نىجات يانچۇقىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال تاماكىسىنى تۇتاشتۇردى. بارلىق دەرت-ئەلەملىرىنى ئاشۇ تاماكا ئىسى بىلەن يۇتماقچى بولغاندەك كۈچەپ شورايتتى. ئاغزى – بۇرنىدىن قويۇق تاماكا ئىسى تۈرۈلۈپ چىقاتتى. كۆزى يولدىن، نامەلۇم بىر نوقتىدىن،ئاشۇ سەلدەك ئېقىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدىن يەنە بىر كۆرۈشكە تەقەززا بولغان سۆيۈملۈك چىراينى ئىزدەيتتى. ئەمما شۇنچە ئىزدەپمۇ ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان چىراينى تاپالمىدى، ئۇ شۇنداق تېگى يوق خىياللار ئچىدە مېڭىپ ئۆيىگە كەلدى. ئىشىكتىن كىرىشىگە ئانىسى ئالدىغا چىقتى، ئەمما ئۇ ئانىسىغا قاراپمۇ قويماي ئۇدۇل ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدى-دە، يەنە خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
نىجات ئۆيىدە يالغۇز ئولتۇرۇپ ، تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىرقى سۆيگەن قىز دوستىنى ئويلاۋاتاتتى، ئۆي نىجاتقا خۇددى گۆرگە ئوخشاش ھەم سوغوق ھەم قاراڭغۇ تويۇلاتتى. تۆت تام گويا ئۇنى ئەيىبلەۋاتقاندەك سوغوق جىلمىيىپ تۇراتتى. ئاشۇ سوغوق تۆت تامنىڭ ئىچىدە نىجات ئۆزىنى مەھبۇستەك، جازا ھۆكىمىنى كۈتۈپ تۇرغان جىنايەتچىدەك سېزەتتى. ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئالدىراش ھەم بىپەرۋالىقىغا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلاتتى، ئاشۇ ئۆچمەس، ئاچچىق پۇشايمان ئۇنىڭ يۈرىكىنى تاكى ھازىرغىچە قۇرتتەك غاجىلاپ، قىينىماقتا ئىدى، ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ قەدىرلەشكە تېگىشلىك، تولىمۇ قىممەتلىك بىر ئادىمىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالغاچقا، تەسۋىرلىگۈسىز بىر ئازاپتىن ۋۇجۇدىغا بوراندەك يىغا ئولاشتى،ئۇ ئەينى چاغدا ئەشۇ قىممەتلىك ئادىمىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىنىڭ بۇنچىلىك ئېغىرلىقىنى ، بۇنچىلىك دەھشەتلىكلىكىنى ھېس قىلمىغانىدى ... copyright by www.iz.la
نىجات كىچىكىدىنىلا ناھايىتى ئەقىللىق ئىدى، ئۇنىڭ ئىككىلا ئارزۇسى بار بولۇپ ، 1-ئارزۇسى ھەربىي بولۇش ، 2-ئارزۇسى بولسا ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىدى.ئۇ ئىككىلا ئارزۇسىغا ئەڭ جاپالىق ھەم ئەڭ شەرەپلىك كەسىپنى تاللىغان ئىدى .نىجاتنىڭ دادىسى ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك ئادەم بولۇپ، ئوغلىنىڭ ھەربىي بولۇش ئارزۇسىنى بەكرەك قوللايتى، ھەمدە نىجاتقا داۋاملىق ھەربىيچە ئالا –چىپاركىيىم –كېچەك، ۋە ئويۇنچۇق قوراللارنى كۆپرەك ئېلىپ بېرەتتى، ئۆيدە بولسا نىجاتنى ئاددىي ھەربىي مەشىقلەرگە سالاتتى، ھەربىيچە مېڭىش تۇرۇشنى ئۆگىتەتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى نىجاتنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇرۇشقا پايدىسى بار ئىدى...
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەختكە قارشى بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسىدە نىجاتنىڭ دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئائىلىنىڭ ئېغىر -يېنىك ئىشلىرىنى قىلىش، نىجاتنى بېقىش، مەكتەپتە ئوقۇتۇش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاپىسىغا يۈكلەندى، نىجات ئاپىسىنىڭ تارتىۋاتقان جاپالىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقاچقا ئاپىسىغا بەكلا ئىچى ئاغرىيتى، ئۇنى پەقەتلا خاپا قىلمايتى، كەلگۈسىدە چوڭ بولۇپ ئاشۇ جاپاكەش ئاپىسىنى راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئويلايتى...
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نىجاتمۇ چوڭ بولدى، ئۇنىڭ ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇراتتى. يۇقۇردىن ئەسكەر قوبۇل قىلىدىغان كادىرلار كەلدى، نىجاتمۇ ئەسكەرلىككە تىزىملاتتى، ئۇ ھەرقايسى تەكشۈرۈشلەردىن لاياقاتلىك ئۆتكەن ئىدى. مانا ، ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ تىزىملىكىمۇ چىقتى، ئەمما تىزىملىكتە نىجاتنىڭ ئىسمى كۆرۈنمەيتى، ئۇ شۇنچە سۈرۈشتۈرۈپمۇ زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدى، ئەمما ئۇ بۇ ئارزۇسىدىن زادىلا ۋاز كەچمىدى، پۇرسەت بولسىلا يەنە سىناپ باقماقچى بولدى... ئىز تورى بەك ياخشى
نىجات توللۇق ئوتتۇرنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىككىنچى ئارزۇسى بولغان شىنجاڭ ئونۋېرسىتىىتىنىڭ پىداگوگىكا فاكولتىتىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىشى ئالدىدا تۇراتتى، ئەمما ئۇ ھەربىي بولۇش ئارزۇسىدىن پەقەتلا ۋاز كەچمىگەن ئىدى، پۇرسەت بولسىلا ئەسكەرلىككە ئىمتىھان بېرىش خيالى بار ئىدى ...
