(ھېكايە)
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن
مەرھابا ئابدۇرىھىم
تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن شامىلى ئېتىزلىقتىن ئەمدىلا ئۈنۈپ چىققان يۇمران بۇغداي مايسىلىرى ۋە بېدىلەرنى ئېرغاڭلىتىپ، خۇددى بىر-بىرىدىن ئەتىگەنلىك ئەھۋال سورىشىۋاتقاندەك كەيپىياتنى شەكىللەندۈرگەنىدى. ھەممە يەر ئاپئاق چېچەكلەرگە پۈركەنگەن. مۇنداقچە قارىغاندا خۇددى زىمىستان قىشتىكى قاردەك كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ. ھەممىسىلا تەبىئىي گۈزەللىك مۇشۇ ماكانغا مۇجەسسەملەنگەندەك ھەر بىر نەرسىنىڭ، ھەر بىر جانلىقنىڭ ئۆز ئالدىغا خاسلىقى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ. تاڭ ئەلچىسى بولغان خورازلار كەينى-كەينىدىن چىللاپ كىشلەرنىڭ بالدۇرراق ئويغىنىپ، يىل بېشىلىق مەشغۇلاتلېرىغا كىرىشىۋىلىشىغا ئۈندەۋاتىدۇ. مانا قاراڭ، ئېرىقلاردا قىشتىن بېرى ئەينەكتەك توڭلىغان سۇلار ئاستا-ئاستا ئېرىپ، ئېتىزلىقتىكى مايسىلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئالدىرىشىۋاتىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئەمدىلەتىن ئەتىگەنلىك ناشتىلىقنى قىلىپ ئېتىزلىققا ئالدىرىشىۋاتقان دېھقانلار ئۆيلىرىدىن بىر-بىرلەپ چىقىشقا باشلىدى. بەزىلىرى قوي-كالىلىرىنى ئوتلاتقىلى چىقسا، بەزىلىرى كەتمەن، گۈرجەكلەرنى مۈرىلىرىگە ئارتىپ قانداقتۇر ناخشىلارنى غىڭشىنىچە چىقىشىۋاتاتتى. ئېرىق تۈۋىدىكى كۆك سىرلانغان ئىشىك "غىچ" قىلىپ ئېچىلىشى بىلەن 60 ياشلار چامىسىدىكى، ئورۇق، ئېگىز، قارامتۇلراق بىر كىشى چىقىپ كەلدى.ئۇنىڭ كەكە ساقىلى ئۆزىگە شۇنداق ياراشقانكى، ھەقىقىي دېھقان سۈپەت ئوبراز ئەكىس ئەتكەنىدى. ئۇ ئىشىك تۈۋىدە قوشنىلارنىڭ ئېتىزلىققا ماڭغانلىقىغا قاراپ كۆڭلى بىر قىسملا بولۇپ قالدى-دە، ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولۇپ ئارقىغا ئۆرىلىشى يان خوشنىسى سايىم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ سالاملاشتى.
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھە ، سايىم ئېتىزغا ماڭغان ئوخشىمامسەن؟!- قادىر ئارقىغا ئۆرۈلۈپ سۇسلا جاۋاب قايتۇرۇپ قويدى.
- قادىركا، سىزنى "ئاغرىپ قاپتۇ" دەپ ئاڭلىغان، تالاغا چىقىۋاپسىزغۇ؟
- ھېچقىسى يوق، كىچىك كېسەللەر، قېرىغاندا زۇكامداپ قالسىمۇ كۆتۈرەلمەيدىكەن، ئۇكا.
- شۇنداق بولسىمۇ ئوبدانراق ئارام ئېلىڭ،-سايىم قادىرغا بىر قاراپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- بالىلىرىڭىز يوقلاپ كەلمەيۋاتامدۇ-نېمە؟
- ياقەي، نېمىلەرنى دەپ يۈرىدىغانسەن. ئۇلار دائىم يوقلاپ تۇرىدۇ. مەن شۇ…. ئۇلارنىمۇ ئويلىمىساق بولمايدۇ-دە!
