ئۈچ كۆرۈنۈش

ۋاقتى:2011-04-04 10:59مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
    كىشىلەر ھەيدەرنى(ئالما قۇش)دېيىشىكەن، ئالما قۇش؟
بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ دىگەن ئادەم تۇرسا!قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى قۇش دەپ ئاتىسا بۇلامدۇ؟
دوستۇم ئەجەبلەنمەڭ! كۆزۈم كۆرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇنداق ئاتاشىقا قۇشۇلمىغان بۇلاتتىم. ھېلىمۇ بۇنداق(قۇش)لار ئىنىتايىن ئاز ئىكەن، ئەگەر كۆپرەك بولغىنىدا ، ماتورلۇق قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ  ئىگىسى مەن دېگۈچىلەر نەپەسىمۇ ئالالماي قالاركەن. ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك ،ئۇنىڭ قاتناش رازۋېدكا ئىشىلەيدىغانلىقى ئېنىق .ئۇنىڭ ئۇچىسىدا ھەيۋەتلىك سۈزۈك خىزمەت كىيىمى ،قولدا ھەر قانداق ئۇچارىمەن شوپۇرلارنى خالغاندا توسۇيالايدىغان بەلگە تاختسى بار ، ئۆزى بولسا گۇرپپا دەرىجىلىك ئەمەلدار. دوستۇم، تۆۋەندە ئۈچ كۆرنۈشنى نەزىرىڭىزگە سۇندۇم، كۆرۈپ بۇلۇپ، ئاندىن بىر نېمە دەرسىز. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
Aكۆرنۈش
-توختا پىراۋاڭنى كۆرسەت!
-بۇلىدۇ، مانا.
-ئاپتومۇبىلنىڭ ئالدى كەينىدىكى چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ كۆرسەت!
-ماقۇل.
-ھەي ئاداش ئاپتومۇبىلىنىڭ بىر قانچە يېرىنىڭ سىرى چۈشۈپ ماكچىيىپ قاپتىغۇ؟ يولدا ئادەم بېسىۋەتمىگەنسەن؟ يا ئاپتوموبىللار بىلەن سوقۇشۇپ كەتتىڭىمۇ؟ بولدىلا، 100يۈەن جەرىمانە تۆلە!
-ماگەپنى نېمىگە ئاساسەن تۆلەيمەن ؟قايسى نىزامدا...
-تولا ئەزىمىلىك قىلما جۇمۇ ! ھېلى بىكات، بىلەمسەن بۇ شەھەرنىڭ (مەدەنىيەتلىك شەھەر) دېگەن نامى بار ، بۇ ئەبجەق ئاپتوموبىلىنىڭ چوڭ كوچا بىلەن يۈرۈپ ياسىداق كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندۇ ھە؟ ئىناۋەتنى تۆكۈشىدە گەپ يوق . شۇنچىلىك ئىشىنىمۇ چۈشەنمەمسەن، قېنى پۇل چىقار! ئىز تورى www.iz.la
-ھە، ئەستا كەچۈرۈڭ ، يېنىمىدا پەقەت 50كويلا تاماق پۇلى بار ئىدى. ئاز كۆرمەي...
-كۆرمەيۋاتامسەن ،ئۆزۈم يالغۇز ئالدىراشلىقىمىنى ؟ يېلىڭىنى چاينىساڭ ،ئاپتوموبىلىنى دەرھال پونكىت قۇرۇسىغا ئەكىرىپ توختات!
-بولدى... بولدىلا ...مانا ئېلىڭ، ئەمسە غاچچىدە تالون كېسىۋىتىڭ !
-نېمە تالون دەمسەن؟ئۇنداقتا چۈشكىچە ساقلاپ تۇر.
-بوپتۇ تالونىمۇ ئالماي.
ما گىپىڭ بۇلىدۇ. ئەمدى ھوشۇڭنى تاپتىڭ ، تىزرەك كېتىۋال.
Bكۆرنۈش
-ياخشىمۇسىز ئالما...يا...ياق!ھەيدەرجان ئۇكا؟ئۆزۈىڭىزنى يوقلاپ يىراق يىزىدىن كېلىشىم.
ھە، نېمە گەپ  ؟
-مانا، بۇ ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈم...ھى ھى ھى ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ھىم، ناھايىتى بارى شۇ كاللىكەنغۇ بوپتۇ ،قۇبۇل قىلاي. ئەمسە،گىپىڭىنى ئەگەتمەي تىزراق قىل .
-سىزگە كۆپ رەخمەت، شۇ...بۇلتۇرقى ئاپتوموبىلىمىنىڭ نۇمۇر تاختسىنى ئالماشتۇرماقچى ئىدىم.يەنە يول ئاسىراش ھەققىي، مال يۆتكەش رەسىمىيەت ھەققىي، ئىلىگىرى تۆلمەي قالغان ...دېگەندەك رەسىمىيەتلەرنىمۇ ئۆزىڭىز ئەپلەپ سەپلەپ بىجىرىپ...
-بولدى چۈشەندىم، مۇشىنىچىلىك ئىشمىدى؟ بىراق ھەي بۇ ئىشىلار بىر قانچە ئادەمىنىڭ قولدىن ئۆتۈدىغان تۇرسا ، ئۇلارنىڭىمۇ گېلى بار دە!.
-مەيلى...مەيلى، ھېچقىسى يوق ! دەۋېرىڭ قۇلۇم كۆكسۈمدە، ئۇنداقتا نېمە كىرەك؟
-بوپتۇ، ئاڭلاپ تۇر،ئۆيۈڭدە بوردىغان قول ،غاز،توخۇ،لىم ياغاچ...دىگەندەك نەرسىلەر باردۇ بىر -ھە؟(تالقان ئۆتى )پەسىلى بۇ سەھرا دىگەندە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ئەلۋەتتە بار ،ئەتە كەچتە ھەممىنى نەق قىلمەن.
-ماقۇل ئىشىنىڭ ئىپىنى بىلىدىغاندەك قىلىسەن،لەۋزىڭىدە تۇرساڭلا كۆپ ئەس قاتىمىز تېخى.
Cكۆرۈنۈش
-قېنى ھەيدەرجان ئېغىز تىگىپ بەرسىلە،لايىقىدا بولمىسىمۇ.
-سەن ساھىبخان خادىدەك ئۆرە تۇرۇۋالماي، بىر يەردە ئولتۇرساڭچۇ؟ تەكلىپنى رەت قىلالماي كەلدۇققۇ مانا!تازىمۇ...
ئۆزۈمىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي ،پېقىر ھەيدەرنىڭ يېقىن دوستى بۇلمەن. ھەي ساھىبخان ئىلىكىڭىزدە ئاپتوموبىل، تراكتۇرلار باردۇ-ھە؟
-ھوي يۇنۇس،ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق، ئاغزىڭ ئېچىلىسىغۇ سېنىڭ، تۈزۈملەر ئېسىڭىدە باردۇ؟ ئىشىنى بۇزما جۇمۇ.
-ئۇنداقمۇ دەپ كەتمىسىلە،ئاغىنىلىرى توغرا ئېيىتىتى، ھازىر ئىككى ئاپتوموبىلىم ئىسىكىلاتتا قامىلىپ ياتىدۇ. ئۈچ تىراكتوردىن بىرسىلا ئىشلەۋاتىدۇ. ئىككى موتسىكىلىتىنىڭ رەسىىمىيىتى تېخى... شۇڭا، ئۆزلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ كۆڭلۈمىنى ئىزھار قىلىماقچى ئىدىم.،-دېدى ساھىبىخان ھىجىيىپ. copyright by www.iz.la
-بولدى،قىل قېنى كۆرىمىز، قالدى ئىشىلار بولسا ئىلىتىپاتىڭىغا باغلىق، ياۋاش،مۇلايىمىلىقتا قوينىڭ قوزىسى -دە،بىز ھى ھى ھى -، ئۇ بىر قېتىم ھىجىيىپتى ، چىرايىنىڭ يېرىمىدىكى بۇلۇتلار تارقىدى، چاشقان بۇرۇتلۇق لىكىلىداپ ئىگىز-پەس بولدى،ئىڭەك ئاستىدىكى گۆشلىرى قۇيرۇق ياغدەك لىغىلىداپ كەتتى، شۇ ھامان ئۇنىڭ قاسقان شەپكىسى بىلەن يالتىراق تۈگىمىلىك پەلتوسى قوۋزۇققا ئىلىنىدى. ئۈزۈلمەي كەلتۈرۋاتقان لېگەرنلەردىكى گۆش، كاۋاپ، تەخسىلەرىدىكى قورىمىلار شىرە ئۈستىگە سىغىماي قالدى..كۇرۇپكىدىن قوش چىقىدىغان (ئىلى ئالىي ھارقى) نىڭ بوتۇلىكىلىرى كەينى-كەينىدىن بوشىغىلى تۇرىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


