ھاراقكەش ئىشەك

ۋاقتى:2011-09-04 12:13مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
   (ھىكايە) ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن
 يالغۇزلۇقتىن ئىچىم پۇشۇپ ، كىتابخانىغا بېرىپ كىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم . ھاۋا شۇنچە ئىسسىق ، قۇياش ئۆتكۈر نۇرلىرىنى يەر يۈزىگە چېچىپ ، جاھاننى بار كۈچى بىلەن ئىسىتماقتا .     بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقىمىكىن ، بازار تۇلىمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ، كوچا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى . سودىگەرلەرنىڭ خېرىدار چاقىرىپ ۋارقىراشلىرى ، كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى .    توساتتىن 25-26ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت كۈزۈمگە چېلىقتى . ئالدىمدىكى بۇ يىگىتكە قاراپ ، ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم . بۇ يىگىتنىڭ چاچلىرى يەلكىسىگە چۈشكەن بۇلۇپ ، چېچىنى قىزىل ، سېرىق ، يېشىل رەڭلەردە بۇيىۋالغان ئىدى . ئۈستىگە تار بىر قىپقىزىل كاستيۇم كىيىۋالغان ، سېرىق -جىگەررەڭ ئالا -بۇلماچ گالاستۈكى تىزىغا يىتىپلا قالغان ئىدى . ئىككى غېرىچ كىلىدىغان ئۇچلۇق ئاياغلىرى ئىسىلزادە خېنىملار يىتىلىۋالىدىغان قاپقارا تۇمشۇقلۇق ئىتلارنى ئەسلىتەتتى . - ياخشىمۇسەن ، يازغۇچى ئەپەندى ، دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ ،سەل ئېسىمنى يىققاندەك بولدۇم . ئۇ يىگىت ماڭا قاراپ ساپسىرىق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجىيىپ تۇراتتى .ئۆز كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، بۇ باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىم مۇقارىپ ئىدى . - ھەئە ،ياخشى ،-دېدىممەن سوغۇققىنا ئاھاڭدا . ئۇنىڭ بۇ چاكىنا سىياقىغا قاراپ ،ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقاتقانلىقىغا نەپرەتلەنگەن ئىدىم . - قانداق ،قوڭالتاق ، ئەھۋالىڭ ياخشى ، خۇتۇن ، بالا -چاقىلىرىڭ سالامەت ، يازغۇچىلىقىڭ ئىقىۋاتامدۇ ؟،-دېدى ئۇ كىنايە تەلەپپۇزدا. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، ئەرۋاھىم قىرىق ئۆرلەپ ، ئۆزەمنى ئارانلا بېسىۋىلىپ ،بېشىمنى لىڭىشتىپ قويدۇم . - ھەئە ،ئۆزەڭنىڭ ئەھۋالى قانداق ؟ ئەجەپ <<پۇزۇر >>ياسىنىۋاپسەن . شۇنىڭغا  قارىغاندا ئەھۋالىڭ يامان ئەمەس ئوخشىمامدۇ ،-دېدىم تەنە ئارلاش . بۇ دوستۇم ئۇيۇن -تاماشىنى تولا ئويناپ بېشى ئايلىنىپ قالدىمۇ ، ئەيتاۋۇر گىپىمنى چۈشەنمىگەن ئىدى . - ئەلۋەتتە . ماڭا مەستلىكىڭ كىلىۋاتىدۇ ھە ئاداش ، بۇنداق ياسىنىش چەتئەلچە ياسىنىش دىيىلىدۇ . بۇ ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە ئەڭ مودا بۇلىۋاتىدۇ ، خالىساڭ سەنمۇ مەندەك ياسانغىن . قىز -چوكانلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتىسەن . بىزدە كونىلاردىن قالغان <<ئۈلۈمدىن باشقا ھەممىسى تاماشا >>دەيدىغان گەپ بارغۇ ! قاچانغىچە مۇنبەرگە ئەسەر يوللاپلا ئۈتىسەن . يا ساڭا پۇل بەرمىسە ئۇ خەق . مەنمۇ بىر چاغلاردا يېزىپ باقاي دەپ قايسىبىر مۇنبەرگە  <<دوڭغاق سۆگەت تۈۋىگە بارماڭ >>دەپ بىر ئەسەر يازسام ، ماۋۇ ئىنكاسچىلار <<بەك ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تىرىشىڭ >>دىگەن بىرمۇنچە قۇرۇق گەپكە تولدۇرۋىتىپتىكەن . ئاچچىقىم نەدىن كەلدى ، قەلەم -پەلەم دىگەنلەرنى تاشلاپلاۋەتتىم . ماڭا قارا ،ماۋۇ ئۇچامدىكى كاستيۇم -بۇرۇلكا ياۋرۇپادا ئەڭ مودا بۇلىۋاتقان <<يالىڭاچ سەتەڭ ماركىلىق كاستيۇم >> ، تېخى ماۋۇ ئىسپانىيەنىڭ <<تۈمۈر تۇمشۇق >>ماركىلىق شىبلىتى ... <<توۋا ! بىزنىڭ ھازىرقى ياشلىرىمىز نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ھە، چەتئەلدىن ئۆگىنىمىز دەپ ئۆزىنى بازارغا سېلىپ ، ئۆزىچە پەخىرلىنىپ يۈرگىنىنى كۆرمەمدىغان ...>> كۆڭلىمدە شۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغىنىمدىن خىجىل بۇلۇپ كەتتىم . - خوش ئاغىينە ، بۈگۈن كىتابخانىغا بېرىپ جەمىيەت كۆزىتىپ ، بىرەر ياخشى تېما تاللاش ئۈچۈن چىققان ئىدىم . كىيىن ۋاقىت بولسا كۈرۈشەرمىز ،-دېدىم ئۇنىڭدىن بىزار بۇلۇپ تېزراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن . - ئالدىراپ نەگە بارىسەن ؟ بىرەر يەرگە بېرىپ ھال -مۇڭ بۇلۇپ ئولتۇرۇپ كەيىپ سۈرۈپ كەلمەيمىزمۇ ، يازىمەن دىسەڭ مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن . بىر چاغدا ئىلھامىم كىلىپ كىلىپ بىر نەرسە يېزىۋىدىم . ساڭا بېرىپلىۋىتەي ، ئانچە -مۇنچە <<خودۇڭ -پودۇڭ >>قىلىپ ئۆزەڭنىڭ نامىدىلا بىرەر مۇنبەرگە يوللىمامسەن ،-شۇنداق دىگىنىچە ئۇ قوللىرىنى كىشىلەر بار يەردە ئاپارغىلى بولمايدىغان بىر يەرگە سۇنۇپ ، بىر قىزىل لاتا بىلەن ئورالغان بىر نەرسىنى ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتى . مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغىنىمدا ،خۇددى خورازدىن ھۈركۈپ كەتكەن مىكيانلاردەك قاقاقلاپ سەت كۈلۈشكىنىچە بىر نەچچە قىزلار يىتىپ كەلدى . ئۇلارنىڭ ئۈتۈپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرگەن مۇقارىپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتقىنىچە <<خوش ئاداش ، كىيىن كۆرىشەرمىز >>دىگىنىچە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كىتىپ قالدى . ئۆزەممۇ بىلمەي جايىمدا تۇرۇپ قاپتىمەن . بايا ئۇ بەرگەن نەرسىنى ئېچىپ ، كۈرۈشكە باشلىدىم . ئىسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە بىر قارا تەخەي بولغان ئىكەن . دادامدىن ئاڭلىسام ئانىسى بۇ تەخەي  تۇغۇلۇپلا ئۈلۈپ كەتكەن ، شۇڭا ئۆيدىكىلەر بۇ تەخەيگە بەك ئامراق ئىدۇق . لىكىن نىمىشقىكىن قارا تەخەي مىنى كۆرسىلا ئارقامدىن قوغلاپ مىنى<< ئۈسۈپ>> -تىپىپ كىتەتتى .ئۆيدىكىلەر يوق بولدىمۇ ، تازا ئۇرۇپ ئاچچىقىمنى چىقىرۋالاتتىم . كىيىن بولسا مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋىلىپ چۇرقۇراشلىرى ، پات -پات ساغرىسىغا ئۇرۇشلىرى قىزىق تۇيۇلدىمۇ ، بارا -بارا مىنى كۆرسە ئويناقشىپ ئالدىمدا يۈگرەيدىغان بولدى . بىر كۈنى مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن قارا تەخەينى يىتىلەپ ،ئۆستەڭ بۇيىغا سۇغا چۈمۈلگىلى باردۇق . تەخەينى بىر مايماق سۆگەتكە باغلاپ قۇيۇپ ئۇيۇننى باشلىۋەتتۇق . بىر چاغلاردا ئۇيۇن تازا ئەۋجىگە چىققاندا بالىلار چۇرقۇرشقىلى تۇردى. نىمە بولدىكىن دەپ شۇنداق قارىمامدىم ، ھەيران بولغىنىمدىن قاتتىق ۋارقىرىۋەتتىم . تەخەي قانداق بوشانغانكىن ، بىز باياتىن بېرى سۇغا سەكرەپ چۈشىۋاتقان كۆۋرۈك بېشىغا بېرىپ ، بىزگە ئوخشاش سەكرەشكە تەمشىلىۋاتقان ئىكەن . - ياق ...ياق...سەكرىمە ! شۇنداق دەپ تۇرىشىم بىلەن تەڭ قارا تەخەي كۆۋرۈكتىن سەكرەپ چۈشمەمدۇ ، قورقۇنچلۇقىمدا كۆزۈمنى يۇمىۋالدىم . - ماۋۇ كارامەتنى كۈرۈڭ . بىزنىڭ تەخەي ئالاھىدە سۇ ئۈزۈش ماھىرى ئىكەن ئەمەسمۇ ! ئۇنىڭ سۇ ئۈستىدە پۇتلىرىنى كىرىپ ، <<غۇلاچلاپ >> ،ھەرخىل ماھارەتلەرنى كۆرسىتىپ سۇ ئۈزۈشلىرى ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى . شۇنىڭدىن كىين بىز ئۇنى قارا تەخەي دەپ چاقىرماستىن <<دىڭىز ئىشىگى >>دەپ چاقىردىغان بۇلۇشتۇق . شۇ يىلى ياز چىققىچە قارا تەخەي بىلەن سۇغا چۈمۈلدۇق .ئۇ تېخى بىر نەچچىمىزگە سۇ ئۈزۈشنىمۇ ئۈگىتىپ قويدى . مەن بالىلىق دەۋرىدىن ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويدۇم . يېشىممۇ چوڭىيىپ 18ياشلارغا بېرىپ قالدىم . قارا تەخەيمۇ چوپچوڭلا ئىشەك بۇلۇپ قالدى . ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ، تۇرۇپ -تۇرۇپ قاتتىق ئاۋازدا ھاڭراشلىرى ئادەمنىڭ بىزارلىقىنى كەلتۈرەتتى . لىكىن ئۇ ھازىرمۇ مەن قەيەرگە بارساملا ،ئارقامدىن ئەگىشۋالاتتى . ئاغىينىلىرىم زاڭلىق قىلىپ : - قارا ..