كىتاپپۇرۇشلۇق

ۋاقتى:2011-01-04 18:39مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

مەۋلانە مۇھەممەد ئەمىن

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

(يارقىن ) ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    قاچانلاردىندۇر بىلمىدۇق زاماندىن زارلانغۇچىلاردىن بولۇپ قالدۇق،سىلىقلاشتۇرۇپ‹ئوبزورچىلار› دىيىلسەكمۇ مەنچە بىزدەكلەرنى ‹بىكاچى شىكايەتچىلەر› دەپ ئاتالسا  ئەڭ مۇۋاپىق. بۇ ھېكايىنى كۆرۈپ بەلكىم بىزنىڭ مەھەللىنىىڭ چوڭلىرى ‹ئۆيدىكى جىدەلنى تالاغا يايدىڭ› دەپ مىنى ئەيىپلىشى ، ‹سالىم چاپاق› ئاكاممۇ خالى جايدا تۇتىۋىلىپ نەچچىنى تەستەكلىۋىلىشى مۇمكىن. ئەمما بوپتۇلا جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتمەس .
ئىسىمنى بىلگىنىمدىن باشلاپ مەھەللىمىزدە ئىككى كىتاپپۇرۇش بولىدىغان ،ھەرخىل كونا يېڭى كىتاپلار ئۇلارنىڭ ھارۋىسىدا تىزىلىپ مەھەللىمىزدىكى كەچكى بازاردا ئون يىگرمە پىرسەنت ئەرزىنىغا سېتىلىپ خېلى نام قازىنىپ قالغان ئىدى . بىزخەقتە شۇنداق ئۇدۇم بارمۇ قۇرئانىمىزدىن تارتىپ‹ ياخشى كىتاپ› دەپ نامىنى ئاڭلىغان كىتاپنى ئۆيىمىزنىڭ تۆرىگە بىرقېتىممۇ ئوقىمايدىغان ھالىمىزغا  زولاپ ئېسىپ قويىمىز .ئەنە شۇ كىتاپ بىلەن گېزى كەلسە ماختىنىپمۇ ئۇلگىرىمىز. ئوھوي... مەيدە يانچۇقلىرىمىزغا قىستۇرىۋالغان سىياسى يوق قەلەملىرىمىزدىن ئۆرگىلەي . ئىككى ھارۋىغا تىزىلغان ئەنە شۇنداق خېلى نامى بار .خەلىققە مەنىۋى جەھەتتىن ھەقىقى ئوزۇق بېرەلىگەن كىتاپلار ئىدى.دېھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق ،باقمىچىلىق،ئۇلاقچىلىق قاتارلىق يېزائىگىلىك كىتاپلىرى بولسا بۇ ھارۋىلاردىن تېپىلمايتى،گەرچە يېزىمىزدىكى90%ئادەم دېھقان بولسىمۇبۇ كىتاپلارغا زادى قىززىقمايتى.ئۆتكەن بىر يىلى تاغامنىڭ ئايالى تۇغىۋىدى ‹دېھقانچىلىققا ئائىت بىلىملەر›ناملىق كىتاپنى تاغامغا سوغات قىلسام تاغام ھېلى كىتاپقا ھېلى ماڭا چەكچىيىۋىتىپ‹ئۇكام . خالاغا قەغەز باتىيا ،مۇشۇنى پۇلغا ئالغۇچە مارەك بولسۇن ئاكا دەپ تۆت كەتمەن چىپىشىپ پۇلاڭغا پۇلا يىسەڭچا› دەپ جاۋاپ قىلغان ئىدى . ئۇكىتاپنىڭ ھازىر نەچچە ۋارىقى قالدى بىلمىدىم.قىسقىسى ئۇ تۇردىكى كىتاپلار دېھقانلىرىمىزغا ئانچە ياراپ كەتمىسە كېرەك .مەھەللىمىز ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ  بازىرىمىز تولىمۇ قىزىيتى.شۇڭىمۇ بازاغا خېلى يىراقلاردىكى كىشىلەرمۇ ئىشتىراك قىلاتتى .مانا شۇ سەۋەپتىن كىتاپپۇرۇش ئاكىلىرىمنىڭ سودىشىمۇ كاتتا ئىدى . بۇ ئىككى كىتاپچىلار مەھەللىمىزدىن چىققان بولغاچ ھەممەيلەن دىگۇدەك تونۇيتى ، ئەنە ئاۋۇ سېمىز دوغىلاق كەلگەن 27-30ياشلاردىكى يىگىت مەھەللىمىزدىكى موزدوزنىڭ ئوغلى سالىمجان ئىدى .سالىمجان ئاكامنىڭ دادىسىنىڭ ئوڭ پۇتى سەل ئاقسايدىغان بولغاچ سالىمجان ئاكام تۇغۇلغاندا ئۇنىڭغا سالامەتلىك مەنىسى بولغان‹ سالىم›دەپ ئىسىم قويغان ئىكەن. ئىز تورى بەك ياخشى
ئەمماشۇندىمۇ سالىمجان ئاكامنىڭ كۆزلىرىدىن دائىم چاپاق قايناپ تۇراتتى ،شۇڭا مەھەللىدىكى تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا ‹سالىم چاپاق› دەپ لەقىمى بار ئىدى. تولۇقسىزنىمۇ ئاران تۇگىتىپ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتەلمىگەن سالىمجان ئاكام ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇققىنىنىڭ كىتاپخانىسىدىن كىتاپ ئېلىپ مۇشۇ ياقلاردا سېتىپ خېلى بېيىپ قالغان ئىدى .ئەمما سالىمجان ئاكامنىڭ قوسىقىدىكى ئىلىمىنىڭ تاينى بولمىغاچ دائىم بولمىغۇر گەپلەرنى قىلىپ قىزلارنى كۆرسە قاش ئېتىپ كىشىلەرنى ئالداپ سىلاپ كىتابىنى سېتىۋالاتى . ئىچىشتە بولامدۇ چىكىشتە بولامدۇ مەھەللە بويىچەتەڭداشسىز تەلۋە ئىدى .قاچانلا قارىسا ئۆسكىلەڭ چاچلىرى رەتسىز ئۇستى بېشى تاماكا ھاراق ئارلاش پۇراپكىشىنى سەسكەندۇرەتتى . ئەمما ئۇنىڭ ئەكسى بولغان قاسىمجان ئاكام مەھەللىمىز بويىچە ئەڭ داڭلىق تەمبۇرچى شائىر شۇنداقلا بەش نامازنى تەرىك ئەتمەيدىغان تەقۋادارلادىن ئىدى،ساز –پازنى ھەرقانچە چالسىمۇنامازۋاقتىنىڭ ئالدى كەينىدە رامىزان ئايلىرىدا جۇمە كۇنلىرىدەقەتئى تىرىڭشىتمايتى باشقىلار چالسىمۇ قاقشاپ كېتەتتى .دائىما چوكۇرۇپ كىيىۋالىدىغان تۈركچە شىلەپىسى كىتاپ ئوقۇغاندا تاقىۋالىدىغان چىرايىغا ماسلاشقان يوغان كۆزئەينىكى كۆك رەڭلىك شىلەپىسى ئۇنى خۇددى سەھرا يازغۇچىلىرىغا ئوخشىتىپ قوياتتى. تارىخى بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلىقى مەھەللىدىكى ھەممىمىزنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى ، خەنزۇچە مەكتەپلەردەئوقىۋاتقان بالىلارنى ئەتىراپىغا يىغىۋىلىپ تارىخنامىلەرندىنمەدداھلىق قىلىدىغان بولسا باللارنى خۇددى تېلىۋىزور كۆرىۋاتقاندەك كەيپىياتقا كەلتۇرۇپ قوياتتى. ئقچمەيتى چەكمەيتى ،ئۇنىڭغا بېرىلگنلەرگە كۆپ نەسىھەت قىلاتتى.قاسىمجان ئاكامغا ھۆرمىتىمنىڭ چوڭلىقىدىنمۇ تارىختىكى نۆۋبەتى ،زەلىلى ،مەشرەپ،موللا مۇسا سايرامى قاتارلىق ئەدىپلەر خۇددى شۇ ئاكامنىڭ سۆرىتىدە نامايەن بولاتتى.كىتاپپۇرۇشلۇق بولسا ئۇنىڭ5-6يىلدىن بويانقى خىزمىتى بولۇپمەھەللىمىز بويىچە شۇنداقلا ناھىيمىز بويىچىمۇ تۇنجى كىتاپپۇرۇش ھېسابلىناتتى،بىرتاغقا ئىككى يولۋاس پېتىشماس دىگەندەك مەھەللىمىزدىكى بۇ ئىككى كىتاپپۇرۇچ ئاكىلىرىم ياقا سىقىشمىغىنى بىلەن قانداقتۇر كىلىشىپ بولماس زىدىيىتى بار ئىدى . سالىمجان ئاكاش دائىم قاسىمجان ئاكامنىڭ سودىسىغا چاڭ سېلىپئارقىسىدىن يامان سۆزلەرنى دەپ قوياتتى بىركۇنى تۇرۇپ قاسىمجان ئاكامنىڭ ئورۇقراق كەلگەن تېنىنى چىشلەپ تارتىپ ئاق چىكىدۇ دىسە ، بىركۇنى كىتاپلارنى ئەرزان ساتقىنىنى كۆرۇپ ئوغىرلاپ نەشىرقىلىپ ساتىدۇ ،ھارام يەيدۇدەپ چاقاتتى.تېخى بەزىلەر بۇنىڭغا ‹ھە›دەپ ياقىلىرىنى تۇتقىنىچە ئىشىنىپمۇ قالاتتى،ئەمما قاسىمجان ئاكام يامان بىلەن تەڭ بولماي دەمدۇ قانداق دائىم ئۆز ئىشى بىلەن بەنىد بولۇپ يۇرىۋېرەتتى .خالىسا كىتاپنى ئەزان ساتاتتى خالىسا ئىشتىياقى بار ياشلارغا سوغاتمۇ قىلىۋىتەتتى.كىيىن بىلىشىمچە ئۇلارنىڭ زىدىيىتى ئۇرۇمچىگەتەڭ كىرىپ كىتاپ ئېلىپ شېرىكلەشكەن چاغدىن باشلانغان ئىكەن.بايا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك قاسىمجان ئاكاش باشلىغان كىتاپپۇرۇشلۇق كىتاپ خۇمار خەلقىمىزگە تازا ياققاچ ئۇنىڭ سودىسى خويمۇ روناق تېپىپتۇ .نەسلىمىزدىن دورامچۇق ئاز ئىزدىنىپ كۆپ ئىشلەيدىغان خەلىق بولغانلىقىمىزدىنمۇبۇ پايدىغا شىرىك بولىدىغانلار بارا-بارا كۆپلەپ گايىلارنىڭ دىيىشىچە كىچىككىنە ناھىيمىزدەكىتاپپۇرۇشلار 50-60كە يەتكەن ئىكەن.بىزنىڭ مەھەللىدىنمۇقاسىمجان ئاكامدىن كىيىن سالىمجان ئاكاممۇ بۇ سودىغا كىرىشىپ ئۈرۈمچىدىكى تاغىسىدىن كىتاپلارنى ئەزان ئېلىپ تازا بېيىش نىيتىدە مەھەللىمىز بازىرىغا ئېچىقىپ سېتىشقا باشلاپتۇ .ئەمما كىتاپ دىگەن تاللاپ بولسا يېرىمىنى ئوقۇپ بېقىپ كىشى ئۆزىگە يارىسا ئالىدىغان نەرسە بولغاچ سالىمجان ئاكامنىڭ ‹دېھقانچىلىق ئۇلاقچىلىق بىلىملىرى›‹ئىلمى تېرىقچىلىق› دىگەندەك مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن دېھقانلار مىڭ ئوقىسىمۇ چۇشەنمەيدىغان بۇ كىتاپلارنى ھېچكىم ئالماپتۇ .دىمىسىمۇ ،ئىلمى ئاتالغۇلار بىلەن تولغان بۇ كىتاپلارنى بىچارە دېھقانلار قانداقمۇ چۇشەنسۇن .زىيانغا دۇم چۈشكەن سالىمجان ئاكام نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغان چاغدا قاسىمجان ئاكام ئۇنىڭ يېنىدا ئەگىپ قانداق كىتاپنى ئېلىش قانداق كىتاپنى ئالماسلىق توغرىسىدا پەند ئۈگىتىپ ئۈرۈمچىگە بىللە بېرىپ كىتاپ ئېلىشىپ بېرىپتۇ .ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇلار غايىۋى شېرىكلەرگە ئايلانغان بولسا كېرەك .ئىسىمدە قېلىشىچە ئۇلار خېلى ۋاقىتقىچە ئوخشاش كىتاپنى تەڭ ئەكىلىپ تەڭ ساتقان ئىدى. كىيىنچە بارا-بارا ئىككى ھارۋىدىكى كىتاپلار پەرىقلىنىدىغان، ئۆز ئارا بىر بىرىنى تۇلۇقلايدىغان سەۋىيەگە يەتتى . بۇچاغلاردا  سالىمجان ئاكاممۇ پايدىنى خېلى ئوبدانلا كورۇپ قالغان بولۇپ .ئۇستى-بېشى يېڭىلىنىپ ھەرخىل كاستىيۇملار بىلەن كىتاپ ساتىدىغان.ئىسىل يان تېلفونلىرىنىڭ ئاۋازىنى بوراندەك قويىۋىتىپ باشقىلارنى ‹نەچچە پۇلغا ئالدىڭ ھەجەپ نوچىكەن› دىيىشكە مەجبۇرلايدىغان بولدى. تۇرۇپ –تۇرۇپ قىزلاردىن تېلفون كېلىپ قالاتتى .شۇنداق چاغلاردا سالىمجان ئاكامنىڭ پۇت-قوللىرى لاغىلداپ تىتىىرەپ تۇرسىمۇ ئاغزى ئويناقشىپ يېنىدا تۇرغان كىتاپنىڭ مەلۇم بەتلىرىىدىكى مەلۇم مىسىرالارنى،ئابزاسلارنى ئالدىرماي ‹دېھلامماسىيە› قىلىپ بېرەتتىدە .قىزلارنى تەسىرلەندۇرۇپ ‹ئاھ –ۋاھ› لىرىنى چىقىرىۋىتەتتى . كۇنىگە نەچچە ۋاق ئەينەككە قاراپ قولياغلىقى بىلەن چاپىقىنى قايتا –قايتا بىردەم-بىردەم سۇرتەتتى .شۇنداق ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرىتەتىكى ھەتتا يېنىدىكى باققال يىگىتنىڭ پىغىلداپ كۈلگىنىنىمۇ سەزمەي قالاتتى.ئىنسان تويماس بىر تاغ ئالتۇنى بولسا يەنە بىرتاغ بولسىدى دەيدىغان مەخلۇق بولغاچ پۇل سالىمجان ئاكامنى خېلى قىزىقتۇرغان ئىدى .پات-پات قاسىمجان ئاكامنىڭ يېنىغا كېلىپ كىتاپلارنى قىممەترەك سېتىش ئوغۇرلۇقچە نەشىر قىلىنغان كىتاپلارنى ئېلىش  توغرىسىدا ‹پەند› كۆرسىتىپ تۇراتتى .ئەمما قاسىمجان ئاكام دائىم ‹ ئىنىم ئاللا دىن قورقىلى ،مۇشۇنچىۋالا پايدىغا يەنە تويماي بۇ ئىشنى قىلساق ئاللا جازالايدۇ ئاقىبەت ئۇنىڭ ئۇستىگە بىز كىتاپنى قانچە قىممەت ساتساق، خەلقىمىز نادانلىقتىن شۇنچە كىين ۋاقچە ئۇيغىنىدۇ ،ئۇنىڭ بەختى بىزگە شۇنچە كىچىكىپ باقىدۇ › دەپ تەكىتلەيتى .شۇنداق چاغلاردا سالىمجان چاپاق قاپىقىنى تۈرۇپ جاھىللارچە ‹ئەمىسە مۇتقا سات› دەپ نەچچە رەت سىلكىۋىتەتتى .قاسىمجان ئاكام گەرچە قاتتىق غەزەپلەنسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تالىشىپ تىركىشىپ يۇرىشكە چولىسى يوق ئىدى . بۇ قاتماللىق بارغانچە تەرەققى قىلىشقا باشلىدى، كىيىنچە سالىمجان چاپاقمۇ قاسىم ئاكاممۇ ئۆز دىگىنى بويىچە قىلىمەن دىگىنىنى قىلىشتى.سالىمجان چاپاق شەھەردىن تاغىسىنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئوغۇرلۇقچە نەشىر قىلىنغان كىتاپلارنى قانۇنلۇق نەشىرگە ئارلاشتۇرۇپ قىممەت ساتتى. قاسىمجان ئاكام بولسا يەنىلا بۇرۇنقىدەك كىتاپنى خالىسا ئەزان سېتىپ خالىسا سوغات قىلىپ ئاللا دەرگاھىدا ساۋاپ ئىزدەۋاتاتتى .قاسىمجان ئاكامنىڭ بۇ ئىشى سالىمجان چاپاقنى تېخىمۇ تېرىكتۇردى . ئۇ ئۆزىچە ‹پايدىنى قاسىم ئېلىپ كەتتى›دەپ ئۆرتىنەتتى ،قاسىمجان ئاكامنى يامانلاپ ھەممە يەردە ئۆسەك سۆز تارقىتاتتى. چاكىنىلار شۇنداق گۇمانخور، پىتنىخور كېلىدۇ ئەلۋەتتە .نادان خەلىق بۇنداق سۆزلەرگە بەكمۇ ئاسان ئىشىنەتتى .‹بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا›دەپ ئويلاپ قاسىمنىڭ ئىشى بولمىسا سالىم ئۇنداق دەيتىمۇ دەپ يەكۇنلىشەتتى.قاسىمجان ئاكام بۇنداق ئۆسەك غەيۋەتلەرگە سۇكۇت بىلەن جاۋاپ قايتۇراتتى ياكى ‹رىسقى ئاللاھدىن مەھەللىمىزدە ئون كىتاپپۇرۇش بولسىمۇ ،ئۆز رىسقى ئۆزىبىلەن بولىدۇ .ناۋادا خەلىق ىنى ھارام يىدى دىسە پاكىت كۆرەتسۇن.ناۋادا پاكىت كۆرسەتسە مەن بۇ ئىشىمدىن قول ئۇزۇپ ئاللادىن مەغفىرەت تىلەيمەن› دەيتى. www.iz.la
    كۈنلەر ئايلار يىللار شۇ تەرىقىدە داۋام قىلماقتا . سالىمجان چاپاق قاسىمجان ئاكامغا  كۇنسىرى ئۆچلىشىپ ھەتتا ئۇنىڭ دىلىدا ‹قىساس› شەكىلىنىشكە باشلىماقتا ئىدى . شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ ئۇرۇمچىدىكى تاغىسىدىن مەسلەھەت سوراپ كىچىككىنە مەھەللىنىڭ كىتاپ سودىسىنى ئالەمشۇمۇل كۆتۇرۇپ،پايدىنى كان قازغاندەك مىلىيونلاپ ھېساپلاپ تاغىسىنى قايمۇقتۇرغان ئىدى.بۇنىڭ بىلەن تاغىسى مەلۇم پايدىنى كۆزلەپ سالىمغا شەيتان يوللىرىدىن بىر يولنى كۆرسەتتى .
    سالىمجان چاپاق قاسىمجان ئاكامنىڭ نەدىن كىتاپ ئالىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچ قاسىمجان ئاكام ئۇرۇمچىگە ماڭغان پۇرسەتتە پېيىغا چۇشۇپ ئۇنىڭ ئالغان كىتاپلىرىنىڭ ئارىسىغا بەزى چەكلەنگەن ئوغۇرلۇقچە نەشىرقىلىنغان كىتاپلارنى قوشۇپ قويدى-دە.چاندۇرماي مەھەللىگە قايتىپ ھېچنىمە كۆرمىگەن قىياپەتتە يۇرىۋەردى .قاسىمجان مالنى تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن ئۆيگە ئەكىرىپ پىچىتىنى يەشمەيلا ئىشىكتىن چىقىشىغا ساقچىلار سالىمجان چاپاقنىڭ يول باشلىشىدا قاسىمجان ئاكامنى ئەكەلگەن ماللىرى بىلەن ساقچىخانغا ئېلىپ كېتىشتى،بۇخەۋەر مەھەللىگە تارقىلىپ پۇتۇن مەھەلىدىكىلەرنى چۆچىتىۋەتتى.بۇ ۋەقەگە ھەرخىل باھالار بېرىلىپ ،سۆزلەر ئېيتىلدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


  -كىتاپ سېتىپ يوغىناپ كېتىۋىدى .خوپ بولاپتا ، خەلىقنى ئالداپ ھارام يىمىدىم دەيدا تېخ...
  -بەلكىم خاتا بولاپ قالدىمىكىن...
  -نەق مەيداندا تۇتۇلاپتا ، ساقچىلا بىكاغا تۇتمايدا
  -بىز خەقزە يوق گەپنى قىلىپ مەن قاسىماخۇننى بايا يايمىسىدا كۆدۇميا ؟.
 -ھارامنى يەپتۇرۇپ ،ياغان سۆزلىسە ئاندا بولىدا ...
خەلىقنىڭ پاراڭلىرى ئۇزۇلمەيلا مەھەللىمىزگە قاسىمجان ئاكامغا قانۇنسىز كىتاپ ساتقانلىقى جىنايىتى بىلەن4يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگنلىك خەۋىرى تارالدى .ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سالىمجان چاپاق قاسىمجان ئاكامنى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇمچىدىكى‹شېرىكىنى› پاش قىلغانلىقى ئۇچۇن ‹بەشتە ياخشى تىجارەتچى› ئۇنۋانىغا ئېرىشىپتۇدەك . ئىز تورى بەك ياخشى
ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن سالىمجان چاپاق مەھەللىمىزدىكى بىردىن-بىر كىتاپپۇرۇشقا ئايلىنىپ قالدى .‹ۋاپاغا جاپا بارمۇ دىسە،ھايات بولساڭ كۆرەرسەن› دىگندەك ئۇنىڭ ئىپلاسلىقى مەھەلىمىزدە يەڭ ئىچىدە يۇشۇرۇن قالدى ،ئامما ئاخىرەت ئاللانىڭ دەرگايىدا قاسىمجان ئاكامنىڭ قولى سالىمجان چاپاق ياقىسىدا بولىدىغانلىقىغا ئىمانىم كامىل.مەھەللىمىزدىكى كىتاپخۇمارلار ئەمدى كىتاپ لازىم بولسا مۇشۇ بىردىنبىر كىتاپپۇرۇشنىڭ يېنىغا كېلەتتى.20سوملۇق كىتاپنى 30-40سومغا ئېلىپ ئالدانغان خەلىق كىتاپ خۇمارلىقىدىن بارا-بارا ۋاز كەچمەكتە ئىدى .گاھى سالىمجان چاپاق بازادا مەست ھالەتتىمۇ ئاغىلتاغىل تولاپ كىتاپ ساتاتتى.كىتاپ ئوقۇيدىغان ئادەم ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ كىتاپ ئوقىغاندەك بولاتتىدە، ئاستا كەينىگە ياناتتى .ئەنە شۇنداق كۇنلەر ئايلار ئۆتۇپ ئۇنىڭ سودىسىمۇتېزلا خاراپلاشتى.ئاخىرى ئۇ كىتاپلارنى زىيىنىغا سېتىپ بۇ سودىدىن ياندى.ھازىر نىمە قىلىۋاتىدۇ ئۇنى بىلمىدىم . ئەمما شۇنىڭدىن تارتىپ مەھەللىمىزدە كىتاپپۇرۇش بولۇپ باقمىدى .گاھىلار قاسىمجان ئاكامنى تۇتۇپ بەرگە سالىمجان چاپاقنىڭ بۇ مەھەللىنى ۋە بۇ خەلىقنى نىمىدىن جۇدا قىلغانلىقىنى كېچىكىپ ھىس قىلىشتى.گاھى بوۋايلار ئۆز تارىخىنى ھەتتاكى ئۆز ئانا تىل-يېزىقىنى بىلمەيدىغان ياشلارغا غەمكىن قاراپ ‹قاسىمجاندەك بىرى بولسىدى› دەپ تۈرمە تەرەپكە تەلمۈرۈپ سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

مەنبە؛ مىسىرانىم بىلوگى www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • باياۋاندىكى گۈلخان

    1.مارتنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى. بۇندىن سەل ئىلگىرى قەشقەر ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغۇلاڭچى قوشۇنلار بىلەن يېڭىشەھەرگە بېكىنىۋالغان ما جەنسىڭ قوشۇنلىرى ئارىسىدىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇھاسىرە ئۇرۇشى ئاياقلىشىپ، نىسپىى تېنچلىق شە...

  • تۇغۇلغان كۈن سوغىسى

    ياقۇپ ئىسمائىل بۇ بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇنقى ئىش ئىدى. يىگىرمە يىلدىن بېرى ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان قەھرىمان ماركىلىق قەلەمنى ھەر قېتىم قولۇمغا ئالغىنىمدا، يۈرىكىم تاتلىق بىر سېزىم ئىلكىدە تىپچەكلەپ، ئۆزۈمنى گويا يىگىرمە ياش ياشىرىپ قالغاندەك ھېس قى...

  • قوشنامىنىڭ ئىتى

    ئاپتورى:ئەختەم ئۆمەر ، قوشنىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئىت باقىدىغان بۇلۇپ كەتتى. سەللا جېنى بار ، ئېپى بار ، پۇلى بار ، يولى بار ، ئەمىلى، ئورنى بارلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىت بېقىشنى مودىغا ئايلاندۇرۋېلىشتى . 90- يىللاردا يانفۇن مودا بولغان ، ھازىر بولسا تىلەمچى...

  • بىر چىنە چۆچۈرە

    بىر كۈنى ئاق بولۇت مېھمانخانىسىغا پۇزۇر كىيىنگەن، 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى بىر جۈپ ئەر - خۇتۇن كىردى. ئۇلار قارىماققا ساياھەتكە چىققان ئەر - خۇتۇنلاردەك كۆرىنەتتى. مۇلازىمەتچى قىز كۈلۈمسىرىگەن ھالدا تاماق تىزىملىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى، ئېرى تاماق تىزى...

  • قەبرەئالدىدا

    ئەزىز ئىمىر يانغىن -ئاھ ئانا !سەن يالغۇز قىزىڭنى ئۇ دۇنياغا بىرگە ئېلىپ كەتسەڭ بولماسمىدى؟...ئەمدى بۇ دۇنيادا ئىگە -چاقىسىز قالغان غېرىپ قىزىڭنىڭ بېشىنى كىممۇ سىلايدۇ ؟ مىنىڭ بۇ ھەسرەتلىك نالىلىرىمنى ھېچكىم ئاڭلىمايتتى ، قەبرە توپىلىرىنى ھۆل قىلىۋاتقان كۆ...

  • كىتاپپۇرۇشلۇق

    مەۋلانە مۇھەممەد ئەمىن (يارقىن ) قاچانلاردىندۇر بىلمىدۇق زاماندىن زارلانغۇچىلاردىن بولۇپ قالدۇق،سىلىقلاشتۇرۇپئوبزورچىلار دىيىلسەكمۇ مەنچە بىزدەكلەرنى بىكاچى شىكايەتچىلەر دەپ ئاتالسا ئەڭ مۇۋاپىق. بۇ ھېكايىنى كۆرۈپ بەلكىم بىزنىڭ مەھەللىنىىڭ چوڭلىرى ئۆيدىكى...

  • كۈزدىكى چېچەك

    جىررىڭ... جىررىڭ... ياتاق تېلفۇنىنىڭ ئەنسىز جىرىڭلىشى مېنى خىياللار قاينىمىدىن تارتىپ ئاچىقتى. ئېرىنچەكلىك بىلەن تېلفۇننى ئالدىم : -ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم! -ۋەلەيكۇم ئەسسالام! ھەبىبە بارمىدۇ؟ -ھە مەن شۇ. ئادىل ئاكامما؟ -ھە مەن. رۇخسەت سوراپ ئۆيگە بىر كېلىپ ك...

  • ئالماشقان لەقەم

    ...

  • ئېرىم يوقاپ كەتتى

    ...

  • ئالدامچى تۈنلەر

    لوقمان بۆرىخان كېچە قاراڭغۇسى يېيىلىپ كېلىۋاتقان پەيتتە نۇر قۇربېشى خەرسەڭ تاشلار پاناسىدىن باش كۆتۈرۈپ، كەڭ تۈزلەڭلىكتىكى قىشلىغى تەرەپكە مەيۈس-مەھزۇن تەلمۈردى. يا رەب، ھۇۋۇلداپ تۇرغان مۇنۇ خارابىلىك ئۇنىڭ ئانا ماكانىمىدۇ؟! قېنى، قىر باغرىدا يېيىلىپ يۈرگ...

  • كۆيۇۋاتقان شام

    ياخشىمۇ سەن دىلبەر؟ دوستۇم ،ئىسىڭدىمۇ ؟بىر چاغلاردا مەن ساڭا قايسى بىرىنىڭ ھالىنى ئىيتىپتۇرمۇش نىمانچە مۇرەككەپ،ھايات نىمانچە سىرلىقتۇر؟دېگىنىمدە،سەن ماڭا ؛دىلنار،ئاشۇ تۇرمۇشنى مۇرەككەپلەشتۇرگەنمۇ،ھاياتنىسىرلىقلاشتۇرغانمۇ ماڭا ۋە ساڭا ئوخشاش ئادەملەردەپ ج...

  • « پادىچى بالىنىڭ»خىيالى

    ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، تۇيۇقسىز تېلېفۇن جىرىڭلىدى، تۇرۇپكىنى ئالسام، باشلىقىمنىڭ ئايالى ئىكەن. - ئۆيگە بىر كېلىپ كەتكەن بولسىڭىز، - دېدى باشلىق خانىم ئىپادىسىز تەرىزدە. مەن ئىدارىدىكى بىردىنبىر بويتاق بولغاچقا، باشلىقنىڭ ھويلىسىدىكى تەكلەر...

  • ئىشەكىنىڭ ئىلىتىپاتى

    ئەزىز ئەيسا (ھىكايە) كانارا ئورنۇتۇلغان ئىككى چاقلىق قول ھارۋىسىنى سۆرەپ بالىسى بىلەن بالدۇرلا بازاردىن يېنىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭغان سايىم سوق ،يىراقتىنلا بازارنىڭ كۈن پېتىش تەرىپىدىن ئېقىپ ئۈتىدىغان ئۆستەڭ بۇيىدىن يۇغان بوز ئىشىگىنى سۇغۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتقا...

  • بايۋەتچە خوراز

    ئاپتۇرى مۇھەممەت ئەلقىسسە، خوراز بايۋەچچە ئىشخانىسىدا يالغۇز ئىدى. ئۇ بايىلا جۇڭگو مىللەتلىرى ژۇرنىلىنىڭ 2005 - يىللىق 4 - سانىدىن ئوقۇپ تۈگەتكەن ھۆپۈپ خېنىمنىڭ تەرجىمىھالىنى قايتا - قايتا ئەسلەۋاتاتتى. كۆڭلىدە ئۇزاقتىن بۇيان ئەنقانىڭ شىركىتىنى يۇتۇۋېلىش...

  • سادىقلىق

    بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇن ئىنىتايىن غۇربەتچىلىكىتە قالغاچقا ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىردىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىركۈنى ئەر خۇتۇنىغا؛ -سۈيۈملۈكۈم مەن يىراقلارغا بېرىپ ئىشىلەپ ، پۇل تاپماقىچى بۇلۋاتىمەن . سىنى راھەت، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قلىغۇدەك ب...