-ھەيدەر باشلىق خوشە!
-جېنىم دوستۇم ھەيدەر، مەن بىلەن بىزنى...
-ئەزىز مىھىمان، قۇلۇمىنى قايتۇرماي رومكىنى قوبۇل...
رومكىلارنىڭ جىرىڭىلغان ئاۋازى ھەيدەرنى ئاجايىپ سۆزمەن.
خۇشچاقچاق قىلىۋەتتى.. ئۇبارا-بارا كەيىپلىكىتىن قۇلىقى مىدىرلىغاندا، ئۆزىنىڭ تەۋەرۈك ناخشىسىنى ئېيىتىشقا باشلىدى.
سەن قۇشۇڭنىڭ بارىدا،
ئۆردەككە سال ھەم غازغا سال...
زىياپەت يېرىم كىچىدىن ئۆتكەندە ئاخىرلاشتى، كەچ كۈزنىڭ سوغۇق شامىلى يالىڭاچ شاخلارغا ئارام بەرمەستىن قۇترايتتى.(مىھىمان)مۇ گىلدىڭىشىپ قالدى. شۇنداقتىمۇ بۇ (قوينىڭ قوزىسى)بوش كەلمەيۋاتاتتى.
-ھەي ساھىبىخان ، ھارىقىڭ قالتىسىكەن...يە...يەنە باردۇ؟ ئىز تورى www.iz.la
-بولمامدىغان مانا يەشىكىتە يەنە يەتتە-سەككىز بۇتۇلىكا تۇرمامدۇ؟ئالغاچ كەتسىلە.
-بەللى بايا ماڭا ئاقلاپ بەرگەن ئالمىلىرىڭ ئاغزىمىغا ئەجەپمۇ تېتىدى...ئەگەر بولسا بىر نەچچە يەشىككە قاچىلاپ ئاپتوموبىلىغا ئۆز قولۇڭ بىلەن ...
-چاتاق يوق !بۇ دىگەن قانچىلىك ئىش  ئىدى.
-تو...توختا،...ئەمدى ئېسىمىگە كەلدى.كۆك كەپتەر باچكىسىنى شىپالىق دورا دىگەندەك قىلىۋېدىڭ،مىجەزىمىگە يېقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس...
-ھە بىلىدىم، ھازىرلا10-20نى تۇتۇپ سىم قەپەسىكە سولاپ بەرسۇن، ھەي جۈمەك قېنى سەن !
-ھوي... سە...سەن ئاغىنەدارچىلىققا يارايدىكەنسەن جۇما...بولدى...باياتىن دىگەنلىرىڭ يادىمىدا...مېنى ئىزدە...ئىشلىرىنىڭنى ئۆزۈم بىجىرىپ  ،-مىھىمان ئۆزىنى ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىگە خۇددى ئەسكى پالاستەك تاشلىدى.

ئىز تورى www.iz.la


چىرىغى چاڭ-توزان ئىلىكىدە غۇۋالاشقان پىكاپ كاتاڭ يولدا قاتتىق بىر سىلىكىنىدى-دە، خۇددى تاۋۇتتەك تەۋرەپ يۈرۈپ كەتتى.
مەنبە؛نىقابلانغان قاتىللار
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • تاكسى شوپۇرى

    شىركەتنىڭ ئىشى بىلەن(س)شەھىرىگە يەنە كەلدىم. (دەۋ سارىيى)نىڭ ئالدىغا كەلگەندە، كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ قالدىم. ساراي ئالدىدىكى مەيداندا نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇشقان تاكسىلارغا قاراپ ماڭغاچ، ھېلىقى قىزىل رەڭلىك(شالى)نى ھەيدىگەن تاكسى شوپۇرىنىڭ قىياپىتىنى كۆز ئالدى...

  • ھەربىيىنىڭ مۇھەببىتى

    نىجات يانچۇقىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى. بارلىق دەرت-ئەلەملىرىنى ئاشۇ تاماكا ئىسى بىلەن يۇتماقچى بولغاندەك كۈچەپ شورايتتى. ئاغزى بۇرنىدىن قويۇق تاماكا ئىسى تۈرۈلۈپ چىقاتتى. كۆزى يولدىن، نامەلۇم بىر نوقتىدىن،ئاشۇ سەلدەك ئېقىۋاتقان...

  • بۇزۇلىغان پەرداز

    (ھېكايە) مەمتىمىن ئابدۇقادىر دىلشىكار ئۇ قارشى تەرەپكە يا ياق، يا ماقۇل دېمەيلا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى دە، كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ خىيالغا چۆمدى. ماۋۇ قىزلار شۇ تاپتا ئويۇن تاماشىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەندۇ؟ ھېلى كېلىشسە سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى كۆز...

  • ئۈچ كۆرۈنۈش

    كىشىلەر ھەيدەرنى(ئالما قۇش)دېيىشىكەن، ئالما قۇش؟ بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ دىگەن ئادەم تۇرسا!قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى قۇش دەپ ئاتىسا بۇلامدۇ؟ دوستۇم ئەجەبلەنمەڭ! كۆزۈم كۆرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇنداق ئاتاشىقا قۇشۇلمىغان بۇلاتتىم. ھېلىمۇ بۇنداق(قۇش)لار ئىنىتايىن ئاز ئىكەن...

  • چۆلدىكى بۇلاق

    ئىيۇلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى... ئاپتاپنىڭ تەپتىدىن ئەتراپ تۇنۇردەك قىزىپ كەتكەن ئىدى.كارۋاتلىق ئاپتوبۇس مومدەك يۇمشاپ كەتكەن قارىماي ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى.ئېچىۋىتىلىگەن دېرىزىلەردىن ئىسىسىق شامال ئۇرۇلاتتى. شوپۇر ئاپتوبۇسنى ئۇدۇل(ئەجەل جىلىغىسى)تەرەپكە ھەي...

  • كۆۋرۈكتىكى ئەسلىمە

    ئانا يۇرتۇمىنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ ساپ، چۈنكى ئۇ دەريا بۇيىغاجايلاشقان.كەڭ دەرياغا سېلىنىغان كۆۋرۈكىنى كىشىلەر (يېڭى كۆۋرۈك )دەپ ئاتىشىدۇ. يېڭى كۆۋرۈك بۇ قەدىمىكى يۇرتىنىڭ ھۆسنىگە خۇددى گۈزەل پەرىنىڭ مەڭزىدىكى خالدەك ياراشقان .كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قاتار ك...

  • ئەڭ ئاخىرىقى يۇپۇرماق

    بىر بىمار كارىۋاتتا يېتىپ سىرتتىكى دەرەخكە قاراپتۇ. ئۇ تۇيۇقسىز بۇ دەرەختىكى بىر تال يوپۇرماقنىڭ قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تېخى چۈشۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆڭلىدە مۇشۇ بىر تال يوپۇرماق دەرەختىن تۆكۈلگەن ھامان مېنىڭ ھاياتىممۇ ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ...