بۈگۈن ئۇ ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلدى، ئوقۇش باشلانغىلىمۇ بىر ھەپتە بولۇپ ئاشتى، بۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان نىجات ياتاقداشلىرى بىلەن خېلىلا چىقىشىپ قالغان ئىدى، ياتاقداشلىرى كۈندە دەرستىن چۈشۈپ سىرتلارغا نېمىلەرگىدۇر ئالدىراشلا چىقىپ كېتەتتى، كەچتە ياتىدىغان چاغدا بىر ھازاغىچە سىنىپتىكى قايسىدۇر بىر قىزلارنىڭ گېپىنى قىلىشىپ تېلىقىپ –تېلىقىپ كۈلۈشۈپ كېتەتتى، نىجات بولسا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئانچە –مۇچە تىڭشاپ قوياتتى-يۇ، لېكىن بىر ئېغىز گەپ قىستۇرمايتى، بىردەملىك ماز پاراڭلاردىن كېيىن ھەممىسى شىرىن ئۇيقۇغا كېتىشەتتى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
سىنىپتا ھەر جاي –ھەر جايلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى، ئۈرۈمچىلىك قىزلارمۇ خېلىلا كۆپ بولۇپ، ئۇ قىزلارنىڭ ھالى بەكلا يامان ئىدى. كىيم – كېچەك دېگەننى پارقىرىتىپ كىيىپ، گىرىمنىمۇ بولۇشىغا قىلىشىپ قونچاقتەك ياسىنىۋېلىشلىرىچۇ تېخى؟ سىنىپتا نۇرفىيە ئىسىملىك بىر قىز بار ئىدى، ئۇ قىزمۇ ئۈرۈمچىلىك بولۇپ، باشقا ئۈرۈمچىلىك قىزلارغا زادىلا ئوخشىمايتى. ئۇ قىز ناھايىتى ئاددا –ساددا، ھەم كەم سۆز قىز ئىدى. بېلىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان چېچىنى داۋاملىق ئىككلا ئۆرۈپ ئالدىغا چۈشۈرىۋالاتتى . چىرايىمۇ ئادەتتىكىچە، بۇغداي ئۆڭ، غۇنچە بوي قىز ئىدى، ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئانچە تارتالمايتتى ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ھەش پەش دېگۈچە ئارىدىن 1 يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى. نىجات ھەرقايسى جەھەتلەردىن ناھايىتى ياخشى ئوقۇدى. ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ناھايىتى ئامراق ئىدى، ئەمما ئۇ تا ھازىرغىچە ھەربىي بولۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى. مانا يەنە بىر قېتىملىق ئەسكەر قوبۇل قىلىدىغان چاغ كەلدى. ئۇ يەنە غەيرەتكە كېلىپ قايتا تىزىملاتتى، بۇ قېتىممۇ ھەممە جەھەتتىن لاياقەتلىك بولغان ئىدى، ئەمما ئۇ ئالدىنقى قېتىملىق ئىشنى ئويلاپ بۇ قېتىم ئانچە ئىشەنچ قىلالمىدى .
بۈگۈن سىنىپ مۇدىرى نىجاتنى ئىشخانىسىغا چاقىرىتىپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر قىسىمغا ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ھەمدە بىر ھەپتە ئىچىدە تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ بولۇشىنى ئۇقتۇردى. نىجاتنىڭ ھەم دادىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقانىدى. ئۇ ياتىقىغا كىرىپ خوشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى،خوشاللىقىدا ھەتتا ئۇنىڭ كۆزىدىن بىر نەچچە تامچە ياشمۇ چىقىپ كەتكەن ئىدى . ئۇ تېزلا نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ مەكتەپتىكى رەسمىيەتلىرىنى بېجىردى-دە، بۇ خوش خەۋەرنى ئاپىسىغا يەتكۈزۈش ھەم خوشلۇشۇش ئۈچۈن يۇرتىغا قاراپ يول ئالدى. ..
ئىككى يېرىم يىلدىن كېيىن...
نىجات قىسىمنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىغا ئاللىقاچان كۆنۈپ كەتكەن ئىدى، ئۇ قىسىمغا كەلگەندىن كېينمۇ قىسىمدىكى ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ئىدى. نىجاتنىڭ ئىككى يىللىق ئەسكەرلىك ۋەزىپە ئۆتەش ۋاقتى توشۇپ بولغان بولسىمۇ، قىسىمدا يەنە قېلىش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلغان ئىدى، ئۇنىڭ قىسىمدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا قىسىمدىن ئۇنى يەنە 3يىل ئېلىپ قېلىشنى قارار قىلدى. ئۇ ھازىر بىر بەن يېڭى ئەسكەرلەنى يېتەكلەيتى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قىسىمدىكى تۇرمۇشى داۋاملاشماقتا ئىدى.
