پەرزەنىت ئۈچۈن

ۋاقتى:2011-08-26 17:31مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
          قار توختىماي يېغىۋاتاتتى،موماي ھاسىسىنى توكۇلداتقىنىچە يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ دەرۋازىسىدا يەنە پەيدا بولدى.ئامانلىق ساقلاش ئۆيىدە دىجۆرنىلىك قىلىۋاتقان چىرايلىق ساقچى قىز تۇمشۇقىنى ئۈچلاپ مومايغا ناھايتى قۇپال تەگدى.
      -قاراڭ قىزىم مەن ئەكرەم سوجاڭنى ئىزلەيتتىم،ئىشخانىسىدا بارمىدۇ؟
      -بار،ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىڭ! - دىدى قىز توڭلىق بىلەن.
     موماي ھاسىراپ-ھۇمۇدەپ ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقتى. موماي نەچچە قىتىم ساقچىخانىغا كەلگەن بولسىمۇ دەمماللىققا سوجاڭنىڭ ئىشخانىسىنى تاپالماي تېڭىرقاپ قالدى-دە،ياش بىر ساقچى بالىدىن ئەكرەم سوجاڭنىڭ ئىشخانىسىنى سورىدى. www.iz.la
     -ئۇدۇلدىكى ئىشخانە شۇ-دىدى ساقچى بالا قۇلى بىلەن زالنىڭ ئۇدۇلدىكى ئىشخانىنى كۆرسىتىپ،موماي بالىغا رەھمەت ئېيتىپ ئاستا بېرىپ ئىشخانا ئىشىكىنى چەكتى.
     -كىرىڭ!
     موماي چوڭ ئىشخانىدا كومپىيوتوردا بىر نىمىلەرنى بىسۋاتقان ئەكرەم سوجاڭغا كۆزى چۈشتى.
     -كەلسىلە،ئورۇندۇقتا ئولتۇرسىلا!
    سوجاڭ يىنىدىكى ئورۇندۇقنى موماي تەرەپكە سۈرۈپ قويدى.موماي ھاسىرغىنىچە ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.
    -بالام،ئۆغلۈمدىن...
    -ھە،ئۆغلۇڭىز توغرىسىدا بىز مۇزاكىرلىشىپ قويغان.لېكىن يۇقىرغا يوللىمىغان،بۈگۈن چۈشتىن كېيىن يوللايمىز.دوكلاتنى يوللاپ بۇلۇپلا بىز ئۆغلۇڭىزنى ئىزدەيمىز،ئەنسىرمىسىلە،چۇقۇم ئۆغلۇڭىزنىڭ دېرىكىنى ئالىمىز.

ئىز تورى بەك ياخشى


    موماي سوجاڭنىڭ سۆزىدىن ئۈمىتسىزلەندى.ھىلىمۇ بىر ئايدىن بۇيان ئۆغلىنى سۈرۈشتە قىلىپ، بۇ ساقچىخانىغا سەككىز قىتىم كىلىشى ئىدى.
    -ئۆغلۈم شۇ ھېلىقى كېچىدە چىقىپ كەتكەنچە مانا بىر ئايدىن ئاشتى...
    سوجاڭغا موماينىڭ دائىم دەيدىغان شۇ سۆزلېرى خوشياقمىدى-دە،كۆمپىيوتوردىن كۆزىنى ئۈزمەي ئولتۇرۋالدى.موماي سۆزىنى توختاتتى،ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
    -ئەنسىرمەڭ ئۆغلۇڭىزنى چۇقۇم تاپىمىز...
    موماي سوجاڭنىڭ سۆزلېرىگە ئېرەن سالمىدى.تالادا قار توختىماي يېغىۋاتاتتى.موماي ئۇستى-باشلېرىنى بىر قۇر تۈزەشتۇرۇپ،يۈزىنى ياغلىقى بىلەن ئورىدى-دە،ئاپپاق قار ئۈستىدە ئەگرى-بۇگرى ئىز سىلىپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. ئىز تورى www.iz.la
    -مە،مە...
    قېرى ئۆچكىنىڭ سەت مەرىشى موماينى خىيالدىن توختاتتى.ئۇ خىيال بىلەن غېرىبانە كەپىسىگە كىلىپ قالغىننى تۇيماي قالغان ئىدى.
   -ئۆلىشە،قېرى مايماقلار-دىدى موماي قۇلىدىكى ھاسىسى بىلەن چىتلاق ياغىچىغا ئۇرۇپ تۇرۇپ.
   -توختىماي مەرەشكەن بۇ جىن تەككۈر ئاۋاقلار،ئۇف،ئەجەپمۇ ھالىمنى قويمىدى بۇلار.
   موماي قىيداپ قويدى، قۇلىدىكى ھاسسىنى يەرگە قۇيۇپ،ئوتتۇز يېرىدىن يامالغان كونا تاغاردىكى ساماننى مىڭ تەسلىكتە ئۇقۇرغا تۆكتى.ئىچىرقاپ كەتكەن توت ئۆچكە سامانغا دۈم چۇشتى.موماي ئۈستى-بېشىدىكى قارنى تازلىۋىتىپ،قەيەرلەرگىدۇ كۈمۈپ قويغان ئاچقۇچنى تىپىپ قۇلۇپنى ئاچتى.ئۆي ئىچى مۇزلاپ كەتكەن ئىدى.موماي ئوت يېقىش ئۈچۈن تەمشەلدى.موماي بىر بولۇڭغا دۇۋىلەپ قويغان بىر تاغار كۆمۈرگە قاراپ لەسسىدە بولۇپ قالدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   -ھەي ھېلىمۇ كەنىت كادىرلېرى ئەكىلىپ بەردى بۇ بىر تاغار كۆمۈرنى بولمىسا نىمە قالايمەن. بۇنىڭغىمۇ شۈكرى،ئەتە-ئۈگۈن خۇدانىڭ رىسقىسى تۈگەپ قالماس...
   موماي مەشكە ئوت ياقتى. ئوت گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلىدى.مۈزلاپ كەتكەن ئۆي ئىچى ئاستا-ئاستا ئىللىدى.موماي پۇت-قۇلىنى سوزۇپ بىردەم يىتىۋالدى.موماي ئۆغلىنى خىيال قىلدى.
     -شۇ كۈنى شۇ كېچىدە بالام،ئالتۈندەك بالام ئاپا مەن بىر دەمدە قايتىپ كىلىمەن،دوستلېرىم بىلەن چىقىپلا كىلەي-دىگەن،مانا بۈگۈن ساق بىر ئايدىن ئاشتى،ئاقتىمۇ يوق،كۆكتىمۇ يوق...
     موماي ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيتتى.
    -ئەتە چۇقۇم ناھىيەلىك ساقچىخانىغا بارىمەن،ئۆغلۇمنى سۇرۇشتە قىلىمەن-موماينىڭ تۈرۈلۈپ تۇرغان قۇشۇمىسىدىن قەتئى نىيەتكە كەلگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئىز تورى www.iz.la
    تاڭ يورىدى موماي ئالدىراپ-تېنەپ ناشتا قىلدى.ھاسىسىنى توكۇلدىتىپ يۈرۈپ ئۆچكىلەرگە يەم بەردى.قوشنىسى قادىر ئاخۇنغا چۈشتە ئۆچكىلېرىگە قاراپ قۇيۇشنى تاپلاپ قۇيۇپ،ناھىيەگە قاراپ يۇرۇپ كەتتى.موماي ناھىيەلىك ساقچىخانىدىمۇ ئەكرەم سوجاڭنىڭ جاۋابىغا ئوخشاش جاۋابنى ئالدى.موماي ھالسىزلاندى،نىمە قىلارىنى بىلەلمىدى،ئۇ ئۆغلىنىڭ دېرىكىنى ئالالمىغانچە جىلە بۇلاتتى.بىر بىسىپ،ئىككى بىسىپ ناھىيەنىڭ قايناق بازىرىدىكى بىر ئاشخانە ئالدىغا كىلىپ قالدى.موماينىڭ قۇرسىقى تازا ئاچقانئىدى.
   -تاماق يەۋالاي ئاندىن بىر گەپ بولسۇن.
   موماي ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتتى.سۇغۇقتا ھالسىراپ كەتكەن مومايغا لەغمەن تازا ياقتى.تاماقتىن كېيىن موماي ئاللاھقا شۈكرى ئېيتىپ ئۇزۇن دۇئا قىلدى.موماي تاماق پۈلىنى بېرىش ئۈچۈن يانچۇقىغا قۇلىنى سالدى-دە،يۈرىكى قارت قىلىپ قالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    -ئاھ،پۇل يوق تۇرىدىغۇ...
   ئۇ ھەممە يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ چىقتى،پۇل يوق.موماي ئەتىگەندە پۇل سالغان-سالمىغانلىقى ئۇستىدە كۆپ ئويلاندى.
    -سالدىم-دىدى ئۇ پىچىرلاپ،تۈنۈگۈن ئەخمەتكە ھېلىقى قۇتۇر ئوغلاقنى 120يۇەنگە ساتتىم ئەمەسمۇ،20يۇەنگە كۆمۈر ئالىمەن دەپ ئۆيدە قويدۇم،100يۇەننى مۇشۇ يانچۇقىمغا سالغان،ھەي،ئوغرى ئاپتۇ،دويۇزلەر،قارا يۈز بۇلۇپ كەتكۈرلەر...
    موماي نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدى.سورۇن تەلەت ئايال خۇجايىن موماينىڭ ئالدىدىكى چىنە-قاچىلارنى يىغىشتۇرۋىتىپ، موماينىڭ قىينىلىپ ئولتۇرغانلىقىنى پەملىدى-دە،كوتۇلداشقا باشلىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    -نىمە چۇشۇپ قالغاندەك ئولتۇرۇپ كەتتىلا،پۇل يوق دىمەكچىما،سىلىدەك ھارامتاماق تىلەمچى مومايلارنى كۆپ كۆرگەن مەن.ئالدىنقى كۈنىلا بىر گاداي تاماق يەۋىلىپ پۇل تۆلىمەي پارقىراپ ئولتۇرىدۇ،بۈگۈنمۇ يەنە بىرىگە يوللۇققان ئوخشايمىز.
    مومايغا خۇجايىننىڭ سۆزلېرى ئېغىر كەلدى.ئانىسى رەھمەتلىك تويلۇق ئۈچۈن ئىلىپ بەرگەن ئالتۇن ئۈزۈكىنى ئايال خۇجايىنىغا ئۇزاتتى.
    -قىزىم، بۇ ئانام رەھمەتلىكتىن تەۋررۈك قالغان ئۈزۈك،باھالاپ ئالسىلا،بۈگۈن مىنى ھەقىقەتەن نەس باستى،پۇلۇمنى ئوغرى ئاپتۇ.ئۆغلۈم شۇ كۈنى كېچىدە...
    موماي يەنە دائىم دەيدىغان سۆزلېرىنى تەكرارلاشقا باشلىدى.ئايال خۇجايىن بىر موماينىڭ سۆزلېرىگە ھەيران قالسا،بىر قۇلىدىكى ئالتۇن ئۈزۈككە قاراپ گۈلقەقەلېرى ئىچىلىپ كەتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


    موماي ئايال خۇجايىن قايتۇرۇپ بەرگەن ئازغىنە پۇلنى چىڭ سىقىمداپ ئاشخانىدىن چىقتى.ھاۋا سۇغۇق ئىدى.كۇچىلاردا كىشىلەر دۇغدىيىشىپ تېز-تېز ماڭاتتى.موماي بېكەتكە كەلدى."يۇلغۇنلۇق"مەھەللىسىگە ماڭدىغان بىر قىتىملىق ئاپتۇبۇس كىتىپ قالغان ئىدى.موماي نىمە قىلارىنى بىلەلمەي بىر ھازا تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى.ئۇ ئايال خۇجايىن قايتۇرۇپ بەرگەن پۇلغا قارىدى،100يۇەن پۇل قۇلىدا تۇراتتى.ناھىيەدىن "يۈلغۈنلۇق"مەھەللىسىگە 30 كىلومىتىر كىلەتتى،قۇياش بارغانسېرى تاغ كەينىگە چۈكۈشكە باشلىدى.ھاۋا سۇۋۇپ كىتىۋاتاتتى.موماي موكىدەك ئۇتۇشۇپ تۇرغان كىچىك ماشىنلارغا قارىدى،ئىختىيارسىز قول كۇتۇرۇپ بىر ئاق تاكسىنى توسىدى.
ئىز تورى www.iz.la

    -نەگە ماڭدىڭىز موما؟
    -يۈلغۈنلۇق مەھەللىسىگە.
    -ھە، 60 يۇەن بەرسىلە يەتكۈزۇپ قۇياي.
    موماي داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى.
    -نىمانچە قىممەت،ئاتمىش يۇەنگە قانچىلىك كۆمۈر كىلىدۇ؟ ئۆغلۇم شۇ كېچىدە...
    تاكسىچى بالا ھەيرانلىق ئىلكىدە مومايغا قاراپ قويدى-دە،ماشىننى تېز ھەيدەپ كېتىپ قالدى. موماي يالغۇز قالدى.قاراڭغۇ چۇشۇپ كېتىۋاتاتتى.موماي قۇلىغا ھاسىسىنى ئالدى.
    -ماڭاي...
     موماي ئالغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى.توختىماي يېغىۋاتقان قاردا موماينىڭ گەۋدىسى ئاستا-ئاستا يوقاپ كېتىۋاتاتتى.يىراقتىن كېلىۋاتقان ئات ھارىۋىسى مومايغا يىقىنلاپ كىلىپ توختىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
     -موما قەيەرگە ماڭدىلا؟
     موماي بېشىنى كۈتۇرۇپ بۇرۇتلۇق يېگىتكە نەزەر سالدى. كۆز ئالدىغا ئۆغلى نامايەن بولغاندەك بولدى.
     -يۈلغۈنلۇق مەھەللىسىگە.
     -ھە، سەپىرىمىز بىر ئىكەن،ھارىۋىغا چىقىۋالسىلا...
      تۈن نىسپىدە ھارىۋا مەنزىلگە يەتتى.موماي دېھقان يېگىتكە رەھمەت ئېيتىپ،ئۆيىگە قاراپ ماڭدى.موماينىڭ پۇتۇن بەدىنى سىقىراپ ئاغىرىۋاتاتتى.موماي تىمسىقلاپ يۇرۇپ ئاچقۇچنى تىپىپ،ئۆيگە ئۆزىنى ئاتتى.ئۆچكىلەر موماينى كۆرۇپ،مومايدىن ھەلەپ تەلەپ قىلىپ سەت مەرەشكە باشلىدى.
     -ھۇ،ئۆلگۈرلەر-دىدى موماي ھاسىسىنى شىلىتىپ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

     سۇۋۇپ كەتكەن ئۆي ئىچىدىن شىۋىرغان چىققاتتى.موماي كارۋاتتا سوزۇلۇپ بىردەم ياتتى.سىرتتا شىۋىرغان ھۇشقىيتاتتى،شىۋىرغاننىڭ ئاچىچىق ھۇۋلاشلىرىغا قۇشۇلۇپ، قېرى ئۆچكە سەت مەرەيتتى.موماي ياتقانچە تۇرالماي قالدى،پۇت-قوللېرى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك بولۇپ قالغان ئىدى.
     -ئۆغلۈم شۇ كېچە چىقىپلا كىرىمەن دەپ...
     موماي توختىماي بىر نىمىلەرنى دەيتتى.تالادىكى شىۋىرغان ئەزۋەيلەشكە باشلىدى.موماي سۇغۇقتىن تىتىرەپ ئوت ياقماقچى بولدى.لېكىن ئىككى قولى ھاۋادا لەيلەپ قالدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا يەنە ئۆغلى كەلدى.
     -ئانا ئىسىنىۋال، قارا، مەشتە ئوت كۈيۈۋاتىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    موماينىڭ كۆزىگە مەشتە ئوت كۆيۇۋاتقاندەك كۆرىىندى.موماي ئىسىنىۋىلىش ئۈچۈن كارۋاتتىن چۈشتى،ئالقانلېرىنى كەڭ يېيىپ مەشكە تاشلاندى.موماي ھېچنىمىنى سەزمىدى،پەقەت ئاللىقانداق يەرلېرىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى پەملىدى.جاھان قاپقاراڭغۇ بولۇپ كىتىۋاتقاندەك بىلىندى.موماي نىمىنىدۇ تۇتۇۋالماقچى بولغاندەك ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتەردى-دە،لاسسىدە بولۇپ قالدى.
 
    موماينىڭ قورۇق باسقان چېھرىدە چەكسىز نادامەت ۋە ھەسىرەت قېتىپ قالغان ئىدى.
    ئەتىسى ئەتىگەن ئەكرەم سوجاڭ موماينىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ مومايغا تۇلىمۇ ئىچىنىشلىق بولغان ئۆغلىنىڭ ئەسكى بىر تاشلاندۇق ئۆيدە خىروئىن چىكىپ قىتىپ قالغان مۇسىبەت خەۋىرىنى ئىلىپ كەلگەن ئىدى. ئەكرەم سوجاڭ ئۆيگە كىرىپ توڭلاپ قىتىپ قالغان موماينى كۆرۇپ ھاڭ-تاڭ قالدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
         مەنبە:ئىجادىيەت.
     ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم" باغداش مۇنبىرى " دىكى ئەزىز قېرىنداشلار بۇ مىنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان تۇنجى يازمام،يىتەرسىز  يەرلېرى بولسا تەنقىدى پىكىرلەرنى بېرىشىڭىزلەرنى ئۈمىت قىلىمەن. 
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(13)
92.9%
ناچار
(1)
7.1%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • قايغۇنىڭ دوستى

    خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئور...

  • دېرىزىنىڭ يېنىدا

    شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە) ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى. بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى: ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل... ئارىدىن...

  • دوختۇر ۋە مۇخبىر

    مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىن...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...

  • ھېكايە... بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە

    ھېكايە بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە كىرىش سۆز بۈگۈن يازماقچى بولغان ھېكايەم رىياللىقتىكى ئادەمنى چۆچىتىدېغان ھەقىقى ۋەقەلىك....بۇ ھېكايەمنى باشلاشتىن بۇرۇن،مەن ئۇقۇغان كىتاپتىكى بىر ھېكايىدىن ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي.مەن ئۇقۇغان ئۇ ھېكايىدە ئاكا-ئۇكىلار ئاتا...

  • پىستەك

    پىستەك ئەسلىي تاغامنىڭ ئىتى ئىدى.ئۇ شەھەرلىكىلەرنىڭ ئىتلىرىدەك ئۇنچىلىك پاكار ئەمەس، ئەمما سەھرا ئىتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا جۇغى كىچىك بولغاچقا،ئىنىم ئىككىمىز ئۇنىڭىغا(پىستەك)دەپ ئىسىم قويغانىدۇق. ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئىككى يىل ئىلگىرى ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈن...

  • ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى

    ھەزىرتى ئادەم ئەلەيسالام يارىتىلغاندا بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش بۇيرۇلغان،بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئىبلىس مەنگۈ لەنەتكە دۇچار بولغانىكەن .دىمەك ،ئىنسان يارىتىلىشىدىنلا ئەنە شۇنداق ئەزىز يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭغا تەبىئەتتىكى بارلىق نېمەتلەردىن...

  • سۆيۈنچە

    بىر ۋاقىتلار ئۇر ھەمدە كۆر، كېيىنچە كىچىك ۋە كاتتا تاغ دەپ ئاتىلىدىغان تاغلار ئارىسىدا، سىردەريانىڭ تۆۋەن قىسمىدا بىر يۇرت جايلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ سۇلتانى ئادالەت بىلەن يۇرت باشقۇرۇشتا داڭقى چىققان سۇلتان مەھمۇد باھادىرخان ئىكەن. قەۋمىنىڭ ياشۇ قېرىسىنى ئەز...

  • كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق

    كۈزپەسلىنىڭ دەسلەپكى شاماللرى كىشى ھۇجۇدىغا ناھايىتى ۋەھىمىلىك ھېسلارنى سالسىمۇ،بىراق ئوتتۇر مەزگىللگە كەلگەندە دەرەخ ئۈستىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلارنى لەرزان لەيلىتىپ يەرگە چۈشۈرۈپ تەبىئەتكە ئاجايىپ تۈس قوشاتتى،ئەنە شۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ھۆسۈن قوشقان تەب...

  • پۇلغا تامىغان ياش

    ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ھارۋامنى تېز ھەيدەپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ، ئاپامنىڭ ئاغرىپ ياتقانلىقى مىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى . ئاپام 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ئادەتتە ئىشچان ، تەلەپچان ئائىلە ئايالى ئىدى . مەن ئا...

  • قاراڭغۇدا ئالىيىش

    مەن خىزمەت تەقسىماتى بويىچە مۇشۇ ئىدارىگە كەلسەم،نامەت ئەپەندى كاتىبات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىكەن.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر پۇتنى ئاياپ دەسىسەيدىغان،ئېڭىكىدىكى تاتۇقى ساقلىقىنى قاق ئوتتۇرسىدىن ئىككى تەرەپكە بۆلۈۋەتمەي،چېغىر كۆزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان،بويى پاكا...

  • مەن قورقىمەن

    مەن ئازۇيۇم ئىچىدە ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپلا قىلىشتىن قورقىمەن. مەن ئاداشلىرىم ئارقىدىنلا پالاقشىپ نىمە دىسە لەببەي دەپ ئاتا-ئانامنى قاقشىتىپ سورون دىسە ، ئويۇن دىسە ئۆزۈمنى تارتالماي ئاغىندارچىلىق قىلىپ ئۆزۈمنى شۇ جايلاردا يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ قىلىشتىن بەك قورقىمەن...

  • ئۇجۇققان غەرەز

    -ھوي كېۋىر،بارمۇسەن؟بۈگۈن سېنى ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ كەلدىم،قانداق،بالىچاقلىرىڭ ئامان،ئىشلىرىڭ دەريادەك راۋاندۇ؟-رەسۇل ھاكىم (سانتانا)ماركىلىق پىكاپتىن چۈشۈپلا ئالدىمغاا كەلدى ۋە مېنىڭ جاۋابەن ھال-ئەھۋال سورىشىمنى كۈتمەستىنلا،ئۆزى بىرگە ئېلىپ كەلگە...