قارا ئاداش ، <<خۇتۇنۇڭ >> ساڭا نىمانچە ئامراق . سەن نەگە بارساڭ شۇ يەرگە ئەگىشلاۋالىدىكەن . ئوبدان كۈيۈنۈپ ھاجىتىدىن چىققىن جۇمۇ ،-دېيىشەتتى .  بىر كۈنى ئاغىينەم يەنە شۇنداق دىمەمدۇ ، جان -جېنىمدىن ئۈتۈپ كەتتى . شۇ ئاچچىقىمدا ئىشەكنى ئۆيگە سولىۋىلىپ تازا ساپتىمەن . بىر ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن ياشلارنى كۈرۈپ ،سەل ئىچىممۇ ئاغرىپ قالدى . شۇنداق بولسىمۇ بىز ئۇزۇن يىللىق قەدىناسلاردىن -دە! شۇنىڭدىن كىيىن بىر يەرگە چىقسام ئۇنى سولاپ قۇيۇپ چىقىدىغان بولدۇم . بىر كۈنى بىرنەچچە ئاغىينىلەر بىلەن تازا ئىچىشىپ ،مەست بۇلۇپ يولدا يېتىپ قاپتىمەن . ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام ئىشەك ئىغىلىدا ياتىمەن . ماۋۇ ماز ئىشەك تىللىرىدا  يۈزلىرىمنى يالاۋاتقان ... باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئىشەك مىنىڭ قايتىپ كەلمىگىنىمنى كۈرۈپ ، بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بۇلۇپتۇ -دە ،مىنى ئىزدەپ چىقىپ كىتىپتۇ . بىر چاغدا ئەسكى -تۈسكى لاي -پاتقاقنىڭ ئارىسىدىن مىنى تېپىپ ،ئۆيگە سۆرىگىنىچە ئېلىپ كەپتۇ .   ئۇ ئىش ئۈتۈپ بىر مەزگىلدىن كىيىن قوشنىمىز زورەم نايناق بىر ئىشەكنى يىتىلىگىنىچە ھويلىمىزغا كىرىپ كەلدى . - مۇقارىپ ، بۇ ئىشەكنى تۈنۈگۈن سېتىۋالغان ئىدىم ، سىلەرنىڭ ئۆيدىكى قارا ئىشەك بىلەن چېتىشتۇرايلىمىكىن دىگەن ... بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، ماۋۇ زورەم نايناقنىڭ ئەركەك ئىشەكنى ئەكىرىپ بىزنىڭ ئىىشەك بىلەن چېتىشتۇرايلى دىگىنىگە ھەيران بۇلۇپ ، چىرايلىقچە رەت قىلاي دەپ ئەمدى ئېغىز ئېچىشىمغا ، قارا ئىشەك ھاڭرىغىنىچە بىردەمدىلا ھېلىقى قوتۇر رەزگى ئىشەك بىلەن ئاپئاق -چاپپاق بۇلۇپ ، بىر -بىرىگە ئېسىلىپلا قاپتۇ . ئۇلارنى تەسلىكتە ئاجرىتىپ ، قارا ئىشەكنىڭ كۆتىگە بىر نەچچىنى تېپىۋەتتىم . قارا ئىشەك ھاڭرىغىنىچە ئەتراپىمدا چۆرگىلەشكە باشلىدى . ئەتىسى ،سەھەردە ئورنىمدىن تۇرۇپ ، قارا ئىشەكنىڭ قېشىغا كىرىپلا ،قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم . ماۋۇ سەتچىلىكنى ئەمدى نىمە دەي ، ھېلىقى قۇتۇر ئىشەك بىلەن قارا ئىشەك ئۇزۇندىن بېرى كۆرىشەلمىگەن ئاشىق -مەشۇقلاردەك بىر -بىرىگە ئېسىلىپ ،سۈركىلىشىپ يېتىپ كىتىپتۇ . شۇ ئىشتىن كىيىن قارا ئىشەكنىڭ ئۇ ئىشەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قاتتىق توستۇم . بىر كەچلىكى ئولتۇرۇشتىن قايتىپ كەلسەم ، قارا ئىشەك ئۆيدە يوق . كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ ، ئىزدىمىگەن جاي قالمىدى . ئۇنى ھېچيەردىن تاپالماي ، جىلە بۇلۇپ ھارغانلىقىمدىن يېتىپ ئەمدىلا ئۇخلاي دەپ ،كۈزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىشى بىلەن ئۆگزىدىن <<دۈپۈر -دۈپۈر >>قىلغان ئاۋازلار ئاڭلاندى . <<ئوغرى >>دىدىممەن كۆڭلىمدە . كالتەكتىن بىرنى كۆتۈرۈپ ، ئاۋايلىغىنىمچە ئىشىك ئارقىسىغا ئۈتىۋىلىپ ،دېرىزىدىن ماراپ تۇردۇم . بىر چاغدا بىر قاپقارا كۆلەڭگە <<گۈپ >>قىلىپ ئۆگزىدىن سەكرىدى -دە ، ئېغىلغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى . ئىشىكتىن چىقىپ شۇنداق قارىمامدىم . - قارا ئىشەك ! شۇ چاغدا بىلدىمكى ، قارا ئىشەك ھېلىقى قۇتۇر ئىشەك بىلەن ئۆگزىگە چىقىۋىلىپ ... بۇ ئىش ئۇزۇنغا ئۆتمەي مەھەللە ئارىسىدا پۇر كەتتى . شۇ سەتچىلىكتىن كىيىن ، مەھەللىدە يۈزىمنى كۆتۈرەلمەي يۈردۈم . ئەل -ئاغىينىلەر بىلەن پات -پات يىغىلىپ ئولتۇرۇش قىلاتتۇق . بىر كۈنى ،بىرنەچچە ئاغىينىلەر مەھەللىمىزنىڭ يۇقىرسىدىكى ھاشىم كىگىزنىڭ قاۋاقخانىسدا ئولتۇرۇپ قالدۇق . سورۇن تازا ئەۋجىگە چىققاندا قارا ئىشەك ھاڭرىغىنىچە يېنىمىزدا پەيدا بولدى . - قاراڭلار ، ئاۋۇ قارا ئىشەكنى ... مۇقارىپقا بەكمۇ سادىق جۇمۇ . مانا مۇشۇ يەرگىچە ئىزدەپ كەپتۇ. - خوش بولساڭ بۇلىدۇ ئاغىينە . بۇ ئىشەك نەچچە يىلدىن بۇيان ساڭا سادىقلىق بىلەن <<خۇتۇن >>بۇلۇپ كەلدى . - ھا...ھا...ھا... ئۇلارنىڭ ماز گەپلىرى يەنە باشلاندى . بىر چاغلاردا ئىچىشۋازلىق تازا قىزىغاندا ،ھاشىم كىگىزنىڭ كاللىسىغا مۇنۇ قارا ئىشەككىمۇ بىر -ئىككى رومكا ئىچۈرۈپ باقمامدۇق ،دىگەن خىيال كىلىپ قالسا بۇلىدۇ . ئەل -ئاغىينىلەر بۇنى ئاڭلاپ دۈپۈرلىشىپ كەلگىنىچە قارا ئىشەكنى تۇتىۋىلىشتى . ھېچ گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ رايىنى ياندۇرالمىدىم ، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ، كۈلكە -چاقچاق ، ھە -ھۇ بىلەن قارا ئىشەككىمۇ بىر نەچچە رومكا <<دولان روھى >> ئىچكۈزۋىتىشتى . قارا ئىشەك ئازراق ئىچىۋىلىپ قىزىپ قالغان چېغى <<يەنە ئىچىمەن >>دىگەندك ھاڭراشقا باشلىدى . ئۈنئالغۇدا چەتئەلنىڭ دىسكۇ مۇزىكىسى قۇيىلىۋاتاتتى . قارا ئىشەك نايناقلاپ ئوتتۇرغا چۈشۈۋىلىپ ، دۇنياغا داڭلىق تولغىما ئۇسسۇل چولپىنى مايكىل جىكسۇننى دوراپ ساغرىلىرىنى تولغاپ ئويناشقا باشلىدى ... سورۇن ئاخىرلىشىپ ئۆيلىرىمىزگە قايتتۇق ، شۇ كىچە قارا ئىشەك توختىماي ھاڭراپ ،ئۇسسۇل ئويناپ چىقسا بۇلىدۇ .   ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام ، قارا ئىشەك ئىشىك ئالدىغا ئازراق قەي قىلىپ شۇ يەردىلا ئۇخلاپ قاپتۇ . شۇ كۈندىن كىيىن قارا ئىشەك تۇيۇقسىز يوقاپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدى . ھەرقېتىم ئۇنى ھېلىقى ھاشىم كىگىزنىڭ قاۋاقخانىسىدىن تاپاتتىم .ھاشىم كىگىزمۇ قىزىق ئادەم ، ئۇنى ھايدىۋەتمەي ھاراق بىرىپ يۈرسە بۇلىدۇ . ئۇنى سۆرەپ ئېلىپ ماڭغىنىمدا <<بىردەم ئىچىۋالايچۇ ! >>دىگەندەك كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ ، تىپىرلاپ يەردە يېتىۋالاتتى . بىر كىچىسى قارا ئىشەك ئادىتى بۇيىچە ئۆيدىن قېچىپ ھاشىم كىگىزنىڭ قاۋاقخانىسىغا بېرىپ ، ئۇيەرنى ئوڭتەي -توڭتەي قىلىپ ، ھاراقلارنى بۇلىشىغىچە ئىچىپ ئۇخلاپ قاپتۇ . شۇ ئىش سەۋەبىدىن 2ئايلىق كىسىلىپ كەتتىم . ساقچىخانىدىن چىقىپ ،تارتقان ئازابلىرىم ئۈچۈن ،قارا ئىشەكنىڭ تازا ئەدىبىنى بەرمەكچى بۇلۇپ ، دەرغەززەپ ھالدا ئۆيگە كەلدىم .  قارا ئىشەك ئېغىلدا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىتقۇدەك دەرىجىدە ھاڭرىغىنىچە پۇشۇلداپ ياتاتتى . - ئۆلسەڭ ئۆل ! خوپ بولدى ،-دېدىممەن ئۇنىڭغا قاراپ . ئۇ مىنى كۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋىدى ، يەنە يىقىلىپ چۈشتى . قارا ئىشەكنىڭ قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغان ئىدى . بۇنى كۈرۈپ باياتىنقى ئاچچىقلىرىممۇ نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى . - بەلكىم ھېلىقى قوتۇر ئىشەكنىڭ ئىشى بولسا كىرەك ،-دەپ ئويلىدىم كۆڭلىمدە . ئىشەكنىڭ بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ ھاڭراشلىرى ئىچىمنى ئىزىۋەتتى ، دەرھال قوشنىلاردىن بىر ھارۋا سوراپ ،قارا ئىشەكنى ھارۋىغا بېسىپ <<چارۋا -ماللار دوختۇرخانىسى>>غا قاراپ يولغا چىقتىم . - مۇنداق دەڭ ، ئىشىكىڭىزنى دەرھال ئوپراتسىيە قىلمىىساق بولمايدۇ ،-دېدى يوغان قوساق دوختۇر ئىشەكنى تەكشۈرۈپلا . -بۇ ..بۇ ...قانداق بولغىنى . ھايۋاننىمۇ ئوپراتسىيە قىلغان بارمۇ ؟ ،-دېدىم ھەيران بۇلۇپ . - قانداق تومپاي ئادەمسىز . ھازىر دىگەن قايسى زامان . ئوپراتسىيە قىلامسىز -قىلمامسىز ؟،-سورىدى دوختۇر ماڭا ئالىيىپ . - بوپتۇ ..مەيلىلا . شۇنداق دەپ ئىشەكنى ئوپراتسىيە بۈلۈمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى . بىر كەمدە دوختۇر ئىشەكنىڭ ئۈلۈگىنى ئېلىپ چىقمامدۇ ...ئۈزەمنى تۇتىۋالالماي ئىشەككە ئېسىلىپ يىغلاپ كىتىپتىمەن . شۇنداق قىلىپ مىنىڭ جان-جىگەر ھايۋىنىم ، ھاراقكەش ئىشكىمىدىن شۇنداقلا ئايرىلىپ قالدىم . ئۇنىڭ يازغانلىرىنى ئۇقۇپ ھېچنىمى چۈشەنمەي تۇرۇپ قالدىم . مىنىڭ كاللام بەك ئاددىيمۇ ياكى ... قېنى سىلەر بىر نىمە دەپ بېقىڭلارچۇ !! 

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


(مەسئۇل تەھرىرلىگۇچى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(14)
56%
ناچار
(11)
44%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • سىنالغان سۆيگۈ

    قۇياش سېخىي نۇرىنى چېچىپ،زېمىننى ئىللىتقان سەھەردە بۇ ئائىلە بىردىنلا ئالدىراش ئىشلەپ كەتتى.چۈنكى بۈگۈن بۇ ئۆيدىكى قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىشى ،ئۆمۈرلۈك بەختى يېڭى بىر ھاياتقا قەدەم بېسىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ قورونىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بۇ كىچىك ھوجرىدا دىل...

  • كۆڭلۈم ئۆيگە قايتىپ كەلدى

    -تېچلىقمۇ؟بۇ ئۇنىڭ ئاۋازى ئىدى.مەن سەككىز يىلىدىن بۇيان ئۇنتۇيالمىغان،مېنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاۋاز ئىدى.ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىزنىڭ يۇرتقا ساياھەتكە كەلگەنلىكىنى،شۇڭا مەن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆتەي دەپ ماڭا تېلىغۇن قىلىغانلىقىنى ئېيىتتى.مەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئا...

  • ئۈچ تال ئالقات

    ئاپتۇرى : چېڭ خەي تەرجىمە قىلغۇچى : رەيھانگۈل ياسىن مەن بىر ئۆسۈملۈكشۇناس . كىشىلەر ماڭا ھەۋەس قىلىدۇ ۋە بالىلىق چاغلىرىمدا قانداق جاپالىق ئۆگىنىش قىلغانلىقىم- تىرىشىپ ئوقۇغانلىرىم ھەققىدە سىرداشقۇسى كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەن بالىلىق چاغلىرىمدا تازا بىر كەپ...

  • نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن

    (ھېكايە) شۈ رېنخې ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى ئەتىگەندە ئىشقا كېلىپ، ئۇسساپ گېلىم قۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ، بۇ ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن ئىختىيارسىزلا ئويغا چۆمدۈم ھەم ئىدارىدىن سالقىنداش پاراۋانلىقىنى بالدۇرراق تارقاتقان بولسا ياخشى بولاركەن-ھە، دېدىم ئىشخا...

  • بۇمۇ ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتمۇ؟....

    كونىلاردا؛(ئەدەپنى ئەدەپسىزدىن ئۆگەن)دەيدىغان ھېكىمەتلىك سۆز بار.ياش دوستلارغا سەلبي دەرىسلىك بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن.مەن ناھىيمىزنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىدىكى مۇنداق ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرەي. ئىمىن يالغۇز ئولۇغ بولۇپ،تولىم...

  • يەشىككە قاچىلانغان مېھر-مۇھەببەت

    مۇيەسسەر خېلىل ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، پوچىتخانىنى كۈندە بولمىسىمۇ ھەپتىدە بىر قېتىم يوقلاپ تۇرۇش ئادىتىمگە ئايلانغان ئىدى. ھەر قېتىم كىرگىنىمىدە ماڭا ئوخشاش خەتخەۋەر سېلىش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرگىلى كىرگەنلەردىن سىرت، ي...

  • تاماق قۇتىسىدىكى خەت

    ئازغىنە مائاشى بىلەن ماي داغلىرى قاپلىغان ئىش كىيمىنى ھەرقېتىم ئۆزىگە ئۇزاتقاندا ،ئېرىنىڭ چىرايىدىن ئۇيىلىش چىقىپ تۇرغانلىغىنى زېرەك خوتۇنى تۇيۇپ تۇراتتى.بىر كۈنى ئەتىگەندە ،ئۇ ئېرىگە قاپلىق تاماق تەييارلىغاندا ،بىر پارچە خەتنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويدى....

  • بۆرەك سېتىپ توي قىلىش

    مەزكۇر ئەسەر ئاغىنىلەر بىلوگىدىن ئېلىپ كېلىنىگەن بولۇپ،بۇ ھىكايىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشىمدىكى مەقسەت، ھەدىدىن زىيادە شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ ئۆزنى مەڭگۈلۈك نابۇت قىلىدىغان قىزلار،ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئەسەردىن ئىبىرەت ئېلىپ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇشىن...

  • بىر قەدەم بىر دۇنيا

    ھېكايە ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشقان يىلى ئاران 22 ياشتا بولۇپ ، فاكۇلتېتتىكى ئەڭ ياش لېكتور ئىدىم . ئەينى ۋاقىتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاياغلاشقان بولۇپ ، ئامېرىكا ئىقتىسادىمۇ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىدى . مېنىڭچە ئىنسان ھايات...

  • باشلىقمىكىن دېسەم

    مەن مائارىپ ئىدارىسىدىن بەرگەن ماتېرىياللارنى ئېلىپ خىزمەت ئورنۇمغا قايتىش ئۈچۈن شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى كوچىدا ماشىنا كۈتۈپ تۇرغان ئىدىم،توساتتىن بىر ماشىنا قېشىمىغا كېلىپ توختىدى-دە،شوپۇر كەپنىكىدىن چۈشۈپلا مېنى يۆلەشتۈرۈپ ماشىنىغا چىاقردى.ئاندىن ماشىنىسىنى...

  • مۇدىر،قىزىم تېخى غۇنچە ئىدى....

    بۇ خەتتىكى ئاتا ئوبرازى قانداقتۇر رېئال دۇنيادىكى بىرلا ئاتا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل قىسمەتكە دۇچ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزىنىڭ ئاھۇ نىدالىرىنى كەڭ جامائەتكە ئاڭلىتالمايۋاتقان نۇرغۇن ئاتىلارنىڭ ئوبرازى. ئاتىنىڭ يازغان مەزكۇر خېتىدىكى مەكتەپ مۇدىرىمۇ بىرلا مۇدىرنى ك...

  • مەن ئانامنىڭ يېنىدا ياتتىم

    ئانام كېسە كارۋىتىدا ياتاتتى ، مەن بولسام ئانامنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ توردا بىرنىمىلەر بىلەندۇر ھەپىلىشىپ ئولتۇراتتىم . بەزى ۋاقىتلاردا ئانام ئۇخلاپ قالاتتى . بىراق كۆپ قسىم ۋاقىتلاردا دېگۈدەك ئويغاق ئولتۇرات...

  • پاكىز يۇيۇلمىغان كىيم

    بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئامېرىكىنىڭ كانزاس ئىشتاتىدىكى كىچىك بازارغا كۆچۈپ كەلدى . ئىككىنچى كۈنى ئەر-خوتۇن دېرىزە يېنىغا قويۇلغان ئۈستەلدە ناشتىلىق يەۋاتقاندا ، مارى قوشنىسى دېفنو خانىمنىڭ ھويلىسىغا يېيىپ قويغان كىرلىرىگە قاراپ : -دىفنو خانىم كىرنى پاكىز يۇيالم...

  • خىيالپەرەس

    (ھىكايە) ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم بۇ خەق نىمانداق قىلىدۇ دەيمەن،ئاچچىغىمنى كەلتۈرۈپ.ئەمدى بىر تىرىك ئادەم دىگەندە ئانچە-مۇنچە ئارزۇ-ئارمان،ئىستەتك ھەۋەسلەر بولمىسۇنمۇ؟چىرايلىق ئىككى ئېغىز مەدەت سۆزىنىڭ تايىنى يوق كەچكىچىلا ئادەمگە تەنبىھ بىرىپ،قىزغىنلىقىغ...

  • پېرىخون

    (ھىكايە ) ياسىنجان سابىر ئايرىلغىنى ئانچە ئۇزاق بولمىغان، ئاشۇ تۆت ئەتراپى ، چەكسىز قۇملۇق بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن ،تاغ سۇلىرى كەنت ئىچىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان يېزامغا ، ئانا يۇرتقا قايتىپ كەلسەم ، بىزنىڭ قەدىم جايدىكى چوڭدادام چوڭئاناملار بىر ئۆمۈر ياشاپ ئۆتكەن...