ئىيۇلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى...
ئاپتاپنىڭ تەپتىدىن ئەتراپ تۇنۇردەك قىزىپ كەتكەن ئىدى.كارۋاتلىق ئاپتوبۇس مومدەك يۇمشاپ كەتكەن قارىماي ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى.ئېچىۋىتىلىگەن دېرىزىلەردىن ئىسىسىق شامال ئۇرۇلاتتى.
شوپۇر ئاپتوبۇسنى ئۇدۇل(ئەجەل جىلىغىسى)تەرەپكە ھەيدىدى.سەكىكىز سائەتلىك مۈشكۈل مۇساپە مانا مۇشۇ جايدىن باشلىناتتى.شۇ ئەسنادا چاچ ساقاللىرى ئاقارغان.ئوتتۇرا بوي بىر مويسىپىت كىشى شوپۇرغا ئاستا يېقىنىلىشىپ ؛
-ئۇكام بۇ نېمە قىلىغىنىڭ ؟نەچچە يەردىكى ئوبدان ئاشپوزۇللار ئارقىمىزدا قالدى.توختىمىدىڭ. شۇ تاپتا ھەممەيلەن ھاردى،ئاچتى،چاڭقىدى...سەن بىزنى (ب) شەھىرىگە ئاپرامسەن ياكى ئۇ دۇنياغىمۇ؟-،دېدى جەھلى قاتقان ھالدا.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-سۈزۈك بۇلاققا ئاپرىمەن ،سۈزۈك بۇلاققا دېدى شوپۇر ئىشەنچ بىلەن .
نېمە دىدىڭ؟ بۇ چۆل جەزىرىنىڭ نەرىدە بۇلاق بولسۇن؟سەن تولا ئادەم كولدۇرلاتما جۇمۇ،مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟ پېقىر بۇ يولدىن تۇنجى ئۆتكەندە،سەن تېخى بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولمىغان. قارا يىگىت ،ھېچبولمىغاندا،ئىسىسقىقا چىدىماي چىرقىراپ يىغىلاۋاتقان ئاۋۇ بۇۋاق بىلەن تەشنالىق چىدىماي ھە دەپ ئىڭىراۋاتقان مۇنۇ كىسەلچان مۇمايغا بولسىمۇ رەھىمىڭ كەلسە بۇلاتتى.
-تاغا بىلىۋاتمەن مەنمۇ سىلەرنى كۆزدە تۇرۇپ ...-شوپۇرنىڭ گىپىنى تۈگەتمەستىنلا كەينى تەرەپتىن قوپا ل بىر ئاۋاز ئاڭلاندى؛
-ھوي ئاداش سەن ئاپتوبۇس ھەيدىمەي،كالا ھارۋىسىدا قىغ توشىساڭ بولغۇدەك .بىلىپ قوي ماشىناڭدىكى سېغىل-تاش ئەمەس بەلكى ئادەم جۇمۇ!شوپۇر بۇ گەپلەرنى ئاڭلىماسقا سېلىپ (خانلەيلۇن)غا ئىسقىرتىقىنچە ئاپتوبۇسىنىڭ سۈرئىتىنى تىزلەتتى. ھايال ئۆتمەي ئاپتوبۇس يول بۇيدىكى ئاشخانا ئالدىدا توختىدى پىشايۋانغا تارتىلىغان قىزىل پلاكاتقا(سۈزۈك بۇلاق ئاشخانسى)دىگەن خەتلەر زەر رەڭدە يېزىلىغانىدى.. ئىز تورى www.iz.la
تاماق يەپ بۇلۇپ ماڭىمىز،-دېدى شوپۇر كابىنىكىدىن چۈشۋېتىپ .
شۇ پەيىتتە 60ياشلاردىن ھالقىغان ،چار ساقال ،ئۈستىگە ئاق خالات كەيگەن ،خۇش چىراي بىر كىشى ئاشخاندىن چىقىتى-دە، شوپۇرنى كۆرۈپلا؛
ھوي ھوي خالىق شوپۇرغۇ بۇ ؟-دېگىنىچە ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى،ئاندىن ئاشخانا تەرەپكە قاراپ ،-ھەي ئانسى قاراڭلار كىم كەپتۇ؟-دەپ توۋلىدى.
بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ئاپتوبۇستىكى يۇلۇچىلارنىڭ غۇلغىۋىسى باشلاندى.
-كۆردۈڭلارمۇ ئۇلار بىرلىشىپ بىزنى ئەمدىلاڭتۇڭنىڭ چوڭنى قويدىغان بولدى، چۈنكى بىز شۇ تاپتا ئاچ ھەم ئۇسىسۇز.
-شۈكۈرى دەيلى، شوپۇر نېمىلا دىگەن بىلەن بىزنى تاماق ھەم ئۇسىسۇلۇق بار يەرگە ئەكەلدى.
-ئۆزلىرى تېخى خۇشال بۇلۋاتاملا؟بۇنداق ئاشخانلارنىڭ خۇجاينلىرىچۇ،ئۇچىغا چىققان قويمىچى كېلىدۇ. كۆزلىرىگە توپا چاچقاندەك پۇللىرىنى چۆنتەكلىرىدىن سۇغۇرۋالدۇ. ئىلىمان چايلىرى.ئاشلىرى خام،سەيلىرى بەتتام،گۆشلىرى پۇراپ قالغان .
-بايا كۆردۇققۇ؟ ئۇلار خۇددى ئۇزاقتىن بۇيان كۆرۈشمىگەن يېقىن تۇققانلاردەك قۇچاقلىشىپ كەتتى.ئۇلارنىڭ ئەزەلدىن تىلى بىر (ياغ بىلەن گۆش بىر تۇققان ،پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن)دېگەن ئاخىرقى ھىسابتا زىياننىڭ ھەممىسى بىزگە بۇلىدۇ.
-ھازىرقى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇلار بىلەن شىرىك .
-توغرا ئۇلار شۇڭا ئاپتوبۇسلىرىنى ئۇدۇل ھەيدەپ كىلىشىدىكەن -دە.
ئىز تورى www.iz.la
-بۇ ئېنىق گەپقۇ؟چۈنكى بىر ئاپتوبۇستا 40يولۇچى بار دىگەندىمۇ،ھەر بىر يولۇچى يەتتە يۈەندىلىكىتىن تاماق يىسە.280يۈەن دىگەن گەپ.
-بۇغۇ مەيلى تېخى بۇنداق ئاشخانلاردىكى نىمكارلارنىڭ ئۆكتەملىكىچۇ؟ تاماق يىمەيمەن دېسە زورلاپ تۇتۇۋالغان،باشقا ئاشخانغا ماڭساڭ ئالدىڭىنى توسقان ،ھەركىتىدىن تەھىدىت،چىرايدىن يالغان كۈلكە چىقىپ تۇرغان ھەي...
-بۇنداق ئىشىلارمۇ بار دەڭلا،بولدى بۈگۈن ئاچلىقىتىن ئۆلسەمىمۇ، ئاپتوبۇستىن چۈشمەيمەن ،قېنى زورلاپ باقسۇنچۇ...
-مەنمۇ چۈشمەيمەن.
-مەنمۇ.
بولدى قىلىساڭلارچۇ؟ بۇ يالغۇز ئاشخانا ئىكەن،يېقىنىدا ئېچىلىغاندەك قىلىدۇ، ئۇزۇن يول بېسىپ ھاردۇق ،ئاچتۇق، چاڭقىدۇق، ئاۋۋال چۈشۈپ باقمايمىزمۇ؟ بولمىسا قايناق سۇ بىلەن نان يەمىز. www.iz.la
-ماۋۇ خېلى راسىت گەپ بولدى.ئاۋۋال چۈشۈپ باقمايلىمۇ؟ بايقى ئاقساقال شۇنداق دەپلا ئاپتوبۇستىن چۈشتى ،يەنە ئىككەيلەنمۇ ئۇنىڭىغا ئەگەشتۇق.ئۇلارنى ئاق خالاتلىق چار ساقال كىشى قىزغىن كۈتۋالدى،پىيالىگە قىزىق چاي قۇيدى،ئاندىن قانداق تاماق يەيدىغانلىقىنى مۇلايملىق بىلەن سورىدى.-ئاۋۇ ئىككى شوپۇر نېمە يىسە بىزمۇ شۇ،-دېدى دوغلاق تەمبەل بىرەيلەن بېشى بىلەن شوپۇرلارنى ئىما قىلىپ ؛
-ھەي قاھارجان ،-دىدى ئاق خالاتلىق كىشى ،-قورۇما بەش!
-مەنمۇ ئوخشاش
-ئەمسە قورۇما ئالتە.
بۇنى كۆرۈپ ئاپتوبۇستىكىلەر بىر-بىرلەپ چۈشكىلى تۇرىدى.ھايال ئۆتمەي پاكىز ،ئازادە ئاشخانا ئادەمگە تولدى.ئالدىن بۇيرۇلىغانلارنىڭ تاماقلىرى شىرەگە كەلتۈرۈلدى.تاماقلاردىن چىقىۋاتقان مەزىلىك پۇراق دىماقلارنى غىدىقلايتى .يۇلۇچىلار بەس-بەس بىلەن تاماق بۇيرۇتتى. ئۇدۇلدىكى قازان بېشىدا ساپلىق يىگىت بىلەن ئەمبەلدە گۆش ،كۆكتات توغراۋاتقان چوكاننىڭ ھەركىتى چەبدەس ئىدى. قاسقاندىن پۇرقىراپ ھور چىقىۋاتاتتى.قارازندا گۆش قايناۋاتاتتى. چاچلىرىغا ئاق سانجىلىغان بىر ئايال ئەڭ چەتتىكى قازاندىن چۆپ سۈزۋاتاتتى..ئۇنىڭىغا يېقىن سۇپۇدا بىر قىزچاق قونچاق ئويناۋاتاتتى.
يولۇچىلار بۇ ئاشخانىنڭ تامقىدىن رازى بولۇشتى. ئۇلار بايقى گۇمان ،پەرەزلىرىدىن خىجىل بۇلۇشقاندەك بىر-بىرگە قارشىپ قۇيۇشتى .شۇنداقتىمۇ ئۇلار تاماقنىڭ باھاسى توغۇرلۇق ھەر خىل قىياسلارنى قىلىشاتتى. (ئەمدى بىزدىن راۋرۇس قۇمۇردىغان بولدى.ئېسىل تاماقنىڭ پۇلىمۇئېسىل بولدىغان گەپ !يەنە كىلىپ بۇ يەر چۆل تۇرسا )لېكىن ئەھۋال ئۇلارنىڭ قىياسىدەك چىقىمىدى.تاماقىنىڭ باھاسى شەھەرنىڭىكىدىن سەك تۆۋەنرەك بولدى، چار ساقال كىشى تاماقىنڭ پۇللىرىنى يىقىقاچ ،پۈتۈن كۈچى بىلەن قولدى ساپلىقىنى سۈرتىۋاتقان يىگىتىكە قاراپ ؛ ھەي - قاھارجان ئاپتوبۇسقا قاراپ باق ، تاماققا چۈشمەي بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قالغانلار بارمىكىن،ئۇلار ئۇسىسۇزلۇق بولسىمۇ ئېلىۋالسۇن.(يول ئازابى گۆر ئازابى)دېگەن گەپ بار دىدى.
يىگىت ھايال بولمايلا ئاپتوبۇس تەرەپتىن قايتىپ كەلدى.
-دادىسى،بالسى بار بىر چوكان چۈشمەپتۇ،تاماق يەيدىغان پۇلۇم يوق دەيدۇ.
-ھوي ئانسى بېرىڭىلار ،ئۇنڭىغا مەن مىھىمان قىلاي دەڭلا ،بىرەر قاچا ئاش دىگەننىڭ كارايىتى چاغلىقىقۇ؟ تاماق يەپ ماڭسۇن. ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا ئاشپەز چوكان بىر چوڭ كورىنى شىرەگە قۇيۇپ؛
-قېنى بۇ سوغۇق چاي، يولدا ئۇسىساپ قالاسىلەر،-يۇلۇچىلار مەمنۇملۇق بىلەن چاي قۇتسى،سۇدانلىرىنى تولدۇرۋېلىشىتى. بىردىنلا يولۇچىلارنىڭ دىققى چارساقال كىشىگە بىر مۇنچە پۇلنى تەڭلەۋاتقان شوپۇرغا ئاغدۇرۇلدى. ئىز تورى بەك ياخشى
-زەيدىن ئاكا، بۇ پۇلنى ئالمىسىڭىز ، مەن رەنجىپ قالمەن،-دەيتى شوپۇر ،-ھېلىمۇ ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى. (بار تاۋىقىم يان تاۋىقىم)دەپتىكەن ئالدىڭىزدا خىجىلمەن .
بۇنداق دەپ كەتمەڭ ئۇكام ،ئادەم دىگەننىڭ بېشىغا نى ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇ. كىشىلەر بىر-بىرىگە ياردە قۇلنى سۇنىشىپلا تۇرسا تاغدەك مۈشكۈللەرمۇ تېرىقىچىلىك بىلىنىمەيدۇ. بۇ دىگەن ئۆتنە ئالەم پۇل ھازىرچە سىزدە...
-ياقا ئاكا ھېچبولمىغاندا قاھارجان ھارۋا سۆرەپ سۇ تۇشۇشتىن ئازات بولسۇن ،بۇ ئاز بولسىمۇ مېنىڭ كۆڭلۈم.
-سىز بىلىمەيسىز. ئۇ ھارۋا سۆرەپ ئۆزىنى چېنىقىتۇرماقچى ،پەقەت گەپكە كىرگۈزەلمىدىم ،ئەمسە ئۇنىڭىغا جاننىڭ كۈندە چېچەكلىمەيدىغانلىقى توغرىسىدا نەسھەت قىلىپ قويسىڭىز بوپتىكەن .
يۇلۇچىلارنىڭ كۆزى بىردىنىلا ئاشخاننىڭ يان ئىشىكىدە تۇرغان ئۈستىدە سۇ تۇڭى ئورنىتلىغان رىزىنكە چاقلىق ھارۋىغا چۈشتى. ھارۋا شوتىسىدا تۆتلۈك تاسما ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۇلار بىردەك ؛ (بۇ يىگىت سۇنى يىراقلاردىن ئەكىلىدىكەن توۋا ، بۇ خەخ شۇنچە كۆپ جاپا تارتىپ تۇرۇپمۇ خېرىدارلاردىن چاي پۇلى ئالمىسا ، تاماقلىرىنى ئەرزان ساتسا ، زىيان تارتىمامدىغاندۇ-ھە!دىيىشتى.
-زەيدىن ئاكا ، دېدى خالىق شوپۇر ئەتىراپتىكى قۇم بارخانلىرىغا كۆز يۈگۈرتۈپ ،-ئۈچ يىل ئىلگىرى ئاشۇ بۇرانلىق كېچە ئېسىڭىزدىمۇ؟ قېرىشىقاندەك ئادەمسىز بۇ چۆلدە ئاپتومىبلىم يۈك بىلەن ئازگالغا غۇۋلاپ كەتتى. ئۆزۈمىمۇ يارلاندىم ئاغىرىق ئازابىم ئوتقا تاشلانغان قىلىدەك تولغىناتتىم ،(ھەي ئىسىت ئۆلۈكۈم ئازگالدا قالىدىغان بولدى)دەپ ئويلىدىم .ئىسىمىنى يوقاتقان ئوخشايمەن .كۆزۈمىنى ئاچسام،سىزنىڭ ئەتىراپى قۇمۇش بىلەن توسۇلغان چەلىلىڭىز ئاستىدا يېتىپىتىكەنمەن. سىز مېنى ئەجەلنىڭ چاڭگىلىدىن تارتىۋاپسىز. ئۇ چاغلاردا مۇشۇ ئاشخانا ئورۇنىدا قۇغۇن-تاۋۇز ساتاتىڭىز . راسىت گەپنى قىلىسام ، ئەينى چاغدا يانچۇمىدا پەقەت تارماققا يەتكۈدەكلا پۇل بار ئىدى. سىز پۇل چىقىرىپ ئاپتومۇبىلىمىنى رىمونىت قىلىپ بەردىڭىز. يەڭگەم بىلەن ئىككىڭىلار ھالىمىدىن ئوبدان خەۋەر ئالدىڭىلار،بۇنى مەڭگۈ ئۇنتالمايمەن !ھازىر يۈك ئاپتومبىلى ھەيدەشتىن ئاپتوبۇس ھەيدەشكە ئالماشتىم ،كالوندىكى كەسىپداشلىرىمىدىن زەيدىن ئاكا (ئەجەل جىلىغىسى)دا (ئاشخانا ئېچىپىتۇ)دەپ ئاڭلاپ كەلسەم ، راسىت دىگەندەك... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ھەي ئۇكام دىدى زەيدىن ئاكا ئەتىراپىدا ئۆرە تۇرغانلارنى ئولتۇرۇشقا ئۈندىگەچ ،-سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا ، مىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇيۇم مۇشۇ چۆلدە يۇلۇچىلار ئارام ئېلىپ ئۆتكىدەك بىرەر ئۆتەڭ قۇرۇش ئىدى. ھازىر ئاران مۇشۇنچىلىك قىلىدىم. چۈنكى كارۋان بوۋامىنىڭ قەبرىسى مۇشۇ قۇم بارخانلىرى ئاستىدا قاپتىكەن. ھەي ئېسىم قۇرسۇن ، سىزگە كىيىنىكى ئىشىلارنى ئېيىتىشىنى ئۇنتۇپتىمەن . مانا كۆردىڭىز، ئوغلۇم قاھارجان ئىككى يىل ئاشپەزلىك مەكتىپىدە ئوقۇدى.ئاشپەزلىكىنى ياخشى ئۆگەنگەچكە، مېنىڭ مېۋە-چېۋە ساتىدىغان ھېلىقى كەپەم ئاشخانىغا ئۆزگەردى. ئوغلۇمنى ئۆيلەپ قويدۇم، ئەنە بالىسىمۇ چوڭ بۇلۇپ قالدى. كۆڭلىگە كىرىپ چىقىسام ،ئۇ مېنى ئارزۇيۇمغا يەتكۈزمەكچى ئوخشايدۇ، ھازىر قۇلۇم قىسىقا (ئاز يېگەن كۆپ يەيدۇ)دىگەن گەپ بار . مانا ئەمدى سوپەكتىن بىرنى سېتىۋالساملا قالغان ئىشىلار ئۆزلىكىدىن يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. .مۇشۇ كۈنلەردە ئاشخانىمىزنىڭ ئالدىدا توختايدىغان ئاپتوموبىل،ئاپتوبۇسلار كۈندىن -كۈنگە كۆپىيۋاتىدۇ، تۆت ئادەم تاپىمەن .ئۆزۈمىنى سەل ئوڭلىنۋېلىپ ،ياردەملىشىشىكە بىر نەچچە ئادەم تېپىشىنى ئويلىشىۋاتىمەن . قاراپ تۇرۇڭ ئۇكام ،پات ئارىدا مۇشۇ (ئەجەل جىلىغىسى) دا كىشىلەر زوقلانغۇدەك (سۈزۈك بۇلاق ئارامگاھى )نى قۇرۇپ چىقىمەن.
-يارايسىز زەيدىن ئاكا . دېدى خالىق شوپۇر ئورنىدىن تۇرۇپ -، ئوبدان ئويلاپسىز ئارزۇيىڭىزگىمۇ يىتەرسىز .
ئاپتوبۇس قوزغالدى. يۇلۇچىلار چۆلدى بۇ ئاشىخانىنى خېلى بىر ھازاغىچە تەرپىلەشتى.