كۈزدىكى چېچەك

ۋاقتى:2011-01-02 16:34مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

 جىررىڭ... جىررىڭ...
ياتاق تېلفۇنىنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى مېنى خىياللار قاينىمىدىن تارتىپ ئاچىقتى. ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلفۇننى ئالدىم :
-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم!
-ۋەلەيكۇم ئەسسالام! ھەبىبە بارمىدۇ؟
-ھە مەن شۇ. ئادىل ئاكامما؟
-ھە مەن. رۇخسەت سوراپ ئۆيگە بىر كېلىپ كەت. بۈگۈنلا يولغا چىق، خوش ئەمسە،- قارشى تەرەپ ئارتۇق گەپ قىلمايلا تېلفۇننى قويىۋەتتى. يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى. كاللامغا كەلمىگەن خىياللار قالمىدى. ئادەتتە ماڭا ھەرگىز بۇنداق دەپ تېلفۇن قىلمايتتى. نېمە بولدىكىنە؟! تۇيۇقسىز ئانام ئېسىمگە كېلىپ قالدى: «ئانامغا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ-ھە؟!» بۇ خىيالىمدىن ئەندىكىپ، نېمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم. يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇپ، پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى. كۆزلىرىمدە ياش. يۈگۈرگىنىمچە مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. بەك تېز يۈگۈرىۋەتكەنلىكتىنمۇ ھاسىراپ كەتكەنىدىم. مۇئەللىم مېنىڭ بۇ تۇرقۇمنى كۆرۈپ، ھەيران قالدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
-ھەبىبە ، نېمە بولدىڭىز؟
-مۇئەللىم ... مەن ...مەن رۇخسەت سوراي دېگەن. ئۆيگە بېرىپ كېلىمەن.
-ئۆيىڭىزدە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟
مۇئەللىمنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرەلمەي يىغلاپ كەتتىم. مۇئەللىمنىڭ مەندىن ئارتۇق سورىغۇسى كەلمىدىمۇ ياكى مېنىڭ بۇ تۇرقۇمدىن ئەنسىرەپ قالدىمۇ تېزلا ماڭا رۇخسەت بەردى.
-ماقۇل، يولدا دىققەت قىلىڭ. بىرەر ئىش بولسا بىزگە خەۋەر قىلىۋېتىڭ.
مۇئەللىمگە خوش دېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ يۈگۈرۈپ چىقىڭ كەتتىم. بىر نەرسىلىرىمنى چالا- بۇلا يۇغۇشتۇرۇپلا، پويىز ئىستانسىسىغا يۈگۈردۈم. بېلەتلەر ئاللىقاچان سېتىلىپ تۈگىگەنىكەن. مەن كوچىدىكى بېلەت ھايانكەشلىرىدىن شۇ كۈنلۈك ئورۇنسىز بېلەتتىن بىرنى يۇقىرى باھادا سېتىۋالدىم-دە، شۇ كۈنى پويىزغا چىقىپ ئۆيگە يۈرۈپ كەتتىم. مەن ئالدىرىغانسېرى ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتىۋاتاتتى. پويىز ۋاگونىدىكى سانجاق- سانجاق ئادەملەر ئارىسىدا ئۆرە تۇرماقتىمەن. يۈرىكىم خۇددى رېلىس بىلەن پويىز چاقى ئارىسىدا بېسىلىپ كېتىۋاتقاندەك قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ. مىڭ بىر جاپالار بىلەن بۇ سەپىرىمنى تۈگەتتىم. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرگىنىمدە، ئۆي ئىچى ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن تولغانىكەن. بىراق ئانام يوق تۇراتتى. يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ قالدى. ئۇلار بىلەن سالاملىشىشنىمۇ ئۇنتۇپ، ئانامنى ئىزلىدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-ئانا! نەدە سىز؟ مەن كەلدىم!...-ئانامنىڭ يەڭگىسى مېنى يىتىلىگىنىچە سىرتقا ئاچىقىپ كەتتى. مەن نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلدىم.
-ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئاچامغا ھېچ ئىش بولمىدى، ئۇنىڭ يېنىغا كىرگەندە پەس ئاۋازدا يىغلىماي گەپ قىلىڭ ماقۇلمۇ؟- مەن ئانامغا بىر ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزەمنى تۇتالماي قالدىم. لېكىن ئانامنى كۆرۈشنىڭ تەقەززاسىدا دەرھال ئۆزەمنى بېسىۋالدىم:
-مەن ئانامنى كۆرەيچۇ؟ گېپىڭىزنى ئاڭلايمەن،- دېدىم بىچارىلەرچە تەلەپپۇزدا.
-ئاچام ئىچىدىكى ئۆيدە،- دەپ مېنى ئانامنىڭ يېنىغا باشلاپ كىردى. ئانامنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.

