دېرىزىنىڭ يېنىدا

ۋاقتى:2011-09-25 10:17مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
   شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە)
   ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى.
   بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى:
   — ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل...
   ئارىدىن ئون-ئون بەش مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى.
   يەنە شۇ كىتاب، يەنە شۇ شېئىر:
   — ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل...
   قىزچاقنىڭ كۆزلىرى يەنىلا كىتابتىكى ئەشۇ قۇرلارغا تىكىلگەنىدى. يەتتە ياشلىق ئىنىسى ئۇنىڭ يېنىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بولۇپ، قىزچاق ئاستا ئىنىسىدىن سورىدى: ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
   — ۋېيكا، دېرىزىدىن قارىغىنە، سەن نېمىنى كۆردۈڭ، بىلەمسەن؟
   بىر يولۇچى ئاخىرى چىداپ تۇرالمىدى:
   — قىزچاق، ئورنۇڭلارنى ئۆتۈنۈپ بەرسەڭلارچۇ! ئىنىڭىزمۇ خېلى چوڭ ئىكەن، بىردەم ئۆرە تۇرغانغا ھېچنەرسە بولۇپ قالماس.
   قىزچاق ھېچنېمىنى ‹‹ئاڭلىمىدى››، ئۇ يەنە شېئىر ئوقۇشقا باشلىدى:
   — ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل...
   ۋېيكا خىجىل بولۇپ، ھەدىسىنى نوقۇغانىدى، ھەدىسى ئۇنى جىمىلىدى:
   — ئولتۇرىۋەر! خەقنىڭ نېمە دېيىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن!
   — بىلەمسەن ھەدە...
   — ئېغىزىڭنى يۇم!

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


   ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئاللىقاچان كەچلىك تاماق ۋاقتى بولغانىدى. ئاپىسى ۋېيكانى تاماققا چاقىرغانىدى، ئۇ ھېچنېمىنى ئاڭلىمغاندەك، دېرىزە سىرتىغا قاراپ تۇرىۋەردى.
   — ۋېيكا! سېنى قانچە قېتىم چاقىردىم؟
   ۋېيكا چوڭقۇر خىيال ئىچىدە كۆزلىرىنى دېرىزە سىرتىغا تىككەنىدى.
   — ۋېيكا!
   — ئاغزىڭنى يۇم، ئاپا!
   — ۋېيكا! سەن نېمىشقا ماڭا مۇنداق گەپ قىلىسەن؟
   دادىسى قايتىپ كەلدى. ئاپىسى ئوغلىنىڭ بايىقى قىلىقلىرى توغرىسىدا خېلى قاينىدى:
   — مۇنداق قوپال گەپ قىلىشنى ئۇ كىمدىنمۇ ئۆگىنىۋالغاندۇ؟

ئىز تورى www.iz.la


   — سىرتتىن ئۆگىنىۋالغاندۇ، — دېدى دادىسى ھەممىنى بىلىدىغاندەك، — ھەممىنى سىرتتىن ئۆگىنىۋالغان گەپ. بىز ئەمدى ۋېيكانىڭ سىرتتا قالايمىقان يۈرۈشىگە، ھەتتا قورۇدىكى بالىلار بىلەن ئارىلىشىشىغىمۇ يول قويماسلىقىمىز كېرەك!
   ئۇلارنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشۈپ، پارىڭىنى ئاخىرلاشتۇردى.
   شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2004–يىلى 9–ئايدا نەشر قىلغان ‹‹دۇنيا ئەدەبىيات–سەنئەت جەۋھەرلىرى . مىكرو ھېكايىلەر›› ناملىق توپلامدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(1)
100%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يوشۇرۇن تۇتقان مۇھەببەت

    گۈزەل سەھرا قوينىدا چوڭ بولغان ئاينۇر ئون بەش ياشلارغا كىرىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بالىلارغا خاس چېھرىدىن سەبىيلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنىچى يىللىقىدا ئوقۇيتتى. مەكتەپتىن بىكار بولغان چاغلىرىدا ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئاتا - ئانىسىن...

  • شۇنداق بىر مۇھەببەت بار

    شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، ئۇ ساقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، ئۇ ئازابلاشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. بىلمىدىم، زادى قانداق مۇھەببەت ئەڭ گۈزەلدۇ؟ ئۆلۈمگىمۇ بوي بەرمەيدىغان مۇھەببەتمۇ؟ ياكى ئاداققى ۋاپادىن يۇغۇرۇلغان مۇھەببەتمۇ؟ ۋە ياكى ق...

  • گۈزەللىك تەبىئىيلىكتە

    بىر راھىپ بىر مەشھۇر ئىبادەتخانىنىڭ باغچىسىغاقارايدىكەن. ئۇ ئۆزىمۇ گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەرگە بەك ئامراق ئىكەن. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدا يەنە بىر كىچىكرەك ئىبادەتخانابولۇپ، بۇ يەردە ياشىنىپ قالغان بىر راھىپ ھەزرەت تۇرىدىكەن. بىر كۈنى مەشھۇر ئىبادەتخانى...

  • تانسىخاندىكى ھىكايە

    ۋۇ شاۋجيەن تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات يۈەن مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم ئېرىنىڭ ياقىسىدا ئۇزۇن چاچ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. يۈەن بۇ چاچنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمدىكى چاچ بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىۋىدى، بۇ چاچلارنىڭ ئىنچىكە- توملۇقى، ئۇزۇن- قىسقىلىقى ئوخشاش...

  • ئاجراشىساق مېنى كۆتۈرگەنچە ئۇزىتىپ قويۇڭ

    توي قىلغان كۈنىمىز مەن ئايالىمنى كۆتۈرگىنىمچە ئۆيگە كىردىم. ئەينى يىللىرى ئۆيىمىز كىچىك قورۇدىكى بىر ئېغىزلىق ئاددىيغىنە ئۆي ئىدى. توي ماشىنىسى ئىشىك ئالدىمىزدا توختىغاندا، ئاغىنىلىرىمنىڭ تەلىپى بويىچە ئايالىمنى كۆتۈرۈپ ، قىقاس-چۇقانلار ئىچىدە ئۆيگە ئېلىپ...

  • ھەقىقىي بايلىق

    كىتابخۇمارلىق كېسىلى ماڭا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ يۇققان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا ئوقۇيدىغان كىتابلار ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى،نۇرلۇق يۇلتۇز،گاۋيۈباۋ،ياشلىق ناخشىسى،سۇ بويىداقاتارلىق يېڭى يېزىقتىكى كىتابلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى.ئاتام ئوقۇت...

  • تۇپرىقىمنىڭ ھىدىلىرى

    دىمىقىمغا ئىللىق بىر پۇراق ئۇرۇلدى، يۈرەكلىرىم ئىختىيارسىز تىپىرلاپ كەتتى، يۇرتۇمنىڭ ھىدى.... يۇرتتىن يېڭى كەلگەن ئىنىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قانغۇچە پۇرىۋالدىم... مەن تۇغۇلۇپ نەپەسلەنگەن، نەپەسلىنىپ چوڭ بولغان، قېنىپ قېنىپ سۈمۈرگەن، شۇنداقلا ھازىر پۈتۈن ئەس ي...

  • كۆڭۈل تۇمانى

    (ھېكايە) تاھىر مولتار( ئالجىرىيە) قايسى بىر رەسسام رەڭدار سۈرەت قەلىمى بىلەن رېئاللىقنىڭ سىزىقلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، رىئاللىققا تۈس ئالالايدۇ ياكى رېئاللىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ پايانسىز خام خىيال دېڭىز ۋە كىمىلىرى توختىمايدىغان دېڭىز قولتۇقى...

  • بىر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى

    بىر قىز پۇتى تازا ياخشى باسمىغاچقا،ئەتىدىن كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،باشقا بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ تۇراتىتى. بىريىلى يازدا قوشنىسنڭ شەھەردىكى تۇقىقنى بۇيەرگە ئوينىغىلى كەلدى.ئۇلارنڭ بۇقىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەندى. شەھەرلىك بالا ناھايتى...

  • قايغۇنىڭ دوستى

    خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئور...

  • دېرىزىنىڭ يېنىدا

    شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە) ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى. بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى: ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل... ئارىدىن...

  • دوختۇر ۋە مۇخبىر

    مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىن...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...