ئەزىز ئىمىر يانغىن
ئىز تورى بەك ياخشى
-ئاھ ئانا !سەن يالغۇز قىزىڭنى ئۇ دۇنياغا بىرگە ئېلىپ كەتسەڭ بولماسمىدى؟...ئەمدى بۇ دۇنيادا ئىگە -چاقىسىز قالغان غېرىپ قىزىڭنىڭ بېشىنى كىممۇ سىلايدۇ ؟
مىنىڭ بۇ ھەسرەتلىك نالىلىرىمنى ھېچكىم ئاڭلىمايتتى ، قەبرە توپىلىرىنى ھۆل قىلىۋاتقان كۆز يېشىم بولسا توختاۋسىز ئاقاتتى .
-قوينۇڭنى ئاچقىن ئانا ، مېنىمۇ ئۇ دۇنياغا بىرگە ئېلىپ كەتكىن ...؟
-<<داداڭنى تاپقىن >>دىگەن ئىدىڭغۇ ؟...بىراق دادام ئۆزىنىڭ ياش ئايالىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ، ئۆزىنىڭ ئۈلپەتداشلىرىنىڭ ئالدىدىكى ئىززەت -ئابرۇيى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدىن تۆرەلگەن مەندەك بىر بەخىتسىز ئاجىزەنى قۇربان قىلىۋەتتى . ئانا ، سەن ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا مىھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ <<جېنىم قىزىم ، سىنى ئۆز قۇلۇم بىلەن تەربىيلىيەلمەيدىغان ئوخشايمەن . قانداق قىلىمىز ، رەھىمسىز راك كېسلى مىنى سەندىن ئەبىدى جۇدا قىلماقچى بۇلىۋاتىدۇ . يىغلىما بالام ، مېنى كۆزى ئۇچۇق كەتمىسۇن دىسەڭ يىغلىما . سېنىڭ كۆزلىرىڭدىن ئاققان ياشلار مېنىڭ يۈزلىرىمگە تېمىمىسۇن . داداڭنى تاپقىن ، ئۇ سېنى ياخشى تەربىيلەيدۇ . ئۇ ھازىر بىر نازارەتتە مۇھىم خىزمەتتە ، ھەممە ئادەم .ئۇنى تۇنۇيدۇ . ماڭا ۋاپا قىلمىغىنى بىلەن ساڭا -ئۆز ۋۇجۇدىدىن تۆرەلگەن قىزىغا ۋاپا قىلار >>دىگەن ئەمەسمىدىڭ . سۆزۈڭ ئاخىرلاشمايلا چىرايىڭ سارغىيىپ ، نەپسىڭ سىقىلدى . مۇنچاقتەك كۆز ياشلىرىڭ سۇلغۇن يۈزلىرىڭنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى .مەن شۇ چاغدىلا ئۆز ۋاقتىدا ئاققان تالاي كۆز ياشلىرىڭنىڭ ، ھەسرەتلىك ئاھ ئۇرۇشلىرىڭنىڭ پەقەت شۇ دادام ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلىشقا باشلىدىم . www.iz.la
سۈزۈڭ ئاخىرلاشمايلا قوللىرىڭ بوشۇشۇپ ، كۆزۈڭ ئۇچۇق قېتىپلا قالدى . مەن ئۈستۈڭگە ئۆزەمنى تاشلاپ ئاچچىق يىغلىدىم . خۇلۇم -قوشنىلارمۇ ياردەملىشىپ سېنى يەرلىكىڭدە قويدى . كىچىككىنە تۇرۇپ يۈرىكىم يىتىملىكنىڭ دەردىدە ھەسرەت ۋە قان ياش بىلەن تولدى . سېنىڭ ۋەسىيتىڭ ۋە خۇلۇم -قوشنىلارنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن دادامنى ئىزدەپ باردىم . مەكتەپكە كىرگەن دەسلەپكى يىلدىن كىينلا دادامنى كۆرمىگەن ئىدىم .شۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي دادامنىڭ كۆزلىرىنىڭ ماڭا تۇلىمۇ ئوخشايدىغانلىقىغا ھەم دادامنى تاپسام بۇ بەخىتسىز كۈنلىرىمنىڭ ئاخىرلىشىشىغىمۇ ئىشىنەتتىم .
-قىزىم مەمەت نازىرنى دەمسىز ؟!...مەنمۇ شۇ ئۆيگە ماڭغانىدىم ،-دېدى قۇلىدا يوغان بولاقنى ئاۋايلاپ كۆتىرۋالغان ئاق پىشماق ، پاكارغىنە سىمىز بىر ئادەم ۋە مىنىڭ جاۋابىمدىن كىيىن مىنى باشلاپ ماڭدى .بىز بىرلىكتە تۆت قەۋەتلىك بىنانىڭ يۇقىرى قەۋىتىگە چىقتۇق . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-مۇشۇ ئۆي شۇ ،-دېدى يان تەرەپتىكى ئۆينى ماڭا كۆرسىتىپ ۋە خىجىل بۇلۇپ قىزىرىپ كەتكىنىمنى كۈرۈپ .
-تارتىنچاق ئىكەنسىز ، جۈرۈڭ ، مەن سىز بىلەن بىرگە كىرەي ،-دېدى -دە ،ئىشىكنى ئاستا ئۇردى .
ئۇزۇن ئۆتمەي يېشى 25ياشلاردىن ھالقىغان ئۇرۇققىنا بىر ئايال ئىشىكنى ئاچتى ۋە بىزنى كۈرۈپ :
-ھە ، ئاجۈيجاڭ ، ئۆزلىرىنىڭ مۇبارەك قەدەملىرى بۇ يەرگە قانداق يېتىپ قالدىكىن ؟-دېدى ياسالما ئاۋاز بىلەن ۋە مىنىڭ بېشىمدىن ئايىقىمغىچە سەپسېلىپ قاراپ چىققاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
-مەمەت ئاكاممۇ ھېلىراقتا سىلىنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ تۇراتتى .يۈرسىلە ،-دېگىنىچە بىزنى ئۆيگە باشلىدى . دادامنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم بىرئاز تەسەللىي تاپقان بولسىمۇ ، بۇ ھەشەمەتلىك ئۆيدىكى گىلەملەرگە چىقىپ قالغان ئاياقلىرىمدىكى توپا ئىزلىرىنى كۈرۈپ قورۇنۇپ كەتتىم .ئۆيگە كىرىش بىلەن كۆزلىرىم چاقناپ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى . مەن ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان ئادەتتىن تاشقىرى كۆركەم بىزەلگەن بۇ ھەشەمەتلىك مېھمانخانىدىكى گىلەملەر سېلىنغان سافادا ئولتۇرغان ئۈچ جۈپ ئەر -خۇتۇننىڭ ماڭا قاتتىق ھەيرانلىق بىلەن تىكىلگەن ، سىمىزلىكتىن پۈرۈلۈپ كەتكەن كۆزلىرىدىن تۇلىمۇ ئاددى-ساددا بىر يېزا قىزىنىڭ بۇ ھەشەمەتلىك ئۆيگە قانداقلارچە كىلىشكە پېتىنالىغانلىقىغا ھەيران بولغان ھەم مەسخىرە قىلىپ كەمسىتىلىۋاتقاندەك مەنالار چىقىپ تۇراتتى . شۇ ئەسنادا مېنى باشلاپ كىرگەن كىشى ئۇدۇلدىكى سافادا ئولتۇرغان ئاق يۈزلۈك ، سىمىزغىنە ، ئۇچىسىغا ئەترەڭ سارجىدىن كاستيۇم كەيگەن كىشىگە قاراپ : ئىز تورى www.iz.la
-ياخشى تۇردۇڭلارمۇ ، مەمەت شۈجى ،-دېگىنىچە قول ئېلىشىپ كۈرۈشتى ۋە ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان سىمىزغىنە ، ئاپپاق بوينىغا قات-قات مەرۋايىت ئاسقان ، قوللىرىغا ئالتۇن ئۈزۈك ، بىلەيزۈك سالغان ياش ،گۈزەل ئايالغا قاراپ :
-نۇسرەتخان ئۆزلىرىچۇ ؟-دېدى ئالاھىدە ئەھۋال سوراپ ، ئايال <<ياخشى >>دىگەندەك تەبەسسۇم بىلەن كۈلۈپ بېشىنى لىڭىشتتى .مىنى باشلاپ كىرگەن كىشى باشقىلار بىلەنمۇ بىر قۇر ئەھۋال سوراپ كۈرۈشكەندىن كىيىن ، قۇلىدىكى يوغان بولاقنى نۇسرەتخان دىگەن ئايالغا <<ئاز بولسىمۇ >>دېگىنىچە سۇندى . ئاندىن مېنى كۆرسىتىپ :
-مەمەت شۈجى ، بۇ قىز ئۆزلىرىنى ئىزدەپ كەپتۇ ،-دېدى . ئىز تورى بەك ياخشى
يۇشۇرمايمەن ، گەرچە دادامنى يەتتە يىل ئىلگىرى كۆرگەن بولساممۇ كۆزلىرى ئېنىق ئىسىمدە قالغان ئىكەن . دادام مېنى كۈرۈپ گويا ئۆتمۈشىنىڭ خىرە يىللىرىنى ئەسكە ئالغاندەك چىرايىدىكى كۈلكە ئالامىتى يوقالدى ، كۆزلىرى خىيال ئارلاش ۋەھىمە بىلەن يېنىدىكى ئايالغا قادالدى . ئايال بايىقى كۈلكىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان قارا كۆزلىرى ئارقىلىق بېشىمدىن ئايىقىمغىچە مەنسىتمەسلىك ، سوغۇق نەزىرى بىلەن قاراپ ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈردى . شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي بۇ ياش ئايالنىڭ تۇلىمۇ گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمەن .
دادام ئايالنىڭ چىرايىدىكى ماڭا بولغان ئىپادىلەرنى كۈرۈپ ، ھېچ ئىش بولمىغاندەك پەرۋاسىز ئولتۇرۇشقا باشلىدى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بەلكىم ئۇزۇن يىللار ئۈتۈپ كەتتى ،مىنى تۇنىيالماي قالغاندۇ ؟ مەن تۇنۇشلۇق بەرسەم ، مىنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ھالىمغا قاراپ ئىچ ئاغرىتىپ مېنى باغرىغا باسىدۇ . مەندىن ئۆزى چوڭ بولغان گۈزەل يېزىنىڭ خۇشبۇي ھىدىنى پۇراپ كۆزلىرىگە ياش ئالىدۇ ، ئانىلىق مىھرىگە قانمىغان سۇنۇق كۆڭلۈمنى ئاتىلىق مىھرىگە بولسىمۇ قاندۇرىدۇ ،دەپ ئويلىدىم .
-ئاھ ، جېنىم دادا !-دەپ تىترەك ئاۋازىم بىلەن ياردەم تىلەۋاتقاندەك ھەسرەتلىك نىدا قىلغىنىمچە قوللىرىمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم .
دادام بۇ ھالىمنى كۈرۈپ كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىغىنىچە :
-سىز ....سىز....
قوللۇرۇم ھاۋادائېسلىپ قالدى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
-جېنىم دادا ، ئانام تۈگەپ كەتتى . ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا مىنى سىزنىڭ قېشىڭىزغا بېرىشىمنى ۋەسىيەت قىلغانىدى . ئانامنىڭ ۋەسىيتى بۇيىچە سىزنى ئىزدەپ كەلدىم .دادا ، مىنى تۇنىمىدىڭىزمۇ ؟؟ مەن قىزىڭىز نۇرجامال بۇلىمەن ،-دېدىم كۆزلىرىمگە لىق تولغان ياشلىرىمنى يۇشۇرۇشقا تىرىشىپ .
دادام سۆزۈمنى ئاڭلاپ ۋەھىمىلىك بىلەن تاتىرىپ كەتتى .ئۇنىڭ شۇ تۇرقى گويا جىنايى قىلمىشلىرىنى يۇشۇرغان جىنايەتچىنىڭ ساقچى تەرىپىدىن بارلىق جىنايىتى ئاشكارا بۇلۇپ قالغان چاغدىكى ۋەھىمە باسقان قورقۇنۇچلۇق چىرايىغا ئوخشاپ قالغانىدى .ئارىنى قاپلىغان جىمجىتلىق ئىچىدە باشقىلار دادامنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ھەيران قېلىشتى . copyright by www.iz.la
شۇ چاغدا دادامنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان سېمىز ياش ئايال ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ،كۆزلىرىدىن سوغۇق ئۇچقۇن چاچرىتىپ :
-مەمەت ، گەپ قىلىڭە ، نىمە بىزىرىپ تۇرىسىز ، ئىلگىرى ماڭا تۇرمۇشلۇق بولمىغان دىگەن ئەمەسمىدىڭىز ؟ ئەگەر بۇ قىز راستىنلا سىزنىڭ قىزىڭىز بولسا ، كۆرگۈلىگىڭىزنى كۆرسىتىمەن .-دەپ ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ كەتتى .
دادامنىڭ ئالاقزادە بۇلۇپ كەتكەن كۆزلىرىگە <<قېنى دادا ، ۋىجدانىڭىز نىمە دەپ جاۋاپ بىرەركىن ...>>دىگەن مەنىدە ئىلتىجا بىلەن قارىدىم .
دادام شۇئان بىر نەرسىدىن يىرگەنگەندەك چىرايىنى تېخىمۇ ئۆزگەرتىپ :
-بۇ ....بۇ مۇمكىن ئەمەس ! ئىلگىرى راستىنلا مىنىڭ ئايالىم بولمىغان ...مىنى خاتا تۇنۇپ قالغان ئوخشايدۇ ، يا باشقا بىرەر غەرىزى بارمىكىن ...-دېدى يېنىدىكى ئايالغا يېلىنغاندەك بىچارىلەرچە قاراپ . ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇرقى بايلىقىنى قىمارغا ئۇتتۇرۋىتىپ ، نىجاتلىق تىلەۋاتقان بىچارە قىمارۋازغا ئوخشايتتى .
كۆزلىرىمدىن مۇنچاقتەك ياشلار تۈكۈلۈشكە باشلىدى . قەدەملىرىمنى تەسلىكتە ئېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئايرىلغىنىمدا ئۆي ئىچىدىن مەسخىرلىك كۈلكە ئاۋازلار ئاڭلاندى ...
-جېنىم ئانا ! دادام مېنىڭدىن تاندى ، سەنمۇ مېنى تاشلاپ كەتتىڭ ، بەخىتسىز قىزىڭنى تاشلاپ كىتىشكە كۆڭلۈڭ قانداقمۇ ئۇنىغاندۇ ؟...مەن ئەمدى قانداق قىلاي ...؟ ئانىلىق مېھرىگە قانمىغان يۈرىكىم دادا تەرىپىدىن تېخىمۇ ئېغىر زەخمىلەندى ، ئۇ ھازىر ھەممىنى ئۇنتۇپتۇ .. مەندەك بىر ۋۇجۇدىدىن تۆرەلگەن قىزىنى ئۇنتۇپتۇ ....ئاھ !!!!! ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور