تانسىخاندىكى ھىكايە

ۋاقتى:2011-10-06 12:15مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

ۋۇ شاۋجيەن
تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات www.iz.la

يۈەن مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم ئېرىنىڭ ياقىسىدا ئۇزۇن چاچ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. يۈەن بۇ چاچنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمدىكى چاچ بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىۋىدى، بۇ چاچلارنىڭ ئىنچىكە- توملۇقى، ئۇزۇن- قىسقىلىقى ئوخشاش چىقتى.
شۇنىڭ بىلەن يۈەن ئېرىنىڭ سىرتلاردا ئۇزۇن چاچلىق بىر ئايال بىلەن باردى- كەلدى قىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ مۇشۇلارنى ئويلىسىلا غەزەپتىن ئۆرتىنىپ كېتەتتى.
ھەپتە ئاخىرىدا ئېرى كەچلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ يەنە چىقىپ كەتتى. يۈەنمۇ چاندۇرماي ئېرىنىڭ كەينىدىن تاپ باستۇرۇپلا چىقتى. ئۇ، بۇ قېتىم ئېرىنىڭ كەينىگە چۈشۈپ، ھېلىقى ئۇزۇن چاچلىق ئايالنىڭ زادى كىملىكىنى بىلىپ باقماقچى ئىدى. بىراق، ئۇ كوچىغا چىقىشى بىلەنلا، چاقناپ تۇرغان رەڭگارەڭ چىراغلار ئاستىدىكى مىغ- مىغ ئادەملەر توپى ئارىسىدا ئېرىنىڭ قارىسىنى يىتتۈرۈپ قويدى. ئىز تورى بەك ياخشى
بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپكە كەلگەن يۈەن زادى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى.
ئالدى تەرەپتىكى بىر تانسىخانىدىن كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان دېسكو مۇزىكىسى ياڭرىماقتا ئىدى. تۇيۇقسىز يۈەننىڭ مۇشۇ تانسىخانىغا كىرىپ، دەردىنى  تازا بىر چىقىرىۋالغۇسى كەلدى- دە، ئۇدۇل تانسىخانىغا قاراپ ماڭدى. يۈەن ئالا- يېشىل چىراغلار غۇۋا يورۇتۇپ تۇرغان تانسىخانىغا كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىستاكان لېمون چېيى بۇيرۇتتى. بۇ چاغدا تانسا مۇزىكىسى يېنىك بىر مۇزىكىغا ئالماشقان ئىدى. بىراق، يۈەننىڭ قەلبىنى ئالدىدىكى لېمون چېيىغا ئوخشاش ئاچچىق ھەم ئازابلىق بىې ھېسىيات چۇلغىۋالغانىدى، مەڭزىلىرىگىمۇ مارجاندەك ياشلار سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى. يۈەن سومكسىدىن قولياغلىقىنى ئالاي دەپ تۇرۇشىغا، تۇيۇقسىز بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-خېنىم، كۆڭلىڭىز تازا جايىدا ئەمەس ئوخشايدۇ، لېكىن بەزى ئىشلار ئۈچۈن بىھۇدە ياش تۆكۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ياش ھەم كېلىشكەن بۇ يىگىت، ئۇنىڭغا پاكىز قولياغلىقنى  سۇنۇپ تۇراتتى.
يۈەن سەل ئارىسالدى بۇلۇپراق قولياغلىقنى ئالدى ۋە ياشلىرىنى سۈرتتى، ئاندىن ھېلىقى يىگىتكە سەپسېلىشقا باشلىدى. ئاق پىشماق، كىلىشكەن، تالىپ چىراي بۇ يىگىت تاقىۋالغان كۆزەينىكى بىلەن كىشىگە بىر قاراشتىلا ياخشى تەسىر بېرەتتى. يۈەندە ئىختىيارسىز بىر يىگىتكە نىسبەتەن بىر خىل ياخشى تەسىرات پەيدا بولدى، يىگىت ئۇنى تانسىغا تاتىۋىدى، ئۇ تارتىشمايلا ئورنىدىن تۇردى. ئۇ نەچچە يىلدىن بېرى تانسىخانىغا قەدەم بېسىپ باقمىغاچقا، پۇت- قوللىرى كالۋالىشىپ، تانسىنى تۈزۈك ئوينىيالمىدى. يىگىت ئۇنىڭ ئۆزىگە تازا ماسلىشالمايۋاتقىنىنى كۆرۈپ، مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا غىڭشىغاچ ئۇنى ئاستا ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. بۇ چاغدا يۈەننىڭ يىگىتكە بولغان ياخشى تەسىراتى بىراقلا ھاياجانلىنىشقا باشلىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-خېنىم، قارىغاندا سىز مەندىن چوڭدەك تۇرىسىز، مەن سىزنى« ئاچا» دەپ چاقىرىۋېرەي. ئاچا، تانسىخانىغا ئۆزىڭىز يالغۇز كەلگىنىڭىزگە قارىغاندا، بىرەر پىشكەلچىلىككە يولۇققان ئوخشايسىز. ئەمەلىيەتتە، تۇرمۇشتا دائىم بەخىتلىك ياشايمەن دېگىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشتا بەزى بىر كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ بۇلۇپ تۇرۇشى تەبىئىي، بىرەر قېتىملىق ئازابنى دەپ كېيىنكى گۈزەل تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزگەننىڭ پايدىسى يوق. ئاچا، قورسىقىڭىزنى كەڭرەك تۇتۇڭ، تۇرمۇشتا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. قارىسام ئۆزىڭىز شۇنچە چىرايلىق ھەم ئەقىللىقكەنسىز، كۆپ سۆزلىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوقكەن....- دېدى يىگىت. ئىز تورى بەك ياخشى
يىگىتنىڭ شېرىن- شېكەر سۆزلىرى ئۇنى قوي مېيىدەك ئېرىتىۋەتتى،« ھازىر بۇنداق ئاق كۆڭۈل، كىشىنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان ئەرلەر ئاز ئۇچىرايدۇ» دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە. شۇنداق قىلىپ ئۇ يىگىتنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مەستانە بۇلۇپ تانسىنى توختىماي ئوينىدى. يۈندە تۇيۇقىسىز يىگىتكە بولغان بىر خىل قىيالماسلىق ھېسىياتى پەيدا بولدى ۋە « تانسا ئاياغلاشقاندا چوقۇم ئۇنىڭ چاقىرغۇسىنىڭ نۇمۇرىنى سورىۋالاي» دەپ ئويلىدى.
بىراق، ئىش ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى.
ئەڭ ئاخىرقى تانسا مۇزىكىسى باشلانغان چاغدا يىگىت ئۇنىڭغا:
-ئاچا، چاي پۇلىنى تۆلىۋەتسىڭىز،- دېدى، بۇنى ئاڭلىغان يۈەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالمىغاندەك ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


