بىر چىنە چۆچۈرە

ۋاقتى:2011-01-07 13:16مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

بىر كۈنى « ئاق بولۇت » مېھمانخانىسىغا پۇزۇر كىيىنگەن، 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر جۈپ ئەر - خۇتۇن كىردى. ئۇلار قارىماققا ساياھەتكە چىققان ئەر - خۇتۇنلاردەك كۆرىنەتتى. مۇلازىمەتچى قىز كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تاماق تىزىملىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى، ئېرى تاماق تىزىملىكىنى خۇتۇنىغا سۇنۇپ نېمىنى خالىسا شۇنى بۇيرۇشنى ئېيىتتى. خۇتۇنى بولسا تاماق تىزىملىكىگە قاراپمۇ قويماي، مۇلازىمەتچىگە ئۆزلىرىگە بىر چىنە چۆچۈرە بولسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. مۇلازىمەتچى قىز ھەيرانلىق بىلەن بۇ ئايالغا قاراپ « مۇشۇنداق كاتتا مېھمانخانىغا چۈشۈپ تۇرۇپمۇ، چۆچۈرە ئىچكەن نەدە بار. ھازىر ئادەتتىكى مېھمانخانىغا چۈشكەنلەرمۇ چۆچۈرە ئىچمەيدۇ، بولار قارىغاندا تازا بىر پىخسىق ئادەملەر ئىكەن » دېگەنلەرنى ئويلىدى - دە، ئايالغا، بۇ مېھمانخانىدا چۆچۈرە يوقلىقىنى ئېيىتتى، ئەمما بۇ ئايال مۇلازىمەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىغاندەك گېپىنى يەنە تەكرارلىدى. بۇ ۋاقتتا ئېرى ئاچچىقلانغان ھالدا : « نېمىشقا چۆچۈرە ئىچكىدەكمىز، بىزدە پۇل يوقمىكەن ؟ » دېدى خۇتۇنىغا قاراپ .خۇتۇنى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ : « ياق، بىزدە پۇل بار، ئەمما مېنىڭ چۆچۈرە ئىچكىنىم ئىچكەن ! » دېدى جاھىللىق بىلەن. ئېرى ئامالسىز مۇلازىمەتچى قىزغا قاراپ ئۆزلىرىگە ئىككى چىنە چۆچۈرە ئەكىرىپ بېرىشىنى ئېيىتتى. خۇتۇنى يەنە ئېرىنىڭ گېپىنى تولۇقلاپ: « ياق، بىزگە بىر چىنە چۆچۈرە بولسىلا بولىدۇ ! » دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئېرى ئاچچىقلانغان ھالدا : « بىز بىر چىنە چۆچۈرىگە قانداق تويىمىز ؟ ساراڭمۇ سەن ؟ » دېدى. خۇتۇنى ئېرىنىڭ تۈرۈلگەن قاپىقىغا قاراپ : « سىز ساھايەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ماڭا يولبويى مېنىڭ گىپىمنى ئاڭلاشقا ۋەدە بەرگەن، ئۈمىدىم، گىپىڭىزدە تۇرسىڭىز، مەنمۇ قايتىپ بارغاندىن كىيىن لەۋزىمدە تۇرىمەن » خۇتۇنى كۆزىگە لىق ياش ئالغان ھالدا شۇنداق دېدى. بۇنى ئاڭلىغان ئېرى گەپ قىلماي ئۇلتۇرۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغان مۇلازىمەتچى بولسا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن ئەرنىڭ خۇتۇنىغا گېپىنى ئۆتكۈزەلمىگىنىنى، مۇشۇنداق كاتتا مېھمانخانىغا چۈشۈپ تۇرۇپمۇ ئىككى ئادەم بىر چىنە چۆچۈرە ئىچمەكچى بولغىنىنى تاماشا قىلغاچ ئايالغا قاراپ : « كەچۈرۈڭ خانىم، بىرنىڭ بۇ يەردە چۆچۈرە يوق. ئەگەر سىلەر چۆچۈرە ئىچمەكچى بولساڭلار يېنىمىزدىلا چۆچۈرەخانا بار، شۇ يەرگە چىقساڭلار بولىدۇ ! » دېدى. ئايال بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھالدا بىر دەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن : « بۇ يەردەن نېمىشقا چۆچۈرە بولمىغۇدەك ؟ سىلەر سودا قىلىدىغان ئادەمم تۇرۇپ، كىچىك سودىنى ياراتمايدىغان ئوخشىمامسىلەر ؟ » دېدى. بۇ ۋاقتتا مېھمانخانا خۇجايىنى جاڭ ئەپەندىم ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قالدى. شۇنداقلا مۇلازىمەتچىنى گەپ تالاشماسلىققا ئىشارەت قىلدى. مۇلازىمەتچى خۇجايىنىدىن ئاغرىنغان ھالدا ئۇنىڭغا : « سىز بۇ ئىككىيلەننىڭ بىر چىنە چۆچۈرە ئىچىمىز دېگىنىنى ئاڭلىدىڭىز، بۇ يەردە يا چۆچۈرە بولمىسا ..... » دېدى. خۇجايىن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، بۇ ئىككىيلەننىڭ تۇرقىدىن قارىغىندا ئۇلارنىڭ بۇنداق ئاددىي تاماقلارنى بۇيرۇتۇشى ناھايىتىنى ئەجەبلىنەرلىك ئىش، بۇر يەردە بىرە ئۇيۇن بار ؟ مەيلى نېمىلا بولسۇن سۇدا دېگەندە ھەر خىل ئىشلارغا يولۇقىدىغان گەپ، دەپ ئۇيلىدى. ئو بوش ئاۋازدا مۇلازىمەتچىگە : « سىز سىرتتىن بىر چىنە چۆچۈرە ئېلىپ كېلىڭ، قانچە پۇل كەتسە ھېسابنى ئۈزگەن چاغدا شۇنىڭ ھەسسىسىچىلىك پۇلنى تۆلىتىۋالساقلار بولدۇ » دېدى ھەمدە سۆزىنى تۈگىتىپلا بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ ئ.ولتۇرۇپ بۇ بىر جۈپ غەلىتە ئەر - خۇتۇننى كۆزىتىشكە باشلىدى. بىر دەمدىن كىيىن مۇلازىمەتچۋى بىر چىنە ئىسسىق چۆچۈرىنى ئايالنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئۇلارنىڭ بەھۇزۇر بېقىشىنى ئېيىتتى. ئايال چىنىنىڭ سىرتىنى سىلاپ تۇرۇپ چوڭقۇر تىنىۋالغاندىن كىيىن قوشۇق بىلەن چۆچۈرىنى ئېلىشتۇرۇپ، ئىچىشكە قىيمايۋاتقاندەك خېلى بىر مەزگىلگىچە ئېغىز تەگكۈزمىدى. ئېرى خۇتۇنىغا تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە غەلىتە نەزەر بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ ئوڭايسىزلاندى ھەمدە خوتۇنىغا : « سېنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭنى پەقەن بىلمىدىم. شۇنچە يىراق جايدىن بىز مۇشۇ چۆچۈرىنى ئىچكىلى كەلدۇقمۇ ؟ » دېدى. خوتۇنى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئېرىگە قاراپ : « مەن چۆچۈرە ئىچىشنى ياخشى كۆرىمەن ! باشقا مەقسىتىم يوق » دەپ جاۋاب بەردى. ئېرى خوتۇنىغا : « سەن چۆچۈرە ئىچىشنى ياخشى كۆرسەڭ شۇنى ئىچ، مېنىڭ قۇرسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى، ئەڭ ياخشىسى باشقا قورۇمىلارنى بۇيرۇتۇپ يەي » دەپ مۇلازىمەتچىنى چاقىرتىپ، باھاسى قىممەت قورۇمىلاردىن يەتتە - سەككىز خىلنى بۇرۇتۇشقا باشلىدى،خوتۇنى ئېرىنىڭ قورۇمىنى بۇيرۇتۇپ بولۇشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈرۈپ ئولتۇردى. قورۇما بۇيرۇتۇلۇپ بولۇنغاندا ئايال مۇلازىمەتچىگە : « سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بۇ قىممەت قورۇمىلارنى سېتىۋالالايدىغان پۇلىنىڭ بار - يوقلۇقىنى سوراپراق تىزىملاڭ » دېدى. ئېرى يۈزى قىزارغان ھالدا بىر تەرەپتىن خوتۇنىغا قاراپ : « بىكار گەپ، مەن بۇنچىلىك قورۇمىنى يېيەلمەمدىم، مەندە پۇ يوقمىكەن ؟ » دېگەچ يەنە بىر تەرەپتىن يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز چۆچۈگەن ھالدا : « ھەميانىم قېنىدۇ ؟» دەۋەتتى ھەمدە چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۇشتۇمتۇن يانفۇنىنىڭمۇ يىتكەنلىكىنى بىلدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كىيىن نەزىرىنى ئۇدۇلىدىكى خوتۇنىغا قاراتتى. خوتۇنى سالماقلىق بىلەن ئېرىگە : « ھەميانىڭىز، يانفونىڭىز، يەنە مېنىڭ ئۈزۈكىمنىمۇ، ئىشقىلىپ يېنىمىزدىكى پۇلغا يارىغۇدەكلا نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈنۈگۈن ئاخشام دەرياغا تاشلىۋەتتىم، ھازىر بىزنىڭ يېنىمىزدا مۇشۇ بىر چىنە چۆچۈرىنى ئالغىدەكلا بەش يۈەن پۇل بار » دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئېرى خۇتۇنىغا ئاچچىقلانغان ھالدا :« سەن ساراڭ بوپسەن ! ئېلىشىپ قاپسەن، ئەمدى ئۆيگە قانداق كېتىمىز ؟» دەپ ۋارقىرىدى، خوتۇنى ھېچنىمە بولمىغاندەك مۇلايىملىق بىلەن ئېرىگە :« نېمىگە جىددىيلىشىسىز، بىزنىڭ يەنە ئىككى پۇتىمىز بارغۇ ؟ 20 يىل بۇرۇن، بىزنىڭ ھىچنېمىمىز يوق چاغدىمۇ مۇشۇ يەردىن ئۆيگە مېڭىپ قايتىپ كېتەلىگەنغۇ ؟ تېخى ئۇ چاغلار ھازىرقىدىنمۇ بەك سوغۇق ئىدىغۇ ! » دېدى. ئېرى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئىختىيارسىز خوتۇنىغا قاراپ :« سەن، سەن نېمە دەۋاتسىەن ؟» دېدى ھەيرانلىق بىلەن. خوتۇنى :« سىز راستىنلا ئېسىڭىزگە ئالالمىدىڭىزمۇ ؟ » دەپ سورىدى ئېرىدىن. ئېرى بېشىنى چايقىدى. خوتۇنى ئوھسېنغان ھالدا :« قارىغاندا سىز بۇ يىللاردا ئازراق پۇل تېپىۋېلىپ ھەممە ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشايسىز. 20 يىل ئىلگىرى بىز بىرىنچى قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىپ سودا قىلىشقا باشلىغاندا ، ئويلىمىغان يەردىن ئالدامچىلىققا ئۇچراپ ھەممە نەرسىمىزدىن ئايرىلىپ قالغان ئىدۇق. ھەتتا ئۆيىمىزگە قايتىپ كەتكۈدەك يول كىراسىغىمۇ پۇلىمىز قالمىغان ئىدى. دەل شۇ چاغدا بىز مۇشۇ يەردىن ئۆتكەن ئىدۇق. سىزماڭا مۇشۇ دۇكاندىن بىر چىنە چۆچۈرە ئېلىپ بەرگەن ئىدىڭىز، ئىسىمدە قېلىشىچە شۇ چاغدا سىزنىڭ يېنىڭىزدا ھازىرقىدەك بەش يۈەنلا قالغان ئىدى ... » دېدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئېرىنىڭ پۈتۈن بەدىنى تىترەپ كەتتى. ئۇ تۆت ئەتراپىغا قاراپ : « بۇ جاي ... دەل » دېدى. خوتۇنى :« توغرا، بۇ جاي دەل مەن مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايدىغان ھېلىقى چۆچۈرەخانا شۇ. ئۇ چاغلاردا بۇ يەر ھەم كونا ھەم كىچىك بىر ئاددىي چۆچۈرەخانا ئىدى » دېدى. ئېرى جىمجىت ھالدا بېشىنى تۆۋەنگە سالدى. خوتۇنى بىر تەرەپتە تۇرغان مۇلازىمەتچىگە قۇرۇق چىنىدىن بىرنى ئەكىلىپ بىرىشنى ئېيىتتى. مۇلازىمەتچى قۇرۇق چىنىنى ناھايىتى تېزلا ئەكىلىپ بەردى. ئايال چۆچۈرىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ ئاستا ئېرىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ ئۇنىڭغا :« قېنى تاماققا بېقىڭ، بىز تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ئۆيگە قايتىپ كېتەيلى » دېدى. ئېرى ئالدىدىكى يېرىم چىنە چۆچۈرىگە خېلى ئۇزاق قاراپ تۇرغاندىن كىيىن :« قۇرسىقىم ئاچمىدى » دېدى. خوتۇنى ھاياجانلانغان ھالدا كۆز يېشى قىلغاچ :« 20 يىلنىڭ ئالدىدىمۇ سىز شۇنداق دېگەن. مەقسەت مېنىڭ ئاشقا تويماي قېلىشىمدىن ئەنسىرىگەن ئىدىڭىز » دېدى ھەمدەم سۆزىنى تۈگىتىپلا چۆچۈرىدىن ئازراقمۇ ئىچمەي ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئېرى خوتۇنىدىن :« چۆچۈرىنى نېمىشقا ئىچمەيسەن ؟ »دەپ سورىدى. خوتۇنى يىغلامسىرىغان ھالدا :« 20 يىل ئىلگىرى سىز مەندىن مۇشۇنداق دەپ سورىغان ئىدىڭىز. مەن سىزگە شۇ چاغدا ، يىسەك تەڭ يەيلى، بولمىسا يىمەيلى ! دېگەن ئىدىم، ھازىرمۇ مەن شۇنداق دېمەكچى ! ». ئەر ئۈن چىقارماي قوشۇقنى قولىغا ئالدى، نېمىشقىكىن ئۇنىڭ قوشۇق تۇتقان قولى تىترەپ كەتكەنىدى. ئۇ چۆچۈرىنى پاكىز ئىچىپ بولغاندا كۆزلىرىدىن ياش قويۇلۇشقا باشلىدى. ئېرىنىڭ ئاشنى ئىچكىنىنى كۆرۈپ خوتۇنىنىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى ھەمدە قوشۇقنى ئېلىپ ئېشىنى ئىچىشكە باشلىدى. خوتۇنىنىڭمۇ كۆزىدىن ياشلار سىرغىشقا باشلىدى. بۇ بىر جۈپ ئەر - خوتۇن مانا مۇشۇنداق ھالەتتە بىر چىنە چۆچۈرىنى ئىچىپ تۈگەتتى. خوتۇنى قولىدىكى قوشۇقنى چىنىگە قويۇشى بىلەن تەڭ ئېرىگە قاراپ :« ئەمدى ئۆيگە مېڭىپ كىتىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سىز بىلەن جاپا - مۇشەققەتنى بىللە تارتىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىدىم. ئۆتمۈشنى بىر ئەسلىۋالدىم. ئۆيگە بېرىپلا ئاجرىشىش توختامنامىسىگە قول قويىمەن. ئاندىن سىزنى ھەرگىز ئاۋارە قىلمايمەن. بالىلارنىمۇ ئۆزۈم باقىمەن، سىز ھېلىقى قىز بىلەن توي قىلامسىز - قىلمامسىز ئەمدى ئارىلاشمايمەن » دېدى. ئېرى خوتۇنىغا قاراپ :« ئۆيگە قايتىپلا ھېلىقى ئاجرىشىش توختامنامىسىنى يىرتىپ تاشلايمەن، مىنى كەچۈر، مەن ئېزىپتىمەن. بولامدۇ ؟ » دېدى. ئايال يېشىنى سۈرتكەچ مۇلازىمەتچىگە، ھېسابات قىلىۋېتىشنى ئېيىتتى. ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ياندا تۇرۇپ ئەستايىدىل ئاڭلىغان خۇجايىن ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىلىپ، يېنىدىن 200 يۈەن چىقىرىپ :« سىلەر ئۆيگە بېرىپ ئاجرىشىش توختامنامىسىنى يىرتىۋىتىدىغان تۇرۇپ يەنە ئۆيگە مېڭىپ كەتمەكچىمۇ ؟ مەن سىلەرنىڭ كونا تۇنۇشۇڭلار ئىكەنمەن، سىلەر 20 يىل ئىلگىرى ئىچكەن چۆچۈرىنى خوتۇنۇم ئۆز قولى بىلەن تۈگكەن، ئۇ چاغدا مەن نامرات بىر يايمىچى ئىدىم. ھازىر كاتتا بىر مېھمانخانا خۇجايىنىغا ئايلاندىم. بىراق مەن پۇل تاپقاندىن كىيىن جاپالىق كۈنلەردە ھەمراھ بولغان خۇتۇنۇم بىلەن ئاجراشتىم، بالىلىرىمنى يىتىم قالدۇردۇم. سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . باياتىن گىپىڭلارنى ئاڭلاپ مەنمۇ ئەقلىمنى تاپقاندەك بولدۇم. ھازىرلا بېرىپ خوتۇنۇمنى قايتۇرۇپ كىلىمەن» دېگىنىچە سىرتقا قاراپ ماڭدى. سىز بىلەن جاپا - مۇشەققەت، راھەت - پاراغەتتە بىللە ئۆتكەن قەدىردانىڭىزدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، سىزنى مۇشۇ كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بارلىقىنى ئايىمىغان ئاشۇ يايرىڭىز بىلەن بىللە ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ قويۇڭ، سىزنى مەڭگۈلۈك بەختكە مۇيەسسەر قىلغىنى تېخى يېقىندىلا تۇنۇشقان، ۋەدىلەشكەن يايرىڭىز بولماستىن، بەلكى ئاشۇ ياشلىقىنى، گۈزەللىكىنى، بارلىقىنى سىزدىن ئايىمىغان قەدىردان، مېھرىبان ۋاپادار خوتۇنىڭىزدۇر.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە؛ مىسىرانىم بىلوگى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(12)
80%
ناچار
(3)
20%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • باياۋاندىكى گۈلخان

    1.مارتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى. بۇندىن سەل ئىلگىرى قەشقەر ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغۇلاڭچى قوشۇنلار بىلەن يېڭىشەھەرگە بېكىنىۋالغان ما جەنسىڭ قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھاسىرە ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ، نىسپىى تېنچلىق شە...

  • تۇغۇلغان كۈن سوغىسى

    ياقۇپ ئىسمائىل بۇ بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى. يىگىرمە يىلدىن بېرى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان قەھرىمان ماركىلىق قەلەمنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئالغىنىمدا، يۈرىكىم تاتلىق بىر سېزىم ئىلكىدە تىپچەكلەپ، ئۆزۈمنى گويا يىگىرمە ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قى...

  • قوشنامىنىڭ ئىتى

    ئاپتورى:ئەختەم ئۆمەر ، قوشنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىت باقىدىغان بۇلۇپ كەتتى. سەللا جېنى بار ، ئېپى بار ، پۇلى بار ، يولى بار ، ئەمىلى، ئورنى بارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىت بېقىشنى مودىغا ئايلاندۇرۋېلىشتى . 90- يىللاردا يانفۇن مودا بولغان ، ھازىر بولسا تىلەمچى...

  • بىر چىنە چۆچۈرە

    بىر كۈنى ئاق بولۇت مېھمانخانىسىغا پۇزۇر كىيىنگەن، 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر جۈپ ئەر - خۇتۇن كىردى. ئۇلار قارىماققا ساياھەتكە چىققان ئەر - خۇتۇنلاردەك كۆرىنەتتى. مۇلازىمەتچى قىز كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تاماق تىزىملىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى، ئېرى تاماق تىزى...

  • قەبرەئالدىدا

    ئەزىز ئىمىر يانغىن -ئاھ ئانا !سەن يالغۇز قىزىڭنى ئۇ دۇنياغا بىرگە ئېلىپ كەتسەڭ بولماسمىدى؟...ئەمدى بۇ دۇنيادا ئىگە -چاقىسىز قالغان غېرىپ قىزىڭنىڭ بېشىنى كىممۇ سىلايدۇ ؟ مىنىڭ بۇ ھەسرەتلىك نالىلىرىمنى ھېچكىم ئاڭلىمايتتى ، قەبرە توپىلىرىنى ھۆل قىلىۋاتقان كۆ...

  • كىتاپپۇرۇشلۇق

    مەۋلانە مۇھەممەد ئەمىن (يارقىن ) قاچانلاردىندۇر بىلمىدۇق زاماندىن زارلانغۇچىلاردىن بولۇپ قالدۇق،سىلىقلاشتۇرۇپئوبزورچىلار دىيىلسەكمۇ مەنچە بىزدەكلەرنى بىكاچى شىكايەتچىلەر دەپ ئاتالسا ئەڭ مۇۋاپىق. بۇ ھېكايىنى كۆرۈپ بەلكىم بىزنىڭ مەھەللىنىىڭ چوڭلىرى ئۆيدىكى...

  • كۈزدىكى چېچەك

    جىررىڭ... جىررىڭ... ياتاق تېلفۇنىنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى مېنى خىياللار قاينىمىدىن تارتىپ ئاچىقتى. ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلفۇننى ئالدىم : -ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! -ۋەلەيكۇم ئەسسالام! ھەبىبە بارمىدۇ؟ -ھە مەن شۇ. ئادىل ئاكامما؟ -ھە مەن. رۇخسەت سوراپ ئۆيگە بىر كېلىپ ك...

  • ئالماشقان لەقەم

    ...

  • ئېرىم يوقاپ كەتتى

    ...

  • ئالدامچى تۈنلەر

    لوقمان بۆرىخان كېچە قاراڭغۇسى يېيىلىپ كېلىۋاتقان پەيتتە نۇر قۇربېشى خەرسەڭ تاشلار پاناسىدىن باش كۆتۈرۈپ، كەڭ تۈزلەڭلىكتىكى قىشلىغى تەرەپكە مەيۈس-مەھزۇن تەلمۈردى. يا رەب، ھۇۋۇلداپ تۇرغان مۇنۇ خارابىلىك ئۇنىڭ ئانا ماكانىمىدۇ؟! قېنى، قىر باغرىدا يېيىلىپ يۈرگ...

  • كۆيۇۋاتقان شام

    ياخشىمۇ سەن دىلبەر؟ دوستۇم ،ئىسىڭدىمۇ ؟بىر چاغلاردا مەن ساڭا قايسى بىرىنىڭ ھالىنى ئىيتىپتۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپ،ھايات نىمانچە سىرلىقتۇر؟دېگىنىمدە،سەن ماڭا ؛دىلنار،ئاشۇ تۇرمۇشنى مۇرەككەپلەشتۇرگەنمۇ،ھاياتنىسىرلىقلاشتۇرغانمۇ ماڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئادەملەردەپ ج...

  • « پادىچى بالىنىڭ»خىيالى

    ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن. - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە. مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەر...

  • ئىشەكىنىڭ ئىلىتىپاتى

    ئەزىز ئەيسا (ھىكايە) كانارا ئورنۇتۇلغان ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسىنى سۆرەپ بالىسى بىلەن بالدۇرلا بازاردىن يېنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان سايىم سوق ،يىراقتىنلا بازارنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ئۆستەڭ بۇيىدىن يۇغان بوز ئىشىگىنى سۇغۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقا...

  • بايۋەتچە خوراز

    ئاپتۇرى مۇھەممەت ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن ھۆپۈپ خېنىمنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش...

  • سادىقلىق

    بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇن ئىنىتايىن غۇربەتچىلىكىتە قالغاچقا ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىردىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىركۈنى ئەر خۇتۇنىغا؛ -سۈيۈملۈكۈم مەن يىراقلارغا بېرىپ ئىشىلەپ ، پۇل تاپماقىچى بۇلۋاتىمەن . سىنى راھەت، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قلىغۇدەك ب...