يۈز تۇرانە ئىمتىھان

ۋاقتى:2011-09-22 11:54مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

   ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتور بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈش ئىمتىھانىغا ئورۇنلاشتۇردى . باش دىرېكتور بۇ ياشنىڭ ماتېرىيالىنى كۆرۈۋېتىپ ئۇنىڭ باشلانغۇچتىن تارتىپ ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەرگىچە بولغان ھەرقايسى پەندىكى نەتىجىلىرىنىڭ خېلى يامان ئەمەسلىكىنى كۆردى . باش دىرېكتور:
   — ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ باققانمۇ؟ — دەپ سورىدى. يىگىت: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   — ياق.
   — ئۇنداق بولسا ئوقۇش پۇلىنى دادىڭىز تۆلىگەنمىدى؟ — دەپ سورىدى دىرېكتور.
   — ياق، — دېدى يىگىت، — دادام بىر ياش چېغىمدا ئالەمدىن ئۆتكەن ، مېنى ئانام بېقىپ چوڭ قىلغان. دىرېكتور:
   — ئانىڭىز نېمە خىزمەت قىلىدۇ؟
   — ئۇ باشقىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ پۇل تاپىدۇ، — دېدى يىگىت.
   باش دىرېكتور يىگىتكە قوللىرىنى سۇنۇشقا بۇيرۇدى ، ئۇنىڭ قوللىرى ئاق ھەم يۇمشاق ئىدى . دىرېكتور:
   — سىز ئانىڭىزغا ياردەملىشىپ كىر يۇيۇپ باقمىغانمۇ؟ — دەپ سورىدى . يىگىت:
   — ياق، ئانام دائىم مېنى ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما، زېھنىڭنى چاچماي ياخشى ئۆگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىرنى مەن سەندىن تېز يۇيىمەن دەيتتى ، — دەپتۇ .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   ‹‹مۇنداق دەڭ...›› دىرېكتور سەل ئويلانغاندىن كېيىن:
   — مېنىڭ كىچىككىنە بىر تەلىپىم بار، بۈگۈن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئانىڭىزنىڭ قوللىرىنى يۇيۇپ قويۇڭ ، ئەتە چۈشتىن بۇرۇن كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈڭ ، — دېدى .
   دىرېكتورنىڭ تەلىپى يىگىتكە بىر ئاز غەلىتە تۇيۇلغان بولسىمۇ، ئۆزىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ دەپ قارىغاچقا ، ئۆيگە قايتىپ بېرىپلا ئانىسىنىڭ قولىنى يۇيۇپ قويماقچى بولدى . ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا ئۈمىد بارلىقىنى ئاڭلاپ ، خۇشال ھالدا بىر جۈپ قولىنى ئوغلىغا سۇندى .
   يىگىت ئانىنىڭ قوللىرىغا ئۇزۇن قارىدى ، كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ھالدا ياشلار قۇيۇلۇشقا باشلىدى ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئانىسىنىڭ قوللىرىغا قارىشى ئىدى . بۇ قوللار شۇنچىلىك يىرىك بولۇپ ، يېرىلىپ ھەتتا قاداق بېسىپ كەتكەنىدى . يىگىتنىڭ يۈرىكى تارتىشقاندەك بولدى . ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
   ئۇ شۇندىلا ھەممىنى چۈشەندى ، مانا مۇشۇ بىر جۈپ يىرىك ، قوپال قول ئۇنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئوقۇش پۇلىنى تاپقان قوللار ، مانا بۇ قوللار ئوغلىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ، ئەلا نەتىجە بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشى ئۈچۈن زور بەدەل تۆلىگەن قوللار ئىدى . ئانىسىنىڭ قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ، يىگىت ئاستاغىنا چىقىپ تېخى يۇيۇپ بولۇنمىغان كىيىملەرنى يۇيۇۋەتتى . كەچتە ئانا-بالا خېلى ئۇزۇنغىچە مۇڭدىشىپ چىقتى ، يىگىت ئانىسىنىڭ ئون نەچچە يىللاردىن بويانقى دەرد- ئەلەملىرىنى تۇنجى قېتىم چوڭقۇر چۈشەندى .
   ئىككىنچى كۈنى يىگىت باش دىرېكتور ئىشخانىسىغا بىۋاستە كىردى . دىرېكتور يىگىتنىڭ كۆزلىرىدە ئەگىپ قالغان ياشلىرىغا دىققەت قىلىپ قالدى ۋە:

ئىز تورى www.iz.la

   — تۈنۈگۈن ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بېرەمسىز؟ — دېدى.
   — ئانامنىڭ قولىنى يۇيۇپ قويدۇم ، ئاندىن يۇيۇلمىغان كىرلارنى يۇيۇۋەتتىم.
   — قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟
   يىگىتنىڭ كۆزىدىن بىر خىل كەسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى ، ئۇ تولىمۇ سەمىمىيلىك بىلەن شۇنداق دېدى:
   — بىرىنچىدىن ، مەن مىنەتدارلىقنى ئۆگىنىۋېلىشىم كېرەككەن ، ئانام بولمىغان بولسا ، مېنىڭ بۈگۈنۈممۇ بولمىغان بولاتتى . ئىككىنچىدىن ، ئانامنىڭ قوللىرىنى ۋە كىرلارنى يۇيۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كۈنلىرىنىڭ قانچىلىك جاپا-مۇشەققەتتە ئۆتكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم . ئۈچىنچىدىن ، مەن چوقۇم ئائىلە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى توغرا تونۇپ ، قەدىرلەيمەن .
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

   بۇلارنى ئاڭلىغان باش دىرېكتور ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە شۇنداق دېدى:
   — مانا بۇ شىركىتىمىزنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملارغا بولغان تەلىپى ، ئۇزۇندىن بۇيان بىر باشقۇرغۇچى خادىم قوبۇل قىلىش ئويىمىز بار ئىدى ، ئۇ شۇنداق باشقۇرغۇچى بولۇشى كېرەك ئىدىكى ، باشقىلارنىڭ ياردىمىدىن مىنەتدار بولۇشى ، خىزمەتچىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشى، مال-دۇنيانى تۇرمۇشتىكى بىردىنبىر نىشانى قىلىۋالماسلىقى كېرەك . مانا ئەمدى بۇ باشقۇرغۇچىنى تېپىۋالدىم، سىز قوبۇل قىلىندىڭىز.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى ئىز تورى بەك ياخشى

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(12)
92.3%
ناچار
(1)
7.7%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • كۆڭلۈم ئۆيگە قايتىپ كەلدى

    -تېچلىقمۇ؟بۇ ئۇنىڭ ئاۋازى ئىدى.مەن سەككىز يىلىدىن بۇيان ئۇنتۇيالمىغان،مېنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاۋاز ئىدى.ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىزنىڭ يۇرتقا ساياھەتكە كەلگەنلىكىنى،شۇڭا مەن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتەي دەپ ماڭا تېلىغۇن قىلىغانلىقىنى ئېيىتتى.مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئا...

  • ئۈچ تال ئالقات

    ئاپتۇرى : چېڭ خەي تەرجىمە قىلغۇچى : رەيھانگۈل ياسىن مەن بىر ئۆسۈملۈكشۇناس . كىشىلەر ماڭا ھەۋەس قىلىدۇ ۋە بالىلىق چاغلىرىمدا قانداق جاپالىق ئۆگىنىش قىلغانلىقىم- تىرىشىپ ئوقۇغانلىرىم ھەققىدە سىرداشقۇسى كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن بالىلىق چاغلىرىمدا تازا بىر كەپ...

  • نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن

    (ھېكايە) شۈ رېنخې ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى ئەتىگەندە ئىشقا كېلىپ، ئۇسساپ گېلىم قۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ، بۇ ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن ئىختىيارسىزلا ئويغا چۆمدۈم ھەم ئىدارىدىن سالقىنداش پاراۋانلىقىنى بالدۇرراق تارقاتقان بولسا ياخشى بولاركەن-ھە، دېدىم ئىشخا...

  • بۇمۇ ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتمۇ؟....

    كونىلاردا؛(ئەدەپنى ئەدەپسىزدىن ئۆگەن)دەيدىغان ھېكىمەتلىك سۆز بار.ياش دوستلارغا سەلبي دەرىسلىك بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن.مەن ناھىيمىزنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىدىكى مۇنداق ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرەي. ئىمىن يالغۇز ئولۇغ بولۇپ،تولىم...

  • يەشىككە قاچىلانغان مېھر-مۇھەببەت

    مۇيەسسەر خېلىل ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، پوچىتخانىنى كۈندە بولمىسىمۇ ھەپتىدە بىر قېتىم يوقلاپ تۇرۇش ئادىتىمگە ئايلانغان ئىدى. ھەر قېتىم كىرگىنىمىدە ماڭا ئوخشاش خەتخەۋەر سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرگىلى كىرگەنلەردىن سىرت، ي...

  • تاماق قۇتىسىدىكى خەت

    ئازغىنە مائاشى بىلەن ماي داغلىرى قاپلىغان ئىش كىيمىنى ھەرقېتىم ئۆزىگە ئۇزاتقاندا ،ئېرىنىڭ چىرايىدىن ئۇيىلىش چىقىپ تۇرغانلىغىنى زېرەك خوتۇنى تۇيۇپ تۇراتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ،ئۇ ئېرىگە قاپلىق تاماق تەييارلىغاندا ،بىر پارچە خەتنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى....

  • بۆرەك سېتىپ توي قىلىش

    مەزكۇر ئەسەر ئاغىنىلەر بىلوگىدىن ئېلىپ كېلىنىگەن بولۇپ،بۇ ھىكايىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشىمدىكى مەقسەت، ھەدىدىن زىيادە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ ئۆزنى مەڭگۈلۈك نابۇت قىلىدىغان قىزلار،ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئەسەردىن ئىبىرەت ئېلىپ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشىن...

  • بىر قەدەم بىر دۇنيا

    ھېكايە ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشقان يىلى ئاران 22 ياشتا بولۇپ ، فاكۇلتېتتىكى ئەڭ ياش لېكتور ئىدىم . ئەينى ۋاقىتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاياغلاشقان بولۇپ ، ئامېرىكا ئىقتىسادىمۇ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىدى . مېنىڭچە ئىنسان ھايات...

  • باشلىقمىكىن دېسەم

    مەن مائارىپ ئىدارىسىدىن بەرگەن ماتېرىياللارنى ئېلىپ خىزمەت ئورنۇمغا قايتىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى كوچىدا ماشىنا كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم،توساتتىن بىر ماشىنا قېشىمىغا كېلىپ توختىدى-دە،شوپۇر كەپنىكىدىن چۈشۈپلا مېنى يۆلەشتۈرۈپ ماشىنىغا چىاقردى.ئاندىن ماشىنىسىنى...

  • مۇدىر،قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى....

    بۇ خەتتىكى ئاتا ئوبرازى قانداقتۇر رېئال دۇنيادىكى بىرلا ئاتا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئاھۇ نىدالىرىنى كەڭ جامائەتكە ئاڭلىتالمايۋاتقان نۇرغۇن ئاتىلارنىڭ ئوبرازى. ئاتىنىڭ يازغان مەزكۇر خېتىدىكى مەكتەپ مۇدىرىمۇ بىرلا مۇدىرنى ك...

  • مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم

    ئانام كېسە كارۋىتىدا ياتاتتى ، مەن بولسام ئانامنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ توردا بىرنىمىلەر بىلەندۇر ھەپىلىشىپ ئولتۇراتتىم . بەزى ۋاقىتلاردا ئانام ئۇخلاپ قالاتتى . بىراق كۆپ قسىم ۋاقىتلاردا دېگۈدەك ئويغاق ئولتۇرات...

  • پاكىز يۇيۇلمىغان كىيم

    بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىدىكى كىچىك بازارغا كۆچۈپ كەلدى . ئىككىنچى كۈنى ئەر-خوتۇن دېرىزە يېنىغا قويۇلغان ئۈستەلدە ناشتىلىق يەۋاتقاندا ، مارى قوشنىسى دېفنو خانىمنىڭ ھويلىسىغا يېيىپ قويغان كىرلىرىگە قاراپ : -دىفنو خانىم كىرنى پاكىز يۇيالم...

  • خىيالپەرەس

    (ھىكايە) ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم بۇ خەق نىمانداق قىلىدۇ دەيمەن،ئاچچىغىمنى كەلتۈرۈپ.ئەمدى بىر تىرىك ئادەم دىگەندە ئانچە-مۇنچە ئارزۇ-ئارمان،ئىستەتك ھەۋەسلەر بولمىسۇنمۇ؟چىرايلىق ئىككى ئېغىز مەدەت سۆزىنىڭ تايىنى يوق كەچكىچىلا ئادەمگە تەنبىھ بىرىپ،قىزغىنلىقىغ...

  • پېرىخون

    (ھىكايە ) ياسىنجان سابىر ئايرىلغىنى ئانچە ئۇزاق بولمىغان، ئاشۇ تۆت ئەتراپى ، چەكسىز قۇملۇق بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن ،تاغ سۇلىرى كەنت ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان يېزامغا ، ئانا يۇرتقا قايتىپ كەلسەم ، بىزنىڭ قەدىم جايدىكى چوڭدادام چوڭئاناملار بىر ئۆمۈر ياشاپ ئۆتكەن...

  • دادا، سىز مېنىڭ ئۈلگەم

    نۇرنىسا ئابدۇرېھىم ھاشىم (دادام ئابدۇرېھىم ھاشىمغا بېغىشلايمەن) مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە قەلبىمگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان كىشلەر دادام بىلەن ئانام. چۈنكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەت...