(ھېكايە)
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جىڭ تەي ئاقكۆڭۈل ، ئەمما قورقۇنچاق بولۇپ ، قۇرداشلىرىنىڭ ئىچىدە ئىنكاسى ئاستا بولغاچقا ، باشقىلار ئۇنى ئارىغا ئالمايتتى . بىر قېتىملىق دەرستە ، جىڭ تەي تىڭشىغۇچىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ ، ئوقۇتقۇچىسىغا مەلۇم قىلدى. دەرستىن كېيىن، سىنىپ مۇدىرى سۈي مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ قېلىپ، جىڭتەينىڭ تىڭشىغۇچىنى ئىزدەشكە باشلىدى، بىردەم ئىزدىگەندىن كېيىن، جىڭ تەي تۇيۇقسىز تىڭشىغۇچىنىڭ ئۆيدە قالغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى، بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلار تولىمۇ نارازى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ جىڭ تەي مۇشۇنداق قاملاشمىغان خاتالىقتىن يەنە بىرنى سادىر قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ يېتىمسىراپ قالدى، ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ئۇرىدىغان بولۇۋالدى. ئىز تورى بەك ياخشى
بىر كۈنى، بىر توپ ئوقۇغۇچىلار ئۇنى تازىلىق ئۆيى يېنىغا سۆرەپ كېلىپ:
— ئاپاڭ يەنە مەكتەپكە كېلىپ ئۈستىمىزدىن ئەرز قىلىدىغان بولسا، ئۆزەڭگە ھېزى بولغىن، مەكتەپتە ئوقۇيالمايسەن، – دېيىشتى.
— ئۇقتۇم، ئاپامغا ئېيتمايمەن، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى ئۇرماڭلار، – جىڭ تەي ھۆڭگۈرەپ يىغلىغىنىچە ئۇلارغا يالۋۇردى، كۆزلىرىنى يۇمۇپ بىر چەتتە تۇرغان بىر ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىنى شىلتىغىنىچە:
— بولدى ئۇرماڭلار، بۇنداق قىلساڭلار يارا ئىزى قالدۇرۇپ قويىسىلەر. بىز سېنى ئۇرمايلى، ئاغزىڭدىلا ئەرز قىلمايمەن دېگىنىڭ ھېساب ئەمەس، ئېسىڭدە توختىغۇدەك بىر ئىش قىلمىساق بولمايدۇ...
بىر نەچچەيلەن خۇددى دېيىشىپ قويغاندەكلا ‹‹بۈگۈن يۈزۈڭنى تەرەت قاچىسىدىكى سۇ بىلەن يۇيۇپ قويايلى›› دېيىشكىنىچە جىڭ تەينى تازىلىق ئۆيىگە سۆرىدى. بالىلار توڭلۇق بىلەن شۇنداق دېيىشكىنىچە جىڭ تەينى تەرەت قاچىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بېشىنى قاچىنىڭ ئىچىگە باستى، بىر بالا سۇ ساندۇقىنىڭ يىپىنى تارتىۋىدى، ‹‹شار›› قىلغان ئاۋاز بىلەن سۇ جىڭ تەينىڭ يۈزىگىلا چۈشتى.
بالىلار قىيناپ پۇخادىن چىقىشقاندىلا بىچارە جىڭتەي ئازابلانغان ھالدا ئۆرە بولۇپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالدى. ئۇلار كۇسۇرلاشقىنىچە تازىلىق ئۆيىدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتى، ئارىدىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— ئەگەر ئاپاڭ يەنە مەكتەپكە كەلسە، يۈزۈڭنى يەنە يۇيۇپ قويىمىز، بۈگۈن بىر قېتىم يۇيغان بولساق، كېلەر قېتىم بەش قېتىم يۇيىمىز، - دېدى.
دەل شۇ چاغدا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەلدى ۋە يۇقىرىقى ئىشلارنى بىر – بىرلەپ تەلىم – تەربىيە باشقارمىسىغا دوكلات قىلدى.
ئەتىسى جىڭ تەينى بوزەك قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تەلىم – تەربىيە باشقارمىسىغا چاقىرتىلدى. ئىلمىي مۇدىرنىڭ بالىلارنى قاتتىق ئەيىپلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان سىنىپ مۇدىرى سۈي مۇئەللىمنىڭ يۈرىكى بالىلارنىڭكىدىنمۇ بەك ئازابلاندى ۋە ئىلمىي مۇدىرغا يالۋۇرغان ھالدا:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
— جىڭ تەينىڭ بوزەك قىلىنىشى مېنىڭ خاتالىقىم، بۇ قېتىم بالىلارنى كەچۈرۈۋەتكەن بولسىڭىز، – دېدى. مۇئەللىمنىڭ قايتا – قايتا ئۆتۈنۈشى بىلەن جىڭ تەينى بوزەك قىلغان ئوقۇغۇچىلار ئاخىرى جازادىن قۇتۇلۇپ قالدى. بالىلار ئىشخانىدىن چىققاندا مۇئەللىم ھېچنىمە دېمەستىن ئۇلارنى سىنىپقا قايتىشقا بۇيرىدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ، سۈي مۇئەللىم ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا مەكتەپكە كېلىپ بولاتتى ۋە سومكىسىنى ئىشخانىسىغا تاشلاپ قويغاندىن كېيىن، رېزىنكە پەلەي ۋە دۇغسىزلاندۇرۇش پاراشوكىنى كۆتۈرۈپ تازىلىق ئۆيىگە كېلەتتى. ئۇ ئالدى بىلەن تەرەت قاچىسىغا پاراشوكنى چېچىپ، ئاندىن چوتكا بىلەن مەينەتلىشىپ كەتكەن قاچىنى ئەستايىدىل چوتكىلاپ، بىر دەمدىلا ئەينەكتەك پارقىرتىۋېتەتتى. سۈي مۇئەللىم ئۇدا بىر ئاي مۇشۇنداق قىلدى. بىر كۈنى ئەتىگەندە، سۈي مۇئەللىم تەرەت قاچىسىنى تازا چوتكىلاۋاتقاندا، ئەينى ۋاقىتتا جىڭ تەينىڭ بېشىنى تەرەت قاچىسىغا باسقان بىر ئوقۇغۇچى پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ مۇئەللىمنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە:
— مۇئەللىم، كەچۈرۈڭ، – دېدى.
— سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس، بۇ مېنىڭ تەربىيەمنىڭ بوشلىقىدىن بولغان. جىڭ تەينىڭ يۈزىنىڭ تەرەت قاچىسىغا بېسىلىشىغا قارىغاندا، مېنىڭ پەلەي كىيىپ ئۇنىڭ ئىچىنى سۈرتكىنىم ھېچ گەپ ئەمەس، سەن جىڭ تەينىڭ قانچىلىك ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟ – دېدى سۈي مۇئەللىم قاچىنى تازىلىغاچ بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن، ئاندىن بۇرۇلۇپ كەينىدە تۇرغان ئوقۇغۇچىسىغا قاراپ:
— سىلەرگە شۇنچە تەربىيە قىلسام سۆزۈمنى پەقەتلا ئاڭلىمىدىڭلار. بۇ مەينەت تەرەت قاچىسىنى پاكىز تازىلاپ قويسام، بىچارە جىڭ تەينىڭ يۈزى كېلەر قېتىم يەنە بۇ يەرگە نىقتالغاندا ئازابى سەل يەڭگىللەپ قالامدىكىن دەيمەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سۈي مۇئەللىم سۆزىنى تۈگىتىپ، كۆزلىرى لىققىدە ياش ھالدا بېشىنى تۆۋەن سالدى. بالا مۇئەللىمگە ئۈندىمەستىن تىكىلىپ قاراپ تۇرغىنىدا، ئۆزىمۇ تۇيماستىن يوغان بىر تامچە ياش ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كىچىككىنە مەڭزىنى بويلاپ دومىلاپ چۈشتى.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!