(ھېكايە)
دىلمۇرات سادىقۇۋ (ئۆزبېكىستان)
يازنى ساناتورىيەدە ئۆتكۈزدۈم. ساناتورىيەگە بارغان بىرىنچى ھەپتە ئىككى كىشىلىك ياتاقتا يالغۇز يېتىپ زېرىكتىم. بۇنى ئاز دېگەندەك، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قېرىلار بولغاچقا، ئۇلار بىلەن گۇڭۇر – مۇڭۇر بولۇشمۇ تەس ئىدى. شۇڭا ‹‹ ياتاقتا پۇتۇمنى سوزۇپقىنا ياتقىنىم ئەۋزەل›› دېگەن خىيالغا كەلدىم. نە چارە؟ داۋالىنىش كېرەك – تە. بىراق ۋاقىت ئۆتكەنسېرى كۆڭلۈم بىرەر ھەمسۆھبەت خالاپ قالدى. نىھايەت، سەككىزىنچى كۈنى بىر يىگىت ماڭا ياتاقداش بولدى. چىرايى ئاپتاپتا كۆيگەن بۇ يىگىت پۇتىنى چۆرۈپ ماڭاتتى. دۆڭ پېشانىسىگە نامۇناسىپ ئولتۇرۇشقان كۆزلىرى كىشىگە ئورىنى ئەسلىتەتتى. چېچەكتىن قالغان چوقۇرلار يۈزىدە مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ تولىمۇ خىيالچان ئىدى.
ئۇ ئۆزىنى ‹‹دولاي›› دەپ تونۇشتۇردى. ئۇنى ھەرقانچە گەپكە سالساممۇ ‹‹ھە›› ياكى ‹‹ياق›› دەپلا جاۋاب بېرەتتى. ئۇ، ئادەتتە، ئاز سۆزلىگىنى بىلەن، سەلگىنە ئىشلارغا چېچىلىپ، سۆزمەنلىشىپ كېتەتتى. بىر قېتىم ئۇ ھەمشىرىنىڭ ئوكۇل سېلىشقا كېچىكىپ كىرگەنلىكىنى باش دوختۇرغا ئىنكاس قىلىپ، ھەمشىرىنى ئوبدانلا پاراكەندە قىلدى. باش دوختۇر سۆز ئارىلىقىدا ھەمشىرىنىڭ يېنىنى ئېلىپ قويۇۋېدى، ‹‹ھەممىڭ پۇلنىڭ قۇللىرى›› دەپ تەنە قىلدى. باش دوختۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ قىزىرىپ كەتتى. ئۇ قوللىرى تىترىگەن ھالدا پىيالىدىكى چاينى ئالغاچ: ئىز تورى بەك ياخشى
— بۇ يەردە بىرەرسىنىڭ پارا ئالغىنىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ياكى بىرەرسى سىزدىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلدىمۇ؟ – دەپ سورىۋېدى، دولاي:
— ھەمشىرىنىڭ ئوكۇل سېلىشنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈشى پۇل تەمە قىلىشتىن بېشارەت، دەپ ھۆرپەيدى. باش دوختۇر ئۇنىڭ بىشەملىكىنى سېزىپ چاندۇرماستىن:
— كەچۈرۈڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز كېچىكمەيدۇ، – دەپ جېدەلنى بېسىقتۇردى.
بۇ يەردىكى دوختۇر، ھەمشىرىلەر بىر ھەپتىدە ياتاقدىشىمدىن بىزار بولۇشتى. شۇنداقتىمۇ ھەمشىرىلەر ئۇنىڭ باش دوختۇرغا يەنە چېقىشتۇرماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئوكۇلىنى ھەممىدىن بۇرۇن سېلىپ قوياتتى. ئەمما ياتاقدىشىم يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن قۇسۇر تېپىپ تۇراتتى. ئىز تورى www.iz.la
بىر كۈنى كەچتە دوختۇرخانا قورۇسىنى ئايلىنىۋېتىپ ئۇنىڭدىن:
— مىجەزىڭىز نېمانچە چۇس؟ – دەپ سورىدىم. ئۇ جاۋاب بېرىشنىڭ ئورنىغا كۆزىنى قىسىپ قويدى.
— بۇنىڭ بىرەر سەۋەبى باردۇر، ئېھتىمال؟ – قايتا سورىدىم. ئۇ دوختۇرخانا ھويلىسىدىكى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندىن كېيىن گەپ باشلىدى:
— ئون توققۇز ياش ۋاقتىم ئىدى. چارۋىچى بولغاچقا، كۈنىمىز يايلاقتا ئۆتەتتى. بۇ ۋەقە شۇ يىلى باھاردا يۈز بەردى. ئاتام يېڭىلا تۇغۇلغان بىر نەچچە قوزىنى تونىغا يۆگەپ قوتانغا ئېلىپ كەتتى. قويلارغا ئىنىم ئىككىمىز قارىدۇق. ئىنىم ماڭا قارىغاندا تەمبەل، ئەپچىل ئىدى، مالچىلىقنىڭ ئېپىنى بىلەتتى. ئىككىمىز چېلىشىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، قويلارنىڭ جىلغىغا كېتىپ قالغانلىقىنى تۇيماپتىمىز. ئىنىم قويلارنى قوغلاپ كەتتى. مەن ئات توقۇمىنىڭ ئۈستىگە يانپاشلاپ، چېلىشتا ئىنىمنى قانداق يېڭىشنى ئويلاشقا باشلىدىم. ئىنىم چاپۇتلاشنى ياقتۇرمايتتى. تولاراق ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇل بىلەن باشقىلارنى يېڭەتتى. ‹‹ئۇنى چاپۇتلاپ يېقىتىمەن›› دېگەن خىيالدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم. www.iz.la
شۇ خىيالنىڭ ‹‹ئەللىيى››دە خېلى يېتىپتىمەن. شۇنىڭغىچە ئىنىم كەلمىدى.ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەتراپقا بويۇنداپ قارىدىم. ئەمما قويلاردىن باشقا قارا كۆرمىدىم. ئەنسىزلىنىپ جىلغا بويىغا باردىم. نېمە دەي؟ قارىسام ئىنىم بىلەن بىر قوي جىلغىدا قانغا مىلىنىپ يېتىپتۇ...
ھەممە ئىش شۇنىڭدىن باشلاندى. ئاتام بۇ ئېچىنىشلىق تاسادىپىيلىقنى كېيىنچە چۈشەندى. ئەمما، ئانام بۇنى مەندىن كۆردى. ئۇنىڭچە ئىنىمنىڭ ماماتىغا مەن سەۋەبچى ئىدىم. ئۆزۈمنى ئاقلاشقا ئۇرۇنساممۇ پايدىسى بولمىدى. قۇلىقىمنى يوپۇرۇپ يۈرۈۋېرەيمۇ دېدىم. ئەمما، ئانام مېنى كۆرسىلا ئىنىمنى ئويلاپ يىغلىغاچقا، ئۆيدىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلدىم. ئىككى يىل بېشىم قايغان، پۇتۇم تايغان يەردە يۈردۈم. بېشىمغا كۆپ تەشۋىشلەر چۈشتى. بۇ جەرياندا كىشىنى بىزار قىلغۇچى مۇتتەھەملەر بىلەن ئۈلپەتمۇ بولدۇم. ئۇلار خىيالىغا كەلگەن ئەخمىقانىلىكنى مەن ئارقىلىق سىناپ كۆرۈشەتتى. بىر كۈنى ئۇلار مېنى قېپيالىڭاچ قىلىپ دەرەخكە باغلاپ قويدى. شۇ ھالەتتە ئۈچ كۈن تۇردۇم. تۆتىنچى كۈنى ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن. لېكىن، ئۇلار يەنە كېرەك بولار دەپ ئويلىسا كېرەك، مېنى قىزىق تاشقا ياتقۇزۇپ، ئاغزىمغا سۇ تېمىتىپ قۇتقۇزۇپ قاپتۇ. بۇ كۆرگۈلۈكلەرنىڭ نەتىجىسىدە مەن ئادىمىيلىكىمنى يوقاتتىم. كۆڭلۈمدە باشقىلارغا نەپرەت ئويغاندى. بۇ سەرسانلىقنىڭ ئىككىنچى يىلىدا ئانامنى كۆپ چۈشەيدىغان بولدۇم. شۇ چاغدا بىلدىمكى، ئانا ئۈچۈن بالىنىڭ يامىنى بولمايدىكەن. كېيىن كېچىلىرى ھاراق ئىچىشنى ئادەت قىلدىم. بىراق پايدىسى بولمىدى. نىھايەت، ئۆيگە ئانامنىڭ باغرىغا قايتتىم. بىراق، ئىككى يىللىق سەرسانلىقتا ئادەم خالىماسلىقتەك غەيرىلىكنى يېتىلدۈرۈۋاپتىمەن. مەرھۇم ئىنىم مەندىن نارازى بولۇپ كەتكەن بولسىچۇ؟ دېگەن خىيال كاللامدىن كەتمىدى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
راستىنى ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەبچى. شۇ چاغدا ئات توقۇمىغا يانپاشلاپ، ئۇنى قانداق يېڭىشنى ئويلىغانىدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇنى پۈتۈنلەي يىقىتقان، يوقاتقان ئىكەنمەن. ئىشىنىڭكى، ئىنىم يولۇققان پالاكەتكە مېنىڭ خىيالىم سەۋەبچى بولدى.
— ئۆزىڭىزنى بۇنچە ئەيىبلەشنىڭ ئورنى يوق. بۇ تاسادىپىيلىققۇ؟– دېدىم مەن.
— ياق، جىمى ۋەقەلەر ئاۋۋال ئىنساننىڭ ئېڭىدا يۈز بېرىدۇ. كىشى دىلىدا نېمىنى ئويلىسا، شۇ بولىدۇ. مېنىڭ ئەيىبىم، ئۇنىڭ ئىنىملىكىنى ئۇنتۇپ، ئۇ ياقتۇرمايدىغان ئۇسۇل بىلەن ئۇنى يېڭىشقا ئۇرۇنغىنىم، – دېدى ئۇ.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇنى ھېس قىلىش كېرەك. شۇ خىيال تۈپەيلى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ياشاشنى ئۆزۈمگە راۋا كۆرمىدىم. توۋا قىلسىڭىز بولمىدىمۇ، دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئۆزۈمنى ئالدىيالمايمەن. ئادەملەر قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتماسلىق ئۈچۈن توۋا قىلىشىدۇ، بىراق يەنىلا كۆڭلى ئىزتىراپتىن قۇتۇلالمايدۇ. بەلكىم چېكىلگەن ئىزتىراپلار بىلەن گۇناھ يۇيۇلار. بۇرادەر، ھەرقانداق قىلمىشنىڭ بېرىدىغان جاۋابى بولىدۇ. جۈملىدىن مېنىڭ جىنايەتكارانە ئويۇمنىڭ ھەم.
ئۇ باشقا گەپ قىلمىدى. ياتاققا قايتىپ، كارىۋاتقا تاشلاندۇق. ئۇنىڭ كەچمىشلىرىنى ئويلاپ خېلىغىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. ئۇنى چۈشىنىش قىيىن. قاچانلاردا ئۇخلىدىمكىن تاڭ، ئويغانسام ياتاقدىشىم يوق. بىر ۋاراق قەغەزگە‹‹مەن يامان بولسام، سىز ئەيىبلىك ئەمەس›› دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى مۇھەممەد كامال خۇشخۇي