(فېليەتون)
تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇشۇ كۈنلەردە توخۇ قۇرۇمىسىنىڭ دەردى ئىچىگە پاتمايلا قالدى. كىشىلەر ئۇنى شۇنچە ئەتىۋارلاۋاتسا، يەنە نېمە دەردكەن ئۇ؟ copyright by www.iz.la
ھەممەيلەننىڭ دەردى بولىدۇ. مېنىڭ دەردىم شۇكى، – دەپ سۆز باشلىدى توخۇ قورۇمىسى، – مېنى ئۇستاملار دەسلەپتە يەرلىكتىكى پاكىز، تەبىئىي بېقىلغان توخۇ بىلەن ياخشى خۇرۇچ، ئېسىل مايلاردا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلايتتى. ئۈستەلگە چىقساملا، ھەممە چوكىلىرىنى ئۇزىتىپ ئاجايىپ ئىشتىھا بىلەن يەيتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا باشقا قورۇمىلار ئالدىدا مەغرۇر تۇراتتىم ۋە ئۆزۈمدىن پەخىرلىنەتتىم. ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتتى. مۇشۇ كۈنلەردە ھارام پايدىنى كۆزلەيدىغان، ئاۋامنىڭ سالامەتلىكى بىلەن قىلچە كارى يوق ئاچكۆز خوجايىنلار ھورمۇننىڭ كۈچىدە چوڭايغان توخۇلارنى ئەرزانلا ئېلىپ كېلىپ مېنى تەييارلاپ، تەپ تارتماي ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتىدۇ. بەزى ۋىجدانسىزلار تېخى قىلچە نومۇس قىلماي، ئۆلۈك توخۇلاردا مېنى تەييارلاۋاتىدۇ. ھورمۇننى زىيادە كۆپ يەپ، ئوبدانلا چوڭايغان توخۇلاردىن تەييارلىغان مەندەك قورۇمىدا يەنە نېمە قۇۋۋەت بولسۇن دەيسىز؟ بۇ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قاراپ تۇرۇپ زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئاتام زاماندىن بېرى ئاڭلاپ باقمىغان غەلىتە كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىپ، گۈزەل دۇنيادىن جۇدا قىلغىنى بولماي نېمە؟ ئۇنىڭسىزمۇ ئىستېمال قىلىنىۋاتقان يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ھورمۇنلار ئېشىپ كەتتى. بىر قىسىم ساددا كىشىلىرىمىز يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتا، قىممەترەك بولسىمۇ ياخشى، سۈپەتلىك، زىيانسىزلىرىنى تاللاشنى ئەسلا ئويلىمايدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
باياتىنقى گەپلىرىمنى ئاڭلاپ مېنى تاشلىۋەتمەڭلار جۇمۇ! ئارزۇيۇم يەنىلا ئىستېمالىڭلاردىكى ئەتىۋارلىق دوستۇڭلار بولۇشتۇر، شەرتىم كېسەلدىن خالىي، تەبىئىي چوڭايغان يەرلىك توخۇلار ۋە پاكىز خۇرۇچ، ئېسىل مايلار بىلەن تەييارلىنىش، سىلەرنىڭ مېنى داۋاملىق ياخشى كۆرۈشۈڭلارنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە؛شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن