قىزچاقىنىڭ كۆزى

ۋاقتى:2011-01-31 17:38مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

(ھېكايە)
سۇ جىڭيى

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

   جۇڭ چىنىڭ قولىغا 100 يۈەنلىك ساختا خەلق پۇلى چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان، تىت - تىت بولۇپ، ئۇنى تېزرەك خەجلىۋېتىشنىڭ غېمىدە قالدى. ئۇ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيىغا باردى، ئەمما بۇ يەردىكى مال ساتقۇچىلار ياش ھەم زېرەك بولۇپ، ھەر قېتىم خېرىدارلاردىن 100 يۈەنلىك، 50 يۈەنلىك پۇللارنى ئالغىنىدا ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرەتتى؛ ئۇ كىيىم - كېچەك دۇكىنىغا كىردى، ئەمما بۇ يەردىكى پۇكەيگە پۇل تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇلغانىدى.
   ‹‹ئەجىبا بۇ پۇلنى خەجلىۋېتىشنىڭ ئامالى يوقمىدۇ؟...›› جۇڭ چى شۇلارنى ئويلاپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر ئالما ساتقۇچىنىڭ ئۈچ چاقلىق ھارۋىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ ئالما ساتقۇچىنى چاقىرىپ توختاتتى. ئالما ساتقۇچى 30 نەچچە ياشلاردىكى ئايال بولۇپ، ھارۋىنىڭ يېنىدا 4 ~ 3 ياشلاردىكى بىر قىزچاق تۇراتتى. ھاۋا سوغۇق بولغاچقا، قىزچاقنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتكەنىدى.

ئىز تورى www.iz.la

   بىرىنىڭ ئالما ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئايالنىڭ چىرايىدا كۈلكە ئەكس ئەتتى. ئايال قىزغىنلىق بىلەن جۇڭ چىدىن قانچىلىك ئالىدىغانلىقىنى سورىدى. ‹‹10جىڭ ئالاي›› دېدى جۇڭ چى. ئايال چاققانلىق بىلەن ئالمىلارنى يالتىراق خالتىغا قاچىلاپ، تارازىغا سالدى. جۇڭ چى 100 يۈەنلىك ساختا پۇلنى يانچۇقىدىن ئەمدىلا چىقىرىشىغا، قىزچاق ‹‹ئاپا، ئاپا!›› دەپ توۋلاپ كەتتى. جۇڭ چى ‹‹قىزچاق پۇلنىڭ ساختىلىقىنى بىلىۋالغان ئوخشايدۇ›› دەپ ئويلاپ ھودۇقۇپ كېتىپ، ئالدىراپ - تېنەپ پۇلنى يەنە يانچۇقىغا سېلىۋالدى.
   ئالما ساتقۇچى جۇڭ چىنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلمىدى. ئۇ قىزىدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىۋىدى، قىزچاق:
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

   ــــ ئاپا، سەن بايا تاغامغا بەرگەن ئالمىلارنىڭ ئىچىدە سېسىق ئالما بار ئىكەن! - دېدى.
   ــــ راست شۇنداقمىكەن؟ - ئۇ ئايال قىزىدىن مۇلايىملىق بىلەن سورىدى. ئارقىدىن يالتىراق خالتىدىن ئالمىلارنى ئېلىپ بىر - بىرلەپ ئىلغاشقا باشلىدى. دېگەندەك، بىر ئالمىنىڭ يۈزىدە تەڭگە پۇل چوڭلۇقىدا داغ بار ئىدى.
   ـــــ قىزىمنىڭ كۆزى ھەقىقەتەن ئۆتكۈر، مېنىڭ ياخشى ياردەمچىم - دە! - ئانا قىزىنى ماختىغاچ ھارۋىسىدىن يوغان ھەم قىپقىزىل ئالمىدىن بىرنى ئېلىپ يالتىراق خالتىنىڭ ئىچىگە سالدى. داغ بار ئالمىنى كىچىك بىر ساندۇققا سېلىپ قويدى.
   ئانىسى ماختاپ قويغاندىن كېيىن قىزچاق قىن - قىنىغا پاتماي ساندۇقتىكى 10 دەك سېسىق ئالمىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   ـــــ تاغا، بۇ سېسىق ئالمىلارنىڭ ھەممىسىنى مەن بايقىۋالغان! - دېدى.
   جۇڭ چىنىڭ ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلدى. ئۇ قىزچاقنى ماختاپ قويدى، ئاندىن ئالما ساتقۇچىغا قاراپ:
   ـــــ يەڭگە، ئالمىدا داغ بولسا نېمە بولماقچى، سىز بەك ئەستايىدىل ئىكەنسىز! - دېدى. ئالما ساتقۇچى بېشىنى چايقاپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
   ـــــ مەن ئىشتىن قالدۇرۇلغان، ئۇششاق تىجارەت بىلەن تۇرمۇشۇمنى قامداپ كېلىۋاتىمەن. باشقىلارنى ئالداپ، قاقتى - سوقتى قىلىشنى ھەرگىز راۋا كۆرمەيمەن. بۇ، ئادەم بولۇشتىكى ئەقەللىي قائىدە.
   بۇلارنى ئاڭلاپ جۇڭ چى خىجىللىقىدا ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى. ئالما ساتقۇچىغا چىن دىلىدىن قايىل بولۇپ، ئۆز خىيالىدىن ۋاز كەچتى. ئۇ يانچۇقىدىن يېپيېڭى راست خەلق پۇلنى چىقىرىپ ئالما ساتقۇچىغا سۇندى. ئىز تورى www.iz.la
   ئالما ساتقۇچى يىراقلاشقاندا، جۇڭ چى ساختا پۇلنى چىقىرىپ پارچە - پارچە قىلىپ يىرتىپ تاشلىۋەتتى.
ساتتار غوپۇر قەلەميار تەرجىمىسى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(35)
76.1%
ناچار
(11)
23.9%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • تازلىقى يوق لەغمەن

    ئايالىم ئىككىمىز بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە كېسەل يوقلىغىلى بېرىپ، پاراڭ بىلەن ئىككى سائەتكە يېقىن ئولتۇرۇپ قالدۇق. سېرىق چاچلىق بىر قىز ئالدىمىزغا بىر تەخسىدىن لەڭمەن كەلتۈرىۋېدى، ئايالىم ئاشقازىنىم ئاغرىپ، تۈنۈگۈندىن بۇيان گېلىمدىن ھېچنېمە ئۆتمەيۋاتىدۇ دەپ...

  • كۆك كەپتەر

    تومۇزنىڭ تەپتى يەر جاھاننى كۆيدۈرەتتى. ئاسفالت يول ئۈستىدە گىرىمسەن نۇرلار توختىماي جىمىرلاپ تۇراتتى.ئېرىگەن قارا مايىنىڭ ھىدى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. ۋېلىسىپىت بىلەن كېتىۋاتقان ئېھسان ئىككى تەرىپىگە بويۇنداپ قاراپ قويدى. ئۇ ئېغىر -ئېغىر نەپەس ئالاتتى. يۈزلىرى...

  • تاكسى شوپۇرى

    شىركەتنىڭ ئىشى بىلەن(س)شەھىرىگە يەنە كەلدىم. (دەۋ سارىيى)نىڭ ئالدىغا كەلگەندە، كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ قالدىم. ساراي ئالدىدىكى مەيداندا نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇشقان تاكسىلارغا قاراپ ماڭغاچ، ھېلىقى قىزىل رەڭلىك(شالى)نى ھەيدىگەن تاكسى شوپۇرىنىڭ قىياپىتىنى كۆز ئالدى...

  • ھەربىيىنىڭ مۇھەببىتى

    نىجات يانچۇقىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى. بارلىق دەرت-ئەلەملىرىنى ئاشۇ تاماكا ئىسى بىلەن يۇتماقچى بولغاندەك كۈچەپ شورايتتى. ئاغزى بۇرنىدىن قويۇق تاماكا ئىسى تۈرۈلۈپ چىقاتتى. كۆزى يولدىن، نامەلۇم بىر نوقتىدىن،ئاشۇ سەلدەك ئېقىۋاتقان...

  • بۇزۇلىغان پەرداز

    (ھېكايە) مەمتىمىن ئابدۇقادىر دىلشىكار ئۇ قارشى تەرەپكە يا ياق، يا ماقۇل دېمەيلا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى دە، كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ خىيالغا چۆمدى. ماۋۇ قىزلار شۇ تاپتا ئويۇن تاماشىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەندۇ؟ ھېلى كېلىشسە سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى كۆز...

  • ئۈچ كۆرۈنۈش

    كىشىلەر ھەيدەرنى(ئالما قۇش)دېيىشىكەن، ئالما قۇش؟ بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ دىگەن ئادەم تۇرسا!قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى قۇش دەپ ئاتىسا بۇلامدۇ؟ دوستۇم ئەجەبلەنمەڭ! كۆزۈم كۆرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇنداق ئاتاشىقا قۇشۇلمىغان بۇلاتتىم. ھېلىمۇ بۇنداق(قۇش)لار ئىنىتايىن ئاز ئىكەن...

  • چۆلدىكى بۇلاق

    ئىيۇلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى... ئاپتاپنىڭ تەپتىدىن ئەتراپ تۇنۇردەك قىزىپ كەتكەن ئىدى.كارۋاتلىق ئاپتوبۇس مومدەك يۇمشاپ كەتكەن قارىماي ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى.ئېچىۋىتىلىگەن دېرىزىلەردىن ئىسىسىق شامال ئۇرۇلاتتى. شوپۇر ئاپتوبۇسنى ئۇدۇل(ئەجەل جىلىغىسى)تەرەپكە ھەي...

  • كۆۋرۈكتىكى ئەسلىمە

    ئانا يۇرتۇمىنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ ساپ، چۈنكى ئۇ دەريا بۇيىغاجايلاشقان.كەڭ دەرياغا سېلىنىغان كۆۋرۈكىنى كىشىلەر (يېڭى كۆۋرۈك )دەپ ئاتىشىدۇ. يېڭى كۆۋرۈك بۇ قەدىمىكى يۇرتىنىڭ ھۆسنىگە خۇددى گۈزەل پەرىنىڭ مەڭزىدىكى خالدەك ياراشقان .كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قاتار ك...

  • ئەڭ ئاخىرىقى يۇپۇرماق

    بىر بىمار كارىۋاتتا يېتىپ سىرتتىكى دەرەخكە قاراپتۇ. ئۇ تۇيۇقسىز بۇ دەرەختىكى بىر تال يوپۇرماقنىڭ قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تېخى چۈشۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆڭلىدە مۇشۇ بىر تال يوپۇرماق دەرەختىن تۆكۈلگەن ھامان مېنىڭ ھاياتىممۇ ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ...

  • دادام سوغا قىلىغان گۈل

    بۇ قېتىم ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا ھېس قىلغان ئىدىم ، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمى بولۇپ ، بىرىنچى يىللىق ۋاقتىمدا تونۇشقان يىگىتىم فرانسىسكا مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى ، قانداق قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم . مەن تەكەببۇر...

  • دوختۇرنىڭ ھىكايىسى

    -ئوپىراسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى، ئوبدان دەم ئېلىڭ، ساقىيىپ كېتىسىز. -رەخمەتنى ماڭا ئەمەس ھېكىم دوختۇرغا دەڭ، ھەر ئىككىلى ئوپىراسىيىدە پىچاقنى شۇ تۇتتى. -ھە بىلىدىم ئەسلىدە... شۇئان بېشى يوغان،جۇغى كىچىك،كۆزىئەينىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆسكىلەڭ قاشلىرى دىرىغىيىپ تۇرغا...

  • ئۇلۇغ تاز

    ئاپتورى: قاراشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق1-يىللىق6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پەخىردىن مۇسا. (ھېكايە) جۇغراپىيە نەتىجەم چىقىپتۇ21.7،كەچىتە قۇيۇپ بەرگەندە بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ئۆيگە قاراپماڭدىم.خيال سۇرىۋىرىپ ئۆيگە كىلىپ قالغانىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن،داد...

  • بىلەيزۈك چۈشى(ھىكايە)

    بىلەيزۈك چۈشى(ھىكايە) 1 ساجىدە ئالتۇن بىلەيزۈكى بولىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، ھەتتا چۈشىدىمۇ شۇنى چۈشەيتى. ئۇ گاھىدا ئۆزىنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن ئاغرىنسا ، گاھىدا تۇربا سۈيى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان مۇلايىم، ئىشچان يولدىشىغا باتناپ ، تاپا- تەنىمۇ قىلىپ قوياتتى،...

  • غېرىپ ئاتا

    (ھېكايە) مۇتەللىپ ياقۇپ مالىك بوۋاينىڭ ئايالى تۈگەپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ھەممىسى خېلى بۇرۇنلا ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي ئۈچ يىلدىن بۇيان غېرىبانە بۇ كۆلبىدە تىكەندەك يالغۇز ياشاپ كەلدى. ئوغۇللىرى ناگ...

  • قارانچۇق

    (ھېكايە) ليۇ گوفاڭ بالا كۈندە دېگۈدەك سەھرادىكى مومامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالاتتى. بالىنىڭ مومىسىمۇ نەۋرىسىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. ئەمما بالىنىڭ ئانىسى سەھرانى مەينەت دەپ قارىغاچقا، بارغىلى قويمىدى. بىر قېتىم بالىسى مومامنىڭ ئۆيىگە...