ئاپتورى:ئەختەم ئۆمەر ،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قوشنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىت باقىدىغان بۇلۇپ كەتتى. سەللا جېنى بار ، ئېپى بار ، پۇلى بار ، يولى بار ، ئەمىلى، ئورنى بارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىت بېقىشنى مودىغا ئايلاندۇرۋېلىشتى . 90- يىللاردا يانفۇن مودا بولغان ، ھازىر بولسا تىلەمچىلەرنىڭ قولىدىكى تىلەپ تاپقان پارچە پۇللادەك دۆۋىلىنىپ مودا ئىتىبارىدىن قالدى .ئۇنىڭدىن كىيىن ماشىنا ئېلىش مودا بولدى . مانا ئەمدى ماشىنىلارنىڭ دەستىدىن ئادەمگە ئارام ، ماڭىدىغان يول ،تۇرىدىغان رەستە -گۈزەرلەر قالمىدى.قايسى بىر قىززىقچى ئالدىنقى يىللاردا :<<خوتەنگە بارسا موتونىڭ ،ئۈرۈمچىگە كەلسە ماشىنىنىڭ دەستىدىن تۇرغىلى بولمىغان >> دەپ ئەتراپىدىكى ئادەملەرنى كۈلدۈرگەنىدى . ماۋۇ ماشىنىڭ بارغانسېرى ئەرزانلاشقىنى بىلەن گېلى زەھەردىن قىممەت ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماشىنا دەستىدىن سېسېمچىلىق ، تۇمان كىشىنى بىئارام قىلىدۇ . بۇ ئەسلى بىزگە ئات -ئىشەكنىڭ ئورنىغا پەيدا بولغان مۇسنەك ئېشەك ،ئات ، ھارۋا ئىدى . ئات -ئىشەكمۇ ئەرزانلىغان . ئەمما بۇنداق بۇلغۇنۇش بولمىغانىدى . بۇرۇنقى چاغلاردا ، بازار -رەستە ، دوقمۇش ،مەھەلە ، دەڭ -سارايلار ئات -ئىشەكلەر بىلەن تولۇپ . ئېشەكلەر بىر ھاڭرايدىغان بولسا پۈتۈن مەھەلە -كوينى بىزار قىلاتتى . ئەمدى ماشىنىلارنىڭ ھاڭرىشى ، ئاۋازى قولاق -مېڭىنى قوچىمىغان بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىققان سېسېق گازلار قىشتا يامغۇر ، يازدا قار ياغدۇرۇپ ، ھاۋانىڭ ئوڭ پەدىسىنى تەتۈر قىلىۋەتتى ، جاھاننى ، پەسىلنى مالىمان قىلىپ ، زىرائەت ، ئاشلىق ،مېۋە ،قوغۇن- قاپاق ،ھەتتا ئادەملەرنىمۇ ئەمەسلا قىلىۋەتتى . يولدا ئېشەك يوقالغان بىلەن ماشىنىنى ئادەم ئەمەس ،ئېشەك ھەيدەۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ . پۈتۈن يەر شارىدا ئادەم ئۇلۇغ ، ھۆرمەتلىك ، ئەمما بۇ يەردە ماشىنا .
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
پۈتۈن يەر شارىدا ماشىنا ئادەمگە يول بېرىدۇ ، بۇ يەردە ئادەم ماشىنىغا .چۈنكى سۈرئىتى مېڭىشى ماشىنىغا ئوخشىغان بىلەن ھاڭرىشى ، مېڭىشى ،ئېشەككە ئوخشاشالار كۆپ ئىدى .
شۇنىڭ بىلەن ماشىنا مودىسى سېسېمچىلىققا ئايلانغاندىن كىيىن ، ئىت بېقىش مودىسى باش كۈتۈردى . بۇرۇن ئېرەنشىمەي يۈرۈپتىكەنمەن ، مەھەللەم ئىت بازىرىغا ئايلانغاندىن كىيىن دىققەت قىلسام ، ئەسلىدە قوشنىلىرىم ئۆز ئارا بەسلىشىپ ، پۇلى
،ئورنى ،يولى ،ھوقوقىنى كۆز-كۆز قىلىشىدىكەن .ئاغزىدا دىگەن گەپتىن قۇرسىقىدا دىگەن گەپ يامان ئىكەن ، چۈنكى ھازىر بۇ ئادەملەر ئاغزىدا مىڭ پاتمان يالغان گەپ ،قۇرسىقىدا مىڭ خالتا راست گەپنى كۈتۈرۈپ يۈرىشىدىكەن . قوشنىلىرىم ئاغزىدا يالغان -ياغلىما گەپلەر بىلەن بىر -بىرىنى ئالداپ ، ماختاپ ،كۈندە بايرامدەك ھىجىيىشقان بىلەن ئىچىدە بىر -بىرى بىلەن قۇرساق سوقۇشى قىلىشىدىكەن . ئەسلىدە ئاغزىدىكى دوستلۇق ئاغزىدا بالدەك تېمىپ ، قۇرسىقىدىكى دۈشمەنلىك قانجىق كۈچۈكلىگەندەك ئىت بۇلۇپ تۇغۇلىدىكەن . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
