ئانا يۇرتۇمىنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ ساپ، چۈنكى ئۇ دەريا بۇيىغا جايلاشقان .كەڭ دەرياغا سېلىنىغان كۆۋرۈكىنى كىشىلەر (يېڭى كۆۋرۈك )دەپ ئاتىشىدۇ. يېڭى كۆۋرۈك بۇ قەدىمىكى يۇرتىنىڭ ھۆسنىگە خۇددى گۈزەل پەرىنىڭ مەڭزىدىكى خالدەك ياراشقان .كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قاتار كەتكەن قوشماق چىراقلار كېچىسى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ھەيران قالدۇرۇپ ،كۆۋرۈك ئۈستىنى كۈندۈزدەك يۇرتۇپ تۇرىدۇ.بۇ كۆرنۈش كىشىگە؛
يۇرۇپ كەتتى، يۇرتىمىز، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كېچىسىمۇ كۈندۈزدەك...
دېگەن خەلق ناخشىسىنى ئەسلىتىدۇ.
مەن كۆپنىچە كەچقۇرۇنلىرى كۆۋرۈكىنىڭ پىيادىلەر يولى بىلەن ئاستا مېڭىپ ئايلىنىشىنى ياخشى كۆرمەن . كەچكى شەپەقىنىڭ دەريادىكى شولىسى. دەريانىڭ ئوتتۇرسىدىكى كىچىك ئاراللاردا ئۆسكەن نوتا تاللارنىڭ مەيىن شامالدا خۇددى سەھىنىدىكى ئۇسۇلىچى قىزلاردەك لەرزان تەۋىرىنىشى . ئاققۇلارنىڭ دەريا ئۈستىدىن (قى...قۇ)لاپ ئۇچۇپ ئۆتۈشلىرى...قەلبىمىگە كارامەت ھوزۇر بېغىشىلاپ، جىددىي ئىشىلەشتىن يەتكەن ھاردۇقلىرىمىنى ۋۇجۇدۇمدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ-دە،ئۆزۈمنى بەكمۇ يەڭگىل ھېس قىلىمەن.يېڭى كۆۋرۈك بىلەن يانمۇ يانب تۇرۇشقا قاتار كېرەكسىز تۈۋرۈكلەر كونا ياغاچ كۆۋرۈكنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپتىدە دەريانىڭ قاق ئوتتۇرسىدا تىك تۇرشاتتى . بۇ تۈرۈكىلەرنى كۆرگىنىمىدە باشىلاپ باراتتى-دە، سەبىي چاغلىرىمىنىڭ بىرەر ئېسىل كارتىنىسى سوئال خىيال ئىكىرانىمىدا نامايەن بۇلاتتى.
بۈگۈنمۇ شۇنداق بولدى.كۆۋرۈكىنىڭ شەرقى تەرپىدە تۇرغان ئاشۇ قالدۇق ياغاچ تۈۋرۈكلەرگە قاراپ ،گۆدەك ۋاقىتىلىرىمىدا يۈز بەرگەن بىر ۋەقە كۆز ئالدىمىغا كەلدى. ئىز تورى www.iz.la
1953-يىلىنىڭ ئاۋغۇسىت ئايلىرى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇ چاغدا بىزىنىڭ ئۆي (شىۋىرغان )مەھەللسىدە ئىدى. باشىلانغۇچ مەكتەپىنىڭ بىرنىچى يىللىقىنى تۈگىتىپ تەتىل قىلىۋاتاتتىم.مەھەللىدىكى باللار ھەر كۈنى دىگۈدەك ئۇستا چۆچەكچىمىز مۇھەممەت(غاز)نىڭ باشىلامچلىقىدا ئازاتلىق ئارمىيىنىڭ كۆۋرۈك ئەتىرىتى ياسىغان ياغاچ كۆۋرۈككە كېلىپ ،كۆۋرۈك ئۈستىدىن دەريا سەكىرەپ چۈمۈلۈپ ئوينايتۇق. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مۇھەممەت (غاز) 16ياشىلارىدىكى ئىگىز بوي،يۈزىدە سەپكۈن بار ،سول كۆزى سەل قىسىماق ،زىلىۋا بوي بالا ئىدى. ئۇ باشىلانغۇچ مەكتەپىنىڭ ئەڭ كونا ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ.شۇ يىلى تۇلۇقسىز ئولتۇرا مەكتەپىنىڭ يېڭى سىنىپىغا قۇبۇل قىلىغان ئىدى. ئۇ مۇنداق بىر قانچە ماھاىتى بىلەن تەڭتۈشلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقىلىنەتتى. ئۇ سۇنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىدا ئوخشاشلا تىز ھەم ئۇزاق ئۈزەلەيتى.شۇڭا باللار، ئۇنىڭىغا (غاز)دىگەن لەقەمىنى قۇيۇشقان، چېلىشىشتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئىگىز ھەم ئورۇقلۇقىغا باقماي، چوڭ كىچىك ھەممىنى يىقىتىشاتتى. ئۇ يەنە قىزىق چۆچەكلەرنى ئېيىتىشىقا بەكمۇ ئۇستا ئىدى. ئۇنىڭ ئېيىتىپ بىرىشىچە دادىسى ئىلىگىرى مەدىھالىق قىپتىكەن. شۇڭا ھەممەيلەن تولا چاغلاردا ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتۇق ،ئۇنىڭىغا ئامراق ئىدۇق(جەڭ)قىلىشى ئويۇنلىرىدا ئۇنىڭ (قۇماندان)لىقىغا شەرتىسىز بويسۇناتتۇق. تەتىل كۈنلىرى بولغاچقا،بىز ھەر كۈنى دېگۈدەك ھاۋا قىزىغاندا،مەزمۇت باياچ قېلىن تاختايلاردىن ياسالغان بۇ كۆۋرۈككە توپلىشىپ كۆۋرۈك ئۈستىدىن دەرياغا سەكىرەپ، سۇ ئىچىدە ھارغۇچە سۇ ئۈزۈپ ئوينىغاندىن كىيىن ،دەريانىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئارالىغا چىقىپ مامۇقتەك يۇمشاق ،كاۋاپتەك قىزىق قۇم ئۈستىدە ئوينايتۇق. بۇ بىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك ئويۇنلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى. كەچتە بولسا ئاجايىپ قىزىپ كىتىدىغان مۈكۈشىمەك ئويۇنلىرىمىز باشلىناتتى. ئويناپ چارچىغاندا بولسا كوچىنىڭ دوقمۇشىدىكى موللاخان ناۋايىنىڭ تۇنۇر ئەتىراپىدا ئولتۇرۇپ مۇھەممەت(غاز)قىزىق چۆچەكلىرىنى تىڭىشايتۇق. چۆچەكىنىڭ بىر قىسىمى ئاخىرلاشقاندا،نۆۋەت بىلەن (دوسىت!ئۇستامىنىڭ بېغىشغا كەلگەن بالانى توس!)دەپ توۋلىشاتتۇق. بىر كۈنى ئادىتىمىز بۇيىنىچە كۆۋرۈك ئۈستىگە جەم بولدۇق. ھاۋا ئۇچۇق ئىدى. كۈن چۈش بولغاندا يەر زىمىن بەئەينى تۇنۇردەك قىزىپ كەتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ئاغىنىلەر،-دېدى مۇھەممەت(غاز)بىرنچى بۇلۇپ يالڭاچلىنىپ ،-مەن كۆۋرۈكتىن قانداق سەكىرىسەم ، سىلەرمۇ ماڭا ئوخشاش سەكرەيسىلەر، ئەگەر كىم قاملاشتۇرالمىسا، بۈگۈن تەرگەن تۆمۈر تەسەك پۇلىدىن ئۇنىڭغا ئۈلۈش بىرلمەيدۇ. مانا قاراڭلار، ئۇ كۆۋرۈكتىن دەرياغا سەكرىدى،(چولتوڭ) قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ سۇ ئۈستىدە بىر مۇنچە چوڭ كىچىك چەمبەرلەر ھاسىل قىلىپ، سۇنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتتى. ھەممەيلەننىڭ كۆزى لۆمشۈپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە مىقىدەك قادالغان ئىدى. (مانا ئىنا دەپ ئۇنىڭ سۇدىن بېشىنى چىقىرىشىنى كۈتۈشكە باشلىدۇق. بەزى بالىلار؛
-ئۇ راستىنىلا چۆمگەن غازىنىڭ ئۆزىدە-دېيشەتتى. خېلى ئۇزاقتىن كىيىن ئۇنىڭ بېشى سۇ يۈزىدە كۆرۈندى- دە؛-جېنىم ئاغىنىلەر. مەن بۇلالمىدىم،مېنى قۇتقۇز...-دېگىنىچە سۇغا بىر چۈمۈپ -بىر لەيلەپ دېگەندەك ئېقىشىقا باشلىدى. يېشى چوڭراق باللار كەينى كەينىدىن سۇغا سەكرەشتى. كىچىلەر بولسا قورقىنىمىزدىن نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي كۆزلىرىمىزنى چەكچەيتىكىنىمىزدە دەرياغا قاراپ قالدۇق. دەرياغا سەكىرىگەن بەش-ئالتە بالا مۇھەممەت غازنى يۆلەشتۈرۈپ سۆرەشتۈرۈپ دېگەندەك دەريانىڭ قىرغىقىغا ئاچىقىشتى،بىز كىنىدىك ئاستىنى يەنە بىر قولدا بىقىننى تۇتقىنىچە ۋاي-ۋايلاپ ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ،بارماقلىرى ئارسىدىن چاتىرىقىنى بويلاپ قىپىقىزىل قان شورقىراپ ئېقىۋاتاتتى.ئارىمىزىدىكى چوڭراق باللار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئالدىرىدى.ئۇ ئاخىرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىدى. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشچە؛ ئۇ سوغا سەكرىگەندە كۆۋرۈك تۈۋىگە يانداش قېقىلىغان قوۋرۇقىنىڭ ئۇچى ئۇنىڭ كىنىدىك ئاستىنى تېشىۋەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۈچەيلىرىمۇ ئېغىر زەخمىلەنگەن ،ئەگەر جىددىي قۇتقۇزلمىسا، ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۈمۈد كۈتكىلى بولمايدىكەن.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
شۇنداق قىلىپ ، مۇھەممەت (غاز) دوختۇرخاندا توپتوغرا ئىككى ئاي داۋالىغان بولسىمۇ، ئۆرە بۇلالمىدى. مەكتەپتە بولسا ئوقۇش ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتتى. بىز ھەر يەكشەنبە بۇ دوستىمىزنى يۇقلاپ تۇردۇق، ئۇنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى ئوساللىشىپ . داۋالاشتىن شىپا تاپماي، ئاخىر بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى!...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
(دۈت،دۈت) قىلىغان كۈچكۈك سىگىنال ئاۋازى مېنى خىيال رېئاللىق ساھىلىغا ئېلىپ چىقىتى.(ئى مۇھەممەت)غا،-دېدىم ئىچىمدە،-سېنىڭ ئوماق بالىلىقىڭ ئاشۇ چوقچىيىپ تۇرغان ياغاچ تۈۋرۈكلەرگە ئىلىنىشىپ قالغان!سەن ئارىمىزدىن ۋاقىتىسز كەتتىڭ... مەن سېنى تا ھازىرغىچە ئسىمىدىن چىقارمىدىم!)
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مانا ھازىر ئەھۋال باشقىچە.... ئىز تورى www.iz.la
باللارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ باشقىچە، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىمۇ باشقىچە. ئۇلار خىلىمۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇلىنىدۇ. دەرىسىتىن ۋاقىتىلىرنى مەنىلىك ئۆتكۈزىشىدۇ.كىتاپ ئوقۇيدۇ، دەرىس تەكرارلايدۇ،،مودېل ياسايدۇ،تەكشىلىنىپ ساياھەتلەرگە بارىدۇ،لاگىر پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ،تېلىۋۇزۇر كۆرۈش رادىئول ئاڭلاش،ھەر خىل ناخشا،مۇزىكىلارنى تىڭىشايدۇ،يەنە تېخى كومپىيوتىر بىلەن مەشغۇلات قىلىشىتا ئۆز-ئارا مۇسابىلىقىلىشىدۇ.
ئۆسمۈرلەرنىڭ ھازىرقى ئالتۇن دەۋرى بىزنىڭ ئاشۇ كەپسىزلىك بىلەن ئۆتكەن باللىق چاغلىرىمىزغا ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ.ئۇلار ئەقللىق، بىلىمىلىك، بەخىتلىك،سەۋەبى دەۋىر ئۆزگەردى. بۇنىڭىدىن كىيىن ھاياتنىڭ پەسلىمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئىنىسانىيەت نەسلىمۇ ئۆزگىرىدۇ! www.iz.la
مەنبە؛ نىقابلانغان قاتىللار
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق