بىريىلى يازدا قوشنىسنڭ شەھەردىكى تۇقىقنى بۇيەرگە ئوينىغىلى كەلدى.ئۇلارنڭ بۇقىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەندى.
شەھەرلىك بالا ناھايتى تىزلا ئۇلار بىلەن چىقىشىپ كەتىتى ھەمدھ يېزا بالىلرى بىلەن تاغقاچىقىپ سۇغا چۇمۇلدى ،تېرىلىرى كۆيۇپ قارداپ كەتتى ،ئۇناھايتى خۇشالىلققا چۇمگەندى.ئۇ يىزا بالىلردەك قوپال گەپ قىلمايتىتى .بالىلارنىڭ ئويۇنىغا ئارلاشماي ،ئۇلارنىڭ ئويۇنىغا قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرىدىغان ھىلىقى قىز بۇشەھەرلىك بالىنىڭ دىقىقىتىنى تارتىتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تۇتۇۋالغان يىڭناغۇچنى تۇنجى بولۇپ قىزغا تەڭلىگەن قىزنى يۇدۇپ دەريا بويىغا ئاپارغان ،تۇنجى قىتىم ھىكايە ئىتىپ بەرگەن ،پۇتىنىڭ ساقىيدىغانلىغىنى تۇنجى بولۇپ ئىيتقان ئادەم دەل شۇبالا ئىدى .بۇ بالىنىڭ گەپلىرنى ئاڭلاپ قىزنڭ چىرايىدا ئەزەلدىن كۆرلۇپ باقمىغان تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى .چۇنكى ئۇنڭغا بۇنداق سۆزلەرنى قىلغان بۇنداق كۆيۇنگەن تۇنجى ئادەم ،شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ئادەم ئاشۇ شەھەرلىك بالائىدى.
يازمۇ تۇگىدى،شەھەرلىك بالىنىڭ ئۆيدىكىلەر بۇيەردىن كەتمەكچى بولدى.قىز ئۇنى ئۇزاتقىلى بارغاندا،كۆز يىشىنى توختىتالمىدى،ئۇھىلىقى بالىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ «پۇتۇم ساقايغاندىن كىيىن ،سىزگە ياتلىق بولسام بولامدۇ»دىدى.بالا ماقۇللىقىنى بىلدۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 20يىل ئۆتۇپ كەتتى .شەھەرلىك بالا بىرسەبى بالىدىن كېلىشكەن يىگىتكە ئايلاندى.ئۇ بىر قەھۋە خانا ئاچتى ،توي قىلىشا پۇتۇشكەن لايىقىمۇ بار بولدى ،تۇرمۇشى ناھايىتى خاتىرجەم ئىدى .بىر كۇنى يىگىتكە بىر قىزدىن«پۇتۇم ساقايدى مەن سىزنى ئىزدەپ بۇ شەھەرگە كەلدىم »دەپ تىلىفۇن كەلدى .يىگىت بۇقىزنى ھىچ ئويلاپ ئىسىگە ئالالمىدى،ئەمما قىزنى قەھۋاخانىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى.قىز ناھايتى كەم سۆز ئىدى،يىگىت ئۇنڭغا ئارتۇقچە كۆڭۆل بۆلۇپ كەتمىدى.
يىگىنىڭ لايىقى باشقا بىرسىگە ئىغىر ئاياق بولۇپ قالدى ،يىگىت بۇنى بىلىپ قاتىتىق ئاچىقلاندى ،پۇتۇن دەردىنى ھاراقتىن ئىلىپ،كۇن بويى مەسىت يۇرۇدىغان بولىۋالدى،مىجەزىمۇ تەرسالىشىپ باشقىلارنڭ ياخشى كۆڭۆللۇك بىلەن قىلغان نەسھەتىگە قۇلاق سالمىدى .ئۇزۇن ئۆتمەي قاتىتىق ئاغرىپ قالدى،قىز كىچە-كۇندۇز ئۇنڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى ،يىگىت قىزنڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىغىنى بىلمەيتىتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇنداق قىلىپ يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتۇپ كەتىتى .يىگىت بىر نەچچە قىز بىلەن ئارلىشىپ باقتى ،ئەمماھىچقايسىسى كۆڭلىگەياقمىدى.قىزمۇ تەنھا يۇرىۋەردى.بىر كۇنى يىگىت قىزغا «سىز خىلى كىلشكەن قىز،قوغلىشىدىغانلار كۆپ بولغاندىكىن ئوقۇرىڭىزنى ئىگىز قىلىۋالماڭ»دىدى.قىز كۇلۇپلا قويدى.
يىگىت مەنىسز تۇرمۇشتىن زىركىپ چەتئەلگەچىقپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بولدى.پاسپۇرىتنى ئىلىشتىن ئىلگىرى يىگىت قەھۋاخانىنى قىزغا ئۆتكۇزۇپ بەردى ،قىز يىگىتنىڭ تاللىشىغا قارشى چىقمىدى ھەمدە قەھۋاخانىنى ۋاكالتەن باشقۇرۇپ تۇردىغان بولدى .
چەتئەلدىكى جاپالىق كۇنلەر يىگىتنى تىخىمۇ تاۋلىدى،ئۇنىڭ ئىلگىركى ھەسرەتلىرى يوقالدى .شۇچاغدا ئۇ ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاشۇ قىزنىڭلا ئۆزىگەئەڭ ياخشى ھەمرا بولالايدىغانلىغىنى ھىس قىلدى .ئۇ نەگىلا بارمىسۇن ئۇقىزنڭ مېھىر بانلىققا تولغان خىتىنى تاپشۇرۋالاتتى .يىگىت قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ،ھەممە نەرسىنىڭ جايىدا تۇرغانلىقىنى ،قەھۋەخانا تىجارىتىنىڭمۇ شۇنداق ياخشى كىتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ قىزدىن شۇنداق رازى بولدى ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق تەسىرلەندى ئۇ قىزنى ئۈنلۈك توۋلىدى ،ئەمما ھىچقانداق جاۋاپ كەلمىدى .قەھۋەخانىنىڭ ۋاقىتلىق باشقۇرغۇچىسى ئۇنىڭغا قىزنىڭ قاتتىق چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئىغىر كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ ،يىرىم يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىيتتى .ئەسلىدە قىزنىڭ تاپشۇرقى بويىچە ،يىگىتكە بىرەيلەن قىز يىزىپ تەييارلاپ قويغان نەچچە يۇز پارچە خەتنى ئەۋەتىپ قەھۋەخانىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ تۇرغانكەن.ئۇ قىزنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن نەرسىللىرىنى يىگىتكە بەردى.قىزنىڭ نەرسىللىرى ئىچىدە يىڭناغۇچنىڭ ئەۋرىشكىسى ،يەنە بىر ئۈن لىنتىسىمۇ بار ئىدى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇن لىنتىسىغا قىزنىڭ سەكرات ئالدىدا قىلغان سۆزى ئىلىنغاندى .ئۈن لىنتىسىدىن :«مەن ساقايدىم.......
سىزگە............ياتلىق .............بولسام........بولامدۇ؟»دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى .
يىگىت بۇنى ئاڭلاپ ئوكسۈپ -ئوكسۈپ يىغلاپ كەتتى.