تۇغۇلغان كۈن سوغىسى

ۋاقتى:2011-01-16 13:48مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  

   ياقۇپ ئىسمائىل

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

   بۇ بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى. يىگىرمە يىلدىن بېرى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان ‹‹قەھرىمان›› ماركىلىق قەلەمنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئالغىنىمدا، يۈرىكىم تاتلىق بىر سېزىم ئىلكىدە تىپچەكلەپ، ئۆزۈمنى گويا يىگىرمە ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.
      تاغ باغرىنى كۆكۈش تۇمان قاپلىغان، يېڭىلا ئولتۇرغان قۇياشنىڭ كەچكى شەپەق نۇرىدا چاقناۋاتقان قارلىق چوققىلار ھېلىمۇ ئېسىمدە.ئەتىيازنىڭ بىر كۈنى ئىدى. تاغ باغرىدىكى قارلار، بۇلاق سۇلىرىدىن توڭلىغان نۆكچە مۇزلار ئېرىپ تۈگىگەن بولۇپ، كەچقۇرۇن ھاۋا ئېچىلىپ كەتتى. تولۇن ئاي تەبىئەت دۇنياسىغا مېھرىنى ئاتا قىلىپ،  پايانسىز ئاسمان گۈمبىزىدە نۇرىنى تۆكۈپ تۇراتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
     ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، كىچىككىنە بىر بالا كىرىپ كەلدى. بالىنىڭ ئىسمى يولۋاس بولۇپ، ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ تولىمۇ جىمغور، خىيالچان، قورايدەك ئورۇق بالا ئىدى.  ئۇنىڭ ئائىلىسى ئازراق يەر ۋە بىر سىيىرغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلغاچقا، تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. بۇنى ئاز دېگەندەك دادىسى ئاتتىن يىقىلىپ پۇتىنى سۇندۇرۇۋالغاچقا، ئۇزاقتىن بېرى ھاسا تاياقنىڭ ياردىمىدە تالا تۈزگە چىقاتتى.
      ئۇ ئۆيگە كىرىپ، ئىشىك تۈۋىدە بىر ھازاغىچە مىدىر قىلماي تۇردى. مەن ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇنىڭغا تىكىلدىم:
    — مۇئەللىم، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! ئىز تورى www.iz.la
     مەن ھاڭ – تاڭ قالدىم. ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇ سۆزنىڭ چىقىشىنى ئويلاپ باقمىغاچقا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئوت ئېلىپ كەتتى. خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن، دەپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم. ئۇ مەخمەل پارچىسىغا ئوراپ بېلىدىن چىگىلگەن كىچىككىنە بىر نەرسىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدى  –  دە، ئۆيدىن چىقىشقا تەمشەلدى.
     — توختا!  –  دېدىممەن ئۇنىڭغا،  –  بۇ نېمە؟!
     ئۇ جاۋابەن تولىمۇ پەس ئاۋازدا:
      — مۇئەللىم، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! – دېدى.
      مەن تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇ ئېلىپ كەلگەن مەخمەل تۈگۈنچەكنى ئاچتىم. مەخمەل ئىچىدە ‹‹قەھرىمان›› ماركىلىق يىپيېڭى بىر قەلەم تۇراتتى. ئۇ چىقىپ كەتتى. مەن ‹‹رەھمەت!›› دېگەن سۆزدىن باشقا سۆز تاپالمىدىم.

copyright by www.iz.la


      يولۋاس! ھەي، يولۋاس! سەن يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلەمدىغانسەن؟... كۆز ئالدىمدا بىردىنلا بۇ چەت كەنتكە تۇنجى قېتىم كەلگەن چېغىمدىكى مەنزىرە پەيدا بولدى. قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرى دېرىزە ئەينەكلىرىدە ئىللىق چاقنايتتى. يىراقتىكى قارىغايلىققا گۇگۇم پەردىسى يېيىلىپ كېلىۋاتاتتى. مەن دەرستىن بوشىغان بالىلارنى مەكتەپنىڭ قاشالىق دەرۋازىسى ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ توپىلىق يولدا ئۇزاپ كېتىۋاتقان سىمالىرىغا نەزەر سالغانچە تۇرۇپ قالدىم. مېنىڭ تۇنجى كۈنۈم ئەنە شۇنداق باشلاندى. مەن بۇ زېرىكىشلىك سەھرادا  قانچىلىك تۇرۇپ قېلىشىمنى بىلمەيتتىم. 
ئىز تورى بەك ياخشى

