ئىيۇن ئايلىرىنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق بىر كۈنى ئىدى . ئالەم قىپقىزىل چوغقا توشقان تونۇردەك قىزىغانىدى. ئاينۇر ئۆيىدىكى مۇزدەك سۇدىن بىر چەينەك ئېلىپ ئاتا - ئانىسىنڭ يېنىغا ماڭدى. ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ بىر مەھەللىلىك ئەمەتنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە، ئەمەت بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئەمەت يىگىرمە بەش ياشلار چامىسىدىكى بۇغداي ئۆڭ يىگىت ئىدى، قاپقارا بۇرۇت قويۇۋالغانىدى. ئۇ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تېخى كىچىكلا كۆرۈنىدىغان ئاينۇرنىڭ خېلىلا بوي تارتىپ ئىسكەت تۈزەپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى.
–نەگە ماڭدىڭىز ؟ - دېدى ئەمەت ئاينۇرغا يېقىنلىشىپ.
–ئۆيدىكىلەر ئېتىزلىققا كەتكەن، سۇ ئېلىپ ماڭدىم،- دېدى ئاينۇر جاۋاپ بېرىپ.
–ئەكېلىڭ، سۇيىڭىزدىن مەنمۇ ئىچىۋالاي،- ئەمەت چەينەكنى قولىغا ئېلىپ غۇرتىلدىتىپ سۇ ئىچكەچ، ئاينۇرنىڭ تىنىق كۆزلىرى ئىچىگە سىنچىلاپ قارىدى. ئاينۇر خىجىل بولغاندەك ئاستا يەرگە قارىۋالدى.
–ماڭا تېگەمسىز؟- دېدى ئەمەت تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا ئاينۇرنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قاراپ،- بىز توي قىلايلى.
–مەن مەكتەپتە ئوقۇيمەن، توي قىلمايمەن،- دېدى ئاينۇر تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالدىن خىجىل بولۇپ. شۇئان ئۇنىڭ يۈزلىرى ئوت ئالغاندەك كۆيۈشۈپ، ۋىللىدە قىزاردى. كىم بىلسۇن، ئەشۇ قىزىللىق، ئەشۇ ئوت ئەمەتنىڭ يۈرىكىگە شۇررىدە ئېقىپ كىرگەندەك بولدى. ئاينۇر چەينەكنى ئەمەتنىڭ قولىدىن ئېلىپلا ئېتىزلىق تەرەپكە قاراپ ئىتتىك يۈرۈپ كەتتى. ئەمەتنىڭ يۈرىكى، ئارزۇ - ئىستەكلرى، ئەمدىلا بىخلانغان ئوتلۇق مۇھەببىتى ئاينۇر بىلەن بىللە كەتكەندەك ئۇنىڭ قارىسى يىتكىچە قاراپ تورۇپلا قالدى . . . ئىز تورى بەك ياخشى
شۇنىڭدىن باشلاپ ئەمەت ئاينۇرنىڭ ئارقىسىدىن ئىز بېسىپلا يۈردىغان بولۇپ قالدى. ئاينۇر قەيەردە ئۇچرىسىلا ئەمەت ئۇنىڭغا توي قىلىش، بىرگە ئۆتۈش توغرسىدا گەپ قىلاتتى. بىر كۈنى ئۇ ئاينۇرنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ يوقلۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردى. ئەمەت گازىر - پۇرچاق، مىۋە سۈيى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى. ئاينۇر خىجل بولۇپ ئۇ نەرسىلەرگە ئېغىز تەگكۈزمىدى. ئەمەت: «مەن بۇ نەرسىلەرگە زەھەر سېلىپ ئېلىپ كەلمىدىم» دېگەندە ئاينۇر پىسسىڭڭىدە كۈلۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تارتىنىشمۇ يوقىغاندەك بولدى. ئۇلار تاغدىن - باغدىن بىر پەس گەپلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئەمەت چىقىپ كەتتى. لېكىن ئەمەتنىڭ ئاينۇر قەيەرگە بارسا شۇ يەردە پەيدا بولىدىغان ئادىتى ئۆزگەرمىگەنىدى. بۇخىل ئۇچرشىشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئاينۇرنىڭ نازۇك ۋۇجۇدىدىمۇ ئۆزىمۇ چۈشىنىپ بولمايدىغان بىرخىل تۇيغۇ ئويغىنىشقا باشلىغانىدى. ئۇ پات - پات ئەمەتنى ئەسلەپ قالاتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇ ئۆز - ئۆزىدىن خىجىل بولۇپ يۈزلىرى قىزىرىپ كېتەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
چىڭقى چۈش مەزگىلى بولۇپ، ھاۋا ئادەتتىن تاشقىرى قىزىغانىدى. ئاينۇر ئۆينىڭ يېنىدىكى بېدىلىكتە بېدە ئورۇپ ئولتۇراتتى. كۆڭلىدە ئەمەتنى خىيال قىلاتتى. ئۇنىڭ سەبىي خىياللىرى خۇددى ئۆزى ئورۇۋاتقان كۆز ئالدىدىكى ئەشۇ بولۇق بېدىلەردەك چېگىشلىشىپ كەتكەنىدى. تۇيۇقسىز «گۈس - گۈس» دەسسەپ كەلگەن ئاياغ تىۋىشى ئاينۇرنىڭ خىيالىنى ئۈزۈپ قويدى. ئۇ قايرىلىپ يانغا قارىدى، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئەمەت ئۇنىڭ يېنىغىلا كېلىپ بولغانىدى. ئاينۇر ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىپ بولغۇچە ئەمەتنىڭ كۈچلۈك گەۋدىسى ئاينۇرنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى.
ئەمەت ئورىلىپ بولغان بېدە ئېڭىزى ئۈستىدە ئاينۇرنى ئەسەبىيلەرچە سۆيمەكتە ئىدى. ئاينۇرنىڭ يۇمشاق لەۋلىرىدىن تارىغان چوغدەك ھارارەت ئەمەتنىڭ ۋۇجۇدىنى شامدەك ئىرتمەكتە ئىدى. ئاينۇر بولسا ئەمەتنىڭ كۈچلۈك گەۋدىسى ئاستىدا ئاجىز ئىڭراپ تىپىرلايتتى، نازۇك قوللىرىدا ئەمەتنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرگەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنىڭ قارشىلىق قىلىش ياكى ئەركىلەپ نازلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. . .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇ ئىشتىن كېيىن ئەمەت كېچىسى پەقەت ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدى. مۇھەببەتنىڭ تونۇردەك قىزىق تەپتى ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغانىدى. ئۇ تۈن بويى ئاينۇرنىڭ ئۆيى ئەتراپىنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيتتى، ئۆينىڭ كەينىدە، باغنىڭ بۇرجىكىدە تۈنەپ چىقاتتى. ئۇ ئاينۇرنى سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرۈپ قالغاىىدى.
تۇنجى مۇھەببەتنىڭ شېرىن تەمىنى تېتىغان ئاينۇرنىڭمۇ ئۇيقۇسى قاچقانىدى. ئۇمۇ كېچىسى ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى بىلمەي قالاتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيى كارىدورلۇق ئۆي بولۇپ ئاينۇر كارىدورنىڭ چېتىدىكى بىر ئۆيدە كىچىك ئۇكىسى بىلەن بىللە ياتاتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىر كۈنى يېرىم كېچە بولغان چاغ ئىدى، ئاينۇر شېرىن ئۇخلاۋاتاتتى. بىر چاغدا مۇزدەك يالىڭاچ بىر تەن ئۇنىڭ ئىسسىق قوينىغا كىرىپ كەلدى، بۇ ئەمەت ئىدى.
–كىم ؟- دېدى ئاينۇر شېرىن ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئۇيغۇنۇپ .
–جىم،- دېدى ئەمەت ئاينۇرنىڭ ئاغزىنى ئالىقانلىرى بىلەن توسۇۋېلىپ،- بۇ مەن.
–قانداق كىردىڭىز ؟ ئۆيدىكىلەر ئۇقۇپ قالسا . . .
ئەمەت ئاينۇرنىڭ سۆزىگە جاۋاپ بەرمەيلا ئوتلۇق لەۋلىرىگە ئاچكۆزلۈك بىلەن سۆيۈشكە باشلىدى. ئاينۇرمۇ سۆيدى . شۇ تاپتا ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلانغان بۇ بىر جۈپ تەن مۇھەببەت دەرياسىنىڭ شېرىن ئېقىنلىرىغا غەرق بولماقتا ئىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسىېرى قۇيۇقلىشىپ كەتتى. ئەمەت پۇرسەت تاپسىلا يېرىم كېچىدە غىپپىدە ئۆيگە كىرىپ ئاينۇرنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتاتتى، ئۆيگە كىرەلمىگەن كۈنلىرى ئۆي ئەتراپىدا تىمسىقلاپ يۈرۈپ تاڭ ئاتقۇزاتتى. ھەتتا سەھەردە ئاينۇر ھاجەتكە چىققان پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئەمەت مۆكۈپ ياتقان يېرىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئاينۇرنىڭ قولىدىن تۇتقىنىچە باغنىڭ خالىي جايلىرىغا ئېلىپ كەتكەن چاغلارمۇ، ئاينۇرنىڭ دادىسى تاڭ يورۇماستا مەسچىتكە كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆيگە غىپپىدە كىرۋېلىپ ئاينۇرنىڭ مۇھەببەت يالقۇنى يېلىنجاپ تۇرغان چوغدەك قۇينىغا ئۆزىنى ئاتغان چاغلارمۇ بولدى. ئەمما بۇ مۇھەببەت مەستانىلىرى ئىشنىڭ داۋامى قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويۇشمىغانىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئىللق ياز كېتىپ كۈز كەلدى. ئەمەتنىڭ ئاينۇرنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا تىمسىقلاپ يۈرگەنلىكىنى بىر قوشنىسى كۆرۈپ قالدى. ئۇ بۇ ئىشنى ئاينۇرنىڭ ئانىسىغا دەپ قويدى. ئەمەتنىڭ سىرتلاردا ئاينۇرنىڭ ئەتىراپىدا پىرقىراپ يۈرگەنلىكىنى ئانچە - مۇنچە كۆرۈپ قالغان ئانىنىڭ كۆڭلىگە گۇمان چۈشتى. ئۇ ئاينۇرنى ئالدىغا چاقىرىپ تەربىيە قىلدى. ئاينۇر دەسلەپتە دېگىلى ئۇنىمىدى، ئانا قايتا - قايتا كوچىلاپ سورىغاندىن كېيىن بۇ ساددا قىز ئىشنىڭ بارلىق جەريانىنى ئانىسىغا ئاشكارا قىلىۋەتتى. ئانا بۇ ئىشنى ئېرى راخمانغا دېدى. راخمانىنىڭ قورۇق باسقان پېشانسى غەزەپتىن تۈرۈلۈپ، ئاچچىقتىن بوغۇلغان ۋۇجۇدى تىترەپ، چىرايى قارىداپ كەتتى.
–ئەمەت ساڭا مەجبۇرىي باسقۇنچىلىق قىلدىمۇ ياكى ئىختىيار ئىش ئۆتۈلدىمۇ؟- دەپ سورىدى بىر كۈنى راخمان ئاينۇرنى ئالدىغا چاقىرتىپ،- راستىڭنى دە، ئىختىيارىي بولغان بولسا، كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرسىتىمەن، مەجبۇرىي باسقۇنچىلىق قىلىغان بولسا، ئۇنى ئۆزەم بىر تەرەپ قىلىمەن، ساقچىغا مەلۇم قىلسام يۈزۇم چۈشۈپ كېتىدۇ.
دادىسنىڭ غەزەپلىك چىرايىدىن قورقۇپ كەتكەن ئاينۇر شۈمشىيىپ، تىرنىقىنى كوچىلاپ تۈرۋالدى. «چاڭ» قىلىپ تەگكەن تەستەك زەربىسىدىن ئاينۇر كەينىگە ئۇچۇپ چۈشكىلى تاسلا قالدى، سەبىي كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتتى.
–ئە . . . ئەمەت ماڭا مەجبۇرىي باسقۇنچىلىق قىلدى،- دېدى ئاينۇر تەستە زۇۋانغا كېلىپ ئېسەدەپ يىغلاپ تۇرۇپ.
–بۇ ئىشنى خەقلەر بىلىپ قالسا، سېنى كىم ئالىدۇ، سېنى ئىت ، ئېشەك ئورنىدا باقامدىمەن، نەچچە يەرگە قىز سوراپ بېرىپ ھېچكىمنى ئالالمىغان بىر نېمىگە سېنى بېرەمدىمەن؟- دېدى راخمان ئاينۇرنىڭ مارجاندەك ياش تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرگە قۇللرىنى چىنەپ تۇرۇپ. - ئەمەت كەلگەن ھامان ئۇنى ماڭا تۇتۇپ بىرىسەن، بولمىسا سېنى ئۆلتۈرۈۋىتىمەن . . .
شۇنڭىدىن باشلاپ راخمان ئۆينىڭ كارىدۇرىنىڭ ئىشىكىگە ئىلگۈچ ئورنىتىپ قويدى. ئاينۇر ياتار ۋاقىتدا ئىشىكىنى تاقىۋېلىپ ياتىدىغان بولدى. لېكىن ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىدى. ئەمەت كېچىلىرى ئەرۋاھدەك شىپىرلاپ ھويلىغا كىرىپ ئىشىكنى ئاچالمىغاندا، ئاينۇر ياتقان ئۆينىڭ سىرتىقا قارىغان دېرىزىسىنى ئاستا چېكەتتى، ئاينۇرمۇ دەل شۇنى كۈتۈپ ياتقاندەك، دەررۇ بېرىپ ئىشكنى ئېچىپ بېرەتتى. ئۇ ئېھتىيات ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىدىن ھېزى بولۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولدى. ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ئەنە شۇنداق شېرىن ئازاپ، قىينايدىغان خۇشاللىق ئىچىدە بىر خىل رېتىمدا ئۆتمەكتە ئىدى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كېچە. پۈتكۈل تەبىئەت جىمجىت ئۇيقۇغا كەتكەن بولسىمۇ، ئاينۇر تېخى ئۇخلىمىغانىدى . بىر چاغدا كېچىدە چېكىلىش ئادەتكە ئايلانغان دېرىزە يەنە ئۆز قەرەلىدە تىرىقلاپ كەتتى. ئاينۇر ئىتتىك بېرىپ ئىشكنى ئاچتى. ئەمەت ئۆيگە كىردى. بۇ قىسقىلا ۋاقىت ئىچىدە ئاينۇرنىڭ كۆڭلى قانداقتۇر بىر خىل ئەنسىزلىكنى سەزگەندەك بولدى . ئۇ ئەمەتكە «سىز ياتقاچ تۇرۇڭ ، مەن ھاجەتكە چىقىپ كىرەي» دەپ قۇيۇپ سىرتقا چىقتى. ئاينۇرنىڭ يۈرىكى ئەنسىز دۈپۈلدەپ كەتتى. دادىسىنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ چىرىقى يىنىقلىق تۇراتتى. ئاينۇر ئاستا كېلىپ مارىلىغانىدى، دادىسىنىڭ كىيىملىرىنى تېز - تېز كىيىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئاينۇرنىڭ يۈرىكى تېخىمۇ قاتتىق سوقۇپ كەتتى.
شۇئان دادىسىنىڭ: «ئەگەر ئۇنى تۇتۇپ بەرمەيدىغان بولساڭ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن . . .» دەپ ھۆكىرىگەن دەھشەتلىك ئاۋازى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە قايتا جاراڭلىغاندەك بولدى . ئۇنى تىتىرەك باستى. ئۇ بىر دەم ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن ھېچنېمىنى ئويلىمايلا دادىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ «ئەمەت كەلدى» دەۋەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سۆزى پېشكەللىك بومبىسىنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىگەنىدى.
راخمان تۇيدۇرماستىن ھويلىغا چىقىپ قولىغا بىر پالتىنى ئالدى - دە، ئاينۇرنىڭ ياتاق ئۆيىگە باستۇرۇپ كىردى . ھاڭ - تاڭ قالغان ئەمەت نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. راخمان ئۇنىڭغا قۇترىغان شىردەك شىددەت بىلەن ئېتىلدى. ئۇلار بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ، سۆرىشىپ ئۆرە - تۆپە بولۇپ كېتىشتى. بىر - بىرىنى تارتىشىپ يەرگە يىقىلدى. ئەمەت سىرتقا قېچىشقا تەمشىلىۋىدى، ئۆيدىكى دەھشەتلىك گۈلدۈر - غاراسنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كىرگەن ئاينۇرنىڭ ئاكىسى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ قويدى. راخمان ئەمەتنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئېڭىشتۈرۈپ، ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە بىر نەچچىنى تېپىۋەتتى. تاياق زەربىسىدىن سۇغا چۇشكەن مۈشۈكتەك شۈمشىيىپ قالغان ئەمەت جىم تۇرۇپ قالدى. راخمان ئارغامچا بىلەن ئەمەتنىڭ قول - پۇتىنى باغلىۋەتتى، ئۆيدىكى ئىشكاپ ئاستىدىن بىر ئۇزۇن زەنجىرنى ئېلىپ خۇددى ئىت باغلىغاندەك ئەمەتنىڭ بوينىدىن باغلىدى، زەنجىرنىڭ بىر ئۇچىنى ئۆينىڭ سۇپىسى يېنىدىكى مەشنىڭ پۇتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن قېقىپ قويغان قوزۇققا مەھكەم چېگىپ قويدى. راخمان ئۇنىڭ بېقىنلىرىغا زەرب بىلەن بىر نەچچىنى دەسسىۋەتتى، ئەمەت پۈكلىنىپلا قالدى.
راخمان ئېغىر ئەمگەك قىلىپ ھېرىپ كەتكەن كىشىدەك ھاسىراپ بىردەم دېمىنى ئېلىۋالاتتى، بىردەم باشتا تاشلاپ قويغان پالتىنىڭ دەستىسى بىلەن ئەمەتنىڭ پۇتلىرىغا ئۇرۇپ قۇياتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى خۇددى كىچىك بالىنىڭ ئويۇنچۇق ئويناۋېتىپ توساتتىنلا باشقا ئىشقا قىزىقىپ قېلىپ ئويۇنچۇق ئويناشنى تاشلاپ قويغىنىدەك، تۇيۇقسىزلا ئويۇنچۇق ئېسىگە كېلىپ يەنە ئۇنىڭغا بېرىلىپ ئويناپ كەتكىنىدەك بىر خىل ھالەتنى ئەسلىتەتتى.
كېچە بىر چاغ بولغاندا راخمان بىر قۇشنىسىنى چاقىرغىلى چىقىپ كەتتى.
–بىز ئاداش تۇرساق، بىزنىڭ ئۆيگە كىرگۈچە باشقا ئادەمنىڭ ئۆيگە كىرسەڭ بولمامدۇ،- دېدى ئاينۇرنىڭ ئاكىسى پەگادا سۇنايلىنىپ ياتقان ئەمەتكە قاراپ،- بۇرۇن مەھەللىدىكى بالىلار سېنىڭ سڭلىڭنىمۇ بۇزۇۋېتىپتىكەن، مەن سەن بىلەن ئاداش بولغاچقا، يىنىغا بارمىغان، يۈزىمىزنى تۆكتۈڭ، سەنمۇ سازايى بول . . . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاينۇرنىڭ ئاكىسى شۇنداق دېگىنىچە يېنىدىكى كىچىك ھەم ئىتتىك قەلەمتىراچنى ئېلىپ، ئەمەتنىڭ ئوڭ قېشىنىڭ تۈكلىرىنى پاك - پاكىز چۈشۈرۈۋەتتى. بىردەمدىلا ئەمەتنىڭ چىرايى باشقا بىر ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالدى.
–ئا . . . ئاداش، ئۆيدە بەش مىڭ يۈەن پۇلۇم بار، ئەكېلىپ بېرەي، ئۇندىن كېيىن مېنى قانداق قىلساڭلار قىلىڭلار، مەن ئاينۇر ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتسەم رازى.- دېدى ئەمەت ئاينۇرنىڭ ئاكىسىغا قاراپ ئاران - ئاران نەپەس ئېلىپ. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۆپكىسىنى بىر نەرسە قىسقاندەك چىدىغۇسىز ئاغرىپ، نەپەس ئېلىشىمۇ قىيىنلىشىپ كەتكەنىدى.
–سېنىڭ پۇلۇڭنى خەجلىمىسەكمۇ پۇلىمىز بار،- دېدى ئاينۇرنىڭ ئاكىسى ئەمەتنىڭ سۆزىگە رەددىيە بېرىپ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بىردەمدىن كېيىن راخمان بىر قۇشنىسىنى باشلاپ كىرىپ كەلدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپلا دەھشەتلىك ئاغرىق دەستىدىن تۈگۈلۈپ قالغان ئەمەتنىڭ ئوڭ بېقىنىغا ئىككىنى دەسسىۋەتتى. ئەمەت ئېچىنىشلىق ئىڭىرىغىنىچە پۈكلىنىپ قالدى. راخمان باشلاپ كىرگەن كىشى ئەمەتنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرقىغا قاراپ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمىگەندەك، ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ بىردىنلا ئېسىگە كەلگەندەك ئىتتىك كېلىپ راخماننى تۇتۇۋالدى. ئەمەتنىڭ بوينىدىكى زەنجىرنى ئېلىۋەتتى، قوللىرىنى يەشتى. ئۇ راخماننى ئەھۋالنى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلشقا دەۋەت قىلدى. راخمان ئەمەتكە مەجبۇرىي بىر پارچە ئىسپات يازدۇردى. ئەمەت ناھايىتىمۇ تەستە سۇپىنىڭ گىرۋىكىگە يامىشىپ تۇرۇپ «مەن 6 - ئايدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئاينۇر بىلەن ھەپتىدە ئىككى قېتىم مۇناسىۋەت قىلدىم، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈرۈۋەتسە مەن رازى» دەپ كىچىككىنە بىر نەچچە جۈملە خەت يېزىپ بەردى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
يېرىم كېچىدىن ئاشقان چاغ ئىدى. ئاينۇرنىڭ ئاكىسى بىلەن قوشنىسى ئەھۋالنى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىپ كېتىشتى.
ئەمەت سۇپىنىڭ گىرۋىكىگە بېشىنى قۇيغىنىچە ئاجىز ئىڭراپ پەگادا ئۇلتۇراتتى. ئۇنىڭ ھالى تولىمۇ خاراپ ئىدى، ئېغىر - ئېغىر تىناتتى، ئىچ - باغرى خۇددى ئامبۇردا قىسقاندەك ئېچىشاتتى، نەپەس ئېلىشىمۇ بارغانسىرى قىيىنلىشىپ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشماقتا ئىدى. ئۇنىڭ نەپىسى توختاپ قالدىغاندەكلا قىلاتتى. تۇيۇقسىز ئەمەتنىڭ ئېغىرلاشقان بېشى سۇپا گىرۋىكىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ مەيدىسىگە ساڭگىلاپ قالدى. ئۇ جان ئۆزگەنىدى . . .
دېلو ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ج خ ئىدارىسى دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەشنى باشلىۋەتتى. قانۇن دوختۇرى ئەمەتنىڭ جەسىتىنى ئاناتومىيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق: «ئۆلگۈچى سىرتقى بىسسىز كۈچنىڭ ئۇرۇلۇپ بېسىلىشىدىن ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغا قىسمى رەتسىز ئېزىلىپ سۇنۇپ، سۇنغان ئۇرنىدىن ئىچىگە بېسىلىپ ئوڭ قانات ئۆپكىسىنىڭ ئاستىنقى ياپراق ساھەسىنى يىرتىۋەتكەنلىكتىن كۆكرەك بوشلۇقىغا قان يىغىلىپ، نەپەس زەئىپلىشىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن»دەپ يەكۈن چىقاردى. www.iz.la
جىنايەت گۇماندارى راخمان 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قۇيۇلۇپ 11 - ئاينىڭ 21- كۈنى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن قولغا ئېلىندى.
ئوتتۇرا دەرىجلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سوتتا جاۋاپكار راخماننىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈپ ئۆلۈشگە سەۋەپچى بولۇش جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. بىراق، جاۋاپكار راخمان «مەن ئۆزۈمنى مەلۇم قىلدىم، ماڭا بېرىلگەن جازا ئېغىر بولۇپ كەتتى» دېگەن مەزمۇندا ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى 2004 – يىلى 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنى قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت ئۇيۇشتۇرۈپ قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ئەسلىي سوتنىڭ جىنايەت پاكىتىنى بېكىتىشى، جازا ئۆلچىشى توغرا بولغان، جاۋاپكارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنىڭ ئاساسىي يوق، دەپ قاراپ، نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلىي سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلىش توغرسىدا كېسىم چىقاردى.
تۇردى ئەھمەد
قاراقاش ناھىيىلىك تەپىتىش مەھكىمسىدىن