نىجات بۈگۈن ئەسكەرلىرىنى باشلاپ سىرتقا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىقتى. ئۇلار ئاۋات سودا-سارايلاردا كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز ئالىي مەكتەپتىكى ھېلىقى ئاددى –ساددا قىز ساۋاقدىشى نۇرفىيەنى ئۇچىرىتىپ قالدى- دە، كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەيلا قالدى. نۇرفىيە پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى، ئىلگىرىكى ئاۋاق، بۇغداي ئۆڭ قىز ئەمدىلىكتە باشقىچە ھۆسىن تۈزەپ قالغان ئىدى، ئۇ ھېلىقى ئالدىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان ئىككى ئۆرۈم چېچىنى بىرلا قىلىپ بوغۇۋالغان بولۇپ بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئۆسۈپ قالغان ئىدى. بۇرۇنقى ئورۇق گەۋدىسىمۇ راۋۇرۇس تولۇپ قالغان بولۇپ، كۆزلىرى يوغان، يۈزلىرى ئاناردەك سۈزۈك، سۇسلا قىلىۋالغان گىرىمى ئۇنى تېخىمۇ چىرايلىق ھەم يېقىملىق قىلىپ كۆرسىتەتتى. نۇرفىيە نىجاتنى كۆرۈپ شۇنداق يېقىملىق كۈلدى-دە، نىجاتنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ نىجاتنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم قىزلارغا زەن سېلىپ قارىشى ئىدى، ئۇ دەرھال ئېسىنى يىغىپ نۇرفىيە بىلەن ئەھۋال سوراشتى، شۇ ئارىدا بىر-بىرىنىڭ تېلفۇن نومۇرىنى سوراپمۇ ئۈلگۈرۈشتى، نۇرفىيە ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتكە پراكتىكىغا چۈشكەنلىنى ئېيتتى. نىجاتنىڭ كۆپ ۋاقتى بولمىغاچقا نۇرفىيە بىلەن ئۇزۇن پاراڭلاشمايلا خوشلاشتى، نىجات قىسىمغا قايتىپ ياتىقىغا كىرىپلا نۇرفىيە بىلەن ئۇچىرىشىپ قالغان كۆرۈنۈشنى خىيال قىلىشقا باشلىدى، ئۇ بۇ ياشقا كەلگۈچە بىرەر قىز زاتىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۈ باقمىغان ئىدى، قىزلار ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتالمىدىمۇ؟ ياكى ئۆزىنىڭ قىزلارغا دىققەت قىلغۇسى كەلمەمدۇ؟ بۇنى ئۆزىمۇ ھېس قىلالمىدى. بۇمۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم قىزلارنى خىيال قىلىشى ئىدى، ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى بىر خىل ئىللىق ئېقىمنىڭ تەسىرىدە جانلىنىۋاتاتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ بۆلەكچىلا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى، مەشىق ۋە ئۆگۈنۈشلەرگە ئانچە رايى تارتمايدىغان، خىيال سۈرۈپلا يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى. نىجات نۇرفىيەنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندەكلا قىلاتتى، ئەمما ئۆزىمۇ بۇنى ئانچە جەزملەشتۈرەلمەيۋاتاتتى، ئىشقىلىپ نۇرفىيەنى كۆرگۈسى كېلىپلا تۇراتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۈگۈن ئارام ئېلىش كۈنى، نىجات نۇرفىيەگە تېلفۇن قىلدى. نۇرفىيەنىڭ« ۋەي» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ نىجاتنىڭ يۈرىكى سوقۇپ ھودۇققىنىچە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالماي تەمتىرەپ كەتتى. نۇرفىيە يەنە:
_ نىجات گەپ قىلىڭە؟ سىز ئىكەنلكىڭىزنى نومۇرڭىزنى كۆرۈپلا بىلدىم –دېدى.
نىجات ئالدىنقى قېتىم ياتىقىنىڭ نومۇرىنى دەپ بەرگەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى.
_ ياخشىمۇ سىز؟
_ ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟ قىسىمنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالغانسىز؟
_ ھەئە ، ئۆزىڭىزچۇ؟ ئوقۇتقۇچى بولسا ياخشى بولامدىكەن؟ ئوقۇغۇچىلىرىڭىز تازا كەپسىزدۇ؟
_ئەلۋەتتە ياخشى بولىدىكەن، بۇ مېنىڭ ئارزۇيۇم تۇرسا؟ ئوقۇغۇچۇلۇرۇم ھەم كەپسىز، ھەم ئوماق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سىزگە ئوخشاش جىمغۇر، تىرىشچان قاچانلا قارىسا خىجىل بولۇپ قىزىرىپلا تۇرىدىغان بىر ئوقۇغۇچۇم بار، مەن ئۇنىڭغا بەكلا ئامراق، ئۇ بەك ئەقىللىق...
ئىز تورى www.iz.la
ئۇلار تېلفۇندا ئاساسلىقى خىزمەت توغۇرلۇق پاراڭلاشقاندىن كېيىن خوشلاشتى. نۇرفىيە تېلفۇننى قويۇپ بولسىمۇ ئەمما نىجات تېخىچىلا تورۇپكىنى قولىدا تۇتقانچە نېمىلەرنىدۇ خىيال قىلىپ تۇرۇپ قالدى. تېلفۇننىڭ «دۈت-دۈت»قىلغان ئاۋازى ئۇنى ئېسىگە كەلتۈردى-دە، ئەتراپىغا ئىتتىك قارىۋېتىپ تورۇپكىنىى قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن نىجات پات-پاتلا نۇرفىيەگە تېلفۇن قىلىپ تۇردى. نىجات ھەرقېتىم سىرتقا چىققان چاغلىرىدا نۇرفىيەگە تېلفۇن قىلىپ چاقىرىتاتتى-دە، ئۇنىڭغا نۇرغۇن يېمەكلىك دېگەندەك نەرسىلەرنى تۇتقۇزۇپ قوياتتى، ھەم ئۇنىڭغا قىيمىغان ھالدا خوشلىشاتتى. ئۇ بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلدى. قايتىپ كىرىپلا نۇرفىيەگە يەنە تېلفۇن قىلدى، بۇ قېتىم ئۇ نۇرفىيەگە ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقكىنى ئېيتماقچى بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ غەيرەتكە كېلىپ نۇرفىيەگە يۈزتۇرانە تۇرۇپ ئېيتىشقا پېتىنالمىغان يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ نۇرفىيە نىجاتنى مەكتەپتىكى چاغدىلا ياخشى كۆرەتتى، ئەمما قىزلىق غورۇرى بۇنى ئاشكارلاشقا يول قويمىغان ئىدى، بۈگۈن نىجات ئاخىرى بۇ توغۇرلۇق سۆز ئاچتى، نۇرفىيەمۇ شۇنچە يىلدىن بۇيان يۈرىكىدە ساقلاپ كېلىۋاتقان يۈرەك سۆزلىرىنى ئاخىرى ئېغىزدىن چىقاردى. نىجات بىلەن يۈرۈپ قېلىش نۇرفىيەنىڭ خىيالىغا كېلىپمۇ باقمىغان ئىدى، شۇڭلاشقىمۇ نۇرفىيە نىجاتتىنممۇ بەكرەك خوشال ئىدى. ئۇلار ھەرقېتىم تېلفۇندا كۆرۈشكەندە سائەت-سائەتلەپ مۇڭدىشاتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ شىرىن –تاتلىق سۆزلىرى باشلاندى.
بىركۈنى نۇرفىيەنىڭ ئاپىسى:
_ قىزىم ئوقۇشىڭىز پۈتۈشكە ئازلا قالدى، ئاللا خالىسا ئوقۇشىڭىز پۈتكەندىن كېيىنلا تويىڭىزنى قىلىپ سىزنىڭ بەختىڭىزنى كۆرسەم دەيمەن، بۇگۈن بىر تۇققىنىمىز سىزنى ئوغلىغا لايىق كۆرۈپ كەپتۇ، سىزنىڭ ئوقۇشىڭىز پۈتكەندىن كېيىنلا تويىنى قىلىۋەتسەك دەيدۇ، تۇققىنىمىزنىڭ ئۇ بالىسىمۇ ناھايىتى ئەدەپلىك، ياخشى چوڭ بولدى، ئەمما مەن ئۇلارغا قىزىمنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بېقىپ ئاندىن جاۋابىنى بېرەي-دېدىم، لايىقىڭىز بولمسا ئۇنىڭغا قانداق قارايسىزكىن؟ ناۋادا لايىقىڭىز بولسا ئۇلارغا تېگىشلىك جاۋابىنى بېرەي-دېدى.
شۇنىڭ بىلەن نۇرفىيە ئاپىسىغا نىجات توغرىسىدىكى ھەممە گەپلەرنى ئېيتتى ھەمدە نىجاتنىڭ ۋاقتى توشسىلا توي قىلىدىغانلقىنى دېدى، ئاپىسىمۇ بۇنىڭغا قوشۇلدى ھەم ئۇلارغا بەخت تىلىدى.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە ئارلىشىپ يۈردى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتتى، نۇرفىيەنىڭمۇ ئوقۇشى پۈتۈپ، رەسمىي خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ بولغۇچە بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى.
كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋاتاتتى، بارغانسېرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دېيىشىدىغان گەپلىرىمۇ ئازلاپ كېتىۋاتاتتى، نىجاتمۇ نۇرفىيەگە خۇددى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتقاندەكلا ناھايىتى ئاز تېلفۇن قىلىدىغان بولۇپ قالدى. نۇرفىيە بولسا نىجاتنى ناھايىتى ئالدىراش دەپ ئويلاپ ئۇنى توغرا چۈشىنەتتى، ئامال بار ئۇنڭغا بېسىم قىلمايتى. دېمىسىمۇ نىجات يېقىندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ، خىزمەت بېسىمىمۇ ئېغىر ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن خىزمىتىنى بەكلا سۆيەتتى. نۇرفىيە بىلەن ئارلاشقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا خىزمىتىنى يۇقىرى ئورۇندا قويۇپ كەلگەن ئىدى، شۇڭلاشقىمۇ نۇرفىيەنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كېتەلمىدى، ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلەلمىدى، ئىلگىرى نىجات نۇرفىيەگە كۆپرەك تېلفۇن قىلاتتى، ھازىر بولسا نۇرفىيە نىجاتقا بەكرەك تېلفۇن قىلىدىغان، نىجاتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغۇسى كېلىدىغان، ئۇنىڭ بىلەن تاتلىق –تاتلىق پاراڭلارنى قىلشقۇسى كېلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.ئەمما نىجات نۇرفىيەدىن كەلگەن تېلفۇننى ئانچە ئالمايدىغان، ئالسىمۇ نۇرفىيەگە سوغوق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالدى. بۇنداق چاغلاردا نۇرفىيە تولىمۇ ھەيران قالاتتى،«نىجاتقا زادى نىمە بولغاندۇ؟ ئەجەبا ئۇ باشقا قىزلارنى تېپىۋالغانمىدۇ؟ ياق، مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ئۇ ئۇنداق ئۈجمە كۆڭۈللەردىن ئەمەس، بەلكىم ئالدىراشلىقتا چارچاپ قالغاندۇ؟» دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرەتتى، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىسىمدىن نىجاتنى ئىچكىرىگە بىر يىللىق ئۆگىنىشكە ئەۋەتىدىغان بولدى، نىجات نۇرفىيەگە تېلفۇن قىلىپ بىر يىللىق ئوقۇشقا بارىدىغانلىقىنى ھەمدە پات-پات تېلفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈپ خوشلىشىغا پۇرسەت بار ئىدى، بىراق نىجات تېلفۇندا ئاددىلا چۈشەندۈرۈپ خوشلاشتى... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
نىجات كەتكىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى، ئىككى ئايدىن بۇيان نىجات نۇرفىيەگە ئارانلا ئىككى قېتىم تېلفۇن قىلدى، نۇرفىيە نىجاتنى يەنىلا ئالدىراش دەپ توغرا چۈشىنەتتى.
