ئالەمنىڭ قانداق بولۇپ كېتىشىدىن ،ۋاقىتنىڭ نەلەرگە كېتىپ قالغانلىقىدن بىخەۋەر ھالدا مۇكچىيىپ ئولتۇرۇپ كۇندۇلۇك خاتىرە يېزىۋاتىمەن . كوچا چىراغلىرى ئۆچۈپ قالغىلى نىكەم؟ نېرۋامغا تىگىپ تۇردىغان شاۋقۇنلارمۇ توختىغان ،پەقەت قىزىمنىڭ تاتلىق پۇشۇلداشلىرى ،ئۇ ئاخىرى ئۇيقۇغا كەتتى . ماڭا پىكىر قىلغۇدەك ، يۈركىمدىكى داتلارنى تازلىغۇدەك ،تەپەككۇر ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلغۇدەك ۋاقىت چىقتى . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
كۈندىلىك خاتىرە دېسە كۈندىلىك خاتىرىگە ئوخشىمايدىغان ،ئەمما ناگان -ناگاندا ئېلىپ توختىماستىن بىر نەرسىلەرنى يېزىپ كېتىدىغان خاتىرەم يەنە قولۇمغا چىقتى .مەن كۈندىلىك خاتىرىنىڭ پاجىئەسنى ئاڭلىغان ، كىتابلاردىن ئوقۇغان كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ، ھېچبولمىغاندا ئۇنى يوقاتماي ساقلاپ قويۇش - ئەڭ ئەخماقلىق ،ئۇچىغا چىققان ناداننىڭ ئشى !ئېتىمال مەنمۇ خاتىرىنىڭ ئاق بەتلىرى توشقاندا بىر تەرەپ قىلۋېتەرمەن .ئەمما ،كونا ھاردۇقلار ئۇستىگە يىڭى ھاردۇقلار قوشۇلۇپ جۇدۇندىكى ياپراقتەك تىتىرەپ تۇرغان جىسمىمنى تۆشەككە ، ئۇيقۇ دۇنياسىغا تاشلىماي ،يۈرىكىمنى تىلغاپ ،روھىمنى يىڭنە بىلەن قىېزىپ ، ئۆز-ئۆزۈمگە دەرد ئىېتىپ ئولتۇرۇپتىمەن . خاتىرە يېزىش راستىنلا ئەخماقلىق ! مۇداشقىلى ئادىمى يوقنىڭ ئشى بۇ !بىراق ، يەنىلا ئەخمەقلارچە ،ئاللىقاندەك ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە يەنىلا يېزىۋاتمەن . خۇددى تۇيۇقسىزلا ئۆليپ كېتىپ قالسام قىزىمغا چېچنېمە دېيەلمەي قىلشىمدىن ، ئۇمۇ مەندەك ئانا بولغاندا ، مەندەك ئاياللىق تۇيغۇسىغا چۆمۇلگەندە << ئانام قانداق ئويلىغان بولار ئىدى ؟>> دەپ قالارمىكىن دېگەندەك بىركۈلەردە ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ھالىتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىمدىن ، ئۇنتۇپ كېتىشتىن ئەنسىرگەندەك يازغىنىم يازغان . نىمىلا بولمىسۇن مەن قىزىمغا خىتاب قىلمەن .<< قىزىم ئاناڭنىڭ قەلبىدىكى ھەر بىر تاۋۇشلارنى ئاڭلىيالىساڭ ئىدىڭ ،چۈشنەلىسەڭ ئىدىڭ ، ئاناڭغا زور تەسەللى بولار ئىدىڭ . ئۇنىڭ قەلىب رۇجەكلىردىك ئېچىلىپ قالغىلىۋاتقان تۆشەكلەرگە تېگى ئۆزىدىن ياماق بولار ئىدىڭ . ھاياتلىق يولىدا تىمسىقلاپ ، تېنەپ -تەمتىرەپ ،ئاستا بولسىمۇ ،ئۆمۇلەپ بولسىمۇ رېئاللىققا يۇزلىنۋاتقان ئاناڭغا ھەمرا بولار ئىدىڭ . >> ئەپسۇس ! سەن تولىمۇ كىچىك ،سىنىڭ نەزرىڭدە ئاق سۈت تىمىپ تۇرغان كۆكسۇم ، ساڭا تونۇش ھىدلىرىملا ئەڭ مۇھىم ،كۆزلۈرۈڭ شۇنداق چىرايلىق ،قارچۇقلىرىڭ قاپقارا ،كۆكۈش كۆز ئېقىڭ سېنى شۇنداق غۇبارسىز ، كارتون فىلىملىردىكى كىچىك ، ئوماق شىر بالسىدەكلا ككرسىتدۇ . مەن ئاشۇ كۆزلۇرۇڭدىن ئاسماننىڭ سۈزۈك زەڭگەرلىكنى ، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى توسۇپ بولغۇسىز نۇر تالالىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن . جېنىم بالام !ساڭا دىيەلەيدىغىنىم ئاناڭدىن ئىبرەت ئال ،بىھۇدە زىھنىڭنى ،ئۆزۈڭنى ئىسراپ قىلما ! بىلىم ئال ،نۇسرەت تاپ !شۇندىلا بەختىڭ ئىچىلدۇ بالام ! << مۇھەببەت سۇسلاشقان ئائىلىدە ئار ئىت ، ئايال _ ئەرنى بالىدىن ئىبارەت زەنجىر بىلەن باغلاپ ماڭىدۇ >> .مانا بۇ << ئىت يىتلىۋالغان ئايال >> نىڭ پورتىرىتى . بىراق مەنچۇ؟ مەن بۇپورتىرتقا ئوخشىمايمەن . چۇنكى مەن ئاللىقاچان تۇرمۇشنىڭ ماددىي ، مەنىۋى بېسىملىرى قىيىن - قىستاقلىرى ئىچىدە ھاسىراپ ،تىلى ساڭگىلارپ قالغان قېرى ئىتقا ئوىشاپ قاپتىمەن . ئادىمىيلىكنى ئويلاشقا ھەددىمۇ مېنىڭ ! سېنىڭ كەلگۈسىدە مەسئۇليەتچان ھەم سەن ياىشى كۆردىغان ،سېنىمۇ ئەزىزلەيدىغان بىرىگە يولۇقسا دەپ تىلەيمەن . چۈنكى سەنمۇ ھامان بىرىگە ياتلىق بولىسەن ، ئاياللىقنىڭ بەخىت _سائادىتىنى ،جاپا _ مۇشەققىتىنى تېتىيسەن . ئەمما ،ئۇ چاغلاردا مەندىن گۇمانلىنشىڭنى ، مەندىن سەۋەنلىكلەرنى ئىزدىشىڭنى خالىمايمەن .مېنىڭ داداڭغا تۇتقان پوزىتسىيەم ، ئۇسۇلۇمدا مەسلا بار ، دەپ ئويلاپ قىلشڭنى ئەسلا خالىمايمەن . چۈنكى ئايللار شۇنداق كېلىدىكەنمىز،ئۆزىمىزنى باشقا ئاياللاردىن ئەقىللىق ، چىرايلىق ھىسابلايدىكەنمىز .خۇددى بىزدە بار تۇيغۇ ، بىزدە بار ھېسيات باشقا ئاياللاردا يوقتەك !ئۆزمىزنى باشقىلاردىن ئۇستۈن تۇرىمەن ، دەپ ئويلايدىكەنمىز . ئەمما ، ھەممىمىز ئوخشاش .مۇۋەپىقىيەت قازانغۇچىلار ، ئۇزۇپ چىقىپ كەتكغچىلەر تولىمۇ ئاز . نېمىلا بولمىسۇن مەن بىر مەغلۇبىيەتچى . چۈنكى ،مەيلى قانداق ۋاستە قوللانماي ،داداڭنى ۋاقتىدا قىمارنىڭ ئشقىدىن تارتىپ چىقرالىغان بولسام ،توغرىسنى ئىيتقاندا ،ئۇنى ئاشۇنداق يولغا مېڭىپ سېلىشدىن توسالىغان بولسام ئېھتىمال ئشلار بۇنداق بولماس ئىدى . .. ئەلۋەتتە ،ئۇنىڭمۇ پىكىر قىلالايدىغان ، سەزگۈگە باي بىر كاللىسى بار .دېمەك ، ئەسلى ئۇ ئاشۇ كاللىسى بىلەن ھېچبولمىغاندا ئۆزىنى باشقۇرغان بولسا ،ئۆزنىڭ مەسلىسنى بولسىمۇ ھەل قىلغان بولسا ياخشى بولار ئىدى . ئەمما ، كىم مېنى ئۇنىڭ ئايالى بولسۇن دەپتۇ ؟ << ئەرنى ئەر قىلغانمۇ يەر قىلغانمۇ خوتۇن دەپتىكەن . ئېھتىمال مېنىڭ راستىنلا جاۋاپكارلىقىم باردۇر .دېمسىمۇ مەن ئۇنىڭغا ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىدىم . مەن ھەرقانچە جار سالساممۇ دۇنيادىكى بارلىق ئاياللار ئۆتەشكە تىگىشلىك ۋەزىپلەرنى ئۆتىسەم ئۆتىگەندىمەن . ئەمما ، ئاز ساندىكى پىداكار ، ئەقىللىق ئاياللار قىلالىغاننى مەن قىلالمىدىم . چۈنكى ، قەلبىمدە ئۇنىڭغا قايناپ - تىشىپ تۇردىغان مۇھەببەت يوق تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم . ئۇنىڭ ھېسياتىنى ئالدىدىم ، ئاتا - ئانامنىڭ پەرھىزنى ئادا قىلش ئىستىكىنڭ بىسىمدا شۇنداق قىلدىم . چۇنكى ، مەن ئاللىقاچان يىگىرمە ئالتە ياشقا كىرىپ قالغان ئىدىم . راستىنلا پۇشايمان قىلمەن . ئۇنداق قاراملىق قىلمىسام ، ئۆمرۈمنى دوغا تىكمىسەم بوپتىكەن . ئەينى چاغدا ئىستىقباللىق ،خىللا ئۈمىدكە تولغان رەسسام ئىدىم . ئالدىمدا بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتى ،ئالدىمدا تالانتىمنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى يوقمۇ ئەمەس ئىدى . بىراق ، ئەمدى نىمە بولدى؟ سەنئەتكارلارغا خاس تۇيغۇ ئاپتاپتا قالغان رەختەك ئۆڭدى ، قەلمىمنى دات ،روھىمنى چاڭ باستى . ئاشۇ قىز چاغلىرىمنى ئويلىسام ئۆزۈمنى ئاللىقاچان نەچچە ئەسىر ياشغاندەك ھېس قىلمەن ،ماڭا بۇ ئشلار تولىمۇ يىراقتا قالغاندەك تۇيۇلىدۇ ... ئىلگىرى نەزرىمدە دۇنيا خۇددى بىر پارچە ئېسىل رەسىم ئىدى . مەن بۇئېسىل رەسىمدىن ھۇزۇرلىناتتىم ،كېچىلەرنى تاڭغا ئۇلاپ ،بىر يۇتۇم سۇ ئىچىنىمۇ خالىماي ئىجادىيەت ئىچىگە شۇڭغۇيتىم . رەسىملىرىم قەلبىمنىڭ كارتىنىس ئىدى .شۇنچىلىك رومانتىك ،شۇنچىلىك ئۈمىدۋار ، شۇنچىلىك شوخ ئىدى .ئشلەتكەن رەڭلىرىمنى ھەمىشە كەسىپداشلىرىم <<ئۆزىڭىزگە ئوخشايدۇ >> دوپ قوياتتى .رەسىملىرىم ئۆزۈم تازا تونۇلۇشقا يۇزلەنگەندە مەن كېچىكتىم ، ئاشۇ دەۋرىم ھاياتلىقنىڭ گۈل تاجسى ، ھاياتىمنىڭ مەڭگۈلۈك ئابىدە بولۇپ كالدى . رەسىم _ كۆرگۈچنىڭ قانداق چۈشنىشگە باغلىق !مېنىڭ ئەتراپىمدىكى كىشلەرنىڭ نەزىرىدە رەسساملىق _ كەسىپ ئەمەس . قەغەزنى ،رەخىتنى ،ۋاقىتنى ئسراپ قىلغانلىق . ئانام ھەمىشە سىزغان رەسىملەر قىيامەتتە سىزدىن جان تالشىپ تۇرۋالىدۇ ، سىزسىڭىزمۇ جانسز نەرسىلەرنى سىزىڭ دەپ تۇرۋالاتتى . بىلەمسەن قوزام ،تەبىئەتنىڭمۇ ، ھەتتا بىر تغپ گىياھنىڭمۇ جېنى بار ھەتتا تاشنىڭمۇ !ئۇنى پاقەت سەنئەت ھۇجەيرىسى با كىشلەرلا ھېس قىلالىسا كېرەك . رەسىم سىزىمەن دەپ رەسىم تاختىسنى كۆتۈرۈپ يۈرسەم قۇلۇم _ قوشنىلار ماڭا خۇددى غەلىتە مەخلۇققا قارغاندەك مۇئامىلە قىلاتتى .بۇ ھال بۇۋاڭ _ موماڭنىڭ غېمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇراتتى . دېمسىمۇ مەندەك بىر گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچسىغا نىسبەتەن قارا دوسكا ئشلىيەلىسەم ،سىرچىلىق قىلسام ، بالىلارغا يۇمىلاق توپنى ،ئۇزۇنچاق قەلەمنى سىزىشنى ئۆگەتسەملا بولاتتى . باشقا ئىشلارنىڭ زۆرۇريىتى يوق . چۈنكى ،ھەر قانچە قىلساممۇ داۋانچ ى ، ۋانگوك ، پىكاسسولارنى بۇيەردە ھېچكىم تونۇمايدۇ . مەن پەقەت مائاش ئالسام ،توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ ئاۋالقىلار قانداق ياشىغان بولسا . شۇنداق ياشىساملا بولاتتى . شۇڭا ،تۈرلۈك - تۈمەن بېسىملار ئىچىدە مەن ئائىلىلىك بولدۇم . داداڭنىڭ ۋەدىس بويىچە تويدىن كېيىن بىلىم ئاشۇرۇشقا باردىغان بولدۇم . ئەمما ، بىر ئادەمگە يۈكلەيدىغان مەسئۇليەتلىرىمنى ، بۇرچىنى تونۇپ يېتىشكە باشلىغاندا ئاللىقاچان كېچىككەنىدىم . مەن خىزماتنىڭ تۇتقۇنى ئىدىم . ئەقەللى بىر ئوقۇتقۇچى قىلىشقا تېگشلىك ئشلاردىن سىرت مەكتەپنىڭ تۈرلۈك سېخىما ،پىلاكەت ، شوئار _ چاقىرىقلىرىنى ،تام گېزىتلىرىنى ئىشلەش مېنىڭ ۋەزىپەم ئىدى . ۋاقتىم لۇزىنكا يېزىش ، سىرچىلىق ، خەتتاتلىق ئىشلىرى بىلەن ئۆتەتتى . ھەمىشە كەچ قالىمەن ،مەكتەپنىڭ ئۇ ، بۇ دوكلاتىنى ئاققا كۆچۈرمەن . گاھىدا بىر قوللۇق يازىمەن . مۇشۇنداق ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئائىلىدىكى ۋاقتىم ، تىكەندەك يالغۇز داداڭ بىلەن بىللە ئولتۇردىغان ۋاقتىم ئىنتايىن ئاز . ئاشۇنداق بۇرۇقتۇرمۇلۇق كVنلەر ئىچىدە ئۇ قىمارغا ئۆگنىپ قاپتۇ .كېيىنرەك سەزگەن بولساممۇ ھەر ھالدا ئىككى قات ئىكەنلىكىمنى باھانە قىلىپ داداڭنى بىر مەزگىل يېنىمغا قايتۇرۋالغان بولدۇم مەن داۋامىنى ھازىرغىچە سىزىپ بولالمىغان داداڭنىڭ پورتىرىتىنى دەل شۇ مەزگىللەردە سىزىشقا باشلىغانىدىم . ئۇ ماڭا مودىل بولۇپ ئولتۇرۇپ بەرگەنىدى . ئەپسۇس ،ئۇ رەسىمنى ھېلىغىچە سىزىپ بولالمىدىم . مەن ئەسلى ئۇنداق ئىرادىسىزلەردىنمۇ ئەمەس . سەۋەب نەھايىتى ئاددىي . ھەقىقەتەنمۇ زېھىنىمنى يىغالىغۇدەك پۈرسەتكە ئېرشەلمىدىم . بىر پارچە رەسىم خۇددى بىر پارچە ئەدەبىي ئەسەرگە ئوخشايدۇ . ئۇنىڭغىمۇ ئىلھام ،ئىشەنچ ، ياخشى مۇھىت كېرەك . يازغۇچىلار ئەسەر يېزىشنى خۇددى يېڭى بىر ھاياتلقنى تەۋەللۇت قىلغانغا ئوخشىتىدىكەن ھەر بىر ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن خۇددى ئاچچىق تولغاق يېگەندەك يۈركىنى تىلغاپ تلىغاپ ،قىپقىزىل قانلارنى ئاققۇزۇپ تۇرۇپ يازارمىش .مەن تېخىمۇ شۇنداق ،رەسىم سىزغاندا خۇددى تۇغۇتۇمدا باشقىلاردىن قىزغانغاندەك قىزغىنىمەن . ئەتراپىمدا ھەر قانداق بىرىنىڭ قاراپ تۇرۇشنى خالىمايمەن . ئېتىمال بۇ مېنىڭ بىر خىل ئىجادىيەتتىكى ناچار خاھىشىمدۇر . كۈندۈزى خىزمەت ، باشقا چاغلاردا ئائىلىنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن ، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگەچكە ، بۇ رەسم ھازىرغىچە چالا سىزىلغان پېتى قالدى . ھەر قېتىم ئاشۇ چالا سىزىلغان رەسىم قولۇمغا چىقىپ قالسا خۇددى ئۆزۈمنىڭ جەسىتىنى كۆرگەندەك قورقىمەن ، ئازابلىنمەن . چۈنكى ، ئۇ مېنىڭ مەغلۇبىيتىمنىڭ يالدامسى ، ئادەتتە يوللاردا ماڭساممۇ ، ئۆيدە ئولتۇرساممۇ سايىلەرنى ،تۈرلۈك دىققىتىمنى تارتقان نەرسىلەرنى ئاللىقانداق ئوبرازلارغا تەقلىد قىلمەن . سىم - سىم يامغۇرنى سىيدام سىزمىنىڭ پاراللېل سېزىقلىرغا ئوخشىتمەن . كۆز ئالدىمدىكسى تەبىئەت مەنزىرسى ئەمەس ، بىر پارچە سىيدام سىزمىدەكلا تيۇغۇغا كېلىمەن . ئۆزۈم رەسىم ئىچىدىكى كۈنلۈك كۆتۈرۋالغان تەنھا ئوبراز . تەبىئەت ئۆزى ئەسلى بىر ئۇستا رەسسام . شۇڭا ، ئۇ ماڭا ئۆز ئەسەرلىرنى كۆز - كۆز قىلغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن . ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ ئادەملەرنىڭ چىرايىنى ، ھەركېتىنى يۈركۈمدىكى قولۇمدا تېز - تېز سىزۋالىمەن . گۈزەل ئۆزگىچە كۆرنۈشلەر خۇددى سفىرلىق سۈرەتكە تارتىش ئاپراتىدەك ھەممىنى مېڭەمگە يوللاپ بېردۇ . ھۇجەيرە _ ھۇجەيرىلىرىم ،ئۈگە - ئۈگىلىرىم رەسم ئۈچۈنلا يارالغاندەك رەسىم ئوتىدا پۇچۇلىنىمەن . ئەمما ، تۇيغۇلىرىم تۇيغۇ پېتى قېلىۋېرىدۇ . ئۇ رەسىم رامكىسى ئىچىگە كىرەلمەيدۇ .چۈنكى ، ۋاقتىممۇ ،رەخىت ،بوياق ، سېتۋالغۇدەك پۇلۇممۇ يوق . مەن بىر ئۆي تۇتقان ئايال ! داداڭنىڭ قانداقلارچە شۇنچە رەھىمسىز لىشىپ كەتكىنىدىن بەكلا ھەيرانمەن . ئەسلى ئۇ كۆيۈنۈشنى ، غەمخورلۇق قىلىشنى بىلەتتى .ئەمما ، مەن ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىنى يىغا بىلەن ، ئۇنى كېچلەردە ئىزدەش بىلەن ئۆتكۈزدۇم . قىزىم ، ياشايمەن دەيدىكەنسەن ، كۈرەش قىلشىڭ كېرەك . ھېچ بولمىغاندا تۇرمۇشۇڭنى قامدەغۇدەك ماددىي ئاساس تېپىشىڭ كېرەك . شۇڭا مەيلى قانداق بولۇپ كەتسۇن مەن خىزمەت قىلشىم كېرەك ئىدى . يوغان قورسىقمنى كۆتۇرۇپ ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بىسىپ ۋاقىت تۇزۇلمىسى ئالاھىدە بۇ خىزمەتنى قىلشىم كېرەك ئىدى . مەندىكى ئالدىراشچانلىق ، داداڭدىكى ئېشىپ - تۇرغان دەم ئىلىش ئاخىرىقى ھېسابتا ئىككىمىزنىڭ ئارسىغا مۇ شۇ دىشۋارچىلىقلارنى سالدى . ئەمدى سغىز چاينىغاندەك بۇ گەپلەرنى قىلغۇم يوق . مەن ئەخىرى ئانا بولدۇم ، مەن بۆلۈندۈم .جىسمىمدىن يىڭى بىر ھاياتلىق بۆلۈنۈپ چىقتى . شۇ چاغدىكى ھېسياتىمنى ،سەنمۇ ھامان ئانا بولغاندا چۈشۈنسەن ، قارماققا سەن بىر پارچە ئەت گۆش بولساڭمۇ ، ساڭا ئالەمچە ئۈمىد ،ئارزۇ مۇقەسسەم ئىدى .ئەجەبلىنەرلىكى ، ئادەم بالسى بەك تەستە قاتارغا قوشۇلدىكەن . ئۈچ ئاي تۇغۇت دەم ئېلشىمنى تولۇق ئالمايلا ئىشقا چۈشتۈم .ئادەم ئاتا - ئانسى ئالدىدىكى قەرزىنى ئۆز پەرزىنى قاتارغا قوشۇش ئارقىلىق ئادا قىلدىكەن .مەن ئامالسىز سېنى يەنە ئانامغا تەڭلىدىم . چۈنكى ، بۇنىڭدىن ئۆزگە ئامالىم يوق ئىدى . مۇھەببەت _ مۇھەببەت تۇغدىكەن .خۇددى ئادەم ئادەم ، قوي قوي تۇغقانغا ئوخشاش . مەن سېنى سۈتۈم بىلەن ئېمىتسەم ،سەن غۇبارسىز كۆزلىرىڭ بىلەن ،تاتلىق كۈلۈىشلىرىڭ بىلەن ماڭا بۇھەببەت ئەمدۇرسەن . سېنى ھەر قانداق ئادەمگە قاراتقۇزۇشقا ئىشەنمەيمەنۇ ، ئەمما نەگىلا بولمىسۇن خىجالەتچىلىك ،مەيۈسلۈك ئىچىدە قويۇپ كېتىپتىمەن . قىز بالا تۇغۇلشىدنلا بەخىتسىز بولامدىغاندۇ ؟ دەپ قالىمەن . سېنى قىز تۇغۇپ قويغانلىق گۈناھىم ئۈچۈن ، داداڭ ئاللىقانداق ئۇياتلىق ئىش قىلىپ سالغاندەك ساڭىمۇ ، ماڭىمۇ يوچۇن كۆزلىرى بىلەن قارايدۇ . شۇنچھ يىراقتىن بالىنى ئېمىتكىلى قانداق كېلۋاتسەن ؟ مەنمۇ كۆتۈرۈشۈپ بەرگۈدەك يۈكۈڭ بارمۇ ؟ دەپمۇ قويمايدۇ . سەن ئۈچۈن ئۇۋالچىلىق ھېس قىلمەن قىزىم ، ھازىر سېنى ئېمىتكىلمۇ بارالمايدىغان بولدۇم . بالا ئېمتىشنىڭ تاتلىق تۇيغۇسنى داداڭغا ئوخشاش ئەرلەر مەڭگۈ ھېس قىلالمىسا كېرەك . ئۆزۈمنى ھەيرانلىق ئىچىدە تونۇشقا باشلىدىم . بىر كۇن ئۆتسە بىر كۈنگە ھېساپ ، بۇ كۇنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىەر دەپ يېڭچە شۈكرى بىلەن لۆم - لۆم ياشلىرىمىنى قارچۇقلىرىم ئىچىگە سىڭدۇرۇپ ، پارتىلاپ كەتكۈدەك بولۈپ چىڭقىلىپ كەتكەن يۈركۈمنى لېۋىمگە قوشۇپ چىڭ چىشلىدىم . چىشلىرىم ئارسىدىن سىرغىپ چىققىنى قىپقىزىل قان ئارلاش غېرىبلىق ، مىسكىنلىك بولدى . مەن مۇھەببەتكە ئىرشەلمىدىم . شۇڭا ، باشقىلارغا مۇھەببەت بىلەن باقاي دېسەممۇ قەلبىمدىكى مۇھەببەت ئۈچقۈنىنى ناپرەتنىڭ توپان بالاسى بىلەن غەرق قىلدى . ئەمىليەتتە ئارمانىم ،ئارزۇيۇم ئۈنچىۋالا ئېرشكىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس ئىدى . ئاياللار تۇغقان ئەرلەر ، ئاياللار ئارقىلى ئكزئەرلىكنى نەمەيان قىلغان ئەرلەر ،قىزلىرىنىڭ ئامراق دادسى ،سىڭىللىرىنىڭ كۆيۈمچان ئاكسى بولغان ئەرلەر بالا تۇغۇپ سالغان ئاياللارغا ئازراق ئىچ ئاغرىتىپ قويغان بولسا ، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە ئىدى . ئەجىبا ئانىلار ئانىلار بالا تۇغمىسا ئەۋلاد -ئەۋلادقاقانداق ئۇلىنىدۇ.بىزدەك ئاددىي ئانىلار بالا تۇغمىساق كىم پۇقرا بولىدۇ ؟بىزدەك ئوقۇتقۇچىلار كىمنى ئوقۇتىدۇ ؟مۇدىر كىمگە مۇدىر بولىدۇ ؟ئەخمىقانە خىياللىرىم گادىرماچ ، ئۆزۈمنى راستىنلا غەلىتە ھېس قىلمەن . مەن راستىنلا غەلىتىمۇ ياكى غەلىتە ھېس قېلمەن .مەن راستىنلا غەلىتىمۇ ياكى تۇغۇتتىن كېيىنكى روھي بىنۇرماللىق كېسلىگە گىرپتار بولدۇممۇ ، بىلمەيمەن .ئىشقىلىپ ھەممە غەزىپىمنى داداڭغا ، سەن ئۈچۈن ھېچقانداق دادلىق مەجبۇرىيەت ئۆتىمىگەن ئادەمگە ياغدۇرىمەن . مەن راستىنلا مۇھەببەتكە مۇھتاج ئىدىم .بولۇپمۇ بىر ئەرنىڭ مۇھەببىتىگە ! بىراق ،داداڭ بەرمەيلا قويدى . قىمار ئۇنىڭ ھەم بىزنىڭ بەختىمىزنى ئېلىپ كەتتى .قىمار توغرۇلۇق مۇنداق بىر ھېكايەت ئاڭلىغان ئىدىم . بىرى قىمار پىرىگە شاگىرتىلققا كىرىپتۇ . پىر ئاڭ ياخشىسى بۇ ھۈنەرنى ئۆگەنمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپتۇ .ئەمما ،ئۇ كىسى زادىلا نىيىتىدىن يانماپتۇ .ئاخىرى قىمار پىرى دەرىسنى باشلاپتۇ ، شاگىرتقا بىر پىيالە سۇ ۋە بىر قۇرۇق پىيالە بېرىپ مۇنداق دەپتۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_ ھۈنەر ئۆگنىشتىن بۇرۇن سىز بۇ پىيالىدىكى سۇنى مۇنۇ قۇرۇق پىيالىگە قۇيۇڭ ،داۋاملىق مۇشۇ بويىچە داۋاملاشتۇرۇڭ . شاگىرت بۇ پىيالىدىن ئۇ پىيالىگە سۇ قۇيۇپ ، شۇنچە ئېھتىيات قىلغان بولسىمۇ سۇ ئازئازدىن خوراپ ئاخىرى پىيالىدە ھېچنېمە قالماپتۇ . قىمار پىرى قايتپ كېلىپ مۇنداق دەپتۇ . _ مانا بۇقىمارنىڭ ھەقىقىتى . سىز مەيلى ئۇتۇڭ ،مەيلى ئۇتتۇرۇڭ ، ئاخىردا ھەممە نەرسىدىن ئايرىلسىز . ھېچنېمىڭىز بولمايدۇ . مۇشۇنىڭغا رازى بولسىڭىز ھۈنەر ئۆگىتەي . شاگىرت ھۈنەرت ئۆگەندىمۇ ياكى ئۆگەنمىدۇمۇ ئسىمدە يوق . ئەمما بىز خۇددى ھىكايىدە ئېيتىلغاندەك ھەممە نىمىمىزدىن ئايرىلدۇق .ھەتتا زىبۇزىننەت بويۇملىرىدىن تارتىپ ...ئەكسچە بوينىمىزغا بىلىپ -بىلمەي نۇرغۇن قەرىز ئارتىۋالدۇق . داداڭنىڭ ئوينىغىنى ،ئۇتتۇرغىنى بىزنىڭ بەختىمىز بولدى . چۈنكى ،بىز ئۇنىڭ بىلەن تەڭ قەرىز تۆلىشىمىز كېرەك . مۇشۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر بولمىغان بولسا ، بىزمۇ ئاشۇ پۇلغا تاۋار ئۆي سېتۋالغان بولساق ، سېنىڭ ياتاق ئۆيۈڭ ئايرىم ، ،مېنىڭ رەسىمخانام بولغان بولسا نەقەدەر ياخشى بولار ئىدى _ ھە؟ ئەپسۇس ، مەن ساڭا بۇلارنى قىلىپ بىرەلمەيدىغان بولدۇم . سەن ئۈچۈن قىلىپ بېرەلەيدىغىنىم _ تاشنى تاياققا تاڭغاندەك بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ياشاش ، ئۇنىڭ ئاجايىپ قىممەتۆە توختىغان پۇشايمانلىرىغا ئىشىنىش . قىز بالا تۇرساڭ ، داداڭدىن ئاجرىشىپ كەتسەم ، كەلگۈسىدە ئاللاكىملەر بۇسەۋەبلىك دىلىڭنى ئاغرىتسا مەن قانداق چىدايمەن ؟ ئۇماق قىزىم ، ئەنسىرمە! سېنىڭ كەلگۈسۈڭ چوقۇم ياخشى بولىدۇ . چۈنكى بىر پاكىز يۈرەك سەن ئۈچۈن سوقىدۇ ، ئىسرىق بولۇپ يامان ۆكزلەردىن ساقلايدۇ . مەن ۆكزلىرىم مۆل -مۆل ، نۇرغۇن نەرسىلەر گە ، ھەۋەس ،ئىلتىجا قىلىپ ياشىدىم . مەن ھەۋەس قىلغان نەرسىلەر باشقا ئاياللاردا بار . نېمىشقا ؟ چۈنكى ،ئۇلاردا بىلىم ،يۇقىرى ساپا بار . سەنمۇ شۇنداق قىلالىساڭ ، يۇقىرى ساپا ۋە ئەخلاق پەزىلەتكە ئىگە بولساڭ سەنمۇ ئۇلار ئېرىشكەن گە ئېرشەلەيسەن . ئەقىل بىلەن ياشا ، مۇھەببەتنىڭ قۇربانى بۈولۇپ قالما . بەخىت ساڭا يار بولسۇن ، قىسمەتلىرىمىز تەكرارلىنىپ قالمىسۇن ؟ يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازماقچى ئىدىم . ئەمما ، سېنى پۇرۋالغۇم ، تىنىقلىرىڭغا قاراپ ئولتۇرغۇم كەلدى . خاتىرىنى كېيىن يەنە داۋاملاشتۇرارمەن ، كەل قىزىم ، باغرىمغا باساي ! ئىز تورى www.iz.la
مەنبە _ يېڭى قاشتېشىدىن ( ئاپتورى _ ھەبىبە مەمەتئەيسا ) ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى