خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلىلجاننىڭ تىرىكچىلىگى پەقەت مۇشۇ ماشىنىغىلا قاراشلىق ئەمەس. ئۇ ئاشۇ ماشىنا بىلەن يەنە بىر نەچچە پىكاپىمۇ نىمكەش ئاپتومبىل بازىرىدا بىرگە تىزىقلىق، يەنە كېلىپ ئىككىسىنى خېلى يۇقىرى پايدىسى بىلىنمۇ سېتىپ بولدى، باشقىلىرىنىمۇ خېلى كۆپ ئادەملەر نەرخىنى ئېتىپ كېلىشەلمەي قايتىپ كەتتى. ئەمما ھېلىقى نەس باسقۇر ئاپتومبىلغىلا بىرەركىممۇ قارىمايتتى. خېلىلمۇ بۇ ئاپتومبىل سېتىلمىغانسېرى ئىچى تىتىلداپ كېتىۋاتاتتى. ئاپتومبېلنى سېتىپ بەرگەن ھېلىقى كىشىنى ئىچىدە مىڭنى قارغايتتى. ئەمما ئامال يوقتە، باھاسىنى ئەرزان دەپ ئاپتومبېلنى ئېلىپ بولدى ئەمدى پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
نېرىقى تەرەپتە سودا تازا قىزىغان ئىدى. نەچچە كىشى تويوتا ماركىلىق ئاپتومبېلنىڭ ئەتراپىدا تازا نەرقىنى ئېتىۋاتاتتى. خېلىل بۇلارغا ئانچە پەرۋا قىلماي، بىر ئامال قىلىپ ئاشۇ بالا تەگكۈرنى سېتىۋېتىشنى ئويلىماقتا ئىدى. شۇ ئەسنادا خېلىل بىلەن بىر قاتاردىكى تونۇشى راخمان ئۇنى ئاپتومبىلىغا قاراپ قويۇشنى تاپىلاپ قويۇپ تاماق يېگىلى كەتتى. راخماننىڭ بۇ بازاردا بىرلا ئاپتومبېلى بار ئىدى، ئۇ بۇ بازاردا سودا قىلىۋاتقىلى خېلى بولغان بولسىمۇ ئەمما سودىغا ھىلە قىلمىغاچقا دەسمايىسى ئاساسەن مۇشۇنداق بىر ئاپتومبېلدىن ئاشمايتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا ئۈمۈدۋار خۇشال ئىدى. ئالغان ئاپتومبېلنى ئىزىغا ساتسىمۇ يەنە كۆڭلىنى توق تۇتۇپ يۈرەتتى. ئەمما خېلىل ئۇنى پۇل تېپىشنى بىلمەيدىغان گالۋاڭ دەپ ئانچە كۆزىگە ئىلمايتتى، پەيتى كېلىپ قالسا تېخى خېلىلنىڭ ئالغان پايدىسىدىن ئانچە-مۇنچە قاساپ قوياتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
راخمان بىلەن خېلىل ئادەتتىمۇ مۇشۇنداق بىر سى تاماققا كەتسە ئاپتومبېللىرىنى يەنە بىرسىگە قارىتىپ قوياتتى. خېلىل خۇشياقمىغان ھالدا "ھە" دەپ قويۇپ ئولتۇرىۋەردى. بىر دەمدىن كېيىن راخماننىڭ ئاپتومبىلىغا بىر خېرىدار كەلدى، خېرىدارغا ئاپتومبېل خېلى يارىغاندەك قىلاتتى. خېرىدار ئاپتومبېلنىڭ باھاسىنى سوراپ، ماتورىنى تىڭشاپ سىناپ باقتى. ماشىنا يامان ئەمەستەك تۇراتتى. خېلىلنىڭ ئۆتكۈر نەزىرى بۇ خېرىدارنىڭ مەيلىنىڭ مۇشۇ ئاپتومبېلغا تارتقانلىغىنى سېزىۋالدى، شۇنىڭ بلەن ئۇ ئۆزىنى مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇرغان ئۆتكۈر تىللىرىنى ئىشقا سېلىپ ئاپتومبېلنى ماختاشقا باشلىدى. ئاخىرى باھامۇ بىر يەردە توختىدى، خېرىدارمۇ رازى بولدى. خېلىل نەخ پۇلنى ساناپ ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاپتومبېلنى ھەيدەپ كېتىشكە تەرەددۇتلىنىۋاتقان خېرىدار بىلەن خوشلاشتى.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئەمدى خېلىل ئاستاغىنە ئاپتومبېل ساتقان پۇلدىن يۈز يۈەننى ئايرىپ باشقا بىر يانچۇقىغا سېلىۋالدى. ئۇ راخماننىڭ چۈشلۈك تاماق يەپ بولۇپ پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ ئاندىن قايتىپ كېلىدىغانلىغىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ خېرىدار بىلەن ئالدىرىماي سودىلىشىپ، پۇلنىمۇ ئالدىرىماي ساناپ، " ئۆشرىسى" نىمۇ خاتېرجەم ئولتۇرۇپ ئايرىغان يەرلىرى ئىدى.
راخمانمۇ قايتىپ كەلدى، ئاپتومبېلنىڭ سېتىلغانلىغىنى كۆرۈپ خۇش بولۇپ خېلىلغا رەھمەت ئېيتتى، تېخى ئۇنىڭ ماشىنىنى سېتىپ قويغىنىغا ئازراق ھەقمۇ بەردى. ئاندىن يەنە بىر ئاپتومبېل سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېتىپ قالدى. تېخى بايىلا راخماننى قويۇپ كۆڭلى ئازراق كۆتۈرۈلۈپ قالغان خېلىلنىڭ چىرايى يەنە تۇتۇلدى. ئاشۇ خېرىدار چىقمىغان ماشىنىغا قارىسىلا ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئۆرلەيتتى." بىر چارىسىنى قىلىش كېرەك" ئۇنىڭ كاللىسىدا ھازىر مۇشۇ بىرلا پىكىر قېپقالغان ئىدى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىر نەچچە كۈن ئـۆتۈپ كەتتى، بىر كۈنى نېمكەش ئاپتومبېل بازىرى ئەمدىلەتتىن قىزىۋاتقان مەزگىل ئىدى. يوغان تەلپەك كەيگەن بىر نەچچە دېھقان چىراي كىشى كېلىپ خېلىلنىڭ ھېلىقى خېرىدارى چىقمىغان ئاپتومبېلىنى كۆرۈشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنىڭ بېشىدىكى قوزا كۆرپىسىدىن تىكىلگەن تەلپەكنىڭ ئېگىزلىگىدىن ئاپتومبېلغا ئۇنى كىيىپ تۇرۇپ چىقالمايتتى. باشقا بىر نەچچە كىشىنىڭ ئۇنىڭغا بىر خىل ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تۇرىشىدىن بۇ يوغان تەلپەكلىكنىڭ بىرەر كەنتنىڭ باشلىغى ئىكەنلىگى چىقىپ تۇراتتى.
ئۇلار بىردەم ماشىنىنى كۆرۈپ، ئوت ئالدۇرۇپ خوتقا سېلىپ بېقىپ دېگەندەك بىر قاتار ئىشلاردىن كېيىن ئاپتومبېل كۆڭلىگە ئەرزىدى بولغاي ئاپتومبېلنىڭ باھاسىنى سۆزلىشىشكە باشلىدى.
_باھانى قانچە دېدىلە؟
_ئۆزلىرى چاغلاپ بىر نېمە دەپ باقماملا، باياتىن بېرى كۆرۈپ باقتىلا ئۆزلىرىمۇ خېلى كۆزى بار ئادەمكەنلا، قېنې بىر باھا قويۇپ باقمامدىلا...
_ئۇنداق دەپ ئولتۇرماي، مانچە پۇل دەپ بىر يەردىن چۈشمەملا قېنى.
_ئۆزلىرى بىر باھانى ئېيتىپ باقماملا، سىلى ئۇياققا تارتىپ مەن بۇياققا تارتىپ كېلىشىپ قالىمىز ئەمەسمۇ.
_مەن سەل ئەرزان سوراپ قويارمەنمىكىن.
_ھە ئالدى بىلەن كۆڭۈللىرىگە توختىغاننى دەپ باقمامدىلا، يا سىلى قويۇپ بېرەرلا يا مەن قويۇپ بېرەرمەن. كەتسە بىر يۇرتلۇق ئۆز ئادەمگە كېتىدۇ ئەمەسمۇ.
_ئۇنداق بولسا 40 مىڭ كوي بولسۇنما؟ _ يوغان تەلپەك باھا قويدى، ئۇنىڭ قويغان باھاسى خېلىلنىڭ ئالغان يېرىدىن يامان ئەمەس ئۈستۈن ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ھاي ئاكا، خېلىلا كەم سوراپ قويدىلا، ئىزىغىمۇ دەسسىيەلمىدى ئەمەسمۇ. _ خېلىل چىرايىغا بىر خىل ئۈمىدسىز ئىپادىسىنى بېرىپ سۆزلەشكە باشلىدى. _باياتىن بېرى ئۆزلىرىمۇ كۆردىلە، كۆرگەنگە چۇشلۇق گەپ قىلىپ باقمامدىلا.
_خېلىلا كەم سوراپ قويدۇمما؟
_كەم بوپ قالدى ئاكا، خېلىلا كەم.
_ئۇنداق بولسا سىلى بىر نېمە دەپ باقمامدىلا؟
_ئاكا ئەمىسە سىلىمۇ ماڭا ئازراق پايدىسىنى بېرىپ، 51 مىڭ كويغا ئېپ كېتەملا؟
_ئۇكاموي، ئۇنداق ئاسمانغا تېپىپ تۇرماي ئادەم يېقىنراق كېلىدىغان بىرەر گەپ قىلمامدىلا.
_ئاكا مەنمۇ باشقىلاردىن ئالغان نېمە تۇرسا بۇ، ئۇنداق ئەرزان سورىماي تۈزۈكرەك بىر نېمە دېمەمدىلا، سىلى دېگەنگە بېرىدىغان بولسام ماڭا زىيان بولمامدۇ...
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
باھا تالىشىش شۇ تەرىقىدە يېرىم سائەتچە داۋاملاشتى. باشتا يوغان تەلپەك يالغۇز تالاشقان بولسا بىر دەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى قوشۇلۇپ بىر خېلىل بىلەن باھا تالاشقىلى تۇردى. خېلىل ئۇلار بىرنى دېسە ئىككىنى دەپ 47 مىڭ يۈەندىن پەقەت چۈشكىلى ئۇنىمىدى، تەلپەكلەرمۇ 46 مىڭ يۈەنگە چىقىپ زادى ئاشقىلى ئۇنىمىدى. ئۇلارنىڭ سودىلاشقىنى ئەتراپتىكىلەرنى يىغىپ بىر توپ كىشى ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ بولدى. ئاخىرىدا تەلپەكلەر كېلىشەلمەي كېتىپ قېلىشتى، خېلىلمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن چاقىرمىدى.
تەلپەكلەر كېتىپ تۇرۇشىغا بىر كىشى خېلىلنىڭ يېڭىنى ئاستا تارتىپ:" ئۇكام، ئاۋۇ ماشىناڭغا مەن بەشيۈز كوي قوشاي، كېلىشىپ قالايلىمۇ؟" دېۋىدى. خېلىل ئۇنىڭغا قاراپ.
www.iz.la
_ئاكا، باياتىن بولۇشقان گەپلەرنى ئاڭلىمىدىلىمۇ، ئاۋۇلار ئەتتىگەندە كەلگەنلەركەن زىينىغا بولسىمۇ دەسلەپ قىلاي دەپ بېرەي دېگەن، ئەمدى سىلى بولسىلىمۇ بىر ئىز پۇلىغا ئېپ كەتسىلە، مەنمۇ دەسلەپ قىلاي. سىلىمۇ رازى بوپ قايتسىلا.
_ھاي~ سەنمۇ ئەمدى ئۇنداق دەپ ئولتۇرماي، مەنمۇ ئاۋۇ يوغان تەلپەكلەرگە ئوخشاش سەندىن ئانداق تۆۋەن سوراپ ئولتۇرمىغاندىن كېيىن سەنمۇ ئۇنداق ئىزى مايەدىتتى ئايەدىتتى دەپ ئولتاماي بېرىۋەتسەڭ بولمامدۇ.
_ھەي ئاكا ... بوپتۇ ئېپكەتسىلە، مەنمۇ دەسلەپ قىلاي، سىلىمۇ قۇرۇق كەتمىسىلە.
_ھە مۇنداق دەپ تۇرمامسەن مانا. ھە ما پۇلنى سانا. ئالە ئەمىسە ئۇكام رازى بول جۇمۇ. ئىز تورى www.iz.la
_ھە رازى ئاكا سىلىمۇ رازى بولسىلا ئەمىسە.
شۇنداق قىلىپ سودىمۇ تۈگىدى، ئاپتومبېلنى ئالغان ئادەممۇ" ھېلىقى سەھرالىقلار شۇنچە تالىشىپ ئالالمىغاننى مەن ئاسانلا ئېلىۋالدىم، بۇ ماشىنا خېلى ئەرزان توختىدى. " دىگەنلەرنى ئويلاپ خۇشال ھالدا كېتىپ قالدى. بىراق ئۇ خېلىلنىڭ ماشىنىسى ئۆزىنىڭ ئالغان باھاسىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن تۆۋەنلىگىنى، ئالدىدا زىيان تارتقاندەك بىر ئىپادە بىلەن تۇرغان بۇ ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى خېلى شۈلۈۋالغانلىغىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغاندى. خېلىل بۇ سودىدا چوڭ پايدا ئالدى. ئەمما خېلىلنىڭ كۆڭلى تېخى تىنجىمىغان ئىدى، چۈنكى بۇ پۇلدىن بىر قىسمىنى ئايرىشى كېرەك...
www.iz.la
_ئوھۇي، ئەتىگەندە ئەجەپ سوداڭ قىزىپ كېتىپتۇغۇ. _يېڭىدىن سېتىۋالغان ئاپتومبېلنى تەكشۈرۈتۈپ ئېلىپ كەلگەن راخمان ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ تەبرىكلىدى. ئۇنىڭ چىرايى يەنىلا بۇرۇنقىدەك خاتىرجەم، خۇشال ئىدى.
_ۋاي نېمىسىنى دەيسەن، ھېلىقى ئامبار قالدۇقىنى ئاخىرى سېتىۋەتتىم دېگىنە.
_شۇنچە پايدىسىغا ساتتىڭ، ئەمدى يەنە نېمىگە چىرايىڭ ئېچىلمايدۇ دەيمەن؟
_ۋاي، ئاز گەپ قىلە، كۆڭلۈم تازا جايىدا ئەمەس.
كەچكە يېقىن خېلىل سالپايغان پېتى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۆيدە بۈگۈن ئۇنىڭغا خېرىدار بولغان ھېلىقى يوغان تەلپەكلىك كىشى ئولتۇراتتى. ئۇلار سالاملاشتى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام تاغا.
_ھە بۈگۈن سوداڭنى ئوبدان يۈرۈشتۈرۈپ بەردىممۇ؟ كېيىن قانچىگە ساتتىڭ؟
_44 مىڭغا ساتتىم.
_ھە بوپتۇغۇ خېلى پايدىسىغا سېتىپسەن. ھە بالام، ئەمدى مېنىڭ ھەققىمنى قايرىۋەتكىنە، خۇپتەنگىچە مەھەللىگە چىقىۋالاي.
_ھە تاغا مەنمۇ شۇنى ئويلاپ ئالدىراپلا كەلگەن ئىدىم. مانا ئەمىسە بۇ سىلىنىڭ ھەقلىرى. رازى بولسىلا.
_ھاي بالام. ئەتتىگەن شۇنچە ۋالاقلاپ بىر پۇلغا ئالغۇچىلىكى يوق بىر نېمەڭنىڭ باھاسىنى بىر مۇنچە ئۆستۈرۈپ بەرسەم ئالدىمغا ئۈچ يۈز كوينى تاشلاپ قويىۋاتىسەنغۇ.
_تاغا ھېلىمۇ سىلىگە شۇنچىلىك بەرگەنگە شۈكرى قىلسىلا. تۆنۆگۈن سىلىگە تېلغون قىلىپ بۈگۈنكى گەپلەرنى ئۆگەتمىگەن بولسام، سىلىمۇ ئۆيلىرىدە سىڭايان ياتاتتىلە. بۇ ئۈچيۈزكويمۇ ئۇ چاغدا يوق. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
_ماڭە ۋاي، ئۇنداق ئادەم مەدىكار بازىرىغا بېرىپ بىكارچىدىن بىرنى ئاچىقساڭ بولمامتى؟ ئاز گەپ قىلىپ مىڭ كوي ئالە، تېز بول مېنى كەچ قويىسەن بىكا.
_تاغا، ئۇنداق دەپ ئولتۇرماي ئېلىڭە-ئېلىڭە ھە، كېلەر قېتىم شۇنداق ئىش بولۇپ قالسا شۇ چاغدا تولۇقلىۋېتەرمىز...
ئۇلار بىر بىرىگە يول قويۇشماي ئەتتىگەن بازاردا سودىلاشقاندا تالاشقاندىنمۇ بەكرەك ئۇزاق تالاشتى. خۇپتەنمۇ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى. شۇنداق تالاش تارتىشلاردىن كېيىن يوغان تەلپەك ئاخىرى ئالتەيۈز كوينى يانچۇقىغا سېلىپ كەچ بولغىنىغا قارىماي قايتىپ كەتتى. خېلىل ئۆيىدە يالغۇز قالدى. ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا تىنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە بۈگۈنكى پايدىنىڭ خۇشاللىقى ئەمەس تاغىسىنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كەتكەن ئالتە يۈز كوي بىلەن ئەتىكى بازاردا يەنە قانداق كاللا ئىشلىتىش توغرىسىدىكى ئىشلار كۆپرەك ئىدى. ئۇ دائىم شۇنداق. كۆڭلى ھېچ قاچان جايىدا تۇرۇپ باققان ئەمەس، بۇندىن كېيىنمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ...