بۇ ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدا يەنە بىر كىچىكرەك ئىبادەتخانابولۇپ، بۇ يەردە ياشىنىپ قالغان بىر راھىپ ھەزرەت تۇرىدىكەن.
بىر كۈنى مەشھۇر ئىبادەتخانىغا ئالاھىدە مېھمانلار كەلمەكچى بوپتۇ. ئىبادەتخانىنىڭ باغچىسىغا قارايدىغان ھېلىقى راھىپ مېھمانلار كەلگۈچە ئىبادەتخانىنىپاكىز تازىلىۋەتمەكچى بولۇپ، باغچىدىكى ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يۇلۇپتۇ، چاتقاللارنى قىرقىپتۇ، باغچىنىڭ ئىچىدىكى غازاڭلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ يىغىپ، ئۇلارنى ئادەم كۆرمەيدىغان خالىيجايغا تۈكىۋېتىپتۇ. ئۇ ئىبادەتخانىنى پاك - پاكىز تازىلىۋەتكەندىن كېيىن، خىزمتىدىنمەمنۇن بولۇپ تۇرىشىغا، كىچىك ئىبادەتخانىدىكى راھىپ ھەزرەت ئىبادەتخانىنىڭ تېمىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا: مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
− ئىبادەتخانىنى ناھايىتىپاكىز تازىلاپسىز، بىراق يەنە بىر نەرسە كەم بولۇپ قاپتۇ، مېنى يۆلەپ تامدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇڭ، ئۇنى كۆرسىتىپ بېرەي، − دەپتۇ.
راھىپ بىر دەم ئىككىلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن، راھىپھەزرەتنى يۆلەپ تامدىن ئۆتكۈزۈپتۇ. راھىپ ھەزرەت باغچىنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن، باغچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ يېنىغا بېرىپ، دەرەخنى لىڭشىتىپ دەرەخنىڭ غازاڭلىرىنىچۈشۈرۈۋېتىپتۇ، ئاندىن:
− ئەمدى بولدى، ئەمدى مېنى يۆلەپ، تامدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇڭ، − دەپتۇ.