www.iz.la


ئانام قاتمۇ قات كۆرپىلەر ئۈستىدە كۆزىنى يۇمۇپ ئوڭدا ياتاتتى. چىرايى سارغىيىپ، مەڭز سۆڭەكلىرى مانا مەن دەپلا چىقىپ قالغانىدى. ئەمما پۇت- قوللىرى توپتەك ئىششىق ئىدى. ئانامنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، قوللىرىنى ئاۋايلاپ قوللىرىم ئارىسىغا ئالدىم ۋە مەڭزىگە ئاستا سۆيدۈم. ئانامنىڭ يۈرىكى تۇيدىمۇ ياكى مېنىڭ ھىدىمنى بىلىۋالدىمۇ، ئاستا كۆزىنى ئاچتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى گەرچە بۇرۇنقى نۇرلۇقلىقىدىن قالغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئانىلىق مېھرى يېلىنجاپ تۇراتتى. ئانامنىڭ بۇ ھالىتى ئىچىمنى سىيرىپ، كۆزلىرىمگە يىغا ياماشتۇردى، ئانامنىڭ ئالدىدا يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن كۆزلىرىمنى يۇمىۋالدىم.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-كەلدىڭىزما گۈلۈم بالام؟ مەن  تېخى سىزنى كۆرەلمەي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىگەنىدىم، خۇداغا شۈكرى....،-ئانامنىڭ ئاۋازى تولىمۇ پەس ئىدى. ھاسىراپ-ھاسىراپ سۆزلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن پەقەت ئۆزەمنى تۇتىۋالالمىدىم. ئانامنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتىم. تىلىمغا گەپ كەلمەي قالغانىدى. پەقەت كۆزۈمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلەتتى. ئانامنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىلىشى يىغامنى تېخىمۇ ئەدىتىۋەتتى.
-گۈلۈم! يىغلىماڭ، مەن ھېچنېمە بولمىدىم مانا. ماڭا گەپ قىلىپ بېرىڭە قىزىم،- ئانامنىڭ بۇ گېپى بىلەن بېشىمنى ئاستا كۆتۈرۈپ ئانامغا قارىدىم،- ماڭا قىززىق گەپلىرىڭىزدىن قىلىپ بېرىڭە قىزىم.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


-ئانا! قانداق بولۇپ بۇنداق يېتىپ قالدىڭىز؟ مەن كەتكەندە ساپساق قالغانىدىڭىزغۇ؟ مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ساق تۇرىشىڭىز كېرەكتىغۇ ئانا!-ئانام قولى بىلەن ئېغىزىمنى توسىۋالدى:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-بۇنداق دېمەڭ بالام! ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بەندىلىرىنى ئەڭ ئېغىر كېسەللەر بىلەن سىنايدۇ. مېنىڭمۇ ئاللاھنىڭ سىنىقىدىن ئۆتىدىغان چاغلىرىم كەلگەن ئوخشايدۇ بالام. شۈكرى دەڭ،- دەپ مېنىڭ گېپىمنى ئۈزۈپ قويدى.
-لېكىن ئانا، بۇ ئالەمنى سەۋەپنىڭ ئالىمى دەپتىكەن، سەۋەپ قىلايلى ئانا، دوختۇرغا بېرىپ باقايلىچۇ؟-دېدىم ئانامغا ئىلتىجا بىلەن.
-دوختۇرغا باردۇق قىزىم، لېكىن قىلغان دورىلىرى ھېچ پايدا قىلاي دېمىدى. شۇڭا يېنىپ چىقتىم، ئەمدى بارماي.
-بارايلىچۇ ئانا! ماقۇل دەڭا، ئامال بوپ قالا...،- مەن ئۆز گېپىمدە چىڭ تۇرىۋالدىم. ئانام ئەزەلدىن مېنىڭ گېپىمنى يىرىمايتتى. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


بىز دوختۇرخانىغا كەلدۇق. دوختۇرلار ئانامنى ھەر خىل تەكشۈرۈش ئەسۋاپلىرىدا تەكشۈرۈپ چىقىپ، ياتاققا ئېلىشتى. ئانامنى ئورۇنلاشتۇرۋالغاندىن كېيىن، دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ دوختۇردىن ئانامنىڭ نېمە كېسەل ئىكەنلىكىنى سورىدىم.
-ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىپ ئاڭلاڭ ئەمسە،- دەپ گېپىنى باشلىدى دوختۇر،- ئانىڭىزنىڭ كېسىلى خېلى ئېغىر، يۈرەك كېسىلى ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇ، ھازىر يۈرەك چوڭىيىپ، ئۆپكىگە تەسىر كۆرسىتىپ، نەپەس ئېلىشنى قىيىنلاشتۇرىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قورسساقتا سۇ پەيدا بولۇپ قاپتۇ. بۇ بەك خەتەرلىك ئەھۋال، سۇ كۆپىيىپ كېتىۋەرسە، ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا بىزنىڭمۇ ئامالىمىز يوق. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
دوختۇرنىڭ بۇ گەپلىرىدىن خۇددى ئاسماندىن تاشلىۋېتىلگەندەك بولۇپ، ئورنۇمدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم.
-بىرەر ئامالى بولماسمۇ دوختۇر؟ ياخشىراق داۋالاش ئۇسۇللىرىڭلار يوقمۇ؟- دەپ سورىدىم دوختۇردىن،-ئۆتۈنۈپ قالاي دوختۇر، تىرىشىپ باققان بولسىڭىز.
مېنىڭ ئەلەملىك بىچارىلىك تۆكۈلۈپلا قالغان ئەپتىم ئۇنىڭمۇ ئىچىنى ئېچىشتۇردىمۇ بىلمىدىم:
-بىز تىرىشىپ باقايلى، سىزمۇ ئانىڭىزغا ئوبدان قاراڭ، ئۇنى خۇشال قىلىشقا تىرىشىڭ، - دېدى،-مەن ماقۇل بولغىنىمچە ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم.
ئانام كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قىينىلىشلىرى مېنى بەك ئازاپلايتتى. ئۇنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى يېڭى-يېڭى قىززىق گەپلەرنى تاپاتتىم. مېنىڭ قىززىق گەپلىرىمگە ئانام مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، ماڭا مېھىر بىلەن تىكىلەتتى. مېھرىبانلىق بىلەن باشلىرىمنى، قوللىرىمنى سىيلايتتى، پېشانەمگە سۆيەتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى. بىر كۈنى دوختۇر مېنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ قالدى. ئەنسىرەش ئىچىدە دوختۇرنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. دوختۇر ماڭا قاراپ، ئولتۇرۇڭ دېگەن مەنىدە ئورۇندۇقنى ئىشارە قىلدى. مەن دوختۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم ۋە نېمە ئىش دېگەندەك دوختۇرغا تىكىلدىم. دوختۇر ماڭا قاراپ بىر پەس تۇرۇپ كەتتى ۋە خېلىدىن كېيىن:
-بىز كۆپ تىرىشتۇق، لېكىن ئانىڭىزنىڭ كېسىلىگە ئامال قىلالمىدۇق. مېنىڭچە بۇ يەردە تۇرۇپ ئانىڭىزنى ئۇكۇل يىڭنىسى بىلەن قىينىغاندىن كۆرە، ئۆيگە ئاچىقىپ ئوبدان باقسىڭىز ياخشىمىكىن. پەقەت كۆڭلىنى ئاغرىتماڭ. ئۇ ئۇزۇنغىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مەسلىھەتلىشىپ يېنىمغا كىرىڭ. دوختۇرىدن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرەي،-دھپ گېپىنى تۈگەتتى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئاھ خۇدا ! ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاپ بارمىدۇ؟ «ئانىڭىز ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ» دېگەن بۇ سۆز مەن ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر تۇيۇلدى. قورقۇشقا باشلىدىم. قورقمايمۇ تۇرالمايتتىم. «ئەگەر راستىنلا ئاشۇنداق بولۇپ قالسا...... » ئاخىرىنى ئويلشقا جۈرئىتىم قالمىدى. بېشىمنى سالغىنىمچە ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتىم. www.iz.la

شۇنداق قىلىپ توققۇز كۈن بولغاندا دوختۇرخانىدىن يېنىپ چىقتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ئانامنىڭ كېسىلىگە ئۆزىمىز ئۆزىمىز سەۋەپ قىلىشقا كىرىشتۇق. باشقىلاردىن ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى سىناپ كۆرەتتۇق، ئەمما ئۈنۈمىنى كۆرەلمەيتتۇق. شۇنداقتىمۇ ئاڭلىغاننىڭ ھەممىسىنى سىناپ باقتۇق. كۈن ئۆتكەنسېرى ئانامنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، قورسىقى يوغىناپ كەتكىلى تۇردى. ئانام پەقەت ياتالمايدىغان بولۇپ قالدى. كېچە-كۈندۈز ئولتۇراتتى. ئانام ياتمىغاندىن كېيىن مەنمۇ ياتماي ئانامغا ھەمرا بولاتتىم. بىردەم يەلپۈسەم، بىردەم قوللىرىنى يىنىك ئۇۋۇلايتتىم، بەزىدە ئانامنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ مۈگدەپ قالاتتىم. ئانامنىڭ يېنىدا بولسام ئۆزۈمنى شۇنداق خۇشال سېزەتتىم.

copyright by www.iz.la

دۇنيا ئاجايىپ. ۋىسال دەملىرىدە، بىر يىل بىر سائەتچىلىكمۇ بىلىنمەيدۇ. ھىجران دەملىرىدە بولسا، مىنۇتلىرى يىلدىنمۇ ئۇزاق بىلىنىدۇ. ئادەم ئەڭ قەدىرلەيدىغان ، ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدىغان قەدىرلىكلىرىنىڭ يىنىغا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ بارلىق غەم-غۇسسىلىرىنى ئۇنتۇپ، بەخت دۇنياسىغا چۆمىدۇ. مەنمۇ ئاشۇنداق ئىدىم. ئەمما ۋاقت تولىمۇ تېز ئۆتۈپ كېتىپ باراتتى. ئانام بولغاچقا تارتقان جاپالىرىم پەقەت بىلىنمىدى.
 ھەش-پەش دېگۈچە بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئاناممۇ كۈندىن كۈنگە ئاجزىلاپ كېتىۋاتاتتى. مەنمۇ ئامالسىز ئىدىم. قانداق قىلاي؟ يا ئاغرىق ئازابىنى تارتىشىپ بەرگىلى بولمايدىكەن. بۈگۈن ئانام ھېچنېمە يېمىگىلى بىر ھەپتە بولدى. كۈندە گېلىدىن ئۆتىدىغىنى پەقەتلا ئىككى يۇتۇم دېمىدە سۈيى ئىدى. بارغانسېرى ئانامنىڭ نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، پۇت-قوللىرى ئېچىشىپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالغانىدى. گەپ-سۆزلىرى ئازلاپ، ماڭا قاراپلا ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئانامنى كۆرگىلى كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى «بىر تال قىزىغا چىدىمايۋاتىدۇ» دېيىشتى. ئانام كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن رازىلىشپ چىقاتتى.
ئىز تورى بەك ياخشى

رامىزاننىڭ 10-كۈنى كەچ. مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇدھىش، ئەڭ ئازاپلىق بىر كېچە. مېنىڭ قان ياشلىق ھاياتىمنىڭ باشلىنىشى بولغان ئاشۇ كېچە. ئىپتاردىن كېيىن ئانام پەقەت چىدىمىدى. بىر دەم قىززىيتتى، بىردەم توڭلايتتى. ئۆيدە ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق. ئانام مېنى ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ، ماڭا تويماي-تويماي قارىدى. قوللىرىمنى مېھرى بىلەن سىيلاپ تۇرۇپ گەپ باشلىدى:
-گۈلۈم بالام! مەن كېتىپ قالىدىغان ئوخشايمەن. يالغۇز قالىدىغان بولدىڭىز، ئۆزىڭىزگە پۇختا بولۇڭ قىزىم. ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلىگۈدەك ياشاڭ. مېنىڭ قىزىمدەك ياشاڭ. بۇ دۇنيادىكى ئادەملەر بەك مۇرەككەپ بالام، ئالدىراپ باشقا بىرسىگە سىرىڭىزنى بەرمەڭ،- ئانام توختاپ قالدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئەلەملىك تۈس ئالغانىدى. مەن ئانامنىڭ سۆزلىرىگە بېشىمنى لىڭشىتىپ ئولتۇردۇم، كۆزلىرىمدە ياشلار ئويناپ قالغانىدى. ئانام گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- مەن بۇ ئۆرۈمدە جاپا-مۇشەققەت ئىچىدىلا ئۆتۈپ كەتتىم. لېكىن سىزنىڭ جاپا تارتىپ قلىشىڭىزنى خالىمايمەن. شۇڭا، ياخشى ئوقۇڭ قىزىم. كەلگۈسىدە باشقىلارغا تايىنىپ قالىدىغان ئىشنى قىلماڭ. مەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسام، مەن ئۈچۈن ئارتۇقچە يىغلاپ يۈرمەڭ، ئازاپلانماي مەكتىپىڭىزگە كېتىۋېرىڭ،- ئانام يەنە توختاپ قالدى. مەن ئېسەدەپ ئولتۇراتتىم، ئانام قولى بىلەن كۆز يېشىمنى سۈرتىۋېتىپ يەنە سۆزلىدى،-يىغلىماڭ ئۇز خېنىم، مەن چىدىماي قالىدىكەنمەن. گەپلىرىمنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ، تەتىللەردە كەلگۈڭىز كەلسە ، قايتىپ كېلەرسىز، بولمىسا مەكتەپتە قېلىپ قالسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز. ئەمدى ھەممە ئىشقا ئۆزىڭىز مۇستەققىل قارار چىقىرىشىڭىز زۆرۈر بولىدۇ. ھەرگىز ئالدىراپ قارار چىقارماڭ، ھەر بىر قەدەمنى ئاۋايلاپ بېسىڭ. ھەي شور پېشانە قىزىم،  بۇ ئۆمرۈڭىزدە ئاتا-ئانا  مېھرىگە قانمايلا ئۆتۈپ كېتىدىغان بولدىڭىز. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بەرسۇن قىزىم. نامىزىڭىزنى تاشلىماڭ،- ئانام بېشىمنى سىيلىغاچ گېپىنى توختاتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-گېپىڭىزنى ئېسىمدە ساقلايمەن ئانا،- دېدىم مەن يىغلاپ تۇرۇپ. بىز يەنە بىردەم تاغدىن-باغدىن پاراڭلاشتۇق. نېمىشقىكىن يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، خۇددى بىرسى پىچاق بىلەن تىقىۋەتكەندەك. ئانام ماڭا، مەن ئانامغا تويماي قاراشتۇق.
ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشۈپ بولغانىدى. ئانام ئۇسساپ قالغان بولسا كېرەك، مېنى چاقىردى:
-ھەبىبە! گۈلۈم بالام، ماڭا بىر چىشلەم مۇز بەرسىڭىزچۇ؟ ئىچىم قىززىپ كېتىۋاتىدۇ.
-مانا ھازىرلا،-دېدىمدە توڭلاتقۇدىن ئىككى پارچە مۇز ئېلىپ چىقىپ ئانامنىڭ ئاغزىغا سالدىم، (ئانام ئاغرىپ قالغاندىن بېرى توڭلاتقۇدىن مۇز ئۈزمەيتتۇق)، ئانام خۇش بولۇپ كەتتى.

ئىز تورى بەك ياخشى


-رەھمەت بالام، چاڭقىغان يېرىمگە باردى. خۇدايىم قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.
ئانام دائىم مۇشۇنداق ئىدى. مەن كىچىككنە بىر ئىشنى قىلىپ بەرسەم، ماڭا رەھمەت ئېيتىپ بەخت تىلەشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى.
سائەت ئونلاردىن ئاشقاندا ئانامنىڭ ئىنىسى، يەڭگىسى كىرىپ كەلدى. ئۇلارمۇ ئانامدىن ئەنسىرەپ كىرگەنىكەن. ئانام ئۇلارنى كۆرۈپ يېنىغا چاقىردى:
-ئۇكام، مەن بولالمايدىغان ئوخشايمەن، مۇشۇ يالغۇز قىزىم يېگانە قالىدىغان بولدى. بېشىنى سىيلاپ قويۇڭلار، ئۇ يېتىملىكتە قالمىسۇن. كۆز قارىچۇقۇم ئىدى، ئەمدى ئايرىلىدىغان بولدۇم، دەپ ئىنىسىگە ئىلتىجا بىلەن تىكىلدى. ئۇ ئىككىسى كۆزلىرىگە ياش ئالدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-خاتىرجەم بولغىن ئاچا، سېنىڭ قىزىڭ مېنىڭ قىزىم. ھېچكىمگە تاك قىلىپ چەكتۈرمەيمەن،- دېدى ئانامنىڭ ئىنىسى.
-خاتىرجەم بولسىلا، ھەبىبە مېنىڭ ئۆز قىزىمدەكلا،- دېدى ئانامنىڭ يەڭگىسىمۇ مەيۈس ئاھاڭدا.
ئانام ئۇلار بىلەن رازىلاشتى. ئاندىن يەنە مېنى چاقىردى:
-ماياققا كېلىڭە گۈلۈم بالام!- مەن ئاستاغىنا ئانامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم، ئانام ئاستا گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- مېنى باقىمەن دەپ جىق جاپا تارتتىڭىز قىزىم، مەن سىزنى باققان ئەجرىمگە رازى، سىزمۇ رازى بولۇڭ قىزىم.
ئانامنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزەمنى تۇتالمىدىم. ئېسەدەپ تۇرۇپ:
-مەندىن رازى بولۇڭ ئانا! سىزگە كۆپ جاپا سالغانىكەنمەن، مەندىن رازى بولۇڭ، ماڭا بەرگەن سۈتىڭىزگە، باققان ئەجرىڭىزگە رازى بولۇڭ ئانا!-دېيەلىدىم ئارانلا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-مەن مىڭ مىراتەم رازى قىزىم، ئۇز خېنىم، گۈلۈم بالام، مېنىڭ ھەبىبەيىم....
ئانام شۇنداق دەپلا سۆزدىن قالدى. ئۇ شۇنچە سۆزلەشكە تىرىشسىمۇ، ئاۋازى چىقمايۋاتاتتى.
-ئانا! ئانا! – مېنىڭ چاقىرىشلىرىمغا ئانام ئەمدى جاۋاپ قايتۇرالمىدى.
بۇ چاغدا سائەت ئون بىر بولغانىدى. مەن ئانامنىڭ بېشىدا ئانامنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئولتۇردۇم. ئانام مېنىڭ قولۇمنى چىڭ سىقىۋالغانىدى. كۆزلىرىنى مېنىڭدىن ئۈزمەيتتى. ماڭا يەنە نۇرغۇن گېپى باردەك ئېغىزىنى ئۆمەللەيتتىيۇ، ئاۋازى سىرتقا چىقمايتتى. ۋاقىت ئۆتمەكتە. سائەتنىڭ يېنىك چىكىلدىغان ئاۋازى مېنى بىئارام قىلماقتا ئىدى. بۇ ئارلىقتا تاغام تۇغقانلارنى چاقىرىپ كەلدى. ھەممىسى كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئانامدىن رازىلىق ئېلىشتى. ئانام ئۇلارغا بېشىنى لىڭشىتىپ رازىلىق بىلدۈردىيۇ، كۆزلىرىنى مەندىن ئۈزەلمەي قالدى. مۇشۇ تەرىقىدە ئۈچ سائەت ئۆتۈپ كەتتى. سائەت ئىككى بولغانىدى. ئانام ئەڭ ئاخىرقى بىر رەت ماڭا تىكىلىپ قارىدە-دە، كۆزلىرى ئارقىغا تارتىشىپم قېتىپ قالدى. ئۇنىڭ قوللىرى مېنىڭ قولۇمنى چىڭ سىقىۋالغانىدى.
ئىز تورى www.iz.la

-ئۆتۈپ كەتتى. داكا بارمۇ؟ ئېڭىكىنى تاڭايلى،- دېدى ئانامنىڭ ئاكىسى ۋە ئانامنىڭ ماڭا قاراپ قېتىپ قالغان كۆزلىرىنى قولى بىلەن يۇمدۇرۇپ قويدى.
مەن نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالدىم. ئۇلار ھە- ھۇ دېيىشىپ ئانامنىڭ ئېڭىكىنى تېڭىپ، ئانامنىڭ قوللىرىنى مېنىڭ قولۇمدىن ئاجرىتىپ، ئانامنى تۈزلەپ ياتقۇزدى. مەن تېخىمۇ ئىنكاسسىز ئادەمدەك قېتىپ قالغانىدىم، ئۇلار ئانامنى قىبلىگە قاراپ ياتقۇزۇپ، يۈزىنى ئاق داكا بىلەن يېپىپ قويغاندىن كېيىنلا ئۆزەمگە كەلدىم ۋە ئانامنىڭ ئۈستىگە ئاتتىم.
-ئانا!...ئانا!...كۆزىڭىزنى ئېچىڭە ئانا! مېنى تاشلاپ كەتمەڭ!...
يۈرەكنى ئەزگۈدەك نالىلىرىم ھەممىسىنىڭ كۆڭلىنى بۇزغان بولسا كېرەك، ھەممىسى كۆز يېشى قىلىشماقتا. مەن ئانامنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم. خۇددى ئۇنىڭدىن ئايرىلماي باغرىغا سىڭىپ كېتىشنى ئىستىگەندەك. بىراق ئانام ئىلگىركىدەك بېشىمنى مېھىرلىك سىيلىمىدى، كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپمۇ قويمىدى. ئۇلار مېنى تارتىپ ئانامدىن مىڭ تەسلىكتە ئاجراتتى. ھەممىسى ماڭا تەسەللىي بەرمەكتە:

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


-سەۋر قىلىڭ.
-ئاچامنى خاتىرجەم ماڭغىلى قويغىن،
-مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئاي ئۇلۇغ كۈنلەرنى بەرگنلىكىگە شۈكرى دەيلى.
....
شۇ تاپتا بۇ ئىشلارنىڭ ئوڭۇم ئىكەنلىكىگە پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى. ھېچكىمنىڭ گېپى قۇلىقمغا كىرىدىغاندەك ئەمەس. ساراڭدەكلا بولۇپ قالدىم. بەلكىم ساراڭمۇ مېنىڭ بۇ ھالىتىمدىن ياخشىدۇ؟
شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئانامنى يۇيۇپ تاراپ، كېپەنلىككە ئوراشتى. ئانامنى يۇيغان ھېلىقى ئايالغا ئېسىلدىم.
-ئانامنىڭ يۈزىنى ئاخىرقى بىر رەت كۆرۈۋالايچۇ؟ پەقەت بىر قېتىم... ئېچىپ بېرىڭچۇ؟...
مېنىڭ نالەمگە چىدىماي، ئانامنىڭ يۈزىنى ئېچىپ بەردى. ئانامغا قارىدىم. ئانام ئاپئاق ياغلىق ۋە ئاپئاق كېپەنلىكلەر ئارىسىدا بەخرامان ئۇيقۇغا كەتكەن ئادەمدەك، يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ ياتاتتى. ئۇنىڭ چىرايى نۇرلىنىپ كەتكەنىدى. ئۇ كۆزۈمگە تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنۈپ كەتتى. خۇددى ئانامنى چۆچۈتۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەندەك ئاستا چاقىردىم:
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

-ئانا! ... ئاڭلاۋاتامسىز ئانا! ... ماڭا قارىڭە ئانا!....،- ئانام بىر خىل ياتاتتى.
مەن كىچىك بالىلارچە ئۈمچىيىپ، يىغلاشقا باشلىدىم. ئۇلار ئېنامنىڭ يۈزىنى يۆگەپ، جەينامازغا ئوراشتى. مەن پەقەت ئىشىنەلمەي تۇراتتىم، ئانامنى ئېلىپ ماڭغاندىلا يۈگۈرۈپ چىقىپ، جىنازىغا ئېسىلىۋالدىم.
-ئانا! مېنى تاشلاپ كەتمەڭ ئانا! مەن يېگانە قالدىمغۇ؟! مېنىڭ بېشىمنى كىم سىيلايدۇ؟! ئانا!... ئانا!....
جامائەت ئانامنىڭ جىنازىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى. مېنىڭ يۈرىكىم، روھىم ئانام بىلەن بىرگە كېتىپ قالغانىدى... ئانام بارغانسېرى مەندىن يىراقلاپ ئاخىرى كۆزلىرىمگە كۆرۈنمەي قالدى...
مانا شۇنداق قىلىپ رامىزاننىڭ 11-كۈنى سەھەردە مەن ئانامدىن، دۇنيادىكى بىردىنبىر مېھرىبانىمدىن ئايرىلىپ قالدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئانامنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلدى. مەن روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك بىر بۇلۇڭدا ئولتۇراتتىم. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن بىرلا ئىسىمنى تەكرارلايمەن: «ئانا!»...
بۇ كۈنى كەلگەنلەر ھەممىسى ماڭا ھېسداشلىق قىلىشتى. ئانامنىڭ ياخشى سۈپەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ كۆز يېشى قىلىشتى. ئەمما مەن ئۈچۈن ھەممىسى بەرىبىر ئىدى.
دوستلىرىم ، ساۋاقداشلىرىم ھەممىسى كېلىشتى. ئۇلارنىڭمۇ كۆزلىرىدە ياش ئويناپ تۇرۇپتۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ كېلىشى يۈرەك يارامغا ئازراق مېھىر ئاتا قىلغان بولسىمۇ، قەلب تۆرەم يەنىلا قوپقۇرۇق ئىدى... مەن تەنھا قالغانىدىم.
*       *      *
ئانامنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم. ئەمما بۇرۇنقى شوخلۇقۇم، ئىچ-ئىچىمدىن ئېچىلىپ كۈلۈشلىرىم قاياقلارغىدۇر كېتىپ قالغان. روھىم چۈشكەن، چىرايىن سۇلغۇن، قەلبىم سۇنۇق... www.iz.la
بىر كۈنى كەچ مەكتەپ مەيدانىدا كېتىپ باراتتىم، كۆزلىرىم ياش يۇقى، بېشىم سېلىنغانىدى. ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈشمىگەن بىر دوستۇم كېلىپ مەندىن ئەھۋال سورىدى ۋە:
-ئاداش! ئاناڭ كېتىپ قاپتۇ، يېتىم قاپسەن، كۆڭلۈڭنى بۇزما!-دېدى.
ئۇنىڭ سۆزلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ ، مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن مەن ئاڭلاشتىن ئەڭ قورقىدىغان «يېتىم» دېگەن سۆز چىقىۋاتاتتى. ئۆزەمنى تۇتالمىدىم:
-ياق! مەن يېتىم ئەمەس! مېنىڭ ئانام بار! ئانام قەلبىمدە مەڭگۈ ھايات!- دەپ ئۈنلۈك توۋلىغىنىمچە، يۈگۈرۈپ  قاراڭغۇلۇق ئارىسىغا سىڭىپ كەتتىم..... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

مىسىرانىم مۇنبىرى

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • باياۋاندىكى گۈلخان

    1.مارتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى. بۇندىن سەل ئىلگىرى قەشقەر ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغۇلاڭچى قوشۇنلار بىلەن يېڭىشەھەرگە بېكىنىۋالغان ما جەنسىڭ قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھاسىرە ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ، نىسپىى تېنچلىق شە...

  • تۇغۇلغان كۈن سوغىسى

    ياقۇپ ئىسمائىل بۇ بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى. يىگىرمە يىلدىن بېرى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان قەھرىمان ماركىلىق قەلەمنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئالغىنىمدا، يۈرىكىم تاتلىق بىر سېزىم ئىلكىدە تىپچەكلەپ، ئۆزۈمنى گويا يىگىرمە ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قى...

  • قوشنامىنىڭ ئىتى

    ئاپتورى:ئەختەم ئۆمەر ، قوشنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىت باقىدىغان بۇلۇپ كەتتى. سەللا جېنى بار ، ئېپى بار ، پۇلى بار ، يولى بار ، ئەمىلى، ئورنى بارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىت بېقىشنى مودىغا ئايلاندۇرۋېلىشتى . 90- يىللاردا يانفۇن مودا بولغان ، ھازىر بولسا تىلەمچى...

  • بىر چىنە چۆچۈرە

    بىر كۈنى ئاق بولۇت مېھمانخانىسىغا پۇزۇر كىيىنگەن، 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر جۈپ ئەر - خۇتۇن كىردى. ئۇلار قارىماققا ساياھەتكە چىققان ئەر - خۇتۇنلاردەك كۆرىنەتتى. مۇلازىمەتچى قىز كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تاماق تىزىملىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى، ئېرى تاماق تىزى...

  • قەبرەئالدىدا

    ئەزىز ئىمىر يانغىن -ئاھ ئانا !سەن يالغۇز قىزىڭنى ئۇ دۇنياغا بىرگە ئېلىپ كەتسەڭ بولماسمىدى؟...ئەمدى بۇ دۇنيادا ئىگە -چاقىسىز قالغان غېرىپ قىزىڭنىڭ بېشىنى كىممۇ سىلايدۇ ؟ مىنىڭ بۇ ھەسرەتلىك نالىلىرىمنى ھېچكىم ئاڭلىمايتتى ، قەبرە توپىلىرىنى ھۆل قىلىۋاتقان كۆ...

  • كىتاپپۇرۇشلۇق

    مەۋلانە مۇھەممەد ئەمىن (يارقىن ) قاچانلاردىندۇر بىلمىدۇق زاماندىن زارلانغۇچىلاردىن بولۇپ قالدۇق،سىلىقلاشتۇرۇپئوبزورچىلار دىيىلسەكمۇ مەنچە بىزدەكلەرنى بىكاچى شىكايەتچىلەر دەپ ئاتالسا ئەڭ مۇۋاپىق. بۇ ھېكايىنى كۆرۈپ بەلكىم بىزنىڭ مەھەللىنىىڭ چوڭلىرى ئۆيدىكى...

  • كۈزدىكى چېچەك

    جىررىڭ... جىررىڭ... ياتاق تېلفۇنىنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى مېنى خىياللار قاينىمىدىن تارتىپ ئاچىقتى. ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلفۇننى ئالدىم : -ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! -ۋەلەيكۇم ئەسسالام! ھەبىبە بارمىدۇ؟ -ھە مەن شۇ. ئادىل ئاكامما؟ -ھە مەن. رۇخسەت سوراپ ئۆيگە بىر كېلىپ ك...

  • ئالماشقان لەقەم

    ...

  • ئېرىم يوقاپ كەتتى

    ...

  • ئالدامچى تۈنلەر

    لوقمان بۆرىخان كېچە قاراڭغۇسى يېيىلىپ كېلىۋاتقان پەيتتە نۇر قۇربېشى خەرسەڭ تاشلار پاناسىدىن باش كۆتۈرۈپ، كەڭ تۈزلەڭلىكتىكى قىشلىغى تەرەپكە مەيۈس-مەھزۇن تەلمۈردى. يا رەب، ھۇۋۇلداپ تۇرغان مۇنۇ خارابىلىك ئۇنىڭ ئانا ماكانىمىدۇ؟! قېنى، قىر باغرىدا يېيىلىپ يۈرگ...

  • كۆيۇۋاتقان شام

    ياخشىمۇ سەن دىلبەر؟ دوستۇم ،ئىسىڭدىمۇ ؟بىر چاغلاردا مەن ساڭا قايسى بىرىنىڭ ھالىنى ئىيتىپتۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپ،ھايات نىمانچە سىرلىقتۇر؟دېگىنىمدە،سەن ماڭا ؛دىلنار،ئاشۇ تۇرمۇشنى مۇرەككەپلەشتۇرگەنمۇ،ھاياتنىسىرلىقلاشتۇرغانمۇ ماڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئادەملەردەپ ج...

  • « پادىچى بالىنىڭ»خىيالى

    ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن. - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە. مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەر...

  • ئىشەكىنىڭ ئىلىتىپاتى

    ئەزىز ئەيسا (ھىكايە) كانارا ئورنۇتۇلغان ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسىنى سۆرەپ بالىسى بىلەن بالدۇرلا بازاردىن يېنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان سايىم سوق ،يىراقتىنلا بازارنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ئۆستەڭ بۇيىدىن يۇغان بوز ئىشىگىنى سۇغۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقا...

  • بايۋەتچە خوراز

    ئاپتۇرى مۇھەممەت ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن ھۆپۈپ خېنىمنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش...

  • سادىقلىق

    بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇن ئىنىتايىن غۇربەتچىلىكىتە قالغاچقا ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىردىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىركۈنى ئەر خۇتۇنىغا؛ -سۈيۈملۈكۈم مەن يىراقلارغا بېرىپ ئىشىلەپ ، پۇل تاپماقىچى بۇلۋاتىمەن . سىنى راھەت، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قلىغۇدەك ب...