- بىرى كەم دۇنيا، - دەيتتى ئۇ مەيۈس ناخشىلىرىنى تۈگەتكەندە. بۇ سۇلتاننىڭ ھەممە نەرسىسى بار ئىدى. ھەتتا بىرى-بىرىدىن دىلبەر ئۈچ خوتۇنىمۇ بولۇپ، لېكىن بىرەرسىدىن پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇ دائىم خۇدانى ياد ئېتىپ، ئىلتىجا قىلاتتى. - ئەي، تەڭرىم، دەردنى ئىنسانغا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن بېرىسەن. ئادەم ئىڭرىغانىدا، ئۆزى بىلىپ-بىلمەي "خۇدا" دەيدۇ. شۇنىڭدا ئۆزىنى ياراتقۇچى يادىغا چۈشىدۇ. شەيتان ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىمايدۇ. تەڭرىم، ماڭىمۇ زۆرۈرىيەت ئاتا قىل. تاكى يەتمىش ئىككى تومۇرۇمدا جۇش ئۇرۇۋاتقان قان ئىزسىز يوقالمىسۇن. سېنى دىلىمدىن قويمايمەن، غەملىك كۈنلىرىمدىمۇ، شادلىغىمدىمۇ ئۆزۈڭ ئىگەمسەن.
بىر كۈنى تاڭ چېغى سۇلتان نامىزىنى تۈگىتىپ، چېدىرىدا مۇھىم ئىشلارغا بېرىلگەنىدى ھەمكى، كەنجى خوتۇنى گۈلجان كىردى. ئۇ ئېرىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەتتىن كۈزىتەتتى، نىمىشقىدۇر جىلمايدى. ئىشقا بېرىلگىنىدىن ئۇنىڭغا ئېتىبار قىلمىغان سۇلتان بېشىنى كۆتۈردى-يۇ، خوتۇنىغا كۆزى چۈشتى.
- نەچۈن جىلمىيىسىز؟ - سورىدى ئۇ قىزىرىپ تۇرغان خوتۇنىدىن.
گۈلجان سۇلتاننىڭ يېنىغا باردى-يۇ، ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا ئاللىنىمىنى شىۋىرلىدى. قېچىشقا تەييارلانغانىدى ھەمكى، سۇلتان ئۇنى تۇتۇپ قالدى.
راستمۇ... شۇ سۆزلىرىڭىز-ھە؟..- دېدى ئۇ ھاياجاندىن ئۆزىنى يوقىتىپ.
-سۆيۈنچە بەرسىڭىز، ئېيتىمەن. قوللىرىمنى قويۇپ بېرىڭ، - دەپ ئوزىنى ئىسكەنجىدىن بوشاتقان گۈلجان قېچىپ چىقتى. خوتۇنىدىن بۇخەۋەرنى ئىشىتكەن سۇلتان مەھمۇد يەرۇ كۆككە سىغمايتتى.
ئىز تورى www.iz.la
-ئەي ئاللاھىم، شۈكۈر ئۆزۈڭگە! تاكى جېنىم ئۆزرە سەن بەرگەن شۇ ئامانەت تۇرۇپتۇ، شۈكۈرانەمنى توختاتمايمەن. دائىما سېنى ياد ئەتكەيمەن. يا، پەرۋەردىگارىم، دۆلىتىڭ ئارتسۇن، تەرىپىڭگە تىلىم ئاجىز.
سۇلتاننىڭ كۆڭلى شۈكۈرانىلەر بىلەن تىنچىمىدى. ئۇ تەلۋىلەردەك سۆيۈنۈپ، بىر ۋاقىتلار ئوزگە قەۋمدىن ئەسىر چۈشكەن سادىق قۇلىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا شۇنداق دېدى:
- قاراخان، پۈتۈن قەۋمنى خەۋەردار قىلخەۋەرخەۋەردارىى! مەنكىم، سۇلتان مەھمۇد باھادىرخان، قاچان سۆيۈملۈك گۈلجېنىمنىڭ كۆزى يورۇپ پەرزەنت كۆرسەم ۋە بۇخەۋەرنى كىم بىرىنچى بولۇپ ماڭا يەتكۈزسە، ئۇنىڭغا مەملىكىتىمدىن تاشقىرى ئىستىگەن نەرسىسىنى سۆيۈنچىگە بېرىمەن. جېنىمنىمۇ ئايىمايمەن! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- لېكىن ئاۋال ئويلاپ...
- بەس، ئويلايدىغان يېرى يوق. پەرزەنتىم - ھاياتىم گۈلتاجى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەلبېشىلىقتىن كېچىشكىمۇ تەييارمەن. جىسمىمدا ئېقىۋاتقان قان ئىزسىز يوقالمايدۇ. ئەۋلادىم تەڭرى كارامىتى بىلەن داۋام ئېتىدۇ...
شۇنداق قىلىپ، قاراخان پۈتۈن قەۋم ئەھلىنى، ھەتتا قۇلۇ ئەسىرلارنىمۇ بۇنىڭخەۋەردىن ئاگاھ قىلدى. كىمدۇر شات، كىمدۇر بىپەرۋا، كىمدۇر...
بىر نەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ، يۇرتقا ياۋ ھۇجۇم قىلدى. سۇلتان ئۆز لەشكىرى بىلەن ياۋنى يېڭىپ، ئۇنى ئۇزاقلارغا توزغىتىۋەتتى. غەلبە قىلغان كۈنى گۈلجاننىڭ كۆزى يورىدى. ئۇ ئىككى پەرزەنت – بىر ئوغۇل ۋە بىر قىز كۆردى. تەۋەللۇت قىلغان ئايال بىر ۋاقىتلار ئەسىرە ئېلىنغان بولۇپ، ئۆزى قانخور سۇلتاننىڭ خوتۇنى ئىدى. ئېرى جەڭدە يېڭىلىپ، قېچىپ قالغانىدى. ئايال بۇننى ھەممىدىن ئىلگىرى بىر ئاماللاپ ئېرىگە يەتكۈزدى. پىلانىنىڭ روياپقا چىقىۋاتقىنىدىن سۆيۈنگەن مەغلۇپ سۇلتان ئەڭ ئۇچقۇر ئاتقا سەكرەپ مىندى-يۇ، ئۇنى قاتتىق قامچىلىدى. copyright by www.iz.la
- ئەي باھادىرخان، قېنى، سېخىيلىغىڭنى كۆرسەت، سۆيۈنچە سوراپ كەلدىم.
سۇلتان مەھمۇدخان سۆيۈنۈش ۋە ھەيرانلىقتا دېدى:
- شىر يۈرىكىڭ بار ئىكەن، ئاۋەزخان. نەچچە ۋاقىتلاردىن بېرى تۇتۇق بەرمەي كەلگەنىدىڭ. قەۋمىمگىمۇ دەستىڭدىن كۈن يوق ھىساۋىدا ئىدى. نە ئەجەپكى، ئەرزىمەس سۆيۈنچە ئۈچۈن بۈگۈن قارشىمدا تۇرۇپسەن. سېنى ئەسىر ئېلىشىم ياكى يەككىمۇ-يەككە جەڭدە ھازىرلا پارچىلاپ تاشلىشىم مۈمكىنغۇ!
- ياق، مەھمۇدخان، - دېدى ياۋۇز ئاۋەزخان. - سەن بۇ ئىشقا قادىر ئەمەسسەن. بىر سۆزلۈك ئادەمسەن. ئەكس ھالدا مەن بۇ يەرگە سەندىن سۆيۈنچە سوراپ كەلمەس ئىدىم. توغرا، باشقا ھەر قانداق كىشى مەندەك غەنىنى سۆيۈنچىنى ھىيلە ئورنىدا ئىشلىتىب قولغا ئېلىشى ھېچ گەپمەس.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- خوش، قانداق خۇشخەۋەرخەۋەر كەلتۈردۈڭ؟!
- قوشكېزەك پەرزەنت كۆردۈڭ، مەھمۇد. سۆيۈنچىنى قانچە كاتتا قىلساڭ ئەرزىيدۇ.
مەھمۇد باھادىرخان ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى. "ئالغا!" دىگەنچە يىگىتلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ چېدىرى تامان شامالدەك ئۇچۇپ كەتتى. ئۇلار چاڭ-توزان بىلەن قەۋمى يېنىغا يېتىپ كەلگىنىدە، ئاتلار ئىنتايىن چارچىغان، لېكىن زەپەر بىلەن قۇتلاۋاتقان قېرىنداشلىرىنى كۆرۈپ ھېچ كىم ئېتىدىن چۈشمەيتتى، ۋاقىراپ-چاقىرىپ سۇلتانغا ۋە ئۇنىڭ يېڭى تۇغۇلغان زۆرۈرىيەتلىرىگە ئۆمۈر تىلىشەتتى. خالايىقنىڭ شادلىغى ئىچىگە سىغماي ۋاقىرىشىدىن ھاياجانلانغان مەھمۇدخان ئالامانغا تازىم قىلاتتى، خۇداغا شۈكۈرانىلەر ئېيتاتتى. ئۇ ئىككى گۆدىكىنى باغرىغا باراۋەر باسقىنىدا ھەم ئۆزىنى توختىتالماي، كۆزىدىن سۆيۈنۈش ياشلىرى قۇيۇلۇپ كېلەتتى. سۇلتاننىڭ شۇ ۋاقىتقا قەدەر كۆزىدە ياش كۆرمىگەن خالايىقمۇ ھەيرەتتىن ئەۋجىگە چىقىرىپ ۋاقىر-چاقىر قىلاتتى. ھەممە شاد-خورام. پەقەت كەلگىنىدىن بۇيان بىرور مەرتە قاپىقى ئېچىلمىغان ئاۋەزخان بىر چەتتە ئۇلارنى كۈزىتىپ زېرىكىپ تۇراتتى، ھېچ كىمنىڭ ئۆزى بىلەن ئىشى بولماي قالغىنىدىن تىنچى قاچاتتى. قايەردىندۇر پەيدا بولغان ئەسىر خوتۇنى ئۇنى چەتكە چاقىردى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- سۇلتانىم، - دېدى ئۇ تەلمۈرۈپ. - بالىلىرىڭىز ۋە مېنىڭ ئەسىرلىكتىن قۇتۇلىشىمىزغا ياردەم بېرىڭ. سۆيۈنچىنىڭ جاۋابىغا بىزنى سورىسىڭىز، مەھمۇدخان ياق دىمەيدۇ... ئىچىدىن قانداق ئوي كېچىۋاتقىنى نامەلۇم ئاۋەزخان "خوپ" دىگەندەك باش سىلكىدى.
- قېنى، سۆيۈنچىخور، ئوتتۇرىغا چىق، - دېدى ئۆزىنى بېسىۋالغان سۇلتان بالىلىرىنى ئېنىكئانىسى قولىغا تۇتقۇزۇپ. - نىمە تىلىگىڭ بولسا سورا!
ئاۋەزخان ئاتتىن چۈشمەستىن، قىلىچنىڭ قىنىدىن تۇتقىنىچە مەغرۇر ئوتتۇرىغا چىقتى.
-مەھمۇدخان، مەن سۆيۈنچە ھەققىدە، ماڭا ئىنئام ئېتىشىڭ كېرەك بولغان سوۋغا ھەققىدە ئويلاپ كۆرگىنىمگە قەدەر، سېنىڭ كۆكلەرگە كۆتۈرۈپ ماختايدىغان دانا قەۋمىڭ ماڭا قانداق مەسلىھەت بېرەر ئىكىن؟
-قېنى، ئەل-ئۇلۇس، ئاۋەزخانغا ياردەم بېرىڭ-چۇ، - دېدى سۆيۈنچىگە ئەلبېشىلىقنىمۇ تارتۇق قىلىشقا تەييار مەھمۇدخان جىلمىيىپ.
-خوتۇنۇڭ بىلەن بالىلىرىڭ ئەسىرلىكتىن ئازات قىلىنىشىنى سورا، -دېدى كىمدۇر.
- بالا- بەلدە، خوتۇن - يولدا، - دېدى ئاۋەزخان بىپەرۋا.
-ھەددىڭدىن ئېشىپ، سۇلتانلىقنى دەۋا قىلما، نەق بېشىڭدىن جۇدا قىلمايلى، - دېدى ئاشۇ كىشى يەنە.
-تۆت-بەش تەڭگە بىلەن تىنچىغىنۇ، جېنىڭنى ھەدىيە قىلىشقىنىغا شۈكۈر قىلىپ قاراڭنى يوقات...
-سۆيۈنچە ئۈچۈن كاللىسىنى ئېلىپ قولىغا بېرىش كېرەك! ئادەملەر ئۇنى ئەرمەك قىلىپ، ئۈستىدىن كۈلۈشتى.
-خوش، - دېدى مەھمۇد باھادىرخان. - ھەل قىلدىڭمۇ؟
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- ھەئە، سۇلتان، ھەل قىلدىم. مەن ئۆزۈمگە تېگىشلىك ئۈلۈشنى ئېلىپ كەتسەم، قەۋمىڭنى ھېچ قاچان تەقىپ ئەتمەسلىككە، يۇرتۇڭنى تىنچ قويۇشقا قەسەم ئىچىپ، سۆز بېرىمەن. ئەگەردە مەن سورىغان نەرسىنى بەرسەڭ-ئۇ، بىرەر يىگىتىڭ ماڭا ھەملە قىلسا، كېيىن ھېچ قاچان بۇ قەۋمنى تىنچ قويمايمەن.
- نىمە تەلەپ قىلىسەن ئۆزى؟!
- ھەمىشە ئەڭ ئەزىز بولغان قىممەتباھا بايلىغىڭنى بەر!
- مېنىڭ ئەڭ قىمماتباھا بايلىغىم قەۋمىم، ئېلىم! لېكىن ئۇنى بەرمەسلىگىمنى ياخشى بىلىسەن. سەۋەبى، مەن ئۇنى سۆيۈنچىگە قويمىغانمەن. چۈنكى يۇرت مېنىڭكى ئەمەس، مەن يۇرتنىڭكىمەن. ئاندىن قالسا، سەن زالىم ۋە قانخورسەن. www.iz.la
- ياق، مەھمۇد، بىلىمەن، مەن سېنىڭ ئېلىڭگە باشچىلىق قىلالمايمەن. مەن قانچىلىك زالىم ۋە قاتتىققول ياكى ئىنساپلىق، ئادالەتلىك بولماي، قەۋمىڭ ئارىسىدىن ماڭا بىرەر سادىق قۇل تېپىلمايدۇ. سۇلتانلىغىڭ ئۆزۈڭگە سىيلە!
- مەقسەتكە كۆچ، ئاۋەزخان، - سۇلتان تاقەتسىزلەندى.
- ئالدىرىما، مەھمۇدخان، ھەر دەقىقەڭنى غەنىمەت بىل، چۈنكى سەن سۆزۈڭدە تۇرۇشۇڭ، مەن تەلەپ قىلغان سۆيۈنچىنى بېرىشىڭ كېرەك. بولمىسا، ئەل ئارىسىدا لەۋزىڭ يوقۇلىدۇ. يالغانچى بولىسەن!
ئالامان جىم قالغان ئاۋەزخانغا قارىشىپ، ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشىغىچە قىزىقىش بىلەن كۈزىتەتتى.
- خوش؟ - دېدى سەۋرى تاشقان مەھمۇدخان.
copyright by www.iz.la
- ماڭا سېنىڭ بېشىڭ كېرەك، سۇلتان!
ئاۋالىغا ئالامان چۈشەنمىگەندەك، خاتا ئىشىتگەندەك سۈكۈتكە تولدى. كېيىن ئۆزىگە كەلگەن شاۋاز يىگىتلەر ئارقا-ئارقىدىن قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، ئاۋەزخانغا تاشلاندى. تاماشىبىن ئالامان "ئۇر، ئۆلتۈر" دەپ يىگىتلەرنى قاتتىقراق جەڭ قىلىشقا ئۈندەشتى. ئاۋەزخان ئېسەنكىرەپ قالمىدى. ئۇ بىر نەچچە يىگىتنى يەڭگىل جاراھەتلەندۈرۈپ ، چەبدەستلىك بىلەن ئۆزىنى ھىمايە قىلاتتى، تېنى جاراھەتلەنمىدى.
- بەس، بەس قىل، ئالامان، - مەھمۇدخاننىڭ سالاپەتلىك ھايقىرىغىدىن، ئۇنىڭ غەزەپ بىلەن قىلىچىنى يەرگە سوقۇپ قىلغان بۇيرۇقىدىن يىگىتلەر تىنچلاندى.
- بۇ نىمە توپىلاڭ؟! مەندىن ھېچ بىر رۇخسەتسىز بەڭۋاشلىق بىلەن قىلىچنى قىندىن سۇغۇرامسىلەر؟
- ئۇ ئويلاپ سۆزلەشنى ئۆگەنسۇن، بەگ. ئوزىگە نىمە كېرەكلىكىگە ھېلى ئەقلى يەتمەس ئىكەن، - دېدى قولىدىن جاراھەتلەنگەن بىر يىگىت غەزەپلىنىپ.
- بۇ تىلىگى بىلەن ئوزىگە گۆر قېزىۋاتىدۇ، - دېدى يەنە بىرى.
- مەن، ئۆزىڭىزگە مەلۇم، ھېچ ۋاقىت ئاغزىمدىن چىققان سۆزدىن تانمىغانمەن. چۈنكى يىگىت دىگەن نامىم بار. مەن سۆيۈنچىگە جېنىمنىمۇ بېرىمەن. ئاۋەزخاننىڭ شەرتىگە رازىمەن!
يەنە ئالامان قىيقىراپ، نارازىلىق بىلدۈرۈشكە باشلىدى. ئاۋەزخاننىڭ قۇلىغى ئاستىدىن قايەردىندۇر ئېتىلغان كامان ئوقى ۋىژىلداپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنى كىمدۇر نىشانغا ناتوغرا ئالغان.
-بۇ قانداق ئىش، مەھمۇدخان؟ نىھاتكى قەۋمىڭگە ھۆكمۈڭ ئۆتمىسە؟! ئاخىر، مەن ناتوغرا، ئېتىلمىغان نەرسىنى تەلەپ قىلغىنىم يوق-قۇ! ئۆزۈمنىڭ ئۈلۈشۈم - سۆيۈنچەمنى سورىدىم، خالاس. ئۆزۈڭ ئېيتقانسەن، سۆيۈنچىخور نىمە تەلەپ قىلسا، بېرىمەن دەپ. مەن قەۋمىڭ بىساتىدىكى بايلىقنى ئەمەس، سېنىڭ بېشىڭنى سورىدىم...
- بەس قىل، ئالامان، بۇ نە تەرتىپسىزلىك؟! گەرچە، ئارىڭىزدا يۈزۈمنى چۈشۈرۈش نىيىتىدىكى كىم بولسا، مەيلى، بىلگىنىدىن قالمىسۇن، لېكىن مېنى سۇلتان ئورنىدا كۆرۈپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام قىلغۇچىلار، سىزلەردىن تىنچلىقنى ساقلاپ تۇرۇشىڭىزنى سورايمەن. ھازىرچە بۇ يەردە مەن سۇلتانمەن، ھەر قانداق مەسىلىلەرنى ئۆزۈم ھەل قىلىمەن. سۇلتاننىڭ سۆزى قانۇن. سىزلەر مېنىڭ ھۆكۈمىمدىسىز،- دېدى مەھمۇد باھادىرخان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ئەي سۇلتان، - دېدى ئەل ئارىسىدىن چىققان بىر ئاقساقال. - بەلكى سەن ئۆزۈڭنى قەھرىمان كۆرسىتىپ، ئېغىزدىن-ئېغىزغا ئۆتۈپ داستان بولۇش، شان-شۆھرەت ئۈچۈن بېشىڭدىن كېچىشكە رازى بولاۋاتقاندۇرسەن. بىراق ئېلىڭ سەندىن كېيىن قانداق ھۆكۈمدار قولى ئاستىغا چۈشۈشى سېنى ئويلاندۇرمامدۇ؟! يېڭى دۇنياغا كەلگەن گۆدەكلىرىڭ تەقدىرىچۇ؟! خوش، جاۋاپ بەر! قەۋمىڭ ۋە پەرزەنتلىرىڭنى كىمگە تاشلاپ كېتىسەن؟ سەن ئېلىڭ تەقدىرىگىمۇ، بالىلىرىڭ تەقدىرىگىمۇ جاۋاپكارسەن.
-ھە، ھۆرمەتلىك ئاقساقال، مەن بۇنى ئۇنۇتقىنىم يوق. لېكىن، ئېيتىڭ-چۇ، مەن بۈگۈن جەڭدە شېھىد كەتكىنىمدە ئۇلارنى كىمگە ئىشىنەتتىم؟ مەن ئېلىم ۋە زۆرۈرىيىتىمنى يالغۇز خۇدانىڭ پاناھىغا تاپشۇرىمەن. ئۇنىڭدىن قالسا، ياخشىراق ئەلبېشىنى ئۆزلىرىڭىز تاللارسىز. ئەلبېشى بولۇشقا ئۆزگە قەۋمدىن ئەسىر چۈشكەن ئىشەنچلىك، ئەقللىق بىر يىگىتمۇ بار - قاراخان. مەن ئۇنى سىزگە تەۋسىيە قىلىمەن. قاراخان- مەرد يىگىت، لېكىن ئۇنىڭغا ئەسلا شاراپ تۇتقۇزماڭ. يادىڭىزدا بولسا، قاراخانمۇ مەن كەبى سۇلتان ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قەۋمىنى شاراپ يەڭدى. مەن بەلكى ئۇنىڭغا بەس كېلىشىم مۈمكىن ئەمەس ئىدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى شاراپقا تاپشۇرۇپ، ئەل-ئۇلۇسىنى توزغىتىۋەتتى. بۇ بىزگە بىرساۋاق بولغانىدى. لېكىن بۈگۈن مېنىڭمۇ ئەھۋالىم سىزلەرگە ۋە ئەۋلاتلىرىمىزغا كاتتا ساۋاق بولىدۇ. تاكى ھېچ كىم ھېچ قاچان ئەل-يۇرتىدىن بىمەسلىھەت ئىش قىلمىسۇن! ئىناق ۋە بېشى بىر بولسىڭىز، غەمگە پاتمايسىز.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-بىز خالىمايمىز، ئاۋەزخاننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش كېرەك...
-ئۇ بۇ يەردىن ئامان چىقىپ كەتمەيدۇ.
-ئۆلۈم، ئاۋەزخانغا ئۆلۈم!..
- ياق، خالايىق، مەن سۆزۈمدە تۇرۇشۇم، ئار-نومۇسۇمنى ھىمايە قىلىشىم كېرەك. توغرا، مېنىڭمۇ ئۆلگۈم كېلىۋاتقىنى يوق. لېكىن ئاشۇ كۈندىكى كىچىككىنە خاتا، قاراخاننىڭ سۆزىگە قۇلاق تۇتمىغىنىم، سىزلەردىن بىر ئېغىز مەسلىھەت سورىمىغىنىم مېنى ئۆلۈمگە يۈزلەندۈردى. ئۆزىڭىز بىلىسىز، ھاياتىمدا بىرىنچى مەرتە سىزلەردىن بىمەسلىھەت قىلغان ئىشىم ئىدى، ئاخىرقىسىمۇ شۇ بولۇپتۇ. ئەگەر گۇندىغا باش قويۇۋېتىپ تىترىسەم، بۇ قورقۇنچتىن ئەمەس - سىزلەردىن ۋە بىگۇناھ گۆدەكلىرىمدىن بىمەھەل ئايرىلىۋاتقىنىمدىندۇر. سىزدىن ئوتۈنچىم - بالىلىرىمنى ئاسراپ-ئاۋايلاڭ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئارنومۇسۇم، ھاياتىمنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى، كېلەچىگىم...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-بۇ تەلۋىلىك، سۇلتان، بۇنداق قىلما!
-ئاۋەزخاننىڭ ئۆزىنى چاناپ تاشلاش كېرەك.
-ئۆلۈم ئاۋەزخانغا، ئۇ قاچانغىچە تىنچىمىزنى بۇزىدۇ؟! خالايىق تىنماي قىيقىراشقا باشلىدى. ئۇلار سۇلتاننى ئەھدىدىن قايتىشقا ئۈندىشەتتى.
- بەس، بەس قىلىڭ، - دەپ مەھمۇد باھادىرخان قوللىرىغا قارىدى. - ماڭا قەغەز ۋە قەلەم كەلتۈرۈڭ!
شۇ ۋاقىت چېدىردىن مادارسىزلانغان، يۈزلىرى پاختىدەك ئاقارغان گۈلجان چىقتى. ئۇ پەريات كۆتۈرۈپ، ئۆزىنى سۇلتاننىڭ ئاياقلىرى ئاستىغا تاشلىدى.
- سۇلتانىم، مېنى چاناپ تاشلا...
-تۇر ئورنۇڭدىن، گۈلجان، بۇ تەقدىر ھۆكمى - كىم پىشانىگە يېزىلغىنىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولماس... copyright by www.iz.la
-سۇلتانىم، مېنى پارچىلاپ تاشلىساڭمۇ ئازلىق قىلىدۇ. بۇ تۇغۇلغان بالىلار سېنىڭ زۆرۈرىيىتىڭ ئەمەس. مەن ساڭا ئوچۇق ئېيتىمەن - ئۇلار قاراخاننىڭكى... مېنى ئاتنىڭ ئىگىرىگە قوللىرىمدىن، چاچلىرىمدىن باغلىغىن-دە، سۆرەتكىن. ئەل-يۇرت ئالدىدا گۇناھىمنى تەن ئالغىنىم ئۈچۈن خۇدا مېنى كەچۈرەر... سۆزلىرىمگە ئىشەنمىسەڭ، قاراخاندىن سورا... ئاتلارغا باغلا، ئۇلار مېنى بۇردا-بۇردا قىلىپ تاشلىسۇن. خالىساڭ، قىلىچىڭ بىلەن...
-ئاۋەزخان، بول تىزراق، ئۈلۈشىڭنى ئالغىنۇ قاراڭنى يوقات. مەن بۇ نومۇسقا چىدىيالمايمەن.
-ماڭا قارا، مەھمۇد، ئەگەر بىر ئېغىز سۆز - "مەغلۇبمەن" دىسەڭ، بېشىڭدىن كەچتىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ئەسلا! نومۇسقا پېتىپ ياشاشتىن ئۆلۈم ئەۋزەل. ئەل-ئۇلۇسدىن باشقا ھېچنىمەم قالمىدى.
-سۇلتانىم، بالىلىرىڭ ھەققى، مەن ئۈچۈن شۇ سۆزلەرنى ئېيت، بېگىم...
-بالىلىرىڭنىڭ ئاتىسى - قاراخان بار.
- خۇدانى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئانت ئىچىمەن. سېنى ئەھدىڭدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن ئالدىدىم. قۇربانىڭ بولاي، بېگىم، ئېيتقىن، - گۈلجان سۇلتاننىڭ ئاياقلىرىنى قۇچاقلاپ، پەريات چېكىپ يىغلايتتى. - قۇلۇڭ بولاي، بېگىم. ئاياقلىرىڭ ئاستىدا تۇپراق بولاي، سۇلتانىم. ئېيت، يېڭىلدىم، دىگىن. نېرىسىدا گۆدەكلىرىڭنى تاشلاپ، مېنى قان قاقشىتىپ كەتمە...
گۈلجاننىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، يىغلىمىغان كىشى قالمىدى. ئۇنىڭ ھېچ قانداق شان-شۆھرەت دەۋا قىلمايدىغان جاسارىتى، ھەتتا نومۇسىتىن كېچىپ، ئېرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا ئورۇنىۋاتقىنى ئادەملەرنى تاڭ قالدۇردى. ئۇلار شۇ نىمجان ئايالغا شۇنچە مەتانەت قايەردىن كەلگىنىگە ھەيران ئىدى. سۇلتان كەلتۈرۈلگەن قەلەم ۋە قەغەزنى ئالغىنىدا، ئالاماننىڭ يەنە ھايقىرىغى كۆتۈرۈلدى. سۇلتان تىز-تىز نىمىلەرنىدۇر يازدى-دە، مۆھۈر باستى.
- قېنى، ئاۋەزخان، سەنمۇ مۆھۈر باس! - دېدى ئۇ ئاۋەزخانغا قەغەزنى ئۇزىتىپ.
ئاۋەزخان شەرتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۆھۈر باستى.
-ئەي، مەھمۇد باھادىرخان، - دېدى ئۇ. - سەن ھىيلە ئىشلىتىشنى بىلمەس ئىدىڭ. لېكىن مەن سېنى ھىيلە بىلەن يەڭمەكتىمەن. ئەسلىدە سېنى ھېچ قاچان يېڭەلمەس ئىدىم. سەن مېنى مەغلۇب قىلغان كۈنۈڭ ئۆز قوللىرىم بىلەن بېشىڭنى ئالىمەن، دەپ قەسەم ئىچكەنمەن. مەن بۇ يەردە كەلتۈرۈلگەن شەرتلەرگە رازىمەن. مەن قۇسقان قۇسۇقىنى قايتىدىن يالايدىغانلار خىلىدىن ئەمەسمەن. شەرتنى بۇزمايمەن ھېچ قاچان، ھەر قانداق ئەھۋالغا چۈشكىنىمدىمۇ، نە ئۆزۈم، نە ماڭا تەۋە بىرەر قۇل يۇرتۇڭ تۇپرىغىنى باسمايدۇ. بېشىڭنى ئالىمەنۇ كېتىمەن. لېكىن سەنمۇ قەۋمىڭنى ئاگاھلاندۇر - بۇ يەردىن چىقىپ كەتكىنىمگە قەدەر يولۇمغا توساق بولۇشمىسۇن. مەنزىلىمگە يەتكەندە، نىمە قىلىشسا رازىمەن. ئىز تورى بەك ياخشى
-بەس قىل، بولمىسا، سېنى ئۆزۈم چېپىپ تاشلايمەن، - قەھر بىلەن قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرغان قاراخان ئاۋەزخانغا تاشلاندى.
-قاراخان،- غەزەپ بىلەن ۋاقىراپ ئۇنى جايىغا مىخلىدى سۇلتان. - نىمە، مېنى نومۇستىن ئۆلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ئۇنىڭغا قىلىچ سالساڭ، مەن ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىمەن. تىنچقىنا ئۆلۈشكە قويۇڭلار، ئاخىر، شەرمىسار قىلماڭلار مېنى...
-ئويلاپ ئىش قىلىڭ، سۇلتان، - دېدى قاراخان. - يىغۇشتۇرۇڭ بۇ ئويۇننى...
-گۇندا كەلتۈرۈڭ، - سۇلتان ئىما بىلەن چاقىرىۋالغان قۇلىغا پىچىرلىدى. ئاپئاق ئاقىرىپ كەتكەن گۈلجان بىھۇش يىقىلدى. ئۇنى چېدىرغا ئېلىپ كىرىشتى. سۇلتان ئاخىرقى تىلاۋەتنى قىلىۋېلىپ، ئەل-ئۇلۇسى بىلەن ۋىدالاشتى، شۇنداق دېدى:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ئەھلى قەۋمىم، مېنى بىلىسىز، ھېچ قاچان ئەھدىمدىن قايتىپ، كۈلكە بولۇپ يۈرمەيمەن. روھىم چىرقىرىشىنى خالىمىسىڭىز، ئاۋەزخان بۇ يەردىن ساق-ئامان چىقىپ كەتسۇن. ئۆلۈۋاتقان كىشىنىڭ ئاخىرقى سوزى- ۋەسىيەتتۇر. ۋەسىيەتنى بۇزماق - گۇناھ!
ئالامان سۇ سەپكەندەك تىنچىپ قالدى. سۇلتان قۇللىرى كەلتۈرۈپ قويغان گۇندىغا باش قويۇۋېتىپ، بىلىنەر-بىلىنمەس تىترىدى.
- ئۆزۈڭگە شۈكۈر، پەرۋەردىگار. قېنى، ئاۋەزخان، باشلا... - دېدى ئۇ پىچىرلاپ.
ئاۋەزخان قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، گۇندا ئۈستىدە تۇرغان باش ئۆزرە كۆتۈرگەندە ئالامان "ئۇۋ" تارتىپ كەتتى. مەھمۇد باھادىرخاننىڭ قانغا بويالغان بېشىنى ئالغان ئاۋەزخان ھېچ قانداق قارشىلىقلارسىز سۇلتاننىڭ قەۋمىنى ماتەمگە تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ ھۇدۇد (چىگرا، زېمىن) ىنى تەرك ئەتتى.