يېقىندىن بۇيان نۇرفىيەنىڭ ئاشقازىنى پات-پاتلا قاتتىق مۇجۇپ ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى، بەزىدە ھېچنىمە سىڭمەي، توختىماي دېگۈدەك ياندۇراتتى. بىر كۈنى نۇرفىيە سىنىپتا دەرس ئۆتىۋېتىپ تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشتى-دە، ئېغىزىدىن قان يېنىشقا باشلىدى، باشقا ئوقۇتقۇچىلار نۇرفىيەنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپاردى. دوختۇرلار ئۇنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق «نېرۋا خاراكتىرلىك ئاشقازان يارىسى، ھازىر ئېغىرلىشىپ كەتكەچكە ئاشقازان قاناش يۈز بېرىپتۇ، بىزگە ماسلاشمىسا داۋالاش ئېلىپ بېرىش تەسكە توختايدۇ.»دەپ دېئاگىنۇز قويدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرفىيە بالنىستتا يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ تېنى كۈندىن- كۈنگە ئاجىزلىشىپ كېتىپ باراتتى. تاماقمۇ سىڭمەيتتى، ھەتتا ئاشقازىنى كۈندە قانايتى. بىر ھەپتىدىن كېيىن نىجاتتىن تېلفۇن كەلدى، نەفىسە پۈتۈن كۈچىنى ئاۋازىغا يىغىپ نىجات بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىنى نىجاتقا بىلدۈرۈشنى خالىمايتى. قىسقىسى ئۇنىڭ ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزۈشنى خالىمايتى، ئۇلار يەنە شۇنداق قىسقىلا پاراڭلاشتى –دە، تېلفۇننى قويۇشتى، نىجات نۇرفىيەگە بىرەر ئېغىز تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ قويغان بولسا بىچارە نۇرفىيەنىڭ كۆڭلى ئالەمچە خوش بولۇپ كېتەرئىدى-ھە؟ ئەمما نىجات يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا سوغوق مۇئامىلىدە بولدى. نۇرفىيە تېلفۇننى قويۇپلا ئىچ-ئىچىدىن ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى-دە، ھوشىدىن كەتتى. دوختۇرلار جىددى قۇتقۇزۇش ئارقىلىق نۇرفىيەنى ھوشىغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ كېسىلى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىپ باراتتى. بالنىستتا ياتقىلىمۇ 15 كۈنچە بولۇپ قالدى. دوختۇرلار ئۇنى داۋالاشقا ئامالسىز قېلىۋاتاتتى، چۈنكى ئۇنىڭ كېسىلى نېرۋا خارەكتىرلىك بولغاچقا چوقۇم كۆڭلىنى ئازادە ھەم خوشال تۇتۇشى، ئارتۇق خىيال قىلماسلىقى كېرەك ئىدى، ئەمما نۇرفىيە دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە پەقەت نىجاتنىلا خىيال قىلاتتى، ئۇنىڭدىن غەم يەيتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىجاتنىڭ سوغوق مۇئامىلىسى ئۇنى بىئارام قىلاتتى، نىجاتنىڭ نېمىشقا بۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي تىت-تىت بولاتتى، نۇرفىيە ئەمدى قايتىدىن غەيرەتكە كەلدى.«نىجاتنى بىر قېتىم بولسىمۇ كۆرىۋالماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسەم بولمايدۇ، مەن چوقۇم ياشىشىم كېرەك، نىجات ئۈچۈن بولسىمۇ ياشىشىم كېرەك ، ئۇ مېنىڭ ھاياتىم، بارلىقىم مەن چوقۇم ياشايمەن...» دەپ ئويلىدى-دە، قايتىدىن ھاياتقا ئىشەنچ بىلەن قاراشقا بەل باغلىدى، ھەمدە دوختۇرلارغىمۇ ماسلىشىشقا باشلىدى، دوختۇرلار ئۇنىڭغا قانداق قىل دېسە شۇنى قىلاتتى، ئۆزىگە بېسىم بولىدىغان ئىشلارنى ئويلىمايتى. ئامال بار كەيپىياتىنى كۆتىرىشكە تىرىشاتتى، ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئويغۇنۇپلا ياستۇقىنىڭ تېگىدىن نىجاتنىڭ رەسىمنى ئالاتتى-دە، رەسىمگە قاراپ، «چوقۇم غەيرەت قىلىمەن» دەپ ئۆز-ئۆزىگە مەدەت بېرەتتى. رەسىمنى سۆيۈپ قويۇپلا يەنە ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قوياتتى. ئەنە شۇ رەسىملا نىجاتنىڭ ئورنىدا نۇرفىيەگە ھەمرا بولاتتى، نۇرفىيەگە كۈچ بولاتتى ھەم ئۆزىنى كەچكىچە خوشال تۇتاتتى. ئۇنىڭ ئەھۋالىدا كۈندىن–كۈنگە ياخشىلىنىش بولۇشقا باشلىدى. دوختۇرلارمۇ ئەھۋالدىن خوشال بولغانىدى، قايتا داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ داۋاملىق داۋالاشقا باشلىدى. نۇرفىيە كېسەل كارۋىتىدا ئۇزۇن ياتقاچقا ئورۇقلاپ كەتكەنىدى، 2ئايدىن كېيىن نۇرفىيە دوختۇرخانىدىن چىقتى، نۇرفىيە دوختـۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن ئاپىسى نۇرفىيەگە ھەرخىل ئۇزۇقلۇق تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېگۈزۈپ ھالىدىن بۇرۇنقىدىنمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ياخشى ئارام ئالدۇرغاچقا ئۇ ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، بارغانسېرى چىرايىمۇ تۈزۈلۈپ خېلىلا ئەت ئېلىپ قالغان ئىدى، نىجاتتىن تېلفۇن يەنىلا بۇرۇنقىدەكلا ئاز كېلەتتى، ئەمما نۇرفىيە يەنىلا ئۈمىدۋار ئىدى، نىجاتنى يەنىلا توغرا چۈشىنەتتى، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىگە ھېچنىمە توغرا كەلمەيتى. نىجاتنىڭ قايتىپ كېلىشىگىمۇ ئازلا قالغان ئىدى. بىر كۈنى نىجاتتىن تېلفۇن كەلدى، نۇرفىيە خوشاللىقىدا تېلفۇننى تېزلا ئالدى. نىجات ئۆزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ھەمدە ئۆزىنى بەكلا سېغىنغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇلار بۇ قېتىم خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى. بۇ ئۇلارنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ئەڭ ئۇزۇن پاراڭلىشىشى ئىدى. .. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۈگۈن يەكشەنبە، نىجاتنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئارام ئېلىش كۈنى ئىدى، نەفىسە ئۆيدە نىجات ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بېلىق، تۇخۇم قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆز قولى بىلەن پۇشۇرۇپ نىجاتقا ئاپىرىپ بەرگەچ ئۇنى كۆرۈپ كەلمەكچى بولدى-دە، ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدى، ئەمما نىجات تېلفۇننى ئالمىدى. نۇرفىيە قىسىمغا كوچا ئاپتۇبۇسىدا بارماقچى ئىدى، ئۇنىڭغا بارىدىغانلىقىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويالمىغاچقا پىيادە ماڭغاچ تېلفۇن قىلدى ئەمما نىجات يەنىلا تېلفۇننى ئالمىدى، نۇرفىيە يول بويى نىجاتقا تېلفۇن قىلىپ ماڭدى نىجات تېلفۇننى يەنىلا ئالمايۋاتاتتى. ئەسلىدە نىجات تېلفۇنىنى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇپ كىر يۇيغىلى چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قايتىپ نۇرفىيە 13 قېتىم تېلفۇن كەلگەنلىكنى كۆردى، ئەمما يەنىلا قايتۇرمايلا مەيدانغا توپ ئوينىغىلى چىقىپ كەتتى. نۇرفىيە قىسىمغا ئازلا قالغان ئىدى. ئۇ يەنە نىجاتقا تېلفۇن قىلىشقا باشلىدى، نۇرفىيە يولنىڭ قارشىسىغا ئۆتكىلى يولنى كېسىپ مېڭىۋاتقاندا يان تەرەپتىن بىر يۈك ماشىنىسى ئۇچقاندەك چىقىپ ئۇنى سوقۇۋەتتى، نۇرفىيە بولسا 10مېتىر يىراقلىققا قاڭقىپ بېرىپ گۈپلا قىلىپ يىقىلدى، قولىدىكى نىجاتقا ئېلىپ ماڭغان تاماقلارمۇ يەردە چېچىلىپ تۇراتتى، ماشىنىنىڭ سۈرئىتى بەك تېز بولغاچقا شوپۇر ماشىنىنى تەستە توختىتىۋالدى-دە، ماشىنىدىن چۈشۇپلا يۈگۈرۈپ بېرىپ نۇرفىيەنى يۆلىدى، ئۇ ھوشسىز ياتاتتى. ئەتراپقا گۈررىدە ئادەم يىغىلدى، نۇرفىيەنىڭ ئېغىز-بۇرنىدىن، قۇلىقىدىن قان ئېقىشقا باشلىدى، شوپۇر ۋە ئەتراپقا يىغىلىپ قالغانلاردىن بىر ئىككىيلەن نۇرفىيەنى كۆتۈرۈپ بىر تاكسىغا سالدى-دە، دوختۇرخانىغا ئاپاردى. نۇررفىيە تېلفۇنىنى مەھكەم سىقىمدىغىنىچە تېخىچە ھوشسىز ياتاتتى، سېستىرالاردىن بىرسى نۇرفىيەنىڭ قولىدىن تېلفۇنىنى ناھايىتى تەسلىكتە ئاجىرىتىپ ئالدى-دە، ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ نومۇرىنى تېپىپ تېلفۇن قىلدى. نۇرفىيەنىڭ ئاپىسى بىردەمدىلا يېتىپ كەلدى، قىزىنىڭ قانغا مىلىنىپ ھوشسىز ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئاپىسمۇ ھوشىدىن كەتتى، بىردەمدىن كېيىن نۇرفىيە بىلەن ئاپىسى تەڭلا ھوشىغا كەلدى. نۇرفىيە ھوشىغا كېلىپلا بېشىدا قاراپ تۇرغان دوختۇر- سېستىرالارنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمىدى، پەقەتلا بەدىنىنىڭ بىر يەرلىرنى چىدۇغۇسىز دەرىجىدە ئاغرىۋاتقانلىقىنى، ئەمدە نەپەس ئېلىشىنىڭ قىينىلپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۇ يەنە قوللىرىنى ئاستا مىدىرلىتىپ بىر نېمىلەرنى ئىزدەشكە باشلىدى، بىر سېستىرا ئۇنىڭدىن نېمە ئىزدەۋاتقانلىقىنى سورىدى، نۇرفىيە قولى بىلەن تەسلىكتە تېلفۇنىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى شەرەت قىلىپ ئۇقتۇردى، ھېلىقى سېستىرا تېلفۇننى نۇرفىيەنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى، مۇھەببەتنىڭ قۇدىرىتى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىدى، نۇرفىيە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم نىجاتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىۋالماقچى بولۇپ، مىڭ تەسلىكتە نىجاتقا تېلفۇن قىلدى، ئەمما تېلفۇن يەنىلا ئېلىنمىدى، نۇرفىيە ئەڭ ئاخىرقى پۈتۈن كۈچىنى بارماقلىرى بىلەن كۆزىگە يىغدى-دە، نىجاتقا ئۇچۇر يوللىدى « بەك ئالدىراشمۇ؟ بىلىمەن سىز ھەقىقەتەنمۇ بەكلا ئالدىراش، ئەمما بىر قېتىم بولسىمۇ تېلفۇننى ئالسىڭىز بولاتتىغۇ؟ ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ماڭا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىپ ئاۋازىڭىزنى بىر قېتىم بولسىمۇ ئاڭلىۋالاي دېسەم يەنىلا مۇمكىن بولماي ئارماندا كېتىدىغان ئوخشايمەن، ئەمما يەنىلا سىزدىن رەنجىمەيمەن، كىم مېنى سىزدەك ھەم ئالدىراش ھەم بىپەرۋا ھەربىنى ياخشى كۆرۈپ قالسۇن دەپتۇ؟مەيلى مەن يەنىلا سىزنى سۆيىمەن، سىزنى سۆيگىنىمگە پەقەتلا پۇشايمان قىلمايمەن، ناۋادا قايتا تۆرىلىش نىسىپ بولۇپ قالسا مەن يەنىلا سىزنى سۆيۈپ ئۆتىمەن، يەنىلا سىزنى تاللايمەن، چۈنكى مەن سىزنى راستىنلا بەك ياخشى كۆرىمەن، ھەتتا ئۆز ھاياتىمدىنمۇ ئارتۇقراق سۆيىمەن...» ئۇچۇر يوللىنىپ بولدى، نۇرفىيە بېشىدا يىغلاپ تۇرغان ئاپىسىغا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئاستا كۆز يۇمدى. ئۇ بۇ دۇنيالىقتا بىرلا قىزىدىن مۇشۇنداقلا ئايرىلىپ قالدى. قىزىنىڭ مۇزلاپ كەتكەن جەسىتىنى قۇچاقلىغىنىچە زار-زار يىغلىدى، ئانىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن باشقىلارمۇ كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى، پۈتۈن ياشلىقىنى پاك مۇھەببىتىگە بېغىشلىغان، تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرسىمۇ ئېچىلمىغان بىر نازۇك غۇنچە مۇشۇنداقلا كۆز يۇمدى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نىجات كەچ بولغاندا نۇرفىيە ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا «راستىنلا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم ،خاپا بولماڭ بولامدۇ؟ ماڭا دەيدىغان گەپ بارمىدى؟» دەپ ئۇچۇر يوللىدى. ئەمما نۇرفىيەدىن ئۇچۇر كەلمىدى. ئادەتتە نىجات نۇرفىيەگە ئادەتتىكى ئۇچۇرلارنى يوللىسىمۇئۇ چوقۇم قايتۇراتتى، ئەمما بۇ قېتىم ئۇنداق بولمىدى. نىجات يەنىلا پەرۋاسىز ئىدى، چىراق ئۆچىرىدىغان ۋاقىت بولدى، نىجات بەك ھېرىپ كەتكەچكىمۇ يېتىپلا ئۇخلاپ قالدى، ئەمما كېچىگىچە قالايمىقان چۈش كۆرۈپ پەقەتلا ياخشى ئۇخلىيالمىدى... تاڭمۇ ئاتتى، ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى بىر ئىش يۈز بېرىدىغاندەكلا ئەنسىز سوقۇپ تۇراتتى، ئەتىگەنلىك مەشىقتىن چۈشۈپلا نۇرفىيەگە تېلفۇن قىلدى، تېلفۇننى نۇرفىيەنىڭ ئاپىسى ئالدى، ئۇ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى نىجاتقا ئېيتىپ بەردى، نىجات بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ گاڭگىراپلا قالدى، بەدىنىنى مۇزدەك قارا تەر بېسىپ،ئورنىدا قاقان قوزۇقتەك قېتىپلا قالدى. بۇ گەپلەرگە زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى، ئەمما ئىشەنمەيمۇ ئامالى يوق ئىدى، چۈنكى بۇ گەپلەرنى ئۇ نۇرفىيەنىڭ ئاپىسىدىن ئاڭلاۋاتاتتى. نىجاتنىڭ تېلفۇن تۇتقان قولى سېزىلەرلىك تىتىرەيتتى. ئۇ بىردىنلا ئېسىنى يىغىپ رۇخسەت سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ ياتىقىدىن ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ چىقتى، قىسىم دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە پوستتا تۇرغان ئەسكەرلەر نىجاتنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئالدىنى توستى، ئەمما نىجاتنىڭ كۆزلىرىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتى، ئالدىنى توسقان ئەسكەرنى قانداق ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەيتتى، پەقەت ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن نۇرفىيەنىڭ ئاپىسىنىڭ «نۇرفىيە قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلدى...»دېگەن گېپىلا توختىماي جاراڭلايتى. نىجات شۇ يۈگۈرۈپ چىققىنىچە ئۇدۇل نۇرفىيەنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئەمما نۇرفىيەنى بامدات ناماز ۋاقتى بىلەنلا يەرلىككە قويۇپ بولغان ئىدى، نىجات ھەتتا نۇرفىيەنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدى. نۇرفىيەنىڭ ئاپىسى نىجاتنى نۇرفىيەنىڭ قەبرە بېشىغا ئېلىپ چىقتى. نىجات قەبرىگە ئۆزىنى ئېتىپ زار-زار يىغلايتى، قەبرىنىڭ توپىسىنى يۈزىگە سۈرتەتتى، ئەتراپتىكىلەرنىڭمۇ نىجاتقا قاراپ يۈرىگى ئېزىلدى. نىجات شۇندىلا نۇرفىيەنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى، ئەمما ئۇ بەكلا كېچىككەنىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ تېلفۇننى ئالمىغانلىقىغا، ئۇنىڭغا بىپەرۋا قارىغانلىقىغا، نۇرفىيەنىڭ مۇھەببىتىنى قەدىرلىيەلمىگەنلىكىگە ئىشقىلىپ ھەممىگە پۇشايمان قىلدى، ئەمما نۇرفىيە قايتا تىرىلىپ كەلمەيتى...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
نىجاتنىڭ قىسىمدىكى 5يىل ۋاقتى توشتى، قىسىمدىن نىجاتنى يەنە ئېلىپ قالماقچى بولدى، ئەمما ئۇ قېلىشنى خالىماي يۇرتىغا قايتىپ كەتتى، ئۇ ئۆزى ئەڭ سۆيىدىغان كەسپىدىن مۇشۇنداقلا ۋاز كەچتى، ئەمما بۇ نۇرفىيەنىڭ بەرگەن قۇربانلىقى ئالدىدا ھېچقانچىلىك ئەمەس ئىدى...
نىجات يۇرتىغا قايتىپ كەلگىلى 3يىل بولۇپ قالدى. ئۇ نۇرفىيەنى كۆز ئالدىدىن بىر مىنۇتمۇ نېرى قىلالمىدى. ئۇنى بىردەممۇ ئۇنىتالمىدى، ئۇنىتالمىدى ئەمەس بەلكى ئۇنتۇشنى خالىمىدى. نىجات ئاپىسىنىڭ زورلىشى، يىغلاپ، يالۋۇرۇشلىرىغا چىدىماي بىر تۇققىنىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلدى، بۇ توي ئۇنىڭغا نىسبەتەن توي ئەمەس بەلكى نەزىر ئىدى، توي كۈنى ئۇ شۇنچىلىك مەيۇس ھەم مىسكىن ئىدى، تويغا كەلگەنلەر بىلەن چاتىقى يوق ھالدا بىر بولۇڭدا ھاڭۋېقىپلا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن باشقىلار ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئىچى سىيرىلاتتى... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
نىجات توي قىلغىلى بىر يىلچە بولۇپ قالدى، لېكىن نۇرفىيەنى يەنىلا ئۇنتۇيالمىغان ئىدى، بەزىدە كېچىسى نۇرفىيەنىڭ ئىسمىنى توۋلىغىنىچە ئويغۇنۇپ كېتەتتى، بۇنداق چاغلاردا ئايالى نىجات بىلەن تاڭ ئاتقىچە ئۇرۇشۇپ چىقاتتى، تويدىن كېيىن بۇ ئائىلىدە جېدەل قۇرۇمىدى، ئايالى ئۇنى پەقەتلا توغرا چۈشەنمەيتى، شۇڭا ھە دېسىلا ئۇنىڭغا بېسىم قىلاتتى، تولا سۆزلەپ بېشىنى ئاغرىتاتتى، شۇنداق تالاش-تارتىشلار نەتىجىسىدە ئۇلار بىر يېرىم يىلدىن كېيىن ئاجىرىشىپ كەتتى. نىجاتنىڭ بېسىمى ئازراق بولسىمۇيېنىكلىدى، ئەمما يۈرىكىدىكى يارا تېخى ساقايمىغان ئىدى، ئۇنىڭ يۈرىكى ھەرقاچان «نۇرفىيە» دەپلا سوقاتتى. نىجات پۈتۈن دىققىتىنى يەنە خىزمەتكە بېغىشلىماقچى بولدى، چۈنكى ئۇ ئەمدى باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرەلمەيتى، ئۇنى يەنىلا پۇشايمان، ئۆكىنىش ئازاپلىماقتا ئىدى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە؛ گۈلچى قىزلار بىلوگى
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!