1.مارتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى.
بۇندىن سەل ئىلگىرى قەشقەر ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغۇلاڭچى قوشۇنلار بىلەن يېڭىشەھەرگە بېكىنىۋالغان ما جەنسىڭ قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھاسىرە ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ، نىسپىى تېنچلىق شەكىللەنگەنىدى قوزغۇلاڭچىلارنىڭ ئاساسى قىسمى مەھمۇد مۇھىتى باشلامچىلىقىدا يەكەنگە كەتكەن؛ ”شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى“ نىڭ شامەنسۇر، ئەمىر ساھىپ نۇرمۇھەممەت باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلىرى يېڭىسارغا جايلاشقان ئىدى.
بۇ چاغدا خوجانىياز ھاجى ئۈرۈمچىدىن كېلىۋاتقان مافۇيۈەن قىلىسملىرىنى توسۇش ئۈچۈن مارالبېشىغا بىر بۆلەك ئەسكەر ئەۋەتىپ،ئۆزى ئاققاش ئەتراپىدا تۇراتتى.
مارالبېشىدىكى توسۇپ زەربە بېرىشنىڭ مۇۋەپپىقىيەتسىز بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئاتۇش ئاغۇ بىلەن تەڭگە تار تەرەپكە چېكىندى. مافۇيۈەن قىسملىرى ئارقىدىن قوغلاپ تەڭگە تارغا كەلگەندە خوجانىياز ھاجى ئەپلىك يەر شارائىتىدىن پايدىلىنىپ دۈشمەننى چىكىندۈرىۋىتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن توختاپ قالغان ئەركەشتام سۆھبىتىنى داۋام قىلىش ئۈچۈن كەتكەنىدى.
مافۇيۈەن قىسىملىرى قەشقەرگە كېلىپ ماجەنساڭ قوشۇنلىرىغا قوشۇلغاندىن كېيىن ،27 - مارت تاڭ سەھەردە يېڭىسارغا ھۇجۇم باشلىدى .شۇنىڭ بىلەن نىسپبى تېنچلىق بۇزۇپ تاشلاندى. ئەمى. ساھىپ نۇرمۇھەممەت بەرداشلىق بېرەلمەي، سېپىل دەرۋازىلىرنى تاقاپ مۇداپىئە كۈرىشى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ چاغدا مەھمۇد مۇھىتىلار يەكەندە ئىدى. ئۇلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال يېڭىسارغا قاراپ ئاتلاندى.
”مامۇت سىجاڭ ئەسكەر باشلاپ يېڭىسار بازىرىغا كىرىۋاتىدۇ“ دېگەن خەۋەر ھايت-ھۇيت
دېگىچە پۈتۈن بازارغا پۇر كەتتى. ھەربىيلەرنى كۆرسە قورقىدىغان توخۇ يۈرەكلەردىن باشقا
كىشلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كوچىلارغا چىقىپ يەكەن دەرۋازىسى تەرەپتىن كېلىۋاتقان جەڭچىلەرنى زور ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ ئىچىدە كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئالدىدا 45 ياشلار چامىسىدىكى ئورتا بويلۇق، گەۋرە كەلگەن، كالتە سېرىق ساقال،
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
كەڭ يۈزلۈك، بۇغداي ئۆڭلۈك، قىلىچ ھەم تاپانچىلار بىلەن قوراللانغان ئىنتايىن سۈرلۈك، يوغان كۆزلىرىدىن كىشنى تىترىتىدىغان ئاللىقانداق نۇر چېچىپ تۇرغان كىشى كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قېشىداقوش تاپانجا ۋە قىلىچ ئېسىۋالغان چەبدەس بىر يىگىت ياندىشىپ كېلىۋاتاتتى.
―ئاشۇ سۈرلۈك ئادەم مامۇت سىجاڭ دېگەن شۇ! دېدى ھەممىدىن خەۋەردار، پاراڭچى
سارايۋەن ئۆزىنىڭ ھەممىنى سوراپ تۇرغۇچى مېھمىنىغا ھېلىقى ئورتا بويلۇق، كالتە سېرىق ساقال كىشىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، قېشىدىكىسى ئۇنىڭ نەۋكىرى ئىلياس، ئۇ يىگىت مامۇت
سىجاڭنىڭ قورۇقچىلىرىغا باشلىق.
سارايۋەننىڭ قېشىدا قورشاۋدىن بۇرۇن يېڭىسارغا كېلىپ، سارايۋەنگە مېھمان بولۇپ تۇرۇپ قالغان مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تۇراتتى. سارايۋەن قېرىندىشىدەكلا بولۇپ قالغان كىچىك بۇرۇتلۇق بۇ ئەپەندىگە بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ بەرگەن،
ئىز تورى www.iz.la
ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا مۇشۇ يىللاردىكى زور ۋەقەلەرنىڭ ئاساسلىق قەھرىمانلىرنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.
―ئاينا ئاۋۇسى قۇربان نىياز،... ئاۋۇ قۇربان سەئىدى، سارايۋەن ھەر بىر بۆلۈنمىنىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان ئوفىتسىرلارنى تونۇشتۇراتتى، ئاۋۇ سەمىتاجى، ئاۋۇسى غوپۇر، بۇلار تەنجاڭلار
―تاغا، سىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوبدان بىلىدىكەنسىزغۇ؟ دەپ سورىدى مەمتىلى ئەپەندى قوشۇنلار ئۆتۈپ بولۇپ، ئۇلار سارايغا قايتىپ كېتىۋاتقاندا
―ئۇلار بۇندىن ئىلگىرى يەكەنگە ئۆتكىچە چوڭلىرىنى تونىۋالغان گەپ بولمامدۇ. ھەم ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر تونۇشۇم بار، ئۆزى چوڭ كاتتىۋاش ئەمەس، ئەسكەر باشلىقى، يۈز بېشى چېغىمدا، ئۇنىڭ ئېتى ئابدۇنىياز، ئۆزى مامۇت سىجاڭ بىلەن تۇرپاندىن تاتىپ بىللە كەلگەن يىگىت. ئۇنىڭ بىلەن خېلى ئوبدان تۇنۇشلارىدىنبىز. ئەگەر چولىسى تەگسە مېنى ئىزدەپكېلىپمۇ قالىدۇ، چېغىمدا، ―دېدى سارايۋەن ئىشەنچ بىلەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سارايغا قايتىپ كىرىشكەندىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى ھامان ئۇرۇش ھەققىدە باشقىلارنىڭ پىكرىنى بىلىشكە تىرشىپ گەپ كوچىلىدى. باشقىلارمۇ ئۇرۇشنىڭ چاپسانراق ئاياقلىشىپ ئۆيگە پاتراق يېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشاتتى. شۇڭا ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا ئۇرۇش ھەققىدە گەپ بولىۋاتاتتى.
مەھمۇد مۇھىتى يېڭىسارغا كېلىپلا ئەسكەرلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەمىر ساھىپ ئەسكەرلىرىدىن سەپنى ئۆتكۈزىۋالدى. تۇڭگانلار ماڭشىن تەرەپتىن سېپلغا يېقىنلىشىشقا تىرىشاتتى. سېپىل ئۈستدىكىلەر ئۇلارغا يېقىنلىشىش ئىمكانىيىتى بەرمەيتتى. ئۇرۇشتا شامەنسۇرنىڭ پۇتىغا ئوق تېگىپ، ئەمىر ساھىپ نۇرمۇھەممەدنىڭ ئەسكەرلىرى پۈتۈنلەي سەپتىن چېكىنىپ چىقتى .جەڭگاھتا پەقەت مەھمۇد مۇھىتى قوشۇنلىرىلا قالدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ۈلكە شۇنچىلىك قۇدرەتلىككى، ئۇنىڭغا جاھاندىكى ھەر قانداق مەن مەن دېگەن كىشلەرمۇ بوي سۇندۇ.
-ئېمىل زورلا
بۇ چاغدا سارايدىكى مېھمانلار كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ ئاندا - ساندا ئوق ئاۋازلىرىغا قۇلاق سېلىپ ئولتۇرۇپ، مۇشۇ ۋەزىيەت ھەققىدە سۆزلىشەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئازدۇر -كۆپتۇر تەشۋىش بار ئىدى. تەۋپىقنىڭ ھەمراھلىرىدىن باشقا سارايدا يەنە بىر قانچە سودىگەر ۋە ھەر خىل يولۇچىلارمۇ بارىدى. سودىگەرلەرنىڭ قولىدا پۇللۇق مال بولغاچقا ھەممىدىن بەك تەشۋىشلىنەتتى. ھەتتا بەزىلەر خوتۇن - بالىلىرىنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يىغلاشقا باشلىغانىدى.
―ۋەتەنداشلار، ئۇرۇشقا ئاز - پاز بولسىمۇ پايدىمىز تەگسە، غەمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەسسىمىزنى قوشساق ياخشى بولاتتى، دېدى مەمتىلى ئەپەندى تىت - تىت بولۇپ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نېمە دەيدىغانلا، ئەپەندى؟ زېرىكىپ قېلىۋاتقان ئوخشىماملا؟ دېدى توختاجى بېشىنى چايقاپ، بىز ئۆزىمىزنىڭ جېنى بىلەن ھەلەك، سىلى تېخى... يوق گەپنى قىلماي ئىچلىرى
پۇشقان بولسا ساز چېلىپ بەرسىلە، ئۇمۇغۇ كۆڭۈل خاتىرجەم بولسا تېتىيدىغان نېمە...
―شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇرۇشنى پاتراق تۈگىتىش ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشساق دەيمەن- دە، قولىمىزغا قورال ئالايلى، مەھمۇد مۇھىتى ئالدىغا بارساق بىزگە قورال بەرمەسمۇ؟ شۇ چاغدا سارايۋەن خوشال ھالدا كىرىپ كەلدى .
مەن دېمىدىممۇ، ئابدىنىياز بىلەن بىز ئانداق مۇنداق تونۇشلاردىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىدۇ، دېمەپمىدىم. مانا، دېگىنىمدەك ئۇ مېنى ئىزلەپ كەپتۇ،
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دېدى ئۇ ۋە ئارقىسىدىكى بەستلىك ئادەمنى كۆرسەتتى، - مانا ئۇلار، مەن كىشىگە سىلەرنىڭ
گېپىڭلارنى قىلىپ بېرىۋىدىم، ئۇ كۆرۈشۈشكە قىزىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىردەم يېرىمدەم گەپلىشىپ ئولتۇرىمىز دەپ باشلاپ كەلدىم.
سارايۋەن ئۇنى تونۇشتۇردى. مەمتىلى ئەپەندى ئۇنىڭدىن ئۇرۇش ۋەزىيىتى ھەققىدە سوراشقا
بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ خوشال بولدى. ئۇلار ئولتۇرۇپ بولۇشقاندىن كېيىن مەمتىلى ئەپەندى ئابدىنىيازدىن سورىدى:
―ئۇ گەپلىرىنى قويسىلا، ئەپەندى، ―دېدى سودىگەرلەردىن بىرى، ―بىز قاچانغىچە تۆشۈككە بېكىنگەن چاشقاندەك ئولتۇرىمىز، دەپ سورايلى ئاۋۋال.
―تۇڭگانلار بىزنى چاشقان تۆشۈكىگە كىرىۋېلىشقا مەجبۇر قىلغاندىكىن ئۈستۈنلۈك ئەلۋەتتە شۇلار تەرەپتە بولىدۇ دە! ―ئابدىنىيازنىڭ ئاۋازىدا نارازىلىق سېزىلەرلىك جاراڭلاپ تۇراتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
―بۇ ھالەت قاچانغىچە داۋاملىشار؟
―بىزنىڭ ئوقىمىز تۈگەپ تۇڭگانلارغا تەسلىم بولغىچە! يا بولمىسا يېڭىسارنى تاشلاپ قاچقىنىمىزغىچە داۋاملىشىدۇ! مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەمتىلى ئەپەندى ئابدىنىيازنىڭ كۆڭلىدە يوشۇرۇن بىر نەرسە بارلىقىنى ھېس قىلدى. ھەمدە ئۇنىڭ يۈرەكلىك، دادىل ئادەم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى.
―قارىغاندا، كۆڭلىڭىزدە غۇمىڭىز باردەك تۇرىدۇ، ئويلىغانلىرىڭىزنى دەپ باقمامسىز، ھېچ بولمىسا قورسىقىڭىز بوشاپ قالار، دېدى مەمتىلى ئەپەندى دوستانىلىق بىلەن، كىم بىلىدۇ ”ھەر سۆڭەكتە يىلىك بار، ھەر كۆينەكتە بىر ئەركەك“دېگەندەك تېخى سىزگە ياردىمىمىز تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
ئابدىنىياز بۇ يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان، چىقىشقاق ئادەمگە لەپپىدە قاردى.ئارقىدىن
ئەخمەد ئەپەندى، توختاجىلارغىمۇ بىر - بىرلەپ قاراپ گويا ”سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن نېمە كېلەر“ دېگەندەك باش چايقاپ قويدى.
دوستۇم، قارىغاندا بىزنى مەسلىھەتكە يارىمايدۇ، دەپ ئويلاۋاتقاندەك تۇرىسىز، مەن سىزگە شەيخ سەئىدىنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى ئوقۇپ بېرەي:
بەزىدە كاللىسى ئۆتكۈر دانادىن
چىقمايدۇ دۇرۇسراق تەدبىر مەسلىھەت.
بەزىدە ئۇقۇشماي بىر گۆدەك نادان-
ئوق ئاتسا نىشانغا تىگىدۇ ھەيۋەت.
―بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟
ئابدىنىيازنىڭ چېگىشىپ تۇرغان كۆڭلى بىردىنلا ئېچىلىدى. ئۇ سۆھبەتداشلىرىنىڭ ئاددىي ئادەملەر ئەمەسلىكىنى، ئۇلار ئالدىدا كۆرەڭلىك قىلىپ قويغىنىنى ھېس قىلىپ، كۆڭلىدىكى نارازىلىقىنى، قارىغۇلارچە قىلىنىۋاتقان ئۇرۇشنى بىر - بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پىلانىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
―مەنچە بولسا سېپىل ئىچىگە سولۇنۇپ يېتىپ مۆكۈشمەك ئوينىماي، سىرتقا چىقىپ ئۇرىشاتتىم! ھاڭگىتلىق تەرەپتىن بىر بۆلۈك ئەسكەر چىقىرىپ، چولانئېرىق، قوشمە تەرەپلەر بىلەن ئايلىنىپ سىتلىگە―تۇڭگانلارنىڭ ئارقىسىدىن كېلىدىغان بولسا لومودى چولاقنىڭ
كۆرگۈلىكىنى كۆرسەتكىلى بولاتتى! ―ئۆزىڭىزنىڭ تەدبىرىنى نىمىشكە باشلىقىڭىزغا ئېيتمايسىز؟ دەپ سورىدى مەمتىلى ئەپەندى. ―شۇنى دەيمەن، ―دەپ لوقما سالدى توختاجى، ―تەدبىرلىرىغۇ خېلى جايىدا تۇرىدۇ. نىمىشكە سىناپ بېقىش ئۈچۈن باشلىقلىرىغا دېمەيلا؟―دېسەم ئاڭلىسىغۇ، بىر نۆرى، ئاڭلىماي قالسا، تېخىمۇ چاتاق يېرى ”ماڭا ئاقساقاللىق قىلىپ ئەقىل ئۈگەتمەكچىمۇ “دەپ يامان كۆرۈپ قالسا پايدىسى يوق تە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
―ئىنقىلاپچىلار ئەگەر بىر نىيەتكە كەلمىسە، توغرا پىكىرنى قوبۇل قىلىپ، خاتانى تۈزەتمىسە
قانداقمۇ غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ؟ قارىغاندا بۇ ئىش بەك مۇھىم ئىكەن، مەن بۇ ئىشقا بەك دەقەت بولىۋاتىمەن .ئەگەر سىز ئېيتىشنى خالىمىسىڭىز مانا مەن ئېيتىمەن. توپ - توغرا مەھمۇد مۇھىتىنىڭ ئۆزىگە ئېيتىمەن. شۇنداق قىلسام بولارمۇ؟
―سىجاڭنىڭ ئۆزىگە؟...!―
ھەئە، بولمامدۇ؟ ئۇ كىشى ئىنىقلاپ باشچىلىرىدىن بىرى بولغاندىكىن ئەلۋەتتە
بۇنىڭغا توغرا قارار؟ بولمىسا ئىنتايىن خاتا قىلغان بولۇدىغۇ؟
―ئۇ كىشىغۇ توغرا پىكىرلىك ئادەم، بىراق... ئابدىنىياز توختاپ قالدى
―ئۇ دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشتىن بىرى مۇشۇنداق ئىشلار تۇرسا، www.iz.la
ئۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەس؟ ھازىرلا بېرىپ ئېيتسام بولارمۇ؟
―بۇ چاغ بولغاندا بەك ئەپسىز بولار، ئەتە بارالا، ―دېدى سارايۋەن گەپ قىستۇرۇپ.
―سىز بۇ ئىشقا راستىنلا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتتىڭىزغۇ؟ ھەيران بولۇپ سورىدى ئابدىنىياز : ―نىمىشكە كۆڭۈل بۆلمەيدىكەنمەن؟ ئىنىقلاپ يالغۇز ھەربىيلەرنىڭلا ۋەزىپىسىمۇ؟ ئۇ پۈتۈن خەلقنىڭ، ھەر بىر پۇقرانىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسۋەتلىك تۇرسا كۆڭۈل بۆلمىسەم بولامدۇ؟ قانداق، ئەپەندىلەر؟ ئۇ ھەمراھلىرىغا قارىۋىدى، ئۇلار باش لىڭشىتىشتى. مەمتىلى ئەپەندى كۆپچىلىكنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ئەتىسى ئەتتىگەندە مەھمۇد مۇھىتى بىلەن كۆرۈشۈشكە نىيەت قىلدى. ئابدىنىياز ئەتىسى ئەتىگەندە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بولغاچقا بالدۇرراق ئارام ئېلىش ئۈچۈن مېھمانلار بىلەن خوشلاشتى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
―يەنە كۆرۈشۈپ قالارمىز، ―دېدى ئۇ بۇ يېڭى تونۇشلىرىغا ئەمدىلا كۆڭلى چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، بىزنىڭ دوستىلىقىمىز مۇشۇ يەردىن باشلانسۇن.
―بەلكىم ئەتىلا مەھمۇد مۇھىتى ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالامدۇق، تېخى .مەن سىزنىئۇ كىشىنىڭ دېققىتىگە ھاۋالە قىلماقچىمەن. تەدبىرلىك سۇبايلار نى بايقاش قوماندان دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى دە!
―رەھمەت ، ئەپەندىم، ئابدىنىياز ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ خوشلىشىپ سارايدىن چىقىپ كەتتى.
! ―مەممەم! مەممەم! نېمە ئادەمسىلەر؟ بۇ يەردە توي بولىۋاتمايدۇ، ئۇرۇش ئۆلىدىغان گەپ! ―سېپىلغا چىقىپ كېتىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى، توختاجى، ئەخمەد ئەپەندىلەرنى قاۋۇل بىر ئەسكەر توسىۋېلىپ شۇنداق دېدى:
ئۇلار مەھمۇد مۇھىتنى ئۇچرىتالماي، جەڭ مەيدانىغىلا كېلىشكەنىدى. سېپىل ئۈستىدە ۋە سېپىلنىڭ ئۇ تەرىپىدە ھېلىدىن - ھېلىغا ئوق ئاۋازلىرى، گۈمبۈلىگەن پارتلاش سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھاۋا بوشلىقىدىن سېپىل ئىچىگە قاراپ ئوقلار ئۇچۇپ ئۆتەتتى.
―بىزمۇ تويغا ئەمەس، سوقۇشقا كېلىۋاتىمىز، ئىنىم! نېمە، بىزنى مىلتىق تۇتالمايدۇ دەمسىز؟ دېدى مەمتىلى ئەپەندى كۈلۈپ.
―بولمايدۇ، بۇياققا چىقماڭلار! ―جەڭچى بىردە ئۇلاردىن گۇمانلانسا بىردە ئۇلارنى بىھۇدە
ئۆلۈمدىن توسايتتى، ―جېنىڭلارغا ئۇگىلانمامسىلەر!
―قارىغاندا تۇرپانلىقتەك قىلىسىلەر، بۇ دېمەك، مەھمۇد مۇھىتىنىڭ كونا يولداشلىرى دېگەن سۆز دە، بىزمۇ مەھمۇد مۇھىتى بىلەن كۆرۈشمەكچىدۇق، ئۇ كىشى سېپىلدىكەن . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
―سىجاڭ بىلەن؟ ئۇ ئادەم بېشىنى قولتۇقىغا قىسىپ قويۇپ ئوقنىڭ ئارىسىدا يۈرسە،بۇلار ئۇنىڭغا مېھمان بولغىلى كەلگەن ئوخشايدۇ، تېخى! ―جەڭچى نارازى بولغاندەك ئۇياقتا دۈشمەن تەرەپكە قورال بەتلەپ ياتقان ھەمرىيىنى توۋلىدى، ھاي، نىمتۇللا، بۇ يەردە بىزگە مېھمان كەپتۇ. ―نىمە مېھمان؟ ئاياللارمۇ؟ سېپىل ئۈستىدىن سوئال ئاڭلاندى .ئۇلارنىڭ تۇرغان يېرى ھاڭگىتلىق تەرەپ بولۇپ، ئۇلار بۇ يەردە پەقەت تاسادىپيلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈزەتتە تۇراتتى. ئۇرۇشنىڭ قايناۋاتقان يېرى ماڭشىن تەرەپتە ئىدى.
―ياق، سون سون ئەپەندىلەركەن، سىجاڭ بىلەن كۆرىشىمىز دەيدۇ.
