دادام سوغا قىلىغان گۈل

ۋاقتى:2011-03-29 17:48مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
  

    بۇ قېتىم ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا ھېس قىلغان ئىدىم ، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمى بولۇپ ، بىرىنچى يىللىق ۋاقتىمدا تونۇشقان يىگىتىم فرانسىسكا مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى ، قانداق قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم . مەن تەكەببۇر قىز ، ئەتراپىمدا مېنى قوغلىشىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى ، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن بويان يېنىمدىكى يىگىتىمنى توختىماي ئالماشتۇرۇپ تۇردۇم ، ئەمما فرانسىسكا باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇراتتى . ئۇ مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى ، ئۇ دېگەن ھەر قانداق ئىشنى بۇيرۇقتەك ئىجرا قىلاتتىم ، مېنىڭچە پەقەت فرانسىسكالا مەن ھەقىقىي سۆيگەن ئادەم ، ئۆمرۈمدە پەقەت ئۇنىڭ بىلەنلا ئۆتۈشكە نىيەت قىلغان ئىدىم ، بىراق ئاران بىر يىل بولغاندا ئۇ مەندىن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


    مەن قاتتىق ئازاپلاندىم ، تاماق يىگۈم كەلمەيدىغان ، كېچىلىرى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم . ياتاقداشلىرىم ماڭا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلەتتى ، ھەر خىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ مېنى خوشال قىلماقچى بولۇشۇپ ، بەزىدە پىكرىمنى چېچىپمۇ باقتى ، ئەمما بارلىق ئاماللار مەغلۇپ بولدى . بۇ دەل مەن 20 ياش ۋاقىتلىرىم بولۇپ ، مەن قاتتىق ئازاپلانغان ھەتتا زامان ئاخىرى بولغاندەك ھېسياتقا كېلىپ قالغان ئىدىم .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ھەر كۈنى ئازاپلانغاندىن باشقا ، كەچتە ئۆيۈمگە تېلېفون بېرىپ ، ئاپامنىڭ ھېسداشلىقى ، تەسەللىسىگە نائىل بولۇپ كەلدىم . ئائىلىمىزدە ئاپام ئىككىمىزنىڭ دېيىشمەيدىغان گېپىمىز ، دادام ئىككىمىزنىڭ بولسا دېيىشكىدەك گېپىمىز يوق ئىدى ، پاراڭ تېمىمىز پەقەتلا دادا بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئادەتتىكى ئەھۋاللىشىشلا خالاس . ھەر قېتىم تېلېفون ئۇرغىنىمدا دادام ئۆگىنىش ئەھۋالىمنى ، پۇلۇمنىڭ يېتىدىغان يەتمەيدىغانلىقىنىلا سورايتتى . ئىچ سىرىمنى بولسا ئاپامغىلا تۆكۈپ بېرەتتىم ، ئۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا كۆڭۈل بۆلەتتى ، نېمە دەرس ئۆتكەندىن تارتىپ ، تاماقخانىدا قانداق يېڭىلىقلارنى ئاڭلىغان ، قانچە دوستۇمنىڭ بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ قانداق قىزىقىشلىرى بارلىقىنى ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمغىچىلىك سوراپ كېتەتتى ، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىشنى ياخشى كۆرەتتىم . ئەمما ئاپامنىڭ ئۇنى ‹‹ تېپىلماسنىڭ خومىسى ئەمەس›› دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ سېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم ، چۈنكى مەن فرانسىسكانى ھىلىھەم ياخشى كۆرەتتىم . بەختىمگە يارىشا ئاپام ئۇنداق پاراڭلارنى قىلىپ يۈرمىدى ، ھەر قېتىم مېنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ دەرت تۆكۈشلىرىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ، ماڭا ئىلھام ۋە تەسەللى بېرەتتى . بىر نەچچە ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى . كەيپىياتىممۇ خېلى ياخشى بولۇپ قالدى ، بىر كۈنى ئاپام ماڭا بەك ئەخمەقلىق قىپسەن ، ئۆزۈڭنى ئۇنچىلىك قىينىمىساڭ بولاتتى، دېدى . دەل شۇ چاغدىلا ئاپامنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئېسى يادىمنى ئۆگىنىشكە قاراتتىم . بېرىلىپ ئوقۇغاندىن باشقا مەكتەپنىڭ ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتناشتىم . ئاپام تۇرمۇشۇمنىڭ بارا–بارا بىر ئىزغا چۈشۈۋاتقانلىقىدىن خۇرسەن بولۇپ ، ئۆزىمۇ خاتىرجەم بولدى . دادام بولسا مېنىڭ مۇھەببەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقىم توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ سۆزلەپ قويمىدى . ئەمما كۆڭلۈمگە ئايانكى مېنىڭ ھەممە ئىشىمنى دادام بەش قولدەك بىلەتتى ، گەرچە ئۇ ھىچنېمە دېمىگەن بولسىمۇ ، مەن ئازاپلانسام ئۇمۇ ئازاپلىناتتى .

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


    بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن ، دەرستىن چۈشۈپ ياتىقىمغا كىرىشىمگە ، بىر ياتاقدىشىمنىڭ ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرۇپ ماڭا قاراپ تازا كۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . چوڭ بىر دەستە گۈل ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان ئۈستەل ئۈستىدە تۇراتتى . ‹‹ سېنىڭكى ئىكەن›› دېدى ياتاقدىشىم ھەييارلىق بىلەن . يۈرەك سوقۇشۇم تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندەك بولۇپ قالدى ، بىراق كاللام شۇ دەقىقە ئىچىدە ‹‹ فرانسىسكا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ مەن بىلەن يارىشۋالغۇسى بار ئوخشايدۇ ›› نى ئويلىدى . مەن ئاستا بېرىپ گۈلنى قولۇمغا ئالدىم ۋە ئىچىدىكى ئاتكىرتكىنى ئېچىپ كۆزلىرىم ‹‹ سېنى 20 يىلدىن بۇيان چوڭقۇر سۆيۈپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر ئەردىن ›› دېگەن خەتلەرگە چۈشكىنىدە ، مەن يىغلاپ كەتتىم ، ياتاقدىشىم ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
     - دادام سوۋغا قىلغان ئىكەن،- دېدىم ئۆكسۈپ يىغلىغىنىمچە .
    - داداڭما ؟ نېمىشقا ساڭا گۈل سوۋغا قىلىدۇ؟- دېدى ئۇ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرغاچ
     ئۇنىڭغا ئاتكىرتكىنى كۆرسۈتۈپ قويدۇم ، ئۇ كۈلۈپ كەتتى ۋە:
    - داداڭ بەك ئۇماقكەن ،- دېدى.
    - بىلىمەن ، - دېدىم مەن .
     ئاپامنىڭ سەۋىرچانلىق بىلەن دەردىمنى ئاڭلىشى يارامدىكى قاننى توختاتقان بولسا ، دادامنىڭ ئۈنتۈنسىز كۆيىنىشى بۇ يارامنى پۈتۈنلەي ساقايتقان ئىدى .
    نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى ، توي قىلىپ قىز پەرزەنتلىكمۇ بولدۇم . دادام پېنسىيەگە چىقىش ، ئاغرىپ قېلىشلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، پەقەتلا بىزنىڭ ھالىمىزدىن ئىلگىركىدەك خەۋەر ئالالمىغانلىقىدىن خىجىل بولاتتى . ئەمما مەيلى قانداقلا بولسۇن ، ئۇ ھامان ئائىلىمىزنىڭ  تۈۋرۈكى ھەم مۇھاپىزەتچىسى ئىدى . ئۇ ئەزەلدىن زارلانمايتتى . ئەمما قەلبىمىزدىكى دادامغا بولغان مۇھەببەت ناھايىتى كۈچلىك ئىدى .

www.iz.la


    ئەينى يىللىرى قاتتىق ئازابلانغان ، ئۈمىدسىزلەنگەن ، ھەتتا دادامنىڭ ماڭا سوۋغا قىلغان گۈللىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان بىر كۈنى كونا ئالبوم قېتىدىكى ھېلىقى ئاتكىرتكىنى ئۇچرىتىپ قالدىم . ياشلىرىم يەنە بىر قېتىم كۆزلىرىمنى خىرەلەشتۈردى . بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ‹‹ئاتىلار بايرىمى›› بولۇپ ، كاللامغا تۇيۇقسىز بىر ئوي كېلىپ قالدى.
    ‹‹ ئاتىلار بايرىمى›› كۈنى دادام قولۇمدىن ئەتىرگۈلنى ئېلىۋېتىپ ھەيران بولدى . ئۇ بۇنداق سوۋغىلارنى ئاز ئالىدىغانلاردىن ئىدى ، ئۇ ئاتكىرتكىنى ئېچىپ كۈلۈپ كەتتى
     مەن ‹‹ تۇغۇلغاندىن تارتىپ سىزنى چوڭقۇر سۆيۈپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر ئايالدىن ›› دەپ يازغان ئىدىم . مەن دادامنى قۇچاقلىغىنىمچە بوشقىنا ئاۋازدا :
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

   - ھازىرمۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟- دەپ سورىدىم.
    - ئېسىمدە، - دېدى دادام .
                                                                               خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى   ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(7)
87.5%
ناچار
(1)
12.5%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئۈچ كۆرۈنۈش

    كىشىلەر ھەيدەرنى(ئالما قۇش)دېيىشىكەن، ئالما قۇش؟ بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ دىگەن ئادەم تۇرسا!قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى قۇش دەپ ئاتىسا بۇلامدۇ؟ دوستۇم ئەجەبلەنمەڭ! كۆزۈم كۆرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇنداق ئاتاشىقا قۇشۇلمىغان بۇلاتتىم. ھېلىمۇ بۇنداق(قۇش)لار ئىنىتايىن ئاز ئىكەن...

  • چۆلدىكى بۇلاق

    ئىيۇلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى... ئاپتاپنىڭ تەپتىدىن ئەتراپ تۇنۇردەك قىزىپ كەتكەن ئىدى.كارۋاتلىق ئاپتوبۇس مومدەك يۇمشاپ كەتكەن قارىماي ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى.ئېچىۋىتىلىگەن دېرىزىلەردىن ئىسىسىق شامال ئۇرۇلاتتى. شوپۇر ئاپتوبۇسنى ئۇدۇل(ئەجەل جىلىغىسى)تەرەپكە ھەي...

  • كۆۋرۈكتىكى ئەسلىمە

    ئانا يۇرتۇمىنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ ساپ، چۈنكى ئۇ دەريا بۇيىغاجايلاشقان.كەڭ دەرياغا سېلىنىغان كۆۋرۈكىنى كىشىلەر (يېڭى كۆۋرۈك )دەپ ئاتىشىدۇ. يېڭى كۆۋرۈك بۇ قەدىمىكى يۇرتىنىڭ ھۆسنىگە خۇددى گۈزەل پەرىنىڭ مەڭزىدىكى خالدەك ياراشقان .كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قاتار ك...

  • ئەڭ ئاخىرىقى يۇپۇرماق

    بىر بىمار كارىۋاتتا يېتىپ سىرتتىكى دەرەخكە قاراپتۇ. ئۇ تۇيۇقسىز بۇ دەرەختىكى بىر تال يوپۇرماقنىڭ قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تېخى چۈشۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆڭلىدە مۇشۇ بىر تال يوپۇرماق دەرەختىن تۆكۈلگەن ھامان مېنىڭ ھاياتىممۇ ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ...

  • دادام سوغا قىلىغان گۈل

    بۇ قېتىم ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا ھېس قىلغان ئىدىم ، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمى بولۇپ ، بىرىنچى يىللىق ۋاقتىمدا تونۇشقان يىگىتىم فرانسىسكا مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى ، قانداق قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم . مەن تەكەببۇر...

  • دوختۇرنىڭ ھىكايىسى

    -ئوپىراسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى، ئوبدان دەم ئېلىڭ، ساقىيىپ كېتىسىز. -رەخمەتنى ماڭا ئەمەس ھېكىم دوختۇرغا دەڭ، ھەر ئىككىلى ئوپىراسىيىدە پىچاقنى شۇ تۇتتى. -ھە بىلىدىم ئەسلىدە... شۇئان بېشى يوغان،جۇغى كىچىك،كۆزىئەينىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆسكىلەڭ قاشلىرى دىرىغىيىپ تۇرغا...

  • ئۇلۇغ تاز

    ئاپتورى: قاراشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق1-يىللىق6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پەخىردىن مۇسا. (ھېكايە) جۇغراپىيە نەتىجەم چىقىپتۇ21.7،كەچىتە قۇيۇپ بەرگەندە بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ئۆيگە قاراپماڭدىم.خيال سۇرىۋىرىپ ئۆيگە كىلىپ قالغانىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن،داد...