     ئويلىمىغان يەردىن تۇنجى سىناققا دۇچ كەلدىم. تەبىئەت دەرسى بېرىپ بولغاندا بىر ئوقۇغۇچۇم قول كۆتۈرۈپ رۇخسەت ئالغاندىن كېيىن:    
     — مۇئەللىم سىز ئادەملەرنى مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دېدىڭىز، ئۇنداق بولسا ھازىرقى مايمۇنلار نېمە ئۈچۈن ئادەمگە ئۆزگەرمەيدۇ؟  – دېدى. مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم. ئالدىمدا ئەمدىلا ئون ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر بالا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. بۇ يولۋاس ئىدى. مەن تەييارلىقسىز بولغاچقا ئۇنىڭ سوئالىدىن تەمتىرەپ قالدىم. كېيىن ئەپلەپ  –  سەپلەپ جاۋاب بەرگەن بولساممۇ، ئۇ جاۋابىمدىن قانائەتلەنمىدى. شۇ سائەتتىن باشلاپ مەن يولۋاسقا ئۆچ بولۇپ كەتتىم. ئۇ ھەمىشە دەرسكە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ خىيالىمدا يوق سوئاللارنى سوراپ، مېنى تەمتىرىتىپ قوياتتى، ئەمما بۈگۈن ... باشقىچە ئويلاپ قالدىم. ئۇ ئۆزۈممۇ ئۇنتۇپ كەتكەن تۇغۇلغان كۈنۈمنى قانداق بىلىۋالغاندۇ؟ قەلەم سوۋغا قىلىش قانداقلارچە ئېسىگە كەلگەندۇ؟ سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بىر ئائىلىنىڭ بالىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق ياخشى قەلەمنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىش ئاسانمۇ؟ copyright by www.iz.la
     قۇلاق تۈۋىمدە بىردىنلا يولۋاسنىڭ ‹‹مۇئەللىم بۇ قەلەمنى مەن سۆڭەك يىغىپ ساتقان پۇلۇمغا ئالدىم. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. سىزگە خاتىرە بولۇپ قالسۇن›› دېگەن سۆزى ياڭرىدى. مەن ئويلىنىپ قالدىم. بۇ سوۋغا مېنى ئۆز – ئۆزۈمنى دەڭسەپ بېقىشقا ئۈندىدى. شۇ ئىشتىن كېيىن مەن دەرسنى ئەپلەپ  –  سەپلەپ ئۆتۈپ، بوش چاغلىرىمنى مەنىسىز ئويۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈشتىن قول ئۈزدۈم، قوشۇمچە ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرۈپ، بىلىمىمنى بېيىتمىسام بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. يولۋاسنىڭ ئاشۇ قىيىن سوئاللىرىدىن مۇشۇنداق چەت يېزىدىكى بالىلارنىڭمۇ بىلىمگە شۇنچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. كۈنلەر ئۆتتى... مەن يولۋاس تۇغۇلغان كۈنۈمگە سوۋغا قىلغان قەلەمنى تۆش يانچۇقۇمغا قىستۇرۇپ، سىنىپقا مەغرۇر كىرىدىغان، بۇنداق چاغلاردا ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىدىغان بولدۇم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
      مەن كېيىن بالىلارنىڭ ئارخىپىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپىمىزدىكى نۇرغۇن بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىۋالدىم. بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىچىدە يولۋاسنىڭ ئالاھىدىرەك ئىدى. چۈنكى ئۇ 1  – ماي كۈنى تۇغۇلغانىدى. ئاخىرى بۇ كۈنمۇ كەلدى. بۇ كۈنى ھاۋامۇ بۆلەكچىلا ئوچۇق ئىدى. ئەتىگەندىلا سىنىپ ئىچىنى بالىلارنىڭ ‹‹تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!›› دېگەن جاراڭلىق ساداسى قاپلىدى. ھەممىمىز ئۆزىمىز تەييارلىغان كۆڭۈل سوۋغىمىزنى يولۋاسنىڭ ئالدىغا قويغاندا، ئۇ تەسىرلىنىپ يىغلاپ كەتتى. سىنىپ كوللېكتىپى ئىچىدىكى بۇنداق مېھىر – مۇھەببەت ئاخىرغىچە بىر –  بىرىمىزگە ئىلھام بولدى ۋە بىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلىم تەشنالىقىغا ئىگە قىلدى...
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • باياۋاندىكى گۈلخان

    1.مارتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى. بۇندىن سەل ئىلگىرى قەشقەر ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغۇلاڭچى قوشۇنلار بىلەن يېڭىشەھەرگە بېكىنىۋالغان ما جەنسىڭ قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھاسىرە ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ، نىسپىى تېنچلىق شە...

  • تۇغۇلغان كۈن سوغىسى

    ياقۇپ ئىسمائىل بۇ بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى. يىگىرمە يىلدىن بېرى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان قەھرىمان ماركىلىق قەلەمنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئالغىنىمدا، يۈرىكىم تاتلىق بىر سېزىم ئىلكىدە تىپچەكلەپ، ئۆزۈمنى گويا يىگىرمە ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قى...

  • قوشنامىنىڭ ئىتى

    ئاپتورى:ئەختەم ئۆمەر ، قوشنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىت باقىدىغان بۇلۇپ كەتتى. سەللا جېنى بار ، ئېپى بار ، پۇلى بار ، يولى بار ، ئەمىلى، ئورنى بارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىت بېقىشنى مودىغا ئايلاندۇرۋېلىشتى . 90- يىللاردا يانفۇن مودا بولغان ، ھازىر بولسا تىلەمچى...

  • بىر چىنە چۆچۈرە

    بىر كۈنى ئاق بولۇت مېھمانخانىسىغا پۇزۇر كىيىنگەن، 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر جۈپ ئەر - خۇتۇن كىردى. ئۇلار قارىماققا ساياھەتكە چىققان ئەر - خۇتۇنلاردەك كۆرىنەتتى. مۇلازىمەتچى قىز كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تاماق تىزىملىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى، ئېرى تاماق تىزى...

  • قەبرەئالدىدا

    ئەزىز ئىمىر يانغىن -ئاھ ئانا !سەن يالغۇز قىزىڭنى ئۇ دۇنياغا بىرگە ئېلىپ كەتسەڭ بولماسمىدى؟...ئەمدى بۇ دۇنيادا ئىگە -چاقىسىز قالغان غېرىپ قىزىڭنىڭ بېشىنى كىممۇ سىلايدۇ ؟ مىنىڭ بۇ ھەسرەتلىك نالىلىرىمنى ھېچكىم ئاڭلىمايتتى ، قەبرە توپىلىرىنى ھۆل قىلىۋاتقان كۆ...

  • كىتاپپۇرۇشلۇق

    مەۋلانە مۇھەممەد ئەمىن (يارقىن ) قاچانلاردىندۇر بىلمىدۇق زاماندىن زارلانغۇچىلاردىن بولۇپ قالدۇق،سىلىقلاشتۇرۇپئوبزورچىلار دىيىلسەكمۇ مەنچە بىزدەكلەرنى بىكاچى شىكايەتچىلەر دەپ ئاتالسا ئەڭ مۇۋاپىق. بۇ ھېكايىنى كۆرۈپ بەلكىم بىزنىڭ مەھەللىنىىڭ چوڭلىرى ئۆيدىكى...

  • كۈزدىكى چېچەك

    جىررىڭ... جىررىڭ... ياتاق تېلفۇنىنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى مېنى خىياللار قاينىمىدىن تارتىپ ئاچىقتى. ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلفۇننى ئالدىم : -ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! -ۋەلەيكۇم ئەسسالام! ھەبىبە بارمىدۇ؟ -ھە مەن شۇ. ئادىل ئاكامما؟ -ھە مەن. رۇخسەت سوراپ ئۆيگە بىر كېلىپ ك...

  • ئالماشقان لەقەم

    ...

  • ئېرىم يوقاپ كەتتى

    ...

  • ئالدامچى تۈنلەر

    لوقمان بۆرىخان كېچە قاراڭغۇسى يېيىلىپ كېلىۋاتقان پەيتتە نۇر قۇربېشى خەرسەڭ تاشلار پاناسىدىن باش كۆتۈرۈپ، كەڭ تۈزلەڭلىكتىكى قىشلىغى تەرەپكە مەيۈس-مەھزۇن تەلمۈردى. يا رەب، ھۇۋۇلداپ تۇرغان مۇنۇ خارابىلىك ئۇنىڭ ئانا ماكانىمىدۇ؟! قېنى، قىر باغرىدا يېيىلىپ يۈرگ...

  • كۆيۇۋاتقان شام

    ياخشىمۇ سەن دىلبەر؟ دوستۇم ،ئىسىڭدىمۇ ؟بىر چاغلاردا مەن ساڭا قايسى بىرىنىڭ ھالىنى ئىيتىپتۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپ،ھايات نىمانچە سىرلىقتۇر؟دېگىنىمدە،سەن ماڭا ؛دىلنار،ئاشۇ تۇرمۇشنى مۇرەككەپلەشتۇرگەنمۇ،ھاياتنىسىرلىقلاشتۇرغانمۇ ماڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئادەملەردەپ ج...

  • « پادىچى بالىنىڭ»خىيالى

    ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن. - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە. مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەر...

  • ئىشەكىنىڭ ئىلىتىپاتى

    ئەزىز ئەيسا (ھىكايە) كانارا ئورنۇتۇلغان ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسىنى سۆرەپ بالىسى بىلەن بالدۇرلا بازاردىن يېنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان سايىم سوق ،يىراقتىنلا بازارنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ئۆستەڭ بۇيىدىن يۇغان بوز ئىشىگىنى سۇغۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقا...

  • بايۋەتچە خوراز

    ئاپتۇرى مۇھەممەت ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن ھۆپۈپ خېنىمنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش...

  • سادىقلىق

    بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇن ئىنىتايىن غۇربەتچىلىكىتە قالغاچقا ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىردىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىركۈنى ئەر خۇتۇنىغا؛ -سۈيۈملۈكۈم مەن يىراقلارغا بېرىپ ئىشىلەپ ، پۇل تاپماقىچى بۇلۋاتىمەن . سىنى راھەت، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قلىغۇدەك ب...