چىن سۆيگۇ

ۋاقتى:2011-01-21 01:28مەنبە: يوللىغۇچى: ئەزىزجان چېكىلىشى:قىتىم
   -جانىم ~!  نىمە بولىدۇ ؟  مىنى بىر قۇچاقلاپ قويغىنە ؟  قەلبىمدىكى  لاۋىلداپ كۆيىۋاتقان  ئىشقى ئوتى  بىر ئاز بولسىمۇ پەسلىسۇن .  ئۆزۇڭنى قاچۇرما ،  قۇچاقلاپ قويغىنىڭغا سەندىن نىمە كىتىدۇ ؟
قىز  خىجىللىقتا بىشىنى  يەردىن كۆتۇرەلمەيلا قالدى .   ئۇ قىزارغان يۇزىنى  يىگىتكە كۆرسىتىشنى خالىمىدى بولغاي ،  بىشىنى تىخىمۇ  تۆۋەن سالدى .  ئۇ گەپ قىلشىقا  تەمشىلگەن بولسىمۇ ،   يەنىلا گەپ قىلالماي قالدى .   ئەسلىدە ئۇ  يىگىتكە بىرمۇنچە سۆزلەرنى دەيمەن دەپ زور  تەييارلىق بىلەن كەلگەن ئىدى .  بىراق يىگىتنىڭ ئالدىدا  ھەممىنى ئۇنۇتتى .   ئۇ مەن نىمانچە دۆت دىگەندەك  قىلىپ، قولى بىلەن چىكىسىنى  پاققىدە ئۇرۇپ قويدى .  يىگىت سۆزىنى يەنە تەكرارلىدى .  قىز لىۋىنى قاتتىق بىر چىشلىدىدە ،  كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ  ئېيتتى : ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- نىمە كىتەتتى  ؟  بۇنى سىز ئوبدان بىلىسىز .   بىز تىخى توي قىلمايلا  بۇنداق قىلىپ يۇرسەك .......
- مەن پەقەت قۇچاقلاپ قويۇڭلا  دېدىم خالاس .  يەنە بىر  سائەتتىن كىيىن جەڭگاھقا ماڭىمەن . 
كىم بىلىدۇ ،  بۇ تۇنجى ھەم ئەڭ ئاخىرىقى  قۇچاقلىشىش بوپ قالامدۇ تىخى  ؟  سىزنى دىسەم جەڭگاھقا زادىلا بارغۇم يوق .   ئەمما نىمە ئامال دەيسىز ؟  جانىمز سىزدىن ........................
- ئەزىز ،  مۇبادا سىز مەن ئۈچۇن جەڭگاھقا بارمىسىڭىز  ،  مەن  ئىككىلا دۇنيا يۇزىڭىزگە قارىمايمەن .   ئانىڭىز سىزنى ئوغۇل بالا دەپ تۇققان . مەنمۇ سىزنى  ئوغۇل بالا دەپ  ياخشى كۆرگەن . ۋەتەننىڭ  تىنىچلىقى ئالدىدا  بىزنىڭ ئىشىمىز ئەرزىمەسلا  بىر ئىش ھېسابلىنىدۇ .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مىنىڭ دۇئايىم سىز بىلەن بىللە .   جەڭگاھتا ئۆلۇم - يىتىم ئىشلىرى بولۇپ تۇرىدۇ .  ناۋادا شەھىت  بولسىڭىز ياكى  تىرىك قايتىپ كەلسڭىز  ئوخشاشلا مەن ئۈچۇن ئۆمۇرلۇك  شەرەپ .
قىز يىگىتنىڭ ئىككى مەڭزىدىن تۇتۇپ بىرنى سۆيۇپ قويدىدە ،  ئۇنى مەھكەم قۇچاغلىدى .
- ئەزىز ، ۋاقىت توشتى .   تىزرەك  قايتىڭ .   مىنىڭ دۇئايىم سىز بىلەن بىرگە .  خەيىر ،  ئاللاھ سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي .
يىگىت خۇشال ھالدا قىزدىن ئايرىلدى . ئۇ   باشقىچە روھلىنىپ قالغان ئىدى .   3 ئايدىن كىيىن  غەلبە خەۋىرى يىتىپ  كەلدى .   ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى تۇركۇملەپ قايتىپ كىلىشكە باشلىدى .

ئىز تورى www.iz.la


قىز ھەركۈنى دىگۇدەك ئوتقاشتەك  قىپقىزىل كۆينىكىنى كىيىپ ، بىرىنجى بولۇپ ۋوگىزالغا يىتىپ كىلەتتى .  ئەمما نائۈمۇدتە  قايتىپ كىتەتتى .   ئەڭ ئاخىرقى بىر تۇركۇم ئەسكەرلەر قايتىپ كەلدى .   ئەمما يىگىت يەنىلا كۆرۇنمەيتتى .   شۇندىن باشلاپ قىز ھەركۈنى ۋوگىزالدا  يىگىتنى  ساقلىدى .   بىرى كەم 9 يىل ساقلىدى .   قىزنىڭ بۇ ئىشى پۇتكۇل يۇرتقا پۇر كەتتى .   تۇمەنلىگەن قىز -يىگىتلەر قىزنىڭ  چىن مۇھەببىتىگە  ئاپىرىن ئېيتىشتى .   كۈزنىڭ ئاخىرقى بىركۈنى ئىدى .  قىز ئادىتى بويىنچە تۇرۇككە يۆلەنگەن پىتى  مۇڭلۇنۇپ ئولتۇراتتى .  بىر چاغدا  بىرسى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا   ئەدىيال يىپىپ قويدى .  قىز بىشىنى ئاستا كۆتۇرۇپ كەينىگە قارىدى .   ئەدىيال يىپىپ قويغان ئۇ كىشى دەل ھىلىقى يىگىت ئىدى .  قىز يىگىتكە قارىغان پىتى يىغلاپ كەتتى .

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


يىگىت  قىزنى قۇچاغلاپ كۆزىگە ياش ئىلىپ تۇرۇپ :
- مەن قايتىپ كەلدىم  .  ئاخىرى قايتىپ كەلدىم .-دېدى .
قىز   بىشىنى لىڭشىتقىنىچە  يىغلا ۋەردى . 
- يۇرۇڭ جانىم ،  ئۆيگە قايتايلى .   ئۆيىمىزگە  قايتىپ كىتەيلى .-دېدى يىگىت قىزنى ئاستا يولەپ تۇرۇپ .
- ھە ،  بولىدۇ .  ئۆيگە قايتايلى ،  ئۆيىمىزگە قايتايلى .    قورسىقىڭىز ئاچقاندۇ ؟  مەن سىزگە ئوخشۇتۇپ تاماق ئىتىپ بىرەي ھە ~~؟!  -دېدى قىز يىگىتنىڭ چىرايىغا بىر قۇر سەپ سالغاچ .
ئىككىسى قولتۇقلاشقىنىچە مەھەللىگە قايتىپ كەلدى .  ئۇلارنىڭ جەم بولغىنىنى كۆرگەن   خەلق ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى .   ئۇلار خۇشاللىق ئىلكىدە ئۆز ئائىلىسىنى قۇرۇپ ،  خاتىرجەم ، بەخىتلىك تۇرمىشىنى باشلىۋەتتى . ......
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(22)
95.7%
ناچار
(1)
4.3%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئۈچ كۆرۈنۈش

    كىشىلەر ھەيدەرنى(ئالما قۇش)دېيىشىكەن، ئالما قۇش؟ بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ دىگەن ئادەم تۇرسا!قاراپ تۇرۇپ ئادەمنى قۇش دەپ ئاتىسا بۇلامدۇ؟ دوستۇم ئەجەبلەنمەڭ! كۆزۈم كۆرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇنداق ئاتاشىقا قۇشۇلمىغان بۇلاتتىم. ھېلىمۇ بۇنداق(قۇش)لار ئىنىتايىن ئاز ئىكەن...

  • چۆلدىكى بۇلاق

    ئىيۇلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى... ئاپتاپنىڭ تەپتىدىن ئەتراپ تۇنۇردەك قىزىپ كەتكەن ئىدى.كارۋاتلىق ئاپتوبۇس مومدەك يۇمشاپ كەتكەن قارىماي ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتى.ئېچىۋىتىلىگەن دېرىزىلەردىن ئىسىسىق شامال ئۇرۇلاتتى. شوپۇر ئاپتوبۇسنى ئۇدۇل(ئەجەل جىلىغىسى)تەرەپكە ھەي...

  • كۆۋرۈكتىكى ئەسلىمە

    ئانا يۇرتۇمىنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ ساپ، چۈنكى ئۇ دەريا بۇيىغاجايلاشقان.كەڭ دەرياغا سېلىنىغان كۆۋرۈكىنى كىشىلەر (يېڭى كۆۋرۈك )دەپ ئاتىشىدۇ. يېڭى كۆۋرۈك بۇ قەدىمىكى يۇرتىنىڭ ھۆسنىگە خۇددى گۈزەل پەرىنىڭ مەڭزىدىكى خالدەك ياراشقان .كۆۋرۈكىنىڭ ئىككى تەرپىدىكى قاتار ك...

  • ئەڭ ئاخىرىقى يۇپۇرماق

    بىر بىمار كارىۋاتتا يېتىپ سىرتتىكى دەرەخكە قاراپتۇ. ئۇ تۇيۇقسىز بۇ دەرەختىكى بىر تال يوپۇرماقنىڭ قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تېخى چۈشۈپ كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆز كۆڭلىدە مۇشۇ بىر تال يوپۇرماق دەرەختىن تۆكۈلگەن ھامان مېنىڭ ھاياتىممۇ ئاخىرلىشىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ...

  • دادام سوغا قىلىغان گۈل

    بۇ قېتىم ئۆزۈمنى ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا ھېس قىلغان ئىدىم ، بۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۈمى بولۇپ ، بىرىنچى يىللىق ۋاقتىمدا تونۇشقان يىگىتىم فرانسىسكا مەن بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى ، قانداق قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم . مەن تەكەببۇر...

  • دوختۇرنىڭ ھىكايىسى

    -ئوپىراسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى، ئوبدان دەم ئېلىڭ، ساقىيىپ كېتىسىز. -رەخمەتنى ماڭا ئەمەس ھېكىم دوختۇرغا دەڭ، ھەر ئىككىلى ئوپىراسىيىدە پىچاقنى شۇ تۇتتى. -ھە بىلىدىم ئەسلىدە... شۇئان بېشى يوغان،جۇغى كىچىك،كۆزىئەينىكىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆسكىلەڭ قاشلىرى دىرىغىيىپ تۇرغا...

  • ئۇلۇغ تاز

    ئاپتورى: قاراشەھەر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق1-يىللىق6-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى پەخىردىن مۇسا. (ھېكايە) جۇغراپىيە نەتىجەم چىقىپتۇ21.7،كەچىتە قۇيۇپ بەرگەندە بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ئۆيگە قاراپماڭدىم.خيال سۇرىۋىرىپ ئۆيگە كىلىپ قالغانىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن،داد...

  • بىلەيزۈك چۈشى(ھىكايە)

    بىلەيزۈك چۈشى(ھىكايە) 1 ساجىدە ئالتۇن بىلەيزۈكى بولىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى، ھەتتا چۈشىدىمۇ شۇنى چۈشەيتى. ئۇ گاھىدا ئۆزىنىڭ تەلەيسىزلىكىدىن ئاغرىنسا ، گاھىدا تۇربا سۈيى شىركىتىدە ئىشلەيدىغان مۇلايىم، ئىشچان يولدىشىغا باتناپ ، تاپا- تەنىمۇ قىلىپ قوياتتى،...

  • غېرىپ ئاتا

    (ھېكايە) مۇتەللىپ ياقۇپ مالىك بوۋاينىڭ ئايالى تۈگەپ كەتكىلى ئۈچ يىل بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ھەممىسى خېلى بۇرۇنلا ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. بوۋاي ئۈچ يىلدىن بۇيان غېرىبانە بۇ كۆلبىدە تىكەندەك يالغۇز ياشاپ كەلدى. ئوغۇللىرى ناگ...

  • قارانچۇق

    (ھېكايە) ليۇ گوفاڭ بالا كۈندە دېگۈدەك سەھرادىكى مومامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالاتتى. بالىنىڭ مومىسىمۇ نەۋرىسىنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتاتتى. ئەمما بالىنىڭ ئانىسى سەھرانى مەينەت دەپ قارىغاچقا، بارغىلى قويمىدى. بىر قېتىم بالىسى مومامنىڭ ئۆيىگە...

  • ئانامىنىڭ ھەربىچە شەپكىسى

    (ھېكايە) يۈەن بى1ڭفا يىگىت بىلەن قىز مۇھەببەتلەشتى. قىز چىرايلىق، يىگىتمۇ كېلىشكەن ئىدى. يىگىت ھەمىشە قىزنى كىنوغا تەكلىپ قىلاتتى. قىزنىڭ دادىسى بىلىپ قېلىپ قىزنىڭ ھېلىقى يىگىت بىلەن مۇھەببەتلىشىشىگە قارشى تۇردى. قىزنىڭ دادىسى بازارلىق ھۆكۈمەتنى ڭ تەشۋىقا...

  • باشلىق تۇتقان قەلەم

    (ھېكايە) قەلىمىم ئەسلىي ئاددىيلا قەلەم. ئەمما ئۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىپ يېنىش يېنىش سىلايتتىم... ياپقۇچى، ساپقۇچى، سىياھلىقى... سىلىغۇدەكلا يېرى بولسا سىلاۋېرەتتىم. سىلاۋەرگەچكە قەلەمنىڭ تۇتىدىغان يەرلىرى سىلىقلىشىپ پارقىراپ كەتكەنىدى. ئىلگىرى بۇ قەلەم ئۇنچى...

  • جاۋابسىزقالغان مۇھەببەت(ھېكايە)

    شۇ كۈنلەردە تۇلمۇ خىيالچان ئىدىڭ، ھەتتا دوسلۇرىڭدىنمۇ كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمىگەندەك تەنھا ياشاۋاتاتتىڭ،شۇ كۇنلەردە بىر گۈزەل پەرى كۆز ئالدىڭدا پەيدا بۇلدى ، سەن شۇ ۋاقىتتاھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدىڭ ! كۆڭلۈڭدە بىر نىمىلەر نى ئۇيلاۋاتاتتىڭ تۇساتتىن بىرسىنىڭ بۇ يەردە ن...

  • ئىسپىرتلانغان ئادەم

    ئىسپىرتلانغان ئادەم (ھىكايە) كەچتە ئولتۇرۇش باركەن،دىگەن دەبدەبىلىك ئۈقتۇرۇشنى ئاڭلاپلا خوشھال بولماي ئەكسىچە،بېشىمغا ئالەمچە چوڭ غەم چۇشتى.يەنە شۇ ئىچىدىغان گەپقۇ، دىدىم ئاچچىق بىلەن ئۆزەمگە. ئىشتىن چۇشتۇم.پۇتۇن ئەس-خىيالىم شۇ بولغۇسى ئولتۇرۇشتا.ياپسام پ...

  • قورقۇنۇشلۇق كىچە (فاتىمە)

    قورقۇنۇشلۇق كىچە بۈگۈنمۇ يەنە شۇ يامان چۈشنى كۆرۈپ چىلىق-چىلىق تەرگە چۈمۈپ چۈچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. ھەر قېتىم مۇشۇنداق قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرگەن چېغىمدا 15 يىل ئاۋۋالقى ئاشۇ قورقۇنۇشلۇق ۋەقە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. بىز دادام ،ئانام ،ئاچام، ئىنىم ،مەن بەشىمىز ب...