بۇزۇلىغان پەرداز

ۋاقتى:2011-04-05 16:09مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

(ھېكايە)
مەمتىمىن ئابدۇقادىر دىلشىكار
   ئۇ قارشى تەرەپكە يا ياق، يا ماقۇل دېمەيلا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى – دە، كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ خىيالغا چۆمدى. ‹‹ماۋۇ قىزلار شۇ تاپتا ئويۇن – تاماشىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەندۇ؟ ھېلى كېلىشسە سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى كۆز – كۆز قىلىپ، كىملەرگىدۇر تېلېفون بېرىپ ئۇچۇر يوللاپ ياتاقنى بېشىغا كىيىشىدۇ. بەزىلرى ئۆتكەنكىدەك ئاغزىدىن گېپى چۈشۈپ قالغانچە كېلەمدۇ تېخى؟ مەنمۇ باشتىلا ئۇلاردەك ئۆزۈمنى قويۇۋەتكەن، ئۇلار باشلىغان سورۇنلارغا بىللە بارغان بولسام، بۈگۈنكىدەك <موماينىسا> ئاتالماستىم. بوپتۇ، ئۇلار مېنى<موماينىسا> دېسىمۇ، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرىم ۋە كۆپلىگەن ساۋاقدىشىم ئالدىدا ئەخلاقىم ۋە ئۆگىنىش نەتىجەم بىلەن يەنىلا ھۆرمەتكە سازاۋەرمەن. مۇھىمى، يىراق سەھرادىكى جاپاكەش ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمنىڭ ئىشەنچىگە نائىلمەن. لېكىن، مەنمۇ ھېسسىياتلىق قىزغۇ؟ ھاممامنىڭ مەن بىلەن تەڭ قىزىنىڭ بالىسى ھازىر ئىككى ياشقا كىردى. ئەگەر مەنمۇ ئوقۇشقا كەلمىگەن بولسام، بۇ چاغقا... ھەي... شەنبە، يەكشەنبە كۈنىمۇ ياتاققا بېكىنىۋېلىپ، بىر ئوبدان تەكلىپنىمۇ رەت قىلىپ يۈرگىنىمدىن قارىغاندا، مەندىن راستىنلا چاتاق چىقتىمۇ قانداق؟ بايا تېلېفون بەرگەن يىگىتنىڭ گېپىگە قارىغاندا ئوبدانلا تىجارىتى بار، ياۋاش بالىدەك قىلىدۇ. ئاپتوبۇس بېكىتىدە تونۇشۇپ قالغاندىن بېرى ئانچە – مۇنچە ئەھۋال سوراپ، ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ، تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ھەر قېتىم تېلېفون بەرگەندە بىرەر باھانە بىلەن رەت قىلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ تەكلىپلىرى غەرەزلىك ئەمەستۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن بىرەر ۋاق تاماقنى بىللە يېگەنگە ئەخلاق قامۇسىنىڭ بەتلىرى يىرتىلىپ كەتمەس؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن تەكلىپ قىلغان يېرى ئادەم ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇرىدىغان <داڭقان شورپىخانىسى>دا بىر ئىش بولۇپ كەتمەس؟ بولدىلا چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ، خەقنى تولا يالۋۇرتۇۋەرمەي تەكلىپىگە بىر قېتىم قوشۇلاي››. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   ئۇ ئاخىرى قەتئىي قارارغا كېلىپ، سىرتقا چىقماقچى بولۇپ، ئەينەككە قارىۋېدى، چاچلىرى تاراقسىز، تېخىچىلا ئۇخلاش كىيىمى بىلەن تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىق كۈلۈپ قويدى. چېچىنى يۇيۇۋېلىش ئۈچۈن چاچ سوپۇنى ئىزدىدى. قېرىشقاندەك ياتاقتىكى ھەممە سوپۇن قۇتىسى قۇرۇق ئىدى. دېرىزىدىن يالتىراق خالتىچاققا قاچىلانغان ئەرزان چاچ سوپۇندىن بىرنى تاپتى ۋە سۇخانىغا كىردى. بۇ سوپۇن ئۇنىڭ ئۇزۇن، قويۇق چاچلىرىنى توختاپ قالاي دەپ قالغان ئىلىمان سۇدا بىر قېتىم يۇيۇشقا ئارانلا يەتتى. يەنە بىر قېتىم يۇيۇۋەتكەن بولسا، بۇ چاچلار تېخىمۇ پارقىراپ كېتەتتى – دە. ئۇ ئامالسىز ياتاققا قايتىپ كىرىپ چېچىنى ئالدىرىماي قۇرۇتۇپ، يۈزىگە ئۆزىنىڭ ئاددىي، ئەرزان مېيىدىن ئازراق سۈرتتى. چېچىنى ئۇزاق تارىغان بولسىمۇ، بۇرۇنقى پارقىراقلىقىدىن ئەسەر يوق، بىر – بىرسىگە چاپلىشىپ توپا چىراي تۇراتتى. لېۋىگە لەۋ سۇرۇخ سۈرتۈپ باقتى، چامادانىدىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئاق پوپايكىسىنى، بىردىنبىر ئېسىل كىيىمى بولغان قىزىل پەلتۇسىنى ئېلىپ كىيىپ ئەينەككە قاراپ باقتى. ئەينەكتە يۈزلىرى يۇمۇلاق، چىرايلىق، بېشىغا كونا كەيمە چاچ كىيىۋالغاندەك بىر قىز كۆرۈندى. ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپ ئەينەكنى كارىۋاتقا تاشلاپ، چاماداننىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغان 50 يۈەن پۇلىنى ئېلىپ ياتاقنىڭ ئىشكىنى تاقاپ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ‹‹ئوت كۆرۈنەر خانىم – قىزلار چاچ ياساش، ھۆسن تۈزەش ئورنى››غا كىردى.
   — كېلىڭ سىڭلىم، كېلىڭ. چېچىڭىزنى ياسىتامسىز؟ تۇغۇلغان كۈن گىرىمى قىلدۇرامسىز؟ ئادەتتىكى گىرىممۇ يە؟ – چىرايىغا قاراپ نەچچە ياشقا كىرگىنىنى ئانىسى بىلەن ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمىگۈدەك پەردازلىنىپ، چاچلىرىنى تەييار چۆپتەك تەكشى بۈدرە قىلىۋالغان ئايال خوجايىن چۇلدۇرلىغىنىچە ئۇنىڭ پەلتۇسىنى سالدۇرۇپ ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى.
   — چېچىمنى يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ قويسىڭىزلا بولدى، – دېيەلىدى ئۇ تارتىنىپقىنە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   — بولىدۇ، بولىدۇ. قېنى بۇ ياققا كېلىڭ، ئېسىل سوپۇن بىلەن يۇيۇپ قوياي. نېمىدېگەن قارا، ئۇزۇن، قويۇق چاچلار بۇ؟ قارىغاندا كىچىكىڭىزدە ئانىڭىز يىلىم چېپىپ ئۆگىتىپتىكەن – دە؟
   قىز ئاغزىمغا يۇندا كىرىپ كەتمىسۇن دەپ جاۋاب قايتۇرماي، چوڭ ئەينەك ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى. خوجايىن بىرقانچە لۆڭگىنى بىلىكىگە ئارتىۋېلىپ ئۇنىڭ چېچىنى قۇرۇتۇشقا باشلىدى. ئەمدى ئۇنىڭ دىققىتى قىزنىڭ يۈزىگە چۈشكەنىدى:
   — يۈز تېرىڭىز نېمانداق يۇمران؟ خۇددى بوۋاقنىڭكىدەك. بۇنداق تېرىنى مۇشۇنداق ۋاقىتتىن باشلاپ ئاسراش كېرەك جۇمۇ. ئەرزان مايلاردىن ئانچە – مۇنچە سۈرۈپ قويىمەن دەمسىز؟ ياق – ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ. ھازىرقى مايلارنىڭ ساختىلىرى كۆپ، ئاشۇنداق ماي رېئاكسىيە قىلىپ ئالدىمغا نەچچە قىز – چوكان كەلدى تېرىسىنى ئوڭشاتقىلى. مەندە بىر يۈرۈش ماي بار، بۇنى كۈندە چۈشەندۈرۈشى بويىچە سۈرۈپ بەرسىڭىز يەنە 10 – 20 يىلدىمۇ تېرىڭىز مۇشۇ پېتى تۇرىدۇ. پۇلىمۇ ئانچە قىممەت ئەمەس. چېچىڭىزنى توكلۇق قۇرۇتقۇچتا كۆپتۈرۈپ قويايمۇ؟ ئىز تورى www.iz.la
   — ياق، ياق. مەن توكلۇق قۇرۇتقۇچقا ئادەتلەنمىگەن، ئارقىسىغا تاراپ بوغۇۋالساملا بولدى، نەچچە پۇل؟ – ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سورىدى.
   — نېمە؟ سىز مۇشۇ پېتىلا ماڭماقچىمۇ؟ قاراڭ سىڭلىم، يۈزىڭىزدىكى پەردىزىڭىز بايا چېچىڭىزنى يۇغاندا چىقىپ كەتتى، بىر چىرايلىق قىز ماي سۈرمەي تاتىراڭغۇ يۈرسىڭىز قانداق بولىدۇ؟
   خوجايىن ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا مۈرىسىدىن بېسىپ ئولتۇرغۇزۇپ، ئاللىقانداق مايلارنى ئاز – ئازدىن قولىغا تۆكۈپ، قىزنىڭ يۈزىگە بىرنەچچە قەۋەت چېپىپ، يېنىك ئۇۋىلاشقا باشلىدى. كېيىن رەسساملاردەك موي قەلەم بىلەن رەڭ بەردى، لېۋىگە چىرايلىق لەۋسۇرۇخ سۈردى. ئاندىن:

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   — كىرپىكىڭىزمۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدىكەن، مەن سەل قايرىپ، لاك بىلەن سۈرمە سۈرۈپ قوياي، تازا يارىشىدۇ. ۋىييەي – ۋىييەي! قانداق تەلەيلىك يىگىت ساقلاۋاتقاندۇ سىزنى، شۇنداق ئوماق بولۇپ كەتتىڭىز، قاراڭ!
   ئەينەكتە بىر پەرىزات تارتىنىپقىنە جىلمىيىپ تۇراتتى. ئۇ قىزىرىپ، مەڭزىنى تۇتۇۋېدى خوجايىن دەرھاللا:
   — تۇتماڭ، تۇتسىڭىز پەردازنى بۇزۇپ قويىسىز، پەرداز بەكمۇ يارىشىدىكەن سىزگە، ئاخشاملىققا قانداقمۇ يۇيۇۋەتكىڭىز كېلەر!
   ئۇ خوجايىننىڭ ئاخىرقى گېپىگە ئۈندىمەي، ھېلىقى 50 يۈەننى ئېلىپ تەڭلىدى.
   — ۋىييەي، پۇل ئالارمەنمۇ، بوپتۇ، ئوقۇغۇچىكەنسىز، ئەرزانراق ئالاي. دەسلەپ قىلغان بولسامغۇ ئالمىساممۇ بولاتتى. كېلەر قېتىم بىكارغىلا پەردازلاپ قويارمەن، پات – پات كېلىپ تۇرۇڭ – ھە، – خوجايىن شۇنداق دېگىنىچە ئون يۈەن ۋە بەش يۈەنلىك پۇلنى قۇراشتۇرۇپ قىزغا ئۇزاتتى. ئۇ قايتۇرغان پۇلنى شۇ يەردىلا ساناشنى بىئەپ كۆرۈپ، خوجايىنغا رەھمەت ئېيتىپ سىرتقا چىقتى. سىرتتىكى غۇر – غۇر سوغۇق شامالدا ئۇنىڭ يۈزلىرى خۇددى بىر قەۋەت نىقاپ كىيىۋالغاندەك بىلىندى. سەل مېڭىپ ياندۇرۇلغان پۇلنى سانىۋېدى، ئاغزى يۇمشاق خوجايىننىڭ 35 يۈەنگە ‹‹دەسلەپ›› قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. ‹‹بوپتۇ، ئۆيدىن پۇل كەلگۈچە ئەتىگەن – كەچتە نان – چاي ئىچىپ تۇرارمەن، ئۆزۈمگىمۇ ئاز››. ئۇ ئەلەم بىلەن شۇنداق ئويلىدى – دە، دوقمۇشتىكى تېلېفون بوتكىسىغا كېلىپ يادىلىۋالغان تېلېفون نومۇرىنى باستى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   — بايا بالدۇرراق بىكار بولسام تېلېفون قىلارمەن دېگەنتىمغۇ، بۈگۈن شەنبە ئىكەن، شۇڭا سىزنى يەنە تېلېفون ساقلاپ كەتمىسۇن دەپ تېلېفون قىلىشىم، مەن ھازىر مەكتەپنىڭ غەربىدىكى تاللا بازىرىنىڭ ئالدىدا، ئەگەر ئالدىراش ئىشىڭىز بولسا كېيىن كۆرۈشسەكمۇ مەيلى... ماقۇل، ماقۇل، مەن ساقلاپ تۇراي، كۆرۈشكىچە خوش! – دەپ تۇرۇپكىنى قويدى قىز. ئۇ ياندىكى تاللا بازىرىنىڭ ئەينەك ئىشىكىدىن ئۆزىنىڭ قىياپىتىنى يەنە بىر قېتىم غۇۋا بولسىمۇ كۆرۈۋالدى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىدا يىگىت پەيدا بولدى. ئۇلار يولدا ماڭغاچ قىزغىن ئەھۋاللىشىپ، شەھەر بويىچە داڭقى بار داڭقان شورپىخانىسىغا بارىدىغان بولۇشتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   بۇ شورپىخانا قىز – يىگىتلەر بىلەن قايناپ كەتكەنىدى. ئۇلار 30 ياشلاردىكى كۈتكۈچى چوكاننىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئىشىكنىڭ يان بۇلۇڭىدىكى بىر بوش ئورۇنغا جايلاشتى. يىگىت قىزنىڭ تەلىپى بويىچە يېرىمى ئاچچىق، يېرىمى چۈچۈك بىر قازان شورپا بۇيرۇتتى. ئوتنى يېقىۋېتىپ ئىككىسى بىردىن پەتنۇسنى ئېلىپ توڭلاتقۇلارغا قاتار تىزىۋېتىلگەن زىخلىق يېمەكلەرنى تاللاشقا باشلىدى. قىز يېسۋېلەك، كۆكباش، تۇرۇپ دېگەنلەردىن ئازراقلا ئېلىپ بولدى قىلدى. يىگىت توخۇ قانىتى، بۆدۈنە تۇخۇمى، يەرمەدىكى دېگەندەكلەردىن لىقلا بىر پەتنۇس ئېلىپ، قىزغا چاخچاق قىلدى:
   — قاراڭ سىزنى، كۆپرەك ئالمامسىز؟ قازانغا بىرلا سالسىڭىز ھېچنېمىسى قالمايدۇ بۇلارنىڭ، ئاتايىن تاماققا كەلدۇق دەپ، بىر – ئىككى سائەت ئولتۇرۇپ، ياتىقىڭىزغا ئاچ كېتىپ، مېنى تىللاپ يۈرمەڭ يەنە، ھە ئېلىڭە يەنە، – دەپ زورلىدى. قىز يەنە بىرنەچچە زىخ ئالدى. يىگىت ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى قازانغا سېلىپ، ئىشىككە پات – پات قارىغىنىچە پىشقانلىرىنى بىر باشتىن تەكەللۇپسىز يېيىشكە باشلىدى. يىگىت يەنە قىزنىڭ ئۇنىمىنىغا قويماي فىرانسىيە شامپىنى، زىبىپ دېگەندەك ئىچىملىكلەرنى بۇيرۇتتى. يىگىتنىڭ ئىچىملىكلەرگە زورلاشلىرى بىلەن ئاچچىق يېمەكلىكلەر قىزنىڭ بەدىنىنى قىزىتىپ، ئىچ كىيىملىرىنى بەدىنىگە چاپلاشتۇرۇۋەتتى. بۇنى سەزگەن يىگىت:
ئىز تورى بەك ياخشى

   — ئىسسىپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن، قېنى پەلتۇيىڭىزنى سېلىۋېتىپ ئازادە ئولتۇرۇڭ. ھازىرغىچە تۈگىمىگەن قانداق تارتىنىش بۇ؟ – دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ چاپىنىنى سېلىشىغا يارىدەملىشىپ، بىكار ئورۇندۇقتىن بىرنى تارتىپ ئارتىپ قويدى.
   قىز چاپاننى سېلىۋەتكەندىن كېيىن راھەتلەنگەندەك بولدى ۋە بايا بىر تال رېزىنكە بىلەنلا بوغۇۋالغان چېچىنىمۇ قويۇۋەتتى. قاپقارا، ئۇزۇن چاچ بىردىنلا ئۇنىڭ مۈرىلىرىگە يېيىلىپ يىگىتنىڭلا ئەمەس، ئەتراپىدا ئولتۇرغان كالتە چاچ قىزلارنىڭمۇ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. يىگىت ئىشىككە ئىزتىراپلىق تىكىلگىنىچە ئاشىقلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئۇ ئىلاج بار گەپنىڭ تېمىسىنى بۇراشقا تىرىشاتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


   ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتتى. يىگىت سىرتتىكى بىر گەۋدىنى كۆرۈپ، قىزنىڭ يانفون ئىشلەتمىگىنىگە قاينىدى. قىز يانفون ئالغۇدەك مادارىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىكىدىن قېچىپ ئىشلەتمىگىنىنى چۈشەندۈرسىمۇ يىگىت كۆنمىدى.
   — مۇنداق قىلايلى، بىزنىڭ ئۆيدە ئۆي تېلېفونى بىلەن بىللە ئاچامغا بېجىرىپ بەرگەن يەنە بىر زېرەكچاق بار، ئاچام توي قىلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن باشقا تېلېفون ئىشلىتىپ، ئۇ ئۆيدە بىكار تۇرىدۇ. ئۈچ يىللىق كۆتۈرە قىلىنغان، ۋاقتى توشىدىغانغا يەنە بىر يىلچە بار، شۇنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، مەن ھازىرلا بېرىپ ئەكىلەي.
   يىگىت شۇنداق دېگىنىچە چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ سىرتقا ماڭدى. قىز ئۇنى توختىتىۋېلىشقا ئامالسىز قالدى. ھەممە ئۆز پارىڭى ۋە ئىشتىھاسى بىلەن مەشغۇل ئىدى. شۇ ئارىدا ساقىلىنى پاكىز قىردۇرغان، 60 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىرەيلەن قىزنىڭ قارىشىسىدا ئولتۇردى. قىز بۇ ئورۇندا ئادەم بارلىقىنى ئېيتىۋېدى، ھېلىقى كىشى:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


   — بۇ ئورۇننىڭ ئىگىسى مەن، – دەپ ئۇنىڭغا سوغۇق تەگدى. قىز شۇئان ئورنىدىن تۇرۇۋېدى، ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇۋېلىپ:
   — يىگىتىڭىز قەرز ھېسابىغا سىزنى ماڭا ئۇچراشتۇرۇشقا ۋەدە قىلغان، تەكلىپىمگە كۆنمىسىڭىز، سورۇننىڭ ھېسابىنى قىلىۋېتىپ ماڭارسىز، – دەپ تەھدىت سالدى. بۇنى ئاڭلاپ قىزنىڭ بېشى پىررىدە قايدى – دە، جايىدا لاسسىدە ئولتۇرۇپ قالدى...
   — يىگىتىڭ قېنى، سىڭلىم؟ ئانام تېلېفون قىلىپ، سېنى بالدۇرراق قايتىپ كەلسۇن دەيدۇ، – دېدى كۈتكۈچى قىز كۆزىنى قىسىپ.
   قىزنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئوت بولۇپ يېنىپ، ئىككى چېكىسى ۋە پېشانىسىدىن چىپىلداپ تەر ئېقىشقا باشلىدى. ئۇ ‹‹پاڭڭىدە›› يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋېلىپ كۈتكۈچىنى بىلىكىدىن تارتىپ يان تەرەپتىكى بىكار بولغان بىر ئايرىمخانىغا ئېلىپ كىردى – دە، ئىشىكنى يېپىپلا بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى. كۈتكۈچى خېلى ئىش كۆرگەن بولسا كېرەك، قىزنىڭ ئېسەدەپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   — ئۇ بېدىكنى بۇ يەردە كۆپ كۆرگەنمەن، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ سىڭلىم، مەن كېپىل بولاي، چىقىمنى مەنلا تۆلىۋېتەي دېسەم، مېنىڭمۇ ئۆزۈمگە تۇشلۇق تۇرمۇشۇم بار، مۇمكىن بولسا، بىرەر مۇھىم نەرسىڭىزنى گۆرۈگە قويۇپ قويۇڭ، مەن سىزنى يولغا سېلىۋېتەي، – دېدى.
   قىز بانكا كارتىسىنى چىقىرىپ كۈتكۈچى چوكانغا تەڭلىدى. كۈتكۈچى كارتىغا قاراپ بىرنەرسە دېمەكچى بولدى – يۇ، گېپىنى ئىچىگە يۇتۇۋېتىپ قىزنى يېتىلىگىنىچە سىرتقا ئېلىپ چىقىپ تاكسىغا سېلىپ قويدى.
   قىز مەكتەپ ئالدىدا تاكسىدىن چۈشۈپ، پۇتلىرىدا ماغدۇر قالمىغان ھالدا ياتاققا يول ئالدى. ئۇ كېتىۋېتىپ قويۇن يانچۇقىدىن ئانىسى بەرگەن يۇمىلاق ئەينەكچاقنى ئېلىپ چىراغ يورۇقىدا ئۆز ئەكسىگە قارىدى. بايا سۈرۈلگەن ماي، ئەڭلىك ۋە سۈرمىلەر ياش ۋە تەر بىلەن ئارىلىشىپ بۇزۇلۇپ، يۈزى ئۆزىمۇ تونۇيالمىغىدەك ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى.

copyright by www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(8)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • تازلىقى يوق لەغمەن

    ئايالىم ئىككىمىز بىر تونۇشىمىزنىڭ ئۆيىگە كېسەل يوقلىغىلى بېرىپ، پاراڭ بىلەن ئىككى سائەتكە يېقىن ئولتۇرۇپ قالدۇق. سېرىق چاچلىق بىر قىز ئالدىمىزغا بىر تەخسىدىن لەڭمەن كەلتۈرىۋېدى، ئايالىم ئاشقازىنىم ئاغرىپ، تۈنۈگۈندىن بۇيان گېلىمدىن ھېچنېمە ئۆتمەيۋاتىدۇ دەپ...

  • كۆك كەپتەر

    تومۇزنىڭ تەپتى يەر جاھاننى كۆيدۈرەتتى. ئاسفالت يول ئۈستىدە گىرىمسەن نۇرلار توختىماي جىمىرلاپ تۇراتتى.ئېرىگەن قارا مايىنىڭ ھىدى دىماغقا ئۇرۇلاتتى. ۋېلىسىپىت بىلەن كېتىۋاتقان ئېھسان ئىككى تەرىپىگە بويۇنداپ قاراپ قويدى. ئۇ ئېغىر -ئېغىر نەپەس ئالاتتى. يۈزلىرى...

  • تاكسى شوپۇرى

    شىركەتنىڭ ئىشى بىلەن(س)شەھىرىگە يەنە كەلدىم. (دەۋ سارىيى)نىڭ ئالدىغا كەلگەندە، كوچا ئاپتوبۇسىدىن چۈشۈپ قالدىم. ساراي ئالدىدىكى مەيداندا نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇشقان تاكسىلارغا قاراپ ماڭغاچ، ھېلىقى قىزىل رەڭلىك(شالى)نى ھەيدىگەن تاكسى شوپۇرىنىڭ قىياپىتىنى كۆز ئالدى...

  • ھەربىيىنىڭ مۇھەببىتى

    نىجات يانچۇقىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى. بارلىق دەرت-ئەلەملىرىنى ئاشۇ تاماكا ئىسى بىلەن يۇتماقچى بولغاندەك كۈچەپ شورايتتى. ئاغزى بۇرنىدىن قويۇق تاماكا ئىسى تۈرۈلۈپ چىقاتتى. كۆزى يولدىن، نامەلۇم بىر نوقتىدىن،ئاشۇ سەلدەك ئېقىۋاتقان...

  • بۇزۇلىغان پەرداز

    (ھېكايە) مەمتىمىن ئابدۇقادىر دىلشىكار ئۇ قارشى تەرەپكە يا ياق، يا ماقۇل دېمەيلا تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتتى دە، كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ خىيالغا چۆمدى. ماۋۇ قىزلار شۇ تاپتا ئويۇن تاماشىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەندۇ؟ ھېلى كېلىشسە سېتىۋالغان نەرسىلىرىنى كۆز...

  • ئۈچ كۆرۈنۈش

    كىشىلەر ھەيدەرنى(ئالما قۇش)دېيىشىكەن، ئالما قۇش؟ بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ دىگەن ئادەم تۇرسا!قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى قۇش دەپ ئاتىسا بۇلامدۇ؟ دوستۇم ئەجەبلەنمەڭ! كۆزۈم كۆرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇنداق ئاتاشىقا قۇشۇلمىغان بۇلاتتىم. ھېلىمۇ بۇنداق(قۇش)لار ئىنىتايىن ئاز ئىكەن...

  • چۆلدىكى بۇلاق

    ئىيۇلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى... ئاپتاپنىڭ تەپتىدىن ئەتراپ تۇنۇردەك قىزىپ كەتكەن ئىدى.كارۋاتلىق ئاپتوبۇس مومدەك يۇمشاپ كەتكەن قارىماي ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى.ئېچىۋىتىلىگەن دېرىزىلەردىن ئىسىسىق شامال ئۇرۇلاتتى. شوپۇر ئاپتوبۇسنى ئۇدۇل(ئەجەل جىلىغىسى)تەرەپكە ھەي...

  • كۆۋرۈكتىكى ئەسلىمە

    ئانا يۇرتۇمىنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ ساپ، چۈنكى ئۇ دەريا بۇيىغاجايلاشقان.كەڭ دەرياغا سېلىنىغان كۆۋرۈكىنى كىشىلەر (يېڭى كۆۋرۈك )دەپ ئاتىشىدۇ. يېڭى كۆۋرۈك بۇ قەدىمىكى يۇرتىنىڭ ھۆسنىگە خۇددى گۈزەل پەرىنىڭ مەڭزىدىكى خالدەك ياراشقان .كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قاتار ك...

  • ئەڭ ئاخىرىقى يۇپۇرماق

    بىر بىمار كارىۋاتتا يېتىپ سىرتتىكى دەرەخكە قاراپتۇ. ئۇ تۇيۇقسىز بۇ دەرەختىكى بىر تال يوپۇرماقنىڭ قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تېخى چۈشۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆڭلىدە مۇشۇ بىر تال يوپۇرماق دەرەختىن تۆكۈلگەن ھامان مېنىڭ ھاياتىممۇ ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ...

  • دادام سوغا قىلىغان گۈل

    بۇ قېتىم ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا ھېس قىلغان ئىدىم ، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمى بولۇپ ، بىرىنچى يىللىق ۋاقتىمدا تونۇشقان يىگىتىم فرانسىسكا مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى ، قانداق قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم . مەن تەكەببۇر...

  • دوختۇرنىڭ ھىكايىسى

    -ئوپىراسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى، ئوبدان دەم ئېلىڭ، ساقىيىپ كېتىسىز. -رەخمەتنى ماڭا ئەمەس ھېكىم دوختۇرغا دەڭ، ھەر ئىككىلى ئوپىراسىيىدە پىچاقنى شۇ تۇتتى. -ھە بىلىدىم ئەسلىدە... شۇئان بېشى يوغان،جۇغى كىچىك،كۆزىئەينىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆسكىلەڭ قاشلىرى دىرىغىيىپ تۇرغا...

  • ئۇلۇغ تاز

    ئاپتورى: قاراشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق1-يىللىق6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پەخىردىن مۇسا. (ھېكايە) جۇغراپىيە نەتىجەم چىقىپتۇ21.7،كەچىتە قۇيۇپ بەرگەندە بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ئۆيگە قاراپماڭدىم.خيال سۇرىۋىرىپ ئۆيگە كىلىپ قالغانىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن،داد...

  • بىلەيزۈك چۈشى(ھىكايە)

    بىلەيزۈك چۈشى(ھىكايە) 1 ساجىدە ئالتۇن بىلەيزۈكى بولىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، ھەتتا چۈشىدىمۇ شۇنى چۈشەيتى. ئۇ گاھىدا ئۆزىنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن ئاغرىنسا ، گاھىدا تۇربا سۈيى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان مۇلايىم، ئىشچان يولدىشىغا باتناپ ، تاپا- تەنىمۇ قىلىپ قوياتتى،...

  • غېرىپ ئاتا

    (ھېكايە) مۇتەللىپ ياقۇپ مالىك بوۋاينىڭ ئايالى تۈگەپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ھەممىسى خېلى بۇرۇنلا ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي ئۈچ يىلدىن بۇيان غېرىبانە بۇ كۆلبىدە تىكەندەك يالغۇز ياشاپ كەلدى. ئوغۇللىرى ناگ...

  • قارانچۇق

    (ھېكايە) ليۇ گوفاڭ بالا كۈندە دېگۈدەك سەھرادىكى مومامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالاتتى. بالىنىڭ مومىسىمۇ نەۋرىسىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. ئەمما بالىنىڭ ئانىسى سەھرانى مەينەت دەپ قارىغاچقا، بارغىلى قويمىدى. بىر قېتىم بالىسى مومامنىڭ ئۆيىگە...