ھەزىرتى ئادەم ئەلەيسالام يارىتىلغاندا بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش بۇيرۇلغان،بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئىبلىس مەنگۈ لەنەتكە دۇچار بولغانىكەن .دىمەك ،ئىنسان يارىتىلىشىدىنلا ئەنە شۇنداق ئەزىز يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭغا تەبىئەتتىكى بارلىق نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش ئىمتىيازى بېرىلدى .بۇنىڭدىن شۇنى بىلىش مۇمكىنكى،ھەربىر ئىنسان بىر ئالەم،ھەر بىر ئادەم نىر دۇنيا!شۇڭا بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ قىممىتى چەكسىزدۇر ،ئۇنىڭ بارلىقى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە مۇھىمدۇر. ئەمما ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ مۇشۇ قىممىتىنى ،مۇھىملىقىنى بىلىش بولسا تېخىممۇ مۇھىمدۇر.ئىنسان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلگەندە، سۆيگەندە،ئۆزلۈكنى تونىغاندائاندىن بۇ دۇنيادا ئادەم قاتارى ياشاشقا لايىقلاشقىن بولىدۇ.كىشىلىكتىكى ئۆزىنى سۆيۈش مەسىلىسى كۆپ ئەسىرلەردىن بۇيان پەيلاسوپلارنىڭ، روھشۇناسلارنىڭ،تەبىئەتشۇناسلارنىڭ تەتقىقات مەنبەسى بولۇپ كەلدى .جاھان پېنى ھېلىغىچە كانپۇتسى ،كانىت ،فروئىد ،خېگىل ،نىچى ،ئوئاتسۇن كەبى پەيلاسوپلارنىڭ پىكىرلىرى ئەتراپىدا بەسلەشمەكتە.پەيلوسوپلار نەزىرىدىكى<ئۆزلۈك >-ئاددىيراق ئېيتىلسا ،كىشىنىڭ ئۆز-ئۆزىنىتونۇشى ،ئېتىراپ قىلىشى ۋە شەخسى سۈپىتىدە شەكەللىنىپ ،جەمىيىتىمىزدىكى ئۆز ئورنىنى تېپىشتۇر.بۇنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنى سۆيۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىممۇ ھېلىغىچە تۈۋەن ئۆلچەپ باقمىدى .بۇ ھەقتەم گوركىي<زوھىي دۇنيادەئىنسان بولۇش ئاجايىپ مەرتىۋىدۇر> دېسە ،ل.ئالبىرىت<كىشى بىكاردىن بىكار قۇرۇق گەۋدىنى كۆتۈرۈپ ينرۈش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلۇق ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەزىپىلەر ئۈستىدە ئىشلەش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىدۇ>دېدى . بۇلارنىڭ سۆزىدىن <ئىنسان ئالدى بىلەن ئۆزىنى سۆيىشى كېرەك> دىگەن مەنە پارلاپ تۇرىدۇ.
فىرانسىيىلىك پەيلاسوپ رېنىدىكارت <پىكىر قىلىغاتىمەن، دىمەك، مەۋجۇتمەن>دىگەن غايىنى ئالغا سۈرگەنىكەن .ئۇ مانا شۇ سۆزى بىلەن <مەن ئۆزۈم مەن،مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم مەن ئۈچۈن كاتتا تەلەي> دىگەن مەنىدىكى ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتنى تېپىشنى مەقسەت قىلغاندۇر.چۈنكى ئۇ<ھەر بىر ئادەم نىر ئالەم دېمەكتۇر.دۇنيانى كۆرگۈچى،دۇنيانى كۆرەۈچى،دۇنيانى ئىدارىك قىلغۇچى، پىكىر بىلدۈرگۈچى بىر شەخس ئىككىنچىسىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ>دەپ قارايتى ۋە ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز قىمىتىنى بىلىشىنى تەلەپ قىلاتتى.ۋ.گ.بىلىنسكىمۇ <ئۆز يولىنى تېپىش ،ئۆز ئورنىنى بىلىش ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمدۇر. بۇ ئىنساننىڭ ئۆز ئۆزىنى بىلىش دىمەكتۇر> دېگەنتى .شۇ نوختىدىن چىقىپ ئەتراپىمىزغا قاراپ باقساق، شۇنداق ئادەملەرمۇ كۆپكى ، ئۇلار ئۆزىنى تۆۋەن ھېسابلايدۇ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا خۈدۈكسىرەپ يۈرىدۇ،خالىغانچە ئۆزىنى خارلاپ، خالىغانچە ئىنسانىلىق قىممىتىگە يات ئىشلارنى قىلىدۇ.مانا بۇ ئادىمىلىك قىممىتىگە قىلىنغان ھاقارەتتۇر! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مىسال ئالساق،مەنمۇ كىچىك چېغىمدىن باشلاپ بەكمۇ تارتىنچاق ئىدىم .تۆت ئادەم بار يەردىن قىزارماي ئۆتەلمەيتىم .چوڭاراق بىراۋنىڭ ئالدىغا تەمتىرمەي كۆرۈشكىلى بارالماتتىم .ناتۇنۇشلار بار جايدا دۇدۇقلىماي ئىككى ئېغىز گەپنڭ دېيەلمەيتتىم ئەنە شۇ ھالەتتە يىگىرمە ياشقلارغا كىرەي دەپ قالغان ۋاقتىمدا ئاندىن بۇ ئاجىزلىقىمنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم. بۇ بولسىمۇ ،مېنىڭ ئۆزۈمگە بولغان مۇھەببىتىم تۆۋەن ئىكەن!مەن دەل شۇنى ھېس قىلىۋاتقان چاغلىرىمدا ئامىركىلىق مەشھۇر پىسىولوگ، مائارىپشۇناس دالى كارنىگنىڭ بىر يۈرۈش كىتابلىرىنى ئوقۇپ چىقىشقا باشلىدىم .<قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ>،<ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلار ۋە ئاقىزلىقلار>،<ئىنسان تەنىئىتىنىڭ شانلىق نۇرى>....قاتارلىق كىتابلار ماڭا بىر خىل غەيرەت، ئىشەنچ بېغىشلىدى.ئۆزۈمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇردى.دېمە، مېنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى خار ھالەتتە ھېس قىلىشىم ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىم ئىكەن. بۇنداق قىلىشقا ھەققىم يوقكەن.بۇ دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش يارىتىلغان،ئوخشاش ياشاشقا ھوقوقلۇق ئىكەن .شۇڭا مەنمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى ھۆرمەتلىشىم،ئۆزۈمگە بولغان بۇھەببىتنى ئاشۇرۇشۇم لازىم بولىدىكەن .مانا شۇنى ھېس قىلغاندىن باشلاپ مەن يېنىكلىشىپلا قالدىم.بۇرۇنقى باشقىلاردىن قېچىشلىرىم ،ئۆزۈمنى تۆۋەن كۆرۈشلۈرىم ئۆزگەردى ئۆزۈمنىڭمۇ خېلى مۇھىم ئادەم ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.بۇنىڭ بىلەن ماڭا ئىشەنچ يار بولدى .ھەربىر ئىشىمغا ئۈمىد بىلەن باقتىم ۋە ئىلگىرى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىشلارنى روياپقا چىقىرىشقا باشلىدىم. ئېھتىمال،بۇنى مېنىڭ ھاياتىمدىكى بىر بۇرۇلۇش دېسەم ئارتۇقچە كەتمەس.چۈنكى ،ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ مەن باشقىچىلا ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانىىم..... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇنداق،ئۆزىگە نىسبەتەن مۇھەببەت بولمىغان ئادەمنىڭ مەيلى ئاتا-ئانا ،مەيلى ئەل-ۋەتەن ۋە ياكى قان-قېرىنداش،كەسىپ-خىزمەتكە بولسۇن نىسبەتەن بولسۇن،مۇھەببىتى ساپ بولمايدۇ . بۇلا ئەمەس ،ھەتتا ئۇنىڭ جىسمىدىن مۇھەببەتنىڭ زوررىسىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.شۇڭا تارىختىن بېرى ئۆتكەن پەيلاسوپ ،دانىشمەنلەر ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىنى سۆيىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلغان ۋە ئۆزىگە نىسبەتەن مۇھەببىتى بولمىغان ئادەمنى <دۇنيادىكى ئەڭ يىرگىنىچلىك مەخلۇق > دەپ ھىسابلىغان.دىمەك ، ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتى بارلىق مۇھەببەتنىڭ ئاساسىدۇر،ئۇلىدۇر! ئىز تورى www.iz.la
ئۇنداقتا ئىنسان ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتنى قانداق يول بىلەن ئىشقا ئاشۇرالايدۇ ؟بۇنىڭ ئۈچۈن خۇددى باشتا ئېتقاندەك ،ئىنسان ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادىكى قىممىتىنى ،ئورنىنى بىلىشى كېرەك. مەيلى گۇۋاھ بار جايدىمۇ،مەيلى گۇۋاھ يوق جايدىمۇ ئۆز قىممىتىنى ساقلىشى،ئۆزىگە نىسبەتەن خورلۇق ھېسابلىنىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنىڭ ئۆز قەلبىدە تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ساخلىنىشى لازىم.
شۇنداق ،ئۆزىڭىزنىڭ ھۆرمىنىتى ئۆزىڭىز قىلمىسىڭىز ،باشقىلارنىڭ سىزنى ھۆرمەتلىشىدىن ئۈمۈد كۈتمەڭ .چوقۇم ئۆزىڭىزگە كۆيۈنۈڭ ،ئۆزىڭىزنى سۆيۈڭ .ئۈمىد ،مۇۋاپىقىيەتئەنە شۇنداق ئۆزىنى سۆيۈشتىن كىلىپ چىقىدۇ! سىز بۇ دۇنياغا <ئىنسان> دېگەن ئۇلۇق نامنى ئېلىپ كەلدىڭىز .بۇنىڭ ئۆزڭدە چوڭقۇر ھېكمەت بار.شۇڭا ئۆزىڭىزنى قەدىرلەڭ. ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ ،زىممىڭەزگە ئالغان غايەت ئېغىر يۈكنىڭ بارلىقىنى ھەرۋاقىت ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ .باشقىلارنى ئەۋلىيا ساناپ، ئۆىڭىزنى ئارتۇقچە تۇغۇلۇپ قالغان ئادەمدەك تۇيغىلاردا بولماڭ .روھىڭىزدىكى چىركىن ئاجىزلىقلارنى سىقىپ چىقىرۋېتىڭ. ھەرۋاقىت بېشىڭىزنى تىك تۇتۇپ يۈرۈڭ! باشقىلارنىڭ سىزنىڭ ئۈستىڭىزدىن مەسخىرىلىك كۈلىشىگە ئورۇن قالدۇرماڭ. ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىزگە مېھرىبان دوپ بىلىڭ! بەدىنىڭىز پاكىزە كىيىملەرگە ئورىنىپ يۈرسۇن. يەنە شۇ بەدىنىڭىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن دائىم چېنىقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ بېرىڭ، سالامەتلىكىڭىزگە زىيانلىق يىمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر يېمەڭ. تېنىڭىزگە زىيانلىق بولغان ھاراق-شاراپ،تاماكىلاردىن قەتتىي يىراق تۇرۇڭ.پۇت-قۇلىڭىز، چىرايىڭىزنى پاكىزە تۇتۇڭ، بەدىنىڭىزنىڭ ئورۇنسىز زەخىم يېيىشىگە بىپەرۋالىق قىلمەڭ!دوم ئالماي ئىشلەش، لايىقىدا ئۇخلىماسلىقتىن ساقلىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنماسلىق، پات-پات چىش چوتكىلىماسلىق، كىيىمنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرماسلىق، بەدەندە غەيرى پۇراق بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلماسلىق، چاچلىرىڭىزنى كىر-كېپەك پاخپايتىپ يۈرىۋېلىش، تىرناقلىرىڭىزنىڭ قارچۇغىنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۆسۈپ ئارىسىغا كىرلار تولىپ قېلىشىغا بىپەرۋالىق قىلىش، ئۆزىڭىزنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل ئىقتىدار ھازىرلىماسلىق ،ئۆزنەپسىڭىزنى باشقۇرالماسلىق ، پاكىزلىققا دىققەت قىلماسلىق ...كەبى ئىللەتلەردىن ساقلىنىڭ. ئەنە شۇندىلا ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز بۈر كىلەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باشقىلار كۆرمىدىغۇ ،دەپ ئىنسانىي خىسلەتتى خۈنۈكلەشتۈرىدىغان قىلمىشلارنى-ئەخلاقسىزلىقلارنى سادىر قىلماڭ!ئۆز ئورنىڭىزدىن ياكى قانداقتۇر كەمچىلىكلىرىڭىزدىن نومۇس ھېس قىلىپ، ئۆزىڭىزنى توپا بىلەن تەڭ كۆرمەڭ! ئۆزىنى سۆيمەسلىكنىڭ ئىپادىسى بولغان يالغانچىلىق ،چېقىمچىلىق،سۈخەنچىلىك،غەيۋەت-شىكايەتخورلۇق،قولى ئەگرىلىك ...دېگەندەك رەزىللىكلەردىن ساقلىنىڭ ! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،ھازىرقى دەۋىردىكى ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى يالغانچىلىقتۇر.ھەرانداق ئادەم يالغان ئېيتسا ئۆز كۆڭلىدىن بىلىپ تۇرۇپ ئېتىدۇ،ئېغىزىدا يالغان پەيتىدە روھىدابىر خىل خۈنۈكلۈك پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ ئۆزىنى خارلىغانلىقتۇر.يالغان خۇسىسىدا گەپ بولغاندا ھەزىرتى ئەلشىر نەۋائىينىڭ تەنبىھلىرىنى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ دىگەنكى:<<ھەر كىمنىڭكى سۆزى يالغان ،يالغانلىقى بىلىنگەچ ئۇياتقا قالغان .يالغانى راست قىلىپ سكزلىگۈچى سۆز ئۇستىسى كۈمۈشكە ئالتۇن قاپلاپ ساتقۇچى زەرگەردۇر، يالغان ئەپسانىلار بىلەن ئۇيقا كەلتۇرۈگۈچى يالغانچى-ئازدۇرغۇچى. يالغان سۆزلىگۈچى غەپلەتتىدۇر.سۆزنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقى كۆپتۇر. ئەمما يالغاندىن تاماناراق تۈرى يوقتۇر. بۇ قىلىقى يامان تۇيۇلۇش ئورنىغا كىشىلەرنى ئالدنغىنى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. تالغانچى ئۆز گېپىگە دىققەت بىلەن قولاق سالغۇچىنى تاپسا ،ئۇلارغا يالغاننى چىندەك ئىشەندۈرسە ،مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. يالغانچى-ھەق قېشىدا گۇناھكار، خەلىق ئالدىدا شەرمەندە. بۇنداق ئادەم بەختلىك ئائىلىدىن يىراق بولغاي.بېيىت:
ئۇل كىشىنى قۇتلۇق ئۆيدىن تاشقىرى سۈرمەك كېرەك
قۇتلۇق ئۆي دۇنيادىدۇر، يەنىكى ئۆلتۈرمەك كېرەك...
يالغان سۆزلىگۈچىنى بەخىتلىك ئۆيدىن سۈرۈپ چىقارماقلىق كېرەك. ھەزىرتى نەۋائى <<بەخىتلىك ئۆي >>دەپ دۇنيانى نەزەردە تۇتقاندۇر.سۈرۈپ چىقارماقتىن مەقسەت بولسا ئۆلتۈرمەكتۇر.دىمەك ،يالغانچىنىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر. بۇ يەردە نەۋائى ھەزىرەتلىرى ئۆلۈم جازاسىنى ھەق دەپ قارىغانلىرىدا جىسمانىي جەھەتتىن ئۆلتۈرمەكنى نەزەردە تۇتقان بولسا كېرەك. بۇنداق كىشىدىكى يالغاننى ئۆلتۈرمەكلىك، ئۇنى يالغانلاردىن خالاس ئەتمەكلىكتە تىرىشقانلىقتۇر. يەنە بىر تەنبىھتە ھەزىرتى ئەلشىر نەۋائىي دەيدۇلەركى:<<كىمكى يالغان سۆزنى بىراۋغا تاڭغاي،ئۆز يۈزىنى بۇلغىغان. ئازغىنە يالغانمۇ چوڭ گۇناھتۇر. ئازغىنەزەھەرمۇ ھالەكقىلغۇچىدۇر.....زەھەرنىڭ ئاز قىسىمىمۇ ئادەمنى ئۆلتۈرىدۇ.تىڭنىنىڭ ئنچى كۈچسىزدەك بولسىمۇ كىشىنى كور قىلىدۇ....
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دېمەك يالغانچى ئاشۇ يالغانچىلىقى بىلەن باشقىلارغىلا ئەمەس، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە يۈز كىلەلمەيدىغانلاردۇر. ئۆزىگە يۈز كىلەلمەيدىغانلار ئۆزىگە مىھەببىتى يوقتۇر.<<يالغانچىلىق_ھەممە گۇناھلارنىڭ بېشىدۇر>> دىيىلىدۇ<<فەۋاكىھۇل جۈلەسا>>ناملىق ئەسەردە.دېمەك،ئۆزىگە مۇھەببىتى بولمىغان ھەرقانداق ئادەم يالغانچىلىقتىن ساقلىنىشى لازىمدۇر.بولمىسا، يالغانچىلىق قىلغان ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدا تۆھمەتجورلۇق، پىتنە-پاساتلىق، چېقىمچىلىق، قولى ئەگرىلىك...قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى ھالاك قىلغانلىقىدۇر .
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
دىندىمۇ، ئەل ئارىسىدىمۇ ئۆزىنى ئۆزى ئۇرۇش،ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ئەڭ ئېغىر ئېلىنىدۇ. ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلارنىڭ جىنازا نامىزىغا كۆپ جامائەت كەلمەيدۇ ياكى نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ. مانا بۇنىڭدىن شۇنى نىلىش مۇمكىنكى، ئۆزىنى سۆيمىگەن ،ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ھەرخىل يوللار بىلەن ھاقارەت كەلتۈرگەن ئادەم كەچۈرۈلمەيدۇ.شۇڭا تەكرارلايمەنكى ،ئاتا-ئانىنى، ئەل-ۋەتەننى،ھۈنەر-كەسىپنى سۆيۈش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى چىن دىلىڭىزدىن سۆيۈڭ. ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشقا ئۆزىڭىز يۈز كېلىڭ. قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشلىرىڭىز بىلەن ئۆزى قىممىتىڭىزنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىڭ. چاقىرىلمىغان جايغا بېرىپ ،تەكلىپ قىلىنمىغان تاماققا قول ئۇزىتىپ شەنىڭىزگە داغ كەلتۈرمەڭ. قىسقىسى ،ھەر ۋاقىت ھەر جايدا ئەقىل بىلەن ئىش كۆرۈڭ، غۇرۇر بىلەن ياشاڭ !سىزدىن ھېچكىم بىزارلىق ھېس قىلمىسۇن. شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزگە مۇھەببەت قويالغان، ئۆزىڭىزنى سۆيەلگەن بولىسىز. دۇنيادا ئەنە شۇنداق ئادەمدىنمۇ ئاقىل،ھۆرمەتلىك ئادەم يوقتۇر! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى ھەققىدە ھېكمەتلەر
كامالەتكە ئىگە بولۇش كېرەك.خارەكتىرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن خالىسا ،جاپادىن كورقمىسا ،قانائەت، ئىقتىدار، ھەتتا جىسمانى كۈچىنىمۇ ئادەم ئۆزىدىن تېپىشى مۇمكىن. م.ۋ.فرونزى
تەنتەربىيە، جىسمانىي مەشغۇلاتلار ، پىيادە مېڭىش ،ئەمگەك ئىقتىدارىنى ۋەسالامەتلىكىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان ، ھەقىقىي ۋە شاد-خۇرام ھايات ئۆتكۈزۈشنىخالىغان ھەربىر ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمىشىدىن مۇستەھكەم ئورۇن ئېلىش لازىم. ھىپپوكرىت
ھەركەت_ھايات خەزىنىسى. ئارىستوتىل
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
نەپسىنى يىغمايدىغانلار، يېيىش-ئىچىش ۋە سۆيگۈ لەززىتىنى سۆيۈشتى ئۆلچەمنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ھۇزۇر-ھالاۋىتىئۇزاققا بارمايدۇ.ئۇلار پەقەت يېيىش ياكى ئىچىش ۋاقتىدىلا راھەتلىنىدۇ. ئەمما ئۆزىنى تۇتۇش قابىليىتىدە تارتىلغان ئازاپلىرى ھېسابسىز ۋە چەكسىز بولىدۇ. دېمۇكرىت
ھېچكىم ئۆلچەمدىن ئارتۇق ئوزۇقلانماسلىقى كېرەك پىغاگور
ئاۋۋال ئۆز ئەيبىڭنى بىل،
كىيىن ئۆزگىدىن كۈل. ئۇيغۇر خەلق ماقالىسى
ساقلىق تىلىسەڭ، كۆپ يىمە،
ئىززەت تىلىسەڭ، كۆپ دېمە. ئەلشىر نەۋائىي www.iz.la
ئارتۇقچە تارتىنچاقلىق _ئۆزىگە بولغان مۇھەببەتنىڭ سۇسلىقىدۇر. دانالار تىلىدىن
قەلبىنى داۋالىماي تۇرۇپ بەدەننى داۋالىغىلى بولمايدۇ. سوقرات بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ياشسەن ،قېرىنى سەن ھۆمەت ئەيلە،
ئۆزىڭمۇ قېرىيسەن، ھازىردىن ئويلا . ئەتتار
مەنبە؛زىلالە بىلوگى