بۇ ھويلىدىكى ھەممە ئادەم ئالدىراش ئۆيىگە كىرىپ ئىشىكىنى << گۈپ>> لا قىلىپ تاقايدۇ -دە ، مەھەلە -كويدا ئادەم دىدارى قالمايدۇ . ھېچكىم ھېچكىمگە كۆرۈنمەيدۇ . ئەتراپتا ئادەمنىڭ ئاۋازى يۈتكەن بۇلۇپ پەقەت ئۆي ئۆيلەردىن ئىتلارنىڭ ئاۋازىلا ئاڭلىنىدۇ . قاۋاۋاتقان ، غىڭشىۋاتقان ،ھۇۋلاۋاتقان ،ئەركىلەۋاتقان ،ئىسقىرتىۋاتقان ئىتلارنىڭ ساداسىلا ئاڭلىنىپ تۇرغاچقا ، بۇ يەر ئادەم ياشىماي ، ئىتلار ياشايدىغان ئىتلار مەھەلىسى ئوخشايدۇ ، دېگەن خاتا تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ كىشى .قوشنىلىرىم ئۆيلىرىنىڭ چوڭلۇقىدا ، ئۆيلىرىنى بېزەشتە بەسلىشىپ ،كاتتا ئۆي- سايمانلىرى ،بىر تامغا لىق كەلگۈدەك تېلىۋېزور ،تاھارەت قىلىپ بولغاندا سۈرتۈپ ، يۇيۇپ قويىدىغان تازلىق ئۆيى ، ئۆي تازلايدىغان چىرقىراق چاڭ -تۇزان شۈمۈرگۈچ ،مامۇق يوتقان ، سۇلۇق كارۋات دىگەنلەردىن ئاللىقاچان ھالقىپ بولغانىدى . شۇ چاغلاردا ئۇلار بىر -بىرىگە ئۆيلىرىنى ، ۋە ئۆيلىرىدىكى سايمانلىرىنى كۆز -كۆز قىلىش ئۈچۈن قاتار چاي ئويناشقان ، چايدا نەرسىلىرىنى كۆز -كۆز قىلىشىپ داستىخاندا ماختىشىپ ، ئۆيلىرىگە چىققاندا تىللاشقانىدى ،قاتار چاينى تاغلاردا ، سۇ بويلىرىدا ، ئېرەم باغلاردا ئۆتكۈزۈشۈپ ، بىر -بىرىنىڭ ماشىنسىنى ئالدىدا ماختاپ ،ئىچىدە تىللاپ ، كەمسىتىشىپ ،مەسخىرە قىلىشقانىدى . مانا ئەمدى بىر -بىرىدىن زېرىكىشىپ ، ساياھەت چېيىدىنمۇ بىزار بۇلۇشۇپ ،ساياھەتكە ، رېستۇرانغا بىر -بىرىنى چاقىرمايلا ئىتىنى ئېلىپ بارىدىغاب بوپتۇ . ئىتلارنىڭ تۈرىمۇ كۆپ ئىكەن : ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تامدەكلىرى ، كالىدەكلىرى ،قويدەك ، ئۆچكىدەك ،توخۇدەك ، كەپتەردەك ھەتتا قۇچقاچتەكلىرىمۇ با ر ئىكەن. ئالدىنقى ئايدا
بىرىدە بىردىن بار ئىدى ، 15 كۈندىن كىيىن قارىسام ئىككىدىن بوپتۇ .مانا ئەمدى قارىسام بىر ئۆيدىن توپاقتەكتىن تارتىپ
تورغايدەك ئىتلار ، ھەتتا بىر قوتان ئىت چىقىدىغان ، ئۆيدىكى ئادەملەردىن ئىتلارنىڭ نوپوسى كۆپ بۇلۇپ كىتىپتۇ . بۈگۈن قارىسام قوشنامنىڭ قۇينىدا يۇڭ -چۇپۇرىدىن باش كۆزىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئاق ئوغلاقتەك بىر ئىت ، قولىدا چىرايلىق ئالتۇن زەنجىردە باغلىۋالغان تامدەك قورقۇنۇچلۇق بىر ئىت ، ئايالىنىڭ قۇچىقىدا بىر سالۋا تۇماقتەك ئىت ، قوينىدا تورغايدەك بىر ئىت ،بالىسىدا بىر ئىت چىقىۋاتمامدۇ . ئىتلارغا ھەر خىل ئېسىل كىيىملەر كىيگۈزۈلۈپ ، بوينىغا ئالتۇن قۇڭغۇراق ،پىشانىسىگە گۈللەر تاقالغان ، يۇڭلىرى ئېسىل سۇپۇنلار بىلەن يۇيۇپ تارىلىپ ، مەززىلىك ئەتتىرلەر چېچىلغانىدى .
ئىز تورى بەك ياخشى
-قانداق ،قوشنام ھەيران قېلىۋاتامسىز ؟
-قورقۇۋاتىمەن .
-قورقماڭ ، چىشلىمەيدۇ .
-چىشلىشىدىن ئەمەس .
-نېمىدىن ؟
-ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.
-بۇ ئىتلار ئادەمدىنمۇ ئاڭلىق ، ئىگىسى بويرۇق قىلمىسا ئادەمگە چېقىلمايدۇ ، ھەتتا تىكىلىپمۇ قارىمايدۇ .
-ئىتلار بىلەن بىردەم ئايلىنىپ كەلگىلى مېڭىپسىلەر-دە !
-تاماققا ماڭدۇق ، يۈرىڭە ، بىللە تاماق يەپ كىلىمىز .
--رەخمەت سىلەر يەپ كىلىڭلار ، ئىتلىرىڭلار بىلەن مېڭىپسىلەر ، ھەرقاچان ماشىنىغا پاتمايمىز .
-سىزمۇ ماشىنىڭىزغا .....ھە ...راست كەچۈرۈڭ ، سىزنىڭ ماشىنىڭىز يوق .
-بولمىسا بىز تاكسىغا .....
-ئىتنى تاكسىغا سالمايدۇ .
-بولدى ، بولدى ...سىلەر يەپ كىلىڭلار يەنە بىر قېتىمدا بىللە يەرمىز . ھە راست . قوشنام ، يېقىندىن بېرى سىز ئىتلىرىڭىز بىلەنلا بۇلۇپ كىتىپ ، مەندەك نامرات قوشنىڭىز بىلەن گەپلەشمەس بۇلۇپ كەتتىڭىز .بۇرۇن ئەتتىگەن -ئاخشاملاردا ئانچە -مۇنچە گۇڭۇر -مۇڭۇر قىلشاتتۇق . مانا ئەمدى قاچانلا بولسا ئىتلىرىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ ،بەزىدە سىز ئىتلىرىڭىزغا ئەگىشىپ يۈرىسىز . يىراقتىن قارىسام خۇددى ئىتلار بىلەن قەدىناس دوستلار مۇڭدىشىۋاتقاندەك ئولتۇرۇشۇپ كېتىدىكەنسىلەر ، بەزىدە شاھمات ، بەزىدە قوغلاشماق ئوينىغاندەك سۆزلىشىپ كىتىدىكەنسىلەر ، سەل كۆڭلۈمگە كىلىپ قالدى جۇمۇ
-ھەي-ھەي قوشنام ، سىز بىلەن ھەر قانداق گەپنى دىيىشىۋېرىمىز ،بىز ئۇزۇن يىللىق قوشنا بولغاچقا بىر -بىرىمىز نى بەش قولدەك بىلىشىمىز .راست گەپنى قىلغاندا ،ھازىر ئادەمدىن ئىت ئوبدان بۇلۇپ قالدى ،ئىت بىلەن مۇڭداشسىڭىز ھەر قانداق
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گىپىڭىزنى خاتىرجەم ، قورۇنماي دىيەلەيدىكەنسىز ، ئىت دىگەن ئىگىسىگە ئاجايىپ سادىق ، ۋاپادار دوست ئىكەن ، مەن ھەر قانداق ئادەمدىن بۇ جانۋارنى ، ياخشى ھەمرا دوستلۇققا يارايدىكەن ، دەپ ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىۋاتىمەن ، ئۇ سىز نى سېتۋەتمەيدىكەن ،سىرىڭىزنى خەققە يېىۋەتمەيدىكەن . ھەتتا ھازىر تاماقنىمۇ ئىت بىلەن بىللە يەيدىغان بولدۇم .دوستلىرىمنى ،
تۇققانلىرىمنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ ئادەتتىكى تاماق بىلەن مىھمان قىلسام ، تاماقنى يەپ بۇلۇپ كەينىمدىن << ئاتايىن ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ چاقىرغانغا تۇشلۇق ئىش قىلماي ، ئادەمنى زاڭلىق قىلغاندەك غورىگۈل مىھمان قىلدى >>دەپ رەنجىپتۇ . بىر مۇنچە بۇل خەجلەپ مىھمان قىلسام << ئۆزىنى ، ھوقوقىنى ، پۇلىنى كۆز -كۆز قىلدى ، شۇنچىۋالا ھەشەم قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى ، ئىسراپچىلىق قىلىپ بىزگە بېسىم قىلدى >> دەپ سۆز - چۆچەك قىلدى .شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ ئىتلىرىم بىلەنلا دوستلىشاي دىدىم .تېخى سىزگە ئىت بىلەن بىللە تاماق يىيىشنىڭ يەنە بىر يېڭى پايدىسىنى دەپ قوياي ، ھازىر يىمەك -ئىچمەك بىخەتەرلىكى ھەممىدىن سەزگۈر مەسىلىگە ئايلاندى . ئادەم بىر نىمە يىمىسە قۇرساق ئاچىدۇ ، يىگۈسى كىلىدۇ ،يەي دىسىڭىز بۇزۇلغان ياكى كىسەل پەيدا قىلىدىغان نەرسىنى يەپ زەھەرلىنىپ قالامدىمەنكىن ، دەپ ئەنسىرەۋاتقان .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئىت دىگەن قاتتىق ئەقىللىق ئىكەن ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان تاماق يىسىڭىز قايسىسى سەي ،قايسىسى قانداق ،پۇراپلا بىلىۋالىدىكەن ، شۇڭا ، بىز ئاۋۋال بۇ ئامراق ئىتىمىزنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن نەرسىلەرنى يەۋاتىمىز ، قانداق ؟! سىز گىمۇ بىرنى ئېلىپ بېرەيلىمۇ يا ؟! ھە ، مانا ماۋۇنىڭدىن بىرنى ئېلىپ باقامسىز يا !......ھە، ياق سىز ئالالمايسىز ، ئالسىڭىز مۇ بېقىپ بولالمايسىز.
-بەك قىممەتمۇ؟
-بىزنىڭ ئۆيدە باھاسى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن ئىت يوق ، ئىتلارنىڭ ئايلىق تاماق پۇلىلا 30 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ .
تېنىم شۈركۈنۈپ گەپ قىلمايلا ئىشىكنى <<گۈپ>> لا قىلىپ تاقاپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
يا ، پەرۋەردىگار !ئىتلارنىڭ بىر ئايلىق ئوزۇقىغا مېنىڭ ئائىلەمنىڭ بىر يىللىق ئومومىي كىرىمىمۇ يەتمەيدىكەن . ئائىلەمدىكى ھەممە جاننىڭ ئادەملىك قەدىر -قىممىتىنى بۇ ئىتلارنىڭ قەدىر -قىممىتى بىلەن ئۆزۈمچە سېلىشتۇرغۇم كەلدى . لېكىن ئويلىغانسېرى كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ كەتتى .بولدى ، بۇنداق ھارام خىيال -ھالال ئەمەللەرنى بىكار قىلىۋېتىدىغان ،ئادەم بىلەن ھايۋاننى ، ئادەملىق قىممەت بىلەن ھايۋانىي قىممەتنى سېلىشتۇرۇش ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس . ئادەم ھامان ئادەم ،قەلەندەر بولسىمۇ ئادەم ، ھايۋان ئالتۇن تاج تاقىسىمۇ ، تاغنى يۆتكىسىمۇ بەرىبىر ھايۋان ، ئىنسانلىق ئۇلۇغ سۈپەت ھايۋانننىڭ ئايىغىدا چەيلەنسىمۇ ئۇ يەنىلا ئادەملىك ، ئۇلۇغلۇق قىممىىتىگە ئىگە .ئۇ ھامان بىر تال مويىدىن بىر تال تىرنىقىغىچە ھايۋاندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ . بۇنىڭدىن كىيىن ئىتلارنىڭ تاملىرى ئالتۇن ، يالاقلىرى كۈمۈش بۇلامدۇ ، نىمە كارىم .مەن تېرىقنىڭ زاغرىسىنى لاي سۇغا چىلاپ يەيدىغان ، تېزەككە دەسسەپ يۈرىيدىغان يالاڭ تۆش ، كۆك ئۈچەي قەلەندەر بولامدىمەن ، ھامىنى ئادەممەن . ئىت ، مۈشۈك بىلەن ئۆزۈمنى سېلىشتۇرمايمەن دەپ ئۆز -ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم . شۇندىلا كۆڭلۈم يۇرۇپ ، يەڭگىللەپ ،دۇنيا مەن ئۈچۈن شۇنداق گۈزەل ، كۆڭۈللۈك ،مەنىلىك كۆرۈنىدىغان بولدى . قوشنىلىرىم باي بولغان بىلەن ئادەم تۇرۇپ ئادەم بىلەن ياشىماي ، كىلىشمەي ، ئىت بىلەن ياشايدۇ ،كېلىشىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ بىردىن ماشىنا ، بىردىن ئىتى ، ھىساپسىز پۇلى بولغان بىلەن روھى ئىنتايىن گاداي ، بەك كەمبەغەل ئىدى . چۈنكى ئۇلار پۈتۈن جاھاننى يەپ كەتسىمۇ يەنىلا كۆزى ئاچ ، نەپسى تويماس ئىدى .قوشنامنىڭ ئەڭ ئامراق ئىككى دوستى بار ، بىرسى پۈتۈن جاھاننى ھاپ ئېتىپ يىسىمۇ ،يەنە ئاچ يەل كىكىرىپ تويمايدىغان نەپسى ، يەنە بىرسى << نىمە ئىش قىلسا خوجامنىڭ راست>>دەپ قويرۇق شىپاڭشىتىپ تۇرىدىغان ئىتى . مانا مۇشۇنداق ئۆزۈم تېرىقنىڭ زاغرىسىنى يىسەممۇ چەكسىز باياشات ، قوشنام دۇنيانى ھاپ قىلىپ يىسىمۇ ، روھى نامراتلىق دەستىدىن گاڭگىراپ يۈرگەن كۈنلەردە ، كەچتە تۇيۇقسىز ئىشىكىم قېقىلدى .ئىشىكنى ئاچسام ، يېرىم يىلدىن بېرى ناتۇنۇشتەك ، بىر -بىرىمىزنى كۆرسەكمۇ كۆرمىگەندەك ئىشىكىمىز نى << گۈپ>> لا قىلىپ تاقاپ كىرىپ كىتىدىغان قوشنام ، بايرام بولغاندەك خوشال ھالدا ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ياكى سامانلىققا كىرگەن تەخەيدەك دوڭغاقلاپ كىرىپ كەلدى .
-قوشنام ، بارمۇ سىلى دەيمەن .مەن يوقلاپ كىرمىسەم ، ئۆلسەممۇ كارىڭلا يوق بۇلۇپ كەتتى جۇمۇ .
- يوقلاپ كىرەي دىسەم ، ئادەم بىلەن خوشۇم كەتتى ، شۇڭا ئىت بىلەن بۇلىۋاتىمەن دېگەندىكىن ، نېرى تۇراي ، قۇشنامنىڭ ئاچچىغى كەلمىسۇن ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەگەر مەنمۇ ئىتقا ئايلىنىپ قالغاندا ، قوشنام خالايدىغان ۋاقىتتا كىرەرمەن . دەپ يۈردۈم.
-قانداق ، ماۋۇ ئىتىم چىرايلىقمىكەن ، نوچىمىكەن ؟
- ئىتىڭلارنىڭ چىرايلىقلىقىغا مىنىڭ تىلىم ياراشمايدۇ ، ئەمما مىنىڭ ئۈيۈمگە ئىت ئېلىپ كىرىشكە بولمايدۇ .
-نىمىشقا؟-قوشنامنىڭ بايراملىق چىرايى ئۆچۈپ ماتەمگە ئايلاندى .
-<< ئۆيگە ئىت كىرسە بەركەت كېتىدۇ >> دىگەن ئەقىدە بىلەن ياشايدىغان ئادەممەن .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-بەركەت دىگە نىمە ئۇ؟ ئۇ پۇلمۇ ، ئاشلىقمۇ ، بايلىقمۇ ، ھوقوقمۇ ، دەپنە -دۇنيامۇ؟
-سىلى سانىغان -سانىمىغان بارلىق ياخشى نەرسىلەر مۇجەسسەملەنسە كاتتا قانائەت ، بەركەت بولىدۇ .
-بۇ گىپىڭنى چۈشەنمىدىم . پۇل ئالساڭ پۇل بىرەي ، ماشىنا ئالساڭمۇ ئېلىپ بىرەي ، بەركىتىڭ بىردەم تالاغا چىقىپ تۇرسۇن .مىنى ، ئىتىمنى قوغلىما ، ئۆيىڭگە كىرگىلى قوي . بىز چىقىپ كەتكەندە بەركىتىڭنى ئەكىرۋالاسەن ، بىردەمدە چىقىپ كىتىمىز .
-سېنىڭ بىردەمدە چىقىپ كىتىمىز دېگىنىڭنىڭ قاراسى يوق ، قاچان چىقىپ كىتىدىغانلىقىڭنى ئۆزۈڭمۇ ، مەنمۇ بىلمەيمەن ، بۇنىسى بىزگە قاراڭغۇ ،ئەمما بەركەت ئۆيدىن بىر چىقىپ كەتسە ئۇنى ئەكىرىش ھېچكىمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ ، ئىت بوسىغا ئاتلىغان ، ئاياغ باسقان ئۆيگە بەركەت مەڭگۈ بوسۇغا ئاتلاپ كىرمەسمىش . شۇڭا ، ئۆزۈڭ كىر ، قارشى ئالىمەن ، قولۇم كۆكسۈمدە ، بىراق ئىتىڭنى ئەكىرمە . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
-راست دەۋاتامسەن ،چاقچاقمۇ ؟
-راست دەۋاتىمەن ، مىنىڭ ئۈيۈمدە ئىتىڭ قارشى ئېلىنمايدۇ .
-ھەي تەرسا ، ئاران جېنىڭنى بېقىۋاتقان يالاڭ تۆش تۇرۇپ قايسى بايلىقىڭ ، قايسى بەركىتىڭنى مەندىن ، ئىتىمدىن ئەتىۋار كۆرۈپ كەتتىڭ ؟ قېنى بەركىتىڭ ؟ قېنى ئۆيۈڭدىكى بايلىقىڭ ؟ تۆت تام كونا گىلەم ، نىمكەش مال بازىرىدىن ئالغان كونا تېلۋېزور ،ئەبجەق توڭلاتقۇ ! ھەپتىدە بىر تەخسە سەي قورىيالمايدىغان ھالىڭ بەركىتىڭ ، بايلىقىڭ شۇمۇ ؟! سېنىڭ بايلىقىڭ ، بەركىتىڭ شۇ بولىدىغان بولسا ، ئۇنداق بايلىقىڭ ، بەركىتىڭنى چېكەڭگە تاڭ . ئاشۇ ساپارىڭدا مەن تۈگۈل ئىتىممۇ ئولتۇرمايدۇ ، مەن بىلەن ئىتىمدىن ئەلا بىلگەن ، ئايىغان كاتتا بايلىقىڭ مۇشۇ نامراتلىق يېغىپ تۇرغان ئەبگا ئۈيۈڭمۇ ؟ يا مەن كۆرەلمەي قالغان بايلىقىڭ بارمۇ ؟!!!
-مەندىكى بايلىقنى سەن مەڭگۈ كۆرەلمەيسەن ، ئۇ بايلىقنى كۆرۈدىغان كۆزنى خۇدا ساڭا بەرمىگەن .
سېنىڭ كۆزۈڭ مىنىڭكىدىن ئارتۇق ئەمەس ، مەندە تازا چوڭ بىر جۈپ ئالماستەك نۇرلۇق كۆز بار تۇرۇپ ، ئەجەپ سىنىڭ بايلىقىڭنى كۆرەلمەيمىنا ؟!قېنى بايلىقىڭ دەيمەن !
- بۇ كۆز ئىنساننىڭ پىشانىسىدە ئەمەس ، قەلبىدە ، سەن كۆرمەكچى بولغان بايلىقمۇ تامدا ، ساپادا ،ئىتتا ، ماشىنىدا ، پۇلدا ئەمەس ، روھتا ، قەلىبتە. تۇتقىلى بولىدىغان بايلىقنى ، پۇلنى ، تامنى ، ماشىنىنى ، ئىتنى ،سەن دىگەن پىشانەڭدىكى ئالماستەك نۇرلۇق بىر جۈپ كۆزۈڭدە كۆرگىلى بولغان بىلەن ، روھ ھەم قەلىپتىكى بايلىقنى پەقەت قەلىپتىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سەندە ئادەملىك قەلىبمۇ ، قەلىبتىكى كۆز ۋە بايلىقمۇ يوق .شۇڭا كۆرەلمەيسەن ،كۆرسەڭمۇ بىلەلمەيسەن .
-پاھ-پاھ ، ۋاي-ۋاي.....ھەممە ئادەمنىڭ ئىككى كۆزى بولسا ، ئارتۇق ،يۇشۇرۇن تۆت كۆزى بار ، يۈزىدىن كۆزى چوڭ ئادەم .
تۇتسا سېپى يوق ، قىچقارسا ئېتى يوق ، يەي دىسە نېنى ، مېنەي دىسە قوتۇر ئېشىكى يوق قەلەندەر ، مەخپىي باي ، قېنى قاراپ تۇر ! سەن بايمۇ مەنمۇ،كۆرسەتمەيدىغان بولسام !ئىتىمنى كىرگۈزمىگەن ئۆيۈڭدە سەن تۇرامدىكەنسەن ، يا ئىتىممۇ قېنى !
-ياق،ياق...خاتا چۈشەنمە . سەن بىلەن ئۇرۇشماقچى ، بەسلەشمەكچى ئەمەسمەن . تېرىكمە ئىتىڭنى ئۆيۈڭدە قۇيۇپ ئاندىن ئۈيۈمگە كىر .
ئىز تورى بەك ياخشى
-بولدى . ئىتىم كىرمىگەن ئۆيدە ماڭا پوق بارمۇ ،يۈرە ،پەسكە چۈشۈپ ئىشىك ئالدىدا سۆزلىشىمىز .
قوشنام شۇنداق دەپلا ، ئىت قوغلىغان گاچچىدەك پايپاسلاپ پەلەمپەيدىن پەسكە چۈشۈپ كەتتى . مەن خىجالەتچىلىك ، تەڭقىسلىقتا تۇرۇپ قالدىم .ئۇ مىنىڭ كەينىدىن چۈشمىگىنىمنى بىلىپ ئىزىدا توختاپ ۋارقىرىدى :
-بولە، بولە ، چۈشە .ساڭا دەيدىغان تۆت ئېغىز گىپىم بار ، ئۇزاق كاشىلا قىلمايمەن ، ساڭا كېپەكتەك گەپ قىلىدىغان ۋاختىممۇ يوق ، بولە!
-سەن تېرىكىپ قالدىڭ ، بولدى باشقا كۈنى سۆزلىشەرمىز ،بولدى قىلە .
-ياق ،ياق تېرىكمىدىم ، بۇ گىپىمنى ھازىرلا ساڭا دەۋەتمىسەم كېچىچە ئۇيقۇممۇ كەلمەيدۇ ، ۋاختىممۇ يوق . ئەگەر ھازىر چۈشۈپ گېپىمنى ئاڭلىمىساڭ كىيىن ئۆزۈڭ پۇشايماندا قالىسەن ، زىيان تارتىسەن . بول چاققان بول دەيمەن ، چۈشمىسەڭ، گېپىمنى ئاڭلىمىساڭ راست تېرىكىمەن . ئۇ چاغدا راست ئۇرۇشىمەن ، ئۇرۇشمايمەن دەپ ئىشىكىڭنى تاقاپ ئۆيگە كىرىۋالساڭمۇ ئۇرۇشىمەن ،ئىشىكىڭنى چىكىپ ئارام بەرمەي ، ھەتتا ئىشىكىڭنى بۇزۇپ كىرىپ ئۇرۇشىمەن !
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئامالسىز قوشنامنىڭ كەينىدىن پەسكە چۈشتۈم ،چۈشكىنىمنى كۆرۈپ ئۇ يالغان گۈلدەك ئېچىلدى .
-ھە قانداق ؟دېگەن يەرگە ئەكەلدىممۇ ؟!مەن دىگەن ھەر قانداق ئىشقا تۇتۇشسام كانىدەك چاپلىشىپ ، بىگىزدەك قادىلىپ ، ئۇنى دىگەن يېرىمگە ئەكىلپ ، خالىغان قىناققا پاتۇرمىغۇچە ، سىزغان سىزىقىمغا كەلتۈرمىگۈچە قويمايمەن . سەندەك قوشنامدىن سول يانچۇغۇمدا 99، ئوڭ يانچۇغۇمدا مىڭ توققۇزى بار . سەن بىلمەيسەن ، مېنىڭ بىر خالتام بار ، سېنىڭ ھېلىقى ئادەمنىڭ روھىدىكى بايلىق ، كۆرەلمەيسەن دىگەن يېرىڭدە بىر خالتام بار ،مېنىڭ بايلىقىم ئاشۇ خالتا . مەن دادام بىلەن ئانامدىن تارتىپ خوتۇن ، بالام ،ئۇرۇق تۇققان ، ئەل -ئاغىنە ، ماڭا ئۇچراشقانلىكى ،ئىلناشقانلىكى ئادەمنىڭ ھەممىسىنى شۇ خالتامغا سۇلاپ جايلايمەن ، بىلدىڭمۇ؟مىنىڭ خالتام دەججالنىڭ داخۇر كالۋاسىدىنمۇ تېگى يوق ، جىمى جاھاننى سولىسام بۇرجىكىگە بارمايدۇ ، بىلدىڭمۇ ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-بىلدىم .
-شۇڭا سەن ئالدى بىلەن مىنى ، ئىتىمنى مۇبارەكلە .
-نېمىگە؟
بۈگۈن ئىتىم بىلەن مۇكاپاتلاندىم .
-قانداق قىلىپ ؟
-بۈگۈن شەھەر بويىچە چولپان ئىتلارنىڭ تېلېۋىزوردا ماھارەت كۆرسۈتۈش مۇسابىقىسى ئۆكۈزۈلگەنىدى ، يەتتە قانجۇق بىلەن مىنىڭ بىرلا ئەركەك ئىتىم چىمپىيون بولدۇق.
-سېنىڭ ئەركەك ئىتىڭ يەتتە قانجۇقنىڭ ئالدىدا چىمپىيونمۇ ياكى كىيىنمۇ ؟
-داڭقان پۇتى گەپلىرىڭ قاچان تۈگەر سېنىڭ ؟!
-ئىتلار تېلېۋېزوردا قانداق ماھارەت كۆرسىتىدىكەن ؟
-يۈگۈرۈش ، قاۋاش ، يالاش مۇسابېقىسى .
-يۈگۈرۈشنىغۇ بىلدىم . قاۋاش بىلەن يالاش قانداق مۇسابىقە ئۇ ؟
-كاللاڭ ئاددى، سەن يەنىلا ساددا ،گۆشۋاش -تە . ئاۋازى ساز ، چىرايلىق ، رىتىملىق ، يېقىملىق ، ئۇرغۇسى مەستخۇش قىلارلىق بولغانلار ياخشى . ئادەمنى بىزار قىلىدىغان ، غەزەپنى قوزغايدىغان غاژغۇن غىڭشىسا ناچار -دە.
-يالاشچۇ ؟ چىچەن ، ئەقىللىق .
-ئىتنىڭ شالى شىپالىق دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلىقى ھېساپلىنىدۇ . ئىتلار يىمەك يەپ بۇلۇپ ، تۇمشۇقى ، ئاغزى ، چىشلىرى ، ئۆزىدىكى ياكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھەمراھىنىڭ يارىسى ، تاۋىقى ، ئېغىز -بۇرنى ، يۈزلىرىنى ، ئۇنىڭدىكى تاماق قالدۇقى ، يۇقۇندا ، قان يىرىڭلىرىنى يالاپ پاكىز قىلىۋېتەلىسە ؛يالىغان تەخسە تاۋاقىلرى سۈپەت تەكشۈرۈشتە دېزىنفىكسىيە ئۆلچىمىگە يىتىپ ، ئۇنىڭدا ھېچقانداق باكتىرىيە ، مىكروپ قالماي يۇيغاندىن پاكىز بولسا ؛ يالىغان يارا ياللۇغلانمىسا بۇ ئىت چىمپىيۇن بولىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-يا اللە ، مەن دەۋىردىن كىيىن قېلىپ ، كونا زاماننىڭ ئادىمى بۇلۇپ قاپتىمەن .
-سەن دىگەن ئاللىقاچان ئاسار -ئەتىقىگە ئايلانغان ئادەم ، سېنى قەبرىگە ياكى مۇزېيغا قويىۋەتسە بولىدۇ .
-مۇبارەك بولسۇن . ئىتىڭ بىلەن قايسى تۈرلەردە چىمپىيون بولدۇڭلار ؟
-قاۋاش بىلەن يالاشتا ، ئۇ پۈتۈن مەيداندىن چاڭ چىقىرۋەتتى .
- مۇبارەك بولسۇن ، ئىت ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام دىگەن شۇ -دە . ھە راست ، ئۈستىمىزدىكى قوشنىمىزنىڭ ئىتى سىنىڭ ئىتىڭدىن قىممەت دەپ ئاڭلىغانىدىم . ئۇمۇ قاتناشتىمۇ ؟
-ھەي ، ساددا گۆشۋاشلىقىڭنى قىلىۋاتىسەنغۇ ؟سەن زادىلا موزېيلارغىمۇ قويغىلى بولمايدىغان ، بىراقلا قەبرىگە چوڭقۇر كۆمۋېتىدىغان ئاسار - ئەتىقىدە . قارا ، بۇ دىگەن ماھارەت تىپىدىكى ئىتلارنىڭ قاۋاش ھەم يالاش سەنئىتى ، سەن بۇنى چۈشەنمەيسەن . ئۈستىمىزدىكى قوشنىمىزنىڭ ئىتى قانداق ئىت بىلەمسەن ؟ ئۇ كارۋات سەنئىتى مەكتىۋىدە مەخسوس ئوقۇغان ئىت بولغاچقا ، ئەلۋەتتە قىممەت ، سەن كالۋا مىنى گەپكە سالما . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
-گېپىڭنى چۈشۈنەلمىدىم .
-بولدى ، سەن چۈشەنمەيلا قوي ، چۈشەنمەيلا ئۆل .
-بوپتۇ . ئىتىڭ بىلەن سىنى تەبرىكلەيمەن . گەپ تامام ۋەسسالام .
-ئالدىرىما ئاساسىي گەپ تېخى باشلانمىدى . بىرىنچى زۆرۆرىيەت بىلەن قوشۇنچە زۆرۆرىيەت دىگەن نەرسىنى بىلەمسەن -بىلمەمسەن ؟
-ھە راست ، ئىتىڭ تىلۋېزوردا ماھارەت كۆرسەتسە سەن چىقمامدىكەنسەن ؟
-ھەي گۆشۋاش ، ھەي گۆشۋاش ، سەن تېلىۋېزور كۆرمەپسەن -دە . ئىتنىڭ ئىگىىسى سەھنىنىڭ مۇھىم ئورنىدا ئىتلارغا ئىما - ئىشارەت ، مەدەت قىلىپ ، ئىلھام بېرىپ رىياسەتچىلىك قىلمىسا قاۋايمەن دەپ غىڭشىپ ياكى ھۇۋلاپ سالسا ، يالايمەن دەپ غاجاپ ياكى چىشلەپ سالسا ئىش بۇزۇلمامدۇ . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
-بىرىنچى زۆرۆرىيەت بىلەن قوشۇمچە يانداش زۆرۆرىيەت دېگەنلىرىڭچۇ ؟!
-ئەڭ زۆرۈر بولغىنى ، ئەمدى ئىتىم شەھەر بويىچە چىمپىيون بولدى . بىر نەرسىگە ئېرىشمەكتىن ئۇنى داۋاملىق ساقلاپ قالماق تەس ،
شۇڭا بۇنىڭدىن كىيىن ئىتپەرەس بايلار چەتئەللەردىن سورتلۇق ئىتلارنى ئەكىرىپ ، مەخسوس ئۆيلىرىدە ئىت تەربىيلەيدىغان
مەكتەپ -شىركەت ئېچىپ ، مېنىڭ ئورنۇمنى تارتىۋالماقچىمىش . بۇ بىر چوڭ تەھدىت ، مېنىڭ ئاران ئېرىشكەن بۇ ئورۇننى
تارتقۇزۇپ قويۇپ ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم خوپ . ئاندىن ئىتپەرەس بايلار ، كارخانىچىلار ، مەشھور زاتلار مېنىڭ بۇ چىمپىيون ئىتىمنى مەخسوس زىيارەت قىلغىلى كىلەرمىش . ئاڭلىسام چولپان ئىتلارنىڭ مەخسوس ئۆيى ھەم تەربىيلىنىدىغان مەشىق بازىسى بولارمىش . شۇڭا ، سەن قانچە پۇل ئالساڭ ئېلىپ ئۆيۈڭنى ماڭا سېتىپ بەر ، مەن دەرھال بۇ ئۆينى ياساپ جابدۇپ ، زىيارەت قىلغىلى كەلگەنلەرنى باشلىمىسام ، ئىتىڭىزنىڭ ئۆيى قايسى دېسە ، ئىتىم بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۋاتىمىز دېسەم ، يۈزۈم چۈشىدىغان ئىش بولىدىكەن ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- دېمەك مېنىڭ ئۆيۈمنى بىكارلاپ ، ئىتىڭغا ئۆي قىلىپ بەرمەكچى شۇنداقمۇ
- ھەئە ، يا اللە ! سېنىڭ مەخسەتنى شۇ زامان چۈشەنگىنىڭنى بۈگۈن تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم .بولمىسا بىر بەغەرەز گۆشۋاش ئىدىڭ.
بۇ ئىت بىلەن مانا مەن دېگەن خېلى -خېلى ئادەمنىڭ ئەقلىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ .
-يەنە شۇ ئادەم بىلەن ھايۋاننى سېلىشتۇرۇپ ، ئادەمدىن ھايۋاننى ئۈستۈن قويىدىغان بىمەنە پەلسەپەڭ .
-ماڭا نېمىنىڭ پايدىسى ، مەنپەئەتى بولسا شۇنى ماختايمەن . پايدىسى يوق نەرسە بىلەن ئادەم بولامدۇ ۋە ياكى باشقا نەرسىمۇ ، ئىشقىلىپ نىمە بولسا كارىم يوق.
-كارىڭ يوق ؟! تاشلىۋەتكەن نەرسىنىڭ كىيىن پايدىسى چىقىدىغان بۇلۇپ قالسىچۇ ؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-دەرھال يەنە قايتىدىن كانىدەك چاپلىشىپ داڭلايمەن .
-شەھەردە ئىتى بار بايلار كۆپ ئىدى ، تېلىۋېزورغا چىقىش ئەجەپ ساڭا تىگىپ قاپتۇغۇ ؟
-ئاشۇ پىروگراممىنىڭ مەسئولىنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندە ، قاتتىق ھازا تۇتۇپ ، دادىسىنى ماختاپ تارقاتقانىدىم .
- ئۇ ئادەمنى بۇرۇن ھەممىدىن بەك تىللايتتىڭغۇ ؟
- ئۇ چاغدا ئۇ بىر پايدىسى يوق ھاراقكەش ئىدى .
-شۇڭا بۈگۈ ئۆيۈم لازىم بۇلۇپ ماڭا سالام قىلىپسەن -دە ؟
-يا مىنىڭ ، يا ئىتىمنىڭ خۇي پەيلى كۆزۈڭگە سىغمىغاندىكىن ، ئەڭ ياخشىسى ئۆيۈڭنى ماڭا سېتىپ بېرىپ كۆچۈپ كەت .
- بۇ مىنىڭ ئاتا- بوۋامدىن قالغان ئۆي ، بۇ ئۆينىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي يورۇتۇش مىنىڭ ئوغۇللۇق ، شۇنداقلا ئادەملىك بۇرچۇم ، ساڭا چوڭ ھەم كۆپ ئۆي لازىم بولغاندىكىن ، ئۆزۈڭ كۈچۈپ كەتسەڭ بولمىدىمۇ ؟ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- ئۆيۈمنى سەن ئالامسەن ؟
-ئۆي ئالغۇدەك پۇلۇم يوق ، خەقكە سات .
- ھېلىقى مەن كۆرەلمەيدىغان چەكسىز بايلىقىڭ بارغۇ ، شۇنىڭغا ئالمامسەن ؟!
-ماڭا ئارتۇق ئۆينىڭ لازىمى يوق .
- ئۇنداق دېگۈچە بىر يارماقنىڭ تۆشۈكىدىن مىڭ قېتىم ئۆتۈپ خەجلىمىسەم ، پۇلۇم يوق دېگىنە . <<پۇلۇم يوق ، قۇرسۇقۇم توق >> دېگەن قانداق مەنتىقە بۇ .
-ساڭا ئوخشاش پۈتۈن دۇنيانى يەيمەن ، جاھاننى يىسەممۇ تويمايمەن ، يىگەنچە ئاچكۆز ،پۇلى كۆپەيگەنچە كەمبەغەل ؛پۈتۈن دۇنيا كۆزىگە پۇل ، نەپسى بىلەن پۇلدىن باشقا نەرسىسى يوق ئادەمنىڭ پۇلى كۆپ ، قورسىقى ، كۆزى ئاچ بولىدۇ .
-دېگىنىڭنى بىرىمەن ، ئۆينى بىكارلايسەن . ئىز تورى بەك ياخشى
-ھېچنىمەڭ كېرەك ئەمەس ، ئۆز ئۆيۈمدىن كۆچمەيمەن .
-بىر ئۆيۈڭگە بۇنىڭدىن چوڭ ئىككى ئۆي ئېلىپ بېرەي ،سەن دىگەن يەردىن ، كاتتا ئۆي ئېلىپ بىرەي ،كۆچەمسەن ؟
- بەش ئۆي ئېلىپ بەرسەڭمۇ كۆچمەيمەن .
- ماقۇل بەش ئۆي ئېلىپ بېرەي ، گەپنى ئۈزۈۋەتمەي خۇتۇن -بالىلىرىڭ بىلەن تەلپەكنى ئالدىڭغا ئېلىپ قۇيۇپ ، ئاددىي كاللاڭ ، گۆشبېشىڭ بىلەن ئويلاپ قوي ، ئۆيۈڭنى ئېلىش ئۈچۈن جېنىمنى تىكىپ قويدۇم .
- جېنىڭنى ئىتىڭنىڭ جېنى بىلەن قوشۇپ تىكسەڭمۇ قورقۇپ قالمايمەن .
قوشنام بىلەن شۇنداق دىيىشىپ ، ئىت خىرىس قىلغاندەك خىرىس قىلىشىپ ، ئېشەك ھاڭرىغاندەك سەتلىشىپ قايتىپ چىقتىم .ئەمما ، شۇنىڭدىن باشلاپ مېنى پالاكەت باستى ، ئۇ ئىتلىرىغا ئۆگۈتۈپ قويۇپتىكەن ، مېنى كۆرسىلا قاۋاپ ، خىرىس قىلىشىپ ، ھېلى چىشلەيدىغاندەك ھۆرپىيىدىغان بولىۋالدى .ئەتتىگەن -ئاخشام ئىشىك ئالدى ، دوقمۇش ، مەھەللە ،ھەممە يەردە قاۋاپ بېشىمنى ئۇچاق ئېتىپ ، مىڭەمنى قوچىۋەتتى . يېرىم كىچىلەردە بىر قاۋاشقىلى تۇرسا ئۇيقۇمنى ھارام قىلدى .ئۇخلىيالماي تېلىۋېزورنى ئاچسام ، نەق قوشنامنى ۋە ئىتلىرىنى تېلېۋېزوردا زىيارەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ ، كۆرۈپلا ئەرۋايىم ئۇچتى . ئېكراندىكى نەرسە ئالدىدىكىنى كۆرمەيدۇ ، ئەمما قوشنامنىڭ ئىتلىرى ئىكراندا تۇرۇپ مىنى كۆرۈپلا قەھرى -غەزەپ بىلەن ماڭا قاراپ قاۋاشقا باشلىدى. تېلېۋېزورنى ئاچچىقىم بىلەن ئۈچۈرۈپ ، تىزگىنەكنى غەزەپ بىلەن چۆرۈۋەتتىم . ئەسلىدە ئىكراندىكى ئىتلار بىلەن قوشنامنىڭ ئۆيىدىكى ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى تەبىئىي تەڭ ئىكەن . تېلېۋېزورنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن ، قوشنامنىڭ ئۆيىدىكى ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ئاڭلاندى . شۇئان قوشنامنىڭ ئىشىكىنى قاقتىم ، قوشنام ئىشىكىنى ئېچىپ ھىجايدى :
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ئۆينى قاچان ئالىسەن ؟
-ئۆينى ئالمىساڭ جېنىمنى ئالىدىغان ئوخشايسەن ، ئالە!
-ھامان مۇشۇنداق دەيدىغىنىڭنى بىلەتتىم . راست بەش ئۆي ئالامسەن ؟
-ياق ، ئارتۇق ھارامنىڭ لازىمى يوق ، پۇلۇم بولمىسىمۇ نەپسىم توق، بىرگە بىرنى ئالىمەن.