىنى كۈزىتىپ، ئۇلارنىڭمۇ، ئۆزىدىن بەتتەر، ھېرىپ، ئېزىلىپ بېرىۋاتقىنىنى، مىلتىقلار گۈمبۈرىدىن، قىلىچلار جاراڭىدىن بىزار بولغىنىنى ھىس قىلاتتى. قايسىبىر كەچ، پالۋان يىگىتلەردىن بىرى ئۆزىنى ياردىن تاشلىۋالدى. رەھمەتلىكنىڭ ئىزىدىن ھەۋەس بىلەن قاراپ قالغان نەۋكەرلەرنىڭ شىۋىر-شىۋىرىچە، ھۇۋ، قىر ئېتىگىدە بىچارىنىڭ ئويناپ-ئۆسكەن ئوغلى قېلىپقالغان ئىكەن. شۇنداق قاقشىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار كەڭ تۈزلۈكتە بىمالال چۇۋۇرلىشىپ، يەپ ئىچىشىۋاتقان يېغىي ئۈستىدىن چىقىپ قېلىشتى!
ئاۋال، سۇلايمان ئۈچ ئەزىمىتىنى يېنىغا ئېلىپ، قايسى بىر ئارچا پاناسىدا، باسمىچىلاردىن كۆرە كوماندىرلىرىدىن بېكىنىپ، خاتىرجەم قارتىۋازلىق قىلىۋاتقان تۆت ساقچىنى قويدەك بوغۇزلاپ كەلدى. ئاندىن قانسىراپ، تەلقىنلىنىپ تۇرغان يۈز يىگىرمە نەپەر چەۋەنداز تەڭلا ئاتلىرىنىڭ يۈگىنىنى بوشىتىشتى. كەڭ تۈزلۈكنى ۋەھشىي قىيقىرىقلار قاپلاپ كەتتى. - ئوق ئېتىلمايتتى! پەقەت بۇردالا-ئا-ئاڭ، بۇردالاڭ! - دەپ ھوكىرەيتتى كۆزى قانغا تولۇپ، قۇيۇندەك چەرخ ئۇرۇپ بېرىۋاتقان قۇربېشى. ئۇنىڭ بوينىدىكى ئويۇنچۇق تاي شىددەتتىن ئەپسۇنكاردەك سىلكىنەتتى، گويا سەردارىنى تارتقۇشلاپ-تارتقۇشلاپ قىرغىنغا ئۈندەۋاتقاندەك كۆرىنەتتى. www.iz.la
پۈتكۈل ۋەھىمىدە قالغان ھاڭ تاڭ قىزىللار پەلىپەرتىش ئوق ئۈزە-ئۈزە دۇچ كەلگەن ياققا تۇمتاراقاي قېچىپ كەتتى. جەڭ ھىدىنى سەزگەن ئاتلىرى ئاچچىق-ئاچچىق كىشنەيتتى، قوزۇقلىرى ئەتراپىدا پىر-پىر ئايلىناتتى. ئۇرھە-ئۇر ئىچىدە شوڭغۇپ كەلگەن قۇربېشى ئىككىلى قولىنىمۇ جېنىنىڭ بارىچە كۆتۈرۈپ جالدىرلاۋاتقان ئەسكەرنىڭ باغرىنى تىلىۋەتتى. ئېرىقتەك ئېچىلىپ قالغان كېكىردەكتىن شارىلداپ ئىسسىق قان ئېتىلدى. ئۇندىن سەل نېرىدا كىمدۇر ئاللىقاچان ئىككىگە بۆلۈۋەتكەن گەۋدە تىپىرلاپ ياتاتتى. غالىپ قىيقىرىقلارغا قارشى دادۇ پەريات، ئىڭراش سادالىرى قوشۇلۇپ كەتتى. ئاتلار تۇيىغىدىن كۆتۈرىلىۋاتقان چاڭ-توزان كەڭ تۈزلۈكنى كىرلاش پەردىدەك قاپلىدى. copyright by www.iz.la
كۆزنى ئېچىپ-يۇمغىچە چانالغان يۈزگە يېقىن يېغىي قوشۇن قۇيۇق قان بۇسى تارىتىپ، ئاشكارىغا چىقىپ قالدى. ئونبېشى سۇلايماننىڭ نەۋكەرلىرى، تويغا كەلتۈرۈلگەن قويلاردەك، يىگىرمىچە ئەسىرنى ئۇرۇپ-تېپىپ بىر يەرگە توپلاشتى. ھەقىقەتەن بۈگۈن بۇيەردە توي ئىكەن. ئەسىرلەردىن بىرىنىڭ ئۇدۇق-بۇدۇق چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلۇغ ئىنقىلاپنىڭ نەچچىدۇر يىللىغىنى تەنتەنىلىك تەبرىلىشىۋاتقان ئىكەن. غالىپلار قاھ-قاھ ئېتىپ كۈلۈشتى. ئەسىرلەر ئويچان كۆرۈنۈۋاتقان قۇربېشىنىڭ بوينىدىكى پەرەڭ ئويۇنچۇققا نائۈمىد تەلمۈرۈشۈپ ئۆز تەقدىرلىرىنى كۈتۈشەتتى.
نۇربەگ، نىھايەت، ھارغىن كۆزلىرىنى ئىگىز- ئىگىز چوققىلار تامان ئېلىپ قېچىپ، بۇيرىدى: بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
- ئېتىپ تاشلانسۇن!
ئارىدىن ئايلار ئۆتۈپ، قىزىللارنىڭ بىشەپقەت تەقىبلىرىدىن قاچا-قاچا، قىشنىڭ قەھرلىك ئايازلىرىدا غارمۇ-غار مۆكۈنۈشۈپ، ئاشۇ ئاخىرقى غەلىبىنى لەززەت بىلەن ئەسلەپ يۈرۈشتى. نۇر قوربېشىنىڭ كوڭلىگە قىل سىغمايتتى. ئۇ سوقۇشلارنىڭ بىرىدە ئوق يارمىسى يۇلۇپ كەتكەن ئويۇنچۇق تاينى باغرىغا باسقىنىچە قەھرىتاندىن بىر ئاماللاپ چىقىۋېلىش پىلانلىرىنى ئويلاپ ئولتۇراتتى. ھېچقانداق تەمىناتنىڭ يوقلۇقى، ئۈستىلەپ، ئەتراپتىكى باشقا توپلارنىڭ، خۇددى دۈشمىنىگە قارىغاندەك بېكىنىۋېلىشلىرى يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىنى پۈتۈنلەي چۈشكۈنلەشتۈرگەنىدى. ياراتقانغا شۈكۈركىم، ھەيۋەتلىك قىيالار ئارىسىدىن مۇنۇ- قوي ماياقلىرى توشقۇزۇلغان غارلار تېپىلىپ قالدى. ھەرھالدا باشپانا. يىگىتلەر ئەتراپتا غىچ-غىچ ئۆسۈپ تۇرغان ئارچىلاردىن ئەكىلىپ غارنىڭ ئوتتۇرىسىدا گۈلخانلار يېقىشتى، ئاندىن لاۋىلداپ يېنىۋاتقان ئوت ئەتراپىدا توپ-توپ ئولتۇرۇپ، تۈرلۈك-تۈمەن خىياللارغا غەرق بولۇشتى. غار ئىچىدىكى بۆرتۈپ چىققان تاش بۆلەكلىرى، ئاللىقانداق دەرەخ يىلتىزلىرى تىز ئارىدا قارا قۇرۇم بىلەن قاپلىنىپ كەتتى. www.iz.la
بىر كۈنى ئەسر نامىزىدىن كېيىن ئونبېشى سۇلايمان ئاستا پىچىرلىدى:
-نۇر، قىشلاقلاردىن ئالۋان يىغايلى، يىگىتلەر ئاچ! قۇربېشى يالت قىلىپ ئۇنىڭغا يۈزلەندى:
-شۇنچە يىل قان كەچمەكتىن مەقسىتىڭ شۇمىدى، قارى؟! سۇلايمان ئۇنىڭغا گەپ ئۇقتۇرۇپ بولماسلىغىنى بىلىپ، ئېغىر تىن ئالدى. قۇربېشى كۆزلىرىنى چالا يۇمۇپ، "يارىدار" ئويۇنچۇقنى سىلىغىنىچە يەنە خىيالغا چۆمدى. copyright by www.iz.la
سۇلايماننىڭ غەشلىگى قوزغالدى:
-ئويۇنچۇق ئوينىغۇچە، - دەپ دىمىغىدىن كۈلدى ئۇ، -نەۋكەرلەرنىڭ غېمىنى يە!
-سۇلايمان! ئاقباش سەردارنى ئۇنۇتما!- دېدى نۇربەگ ئۆزىنى ئاران بېسىپ، ئەمما يۈگۈرۈك قوللىرى، بىئىختىيار، يېنىدىن ماۋزۇرنى سۇغۇردىيۇ تىزىغا قويدى. ئونبېشى شارت تۇرۇپ، ئىڭىشكەنچە غاردىن چىقىپ كەتتى ۋە ئاشۇ تۈندە گۈمبۈرلىگەن ئوق تاۋۇشى ھەممە ياققا تارالدى. ئارقىدىن، سۇلايماننىڭ ئەلەم-ئىزتىراپلىق مازاققا تولغان ھايقىرىقى تاغلاردىن تاغلارغا ئۇرۇلۇپ ياڭرىدى:
- ئە، ھە-ھە-ھە-ھە-ئەي، - (ئاۋاز قاياقتىن كېلىۋاتقىنىنى ھېچ كىم ئىلغىيالمىدى)، - نۇربەگكە ئىشەنماڭلا-ئار، ئۇ ئوغلىنى قۇتقۇزۇش پېيىدا يۈرۈپتۇ-ئۇ-ئۇ، بەرىبىر، سىزلەرنى ساتىدۇ-ئۇ-ئۇ!
نۇر قۇربېشىنى تىترەك باستى: "يا، ئاللاھ، بۇ نە كۆرگۈلۈك..."- لېكىن شۇ لەھزە گەپكە چىچەن نەۋكەرلەردىن بىرىنىڭ جاۋابى كوڭلىنى تاغدەك ئۆستۈردى.
- ھەي، - دېدى ئۇ پۈتۈن زۇلمەتنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ. - سەن ھەزىلەكتە يوق بولسا يوقتۇر، بىز ھەممىمىز ئوغلى-ئى-ئى! ھەممېنىڭ نىيىتى بىر!
نەۋكەر گېپىنى تۈگىتەر-تۈگەتمەس چىيىلداپ كەلگەن ئوق ئارقىدىكى قىياغا ئۇرۇلدى. توپنىڭ يېرىمىنى سۇلايمان ئايرىپ، ئەگەشتۈرۈپ كەتكەن ئىكەن. ئېتىشىش باشلاندى. ئىككى يىلدىن بۇيان ئوق يامغۇرى ئاستىدا ئىزغىغان نۇر قۇربېشى، شۇ يەردە يەلكىسىدىن يارىلىنىپ، ئىڭرىغىنىچە يېقىلدى...
تاغلاردا قارلار ئېرىپ، دەريالار شوۋۇلداپ ئاقتى، قۇشلار چۇۋۇرلىشىپ، كوكاتلار بوي تارتىپ قېلىشتى. بىراق ئەلەمزادە توپنىڭ يۈرەك-باغرى ھامان مۇز ئىدى. قوربېشى تۈنۇ كۈن يېرىمجان ھالدا، مۇلازىملار قورشاۋىدا ياتاتتى، گاھى ئوغلىنى چاقىرا-چاقىرا چاپچىپ تۇرۇپ، غار ئاغزىنى ئىزلەيتتى. مۇلازىملار ھاي-ھايلاپ، قولىغا ئاشۇ... "يارىدار" ئات ئويۇنچۇقنى تۇتقۇزغىنىدا، غالىلداپ تىترەپ، ئۆز-ئۆزىدىن تىنچىپ، يەنە سوزۇلاتتى.
نىھايەت، نەۋكەرلىرىدىنمۇ بەتتەر ئورۇقلاپ-توزۇپ كەتكەن نۇربەگ ئاياققا تۇردى. ئەتىسى كۈنى ساداقەتلىك مۇلازىملار قورقۇنچ ئىچىدە گەپ باشلاشتى:
- بەگ، بۇ يەرلەردە ئەندى كۈنىمىز پۈتكەنگە ئوخشايدۇ، ئۆزگە يۇرتلارغا باش ئېلىپ كەتسەكچۇ...
-سىز قەشقەر تەرەپلەرنى ياخشى بىلەرمىشسىز...
-ئىنشائاللاھ، يەنە قايتارمىز...
قۇربېشى سەسكىنىپ-سەسكىنىپ چۈشتى، ئەمما ئازغۇن قوللىرى بۇ قېتىم تاپانچىنىڭ سوغۇق دەستىگى تامان ئۇزالمىدى.
مۇلازىملار ھەق ئىدى. پۈتكۈل ھالدىن تويغان يىگىتلەر ئەرزىمىگەن ھۇجۇمغىمۇ بەرداش بېرەلمەيتتى.
خۇداغا شۈكۈر، قىزىللار نىمىشقىدۇر يوقلاپ كېلىشمىدى، يا، "ئايازدا قىرىلىپ كەتتى"، دەپ ئويلاشتىمىكىن؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە، تاشتۇياقتىن- نۇربەگنىڭ سۆيۈملۈك تۇلپارىدىن باشقا ھەممە ئاتلارنى سويۇپ يىيىشكەنىدى...
- سەپەرگە تەييار ئەمەسمىز ھېلى، - دېدى قۇربېشى ئاستا، ئۇ گەپ ئاھاڭىدىكى رازىلىق ئالامەتلىرىنى بايقىغان مۇلازىملار يەڭگىل نەپەس ئېلىشتى. يىراق ۋە ئېغىر يولغا تەرەددۇت راسا بىر ئايغا سوزۇلدى. ئوق-دورا، ئوزۇق-ئوقەت غەملەشتى. ھەتتا، شۇ ئەتراپتا قوي بېقىپ يۈرگەن چوپاننى ئىشقا سېلىپ، يەنە ئون بەش ئاتمۇ تېپىشتى. ئەمما سەپەر سائەتلىرى يېقىنلاشقانسېرى يىگىتلەر نىمىچۈندۇر پەرىشان كۆرىنىدىغان ئادەت چىقارماقتا ئىدى. كۆزلىرىدە پۈتمەس- تۈگىمەس پەرىشانلىق قېتىپ قالغان نۇر قۇربېشى كۈندىن-كۈنگە مۈكچىيىپ باراتتى. ئۇ بەزەن كۈنبويى تۇز تېتىماي، قورسىقى ئاغرىۋاتقىنىنى باھانە قىلىپ، قىرمۇ-قىر مېڭىپ يۈرەتتى، چۇرۇلداپ ئۇچۇۋاتقان قۇشلارغا، ئەسرىي ئارچىلارغا، ھەيۋەتلىك قىيالارغا سائەتلەپ تىكىلىپ ئولتۇراتتى. لېكىن ئاتتىن چۈشسىمۇ ئىگەردىن چۈشمەيدىغان بۇ قەيسەر ئادەم نەۋكەرلىرىگە پات-پات ئاچچىق-تىزىق بۇيرۇقلار قىلاتتى، گاھى ئۆزىچە ھەزىل-چاقچاقچىغا ئايلىناتتى، ئىشقىلىپ، ھېچ كىمگە سىر بوي بەرمەسلىك ئىلاجىدا بولاتتى.
- ئەتە ئاتلىنىمىز! - دېدى نۇربەگ، نىھايەت، ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا. ئاشۇ كەچ خۇفتەن نامىزىنى ھەددىن تاشقىرى ئېزىپ ئوقىدى. پاتىھەلەر كەينىدىن پاتىھەلەر، ئىلتىجالار كەينىدىن ئىلتىجالار جاراڭلىدى.
ئىبادەتتىن كېيىن، تېگىگە ئىگەر-جابدۇقلىرىنى قويۇپ، ھەممە جىم-جىم سوزۇلدى. تۈن... تەقدىردەك قاپ-قارا تۈن! يۈكسەك چوققىلار تەرەپتىن سوغۇق شامال ئەسمەكتە. شوخ ساي بوزلاپ شوۋۇلدايتتى. تۈن ھاشارەتلىرى تىنماي چىرىلدايتتى.
نۇر قۇربېشى چاچراپ كەتكەن ئۇچقۇنلاردەك كۆك تالا يۇلتۇزلارغا تەلمۈرەتتى، ھۇۋ، ئاجايىپ ياز كېچىلىرىدىن بىرىنى ئېزىلىپ ئەسلىدى. ئاشۇ چاغدا، چاربېغى ئوتتۇرىسىدىكى سۇپىدا ئېغىناپ ياتاتتى، خوتۇنى ئىلاندەك تولغىنىپ ئۇنىڭ قول-ئاياقلىرىنى تۇتاتتى، ئوغلى ئاسمانغا قول سوزۇپ، "يۇلتۇز ئېپبېرىڭ"، دىگەن مەنىدە قاغىشلىق قىلاتتى. "چوڭ بولساڭ، ئۆزۈڭ ئالىسەن"، دىيىشەتتى ئەر خوتۇن گۆدەك ئىنجىقلىغىدىن بەتتەر زوقلىنىشىپ.
ئىز تورى www.iz.la
ھازىر ئوغلى راسا يەتتىگە تولغان! ئۇنى كۆرسە تونۇرمىكىن؟! تونۇيدۇ، تونۇيدۇ! ئاخىر، نۇر ئۈچ ياشتا ئۇزۇن سەۋدا سەپىرىدىن قايتقان ئاتىسىنى كۆرۈپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىققانىدى-غۇ؟! قۇربېشى ئايال ۋە گۆدەك ھىدىنى دىمىغىدا تۇيۇپ، بىسەرەنجام-لاندى. شۇ چاغ سەل نېرىدا يۈرۈۋاتقان يىگىتلەردىن بىرى:
- يۇلتۇزلار يىغلاپتۇ، - دېدى شىۋىرلاپ.
نۇربەگ يالت قىلىپ ئۇنىڭغا يۈزلەندى. ئەمما، نەۋكەر پۈتۈن بارلىقنى ئۇنتۇپ، كۆكتىن كۆز ئۈزمەيتتى، ھەتتا ئازراق قوزغىلىپ، يۈزىگە تىكىلىۋاتقان سەردارنىمۇ سەزمەيتتى. قۇربېشى چاقماق تىزلىگىدە ئون بەش نەۋكەرنىڭ ھەممىسىگە بىرمۇ-بىر قاراپ چىقتى. نە كۆز بىلەن كۆرسۇنكى، ئۇنىڭچە ئاللىقاچان داڭ قېتىپ ئۇخلاۋاتقان يىگىتلەر... مۆلدۈرلەپ قاراپ يېتىشاتتى، گويا، قانداقتۇ غارايىپ مۇزىكىنى قىلت ئەتمەي، نەپەس ئالماي، قايتا-قايتا تىڭشايتتى. قۇربېشىنىڭ قىمىرلاپ قالغىنىدىن سەگەك بولغان ئوڭ مۇلازىمى ئاستا يانپاشلىدى، لېكىن دائىمقىدەك، "نىمىشقا بىزاۋىتە بولىسىز، بەگ؟!" - دەپ سورىماي، تۈۋسىز قاراڭغۇلۇققا تىكىلىپ تۇرىۋەردى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-بەگ،- پىچىرلىدى ئۇ، - ساي نىمىشقا مۇنداق شوۋۇلدايدىغاندۇ-ھە؟!
-ئۇمۇ سېغىنىدۇ، - دەۋەتتى نۇربەگ بىئىختىيار.
-ھە، سېغىنىدۇ، - دېدى ئاللىكىم تۇرۇپ ئولتۇرغاچ. قالغانلار ھەم بىردىن-بىردىن قوزغىلىپ قالدى:
-ھە، سېغىنىدۇ.
-ھە سېغىنىدۇ.
-سېغىنىدۇ...
نەۋكەرلىرىنىڭ ھەر بىرىگە مۆلدۈرلەپ تىكىلىۋاتقان نۇر قۇربېشىنىڭ ئۆز-ئۆزىدىن ئۆپكىسى تولۇپ كېلەتتى. بىر مەھەل ئۇ شارتلا چۆكتى:
داۋامى بار بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛ چولپان بىلوگى copyright by www.iz.la