بىر - بىرلەپ قاراپ چىقىپ، سىجاڭنى نىمە قىلىسىلەر؟ بۇ يەر بەك خەتەرلىك،سىجاڭ بىلەن جاھان تىنجىغاندا كۆرۈشەرسىلەر،―دېدى. copyright by www.iz.la
―ھوي، ئىنىم، بىز بالا ئەمەسقۇ؟ بىزمۇ جەڭ قىلىمىز دەپ كەلدۇق، نېمە، بىز تۆشۈكتە ئولتۇرىدىغانلاردىنمىدۇق؟
نىمتۇللا ھەمرىيىغا:
―مەڭلىك، سەن قاراپ تۇر، ئۇلار سېپىلغا چىقماي تۇرسۇن، كىم بىلىدۇ، ئادەم دېگەننىڭ ئالىسى ئىچىدە نېمە، مەن باشلىقلاردىن بىرسىگە ئېيتىپ باقاي، ―دېدى ۋە كېتىپ قالدى . كۆپ ئۆتمەي ئۇ قايتىپ كەلدى. لەنجاڭغا دېسەم چۈشىنىپ چۈشەنمەيلا” قىلىدىغان ئادەم
بولسا كەلسۇن، قولىغا قورال بېرىڭلار“ دەۋاتىدۇ. مەيلى، ئۇ دېگەندىكىن بۇلار چىقىپ كۆرۈپ باقمىسۇنمۇ، جېنىغا ئۇگىلانسا كېتىپ قالار. ھەر ھالدا ئېھتىيات ئۈچۈن بۇلارنى داشۇ ياققا ماڭدۇرىۋېتىلى،―دېدى نىمتۇللا. مەمتىلى ئەپەندى ھەمراھلىرى بىلەن سېپىلغا چىقتى. ―سىجاڭغا قەيەردە يولۇققىلى بولىدۇ، يىگىت؟ - سورىدى تەۋپىق. ئىز تورى www.iz.la
ھەر ھالدا پەسراق تۇرۇپ گەپ قىلىڭ، باشنىڭ لازىمى بولسا، كىم بىلىدۇ بۇ ئەتراپتىمۇ
تۇڭگانلارنىڭ پىستىرمىسى بارمۇ، چىڭ قىلىپ بىر ئوق كەلسە بېشىڭىز يوق!سىجاڭنى دەمسىز؟ ئۇ ئادەم ئەمىر نۇرمۇھەممەد بىلەن بىر يەردە بولسا كېرەك، ئۇ كىشىنى بىلىدىغانسىز؟―نۇرمۇھەمممىدىڭىزنى كىم بىلسۇن، قىزىقكەنسىز، بىز چەتئەلدىن كېلىۋاتىمىز. بوپتۇ، مېنى گەپكە تۇتماڭلار، داشۇ قاينىغان يېرىگە بېرىڭلار، تەلىيىڭلار بولسا كەچتە كۆرۈشۈپ قالارمىز، مەڭلىكاخۇن شۇنداق دەپلا ئۆز ئورنىغا بېرىپ، سېپىلنىڭ سىرتىنى كۈزىتىشكە باشلىدى ۋە نىمتۇللاغا، بۇلار ئۆزى زانانە سارىيىدا ئولتۇرماي ئۆزىگە جاپا سېلىپ نېمە قىلىتىكىن؟ ―دېدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دوستلۇققا يارايدىغان ئادەملەردەك قىلىدۇ، بىراق، ھازىر ۋاقتى ئەمەس بولۇپ قالدى.
ئۈچەيلەن جەڭنىڭ بارغانسىرى جىددىيلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال مەڭلىكاخۇن كۆرسەتكەن تەرەپكە بېرىپ روتا كوماندىرىدىن قورال تەلەپ قىلدى ۋە ئۇ كۆرسەتكەن جايغا بېرىپ مىلتىقلىرىنى تۆۋەنگە قارىتىپ بەتلەشتى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
توختاجى بىمەھەل يېڭىسارغا كېلىپ بۇنداق ئوشۇقچە دەدىسەرگە چۈشۈپ قالغىنىدىن بىزارلىق ھېس قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ قورال توتقان قوللىرى بىلىنەر - بىلىنمەس تىترەيتى .قاپاقلىرى سېلىنىپ كەتكەن، ھەرىكەتلىرى ئانچە قولاشماي تۇرۇشلىرىدىن خورلىقى كېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئەخمەد ئەپەندى ئارتۇقچە قىزىشىپ كەتكەن بولۇپ، بارلىق جىمغۇر، ئەمما ھېسياتچان ئادەملەرگە خاس ئىپادىلەر رەڭگى - روھىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. مەمتىلى ئەپەندى توختاجىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، زاتۋۇرنى تاتىپ مىشەك چىقىرىۋاتقان پۇرسەتتە چېقىشىپ دېدى:
―ئادەتتە باي ئادەملەرنى ئۆلۈمدىن بەك قورقىدۇ، دېيىشىدىغان، سىزنىڭ ھازىرقى ھالىڭىزغا قاراپ، بۈگۈن ئىشەندىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
توختاجى خاھلار - خاھلىماس كۈلۈپ قويۇپ:
―توۋا قىلدىم، ما ئادەمنى! جان بىلەن ئويناشقاندەك، مۇشۇ يەردىمۇ شۇ مىجەزى بىلەنلا!
ئەپەندىم، سىلىدىن ئايرىلىپ قالغۇم كەلمىگەچكىلا ئارقىلىردىن كەلدىم، بولمىسا ئاتىمەن
دېسىمۇ كەلمەيتتىم.... بەلكىم بىر سائەت ئىچىدە ئەجەل كېلەر، يەنە نېمە ئانچە خاتىرجەم سىلى؟ قانداقمۇ كۈلگىلىرى، چاقچاق قىلىغىلىرى كېلىۋاتىدۇ؟
―بۇ گەپلىرى بىلەن،« قۇرئانى كەرىم » دىن شۇنداق بىر ئايەتنى ئوقۇغىنىم ئېسىمگە كېچىۋاتىدۇ: «... كەلگەندە نەدە بولساڭلارمۇ ئۇ سىلەرنى ئىزدەپ تاپىدۇ، ھەتتا مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ » مانا قارىسىلا، ئەجەل كېلىدىغان بولسا كۈلمىسەممۇ كېلىۋېرىدۇ، ئەپەندىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇلار تاكى دىۋېزىيە ئىشتاۋىنىڭ ئالاقىچىسىغا يولۇققىچە جەڭ قىلىپ تۇرۇشتى. جەڭ مەيدانىغىلا ئېلىپ كېلىنىپ تارقىتىپ بېرىلگەن ”ئەسكەر تامىقى“دىن تېگىشلىكىنى ئالدى.
گەرچە بۇ بىر ۋاقلىق قۇرۇق نان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا بەكمۇ تاتلىق تېتىدى. ئەخمەد ئەپەندى ئۆزىنى ھەقىقي جەڭچىگە ئايلاندىم دەپ ئويلىدىمىكىن، خېلى شوخلىشىپ قالغاندەك بولدى. ئۇ مەمتىلى ئەپەندىگە قەلبىدىكىنى ئاشكارىلاپ ”ھايات مانا مۇشۇنداق جىددىيلىك ئىچىدە ئۆتسە دەيمەن، كىشى ئارتۇقچە غەملەرنى ئويلاشقا ۋاقت تاپالمىسا...“ دېدى. بۇ بىر ئازاپلىق ئىڭراشقا، ئېغىر تاتقۇچىنىڭ ئۆز ئۆزىگە ئۆلۈم تىلىگىنىگە ئوخشاش سۆز ئىدى. تەۋپىق ئۇنى چۈشىنەتتى .شۇڭائۇ كۆز چاناقلىرىنىڭ ئېچىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنداق، مەمتىلى ئەپەندىمۇ مۇشۇنداق جەڭگىۋار ھاياتنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇ تاپ ئۇمۇ ئۆزىنى ھەقىقىي جەڭچىدەك ھېس قىلماقتا. ئىز تورى www.iz.la
توختاجىلا بۇنداق جىددىلىككە، ئېغىرچىلىققا كۆنەلمەيتتى. چۈنكى ئۇ ئۆمرىدە بۇنداق
رىيازەتلەرنى چېكىپ باقمىغان، ئاۋۇ ئىككىسىنىڭ بولسا سەرسانلىق — سەرگەردانلىقتا كۆرمىگىنى قالمىغانىدى.
دىۋېزىيە ئىشتابىنىڭ ئالاقىچىسى ئەتىسى چۈشتىن كېيىن بۇيرۇق ئېلىپ پولكوۋنىكلار بىلەن
كۆرۈشكىلى كېتىۋاتقاندا مەمتىلى ئەپەندى ئۇنىڭغا سىجاڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ چاغقىچە ئەجبەبىيلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈچ ئەپەندىنىڭ ئۆزلىكىدىن كېلىپ
جەڭگە قاتنىشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پۈتۈن لېنىيە بويلاپ تارقىلىپ كەتكەندى. ―سىلەرنىڭ جەڭگە قاتنىشىۋاتقانلىقىڭلارنى سىجاڭمۇ ئاڭلىدى، ―دېدى ئىشتاپ ئالاقىچىسى، ―ئۇ جەزمەن سىلەرنى چاقىرىدۇ. copyright by www.iz.la
كەچقۇرۇن، مەھمۇد مۇھىتى ئىشتابىدا ئۆزلىكىدىن ئۇرۇشقا ئشتراك قىلغان يوچۇن ئادەملەرنى . كۈتۈپ ئابدۇللا داموللا نەئىمى بىلەن ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ يوغان كۆزلىرىدە جىددىيلىك، ئاق سېرىق كەلگەن چىرايىدا غەمكىنلىك بىلىنىپ تۇراتتى. تاشقىرقى بۆلۈمدە مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى ئىلياس مېھمانلارنى كۈتۈپ تۇراتتى. سەلدىن كېيىن ئىلياس ئىچكىرىگە كىرىپ چاس بەردى: ―مېھمانلار كەلدى، كىرسۇنمۇ؟
―چاقىر―، مەھمۇد مۇھىتى ھاياجانلىنىۋاتقاندەك ئالقانلىرىنى بىر- بىرىگە سۈركەپ قويدى . ئىلياسنىڭ ئىشىك ئېچىپ بېرىشى بىلەن مېھمانلار بۆلۈمگە كىرىپ كەلدى. مەمتىلى ئەپەندى ئۆزىگە خاس جاراڭلىق، ئىشەنچكە تولغان ئاۋازدا سالام بەردى. ئارقىدىن توختاجى ۋە ئەھمەد ئەپەندىلەرمۇ شىلەپىلىرىنى قوللىرىغا ئېلىشتى .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
―ۋەئەلەيكۇم ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، رەھمتۇللاھى ۋەبەركاتاھۇ، مەھمۇد مۇھىتنىڭ روشەن ۋە تولۇق باس ئاۋازى جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ ئەستايىدىل سالىمى مېھمانلاردا ئىشەنچ پەيدا قىلدى . ئارقىدىن ھەربىيلەرچە پىشقان قوللىرىنى ئۇزۇتۇپ كۈچلۈك كۈچلۈك قول سىقىشىپ كۆرۈشتى.
―كۆرۈپ تۇرۇپسىز، ئاغا، قوللىرىمىز خېلى يىرىكلىشىپ قالدى. ئەسلى قەلەم تۇتۇپ كۆنگەن قوللار ئەلەم تۇتۇش بىلەن خېلى پىشتى، ―دېدى تەۋپىق ئوچۇق -يورۇقلۇق بىلەن. توختاجى دوستىغا ھاي بەرمەكچى بولغاندەك پېشىنى بىلىندۈرمەي تاتىپ قويدى.
ئۇ ”سىجاڭ سېنىڭ تەڭتۈشۈڭ ئەمەس، ھۆرمەتتە تۇرغىن“ دېمەكچىدى. بىراق،مەمتىلى ئەپەندى ھەر قانداق ئوردا -ساراي ياكى مەشھۇر ئەرباپ ئالدىدىمۇ ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، تارتىنمايدىغان كۆنۈپ قالغاچقا، ئومۇمەن ھېچ كىشى ئالدىدا قورۇنۇپ تۇرمايتتى، ئۆزى ياخشى دەپ بىلگەن ئادەملەر ئالدىدا گەپ ياساپ ئولتۇرمايتتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
―ئاڭلىدىم، ئاڭلىدىم، جەڭگە قاتنىشىپسىلەر، ―دېدى مەھمۇت مۇھىتى كۈلۈمسىرەپ، ―خوش ئۆزۈڭلار كىم؟ نېمە ئۈچۈن جەڭگە قاتناشماقنى ئىختىيار قىلىپ قالدىڭلار؟―بىزمۇ مۇشۇ قان - ياشقا تولغان زېمىننىڭ پەرزەنتلىرى. ئەسلىمىز قەشقەردىن. بۇ كىشىنىڭ ئىسمى توختاجى، قەشقەر قىزىل دۆۋىدىكى تۇداخۇنباينىڭ ئوغلى، ئۆزى ھەم سودىگەر، ھەم سەيياھ؛ ئىلىم ئەھلىنىڭ دوستى، ئازادلىق جەڭچىلىرىنىڭ ھامىسى. بىز چەتئەلدە تونۇشقان، ماۋۇ دوستىمىز ئەخمەد ئەپەندى. ئەسلى قەشقەر شەھىرىدىن. ۋەتەننىڭ تەقدىرى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىنى دەپ سەرسان سەرگەردان بولۇپ، ئەل كېزىپ، ئاخىر تۈركىيىدە ئوقۇغان. ئەمدى ئۇ ۋەتەندە ئاقارتىش ئېلىپ بېرىش، ئىنقىلاپقا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ. كەمىنىڭىز مەمتىلى ئەپەندى، لەقىمى تەۋپىق، قەشقەر ئاتۇشتن. مېنىڭ كەچمىش كەچۈرمىشلىرىممۇ ئەخمەد ئەپەندىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، مەنمۇ شۇنداق مەقسەتتە ۋەتەنگە قايتتىم.قورشاۋدىن بىر كۈن ئاۋۋال يېڭىسارغا كېلىپ چۈشكەنىدۇق، تەقدىرى قىسمەتتە بىزنىڭ قورشاۋدا قېلىشىمىز پۈتۈلگەنمۇ قانداق، بۇ يەردە جەڭلەردىمۇ بولدۇق. دوستىلىرىمغا ۋاكالىتەن ئاخىرىقى سوئالىڭىزغا جاۋابىم شۇكى، ۋەتەن ھەممىمىزنىڭ، ئىنقىلاپ ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ بۇرچى، شۇڭا گېزى كەلگەندە ئەلەم تۇتۇشمۇ، قەلەم تۇتۇشمۇ بىزنىڭ كۆزلىگەن مەقسىدىمىزگە ئۇيغۇن.
ئىز تورى بەك ياخشى
―ئولتۇرۇڭلار، بۇرادەرلەر، نىمىشقا تۇرىمىز، ئولتۇرۇپ سۆزلىشەيلى، دېدى مەھمۇد مۇھىتى كۈلۈمسىرەپ. ئۇ مېھمانلارغا ئەمدىلا ئىشەنچ قىلغاندەك ئۆزىنى تونۇشتۇردى، ئاندىن
كاتىبى ئابدۇللا داموللىنى تونۇشتۇردى .ھەممەيلە بەھۇزۇر ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن، تۈركىيىدىن كېلىۋاتقان بولساڭلار قەشقەردىكى يۈسۈپ زىيا، مەجىددىن ئەپەندىلەرنى تۇنۇيدىكەنسىلەر ئۇلارمۇ تۈركىيىدىن كەلگەنلەرىكەن، ئۇ تەۋپىقنىڭ ئاللىقانداق بىر يەرلىرىنى ئاكىسى مەخسۇد، مۇھىتىغا، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا ئوخشىتىپ يۈرىكى دۈپۈلدەپ
كەتتى. ”ئۇلارنىڭ سۆزلىرى نەقەدەر ئوخشايدۇ - ھە؟“ دەپ ئويلىدى ئۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
―شۇنداق، ئۇ ئەپەندىلەر بىلەن ئوبدان بىلىشىمىز، ئۇلار ئىلگىرىرەك كېلىشكەن. دېمەك، ئۇلار سالامەت ئىكەن ―دە؟
―بۇ يەردە ۋەزىيەت شۇنداقلا بولسا قانداق قىلىسىلەر؟ جەڭگە قاتنىشىۋېرەمسىلار؟
―بىز شۈبھىسىز ئىنقىلاپنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدۇق .ئەمما سىزگە بەزى پىكىر - تەكلىپلەرنىمۇ بەرمەكچىمىز. ―خوش؟ مەنمۇ سىلەرنىڭ كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغىنىڭلارغا قاراپ شۇنداق ئويلىغانىدىم، ئەمسە ئويلىغانلىرىڭىلارنى قالدۇرماي ئېيتىپ بېقىڭلار.
مەمتىلى ئەپەندى يوشۇرۇن ھالدا سېپىلدىن چىقىپ، تۇڭگانلارنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈش ھەققىدىكى چارىنى سۆزلەپ بەردى. بولىدىغان مەسلىھەتكەن، سىناپ باقساق بولىدۇ. قارىغاندا سىزلەرنىڭ ھەربىي بىلىمىدىنمۇ ―خەۋىرىڭلار بارىكەن دە؟
ئىز تورى بەك ياخشى
―ياق، بىز بۇ ئىشقا ساۋاتىسز، بىراق، قوشۇنىڭىزدا ھەربىي ئىقتىدارى بار ئادەملەرنى ئۇچراتتۇق، ئەگەر ئۇلار مۇۋاپىق ئىشقا قويۇلۇپ، رولىنى جارى قىلدۇرسا ئىنقىلاپ ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق بولاتتى. ئەپسۇسكى، قوشۇن ئىچىدە مەسىلە ئېغىردەك قىلىدۇ، تەۋپىق سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە توختاجىنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى. توختاجى ئۇنىڭغا بولدى قىل دېگەندەك ئىشارە قىلاتتى.
―بىزنىڭ قوشۇندىكى كىمنىڭ ئويلىغان چارىسىكەن بۇ؟
―ئابدۇنىياز، دېگەن ئەسكەر باشلىقىنىڭ. ئۇ ئۆزىنى يۈز بېشى دېدىغۇ دەيمەن.
―ئابدۇنىياز؟ مەھمۇد مۇھىتى شۇنداق بىر سوئال قويۇپ سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن ئىلياسنى چاقىرىدى، ئابدىنىيازنى دەرھال بۇ يەرگە ھازىر قىل!
―خوپ! ئۇ غوپۇر تەنجاڭنىڭ قولىدا، ھازىرلا باشلاپ كېلەي.
ئىلياس چىقىپ كەتتى. ئابدىنىياز چاپسانلا چاقىرتىپ كېلىندى .ئۇ ئۆزىنى دادىل تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى كونكېرىت ئوتتۇرىغا قويدى. مەھمۇد مۇھىتى ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى يېقىن ئارىدا سىناپ كۆرۈشكە ۋەدە قىلدى. ―قوشۇنىمىزدا يەنە قانداق مەسىلە ئېغىركەن؟ سورىدى سىجاڭ. ―ھەربى ئىنتىزام ياخشى ئەمەس، ھەربى ئىنتىزامنىڭ ياخشى بولماسلىقى
جەڭگىۋارلىقنىڭ سۇسلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جەڭگىۋارلىق بولمىسا ئۇرۇشتا ئۈستۈنلۈك قازانغىلى بولمايدۇ . ―يەنىچۇ؟ مەھمۇد مۇھىتى تەۋپىقتىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇرۇپ، يەنە بىر قېتىم ئاكىسىنى ۋە ئابدۇخالىقنى ئەسلىدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
―يەنە ئەسكەرلەردە ئاڭلىق جەڭ قىلىش روھى كەم، ھەتتا يوق. كوماندىرلاردىمۇ شۇنداق.
ئىنقىلاپنىڭ دەسلىۋىدە نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، بارا - بارا ئۇ نىشان سۇسلىشىپ كەتكەندەك، پەقەت باشلىقلىرى ئۈچۈن ”ھاشار“ غا جەڭ قىلىدىغان بولۇپ قېلىشقان. ئەمەلدارلاردا بولىدىغان شەخسىي مەقسەت ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەمنى قۇربانلىق قىلىشتىن يانمايدىغاندەك بىر خىل...
―مەسىلەن؟ مەھمۇد مۇھىتى بۇ سۆزلەرنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرغاچقا سۆز ئارىلىۋەتكۈسى كەلمەي پەقەت قىسقا سوئاللارنى سوراش بىلەن چەكلەندى.
―تەۋپىق ئەپەندى شامەنسۇرنىڭ پۇتىغا ئوق تېگىشى بىلەنلا ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنى سەپنى ئىز تورى www.iz.la
تاشلاپ، ئۇنى كۆتۈرۈپ چېكىنىپ چىققانلىقىنى نەزەردە تۇتىۋاتىدىغۇ، دەيمەن، دېدى ئەخمەد ئەپەندى سۆز قىستۇرۇپ. ئۇ بۇ ئىشقا تەۋپىقتىن كەم كۆڭۈل بۆلمەيتتى. شۇڭا تارتىنىشنى قويۇپ، قاراشلىرىنى سۆزلەشتىن ئۆزىنى تۇتۇپ قالالمىدى، ―ئۇغۇ سىزنىڭ قوشۇنىڭىز ئەمەس، ئىشقىلىپ شۇنداق ئىشلار سىلەردىمۇ يوق ئەمەستەك تۇرىدۇ. بىر باشلىققا ئوق تەككىنى ئۈچۈنلا پۈتۈن قوشۇن سەپنى تاشلاپ كەتسە بۇ قانداق كۈرەش؟ ئەگەر ئۇ ئۆلۈپ كەتسە كۈرەشنى پۈتۈنلەي توختۇتۇپ، قوشۇننى تارقىتىۋېتىش كېرەكمۇ؟―شۇنداق، دەپ تەستىقلىدى تەۋپىق، شۇنڭغا ئوخشاش ئەھۋاللار سىلەرنىڭ قوشۇنىڭلاردىمۇ خېلى باردەك قىلىدۇ .قوشۇندا بىرى، ھەربىي تەلىم تەربىيىنى چىڭ تۇتقۇلۇق، ھەربى مەشىقنى ھەر ۋاقىت تاشلاپ قويماسلىق كېرەك. ئىككىنچى ھەربىيلەردە ئاڭنى ئويغۇتۇ ئۇلارغا سىياسىي دەرس بېرىش كېرەك. ئۇلار قارىسىغا ئۇرۇش قىلىدىغان ئەمەس، ئاخىرقى نىشاننى بىلىپ ئۇرۇش قىلىدىغان بولىشى كېرەك!
مەھمۇد مۇھىتى بۇ سۆھبەتكە بەكمۇ ئېتىۋار بىلەن قارىدى. شۇنداقلا سۆھبەتداشلىرىنى ياقتۇرۇپ كېلىپ، مەسلىھەت بېرىپ تۇرىشىنى ئىلتىماس قىلدى. ئۇ - قالدى. ئۇ ئەپەندىلەرنىڭ پات مېھمانلارنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كېين ئابلا دامۇللىغا:
―مېنىڭچە، بۇلار بىزنىڭ قوشۇنغا تازا كېرەكلىك ئادەملەركەن. ئۇلارنى ئەسكەرلەرنىڭ سىياسىي تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىغا قويسا بەك ياخشى ئىش بولغۇدەك، دېدى.
―بولمىسا ئۇلارنى بىللە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلايلى، دېدى ئابدۇللا داموللا نەئىمى.
―كېيىنچە بىر نېمە دەرمسىز، دېدى قوماندان ۋە ئابدۇنىيازنىڭ تەكلىپىنى سىناپ كۆرۈش
ئۈچۈن كۆڭلىدە كونكىرىت لايىھە ئويلىنىشقا باشلىدى. غەربىي شىمال تەرەپتىن دۈشمەن ئارقىسىغا ئۆتۈش چارىسى سىناپ كۆرۈلدى. شۇ كۈنى زەربىدارلار ئەترىتىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلغان تەۋپىق، رازۋىتكىچلار بىلەن بىللە بارماقچى بولغانىدى. بىراق مەھمۇد مۇھىتى ئۇنىڭ بۇ خەتەرلىك ئىشقا قاتنىشىشىغا قوشۇلمىدى. زاپاستىكى قىسىملارغاسىياسىي دەرس بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاڭلىغان تەۋپىق ھەمراھلىرىغا:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
―ماھمۇد مۇھىتى بىلەن تونۇشقىنىمىز زىيان بولدى، دېدى، توختاجىنى تېرىكتۈرۈپ،
تونۇشمىغان بولساق جەڭچى دېگەن شەرەپلىك نامىمىز بولاتتى، ئەلەم تۇتاتتۇق. سېپىلدىن
چىقىدىغانلار بىلەن بارالمىغان تەقدىردىمۇ سېپىل ئۈستىدە مىلىكە ئۇرىشىغا قاتنىشاتتۇق. مانا ئەمدى ئەپەندىلىك قىلىدىغان بولدۇق، توختاجى دوستىمىزغۇ بىر ئۇھ دەپ تىنىۋالىدىغان بولدى، جېنى تاتلىق ئادەمكەن ئەمەسمۇ. مەھمۇد مۇھىتى جاۋابەن سالاپەتلىك قىياپەتتە كۈلۈمسىرەپلا قويدى. شۇنداق بولسىمۇ تەۋپىق زەربىدارلار ھەققىدە ھەر ۋاقىت سۈرۈشتە قىلىپ تۇردى. بۇ چارە ئوبدانلا ئۈنۈم بەرگەن بولۇپ، ماجەنساڭ قوشۇنلىرى زور تالاپەتكە ئۇچىرىتىلدى. بىراق، ئۈرۈمچى تەرەپتىن چېكىنىپ كېلىۋاتقان ماجوڭيىڭنىڭ قىسىملىرى ماجەنساڭ تەرەپنى تولۇقلاپ كۈچلىنىپ كەتكەچكە كۈچ سېلىشتۇرمىسى جەھەتتە تەڭ كېلىشكە بولمىدى. مەھمۇد مۇھىتى بۇ چارىنى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى سىناپ كۆرگەندە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ قالدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاپېرىل كۈنى ئەركاشتامدا سوۋېت تەرەپ بلەن سۆھبەتلىشىپ قايتىقان خۇجىنىياز ھاجى
يېڭىسارغا يېتىپ كەلدى. ئۇ كېلىپلا مەھمۇت مۇھىتى بىلەن مەخپى مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.
مۇزاكىرىدىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ خادىملىرى، خاس قۇرۇقچىلىرىنى ئېلىپ ئالدىن يەكەنگە يۈرۈپ
كەتتى. مەھمۇد مۇھىتى بۇ يەردىكى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئارقىدىن ماڭىدىغان بولدى .
ئۇ ئاۋۋال ئەمىر نۇرمۇھەدنى چاقىرىتىپ، ئۆزىنىڭ قوشۇنىنى ئېلىپ يەكەنگە كېتىدىغانلىقىنى
ئيتتى .ئىككىسى ھەربى ئىشلار ھەققىدە ئۇزاق سۆھبەتلەشتى. ئاندىن ئىلياسنى ئەۋەتىپ مەمتىلى ئەپەندىلەرنى چاقىرىپ كەلدى.
―ئەپەندىلەر، ھاجىمنىڭ بۇيرىقى بىلەن مەن ئەسكەرلەرنى ئېلىپ يەكەنگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئەمىر نۇرمۇھەممەد يېڭىساردا قالىدۇ. بۇلار بۇ يەرنى ئۇزاق تۇتۇپ تۇرالمايدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاڭۋاچۇن مەن سىلەرنى بۇنداق تا شلاپ كېتەلەيمەن، دېدى مەھمۇد مۇھىتى ئاللىقانداق
ئىچكى ئازاپ بىلەن چىرايى پۈرۈشكەن ھالدا ئەسلىدە مەن سىلەرنى بىز بىلەن قېلىشقا تەكلىپ قىلىش خىيالىدا بولۇپ يۈرگەنىدىم. شۇنداق قىلسام، سىلەر قوشۇندا بىزگە مەسلىھەتچى، ئەسكەرلەرگە ئۇستاز بولساڭلار پايدىلىق بولاتتى. ئەمدىكى ئەھۋال بۇ نىيىتىمنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. قوشۇن بىلەن بولىدىغان ئىشلارنىڭ قۇيرىقىنى قۇم باستى، ھاجىمنىڭ بۇيرىقىدىن بۇ نەرسە ئاشكارىلاندى. ئاڭۋاچۈن، سىلەرنىڭ تېنچراق مۇھىتقا ئېرىشىپ مەكتەپ ئاچمىقىڭلار دۇرۇستراق تۇرىدۇ. ساۋاتىسز خەق بىلەن قىلغان ئىنقىلاپنىڭ قانچىلىك نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەتتىن كۆردۈم، تويدۇم. ئىنقىلاپ ئۈچۈن بۇ نەرسە تولىمۇ مۇھىم ئىكەن... www.iz.la
مەن سىلەرنى بۈگۈن كېچە مۇھاسىردىن چىقىرىپ، لومپا، ئاتۇشباغ تەرەپ بىلەن يولغا سېلىپ
قويماقچىمەن،تاشمىلىقتا قاسىم بەگنىڭ ھوزۇرىغا كىرىڭلار.مەھمۇدمۇھىتى ئەۋەتكەن كىشلەرمىز دەڭلار، ئۇ سلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولىدۇ. قەشقەرگە تېنچ - ئامان يېتىپ بارساڭلار مەجىددىن ئە پەندى، يۈسۈپ زىيا ئەپەندىلەرگە مەندىن سالام ئېيتىپ قويارسىلەر.
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بىر نەرسىلەرنى كوچىلاپ سورىغۇسى بار ئىدىيۇ، بىراق، بۇ چاغدا مەھمۇد مۇھىتنىڭ قوڭۇر ساقاللىق كەڭ يۈزىدە ھەربىيلەرگە خاس جىددىلىك، سۈرلۈك قىياپەت ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ھەر قانداق سۆھبەت ئۈچۈن ۋاقتى ۋە ھەپلىسى يوقتەك بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
قىلاتتى.
―ئىلياس! مەھمۇد مۇھىتى جىددىي بۇيرۇق قىلدى، ئابدىنىياز ئۆزىنىڭ ئىشەنچىلىك
ئادەملىرىدىن يىگىرمىنى ئېلىپ دەرھال ھازىر بولسۇن،―ئۇ ئىلياس چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئەپەندىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ، بىر نۇقتىغا
تىكىلگىنىچە تۇرۇۋەردى. بۆلۈمدە سۈرلۈك جىم جىتلىك ھۆكۈم سۈرەتتى. پەقەت سىرتتا ئەسكەرلەرنىڭ قەدەم تىۋىشلىرى ئاڭلانغاندىلا، ―ئەپەندىلەر، بىز دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. بىز داستىخان ئۈستىدە تونۇشقان دوستلارغا ئوخشىمايمىز. جەڭ مەيدانىدا تونۇشتۇق. مۇشۇ دوستلۇقنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈن سىلەردىن سورايدىغىنىم، ھەر قانداق ئىككىلىنىشلەردە بولماي، خەلقنى ئوقۇتۇڭلار. ئامان بولساق كۆرىشەرمىز! ئۇ كۈچلۈك قوللىرى بىلەن ئەپەندىلەرنىڭ قوللىرىنى ئاغرىغىدەك سىقىتى. ئەپەندىلەر بولسا ئۇنىڭ قەلبىدە نېمىلەر ھۆكۈم سۈرىۋاتقانلىقىنى بىلىش كويىغا چۈشكەندەك زۇۋان سۈرۈشمىدى. پەقەت ئاخىرىقى مىنۇتلاردىلا: ―خەيىر، خوش! خۇدايىمغا ئامانەت!... ―دېيىشتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
لومپا تەرەپكە ئېلىپ كەتتى. تەۋپىق ئىنىقلاپ تەقدىرى ھەققىدە ئويلاپ، كۆڭلى مەيۈسلىنەتتى. چۈنكى ئۇ مەھمۇد مۇھىتنىڭ تەلەپپۇزىدىن خوجا نىياز ھاجىمنىڭ يامان خەۋەر بىلەن كەلگەنلىكىنى، قوراللىق كۈرەشنىڭ توختايدىغانلىقىنى، ... ئىنىقلاپنىڭ ئاللا كىملەر تەرىپىدىن شىڭ شىسەيگە سېتىۋېتىلگەنلىكىنى ھېس قىلغانىدى...
تاڭ سەھەرنىڭ نەمخۇش، سوغۇق ھاۋاسى ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرەتتى.چېچەككە پۇركەنگەن باغلار گىرىمسەن كۆرۈنەتتى. كائىنات ”ئانا ئۇيقۇسى“ غا چۆككەن بولۇپ، قۇلاقنى ئېتىۋالغاندەك جىملىق ھۆكۈم سۈرەتتى.
ئابدۇنىياز نىمتۇللا بىلەن مەڭلىكاخۇنلارنى ئالدىن رازۋىتكا قىلىپ مېڭىشقا بۇيرۇپ، ئارقىدىن ئۆزى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئەپەندىلەرنى ئېلىپ كېتىۋاتاتتى. مەمتىلى ئەپەندى ئاللقانداق قىممەتلىك نەرسىنى تاشلاپ كېلىۋاتقاندەك كۆڭلى قىيمىغان ھالدا يېڭىسار بازىرى تەرەپكە ئۆرۈلۈپ قوياتتى. ئۇلار ئارىلىىقتىكى سايدىن شەپىسىز ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆتۈپ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
لومپىغا يېقىنلاشقاندا ئالدىدىكى چارلىغۇچىلاردىن ”دېققەت“ سىگىنالى كەلدى.ئابدۇنىياز ئەسكەرلەرنى دەرھال مۆكۈنۈپ كۈزىتىشكە بۇيرىدى ھەم بىردەم تىڭشاپ تۇرغاندىن كېيىن: پاپىلاپ مېڭىڭلار! ―دېدى.
ھەممىنىڭ كۆڭلىنى ۋەھىمە ئەسىر قىلىۋالدى. ئۇلار لومپا تەۋەلىكىدىكى بىر باغنىڭ ئارقىسىدا گۇمانلىق بىر نەچچەيلەننى قورشىۋېلىشتى. نىمتۇللا ئابدۇنىيازغا دوكلات قىلىپ:
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئۇلار قوراللىق ئادەملەر، بۇنىڭدا شەك يوق. ئەمما كىملىكىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ،―دېدى. قورشاۋدىكىلەرگە خىتاپ قىلىندى: ―قورالنى تاشلاپ تەسلىم بولۇڭلار!
―ئاناڭنى! ... ”تازغا تاڭاتقان نەدە بار“ دېگەندەك، تەلىيىمىز تازىمۇ كاژ كەلدىغۇ... يەنە قولغا چۈشۈپتۇق!... ―قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ سۆزلىرى كېچە جىملىقىدا ئۈزۈك - ئۈزۈك ئاڭلاندى. ھوي، ئۇلار تۇڭگانلار ئەمەس ئوخشايدۇ، شامەنسۇرنىڭ ئادەملىرى، يا بولمىسا خوجانىياز گۇمانلىق كۆلەڭگىلەر تەرەپتىن پىچىرلاش ئاڭلىنىپ تۇراتتى. I... ... ھاجىنىڭ ئادەملىرى―ياق، تۇڭگانلار !بىز خەقنى ئالدىغا سېلىپ كەلگەن بولسا نېمە دېگۈلۈك؟ قاراپ تۇرۇپ دامىغا چۈشكىچە ئېتىشىپ ئۆلەيلى، ھەقىچان تەسلىم بولساقمۇ بىزنى ئاتىدۇ...
ئىز تورى www.iz.la
―ھوي! بىز خوجانىياز ھاجىنىڭ ئەسكەرلىرى!
―مامۇت سىجاڭنىڭ! تىزرەك بۇ تەرەپكە كېلىڭلار!
―بىزنى ئىشەندۈرىدىغان دەلىلىڭلار بارمۇ؟ بولمىسا ئېتىشىمىز!
―بۇ لومۇدىلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ تۇرغاندا تۇڭگانلار ھازىرلا يېتىپ كېلىدۇ، ئاتايلى، دېدى مەڭلىكاخۇن.
―توختاڭلار، دېدى تەۋپىق سۆزگە ئارىلىشىپ، ئوق چىقىرىپ جىملىقنى بۇزۇش تېخىمۇ
پايدىسىز. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىقى ئېنىق تۇرسا ئۆز مىللىتىمىزنى قىرىمىزمۇ؟ مەن ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارنى ئىشەندۈرۈپ ئېلىپ كېلەي، شۇنداق دەپ ئۇ بەخرامان
ھالدا تام تۈۋىدىكى قېرىمدا قورال بەتلەپ ياتقانلار تەرەپكە قاراپ كەتتى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
―توختا !ئاتىمەن! دەپ ۋارقىرىدى ئۇياقتىكىلەر.
―ئەپەندىم، قايتىپ كېلىڭ، داۋۇ [ 14 ] تەلۋىلەر ئېتىپ سالمىسۇن! سىجاڭ مېنىڭ بېشىمنى تېنىمدىن جۇدا قىلىدۇ!
―مەندە سىلەرنى ئىشەندۈرىدىغان دەلىل بار. ئوق چىقىرىشپ نېمە قىلىمىز؟ ئۇلارمۇ ئوق چىقارمايدۇ، تەۋپىق شۇنداق دېدى كېتىۋېتىپ، بىز ھەممىمىز بىر مىللەت تۇرۇپ،
كىم ئۈچۈن بىر بىرىمىزنى ئاتىمىز؟ بۇنچىلىك ئىشنى ئويلىغۇدەك ئەقلىڭلار باردۇر؟ ئۇ كېتىۋېتىپ شۇنداق دەيتى. ئارىلىقمۇ ئانچە يىراق بولمىغاچقا ئىككى تەرەپتىكىلەرگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
―سىلەر بىزنى تۇڭگانلارغا تۇتۇپ بېرىسىلەر، ...
―ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇلار تۇڭگان قوشۇندىن قاچقانلاركەن، ئابدىنىياز شۇنداق پەرەز قىلدى. مەمتىلى ئەپەندى ئۇلارغا يېقىن بېرىپ: مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
―مانا مېنىڭ جېنىم بىزنىڭ دۈشمەن ئەمەسلىكىمىزنىڭ دەلىلى، ئەمدى قورالىڭلارنى ماڭا
بەتلەپ، ئارقامدىن مېڭىڭلار ئەگەر بىزنىڭ تەرەپتە تۇڭگانلار بولسا يېقىن بارغاندا قاراپ بېقىپ، ئاندىن مېنى ئېۋەتىسەڭلار بولىدۇ، ―دېدى
سەمىمىيىتىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇ گەپ بىلەن قاچاقلار ئىككىلىنىپ قالدى.تەۋپىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا ئۇندىدى. ئۇلار تەۋپىقنىڭ ئارقىسىدىن بۇ تەرەپكە كېلىشتى. يېقىن كەلگەندە توختاپ ئەھۋالنى كۈزەتتى .ۋە سەل ئىشەنچ ھاسىل قىلىپ تېخىمۇ يېقىن كەلدى.
―بىز ماجەنساڭنىڭ قولىدىن قاچتۇق قوراللىرىمىزنى ئېلىۋېلىپ، بىزگە ئۆيلىرىمىزگە كېتىش ئۈچۈن18 ياشلارغا ―ئىجازەت بەرسەڭلار بولدى، ―دېيىشتى ئۇلار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمدىلا17 كىرگەن بىر يىگىتمۇ بارىدى. تۇڭگانلار ئۇنى مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتىۋالغان بولسا كېرەك، مەمتىلى ئەپەندى ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قالدى.
نىمتۇللا بىلەن مەڭلىكاخۇن ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋالماقچى بولغانىدى، تەۋپىق ئۇلارنى توستى. بۇلار يەنە نى - نى پالاكەتلەرگە يولۇقىشى مۇمكىن، قوراللىرى ئۆزىدە قالسۇن،
قورال دېگەن ئىشەنچىلىك ھەمراھ، ―دېدى ئۇ، ئاندىن بىر ئاز خاتىرىجەملىككە ئېرىشكەن قاچاقلارغا―مېنىڭ ئىسمىم مەمتىلى، قەشقەر ئاتۇشتىن، ... ―ئۇ ئۆزىنى تونۇشتۇردى، ― www.iz.la
تونۇشۇپ قويايلى، بۇ تار دۇنيادا بىر كۈنى يەنە كۆرۈشۈپ قالارمىز، ―ئاندىن قاچاقلارنىڭ
ئىسمىنى سورىدى، ھېلىقى بالا چىراي يىگىتكە قىزىقىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئالاھىدە سورىدى.
―ئېتىم رېھىم، ئارالدىن، مۇشۇ يەرگە يېقىن، مېنى تېخى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا تۇتىۋالغان، ―دېدى يىگىت.
―يۇرتىڭىز بۇ يەرگە يېقىن بولسا ئۆيگە بارماڭ، ئۇ يەرلەردە تېخى تۇڭگانلار بولىشى كېرەك
ياخشىسى قەشقەرگە كېتىپ بىر زامان شۇ يەردە پاناھلىنىپ تۇرۇڭ، ―دېدى تەۋپىق ئەنسىرەپ .
―قەشقەردە ھېچكىمىم يوق، شە دېگەندە تېنەپ قالسا يامان، ―دېدى رېھىم.
مانا بۇ ئاكىڭىز چوڭ باي، قىزىلدۆۋىلىك، ئىسمى توختاجى، ئۇنى ئىزدەڭ، بولمىسا قەشقەر
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نوۋېشىغا بارسىڭىز ئۇ يەردە يۈسۈپ دېگەن بۇرادىرىمىز بار، ئۇنى تاپسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇ مۇئەللىم، سىز تېخى بالىكەنسىز، بەلكىم ئوقۇپ قالارسىز بۇ گەپ بىلەن گۇماندىن پۈتۈنلەي خالاس بولغان قاچاقلار چىن كۆڭلىدىن:
.بولدى بىزگە بۇ كۆسەيلەرنىڭ كېرىكى يوق، زېرىكتۇق، زادى ... ! دېيىشتى.
―خاتا دەۋاتىسز، ئىنىم، بىزنىڭ جىمى بەختسىزلىكىمىز قولىمىزدا مۇشۇ ”كۆسەي“ لەرنىڭ بولماي كەلگەنلىكىدە. ئۇنىڭ خەتىرى ―سىز ئۇنىڭ ئالدىغا روبىرو بولۇپ قالسىڭىز بولىدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ قولىدىكى قورالدىن سىزگە زىيان يەتمەيدۇ. ئۇ خاتىرجەملىك ۋە بەخت
كەلتۈرگۈچى. ھەدىستىمۇ ”جەننەت قىلىچىنىڭ سايىسىدا“ دېيىلگەن. دېمەك، مۇشۇ كۆسەي دېگىنىڭىز ئەنە شۇ قىلىچ. ئۇ قولىمىزدا بولسا جەننەتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋاسىتە بولىدۇ. ئالغاچ كېتىڭلار. بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويساڭلار ئاخىرى بىر كۈنى ئەسقاتىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ. تەۋپىق رېھىمگە ئېچىنىش، ئىچ ئاغرىتىش ھىسىياتىدا بېقىپ، ئۇنىڭ قورالنى تاشلىماي بىر يەرگە يوشۇرۇپ قويۇشىنى تاپىلىدى ۋە قەشقەرگە بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
―سىلەرگە ئىجازەت! دېدى ئابدىنىياز، يولۇڭلارغا مېڭىڭلار.قاچاقلار تاڭ سۈبىھىسىنىڭ گىرىمسەن يورۇقىدا يىراقلاپ كەتكەندىن كېيىن بۇلارمۇ يولىنى داۋام قىلدى، ئابدىنىيازلار مېھمانلارنى لومپىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قايتىپ كەتتى.
تۆتىنچى باب
لومپىدىن چىققاندىن كېيىن يەنە كەڭ دائىرىلىق سايلىق باشلىناتتى. غىلاڭ تاشلىق سايلىقنىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىدىن شەرقى شىمال تەرەپكە قاراپ ئىككى - ئۈچ تاشلىقچە
تاغ سۈيى ساينى كېسىپ ئېقىپ تۇراتتى. سايلىقنىڭ ئەتراپىنى يېزىلار يىراقتىن ئوراپ ئالغان، غەربى جەنۇپ ۋە جەنۇپ تەرەپتە پەس تاغلار گىرمسەن كۆرىنەتتى تاڭ سەھەرنىڭ تۇمانىدا ئۇ خۇددى پەردە ئارقىسدا تۇرغاندەك بىلىنەتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ساي غەرب تەرەپتە كىچىككىنە يېشىل بەلۋاغ بىلەن ئۈزۈلۈپ، ئارقىدىن يەنە ساي باشلىناتتى. بۇ كىچىككىنە يېشىل بەلۋاغ تۈن دەپ ئاتىلاتتى. تۈندىن كېيىنكى سايمۇ شىمال ۋە شەرق تەرەپلىرى يىراقتىىن يېشىل سىزىق بىلەن؛ جەنۇپ ۋە غەربى جەنۇپ تەرەپلىرى سۇس كۆك رەڭدىكى تاغلار بىلەن ئورالغانىدى. بۇ ساي بولسا غەرپ تەرەپتە يەنە يېشىل بەلۋاغ
بىلەن ئۈزىلەتتى. بۇ يەرنى موغۇل دەپ ئاتىشاتتى.
موغۇلدىن چىققاندىن كېيىن يول 30لۇق يانتۇلۇق بىلەن داۋاملىق يوقۇرى ئۆرلەپ، ئۇپۇق سىزىقىدا غايىپ بولاتتى. يولنىڭ سول تەرىپىدە خۇددى گۈزەل سۈرەتلەرنىڭ ئارقا مەنزىرىسىدەك غۇۋا تاغلار كۆرىنىپ تۇرىدۇ. ئوڭ تەرەپ چېكى يوقتەك بىلىنىدىغان يانتۇ سايلىق، يول بولسا مانا شۇ بۇلۇتنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇرغاندەك قارا ساينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاقۇش لېنتىدەك سۇزۇلۇپ ياتاتتى. بىراق بۇ نەپىس لېنتا ئەمەس، كىشىلەر ئاياقلىرى بىلەن پەيدا قىلغان، توپا ئۆرلەپ تۇرغان ئاياغ يولى ئىدى. يولۇچىلار موغۇلدىن ئۆتكەندىن كېيىن شەرق ئۇپۇقى قىزىرىپ قوياش كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، غەرپ تەرەپ ئاسمىنىنىڭ يىراق بىر يېرىدە لەيلەپ يۈرگەن بىر پارچە ئاق بۇلۇت قوياشنىڭ دەسلەپكى نۇرلىرىدا شەلپەر ئاسقاندەك نۇرلىنىپ كەتتى. بۇ 1934 - يىل 8 -ئاپرېلىنىڭ سەھەرى ئىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
―بۇ قېتىمقى سەپىرىم ھەقىقەتەنمۇ پالاكەتلىك بولدى، دەپ غۇدۇڭىشىدى توختاجى تەقدىردىن ئاغرىنغان ھالدا. ئۇ ھېرىپ قالغانىدى .
―خۇداغا شۈكرى دېيىشىڭىز كېرەكىدى، خەيىر...، سىز قانداق ئويلايسىز، ئەخمەد ئەپەندى؟―سورىدى تەۋپىق ئەمەك ئۈچۈن گەپنى ئۇزارتىشىنى كۆزلەپ.
―ھەر ھالدا ئانچە خاپا ئەمەسمەن.
―مەن ئەكسىچە ئىنتايىن خوشالمەن. چۈنكى بۇ يەردە ئىنقىلاپنىڭ مۇھىم بىر يولباشچىسى بىلەن دوستلىشىپ قالدۇق. بۇ تەقدىردىن يەنە نېمە ئۈچۈن ئاغرىنىغۇدەكمىز؟
―ئەگەر قەشقەرگە بارغىچە مۇشۇنداقلا ماڭىدىغان ئىش بولسا سىلىنىڭ خوشاللىقلىرى تۈتۈندەك يىپ بولۇپ كېتەرمىكىن.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
―نىمىشكە بۇنداقلا ماڭاتتۇق؟ ئەمدى ھەر ھالدا تېنچ مۇھىتقا ئېرىشتۇق.ئالدىمىزدىكى
يېزىدىن ھارۋا كىرا قىلىمىز، كىراغا ھارۋا تېپىلمىسا بىر - ئىككى يىگىتنى ياللاپ ئالىمىز. تاشمىلىققا بارغاندىغۇ ھارۋا تېپىلار؟
―ھارۋا بولمىسا ئۇلاق تېپىلسىمۇ بولاتتى.
―ئۈمىدۋار بولۇڭ، ئەپەندى.
يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىۋاتقان ساي يولىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تۈگىگەندە º3گىرادۇسلۇق يانتۇلۇق بىر ئاز تۈزلىنىپ º2 گىرادۇسلۇق يانتۇلۇققا ئايلاندى. بۇ يەردىن ئەمدى ئاتۇشباغ يېزىسىنىڭ دەرەخلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى.
ئاتۇشباغ كۈسەن دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىغا جايلاشقان، تەخمىنەن ئەللىك تۈتۈنلۈك يېزا بولۇپ، بۇ يەردىن ھارۋا تېپىلمىدى. بەكمۇ كەمبىغەل ۋە ئىپتىدائىي تۇرمۇش كەچۈرىدىغان
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ يېزىدىن ئاتمۇ تېپىلمىدى. ھەر ھالدا يامان ئەمەس ئېشەكلەردىن تېپىپ مىنىشكە مۇۋەپپەق بولۇشتى. بىراق، ئۇلاق ئىگىلىرى ئۇلارنى تاشمىلىققا ئاپىرىپ قويۇشقىلا رازى بولدى. مېھمانلار ئاتۇشباغدا چۈشلۈك ئازراق بىر نېمە يەۋالغاندىن كېيىنلا يولغا راۋان بولۇشتى. ئۇلار ئاتۇشباغنىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپى ―ئالتۇنلۇق مەھەللىسىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ كۈسەن دەريا قېشىغا چۈشۈشكە باشلىدى. دەريا بويلىرىدىكى سايازلاردا ئۇششاق ئاچ قىزىل مىۋىلەيدىغان چاتقاللار باراقسان ئۆسۈپ كەتكەندى. شاخلاردا ئۆتكەن يىلدىن قالغان مىۋىلەرمۇ بار ئىدى . دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدە گۈلباغ يېزىسىنىڭ دەرەخلىرى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دەريا قېنى تولىمۇ كەڭ بولۇپ، ئازغىنە سۇ بۇ كەڭ ساي ئىچىدە يېيىلىپ ۋە تاراملارغا بۆلىنىپ ئاقاتتى. www.iz.la
دەريانىڭ ئاخىرى شەرقى شىمال ئۇپۇقىدا غايىپ بولاتتى. يولۇچىلار تاراملاردىن كېچىپ ئۆتۈپ، قارشى قىرغاقتىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان گۈلباغقا يېتىپ كېلىشتى. گۈلباغ يېزىسىنىڭ يېرى قۇمساز، سۈيى مول بولغاچقا ئورمان ياخشى ئاينىيتى. گۈلباغ ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى يەلگەن يېزىلىرىدا تۇغراق كۆپ ئۆسەتتى. دەريا سۈيى تاشقان چاغلاردا ھەر
دائىم نۇرغۇن مىقداردا قۇم ئېقىتىپ كېلىپ بۇ يەرلەرنى قۇم بېسىپ تۇرىدىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. يولۇچىلار ئىشەكلىك بولغاچقا ئانچە ھارغىنلىق ھېس قىلمىدى. ئەكسىچە چۈشتىن
ئاۋالقى ھارغىنلىقى بىر ئاز تارقىغاندەك بولۇپ قېلىشتى. ئۇلاق ئىگىلىرىنى يول بويى پاراڭغا
سېلىپ ماڭغاچقا زېرىكىشمۇ ھېس قىلمىدى. ئۇلار كەچقۇرۇن تاشمىلىققا يېتىپ كەلدى. بۇ يەردە ئۇلار قاسىمبەگنى تېپىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى. تەۋپىق بۇ يەردىمۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ سېھرى بىلەن خۇددى ماگنىتتەك جەلپ قىلىپ، بىرمۇنچە دوست تېپىۋالدى .ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەتىسىلا كەتمەكچى بولىشى ساھىپخانلارنى تولىمۇ مەيۈسلەندۈردى .
مېھمانلارغا گەز دەرياسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىغان بولغاچقا ھارۋا ياللاشقا قولايسىزىدى
شۇڭا قاسىمبەگ ئۇلارغا ئات تېپىپ بەردى. ئۇلار ئوپالغىچە ئاتلىق بېرىشى كېرەك ئىدى.
ئۇلار سەھەردىلا ئاتلىق يولغا چىقتى. بۇ يەردە گەز دەرياسى تەرەپتن سالقىن ئۇزۇلۇپ، دىماققا نەم ھاۋانىڭ ئۆزىگە خاس پۇرىقى ۋە ئاللىقانداق كۆكاتلارنىڭ پۇرىقى بىلىنەتتى.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇلار3 - 4 مېتىرچە ئىگىزلىكىتىكى قاشقا چىققاندىن كېيىن دەريا تەرەپتىن تېخىمۇ كۈچلۈك نەملىك بىلىندى . دەرياسىنىڭ قېنى بۇ يەردە مىڭ مېتىردىن ئارتۇقراق كېلەتتى. بۆلۈنۈپ - بۆلۈنۈپ، ئاشۇكەڭلىك ئىچىدە ئەركە بالىدەك قىيغىتىپ ئاقاتتى.
گەزنىڭ سۈيى بىر قەدەر مول بولغاچقا ھەربىر تاراملىرىمۇ كىشىنى ئەيمىندۈرگىدەك ھەيۋەت بىلەن ئاقاتتى. دەريا قىنىنىڭ سۇسىز يەرلىرىدە ياۋا چاتقال، زىرق، ژۇلغۇن قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەر ، باراقسان ئۆسكەن، دەريانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بىر يېشىل نۇقتا كۆزىگە تاشلىناتتى. بۇ ئارال كەنت ئىدى. بۇ يەردىن غەربى قىرغاقتىكى چامئېرىق كەنتى ئېنىق كۆرىنىپ تۇراتتى. تۆۋەن ئېقىم تەرەپتە بىر كىچىك تاغ دەريا قىنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا چوقچىيىپ تۇراتتى. ئۇلار ھەيۋەتلىك، شوخ ۋە تارام - تارام تاغ سۈيىنى بىر -بىرلەپ كېچىپ ئۆتۈپ چامېرىققا چىقىشتى. ئۇ يەردىن جۇلۇقباشقا قاراپ ئاتلىنىشتى .بۇ ئارىنى ئدىرلىق ساي ئۈزۈپ تۇراتتى. ساي يولىنى كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىن بىر تۆپلىكنىڭ يانباغرىغا جايلاشقان قىرغىز يېزىسى جۇلۇقباشنى ئارقىغا تاشلاپ دۆلەتبۇلىقىغا كېلىشتى. بۇ يېڭى ئۆزلەشتۈرۈلگەن سازلىق بولۇپ، ئوپاللىق سۇلايمان قازىھاجىمغا قارايتتى. بۇيەرنى ئۇنىڭ قىرغىز ئوتاقچىسى مۇساق باشقۇراتتى. يولۇچىلار بۇ يەردە ئاتلارنى دەم ئالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۇسسۇلۇق ئىچىپ مېڭىش ئۈچۈن توختاشتى. سۇلايمان قازى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە ئىكەن. ئۇ توختاجى بىلەن ھەم ئۇنىڭ ئاتىسى بىلەن يېقىن تونۇشلاردىن بولغاچقا مېھمانلارغا ئۆزىنىڭ مېھماندۇستلىقىنى كۆرسەتتى. مۇشۇ قىسقىغىنە پۇرسەتتە مەمتىلى تەۋپىقنىڭ چىقىشقاق مىجەزى بۇ مۆتىۋەر ئادەمنى ئۆزىگە رام قىلىپلا ئالدى. ئۇ ھەتتا مېھمانلار كىتىش ئۈچۈن قوزغالغاندا قىيالماسلىق بىلەن ، ئۆكۈنۈپ قالدى. ―ئەگەر ئالدىراش بولمسام سىلەرنى قەشقەرگىچە ئۇزىتىپ باراتتىم ،ئۇلار مېھماندۇست ساھىپخان بىلەن خوشلىشىپ ئوپالنىڭ تېرەك، شوتا، دۆڭئۆستەڭ، قۇمباغ
كەنتلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ ئوپال بازىرىغا كەلدى. بۇ يەردە ئاتلارنى ئىگىسىگە بېرىۋەتكەندىن كېيىن ھارۋا ياللاپ دەرھال سەپىرىنى داۋام قىلىشتى. ھارۋىغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنى خېلى يېنىك ھېس قىلىشتى. كەيىپى كۆتۈرۈلۈپ
قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەمتىلى ئەپەندى ھارۋىكەشنى پاراڭغا سېلىشقا باشلىدى.بۇنىڭسىز زېرىكىپمۇ قېلىشاتتى. ھارۋىكەش ئەسكەر بولۇپ بىر نەچچە قېتىم جەڭلەرگە ئىشتىراك قىلغان يىگىت بولۇپ چىقتى. ئۇ ئۆزى قاتناشقان جەڭلەر ھەققىدە تولىمۇ جانلىق، تەسىرلىك سۆزلەپ بەردى. ئارقىدىن قەشقەردە يۈز بەرگەن” فېۋرال پاجىئەسى“ۋە شۇ ئايدا تۇڭگانلار بىلەن خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى ئارىسىدا ھىمىتنىڭ سېيىدا بولغان قانلىق جەڭ ۋە قوزغىلاڭچىلارنىڭ پاجئەلىك ھالاكىتى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى ھىكايە قىلىپ ماڭدى. بۇ تۇڭگان دېگەن بەك رەھىمىسىز خەقكەن، بىز خەقنى چامغۇرنىڭ كۆكىنى يۇلغاندەكلا، كاللىسىنى ئېلىپ تاشلاۋېرىدىكەن، خۇدايا! ئىگىسى يوق جاھانمىدۇ بۇ؟ پاشىچىلىكمۇ قەدرىمىز يوق ئىكەنمىز...!
ئۆز مىللىتىڭىز ھەققىدە نېمىشكە بۇنداق يامان گەپلەرنى قىلىسىز، ئىنىم؟ دېدى تەۋپىق جىددىيلىك بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازىدا نارازىلىقمۇ، چېكىپ بېقىشمۇ بارىدى، سىز بۇ
مىللەتنىڭ ”پاشىچىلىكمۇ قەدرى يوق“ ئىكەنلىكىنى ئوبدان چۈشۈنۈپسز، بۇ ياخشى ئەھۋال، لېكىن بۇ چۈشىنىش ئۆز - ئۆزۈمىزنى مەسخرە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، مىللەتنى ”ئالتۇندەك قەدرى“قىلىش ئۈچۈن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ھارۋىكەش بۇ سۆزلەرنىڭ ۋەزنىنى دەڭسەپ كۆرۈش ئۈچۈن ئويلاشقا باشلىدى.مەمتىلى ئەپەندى يەنە ئۇنىڭغا نادانلىق ئاپىتى ھەققىدە، ھۆرلۈكنىڭ بىردىن - بىر يولى خۇراپاتلقتىن قۇتۇلۇپ، ئىلىمگە يۈرۈش قىلىش ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاددىي قىلىپ سۆزلەپ ماڭدى. تەۋپىقنىڭ شۇنچە ئەستايىدىللىقىدىن كۈلگىسى كەلگەن توختاجى ئۇنى بېقىنلاپ: ئىز تورى www.iz.la
―ئەپەندى، قىزىق - قىزىق لەتىپە ئېيتىپ ماڭساقچۇ، بەرىبىر ئۇ بۇلارنى چۈشەنمەيدۇ، ―دېدى.
―مەن ئۇنداق بولىشىغا ئىشەنمەيمەن، ھەر ھالدا بىر ئادەم بالىسى ياخشى گەپ دېگەننى روھى بىلەنمۇ بىر ئاز سېزىدۇ. ھېچ بولمىسا ئازراق مەنپەئەتى بولىدۇ. بىر خىلدا سوزۇلۇپ ياتقان يولدىن زېرىككەن توختاجى يەنە:
―ئەگەر شۇ تاپ بۇ يولنى پايېزدا ماڭغان بولساق، سىلى تەمبۇر چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ ماڭسىلىرى، بىلىنمەيلا يول تۈگەپ قالاتتى، ―دېدى .
―نېمە، سىز پەقەت مەمتىلى ناخشا ئوقۇيدۇ دەپ ئويلامسىز؟ ―دېدى تەۋپىق كۈلۈمسىرەپ
تۇرۇپ، چېقىشىىش تەلەپپۇزىدا، خەلق ناخشىلىرىدىن بىر نەچچىنى ئاڭلىساق نېمىسى يامان؟ مانا بۇ ئىنىمىز بىزگە بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئاڭلىيالمىغان ناخشىلارنى ئوقۇپ بېرىدۇ، دېدى. ئۇلار ھارۋىكەشنىڭ تۈزۈت قىلغىنىغا قويماي ئۇنى ناخشا ئوقۇپ بېرىشكە ئۇندىدى. يىگىت ئاخىر: قاملاشتۇرۇرالمىسام زاڭلىق قىلىشمايلا، دەپ گېلىنى قىرىپ، سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن بىردىنلا جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن ناخشا باشلىدى. ھارۋىكەش يىگىتنىڭ ناخشىسى سۈكۈتكە چۆمگەن دالىدا يىراقلارغىچە دولقۇن تارىتىپ كەتتى. ناخشىنىڭ ئاھاڭىدا ئۆزگىچە بىر خىل كۈچ يوشۇرۇنۇپ ياتاتتى. ناخشىنىڭ مۇڭى ھەربىر ئادەمنى خىيال سەھراسىغا باشلاپ كېتەتتى. شۇ تاپ مەمتىلى ئەپەندى ناخشىنىڭ مۇڭىدىن ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ۋاراقلىغاندەك بولدى: يۇرتىدىن ئايرىلىپ ”تاغ ئارقىسى“ غا كەتكىنى، يېڭى مەدەنىيەت بىخلىرى بىلەن تونۇشقىنى، سەرۋەرگە ئۆيلەنگىنى،... ”ئىسيانچى“ دەپ قارىلىپ تەقىپ قىلىنغىنى ۋە ئىلاجىسىزلىقتىن سوۋېت كېتىپ شەمەيدە تۇرۇپ قالغىنى،.... ئوغلى ئابدۇسەمەتنىڭ تۇغۇلىشى،.... ”ھەيي، ئۇلار ھازىر قانداقراق تۇرىۋاتىدىكىن “ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن تۈركىيەگە كەتكىنى، دەسلەپكى سەرسان - ...! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سەرگەردانلىقتا ئۆتكەن ھايات، ... دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇش، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش، تىرىشىپ سىرتتىن ئۈگىنىش،... گۈزەل ئەدىبە، ئۇنىڭ باياشات ئائىلىسىنىڭ ياردىمى، ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ مېھرىبانلىقى،... ۋەتەندىكى ئىنقىلاپ خەۋىرى... قاتارلىقلار بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتەتتى. ئەخمەد ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ غەمسىز بالىلىق دەۋرىدىن تارتىپ ئويلاشقا كىرىشىپ كەتكەنىدى... ئويلا - ئويلا تۈركىيەدىكى ھاياتى يادىغا كەلدى .سادىق رەپىقىسى تۈرك قىزى سارماشىق ئوغلى ئىستىقلال كۆز ئالدىغا كېلىش بىلەن سېغىنىش پىراقىنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا قالدى...
توختاجىمۇ ئاللىقانداق ئەسلىمىلەر قوينىغا چۆمگەنىدى. ھارۋىكەش بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
كەچمىش دەپتىرىنى ۋاراقلىغاندەك قىلاتتى. لەڭگەرنىڭ دەرەخلىرى كۆرىنىپ تەدرىجىي يېقىنلاپ، ئاندىن ئارقىدا قالدى. سايۋاغنىڭ يوللىرى ئۇلارنى كۈتىۋالدى. ئۇلار پاختەكلىدىن ئۆتۈپ قىزىل دەرياسىغا يېقىنلاشقاندا ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى ئاجايىپ بىر ھېسياتقا ئۆز قۇچىقىغا ئالدى. بۇ شۇنداق ھېسياتىدىكى، ئاشىق ئۆز مەشۇقىدىن ئايرىلىپ، جەڭگە كەتكەن ئوغۇلمۇ ئۆز ئۆيىنىڭ بوسۇغىسى ئالدىغا كەلگەندە ئەنە شۇنداق ھېسياتقا
كېلەتتى. بۇ چاغدىكى ئىنتىزارلىق شۇ قەدەر تەخىرسىز بولاتتىكى، ئۆتكەن نەچچە يىل، نەچچە ئون يىلمۇ مۇشۇ ئاخىرقى سائەتلەردەك ئۇزۇن بىلىنمەيتى. ھەممەيلەن ئالدى تەرەپكە ―شاۋقۇنلىنىپ ئېقىۋاتقان دەريا دولقۇنلىرىغا ۋە ئۇ قاتتىكى شامالباغ، قىزىل دۆۋە تەرەپلەرگە خۇددى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان مەشۇقلىرىنى كۆرمەكچى بولغاندەك بويۇنداپ قاراشتى. قانداقراق بولۇپ قالدىكىن؟ئاخىرقى يىللاردا بۇ قەدىمىي شەھەر نۇرغۇن پاجىئەلەرنى باشتىن كەچۈردى، بۇ يەردە قانلار دەريا بولدى؛ بۇ يەردىن كۆتۈرۈپ چىقىلغان جەسەتلەر بىلەن يېڭىدىن - يېڭى قەۋرىستانلىقلار پەيدا بولدى... شەھەر ئۆزىچۇ؟ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى تىترەپ كەتتى. تەۋپىقىنىڭ قەشقەر ھەققىدىكى خىياللىرى قاناتلىنىشى بىلەنلا شائىرانە ھېسلار قەلبىنى تولدۇردى. ئۇ ئىتىيارسىز ھالدا گۇمنامنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى شائىرانە ئاھاڭدا دىكلىماتسىيە قىلىدى: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەزرەئى لۇتفى ئىلاھىدۇر دىيارى كاشىغەر،
ئىشىق ئېلىنىڭ قىبلەگاھىدۇر مەزارى كاشىغەر.
ئىشقۇ -ئۇلفەت چەشمەسىدىن دەردۇ - مېھنەت جۇش ئېتەر،
تۇفراغى ھەسرەت بىلەن پۈتكەن ھىسارى كاشىغەر.
دىلرەبالەر باغرىنى لەئىلە بەدەخشان ئەيلەگەي،
بىر نىگاھى غەمزەسىدىن گۇلئۇزارى كاشىغەر.
ئەيش ئېلىگە خارىدىن كەلگەي ئىشرەت ئېسى،
چۈن سۇلەيمان دەۋلەتىدۇر خارۇ - زارى كاشىغەر.
ئۇدۇ - ئەنبەر تۇفراغىدۇر، ئابى -كەۋسەردۇر سۈيى،
دۇررى - مەرجان تاشلارىدۇر كوھسارى كاشىغەر....................
مەمتىلى ئەپەندى ئۇ قىرغاقتىكى يېشىللىققا پۈركەنگەن يېزىلارغا تىكىلگىنىچە جىمىپ قالدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
سەلدىن كېيىن ئەخمەد ئەپەندى قوشۇپ قويدى:
يا پەرى، يا ھۆر، يا باغى ئېرەم ياد ئەيلەمەس،
شەھرىنى ئۇنتار، بولۇر ھەركىم دۇچارى كاشىغەر.
ئۇلار ئاللىقانداق ھەيۋەتلىك گۈمبۈرلەشنى كۈتۈپ، دېمىنى ئىچىگە ئالغاندەك جىمىپ كېتىشتى. ھارۋىنىڭ غىچىرلىشى بىلەن تاراقلىشى، دەريانىڭ شارقىرىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇلار ئالدى بىلەن قىزىل دۆۋىگە بېرىپ تۇداخۇنباينىڭ قەدەم جايىغا توختاجىنىڭ ئۆيىگە چۈشتى. ئۇ يەردە توختاجىنىڭ ئىنىسى ئابدېكىرىماخۇن، ساھىپخانلىق قىلدى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!