دوختۇر ۋە مۇخبىر

ۋاقتى:2011-09-25 10:12مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
      مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم . باشقىلار مەندىن دائىم : ‹‹قايسى خىل خىزمەت سىزگە ئەڭ مۇھىم ، دوختۇرلۇقمۇ ياكى مۇخبىرلىقمۇ›› دەپ سورايتتى.
   بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى جاۋاب قانداق قىلىپ بۇ خىزمەتنى ئىشلەپ قالغىنىمدا . مەن مىچىگان ئىشتاتىدا چوڭ بولدۇم، ئاتا-ئانام ھىندىستانلىق كۆچمەنلەر بولۇپ، فورد شىركىتىدە خىزمەت قىلاتتى. ئاپام شىركەت ياللىۋالغان تۇنجى ئايال ئىنژېنېر ئىدى، بۇ ئائىلىمىز، ھەتتا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ھىندىستانلىق كۆچمەنلەر ئۈچۈن ئىپتىخارلانغۇدەك ئىش ئىدى. ئاتا-ئانامنىڭ تەسىرىدە، مەن كىچىكىمدىنلا كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرەتتىم، دائىم كۇتۇپخانىغا بېكىنىۋېلىپ تولاراق تارىخ، داڭلىق شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى، فانتازىيەلىك ھېكايە دېگەندەك كىتابلارنى كۆرەتتىم ... قىسقىسى، دۇنياغا قىزىقىش بىلەن قارايتتىم، كىتابلا بۇ قىزىقىشلىرىمغا جاۋاب بېرەلەيتتى. تا ھازىرغىچە بەزى بالىلار مەندىن دوختۇر بولۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى نېمە، دەپ سورايدۇ، مەن ئۇلارغا ‹‹كىتاب ئوقۇش، كىتاب ئوقۇش، يەنىلا كىتاب ئوقۇش›› دەپ جاۋاپ بېرىمەن.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

   ئون نەچچە ياش ۋاقىتلىرىمدا پۈتۈن ھاياتىمغا تەسىر قىلغان بىر ئىش يۈز بەردى. يەنى بوۋام تۇيۇقسىز دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، مېنىڭ بوۋام بىلەن بولغان مېھىر-مۇھەببىتىم بەكمۇ چوڭقۇر ئىدى، ئۇنىڭ ئاغرىپ قېلىشى مېنى گاڭگىرىتىپلا قويدى . مەن تىت-تىت بولغان ھالدا بوۋامنىڭ كارىۋىتى يېنىدا سېسترالارنىڭ كىرىپ- چىقىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇراتتىم، ئۇلار بىردەم بوۋامغا ئېسىپ قويۇلغان ئاپپاراتلارنى تەكشۈرسە، بىردەم ئۇنىڭغا ئاسما ئوكۇل ئۇراتتى، مەن بولسام شۇ مۇلايىم، كۆيۈمچان بوۋاي ئۈچۈن قانداق قىلىپ بېرىشنى بىلمەي بىر چەتتە قاراپ تۇراتتىم. دەل شۇ چاغدا مەن نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى كەسپىگە قىزىقىپ قالدىم. ئۇلار بوۋامنى قانداق ئوپېراتسىيە قىلىش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشەتتى، مەن بولسام ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز گېپىنى چۈشەنمەيتتىم. كېيىن بوۋامنىڭ كېسىلى ياخشى بولۇپ كەتتى، مېنىڭ دوختۇرلۇق ھاياتىم باشلاندى. شۇنداق قىلىپ ئوقۇش نىشانىممۇ ئۆزگەردى، مەن تولاراق ئىلىم-پەنگە، مېدىتسىناغا ئائىت كىتابلارنى كۆرۈپ، مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىتسىنا كەسپىگە ئوقۇشىغا كىردىم. www.iz.la
   ئاپام دائىم: ‹‹ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت قىلىشمۇ بىر خىل دەم ئېلىشتۇر›› دەيتتى. بۇ ئۇنىڭ دەم ئالماقچى بولغىنىڭدا باشقا ئىشلارنى قىلىپ باققىن دېگىنى ئىدى. كىتاب ئوقۇشتىن باشقا مەن يەنە يېزىقچىلىقنىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. دەسلەپ بەزى نامى كىچىك ژۇرنال ۋە گېزىتلەرگە ئۆز ئەسەرلىرىمنى ئەۋەتەتتىم. ئەسەرلىرىم يازغانسېرى كۆپىيىپ، ئەۋەتىدىغان مەتبۇئاتلارنىڭ دەرىجىسىمۇ ئۆسۈشكە باشلىدى. بارا-بارا مەن ئوخشىمىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا باشلىدىم. دوختۇرخانىدا مەن پەقەت بىمارلار بىلەن بىرگە بىر ئۇچرىشاتتىم، ناۋادا تېلېۋىزۇرلاردا چىقسام نۇرغۇن بىمارلارغا يۈزلىنىپ، ئۇلارغا كېسەلدىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەتكەن بولاتتىم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
   بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۇرسەتتە ئايرۇدۇرۇمدا CNN دىكى CEO بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇ تېببىي ئىلىمگە دائىر پىروگرامما ئىشلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
   — كېلىپ سىناپ كۆرەمسىز؟ — دەپ سوراپ قالدى ئۇ.
   — تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى ئىشلەشكىما؟ — دېدىم ۋە مەن بىر دوختۇر، مۇخبىر بولمىسام يا دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
   ئەمما CNN مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغانىدى، بۇ سەھنە نۇرغۇن تېببىي بىلىملەرگە تەشنا بولۇۋاتقانلارغا ياردەم بېرەلەيتتى. مەن CNN نىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە پىروگرامما ئېلىنمىغان چاغلاردا مەن يەنە بىمارلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشۈم، ئوپېراتسىيە قىلىشىم كېرەك. مەن تېببىي ئىلىم پىروگراممىسىنىڭ مۇخبىرى، دوختۇرلارغا خاس تەجرىبەم كەمچىل بولسا بولمايدۇ، دېگەندەك ئۆز شەرتىمنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۇلار پىروگرامما كۈن تەرتىپىگە ھەر ھەپتىسى مېنىڭ ئوپېراتسىيە قىلىشىم ۋە ياش دوختۇرلارغا يېتەكچىلىك قىلىشىمنى كىرگۈزۈپ بەردى. www.iz.la
   مېنىڭچە تېلېكامېرا ئالدىدا تۇرۇش ئوپېراتسىيەگە كىرىشتىنمۇ تەس. مەن دائىم دۇدۇقلاپ قالىمەن ياكى تېلېكامېرا ئورنىغا توغرا قارىيالمايمەن. مۇخبىر بولغان شۇنچە يىللاردىن بۇيان، ‹‹11-سېنتەبىر›› ۋەقەسىدىن تارتىپ ئىراق ئۇرۇش مەيدانلىرىغىچە نۇرغۇن ئازاب–ئوقۇبەتلەرنى كۆردۈم. خەۋەر بېرىش جەريانىدا كۆپ قېتىم قولۇمغا ئوپېراتسىيە پىچىقىنى ئېلىپ يارىلانغانلارنى ئوپېراتسىيە قىلدىم. ھايتىدىكى يەر تەۋرەشنى خەۋەر قىلىۋاتقىنىمدا، دوختۇر تېپىلمىغان جىددىي ئەھۋال ئاستىدا 12 ياشلىق بىر قىزنى ئوپېراتسىيە قىلدىم.
   مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان شۇنچە يىللاردىن بېرى، كۆرۈرمەنلەرگە تېبابەتچىلىك، ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە چېنىقىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەرغىپ قىلاتتىم. بىر قېتىم ئايالىم بىلەن بازار ئايلىنىۋېتىپ، كىشىلەرنىڭ يېقىندا مەن سۆزلەپ ئۆتكەن ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئۆز-ئارا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇش بولدۇم. مانا دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن كېسەللەرنى ساقايتقان بولسام، تېلېۋىزىيە ئېكرانىدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاغرىق-سىلاقلاردىن يىراق تۇرۇشنىڭ چارىسىنى ئۆگەتكەنىدىم. copyright by www.iz.la
خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يوشۇرۇن تۇتقان مۇھەببەت

    گۈزەل سەھرا قوينىدا چوڭ بولغان ئاينۇر ئون بەش ياشلارغا كىرىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بالىلارغا خاس چېھرىدىن سەبىيلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنىچى يىللىقىدا ئوقۇيتتى. مەكتەپتىن بىكار بولغان چاغلىرىدا ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئاتا - ئانىسىن...

  • شۇنداق بىر مۇھەببەت بار

    شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، ئۇ ساقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، ئۇ ئازابلاشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. بىلمىدىم، زادى قانداق مۇھەببەت ئەڭ گۈزەلدۇ؟ ئۆلۈمگىمۇ بوي بەرمەيدىغان مۇھەببەتمۇ؟ ياكى ئاداققى ۋاپادىن يۇغۇرۇلغان مۇھەببەتمۇ؟ ۋە ياكى ق...

  • گۈزەللىك تەبىئىيلىكتە

    بىر راھىپ بىر مەشھۇر ئىبادەتخانىنىڭ باغچىسىغاقارايدىكەن. ئۇ ئۆزىمۇ گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەرگە بەك ئامراق ئىكەن. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدا يەنە بىر كىچىكرەك ئىبادەتخانابولۇپ، بۇ يەردە ياشىنىپ قالغان بىر راھىپ ھەزرەت تۇرىدىكەن. بىر كۈنى مەشھۇر ئىبادەتخانى...

  • تانسىخاندىكى ھىكايە

    ۋۇ شاۋجيەن تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات يۈەن مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم ئېرىنىڭ ياقىسىدا ئۇزۇن چاچ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. يۈەن بۇ چاچنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمدىكى چاچ بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىۋىدى، بۇ چاچلارنىڭ ئىنچىكە- توملۇقى، ئۇزۇن- قىسقىلىقى ئوخشاش...

  • ئاجراشىساق مېنى كۆتۈرگەنچە ئۇزىتىپ قويۇڭ

    توي قىلغان كۈنىمىز مەن ئايالىمنى كۆتۈرگىنىمچە ئۆيگە كىردىم. ئەينى يىللىرى ئۆيىمىز كىچىك قورۇدىكى بىر ئېغىزلىق ئاددىيغىنە ئۆي ئىدى. توي ماشىنىسى ئىشىك ئالدىمىزدا توختىغاندا، ئاغىنىلىرىمنىڭ تەلىپى بويىچە ئايالىمنى كۆتۈرۈپ ، قىقاس-چۇقانلار ئىچىدە ئۆيگە ئېلىپ...

  • ھەقىقىي بايلىق

    كىتابخۇمارلىق كېسىلى ماڭا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ يۇققان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا ئوقۇيدىغان كىتابلار ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى،نۇرلۇق يۇلتۇز،گاۋيۈباۋ،ياشلىق ناخشىسى،سۇ بويىداقاتارلىق يېڭى يېزىقتىكى كىتابلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى.ئاتام ئوقۇت...

  • تۇپرىقىمنىڭ ھىدىلىرى

    دىمىقىمغا ئىللىق بىر پۇراق ئۇرۇلدى، يۈرەكلىرىم ئىختىيارسىز تىپىرلاپ كەتتى، يۇرتۇمنىڭ ھىدى.... يۇرتتىن يېڭى كەلگەن ئىنىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قانغۇچە پۇرىۋالدىم... مەن تۇغۇلۇپ نەپەسلەنگەن، نەپەسلىنىپ چوڭ بولغان، قېنىپ قېنىپ سۈمۈرگەن، شۇنداقلا ھازىر پۈتۈن ئەس ي...

  • كۆڭۈل تۇمانى

    (ھېكايە) تاھىر مولتار( ئالجىرىيە) قايسى بىر رەسسام رەڭدار سۈرەت قەلىمى بىلەن رېئاللىقنىڭ سىزىقلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، رىئاللىققا تۈس ئالالايدۇ ياكى رېئاللىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ پايانسىز خام خىيال دېڭىز ۋە كىمىلىرى توختىمايدىغان دېڭىز قولتۇقى...

  • بىر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى

    بىر قىز پۇتى تازا ياخشى باسمىغاچقا،ئەتىدىن كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،باشقا بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ تۇراتىتى. بىريىلى يازدا قوشنىسنڭ شەھەردىكى تۇقىقنى بۇيەرگە ئوينىغىلى كەلدى.ئۇلارنڭ بۇقىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەندى. شەھەرلىك بالا ناھايتى...

  • قايغۇنىڭ دوستى

    خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئور...

  • دېرىزىنىڭ يېنىدا

    شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە) ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى. بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى: ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل... ئارىدىن...

  • دوختۇر ۋە مۇخبىر

    مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىن...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...