- قادىر بىر ئۇھ تارتىپ قۇيۇپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- مېنىڭغۇ باشقىچە مەقسىتىم يوق. ئۇزۇندىن بېرى ھېلىقى چوڭ ئوغلىڭىز قەيسەرنىلا كۆرىۋاتىمىز. باشقا بالىلىرىڭىز ھېچ كەلگەندەك قىلمايدۇ. شۇڭا مۇنداقلا سوراپ قويدۇم. كۆڭلىڭىزگەئالماڭ-ھە!-دولىسىغا يىنىڭ ئۇرۇپ قويدى سايىم.
- ھېچقىسى يوق. بۇنداق گەپلەرنى كۆڭۈلگە ئېلىپ كەتسەك جان توشامدا، ئۇكا،-قادىر چاندۇرماي مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.
- ئەمىسە، مەن ئېتىزلىققا ماڭاي. قادىركا ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ. قوشنا بولغاندىكىن، بىزنىڭ ئۆيلەرگىمۇ پات-پات كىرىپ ئولتۇرۇپ چىكىتىڭ. بىردەم گوڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىشارمىز. كۆڭلىڭىزمۇ ئېچىلىپ قالىدۇ.
- ماقۇل، سەنمۇ ئۆيلەرگە كىرەرسەن. پەرىدىخان ئاچاڭنىڭ لەغمىنىنىمۇ سېغىنىپ قالغانسەن-ھە؟ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
- ئەلۋەتتە سېغىندىم. ھەي ، لەغمەننىڭ گېپىنى قىلىپ ھازىر يىگەن تامىقىمنى سىڭدۈرۋەتتىڭىز، مانا- سايىم قورسىقىنى تۇتقىنىچە قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
- بولدى، بىر گەپنى قىلىپ قويسا كەچكىچە كۈلىۋەرمە. ئېتىزلىققا ۋاخ قالما يەنە.
- ھوي، راست، ئەسكەرتمىگەن بولسىڭىز تاس قالدىم بۇغدايلىققا سۇ ئېچىشنى ئۇنتۇپ قالغىلى. خوش ئەمىسە، كىينچە كۆرىشەرمىز!-سايىم شۇنداق دىگىنىچە كەتمەننى دولىسىغا سېلىپ ئېتىزلىققا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. قادىر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. سايىمنىڭ ساددىلارچە كۈلۈشلىرى قادىرنىڭ كۆڭلىنى خېلىلا كۆتۈرۈپ قويغانىدى. ئۇ تۇرۇپلا ئويلاپلا قالدى: " بوپتۇ، كۈلىۋال.قانغۇچە كۈل. بۇنداق كۈلىدىغان ۋاقىتلار دائىم كەلمەيدۇ. بىچارە دېھقانلار يىللاپ ئۆرە قۇپماي ئىشلەيدۇ. مۇشۇنداق ئىشلىگىنىگە لايىق ھوسۇلغا ئېرىشەلمەي، ئىشتىنى تىزدىن ئاشماي، بەزىدە توق، بەزىدە ئاچ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق غورىگۈل تۇرمۇشتا بۇلار قانداقمۇ قانغۇچە كۈلۈشكە مۇيەسسەر بۇلالايدۇ؟! ھەي…! تۇرمۇش كىشىنى ھەر كويلارغا سېلىۋاتىدۇ-جىمۇ!" قادىر مۇشۇلارنى ئويلىغىنىچە ئىشكنى يەنە بىر قېتىم غىچىلداتقىنىچە ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۆي ئىچى كەڭتاشا بولۇپ، مېھمانخانا، دەھلىز، ياندىكى ئۈچ ئېغىز ئۆي ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇلۇپ سېلىنغانىدى. ھويلىدىكى سۇپا، سۇپىغا يانداشتۇرۇپ سېلىنغان پېشايۋان بۇ ئۆيگە كۆركەم تۈس ئاتا قىلغان. بىر قاراشتىن ئۇيغۇر نەققاشچىلىرىنىڭ ئېسىل ھەم نازۇك قول ھۈنىرى نامايان بولۇپ تۈراتتى. قادىر ئۇدۇللا پېشايۋان ئاستىدىكى سۇپىغا كېلىپ ئولتۇردى.
www.iz.la
- پەرىدىخان! ھوي پەرىدىخان! ئۆيگە كىرىۋىلىپ نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلە؟ تىز چىقىپ ماڭا ناشتىلىق تەييارلاپ بېرىڭلا!
- ھە ، مانا، ھازىرلا تەييار قىلىمەن – ئۆي ئىچىدىن چاچلىرى ئاقۇش، قاڭشارلىق، ياشقا چوڭايغان بولسىمۇ، لېكىن چىرايىدىن كىچىكلىك چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئايال چىقىپ كەلدى.
- ناشتىلىققا نېمە تەييارلىدىڭلا؟ بۈگۈن قورسىقىم ھەجەپ ئېچىپ قوپىپتىمەن-دېسە،- قادىر بىر قولىدا قورسىقىنى يىنىك ئۇرۇپ قويدى.
- سىلىگە پايدا قىلارمىكىن دەپ ئۇماچ ئەتكەن. بوپتىمۇ يا؟
- بەللى، كۆڭلۈمدىكىنى تاپىسەندە سەن. ئۇماچ دېگەن سەكراتتا قالغان ئادەمگىمۇ پايدا قىلىدىغان تاماق جىمۇ!- چاقچاق ئارىلاش گەپ قىستۇرۇپ قويدى قادىر. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- ھە راست، دادىسى، ئەتىگەندە سىلى تالاغا چىقىپ كەتكەندە چوڭ ئوغلىمىز قەيسەر تېلېفون بېرىپتىكەن. بۈگۈن خوتۇن-بالىلىرى بىلەن بىزنىڭكىگە كىلىدىكەن.
- راسىتما!؟- قادىر ھاياجانلانغان ھالدا سورىدى- بۈگۈن بالىلارنى كۆرگۈم كېلىپ تۇراتتى. بۇ قەيسەرنىزە، داۋاملىق ئادەمنىڭ ئاچقان يېرىگە بارىدۇ – دە!
قادىر شۇنداق دىگىنىچە ئۇماچقىمۇ قارىماي بىر تۈپ چوڭ ئانار دەرىخىگە قارىغىنىچە بۇندىن 30 يىل ئىلگىرىكى يۈز بەرگەن ئىشنى ئەسلەشكە باشلىدى……
ئۇ چاغلار قادىرنىڭ بەردام، كېلىشكەن، يىگىتلىك كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ۋاقتى ئىدى. كۆرگەن ھەر قانداق قىز قەلبىگە ئېشىق دەردىنى سالاتتى. شۇنداق بولغاچقىمۇ، يېزىسىدىكى چىرايلىقنىڭ چىرايلىقى ئاتالغان، تاشقى گۈزەللىك ھەم ئەدەب-ئەخلاقنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان گۈزەل قىز پەرىدە ئۇنىڭغا تەئەللۇق بولدى. ئۇلارنى كۆرگەنلەر " خۇدا قوشقان بىر جۈپلەردە، خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندەك ماس كەپتۇ" دىيىشىپ ھەۋەسلىنىپ قاراپ قىلىشاتتى. شۇنداق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان كۈنلەردە تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بىر ئىش بۇ ئائىلىنى تېخىمۇ بەخت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرۋەتتى… ئىز تورى www.iz.la
بىر كۈنى قادىر ئەتىگەندىلا كەتمەننى دولىسغا سالغىنىچە ئىتىزلىققا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئەتىگەننىڭ ساپ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەسلىنىپ، ھەر خىل ئۇچار- قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ئاڭلىغىنىچە مەھەللىدىن خېلى يىراق بولغان مىۋىلىك باغقا يېتىپ كەلدى.بۇ باغنىڭ گۈزەللىكى يۇرتتىكى ھەر قانداق تەبئىي گۈزەللىكىنى بېسىپ چۈشىدىغان بولۇپ، بىر ئۇچى تاغقا تۇتىشاتتى. مىۋىلىك باغدا ھەر خىل مىۋىلەر، مەسىلەن: ئۆرۈك، ئامۇت، شاپتۇل، توغاچ، ئۈزۈم باراڭلىرى، كاۋا، تاۋۇز، قوغۇن پىلەكلىرى … ئىشقىلىپ ھەممە مىۋىلىك دەرەخلەر مۇشۇ باغقا مۇجەسسەملەنگەندەك مىۋىسىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يۇرتتىكى ئەمگەكچان، ساددا دېھقانلارنىڭ ھالال قان-تەرى بەدىلىنىڭ مەھسۇلى ھېسابلىناتتى. باغقا كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغاننىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بەزىلىرى باغنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلانغىلى كىرسە، بەزىلىرى مىۋىلەردىن قانغۇچە يەپ ئۆز كۈڭلىنى ئۆزى خوش قىلىپ كېتىشەتتى. قادىرمۇ مۇشۇ يېزىنىڭ بىر كىشىلىك ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ باغقا قوشقان تۆھپىسىمۇ ئاز ئەمەستە. شۇنداق بولغاچقا، بىكار بولسىلا باغقا كىرىپ مىۋىلەرنى ئۈزۈپ ئامراق ئايالى پەرىدەگە ئالغاچ كېتەتتى. بەزىدە دەرەخلەرنىڭ ياۋا شاخلىرىنى پۇتاپ،ئوت-چۆپلەرنى ئۇتىغىلى كىرەتتى. بۈگۈنمۇ ئۇ بۇ باغنىڭ مىۋىلىرىدىن ئېغىز تەگكۈزگىلى كىرگەنىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ياۋا شاخلارنى پۇتىغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن مېۋىلەرنى ئۈزۈپ بىر-بىرلەپ سېۋەتكە سېلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز يىراقتىن بىر بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازى كىلىشى ئۇنى چۆچىتىۋەتتى-دە، دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە يۈگۈرۈپ باردى. ئاۋاز يىراقتىكى ئامۇت دەرىخى ئاستىدا چىقىۋاتقان بولۇپ، بىر خەنزۇ ئوغۇل بوۋاق يۈگەكلەنگەن ھالدا يىغىلاپ ياتاتتى. قادىر بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ خېلى ۋاقتىقىچە ئېسىگە كىلەلمىدى. كاللىسىدا ھەرخىل ئوي-خىياللار چاقماق تىزلىكىدە ئۆتۈشكە باشلىدى… " بۇ بوۋاق بۇ بۇيەردە نېمىشقا ياتىدىغاندۇ؟ كىمنىڭ بالىسىدۇ؟ قايسى موھتاجلىقتا قالغان بىرسى تاشلىۋەتكەندۇ؟ ياكى جىنمۇ يا؟ بولمىسا بۇ دەرەخنىڭ ئاستىدا ھېچقانداق خەتەرگە ئۇچرىماي ياتاتتىمۇ؟ ھوي، نېمە بولسا بولمامدۇ؟ ئىشقىلىپ ھازىر بۇ بوۋاقنىڭ ئىگە-چاقىسى يوقكەن. قايسى مىللەتتىن بولمىسۇن، ھەممىسى ئوخشاشلا ئاللاھنىڭ بەندىسى. ھېچقايسىسى بىر-بىرىدىن ئۈستىن تۇرمايدۇ. ھەممىسى ئوخشاش ئورۇندا. بىر مىللەتنىڭ ئەۋلادىنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قويسام بۇمۇ بىر تۆھپە ھېسابلىنىدۇ ئەمەسمۇ؟" قادىر مۇشۇلارنى ئويلىغاچ بالىنى يۆگىكى بىلەنلا قولىغا ئالدى-دە، بەزلىگەچ، بالىنىڭ چىرايىغا قارىدى. تېرىسى ئاپئاق، قاش-كۆزلىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بۇ بوۋاق كۆرگەنلىكى ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى. يىغلاۋېرىپ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھىلى ھەم ئېسەدەۋاتاتتى. قادىر بۇۋاقنى ئاستا باغرىغا باستى. بالىدىن كەلگەن قىزىق بىر ئېقىم پۈتۈن بەدىنىنى بويلاپ تومۇر-تومۇرلىرىدا تارقىلىشقا باشلىدى. بەلكىم بۇ ئاتىلىق مېھىر بولسا كېرەك. قادىرنىڭ بىردىنلا بوۋاققا ئامراقلىقى كۈچەيدى-دە، باغرىغا باسقىنىچە ئۆيگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
www.iz.la
ئەينى ۋاقىتتا، بۇ يۇرتقا ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن بىر قىسىم خەنزۇلار قوشۇلۇپ خېلى كۆپ مىللەتلەر بىر يەرگە توپلىشىپ ياشايتتى. سىرتتىن قارىغاندا خۇددى كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىگە ئوخشاش ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتەتتى. شۇڭلاشقىمۇ قادىر بوۋاقنى كۆرگەندىمۇ ئنىڭ باشقا مىللەتلىك بوۋاق ئىكەنلىكىگە ئانچە ھەيران بولماي، ئىككىلەنمەستىنلا باغرىغا باستى.
قادىر يول بويى بىر تەرەپتىن بۇۋاققا نېمە دەپ ئىسىم قۇيۇشنى ئويلاشسا،يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئىشنى پەرىدەگە نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى ئويلىشىۋاتاتتى. " نېمىشقا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇراتتىم؟ بۇۋاقنى بېقىۋىلىشقا مەن قۇشۇلغاندىكىن، پەرىدە گەپ يوق قۇشۇلىدۇ. تەييار بىر بالىنى "باق" دەپ بەرسە، باقمايدىغان ئۇنداق ساراڭ ئادەم يوق". قادىر مۇشۇلارنى ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ كېتىپ بارسا، ئاشۇ مەھەللىدىكى قادىرنىڭ دوستلىرى ئۇچراپ قالدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
- ھەي ، ئاداشۇي، بالا كۆتۈرۈپ نەگە ماڭدىڭ؟-دېدى ئارىدىن دوغىلاق بىرسى چىقىپ.
- ئۆيگە كېتىپ بارىمەن.ھە، سىلەرچۇ؟ ئېتىزلىققا ماڭغان ئوخشىمامسىلەر.
- ھەئە، ئېتىزلىققا ماڭغان، بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ پەرىدە بىلەن توي قىلغىلى بىرەر-ئىككى ئاي بولمايلا قۇلۇڭغا بالا چىقىپ قاپتىغۇ؟-دېدى ئېگىز بويلۇق بالا ھىجايغانچە چاقچاق قىلىپ.
- ياكى باشقا بىرسىدىن تاپقان بالىمۇ بۇ، شۇڭا ئېتىزلىقتا تەمتىلەپ يۈرۈپتىكەنسەندە!ۋېي!!!-ئارىدىن بىرسى لاۋزا چاقچاق قىلغىنىچە چىرايىنى سەت پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈشكە باشلىدى.
بۇنداق زەھەرلىك گەپلەرنى ئۆمرىدە ئاڭلاپ باقمىغان قادىرنىڭ يىگىتلىك غورۇرىغا تەگكەن بولسا كېرەك زەردە بىلەن :
- ئىشڭنى قىلىشمامسەن! بۇ بالا مېنىڭ ھەم پەرىدەنىڭ، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ. قايسىڭ ئۆسەك سۆز تارقىشىدىكەنسەن، شۇنىڭ بىلەن قان چېچىشىپ كېتىمەن.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تىز-تىز چامداپ مەھەللە تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى. يىگىتلەر بىر-بىرىگە قاراشقىنىچە بىر ھازاغىچە ئۆز جايىدىن مىدىرلىماي جىم تۇردى-دە، دېگەن گېپىگە پۇشايمان قىلغاندەك يەرگە قارىغىنىچە كېتىپ قىلىشتى. قادىر شۇ ماڭغانچە ئۇدۇللا ئۆيگە كىردى. بۇ چاغدا پەرىدە چۈشلۈك تاماققا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئېرىنىڭ بالا كۆتۈرۈپ كىرگىنىنى كۆرگەن پەرىدە چۆچۈپ كەتتى-دە، بىر ھازادىن كېيىن يۈگۈرۈپ بېرىپ گەپ قىلىشقا تەمشەلدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- چۈشلۈككە نېمە تاماق ئەتتىڭ؟ قورسىقىم ھەجەپ ئېچىپ كەتتىيا!- قادىر ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ قويدى.
- لەڭمەن ئەتتىم،- پەرىدە سۇسلا جاۋاب بېرىپ قويدى،-ئېتىزلىقتىن بالدۇرلا قايتىپ كىرىپسىزغۇ؟ بۇ بالا كىمنىڭ بالىسى؟
- ئەتىگەن مېۋىلىك باغقا كىرگەنىدىم، بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا بۇ بوۋاق ياتقۇزۇپ قۇيۇلۇپتىكەن، خېلى بىر ھازا ساقلىساممۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى كېلىپ ئەكەتمىدى. ئاخىرى بۇ بالىنىڭ تاشلىۋىتىلگەنلىكىنى بىلدىم. شۇڭا بۇ بوۋاقنى بىقىۋالساقمىكىن دەپ ياندۇرۇپ ئەكەلدىم. ساۋاب بولۇپ قالاتتى،- قادىر ئوڭايسىزلانغان ھالدا جاۋاب بەردى.
- ھە ، مۇنداق دەڭ، تۇيۇقسىزلا بالا كۆتۈرۈپ كىرسىڭىز بەك چۆچۈپ كەتتىم، بېقىۋىلىشىنى ئويلاشقان بولسىڭىز مېنىڭ باشقا پىكرىم يوق.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- خاپا بولمىدىڭىزما؟
- نېمىشقا خاپا بولاتتىم. مېنى ئىچى تار دەپ ئويلاپ قالغانما؟ كىچىك بالىغا مەنمۇ ئامراققۇ؟-دىگىنىچە قادىردىن بوۋاقنى ئالدى. بوۋاق كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە،قولىنى ئاغزىغا سېلىپ شورىغىنىچە ياتاتتى. پەرىدە ئۇنىڭ پىشانىسىگە ئانىلارغا خاس مېھىر-مۇھەببەت بىلەن بىرى سۈيۈپ قويدى.
- بۇ بالا بىز مىللەتتىن ئەمەستەك قىلامدۇ-نېمە؟-ئۆرۈلۈپ سورىدى پەرىدە.
-ھەئە، خەنزۇ مىللەتتىن ئىكەن، بوۋاق بولغاندىن كېيىن قايسى مىللەتتىن بولسىلا، ئوخشاشلا ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشلىرى ئەمەسمۇ!
- شۇنى دېمەمسىز، ئەمىلىيەتتە ھەممە كىشىلەر ئورتاق بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقاندىكىن ئۇ مىللەت، بۇ مىللەت دەپ ئايرىمىچىلىق قىلمىساقمۇ بولاتتى. ھەراست، ئوغلىمىزغا نېمە دەپ ئىسىم قويىمىز؟-پەرىدە خېجىل بولغان ھالدا سورىدى. چۈنكى "ئوغلىمىز" دېگەن سۆز ئىختىيارسىزلا چىقىپ كەتكەنىدى.
- يولدا كەلگۈچە ئويلىشىپ قويغانىدىم. "قەيسەر" دەپ قويساق قانداق؟ مېنىڭ ئىسمىمنىڭ بېشىغىمۇ " ق " ھەرىپى كەلگەندىكىن قەيسەر بولسۇن.ئىسمى-جىسمىغا لايىق قەيسەر بالا بولۇپ چېقىشى ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ ئۆز ئوغلىمىز قاتارىدىن ئورۇن ئالسۇن.
شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئائىلە ھەر كۈنى خۇشاللىققا چۆمۈلگەن، بەختلىك ئائىلىگە ئايلاندى. قەيسەر ئىككى ياشقا كىرگەندە پەرىدە ئوماق قىزدىن بىرنى، ئالتە ياشقا كىرگەندە ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بەردى. بۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئائىلىنىڭ ئىچى بازارغا ئايلاندى. كونىلارنىڭ "بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار" دېگەن ماقال-تەمسىلنىڭ مەنىسى بۇ ئائىلىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى…
- بوۋا، مەن سېنى بەك سېغىندىم.
ئوماق نەۋرىسىنىڭ چۈرۈك تىللىرى قادىرنى خىيال دىڭىزدىن تارتىپ چىقتى.
- كىلە، قەدىردان، بىر نەچچە كۈن كۆرمىسەم چوڭ يىگىت بولۇپ كېتىپسەنغۇ.
- قادىر نەۋرىسىنىڭ يۈز كۆزلىرىگە سۈيۈپ كەتتى.
ئاقىدىنلا شىم-كاستۇم كىيگەن، ئىگىز، كېلىشكەن بىر يىگىت بىلەن چىرايلىققىنە، بۈدرە چاچلىرى ئۆزىنىڭ ئاقلىقىغا شۇنداق ياراشقان بىر ئايال كىرىپ كەلدى.
- دادا، قانداقراق ئەھۋالىڭ؟ سالامەتلىكىڭ ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟
- قەيسەر دادىسىنىڭ قولىنى سىققىنىچە ئەھۋال سورىدى. ئونىڭدىن كېيىن ئاپىسىدىن ئەدەب بىلەن ئەھۋال سورىدى.