  • بىلەيزۈك چۈشى(ھىكايە)

    بىلەيزۈك چۈشى(ھىكايە) 1 ساجىدە ئالتۇن بىلەيزۈكى بولىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، ھەتتا چۈشىدىمۇ شۇنى چۈشەيتى. ئۇ گاھىدا ئۆزىنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن ئاغرىنسا ، گاھىدا تۇربا سۈيى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان مۇلايىم، ئىشچان يولدىشىغا باتناپ ، تاپا- تەنىمۇ قىلىپ قوياتتى،...

  • غېرىپ ئاتا

    (ھېكايە) مۇتەللىپ ياقۇپ مالىك بوۋاينىڭ ئايالى تۈگەپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ھەممىسى خېلى بۇرۇنلا ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي ئۈچ يىلدىن بۇيان غېرىبانە بۇ كۆلبىدە تىكەندەك يالغۇز ياشاپ كەلدى. ئوغۇللىرى ناگ...

  • قارانچۇق

    (ھېكايە) ليۇ گوفاڭ بالا كۈندە دېگۈدەك سەھرادىكى مومامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالاتتى. بالىنىڭ مومىسىمۇ نەۋرىسىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. ئەمما بالىنىڭ ئانىسى سەھرانى مەينەت دەپ قارىغاچقا، بارغىلى قويمىدى. بىر قېتىم بالىسى مومامنىڭ ئۆيىگە...

  • ئانامىنىڭ ھەربىچە شەپكىسى

    (ھېكايە) يۈەن بى1ڭفا يىگىت بىلەن قىز مۇھەببەتلەشتى. قىز چىرايلىق، يىگىتمۇ كېلىشكەن ئىدى. يىگىت ھەمىشە قىزنى كىنوغا تەكلىپ قىلاتتى. قىزنىڭ دادىسى بىلىپ قېلىپ قىزنىڭ ھېلىقى يىگىت بىلەن مۇھەببەتلىشىشىگە قارشى تۇردى. قىزنىڭ دادىسى بازارلىق ھۆكۈمەتنى ڭ تەشۋىقا...

  • باشلىق تۇتقان قەلەم

    (ھېكايە) قەلىمىم ئەسلىي ئاددىيلا قەلەم. ئەمما ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىپ يېنىش يېنىش سىلايتتىم... ياپقۇچى، ساپقۇچى، سىياھلىقى... سىلىغۇدەكلا يېرى بولسا سىلاۋېرەتتىم. سىلاۋەرگەچكە قەلەمنىڭ تۇتىدىغان يەرلىرى سىلىقلىشىپ پارقىراپ كەتكەنىدى. ئىلگىرى بۇ قەلەم ئۇنچى...

  • جاۋابسىزقالغان مۇھەببەت(ھېكايە)

    شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇلدى ، سەن شۇ ۋاقىتتاھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدىڭ ! كۆڭلۈڭدە بىر نىمىلەر نى ئۇيلاۋاتاتتىڭ تۇساتتىن بىرسىنىڭ بۇ يەردە ن...

  • ئىسپىرتلانغان ئادەم

    ئىسپىرتلانغان ئادەم (ھىكايە) كەچتە ئولتۇرۇش باركەن،دىگەن دەبدەبىلىك ئۈقتۇرۇشنى ئاڭلاپلا خوشھال بولماي ئەكسىچە،بېشىمغا ئالەمچە چوڭ غەم چۇشتى.يەنە شۇ ئىچىدىغان گەپقۇ، دىدىم ئاچچىق بىلەن ئۆزەمگە. ئىشتىن چۇشتۇم.پۇتۇن ئەس-خىيالىم شۇ بولغۇسى ئولتۇرۇشتا.ياپسام پ...

  • قورقۇنۇشلۇق كىچە (فاتىمە)

    قورقۇنۇشلۇق كىچە بۈگۈنمۇ يەنە شۇ يامان چۈشنى كۆرۈپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۈمۈپ چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ھەر قېتىم مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرگەن چېغىمدا 15 يىل ئاۋۋالقى ئاشۇ قورقۇنۇشلۇق ۋەقە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. بىز دادام ،ئانام ،ئاچام، ئىنىم ،مەن بەشىمىز ب...