قىممەت

ۋاقتى:2011-09-23 10:24مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
  

 ۋاڭ جىڭخۇا


   يوڭجۈن بىر خەۋەر ئاڭلاپ قالدى. خوجايىن خىزمەتچىلەر ئارىسىدىن بىرەيلەننى كەسپىي باشقۇرغۇچىلىققا ئۆستۈرمەكچى بولغانىدى. يوڭجۈننىڭ يۈرەكلىرى ئېغىپ كەتتى، ئۆزى كەسپىي باشقۇرغۇچى بولسا ئايلىق مائاشىمۇ، مۇكاپات پۇلىمۇ ھەسسىلىپ كۆپىيەتتى. ھەئە، ھەقىقەتەن پىتلىنىپ قالاتتى!
   بىراق، ئۆزى قانداقسىگە بۇ ئىشنى خوجايىن بىلەن دېيىشەلەيدۇ؟ يوڭجۈن ئىشقا چۈشكەندىن تارتىپ ئىشخانىسىدا، ئىش ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ توختىماستىن سۇ ئىچىۋاتاتتى. بۇ ئۇنىڭ ئادىتى بولۇپ، ھەمىشە سۇ ئىچەتتى. ئۇ ئۈچ-تۆت ئىستاكان سۇ ئىچىپ بولغىنىنى سەزمەيلا قالغانىدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


   ئۇ ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇردى-دە، تازىلىق ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ چىرايى شۇنچىلىك ئۆڭۈپ كەتكەنىدى.
   كارىدوردىن ئۆتۈۋىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. ئۇ قول يۇيۇش ئۆيىگە خوجايىننىڭ كەينىدىنلا ئىز بېسىپ كىرگەنىدى. خوجايىن قوللىرىنى شىمىنىڭ يانچۇقىغا سېلىۋىدى، سېمىز كاسسىسى تېخىمۇ دومبايدى.ئالدىدىن قاراشقا ئۇ شۇنچىلىك سۈرلۈك، كەينىدىن قارىماققا شۇنچىلىك سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى. خوجايىن دېگەن خوجايىن-دە!
   قول يۇيۇش ئۆيىنىڭ ئىشىكىدە خوجايىن قولىنى يانچۇقىدىن ئېلىۋېتىپ، ئىشىكنى ئىتتىردى. بىراق قولىنى يانچۇقىدىن چىقىرىشىغىلا يانچۇقىدىن بىر نەرسە چۈشۈپ قالدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   خوجايىن ھېچنېمىنى سەزمىدى.
   يوڭجۈن دەرھال بېرىپلا قارىۋىدى، ئون يۈەنلىك پۇل ئىكەن. پۇلنى ئېلىپ خوجايىنغا قايتۇرۇش كېرەك. بۇ دېگەن مىزان! بىراق، يوڭجۈن ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى، بۇ ئون يۈەننى خوجايىنغا شۇنداقلا تەڭلىگىلى بولامدۇ؟ خوجايىن چوقۇم خاپا بولىدۇ. ئويلاپ باق، پۇلى ئېشىپ-تېشىپ تۇرغان خوجايىن يانچۇقىدىن ئون يۈەن چۈشۈپ قالغىنىنى قانداقمۇ بىلسۇن؟ بۇ پۇلنى خوجايىنغا بەرسەڭ، خوجايىن ئالدىدا قىممىتىڭ نۆلگە تەڭ بولمامدۇ؟
   بىر دەملەك ئىككىلىنىشتىن كېيىن يوڭجۈن ناھايىتى تېزلا بۇ ئون يۈەن پۇلنى يانچۇققا سالدى-دە، ھەميانىدىن يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقاردى. ‹‹بۇ دېگەن خوجايىننىڭ كۆڭلىدە سان قالدۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت-تە!›› دەپ ئويلىدى ئۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   ئۇ ئىشخانا ئالدىغا كەلگەندە خوجايىن چىقىپ كەلدى.
   — خوجايىن، سىز بايا ئىشىكتىن چىققاندا بىر نەرسىڭىزنى چۈشۈرۈپ قويدىڭىز.
   خوجايىن يانچۇقلىرىنى ئاقتۇرۇپ پۇللىرىنى ئېلىپ قاراپ باقتى، ئاندىن يوڭجۈنگە تىكىلدى:
   — مەن نەرسەمنى چۈشۈرۈپ قويدۇم؟ — قايتۇرۇپ سورىدى ئۇ.
   يوڭجۈن بېشىنى لىڭشىتتى:
   — خوجايىن، سىز چۈشۈرۈپ قويدىڭىز.
   — خاتالاشمىغانسىز؟
   — مەن سىزنىڭ چۈشۈرۈپ قويغانلىقىڭىزنى ئېنىق كۆردۈم.
   خوجايىن يەنە يوڭجۈنگە قاراپ قويۇپ، تۇيۇقسىز كۈلگىنىچە بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى.
copyright by www.iz.la

   شۇ كۈنى كەچتە خوجايىن يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كەسپىي باشقۇرغۇچىنى ئېلان قىلدى. بىراق، ئۇ يوڭجۈن ئەمەس ئىدى. يوڭجۈننىڭ كۆڭلىنىڭ ئازراقمۇ ئارامى يوق ئىدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگىنى، بىرسىنىڭ ئۇنى باشقۇرغۇچىلىققا ئۆستۈرۈش ‹‹ئىچكى يىغىنى››دىكى بولۇنغان گەپلەرنى يەتكۈزگىنى بولدى. ئەسلىدە خوجايىن ئاللىقاچان يوڭجۈننى باشقۇرغۇچىلىققا بېكىتىپ بولغان، بىراق خوجايىن ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىشتە ئۇنى ‹‹شاپىلاق››لىۋەتكەنىدى. خوجايىن:
   — بۇ خىل ئادەملەرنى مۇھىم ئىشلارغا قويۇشقا بولمايدۇ. بۈگۈن خوجايىنغا ئون يۈەننى يۈز يۈەن، دەپ بەرگەن ئادەم ئەتە يەنە شىركەتنىڭ خەجلەنگەن ئون يۈەنىنى يۈز يۈەن، ھەتتا مىڭ يۈەن، دەپ ئاتچوت قىلدۇرىدۇ! — دېگەنىدى.

copyright by www.iz.la


   بۇنى ئاڭلاپ يوڭجۈننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپلا قالدى. كىچىككىنە ئۇستاتلىق قىلىمەن دەپ، ئاقىۋەتتە ھەممىنى نۆلگە ئايلاندۇرىۋەتكەنىدى.
   ئۇ قولىدىكى ئىستاكاندىكى سۇنى ئىچمەكچى بولاتتى، بىراق ئىستاكان ئاللىقاچان قۇرۇق ئىدى...
   ‹‹كىچىك ھېكايىلەردىن تاللانما›› ناملىق ژۇرنالنىڭ 2005–يىللىق 19–سانىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى.
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ  تەرجىمىسى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...

  • ھېكايە... بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە

    ھېكايە بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە كىرىش سۆز بۈگۈن يازماقچى بولغان ھېكايەم رىياللىقتىكى ئادەمنى چۆچىتىدېغان ھەقىقى ۋەقەلىك....بۇ ھېكايەمنى باشلاشتىن بۇرۇن،مەن ئۇقۇغان كىتاپتىكى بىر ھېكايىدىن ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي.مەن ئۇقۇغان ئۇ ھېكايىدە ئاكا-ئۇكىلار ئاتا...

  • پىستەك

    پىستەك ئەسلىي تاغامنىڭ ئىتى ئىدى.ئۇ شەھەرلىكىلەرنىڭ ئىتلىرىدەك ئۇنچىلىك پاكار ئەمەس، ئەمما سەھرا ئىتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا جۇغى كىچىك بولغاچقا،ئىنىم ئىككىمىز ئۇنىڭىغا(پىستەك)دەپ ئىسىم قويغانىدۇق. ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئىككى يىل ئىلگىرى ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈن...

  • ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى

    ھەزىرتى ئادەم ئەلەيسالام يارىتىلغاندا بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش بۇيرۇلغان،بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئىبلىس مەنگۈ لەنەتكە دۇچار بولغانىكەن .دىمەك ،ئىنسان يارىتىلىشىدىنلا ئەنە شۇنداق ئەزىز يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭغا تەبىئەتتىكى بارلىق نېمەتلەردىن...

  • سۆيۈنچە

    بىر ۋاقىتلار ئۇر ھەمدە كۆر، كېيىنچە كىچىك ۋە كاتتا تاغ دەپ ئاتىلىدىغان تاغلار ئارىسىدا، سىردەريانىڭ تۆۋەن قىسمىدا بىر يۇرت جايلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ سۇلتانى ئادالەت بىلەن يۇرت باشقۇرۇشتا داڭقى چىققان سۇلتان مەھمۇد باھادىرخان ئىكەن. قەۋمىنىڭ ياشۇ قېرىسىنى ئەز...

  • كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق

    كۈزپەسلىنىڭ دەسلەپكى شاماللرى كىشى ھۇجۇدىغا ناھايىتى ۋەھىمىلىك ھېسلارنى سالسىمۇ،بىراق ئوتتۇر مەزگىللگە كەلگەندە دەرەخ ئۈستىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلارنى لەرزان لەيلىتىپ يەرگە چۈشۈرۈپ تەبىئەتكە ئاجايىپ تۈس قوشاتتى،ئەنە شۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ھۆسۈن قوشقان تەب...

  • پۇلغا تامىغان ياش

    ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ھارۋامنى تېز ھەيدەپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ، ئاپامنىڭ ئاغرىپ ياتقانلىقى مىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى . ئاپام 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ئادەتتە ئىشچان ، تەلەپچان ئائىلە ئايالى ئىدى . مەن ئا...

  • قاراڭغۇدا ئالىيىش

    مەن خىزمەت تەقسىماتى بويىچە مۇشۇ ئىدارىگە كەلسەم،نامەت ئەپەندى كاتىبات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىكەن.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر پۇتنى ئاياپ دەسىسەيدىغان،ئېڭىكىدىكى تاتۇقى ساقلىقىنى قاق ئوتتۇرسىدىن ئىككى تەرەپكە بۆلۈۋەتمەي،چېغىر كۆزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان،بويى پاكا...

  • مەن قورقىمەن

    مەن ئازۇيۇم ئىچىدە ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپلا قىلىشتىن قورقىمەن. مەن ئاداشلىرىم ئارقىدىنلا پالاقشىپ نىمە دىسە لەببەي دەپ ئاتا-ئانامنى قاقشىتىپ سورون دىسە ، ئويۇن دىسە ئۆزۈمنى تارتالماي ئاغىندارچىلىق قىلىپ ئۆزۈمنى شۇ جايلاردا يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ قىلىشتىن بەك قورقىمەن...

  • ئۇجۇققان غەرەز

    -ھوي كېۋىر،بارمۇسەن؟بۈگۈن سېنى ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ كەلدىم،قانداق،بالىچاقلىرىڭ ئامان،ئىشلىرىڭ دەريادەك راۋاندۇ؟-رەسۇل ھاكىم (سانتانا)ماركىلىق پىكاپتىن چۈشۈپلا ئالدىمغاا كەلدى ۋە مېنىڭ جاۋابەن ھال-ئەھۋال سورىشىمنى كۈتمەستىنلا،ئۆزى بىرگە ئېلىپ كەلگە...

  • ھاراقكەش ئىشەك

    (ھىكايە) ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن يالغۇزلۇقتىن ئىچىم پۇشۇپ ، كىتابخانىغا بېرىپ كىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم . ھاۋا شۇنچە ئىسسىق ، قۇياش ئۆتكۈر نۇرلىرىنى يەر يۈزىگە چېچىپ ، جاھاننى بار كۈچى بىلەن ئىسىتماقتا . بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقىمىكىن ، بازار تۇلى...

  • بىر تال تەڭگە پۇل

    ھېكايە لى جيۇۋېن رۇخسەتمۇ ! كىرىڭ ! يۈزلىرى ئوتقاشتەك جىلۋىلەنگەن بىر قىز ئوقۇغۇچى كىرىپ كەلدى : مۇئەللىم ، مەن بىر پۇڭ تېپىۋالدىم . مۇئەللىم تەئەددى بىلەن ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى-دە ، نېمىلەرنىدۇر خىيالىدىن ئۆتكۈزدى . بۇ چاغدا قىز تەڭگىنى شىرەگە قويۇپ قو...

  • مۇھەببەت ۋە سۈيقەسىت

    ھېكايە دالىم جەتىل (بوتان) كارل دوستنىڭ ئۆيىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەندە سورۇن قىزىپ كەتكەنىدى. كارل پۇلدار سودىگەر بولۇپ، ئوتتۇز نەچچە ياشلارغا كىرگەن بولسىمۇ، تېخىچە كۆڭۈلدىكىدەك لايىق تاپالمايۋاتاتتى، شۇڭا ئۇ دوستىنىڭ ئۆيىگ...

  • كۆرۈمسىز ئۆردەك چۈجىسى

    ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ قىزلار ئەينەككە كۆپ قارايدىغان،باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ،بۇ ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇشقا باشلىغان قىزلاردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك،بىراق كىشى ئۆزىنىڭ چىرايىنى تاللىۋالالمايدۇ،چىراي ش...