-ئاچا، مەن سىزگە بىر ئاخشام ھەمراھ بولدۇم، شۇڭا چاي پۇلى ئالمىز،- دېدى يىگىت قايتىلاپ؛ شۇندىلا يۈەن ئىشنىڭ تىگىگە يەتتى ۋە ئۈمۈدسىزلەنگىنىچە ئاھ ئۇرۇپ قويدى، ئاندىن پورتمالىدىن پۇلنى چىقىرىپ يىگىتكە تەڭلىدى. يىگىت بولسا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتوشكىسىنى تەڭلىگەچ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:
-ئاچا، بۇنىڭدىن كېيىن كۆڭلىڭىز ئارامىدا يوق چاغلاردا، مېنى ئىزدەپ كەلسىڭىز بۇلىدۇ،- دېدى.
يۈەن ئاچچىقىدا تانسىخانىدىن يۈگۈرۈپ دېگۈدەك چىقىپ كەتتى. 
(بۇ ھېكايە ‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى›› نىڭ 2000- يىل 17- ئىيۇندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان)
مەنبە: پاساھەت بلوگى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
66.7%
ناچار
(2)
33.3%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • تاماق قۇتىسىدىكى خەت

    ئازغىنە مائاشى بىلەن ماي داغلىرى قاپلىغان ئىش كىيمىنى ھەرقېتىم ئۆزىگە ئۇزاتقاندا ،ئېرىنىڭ چىرايىدىن ئۇيىلىش چىقىپ تۇرغانلىغىنى زېرەك خوتۇنى تۇيۇپ تۇراتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ،ئۇ ئېرىگە قاپلىق تاماق تەييارلىغاندا ،بىر پارچە خەتنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى....

  • بۆرەك سېتىپ توي قىلىش

    مەزكۇر ئەسەر ئاغىنىلەر بىلوگىدىن ئېلىپ كېلىنىگەن بولۇپ،بۇ ھىكايىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشىمدىكى مەقسەت، ھەدىدىن زىيادە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ ئۆزنى مەڭگۈلۈك نابۇت قىلىدىغان قىزلار،ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئەسەردىن ئىبىرەت ئېلىپ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشىن...

  • بىر قەدەم بىر دۇنيا

    ھېكايە ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشقان يىلى ئاران 22 ياشتا بولۇپ ، فاكۇلتېتتىكى ئەڭ ياش لېكتور ئىدىم . ئەينى ۋاقىتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاياغلاشقان بولۇپ ، ئامېرىكا ئىقتىسادىمۇ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىدى . مېنىڭچە ئىنسان ھايات...

  • باشلىقمىكىن دېسەم

    مەن مائارىپ ئىدارىسىدىن بەرگەن ماتېرىياللارنى ئېلىپ خىزمەت ئورنۇمغا قايتىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى كوچىدا ماشىنا كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم،توساتتىن بىر ماشىنا قېشىمىغا كېلىپ توختىدى-دە،شوپۇر كەپنىكىدىن چۈشۈپلا مېنى يۆلەشتۈرۈپ ماشىنىغا چىاقردى.ئاندىن ماشىنىسىنى...

  • مۇدىر،قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى....

    بۇ خەتتىكى ئاتا ئوبرازى قانداقتۇر رېئال دۇنيادىكى بىرلا ئاتا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئاھۇ نىدالىرىنى كەڭ جامائەتكە ئاڭلىتالمايۋاتقان نۇرغۇن ئاتىلارنىڭ ئوبرازى. ئاتىنىڭ يازغان مەزكۇر خېتىدىكى مەكتەپ مۇدىرىمۇ بىرلا مۇدىرنى ك...

  • مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم

    ئانام كېسە كارۋىتىدا ياتاتتى ، مەن بولسام ئانامنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ توردا بىرنىمىلەر بىلەندۇر ھەپىلىشىپ ئولتۇراتتىم . بەزى ۋاقىتلاردا ئانام ئۇخلاپ قالاتتى . بىراق كۆپ قسىم ۋاقىتلاردا دېگۈدەك ئويغاق ئولتۇرات...

  • پاكىز يۇيۇلمىغان كىيم

    بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىدىكى كىچىك بازارغا كۆچۈپ كەلدى . ئىككىنچى كۈنى ئەر-خوتۇن دېرىزە يېنىغا قويۇلغان ئۈستەلدە ناشتىلىق يەۋاتقاندا ، مارى قوشنىسى دېفنو خانىمنىڭ ھويلىسىغا يېيىپ قويغان كىرلىرىگە قاراپ : -دىفنو خانىم كىرنى پاكىز يۇيالم...

  • خىيالپەرەس

    (ھىكايە) ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم بۇ خەق نىمانداق قىلىدۇ دەيمەن،ئاچچىغىمنى كەلتۈرۈپ.ئەمدى بىر تىرىك ئادەم دىگەندە ئانچە-مۇنچە ئارزۇ-ئارمان،ئىستەتك ھەۋەسلەر بولمىسۇنمۇ؟چىرايلىق ئىككى ئېغىز مەدەت سۆزىنىڭ تايىنى يوق كەچكىچىلا ئادەمگە تەنبىھ بىرىپ،قىزغىنلىقىغ...

  • پېرىخون

    (ھىكايە ) ياسىنجان سابىر ئايرىلغىنى ئانچە ئۇزاق بولمىغان، ئاشۇ تۆت ئەتراپى ، چەكسىز قۇملۇق بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن ،تاغ سۇلىرى كەنت ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان يېزامغا ، ئانا يۇرتقا قايتىپ كەلسەم ، بىزنىڭ قەدىم جايدىكى چوڭدادام چوڭئاناملار بىر ئۆمۈر ياشاپ ئۆتكەن...

  • دادا، سىز مېنىڭ ئۈلگەم

    نۇرنىسا ئابدۇرېھىم ھاشىم (دادام ئابدۇرېھىم ھاشىمغا بېغىشلايمەن) مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ ھازىرغىچە قەلبىمگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغان كىشلەر دادام بىلەن ئانام. چۈنكى ئاتا-ئانا مۇھەببىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئۇلارنىڭ ئاجايىپ ھەيۋەت...

  • قار ياققان ئاخشام

    ھېكايە ياسىنجان سابىر سىرتتا خېلى قاتتىق قار يېغىۋاتاتتى. ئادەتتە قار يېغىپ توختاپ بولغۇچە يول يوللارغا چىقىپ قار تازىلايدىغان ئىش بولغاچقا قار ياغسا باشقىلارغا ئوخشاش ئانچە بەك خوش بولۇپ كەتمەيتتىم. ھەر قېتىم قار ياغسا ياتاقتا ئولتۇرۇپ تورداشلىرىم بىلەن...

  • كەلكۈن كەلدى

    1 يېزا باشلىقى تېلىغۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇۋەتكەندىن كىيىن،پېشانسىدىكى تەر تامچىلىرىنى قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن سۈرتكەچ،ئۆزىنى ئورۇندۇققا تاشلىدى،شۇتاپتا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھاكىمنىڭ؛(ئېلىشبېشى توسمىسىدىن مەسىلە چىقسا،قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىلسىز)دېگەن ئاۋازى ق...

  • يۈتكەن چاقىرىق قەغىزى

    سۈن جىڭفېڭ چاقىرىق قەغىزى تارقىتىلىدىغان كۈنى قىزىتمام ئۆرلەپ يېتىپ قالدىم. دادام ئۇنى ئەكىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمگە كەتتى. كەچ كىرىپ ئايمۇ كۆتۈرۈلدى. دادامنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. مەن تىتىلداشقا باشلىدىم. ئەل ياتقۇ بولغاندا دادام ۋېلىسىپىتىنى مۈرىسىگە يۈدۈگىنى...

  • قارچىغا بالىسى (ھېكايە) - ئەختەم ئۆمەر

    ئاپتور:ئەختەم ئۆمەر قىشتىكى سوغۇق ھەم ساپ ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئالغان نەپەس، شەھەرنىڭ بۇزۇلغان ھاۋاسىدىن زەئىپلەشكەن ئۆپكىنى ئۇيقىدىن ئويغاتقاندەك بولدى؛ روھلار كۆتۈرۈلۈپ قۇشتەك يەڭگىل، سەگەك بىر راھەتلىك ئېقىم تومۇرلاردا ئۇيۇشقا باشلىغان قانلارنى...

  • ئىپپەتئاي

    ئاپتورى:سۈزۈك ئاي (چۆچەك) ئىپپەتئايناملىق ئىسىمدىن كەلگەن ئىلھام... ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئۇرۇنۋالغان ئاياللارلا ئەڭ گۈزەلدۇر. - ھېكمەت خاتىرلىرىدىن - بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىر ئاۋات شەھەر بار ئىكەن. بۇ شەھەردە ئىپپەتخان ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، يولدىشى...