  • دادام سوغا قىلىغان گۈل

    بۇ قېتىم ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا ھېس قىلغان ئىدىم ، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمى بولۇپ ، بىرىنچى يىللىق ۋاقتىمدا تونۇشقان يىگىتىم فرانسىسكا مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى ، قانداق قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم . مەن تەكەببۇر...

  • دوختۇرنىڭ ھىكايىسى

    -ئوپىراسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى، ئوبدان دەم ئېلىڭ، ساقىيىپ كېتىسىز. -رەخمەتنى ماڭا ئەمەس ھېكىم دوختۇرغا دەڭ، ھەر ئىككىلى ئوپىراسىيىدە پىچاقنى شۇ تۇتتى. -ھە بىلىدىم ئەسلىدە... شۇئان بېشى يوغان،جۇغى كىچىك،كۆزىئەينىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆسكىلەڭ قاشلىرى دىرىغىيىپ تۇرغا...

  • ئۇلۇغ تاز

    ئاپتورى: قاراشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق1-يىللىق6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پەخىردىن مۇسا. (ھېكايە) جۇغراپىيە نەتىجەم چىقىپتۇ21.7،كەچىتە قۇيۇپ بەرگەندە بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ئۆيگە قاراپماڭدىم.خيال سۇرىۋىرىپ ئۆيگە كىلىپ قالغانىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن،داد...

  • بىلەيزۈك چۈشى(ھىكايە)

    بىلەيزۈك چۈشى(ھىكايە) 1 ساجىدە ئالتۇن بىلەيزۈكى بولىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، ھەتتا چۈشىدىمۇ شۇنى چۈشەيتى. ئۇ گاھىدا ئۆزىنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن ئاغرىنسا ، گاھىدا تۇربا سۈيى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان مۇلايىم، ئىشچان يولدىشىغا باتناپ ، تاپا- تەنىمۇ قىلىپ قوياتتى،...

  • غېرىپ ئاتا

    (ھېكايە) مۇتەللىپ ياقۇپ مالىك بوۋاينىڭ ئايالى تۈگەپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ھەممىسى خېلى بۇرۇنلا ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي ئۈچ يىلدىن بۇيان غېرىبانە بۇ كۆلبىدە تىكەندەك يالغۇز ياشاپ كەلدى. ئوغۇللىرى ناگ...

  • قارانچۇق

    (ھېكايە) ليۇ گوفاڭ بالا كۈندە دېگۈدەك سەھرادىكى مومامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالاتتى. بالىنىڭ مومىسىمۇ نەۋرىسىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. ئەمما بالىنىڭ ئانىسى سەھرانى مەينەت دەپ قارىغاچقا، بارغىلى قويمىدى. بىر قېتىم بالىسى مومامنىڭ ئۆيىگە...

  • ئانامىنىڭ ھەربىچە شەپكىسى

    (ھېكايە) يۈەن بى1ڭفا يىگىت بىلەن قىز مۇھەببەتلەشتى. قىز چىرايلىق، يىگىتمۇ كېلىشكەن ئىدى. يىگىت ھەمىشە قىزنى كىنوغا تەكلىپ قىلاتتى. قىزنىڭ دادىسى بىلىپ قېلىپ قىزنىڭ ھېلىقى يىگىت بىلەن مۇھەببەتلىشىشىگە قارشى تۇردى. قىزنىڭ دادىسى بازارلىق ھۆكۈمەتنى ڭ تەشۋىقا...

  • باشلىق تۇتقان قەلەم

    (ھېكايە) قەلىمىم ئەسلىي ئاددىيلا قەلەم. ئەمما ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىپ يېنىش يېنىش سىلايتتىم... ياپقۇچى، ساپقۇچى، سىياھلىقى... سىلىغۇدەكلا يېرى بولسا سىلاۋېرەتتىم. سىلاۋەرگەچكە قەلەمنىڭ تۇتىدىغان يەرلىرى سىلىقلىشىپ پارقىراپ كەتكەنىدى. ئىلگىرى بۇ قەلەم ئۇنچى...