ھەقىقىي بايلىق

ۋاقتى:2011-09-30 19:15مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
   كىتابخۇمارلىق كېسىلى ماڭا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ يۇققان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا ئوقۇيدىغان كىتابلار ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى،‹‹نۇرلۇق يۇلتۇز››،‹‹گاۋيۈباۋ››،‹‹ياشلىق ناخشىسى››،‹‹سۇ بويىدا››قاتارلىق يېڭى يېزىقتىكى كىتابلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى.ئاتام ئوقۇتقۇچى،شۇنداقلا كىتابخۇمار بولغاچقا،ئۆيىمىزدىن كىتاب-خۇمار ئايرىلمايتتى.گەرچە ئۇ چاغلاردا ماددىي تۇرمۇشىمىز ئانچە باياشات بولمىسىمۇ،مەنىۋى تۇرمۇشىمىز باي ئىدى،كىتابخۇمارلىق ئادىتىمنى تا ھازىرغىچە ئۆزگەرتەلمىدىم.شۇڭا دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ياكى بىكار چاغلاردا ھەمىشە كىتابخانىلارنى ئايلىنىپ،يىڭى كىتابلار چىقسىلا ئېلىپ تۇرىمەن،شۇ سەۋەبتىن ئۆيۈمنىڭ ھەممە يېرىگە قارىسا كىتاب-ژۇرنال،ئىككى بالاممۇ مېنى دوراپ كىتابخۇمار بولۇپ چىقتى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

گاھى چاغلاردا خوتۇنۇم نارازى بولۇپ:
-سىلى بىر ئۆمۈر كىتابقا تويماي ئۆتۈپ كېتىدىغان ئوخشايلا،نەگە قارىسا كىتاب،يا ئۆينى بېزەيلى دېسەك ئۇنىمايلا،تاپقان پۇللىرىغا كىتاب ئالىلا،قارىسىلا،قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىنى بېزەپ بولدى،بىزنىڭ ئۆيىمىزلا ئۆز پېتى،شۇڭا باشقىلارنى ئۆيگە باشلاشتىنمۇ نومۇس قىلىمەن،ھازىر دېگەن قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل!-دەيتتى.مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىنى ئاڭلىغاندا كۈلۈپ قويۇپ،ئارتۇق بىرنېمە دېمەيتتىم.
بۈگۈن چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا،خوتۇنۇمنىڭ يەنە ئاغزى ئېچىلدى:
-ماڭا قارىسىلا ئاتىسى،ماۋۇ ئۆينى قاچان بېزەيمىز؟بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كەلگىلى بەش يىلدىن ئاشتى،باشتا قانداق بولسا ھازىر شۇ پېتى ! ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەن ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن سەل ھەيران بولۇپ سورىدىم:
-بۈگۈن ئۆي بېزەپ چۈش كۆرۈپ قالدىڭمۇ نېمە؟ئۆزۈڭچە نېمانداق تولۇمدىن توقماق چىققاندەكلا يەنە ئۆي بېزەشنىڭ گېپىنى قىلىپ قالدىڭ؟
خوتۇنۇم تازا بىر ئالىيىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن :
-سىڭلىمنىڭ تويىنى قىلغىلى ئىككى ئايدىن ئاشتى،مەن چوڭ ئاچىسى بولغاندىن كېيىن سىڭلىمنى قېيىنئانىسى ۋە تۇغقانلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆي كۆرسىتىۋالمىسام بولماس،ئۇنداق قىلمىسام سىڭلىمنىڭ قېيىنئانىسى بىلەن ئېرىنىڭ ئالدىدا يۈز-ئابرويى بولماس!
-سىڭلىڭنىڭ ئابرويى بىزنىڭ ئۆي كۆرسىتىشىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا ئۆي كۆرسىتىۋالمامسەن ،داستىخاننى ئوبدان سېلىپ،ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئالساڭ بولىدىغۇ،ئاچاڭ ئۆي كۆرسەتمىدى دەپ سىڭلىڭنى ئېرى يەنە ئەتە-ئۆگۈن ئاناڭنىڭ ئۆيىگە يولغا سېلىپ قويمىسۇن!-دېدىم سەل جۇدۇنۇم تۇتۇپ،-ئۇلار ھەقاچان بىزنىڭ ئۆينىڭ بېزىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى كەلمەس؟

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


-سىلى ئۇنداق دېگەنلىرى بىلەن سىڭلىمنىڭ قېيىنئانىسى كېلىنىمىزنىڭ ئاچىسىنىڭ ئەھۋالى تايىنلىق ئىكەن ،ئۆيىدە كىتاب-ژۇرنالدىن باشقا نەرسە يوق ئىكەن دەپ قالمامدۇ ؟-دېدى.
خوتۇنۇمنىڭ بۇ سۆزلىرى سەل ئوغامنى قايناتتى :
-بىزدە ئۆيىمىزگە كىتاب ئىشكابىنىڭ ئورنىغا ھاراق ئىشكاپىنى ياسىتىپ،كىتاب ئالغان پۇلنىڭ ئورنىغا ھاراق-تاماكا ئېلىپ ئىچىپ،چېكىپ يۈرىدىغانلار بولغاچقا ،بىر نېنىمىز ئىككى بولماي،سۆلەتۋازلىق قىلىپ ئۆتۈۋاتىمىز.نەدىن چىقتى مۇشۇنداق ئۆي كۆرسىتىش دېگەنگە ئوخشاش چاكىنا ئۆرپ-ئادەتلەر ،باشقىلار ئۆيلىرىنى پەنەركە تاختا بىلەن زىننەتلىسە مەن ئۆيۈمنى كىتاب بىلەن زىننەتلەيمەن! قۇدىلىرىڭغا ئۆيىمىز يارىمىغان بولسا ھەشەمەتلىك تېز تاماقخانىدىن بىرىگە ئاپىرىپ شۇ يەردە مېھمان قىل ،ئۆي كۆرسىتىشتىكى مەقسەت__40-50 خوتۇن كىشىنى مېھمان قىلىشقۇ؟-دېدىم زەردە بىلەن.خوتۇنۇم زەردە بىلەن كۆزلىرىنى ئالايتىپ بىر نەرسە دەي دەپ ئاغزىنى گەپكە ئۆمەللىۋېدى، بۇ چاغدا 14 ياشلىق ئوغلۇم ئىرشاتجان گەپكە ئارىلاشتى:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-ئانا،بىز ئۆيىمىزنى زىننەتلىمىگەن بىلەن بىزنىڭ ئۆيىمىزدە كىتاب كۆپ،بىزنىڭ ئۆيىمىزدە بار كىتاب مۇشۇ قورودا كىمنىڭ ئۆيىدە بار؟ زىننەتلەنگەن ئۆينىڭ تام-تورۇسىنى ئوقۇغىلى بولامتى؟-خوتۇنۇم ئوغلۇمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ،كۆزىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ:
-ئوھوش،سەن كىچىك بولغاندىن كېيىن تولا ئاتىكارچىلىق قىلماي ئوقۇشۇڭنى ئوقۇغىنە،سەن نېمىنى بىلەتتىڭ؟-دېدى.
-قارا، ئوغلىمىز كىچىك بولسىمۇ ناۋاتتەك گەپ قىلدى،سېنىڭ ئاشۇ ئوغلىمىزچىلىك ئەقلىڭ يوق ئىكەن.سۆلەتۋازلىق نەگىمۇ بارارسەن؟مەن ئۆيىمىزنى ھەرقانداق ئېسىل بېزىلگەن ئۆيگە تەڭ قىلمايمەن،-دېدىم ھەم ئوغلۇمنى بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ،-يارايسەن ئوغلۇم، ھەقىقىي ئوغۇل بالىدەك گەپ قىلدىڭ! ماددىي گادايلىقتىن مەنىۋى گادايلىق يامان،بىزنىڭ مەنىۋى بايلىقىمىز مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ،بىراق ماددىي بايلىق ئاسانلا تۈگەپ كېتىدۇ.مەن ئۆزۈمنىڭ بايلىقىنى ھەرقانداق مىليونېرنىڭ بايلىقىغا تەڭ قىلمايمەن!-خوتۇنۇم بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ پوكاندەك قىزىرىپ كەتتى ، ئۇ ئوغلۇم ئىككىمىزگە ھومىيىپ قاراپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى... ئىز تورى www.iz.la
مەنبە _ ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • تاماق قۇتىسىدىكى خەت

    ئازغىنە مائاشى بىلەن ماي داغلىرى قاپلىغان ئىش كىيمىنى ھەرقېتىم ئۆزىگە ئۇزاتقاندا ،ئېرىنىڭ چىرايىدىن ئۇيىلىش چىقىپ تۇرغانلىغىنى زېرەك خوتۇنى تۇيۇپ تۇراتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ،ئۇ ئېرىگە قاپلىق تاماق تەييارلىغاندا ،بىر پارچە خەتنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى....

  • بۆرەك سېتىپ توي قىلىش

    مەزكۇر ئەسەر ئاغىنىلەر بىلوگىدىن ئېلىپ كېلىنىگەن بولۇپ،بۇ ھىكايىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشىمدىكى مەقسەت، ھەدىدىن زىيادە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ ئۆزنى مەڭگۈلۈك نابۇت قىلىدىغان قىزلار،ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئەسەردىن ئىبىرەت ئېلىپ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشىن...

  • بىر قەدەم بىر دۇنيا

    ھېكايە ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشقان يىلى ئاران 22 ياشتا بولۇپ ، فاكۇلتېتتىكى ئەڭ ياش لېكتور ئىدىم . ئەينى ۋاقىتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاياغلاشقان بولۇپ ، ئامېرىكا ئىقتىسادىمۇ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىدى . مېنىڭچە ئىنسان ھايات...

  • باشلىقمىكىن دېسەم

    مەن مائارىپ ئىدارىسىدىن بەرگەن ماتېرىياللارنى ئېلىپ خىزمەت ئورنۇمغا قايتىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى كوچىدا ماشىنا كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم،توساتتىن بىر ماشىنا قېشىمىغا كېلىپ توختىدى-دە،شوپۇر كەپنىكىدىن چۈشۈپلا مېنى يۆلەشتۈرۈپ ماشىنىغا چىاقردى.ئاندىن ماشىنىسىنى...

  • مۇدىر،قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى....

    بۇ خەتتىكى ئاتا ئوبرازى قانداقتۇر رېئال دۇنيادىكى بىرلا ئاتا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئاھۇ نىدالىرىنى كەڭ جامائەتكە ئاڭلىتالمايۋاتقان نۇرغۇن ئاتىلارنىڭ ئوبرازى. ئاتىنىڭ يازغان مەزكۇر خېتىدىكى مەكتەپ مۇدىرىمۇ بىرلا مۇدىرنى ك...

  • مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم

    ئانام كېسە كارۋىتىدا ياتاتتى ، مەن بولسام ئانامنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ توردا بىرنىمىلەر بىلەندۇر ھەپىلىشىپ ئولتۇراتتىم . بەزى ۋاقىتلاردا ئانام ئۇخلاپ قالاتتى . بىراق كۆپ قسىم ۋاقىتلاردا دېگۈدەك ئويغاق ئولتۇرات...

  • پاكىز يۇيۇلمىغان كىيم

    بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىدىكى كىچىك بازارغا كۆچۈپ كەلدى . ئىككىنچى كۈنى ئەر-خوتۇن دېرىزە يېنىغا قويۇلغان ئۈستەلدە ناشتىلىق يەۋاتقاندا ، مارى قوشنىسى دېفنو خانىمنىڭ ھويلىسىغا يېيىپ قويغان كىرلىرىگە قاراپ : -دىفنو خانىم كىرنى پاكىز يۇيالم...

  • خىيالپەرەس

    (ھىكايە) ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم بۇ خەق نىمانداق قىلىدۇ دەيمەن،ئاچچىغىمنى كەلتۈرۈپ.ئەمدى بىر تىرىك ئادەم دىگەندە ئانچە-مۇنچە ئارزۇ-ئارمان،ئىستەتك ھەۋەسلەر بولمىسۇنمۇ؟چىرايلىق ئىككى ئېغىز مەدەت سۆزىنىڭ تايىنى يوق كەچكىچىلا ئادەمگە تەنبىھ بىرىپ،قىزغىنلىقىغ...

  • پېرىخون

    (ھىكايە ) ياسىنجان سابىر ئايرىلغىنى ئانچە ئۇزاق بولمىغان، ئاشۇ تۆت ئەتراپى ، چەكسىز قۇملۇق بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن ،تاغ سۇلىرى كەنت ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان يېزامغا ، ئانا يۇرتقا قايتىپ كەلسەم ، بىزنىڭ قەدىم جايدىكى چوڭدادام چوڭئاناملار بىر ئۆمۈر ياشاپ ئۆتكەن...

  • دادا، سىز مېنىڭ ئۈلگەم

    نۇرنىسا ئابدۇرېھىم ھاشىم (دادام ئابدۇرېھىم ھاشىمغا بېغىشلايمەن) مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە قەلبىمگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان كىشلەر دادام بىلەن ئانام. چۈنكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەت...

  • قار ياققان ئاخشام

    ھېكايە ياسىنجان سابىر سىرتتا خېلى قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى. ئادەتتە قار يېغىپ توختاپ بولغۇچە يول يوللارغا چىقىپ قار تازىلايدىغان ئىش بولغاچقا قار ياغسا باشقىلارغا ئوخشاش ئانچە بەك خوش بولۇپ كەتمەيتتىم. ھەر قېتىم قار ياغسا ياتاقتا ئولتۇرۇپ تورداشلىرىم بىلەن...

  • كەلكۈن كەلدى

    1 يېزا باشلىقى تېلىغۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن،پېشانسىدىكى تەر تامچىلىرىنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتكەچ،ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلىدى،شۇتاپتا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھاكىمنىڭ؛(ئېلىشبېشى توسمىسىدىن مەسىلە چىقسا،قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىلسىز)دېگەن ئاۋازى ق...

  • يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى

    سۈن جىڭفېڭ چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى. كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنى...

  • قارچىغا بالىسى (ھېكايە) - ئەختەم ئۆمەر

    ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى...

  • ئىپپەتئاي

    ئاپتورى:سۈزۈك ئاي (چۆچەك) ئىپپەتئايناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام... ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر. - ھېكمەت خاتىرلىرىدىن - بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، يولدىشى...