ئۇجۇققان غەرەز

ۋاقتى:2011-09-09 12:13مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
   -ھوي كېۋىر،بارمۇسەن؟بۈگۈن سېنى ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ كەلدىم،قانداق،بالىچاقلىرىڭ ئامان،ئىشلىرىڭ دەريادەك راۋاندۇ؟-رەسۇل ھاكىم (سانتانا)ماركىلىق پىكاپتىن چۈشۈپلا ئالدىمغاا كەلدى ۋە مېنىڭ جاۋابەن ھال-ئەھۋال سورىشىمنى كۈتمەستىنلا،ئۆزى بىرگە ئېلىپ كەلگەن ھەقەمسايىلىرىگە مېنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى،-مانا بۇ كىشى مېنىڭ پارتىداش ساۋاقدىشىم،دوستۇم بولىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن مەن 10يىل بىرگە ئوقۇغان.ئەينى چاغدا بۇ دوستۇم كېسەل بولۇپ قېلىپ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىغا قاتنىشالمىغان،ھازىر بولسا ناھىيىمىز بويىچە ئالدىن بېيىغان مەرىپەرۋەر دېھقانلارنىڭ تىپىك ئۈلگىسى!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇلارنى ئۆيگە باشلاپ.داستىخاننى كەڭرى سالدىم.ھاكىم باشلىق مېھىمانالر ھەر خىل نېمەتلەرنى ئىشتىھا بىلەن يېيىشكە باشلىدى.مەن ئارىلاپ چاي قۇيغاچ، سەمرىپ قورساق سالغان بۇ ساۋاقدىشىمغا قارىغانچە ئويلىنىپ قالدىم.(رەسۇلىنىڭ ئەمىلى ئۆسۈپتۇ)دەپ ئاڭلىغىنىمغا خېلى يىللار بولۇپ قالدى،ئەمدىلىكتە ئۇ ناھىيمىزنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى،مۇشۇ ئارىلقتا دادام ئالەمدىن ئۆتتى.
تەبئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن نۇرغۇن زىيان تارتتىم،بېشىمغا نى ئېغىر كۈنلەر كەلدى.بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۇنىڭ ئەلۋەتتە خەۋىرى بار.خېلىدىن بۇيان مېنى كوچىلاردا كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان،ھەتتا ھۆكۈمەت ئورگىنى بىناسىدا قارامنى كۆرسىلا،ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىغان بۇ ساۋاقدىشىم بۈگۈن ئەجەپ توساتتىنلا مېنى سېغىنىپ قاپتۇغۇ؟...) تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
-ھە كېۋىر ئەخەپ شېخىدىن چۈشۈپ كەتكەن شاپتۇرلدەك ئېزىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتىڭا؟(ئۆزى كەلگەن يارەي)دەپ بىزنى نەزىرىڭىگە ئىلىمايۋاتامسەن يا؟-دېدى رەسۇل خىيالىمنى بۆلۈپ، شۇئان ئېسىمنى يىغدىم ۋە؛
-ياق،نەدىكىنى،سەندەك يۈز-ئابرويلۇق باشلىق ساۋاقدش مېنى دوستۇم دەپ ئالاھىدە يوقلاپ كەلسە خۇش بولمامدىم،شۇ تاپتا مېنى دوستۇم دەپ يوقلاپ كەلسە خۇش بولمامدىم.شۇ تاپتا خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغمايۋاتىدۇ.ھاياجاندىن تىلىم سۆزگە كەلمەي،نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي تەمتىرەپ كېتىۋاتىمەن،-دېدى ئالدىراپ،
-ھەببەللى!مانا بۇ سۆزلىرىڭ جايىدا،قېنى كۆتۈرەيلى،-دېدى ئۇ تېخىمۇ جانلىنىپ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئايغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان كاۋاپ،ھەر خىل زاكۇسكىلار ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يايرىتىۋەتتى بولغاي، كەينى-كەينىدىن قۇرۇقدالغان بويۇلكىلارنىڭ كۈچى بىلەن يۈزى بەقەمدەك قىزارغان رەسۇل مېنى ئۆز يېنىغا تارتىشقا باشلىدى،قارىغاندا،پۇرسەت كېلىپ ئوبدانراق ھال-مۇڭ بولغۇسى باردەك قىلاتتى،پۇرسەت كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن تۆۋەن ئاۋازدا قۇلاق يېقىشىشقا باشلىدۇق.
-كېۋىر ئاغىنە،مال-چارۋىلىرىڭ خېلى كۆپەيگەندۇ-ھە؟
-خۇداغا شۈكرى،ھازىر قولۇمدا 300دىن ئارتۇق قوي،50كالا بار.
-ئۆيۈڭنىڭ كەينىدىكى سەگۈ تېرەكلەرمۇ ساڭا تەۋەغۇ دەيمەن،كارامەت يوغىناپتۇ.
-ھەئە،ئۈچ ئورۇندا شەخسىي ئورمانلىقىم بار.ھازىرلا لىم، بولۇشقا يارايدىغىنى 1000تالدىن ئاشىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
-ھە،ئاپتوموبىل،تىراكتۇرلىرىڭ قاتناپ تۇرۇۋاتىدىغاندۇ؟
-بىر يۈك ئاپتوموبىلىم بىلەن ئۈچ تراكتور ھازىر بەك ئالدىراش.
-مۇنداق دېگىن،ئۆيلىرىڭىنىمۇ ئازادە،چىرايلىق سېلىۋاتسەن.
-شۇنداق،بۇلتۇر كۈزدە كۆچۈپ چىقىپ،بېسىقۋالدىم.
-ئاڭلىسام،بالىلىرىڭىدىن بىرنى ئۆي-ئوچاقلىق قىپسەن قالغانلىرىنىچۇ؟
-ئۇلار ناھىيە بازىرىدا ئوقۇۋاتىدۇ.بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرمەكچى.
-سەمىڭگە سېلىپ قوياي،-دېدى رەسۇل ئەتراپقا بىر نەزەر تاشلىۋېتىپ،-بالىلىرىڭنىڭ ئوقۇش،مەكتەپكە ئېشىش،ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتلىرىدىن خاتىرجەم بول.مانا مەن !ئەكەل قولۇڭنى!باشقا يەنە ھەر قانداق ھاجىتىڭ چۈشىسە،مانا بۇ نام-ئەمەل كارتۇشكام.
ئىز تورى بەك ياخشى

-رەھمەت،شۇنچىلىك دېگىنىڭىزگە.
-نېمە،رەھمەت دەيتسەنغۇ؟بىز دېگەن بار ئادەم دېگەن باشقىچە بولىدۇ جۇمۇ،-ئۇ ئاغزىنى قولقىمغا تېخىمۇ يېقىن ئەكېلىپ ماڭا ئېزىپ ئىچۈرۈشكە باشلىدى،-ئۆزۈڭ بىلسەن،بازار يېرى دېگەندە سۇنىمۇ سېتىۋالىدىغان گەپكەن،ئۆزۈڭ بىر ئادەم ئىشلەيمەن،ئۈچ بالام ئوقۇۋاتىدۇ.راسىت گەپنى قىلسام،ئوبدانراق قورۇ-جاي سېلىۋالاي دېگەن،قولۇم قىسىقا كېلىۋاتىدۇ.نېمىلا بولمىسۇن ئىككىمىز ساۋاقداش،بىر مەھەللىدە ئويناپ چوڭ بولغان.كۆرگەنلا ئادەمگە ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ-دە!شۇڭا،ئامال بار تىۋىش چىقارماي، ماڭا تەۋە قورۇ-جاينى ئۆزۈڭلا پۇتكۈزۈۋەتسەڭ.كېيىن ھەر قانداق ھاجتىڭ چۈشىسە....
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مانا ئەمدى ھەممىنى چۈشەندىم!ساۋاقاىشىمنىڭ لەۋزىنى يەردە قويۇشقا ئەلۋەتتە بولمايدۇ-دە.
-بولىدۇ،-دېدىم تەمكىنلىك بىلەن،-(ھېسابلىق دوسىت ئايرىلماس)دېگەن ماقال بار.قورۇ-جايغا كېتىدىغان ياغاچ-تاز مېنېڭدىن بولسۇن،قالغان چىقىملار ئۈستىدە ئېنىق ھېسابات قىلىپ بىر قارارغا كەلسەك،قانداق دەيسىز؟
-نېمە، ھېساب-كىتاب دەمسەن؟،ھە،ھىم.سېنىڭ ھاجىتىڭ...-ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى-دە،ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا توپتەك قاڭقىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
مەنبە؛نىقابلانغان قاتىللا
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • يوشۇرۇن تۇتقان مۇھەببەت

    گۈزەل سەھرا قوينىدا چوڭ بولغان ئاينۇر ئون بەش ياشلارغا كىرىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بالىلارغا خاس چېھرىدىن سەبىيلىك تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنىچى يىللىقىدا ئوقۇيتتى. مەكتەپتىن بىكار بولغان چاغلىرىدا ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە ئاتا - ئانىسىن...

  • شۇنداق بىر مۇھەببەت بار

    شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، ئۇ ساقلاشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، شۇنداق بىر مۇھەببەت بار، ئۇ ئازابلاشقا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. بىلمىدىم، زادى قانداق مۇھەببەت ئەڭ گۈزەلدۇ؟ ئۆلۈمگىمۇ بوي بەرمەيدىغان مۇھەببەتمۇ؟ ياكى ئاداققى ۋاپادىن يۇغۇرۇلغان مۇھەببەتمۇ؟ ۋە ياكى ق...

  • گۈزەللىك تەبىئىيلىكتە

    بىر راھىپ بىر مەشھۇر ئىبادەتخانىنىڭ باغچىسىغاقارايدىكەن. ئۇ ئۆزىمۇ گۈل - گىياھ، دەل - دەرەخلەرگە بەك ئامراق ئىكەن. بۇ ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدا يەنە بىر كىچىكرەك ئىبادەتخانابولۇپ، بۇ يەردە ياشىنىپ قالغان بىر راھىپ ھەزرەت تۇرىدىكەن. بىر كۈنى مەشھۇر ئىبادەتخانى...

  • تانسىخاندىكى ھىكايە

    ۋۇ شاۋجيەن تەرجىمە قىلغۇچى: ھەزرىتى ئەلى بارات يۈەن مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچ قېتىم ئېرىنىڭ ياقىسىدا ئۇزۇن چاچ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. يۈەن بۇ چاچنى ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمدىكى چاچ بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىۋىدى، بۇ چاچلارنىڭ ئىنچىكە- توملۇقى، ئۇزۇن- قىسقىلىقى ئوخشاش...

  • ئاجراشىساق مېنى كۆتۈرگەنچە ئۇزىتىپ قويۇڭ

    توي قىلغان كۈنىمىز مەن ئايالىمنى كۆتۈرگىنىمچە ئۆيگە كىردىم. ئەينى يىللىرى ئۆيىمىز كىچىك قورۇدىكى بىر ئېغىزلىق ئاددىيغىنە ئۆي ئىدى. توي ماشىنىسى ئىشىك ئالدىمىزدا توختىغاندا، ئاغىنىلىرىمنىڭ تەلىپى بويىچە ئايالىمنى كۆتۈرۈپ ، قىقاس-چۇقانلار ئىچىدە ئۆيگە ئېلىپ...

  • ھەقىقىي بايلىق

    كىتابخۇمارلىق كېسىلى ماڭا بالىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ يۇققان بولۇپ،ئۇ چاغلاردا ئوقۇيدىغان كىتابلار ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى،نۇرلۇق يۇلتۇز،گاۋيۈباۋ،ياشلىق ناخشىسى،سۇ بويىداقاتارلىق يېڭى يېزىقتىكى كىتابلار مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى.ئاتام ئوقۇت...

  • تۇپرىقىمنىڭ ھىدىلىرى

    دىمىقىمغا ئىللىق بىر پۇراق ئۇرۇلدى، يۈرەكلىرىم ئىختىيارسىز تىپىرلاپ كەتتى، يۇرتۇمنىڭ ھىدى.... يۇرتتىن يېڭى كەلگەن ئىنىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ قانغۇچە پۇرىۋالدىم... مەن تۇغۇلۇپ نەپەسلەنگەن، نەپەسلىنىپ چوڭ بولغان، قېنىپ قېنىپ سۈمۈرگەن، شۇنداقلا ھازىر پۈتۈن ئەس ي...

  • كۆڭۈل تۇمانى

    (ھېكايە) تاھىر مولتار( ئالجىرىيە) قايسى بىر رەسسام رەڭدار سۈرەت قەلىمى بىلەن رېئاللىقنىڭ سىزىقلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، رىئاللىققا تۈس ئالالايدۇ ياكى رېئاللىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ؟ پايانسىز خام خىيال دېڭىز ۋە كىمىلىرى توختىمايدىغان دېڭىز قولتۇقى...

  • بىر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى

    بىر قىز پۇتى تازا ياخشى باسمىغاچقا،ئەتىدىن كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،باشقا بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ تۇراتىتى. بىريىلى يازدا قوشنىسنڭ شەھەردىكى تۇقىقنى بۇيەرگە ئوينىغىلى كەلدى.ئۇلارنڭ بۇقىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەندى. شەھەرلىك بالا ناھايتى...

  • قايغۇنىڭ دوستى

    خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئور...

  • دېرىزىنىڭ يېنىدا

    شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە) ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى. بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى: ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل... ئارىدىن...

  • دوختۇر ۋە مۇخبىر

    مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىن...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...