قايغۇنىڭ دوستى

ۋاقتى:2011-09-26 13:04مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
      خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئورۇق ، ھەم پاكار ئىكەن . موماي بەللىرىنى ئىگىپ بوشقىنا ئاۋازدا:
   — سەن كىم ؟ — دەپ سوراپتۇ.
   جۇشقۇنلۇقتىن ئەسەرمۇ يوق ، ھارغىنلىقتا گومۇشقىلا ئوخشاپ قالغان يىگىت:
   — مەن... مەن قايغۇ، — دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئارانلا ئاڭلانغۇدەك ھالدا.
   — ھە قايغۇ دېگەن سەن ئىكەنسەن-دە، — دەپتۇ موماي خۇددى كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان دوستىنى كۆرگەندەك . ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
   — مېنى تونۇمسىز ؟ — قايغۇ سەل ھەيران بوپتۇ .
   — ئەلۋەتتە تونۇيمەن. يول بويى ماڭا ھەمرا بولۇپ كەلدىڭ.
   — بىراق، — دەپتۇ قايغۇ بىر ئىشىنىپ ، بىر ئىشەنمەي، — سىز نېمىشقا مەندىن ئايرىلمىدىڭىز؟ ئەجەبا قورقمىدىڭىزمۇ؟
   — قەدىرلىكىم، نېمىشقا سەندىن ئايرىلغۇدەكمەن. سەن ئۆزۈڭنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىسەن، سېنىڭدىن قۇتۇلۇپ كەتمەكچى بولغانلارنى قوغلاپ يۈرىسەن . ئەمما سەندىن سورايدىغىنىم ، سەن نېمىشقا قايغۇرۇپلا يۈرىسەن ؟ — دەپ سوراپتۇ موماي .
   — چۈنكى مېنىڭ ئىسمىم قايغۇ، — قايغۇنىڭ كارنىيى يىرتىلىپ كەتكىلى تاس قاپتۇ . موماي ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   — قېنى ئېيتقىنا، سېنى ئازابلاۋاتقان زادى نېمە؟ — دەپ سوراپتۇ.
   قايغۇ چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كېيىن ، كۆڭلىدە ‹‹ئەجەبا راستىنلا بىرەرسىنىڭ مېنىڭ يۈرەك سۆزۈمنى ئاڭلىغۇسى بار ئوخشايدۇ ›› دەپ ئويلاپتۇ ، ئۇنىڭ بۇنداق پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى كۈتكىلى ئۇزۇن بولغانىكەن.
   — سىز بىلىسىز، — دەپ سۆزىنى باشلاپتۇ قايغۇ ھەم دىلىغۇل ، ھەم ھەيران بولغان ھالدا، — ئەمەلىيەتتە مېنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ ، مانا بۇ مېنىڭ قىسمىتىم بولسا كېرەك . مەن كىشىلەر ئالدىدا شۇنداقلا پەيدا بولسام ئۇلار مەندىن ۋابادىن قاچقاندەك قاچىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   قايغۇ يىغلاپ تۇرۇپ دەردىنى تۆككىلى تۇرۇپتۇ .
   — كىشىلەر مېنى چەتكە قېقىپلا تۇرىدۇ . مەسىلەن ، ‹‹بىلجىرلىما ، مەن ئازراقمۇ قايغۇرمىدىم، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم ۋە شاد-خۇراملىققا تولغان ›› دېيىشىدۇ . ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ساختا كۈلكىسىدە يۈزلىرىمۇ تارتىشىپ كېتىدۇ . يەنە بەزىلەر ‹‹ماختاشلار بىزنى تېخىمۇ غەيرەتلىك قىلىدۇ ›› دېيىشىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئازابلانغانلىقىدىن نەپەس ئېلىشىمۇ تەسكە توختاۋاتقان بولىدۇ . يەنە بەزىلەر ‹‹ئاجىزلارلا كۆز يېشى قىلىدۇ ، مەن كۆز يېشى قىلمايمەن ›› دېيىشىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مېڭىسى چارچاپ ئېتىلىپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ .يەنە بەزىلەر ئىسپىرت ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر بىلەن ئۆزىنى مەست قىلىۋېلىپ ، مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى ھېس قىلماسلىققا ئۇرۇنىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   — شۇنداق، — دەپتۇ موماي ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاپ ، — ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق كىشىلەرنى كۆرگەن.
   قايغۇ تېخىمۇ قايغۇرۇشقا باشلاپتۇ .
   — ئەمەلىيەتتە مېنىڭ كىشىلەرگە ياردەم بەرگۈم كېلىدۇ ، ئۆزىگە توغرا قارايدىغان كىشىلەرگە يېقىنلاشقىنىمدا ئۇلار ئۈچۈن پاناھ جاي تېپىپ بېرىپ ، شۇ يەردە يارىسىنى داۋالىسا دەيمەن .قايغۇرۇپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ تېرىسى نېپىز ھەم يۇمران بولىدۇ ، يارىنىڭ ۋاقتى ئۇزارغانسېرى ئۇ ئاسان پۈتمەي ، ئادەمنى تېخىمۇ نابۇت قىلىدۇ . ئەمما كىممۇ ئۆز-ئۆزىگە توغرا قارىيالايدۇ ؟ كىشىلەر مېنىڭ ياردەم قىلىشىمنى خالىمايدۇ ، ئۇلارنى قەيسەر قىلىشقا ئۇرۇنسام ، ئۇنىڭ ئورنىغا يالغان كۈلكىلىرى بىلەن ئۆز يارىسىنى يۇشۇرۇشىدۇ ياكى تولىمۇ ئېغىر ھەم قېلىن دۇبۇلغا-ساۋۇت كىيىشىۋالىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
   بىر ئاز سۈكۈتتىن كېيىن، قايغۇنىڭ يىغىسى بارغانچە كۈچىيىپ ، ئاخىرى ئەسەبىيلىشىپ كېتىپتۇ.
   موماي ئۇنى باغرىغا باسقىنىچە باش-كۆزلىرىنى سىلاشقا باشلاپتۇ ۋە:
   — يىغلىۋال قايغۇ، پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋال، — دەپتۇ مۇلايىم ھالدا، ئاندىن، — ئازراق ئارام ئېلىۋالغىن ، تازا كۈچ يىغمىساڭ بولمايدۇ . ھازىردىن باشلاپ يالغۇز سەپەر قىلمايسەن ، مانا مەن ساڭا ھەمرا بولىمەن ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك سېنى كونتىرول قىلالمايدۇ، — دەپتۇ.
   قايغۇ يىغىدىن توختاپ يېنىدىكى يېڭى ھەمراھىغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن: copyright by www.iz.la
   — رەھمەت سىزگە، بىراق ئۆزىڭىز كىم؟ — دەپ سوراپتۇ.
   — مەن؟ — موماي چىرايىدىكى كۈلكىنى قىلچە يوشۇرماي، — مېنىڭ ئىسمىم ئۈمىد، قايغۇغا توغرا قارىغان ، ئۈمىدۋار كىشىلەرلا داغدام يولدا تېخىمۇ يىراققا بارالايدۇ، — دەپتۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقتى گېزىتى››دىن تەرجىمە قىلىندى.
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(6)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • تاماق قۇتىسىدىكى خەت

    ئازغىنە مائاشى بىلەن ماي داغلىرى قاپلىغان ئىش كىيمىنى ھەرقېتىم ئۆزىگە ئۇزاتقاندا ،ئېرىنىڭ چىرايىدىن ئۇيىلىش چىقىپ تۇرغانلىغىنى زېرەك خوتۇنى تۇيۇپ تۇراتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ،ئۇ ئېرىگە قاپلىق تاماق تەييارلىغاندا ،بىر پارچە خەتنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى....

  • بۆرەك سېتىپ توي قىلىش

    مەزكۇر ئەسەر ئاغىنىلەر بىلوگىدىن ئېلىپ كېلىنىگەن بولۇپ،بۇ ھىكايىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشىمدىكى مەقسەت، ھەدىدىن زىيادە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ ئۆزنى مەڭگۈلۈك نابۇت قىلىدىغان قىزلار،ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئەسەردىن ئىبىرەت ئېلىپ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشىن...

  • بىر قەدەم بىر دۇنيا

    ھېكايە ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشقان يىلى ئاران 22 ياشتا بولۇپ ، فاكۇلتېتتىكى ئەڭ ياش لېكتور ئىدىم . ئەينى ۋاقىتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاياغلاشقان بولۇپ ، ئامېرىكا ئىقتىسادىمۇ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىدى . مېنىڭچە ئىنسان ھايات...

  • باشلىقمىكىن دېسەم

    مەن مائارىپ ئىدارىسىدىن بەرگەن ماتېرىياللارنى ئېلىپ خىزمەت ئورنۇمغا قايتىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى كوچىدا ماشىنا كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم،توساتتىن بىر ماشىنا قېشىمىغا كېلىپ توختىدى-دە،شوپۇر كەپنىكىدىن چۈشۈپلا مېنى يۆلەشتۈرۈپ ماشىنىغا چىاقردى.ئاندىن ماشىنىسىنى...

  • مۇدىر،قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى....

    بۇ خەتتىكى ئاتا ئوبرازى قانداقتۇر رېئال دۇنيادىكى بىرلا ئاتا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئاھۇ نىدالىرىنى كەڭ جامائەتكە ئاڭلىتالمايۋاتقان نۇرغۇن ئاتىلارنىڭ ئوبرازى. ئاتىنىڭ يازغان مەزكۇر خېتىدىكى مەكتەپ مۇدىرىمۇ بىرلا مۇدىرنى ك...

  • مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم

    ئانام كېسە كارۋىتىدا ياتاتتى ، مەن بولسام ئانامنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ توردا بىرنىمىلەر بىلەندۇر ھەپىلىشىپ ئولتۇراتتىم . بەزى ۋاقىتلاردا ئانام ئۇخلاپ قالاتتى . بىراق كۆپ قسىم ۋاقىتلاردا دېگۈدەك ئويغاق ئولتۇرات...

  • پاكىز يۇيۇلمىغان كىيم

    بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىدىكى كىچىك بازارغا كۆچۈپ كەلدى . ئىككىنچى كۈنى ئەر-خوتۇن دېرىزە يېنىغا قويۇلغان ئۈستەلدە ناشتىلىق يەۋاتقاندا ، مارى قوشنىسى دېفنو خانىمنىڭ ھويلىسىغا يېيىپ قويغان كىرلىرىگە قاراپ : -دىفنو خانىم كىرنى پاكىز يۇيالم...

  • خىيالپەرەس

    (ھىكايە) ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم بۇ خەق نىمانداق قىلىدۇ دەيمەن،ئاچچىغىمنى كەلتۈرۈپ.ئەمدى بىر تىرىك ئادەم دىگەندە ئانچە-مۇنچە ئارزۇ-ئارمان،ئىستەتك ھەۋەسلەر بولمىسۇنمۇ؟چىرايلىق ئىككى ئېغىز مەدەت سۆزىنىڭ تايىنى يوق كەچكىچىلا ئادەمگە تەنبىھ بىرىپ،قىزغىنلىقىغ...

  • پېرىخون

    (ھىكايە ) ياسىنجان سابىر ئايرىلغىنى ئانچە ئۇزاق بولمىغان، ئاشۇ تۆت ئەتراپى ، چەكسىز قۇملۇق بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن ،تاغ سۇلىرى كەنت ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان يېزامغا ، ئانا يۇرتقا قايتىپ كەلسەم ، بىزنىڭ قەدىم جايدىكى چوڭدادام چوڭئاناملار بىر ئۆمۈر ياشاپ ئۆتكەن...

  • دادا، سىز مېنىڭ ئۈلگەم

    نۇرنىسا ئابدۇرېھىم ھاشىم (دادام ئابدۇرېھىم ھاشىمغا بېغىشلايمەن) مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە قەلبىمگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان كىشلەر دادام بىلەن ئانام. چۈنكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەت...

  • قار ياققان ئاخشام

    ھېكايە ياسىنجان سابىر سىرتتا خېلى قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى. ئادەتتە قار يېغىپ توختاپ بولغۇچە يول يوللارغا چىقىپ قار تازىلايدىغان ئىش بولغاچقا قار ياغسا باشقىلارغا ئوخشاش ئانچە بەك خوش بولۇپ كەتمەيتتىم. ھەر قېتىم قار ياغسا ياتاقتا ئولتۇرۇپ تورداشلىرىم بىلەن...

  • كەلكۈن كەلدى

    1 يېزا باشلىقى تېلىغۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن،پېشانسىدىكى تەر تامچىلىرىنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتكەچ،ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلىدى،شۇتاپتا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھاكىمنىڭ؛(ئېلىشبېشى توسمىسىدىن مەسىلە چىقسا،قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىلسىز)دېگەن ئاۋازى ق...

  • يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى

    سۈن جىڭفېڭ چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى. كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنى...

  • قارچىغا بالىسى (ھېكايە) - ئەختەم ئۆمەر

    ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى...

  • ئىپپەتئاي

    ئاپتورى:سۈزۈك ئاي (چۆچەك) ئىپپەتئايناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام... ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر. - ھېكمەت خاتىرلىرىدىن - بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، يولدىشى...