- دادا، قەيسەر سىلىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرالمايلا قالدى. قەدىردانچۇ؟ " بۇۋامنى كۆرگۈم كىپكەتتى" دەپ خەقىش قىلىپلا كەتتى.- ياش چوكان چاچلىرىنى كەينىگە ئاتقىنىچە سۆزلەۋاتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- مېنى مۇشۇنچىلىك ياد ئېتىپ، يوقلاپ تۇرغىنىڭلارغا رەخمەت، بالىلىرىم،-قادىر شۇنداق دەپلا كۆزىگە ياش ئالدى.
ئۇنداق دېمە دادا،بۇبىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز ،سەن بىلەن ئاپام ئىككىڭلار مىنى قانچىلىك جاپادا چوڭ قىلغىنىڭلار بىر ئاللاغا ،يەنە بىر ئۆزۇڭلارغا مەلۇم . سىلەرنىڭ سىڭدۇرگەن ئەجرىڭلار ئالدىدا مىنىڭ بۇ قىلغانلىرىم ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ ،-قەيسەرمۇ كۆزىگە لۆممىدە ياش ئالدى .ئۆزىنىڭ ھىسياتىنى قانچە يۇشۇرسىمۇ ،ئاتا- بالىلىق مېھىر بۇنى يۇشۇرالمىغانىدى.قەلىپ رىشتىنىڭ چىڭ باغلىنىشى بۇ ئاتا-بالىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ ،خۇددى ئۆز بىر تۇققاندەك ھالەتكە يەتكۇزگەنىدى... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ھە راست دادا!-لەغمەننى ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقان قەيسەر بىر ئىش يادىغا كەلگەندەك تىزلىك بىلەن بېشىنى كۆتۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى .-ئىدارىدىن بىزگە چوڭ ئۆي تەقسىملەپ بېرىپتۇ .ئەتە شۇ ئۆيگە كۆچۈپ كىرىمىز ،كىلەر ھەپتىلەردە مەن بۇيەرگە كېلىمەن،ئاپام ئىككىڭلار ئۆزۇڭلارنىڭ كېرەكلىك نەرسىلىرىڭلارنى يىغىشتۇرغاچ تۇرۇڭلار .سىلەرنى شەھەرگە كۆچۇرۇپ ئەكىتىمەن .
-رەخمەت بالام .سىلەرمۇ ئاران تەستە يوغان ئۆيگە كۆچۈۋاپسىلەر،بىز سىلەرنىڭ ئۆيۇڭلارنى تالاشتۇرۇپ نىمە قىلىمىز؟
-نىمىشقا تالاشتۇرۇپ قوياتتىڭ،سىلەر يېنىمدا بولمىساڭلار ئۆزۇمنى گۆردە تۇرغاندەك ھىس قىلىدىغان تۇرسام .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-بۇ يۇرت ئاتا بوۋامدىن تارتىپ بىزنىڭ ئانا يۇرتىمىز بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ ،مەنمۇ ھەم مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان.ئۆز يۇرتۇمدىن شەھەرگە كىرسەم ما ڭىمۇ ماس كەلمەيدىكەن ،بالام سەھرا ھاۋاسىغا كۆنۇپ قاپتىمەن .
-سىلىنى ھەرگىزمۇ زىرىكتۇرۇپ قويمايتۇق،دادا-ياش چوكان يوغان كۆزلىرىنى ئېتىپ سۆزلەۋاتاتتى،-قىشتا ئىككىڭلار مەشكە ئوت ياقىمىز،ياز ،ئەتىيازدا ئېتىزلىقتا ئىشلەيمىز دەپمۇ ئاۋارە بولمايتىڭلار.
-ياخشى كۆڭلۇڭلارغا رەخمەت –پەرىدە قاچا- قۇچىلارنى يىغىشتۇرغاچ گەپ قىستۇردى ،-بىزنىڭ كۆڭلىمىز مۇشۇ يەرنى تارتىپلا تۇرىدۇ ،ئەگەر كۆڭلىمىز شەھەرنى تارتىپ قالسا ،ئكزىمىز كىرىپ بىرەر ھەپتە تۇرۇپ چىكىتەيلى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-ھەببەللى،شۇنداق قىلساق زىخمۇ كۆيمەي كاۋاپمۇ كۆيمەي ھەر ئىككىلى تەرەپكە ياخشىكەن !-قادىر مىيىققىدا كۇلگىنىچە پەرەدەنىڭ پەمىگە كۆڭلىدە قايىل بولدى .
-ئۇنداق بولسا كۆڭلۇڭلار قەيەرنى تارتسا شۇيەردە تۇرۇڭلار،ئۇزۇڭلارغا ئارتۇقچە غەم قىلىۋالماي خۇشال خۇرام ياشاشنىڭ ئامالىنى قىلىڭلار،ھازىر سىلەرنىڭ راھەت كۆرىدىغان مەزگىلىڭلار،-دىدى قەيسەرئامالسىزلىق بىلەن ئايالىغا قاراپ .
-دادا،ئاپا، نىمەڭلار كەم بولسا بىز يەتكۇزۇپ بىرەيلى.ھەرەىز تارتىنما ڭلار ،-دىدىچوكان ئوغلىنىڭ بېشىنى سىيلاپ تۇرۇپ.
-سىلەر بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭلار. بىز ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە يار –يۇلەك بولۇپ ئوبدان ياشايمىز.-دىدى قادىر پەرىدەنەڭ ئاق ئارىلىغىن چېچىنى تاراپ تۇرۇپ.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-چوڭ دادا ياشلىقىڭىزنى ئەسلەپ قېلىۋاتامسىز-نىمە !سىزنىڭ مەندەك چوڭ نەۋرىڭىز بار جىمۇ!قېرىپ قالدىڭىز ھا،ھا،ھا.....
كىچىككىنە بالىنىڭ قېرىلارچە ئېيتقان سۆزلىرى ئۆيدىكى ھەممەيلەننى كۈلدۈرىۋەتتى .دۇنيادىكى خۇشاللىقنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئائىلىگە مۇجەسسەملەنگەندەك ھەممىنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم ،ئىللىق كۇلكە ،چىن سەمىمىي ھىسىيات،قانداق كىشى بۇ ئىككى ئاتا – بالىنىڭ ئىلگىرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى مىللەت ئىكەنلىكىنى دەپ بىرەلىسۇن. مۇشۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلۇدىكى، ھەرمىللەت خەلقى بىر چوڭ ئائىلىدە ئىناق-ئىتىپاق ياشىساق ، خۇشاللىق ،تەرەققىيات شۇ ئائىلىگە مۇجەسسەم بولىدۇ.مىللەتنى خار-زەبۇنلىققا ئۇچىرتىدىغىنى يەنىلا ئايرىمىچىلىق. چوڭلارنىڭ ‹‹ئىتىپاقلىق،خاتىرجەملىك-ئامەت،بۆلگۈنچىلىك،ئايرىمىچىلىق - ئاپەت ›› دېگەن ئەقىليە سۆزلىرى بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان.قەلىپ رىشتىسى ھەر مىللەت خەلقىنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، خۇددى پۇرەكلەپ تۇرغان بىر دەستە گۈگە ئايلاندۇردى. كىشىلەرنىڭ ئۆز –ئارا ياردەملىشىشى، ئىتىپاقلىشىشى شۇ مىللەتنى جۈملىدىن شۇدۆلەتنى يۈكسەك تەرەققىياتلارغا ئىرىشتۈرىدۇ، گۈللەپ ياشنىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ھەر بىر پۇقرانى بەخىتكە، خۇشاللىققا،خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرىدۇ.قايسى بىر مىللەت ئۆز مىللىتىنىڭ خاتىرجەم بولماسلىقىنى تىلەيدۇ ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ مىللەتلەر ئىچىدىن چىققان ‹‹ مىللى مۇناپىق ›› سۈ پىتىدە خەلق ئارىسىدا ئوتتورىغا چىقىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئۆز مىللىتىنىڭ قارغىشىغا، ئۆز مىللىتىنىڭ نارازلىقىغا ئۇچرايدۇ-دە، قىلغان ئىشلىرى ئىلگىرى باسمايدۇ. كونىلارنىڭ: «ئەلقىسەسۇل مىننەلھەق» دېگەن ماقالى بۇنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ؟... ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
<< شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى >> 151 - سانىدىن ئېلىندى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى