سېرىق تاكسى

ۋاقتى:2011-08-22 10:36مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
  

ئاپتۇرى: ئۆمەر مەھمۇت ئىز تورى www.iz.la

مەن ئاشۇ تاكسىلارغا ئەجەپلىنىپ قارايمەن،ئۇلارنىڭ ئاستى ئۈستى تەرپىدىكى قىسمەن يېشىل رەڭلىرنى ھىسابقا ئالمىغاندا،ئاساسەن سېرىق دىيشكە بولاتتى.ئۇلار شۇنچىلىك ئاددى، ھىچقانداق ئالاھىدە جەلپ قىلدىغان تەرەپلىرىمۇ يوق.بىراق شۇنچە كۆپ سىتودېتلار ئىنىستىتوت دەرۋازىسىدىن چىقىپلا مۇشۇ تاكسىلار بىلەن ئاللا قاياقلارغىدۇر كېتىپ قالىدۇ.شۇنىڭغا قاراپ بۇ تاكسىلارنىڭ بىرەر سېھرى كۈچى بارمۇ-يە؟دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.قىزىقارلىق يېرى شۇكى،ئۇلارنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا سانجاق-سانجاق تىزىلىپ كەتكەنلىكنى كۆرگەن بىرەر ياقا يۇرۇتلۇق كىشنىڭ بۇ جاينى مەكتەپ ئەمەس بېكەت دەپ قېلىشىنىڭ تامامەن مۇمكىن ئىكەنلىكى.ئەگەر گۇمانلانغان بولساڭلار سىلەرمۇ ئىنستىتوت ئالدىغا بېرىپ قاراپ بېقىڭلار.مانا بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى تاكسىلارنىڭ سانى ئادەتتىكى كۈنلەردىكىدىن بىرنەچچە ھەسسە كۆپ. ئىز تورى بەك ياخشى
   ئەتىگەندىن كەچكىچە قىلدىغان ئىشم بولمىغاچقا ياتاقتا ئۇخلىغان ئىدىم.‹‹زاۋال بۇلۇپ قالدى،ئۇخلىسا يامان بولىدۇ››دېگەن ئوي كاللامغا كېلىۋىلىپ تۇرۇپ كەتتىم...ئالىي مەكتەپ  ھاياتىدىكى تەنھالىق نىمانچە يامان-ھە!ئەگەر قىز دوستۇم بولغان بولسا،مەنمۇ قىزلار بىناسى ئالدىدا مەغرۇر تۇرغان بولمامتىم؟مەندىن تۆۋەن قاراردىكلەرمۇ بىردىن قىزنى كەينىگە سېلىۋاپتىغۇ ئەنە.قىزلارنىڭ ھەممىسى چىرايلىق بۇلۇپ كەتتىمۇ ياكى ماڭا شۇنداق كۆرۈنىۋاتامدۇ؟-بۇ قىزنىڭ ئۇستىخنى ئەجەپ كەپتۇ،چىرايىمۇ خېلىلا باركەن ،بىراق يېنىدىكىسنىڭ كالامپايلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ،ئۇ بەلكىم شۇنداق ئۇغۇللارغا ئامراقتۇ؟...مۇشۇنداق خىلمۇ-خىل ئويلار  ئىچىدە يۈرۈپ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا چىقىپ قاپتىمەن.بۇ يەردە سىتودېنتلارنى تۇشۇپ كېتىۋاتقان سېرىق تاكسىلار نورمال پائالىيتنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ھاياتلىق-ھەركەتتە،قەيەردە ھاياتلىق بولىدىكەن،شۇجايدا ھەركەت بولىدۇ.ئەنە شۇ تاكسىلارنىڭ كېلىپ كېتىش پائالىيتىمۇ ھاياتلىقنىڭ ھەركىتى داۋاملىشۋاتقانلىقنىڭ بەلگىسى..
قاراڭ ئاۋۇ قىزنىڭ فىگورى ھەقىقەتەن كىشنى جەلپ قىلدىكەن.قىسىپ تۇرغان كوينىكىگە ئاران سىغدالغان كۆكسى،تولغۇنۇپ كېلىۋاتقان،چىۋىقتەك ئىنچىكە بەللىرى،چىپ كەلگەن قاپقارا ئىشتىنىدىكى پارقىراقلار خۇددى مېنىڭ كۆزىمنى قارغا ئالغاندەكلا ۋىلىلداپ تۇرىدۇ.
يول يۈزىگە ئورنىتلىغان ناتىرىلىق چىراقنىڭ نۇرىدىن قىزنىڭ ئەنە شۇ زىلۋا قامىتى ماڭا ئايان بولغان بولسىمۇ،بىراق ئۇنىڭ چىرايىنى ئىلغا قىلالمىغان ئىدىم،پەقەت چېچىنىڭ رەڭگىنىڭ سېرىق ئىكەنلىكى ئېنىق ئىسىمدە،قاچانلاردا ئۇنىڭ چېچىغا دىققەت قىلغىنىمنى ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
سېرىق چاچلىق بىر قىزنىڭ سېرىق تاكسىغا چىقىپ كېتىپ قېلىشى ئازىراق كۈلكىلىك تۇيۇلسىمۇ بۇ پۈتۈنلەي نورمال بىر ئىش،چۈنكى بۇمۇ ھاياتلىق ھەركىتنىڭ بىرى...
 تېلغۇنۇمنىڭ يېقىملىق مۇزىكىسى جىرىڭلاپ،ئىكراندا ناتۇنۇش بىر نۇمۇر كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
-ۋەلەيكۇم ئەسسالام،ياقۇپ ئاداش بارمۇ-يا سەن؟
بۇ ئاۋازنى پەقەتلا ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم
-سىز...؟
-ۋاي ۋاي مەن غەيرەت،بىر يۇرۇتلۇق بۇلۇپ قالغىنىمىز ھېلىمۇ...
بۇ گۈزەل-سەنئەت فاكولتىتىدا ئۇقۇيدىغان،يۇرتلۇقۇم غەيرەت ئىدى.گەرچە يۇرۇتتىن بۇ مەكتەپتە ئىككىمىزلا بولساقمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئىزدىشىپ بولالمىغان ئىدىم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
-ھە ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ؟
 -قەدىر ئەھۋال...ياقۇپ بۈگۈن يۇرتتىن ئالىم ئەسقەرلەر كەپتىكەن،ئاغىنلەر سېنى سېغىنىپ تېلېفۇن قىلدۇق.بىز ‹گۈلخان›دا كېلەلەمىسەن؟
گۈلخان بۇ جايدىكى كىچىك بىر رىستۇران،ئۆتكەن قېتىم پۈتۈن سىنىپتىكى ساۋاقداشلار بىلەن  بىللە بارغان ئىدىم.ئۇنىڭ تۆت تېمىدىنمۇ ھاراق ھىدى كىلىپلا تۇرىدۇ،بىز شۇكۈنى ئۇيەرگە كەچراق بېرىپ   قالغانلىقىمىزنى ھەمدە قۇرۇملىرىنىڭمۇ ئەرزانلىقنى  كۆزدە تۇتۇپ ئامالسىز كىرىپ قالغانتۇق.
-ئاداش مېنىڭ ئازىراق جىددى ئىشىم بار ئىدى.
-يۇرۇتىكلەر ئاتايىتەن يوقلاپ كەلسىمۇ،كېلەلمەمسەن؟قانداق جىددى ئىش بولسىمۇ بۈگۈنچە تۇرۇپ تۇرسۇن،بولمىسا ئۇلار ئىككىمىزنى نىمە دەپ قالىدۇ؟بولدى قالغان گەپنى بارغاندا دىيشەرمىز،تىزىراق كەل-ھە!سۇرۇندىكلەر ساقلاپ قالدى. www.iz.la
ئۇ شۇنداق دەپلا تېلېفۇننى قۇيۇۋەتتى.ئەمدى بارماسلىققىمۇ ئىمكانىيەت قالمىغان ئىدى.
 بۇ قېتىم سېرىق تاكسىغا چىققان مەن ئىدىم،مېنى شۇنچە ۋاقتتىن بېرى ئەجەبلەندۈرگەن    بۇ كىچىك ماشىنا ئانارلىق ئايلانما يېنىدىكى گۈلخانغا قاراپ كېتىۋاتاتتى.
ئەسقەر بىلەن ئالىم مېنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرادىكى ساۋاقداشلىرىم،غەيرەت بىلەن مۇشۇ يەرگە كېلىپ تۇنۇشقان ،بۇ يەردە يۇرۇتداشلارنىڭ بىر-بىرىنى ئىزدىشىپ ئۆتىشىمۇ يوق دىيەرلىك.شوڭا بىر مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقنىمىزغا بىرنەچچە يىل بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ يولدا ئۇچۇرشۇپ قالساق سالام قىلىشىپلا ئۆتۈپ كېتەتتۇق...،ئەسقەر ئەينى چاغدا دائىم  مەن بىلەن ئۆگىنىشتە  بەسلىشەتتى  نەتىجلىرىمىزمۇ ئانچە پەرىق قىلىپ كەتمەيدىغان،بىراق ئىمتىھان دېگەن رەھىمىسز بولىدىكەن...ئالىمغۇ قىزلارنىڭ پىيدىلام يۈرۈيتتى،ئۇ بىر قېتىم (بىئولوگىيە دەرىس ۋاقتىدا) ماڭا:-ياقۇپ ئۇغۇللارنىڭ كۈچىنى ئاقسىلدا دەپ ئاڭلىغانتىم،ئادەمدە ئاقسىل كەم بولسا راستىنلا كىتاپتىكى رەسىمدىكىدەك قۇۋۇرغىلىرى مايماق بۇلۇپ قالامدۇ؟ئەگەر شۇنداق بولسا نىمە يىسەك ئاقسىل تۇلۇقلىنىدۇ؟سەن بىئولوگىيگە ئۇستا بۇنى بىلىسەڭ تىزماڭا ئۇچۇر بەرگىن؟دەپ كىچىك بىر پارچە باغاقچە يېزىپتىكەن...
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ماشىنا رادىئوسىىدىن چىققان بىر خەۋەر ئۇشتۇمتۇت خىيالىمنى بۆلۈپ،دېققىتىمنى ئۆزىگە بۇرىدى :‹‹...ئېلىمىزدا ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ سانى ئۆتكەن بىر يىلدىكىدىن 10%ئاشقان،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى مەمىلكەت بۇيىنچە ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىدۇ...››بۇنى ئاڭلاپ تېنىم شۈركۈنىۋاتاتتى،بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ،تىرىك تۇرۇپ سېسىيدىغىنىنى ئويلىساملا مېنى سۈر باسىدۇ.
-بۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ جەستىنىمۇ تۇپراق قوينىغا ئالمايدۇ-دە...تاكسى شوپۇرى شۇنداق دېگەنچە ئېغىر بىر ئۇھ تارتىپ قويدى.
-ئۇكام سىز پىداگوگىكا ئىسنىتىتوتىدا ئۇقۇيسىزغۇ دەيمەن؟

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


-ھەئە
-ئاڭلىسام سىلەرنىڭ مەكتەپتە بۇنداق كېسەل بولغان بىر قانچە قىز بار دەيدىغۇ؟
-ئۇنداق ئەمەستۇ؟
-مەن تاكسى ھەيدەۋاتقىلى تۆت بەش يىل بۇلۇپ قالدى،كۈندە ئاز بولغاندا 10-20قىزنى كۇلۇپمۇ كۇلۇپ،مېھمانخانىمۇ مېھمانخانا تۇشۇپ يۈرۈيمەن.ئىشقىلىپ گۇمانلىق.
تېخى ئۈرۈمچىدىكى بىرقانچە ئۇنىۋىرستىتتا كېچىسى ئايرۇپىلان بىلەن ئىچكىرىگە بېرىپ ‹‹ئىش ھەققى››نى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن،ئەتىگەندە يەنە ئايرۇپىلان بىلەن قايىتىپ بولىدىغان،قىز سىتودېنتىلارمۇ بار دەيدۇ.بۇ مەكتەپتىمۇ شۇنداقلارنىڭ بۇلۇش بولماسلىقىغا بىر نىمە دىيىش قىيىن.ئەنە شۇنداقلارنىڭ بۇنداق كېسەلنى يۇقتۇرۋېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئىز تورى بەك ياخشى
شوپۇرنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسى بار ئىدى،گەرچە ئۇ كېسەلنىڭ جىنسى يول بىلەن يۇقۇش نىسبىتى 50%گە يەتمىسىمۇ،ئاساسلىق يۇقۇم مەنبەسىنىڭ بىرى يەنىلا شۇ ئىدى.
ماشىنا ئانارلىق ئايلانمىدىن ئۆتۈپ،گۈلخان رىستۇرانىنىڭ ئالدىدا توختىدى.رىستۇراننىڭ ئالدىغا كېلىشمىگە يەنىلا شۇ قاڭسىق ھاراق پۇرىقى دىمىقىمغا ئۇرلۇشقا باشلىدى.
كىچىك زال ئىچىدە لىپمۇ-لىق ئادەم بۇلۇپ،غەيرەتلەر كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭغا تېلېفۇن بەردىم.ئۇلار 3-ئايرىم خانىدا ئولتۇرغان ئىكەن.
-ھە ئاداش قانداق سالامەتمۇ سەن؟قېنى كېلە بۇيەرگە كەل.
سۇرۇندا غەيرەت ئالىم ئەسقەرلەردىن باشقا،يەنە تۆت قىز ئولتۇراتتى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە سېرىق چاچلىق بىرى ماڭا تۇنۇشتەكلا،ئۇ قىز؟ مەن بايىلا مەكتەپنىڭ ئالدىدا كۆرگەن قىز شۇمۇدۇ يا؟
ئىز تورى www.iz.la

-مانا مانا ياقۇپمۇ بوش ئەمەس ھېلىلەتىن بىر قۇشقاچنى قارغا ئالدى.سۇرۇندىكلەرنىڭ كۈلكىسىدىن يۈزۈمنىڭ قىزارغىننى ھىس قىلدىم.
يائاللا باللا قىزىرىدىغان بۇلۇپ قاپتۇ-ھە؟قىزلار سوغوق كەلمىگەندۇ؟ئالىم شۇنداق دېگەچ ئەسقەرگە قاراپ كۈلۈۋاتاتتى.باللا ‹‹سېتودېنىت››ئەمەسما؟ئەمدى ئەسقەرنىڭ سۆزىدىن سەل تۈرلۈپ قالدىم،غەيرەت ئەھۋالنى پەملىدى بولغاي:
-قېنى قىزلار بىلەن بىر تۇنۇشۇپ چىقسۇن ئاغىنىمىز.ئۇ شۇنداق دەپلا ئۇلارنى بىر-بىرلەپ تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى:
-ماۋۇ بۇدىرە چاچلىق قىزنىڭ ئىسمى ئاي بوستان،سېرىق چاچلىق بۇ قىز رۇخسار...غەيرەتنىڭ تۇنۇشتۇرىشى ئاددىلا بۇلۇپ،قىزلارغا ھىچقانداق سۈپەت سۆزلىرىنى ئىشلەتمەي ئۇدۇللا سۆزلەۋاتاتتى.بۇ ئۇنىڭ قىزلارنى ئۇچۇرۇش بىلەن خوشى يوقلىقىدىنمۇ ياكى يۇرۇتلۇقلارنىڭ ئالدىدا قىزلارغا بەك ۋاي دەپ كېتىشنى خالىمىغنىمۇ؟ئۇنى بىلەلمىدىم.-مانا بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ.دوستۇمنىڭ ئىسمى ياقۇپ ،ئۆزى تىرىشچان ئۇقۇغۇچى،مۆمىن بەندە.سۇرۇندىن يەنە غەيرى كۈلكىلەر كۆتۈرلۈپ يۈزۈم قىزىۋاتاتتى. www.iz.la
-بۇ تۆتىمىز بىر يۇرۇتلۇق تۇنۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن. قېنى ئەمسە سۇرۇنىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى!غەيرەت بىر رومكىغا لىقلاپ قىزىل ھاراق قۇيۇپ،رۇخسارغا تەڭلىدى. قىزلارنىڭ ھاراق ئىچشنى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتاتتىم.ئۇلار شۇنچىلىك سالماقلىق بىلەن قۇلىدىكى رومكىنى قۇرۇقدايتتى. ئۇغۇللارمۇ چىرايىدا ھىچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلماي،بىر تىنىقتلا بىر رومكا‹ ئاق›نى قاقاتتى ...رومكا ئايلىنىپ ماڭا كەلگەندە قەتىئيلىك بىلەن رەت قىلىپ تۇرۋالدىم.باشقىلارمۇ ماڭا ئارتۇق زورلاپ كەتمىدى.ئۇزۇن ئۆتمەي زالدىن يېقىملىق ۋالىس مۇزىكىسى ئاڭلاندى،ئۇلار ئۈچ جۈپ بۇلۇپ تانسا ئويناۋاتاتتى،مەن رۇخسار بىلەن قالدىم.ئۇنىڭ كۆزىدىن مېنى تاڭسىغا تارتمامسىز دېگەن سادانىڭ كېلىۋاتقانلىقنى تۇيۇپ تۇرغاچقا،ئۆزىمنىڭ  تانسا بىلمىگىنىمدىن ئازىراق خىجىللىق ھىس قىلدىم.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-سىز قايسى فاكولتىتتا ئۇقۇيسىز؟رۇخسار كۈلۈمسىرەپ سۆزلەۋاتاتتى.
-بىئو-خېمىيدە
-سىزچۇ؟
-گۈزەل-سەنئەت.
بۇندىن كىيىن ئىزدىشىپ ئۆتەيلى!بۇ مېنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرۇم***...بۇ بىر قىزنىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا ئاكتىپلىق بىلەن تېلېفۇن نۇمۇرىنى ئېيتىپ بىرىشى بولغاچقا كۆڭلۈم باشقىچلا شادلىنىپ كەتتى،ھىچ ئىككلەنمەيلا ئۇ نۇمۇرلارنى تېلېفۇن خاتىرەمگە كىرگۈزۋالدىم.
ساز ئاخىرلىشىپ ھەممەيلەن سۇرۇنغا قايتتى،غەيرەتنىڭ يەنە ماڭا بىرنىمە دەيدىغىنى ئېنىق:
-يائاللا،رۇخساردەك بىر قىز تەلمۈرۈپ تۇرسا،شىرەگە كىرىپلا كېتىپسەنغۇ؟
- تانسا بىلمەيمەن.
-ئوھ! مۆمىنجو...مەن سۇرۇندىكلەرنىڭ كۈلكە ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالغىنىمدىن سەل ئوڭايسىزلانغان بولساممۇ لىكىن، ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ قېتىم ھىچقانداق قىزىرىش ئالامىتىدە بولمىدىم،چۈنكى بۇ مەن قىلالمايدىغان بىر ئىش.يەنە كېلىپ تانسا بىلەن راسىتنلا خوشۇم يوق،ئەگەر ئاشۇ مۇزىكا بولمىغان ئەھۋالدا مەن ئۇلارنىڭ بېلى بىلەن قۇلىنى تۇتسام ئۇلارنىڭ شۇنداق يۇۋاش ھالدا مېنىڭ سەنىمىمگە دەسسىشىگە ئانچە  ئىشەنمەيمەن.بۇ قىزلار ئۇنىڭ سىرتىدا دېگەندىمۇ،خېلە مەن مەن دەپ يۈرگەن قىزلار،ھەتتا مېنىڭ ئۆزىگە ئەركەك چىۋىننى قوندۇرمىغان قىز ساۋاقداشلىرىمچۇ؟...
-ھە ئەمدى ماۋۇ مىللى ئۇسۇلنىغۇ ئوينارسەن؟
بۇ نۆۋەت ئۇلارنىڭ كۆزىنى بىر ئېچىۋەتىمىسەم دەپ ئورنىمدىن تۇردۇم،مەن ئۆزىمنى مىللىچە ئۇسۇلنى خېلە قاملاشتۇرۇپ ئوينايمەن دەپ قارايتتىم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
رۇخسارنىڭ بەللىرىنى تولغاپ ئوينىغان ئۇسۇلى بەدىنمىدە ئىسق بىر سېزىمنى پەيدا قىلىپ،مېنى باشقىچىلا قىلىپ قويدى.ھەر قېتىم ئۇنىڭ مۆرىسىگە مۈرەم سۈرۈلۈپ ئۆتكەندە تېنىمدىكى تاتلىق ئۆزگىرىشلەر قەلبىمنى  ھاياجانغا سالاتتى . ئۇنىڭ كۆزىدە بولسا شۇنداق بىرخىل ئوتلۇق نۇر جىلۋىلىنىپ ھەر ۋاقىت مېنى ئۆزىگە تارتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.ئەگەر بۇيەردە ھىچكىم بولمىغاندا مۇشۇ نۇرنىڭ ئىلكىدە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىشنى تەسەۋۋۇر قىلماقتا ئىدىم.
    ھاياتلىق ئەنە شۇنداق داۋاملىشىدۇ،ئۈزلىكسىز ھەركەت قىلىدۇ. ئۇ قانچىلىك ھەركەتلىنىشىدىن قەتىئىنەزەر ھامان ئاخىرلىشىش ۋاقتى بار.مانا بىزنىڭ سۇرنىمىزمۇ بىر مەھەل ‹خوشە›لەر ھەم تۈزۈك قىلماي ‹ئېلىڭلار›دىن كىيىن ئاخىرلىشىپ قالدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئەمدى تەڭشىلىپ قالغانلار جاي جايىلىرىغا قايتىشىدۇ.ئۇلار يەنە نەگىمۇ بارالىسۇن؟
-ياقۇپ بۈگۈن مەكتەپكە قايتمايمىز،قانداق؟
-ئەتە دۈشەنبە ماڭا 1-سائەتتىلا دەرىس بار ئىدى.
-ۋاي ۋۇي،دەرىس،دەرىس دەپلا ئۆتەمدىغانسەن...غەيرەت ماڭا شۇنچە سۆزلەپمۇ مېنى قايتماسلىققا كۆندۈرەلمىدى.
-ئۇنداق بولسا سەن رۇخسارنى ئاپرىپ قوي،مەن ئاغىنلەر بىلەن بىللە قايتىمەن...ئۇ شۇنداق دەپلا سېرىق تاكسىغا چىقىپ كېتىپ قالدى.
رۇخسارنىڭ تېنىدىن ھاراق ھېدى كېلىپ تۇراتتى. يول چىراقلىرى ئاستىدا ئۇنىڭ چىرايى شۇنداق سۈزۈك كۆرۈندىكى،بۇ گۈزەل چىرايغا قاراپ پۈتكۈل ھۇجۇدۇمدا بىرخىل ئىللىق سېزىم    يالقۇنجاۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا ياتاققا قايتماسلىق ئويىمۇ خىيالىمغا كەچتى.بىراق ئۇنىڭ كۆزىدىكى ئوتلۇق نۇر قايانلارغىدۇر غايىپ بولغان بۇلۇپ، مەن شۇ چاغدىكى ھىسياتنى چۈشىنىشكە  ئاجىز كەلگەن ئىدىم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئالدىمىزدا توختىغان سېرىق تاكسىغا چىقتۇق.-قايسى مېھمانخانىغا؟تاكسى شوپۇرنىڭ ئاۋازى تۇنۇشلا ئىدى.ئويلىمىغان يەردىن بۇ مېنى مۇشۇيەرگە ئاپرىپ قويغان ھېلىقى شوپۇرنىڭ ماشىنىسى چىقىپ قالدى.-بۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قېلىش بولامدۇ؟شوپۇر ماڭا قاراپ كۈلۈپ تاشلىدى.
-مەكتەپكە ئاپرىپ قۇيۇڭ...ئەگەر بۇ شوپۇر بايقى شوپۇر بولماي،ئۇنىڭ ھازىرقى كۈلكىسى ماڭا ناتۇنۇش بولغاندا ،نىمە ئىشلار يۈز بىرىشنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئىدى.
كاللام ھەقىقەتەن قالايمىقانلىشىپ كەتكەن بۇلۇپ،رۇخسارنى كۈزۈتىۋاتاتتىم.ئۇنىڭ ئاپئاق    يۈزى ئۈستىدىكى،ماڭلىيغا چاپلىشىپ قالغان بىر نەچچە تال سېرىق چېچى،بۇ قىزنىڭ چىراينى تېخىمۇ گۈزەل كۆرسىتەتتى.چاچنىڭ خاسىيتىمۇ باشقىچە بولىدىكەن.يەنە چاچلىرىنىڭ قىسمەن ئالابالداق جايلىرى بولمىغان تەقدىردە ئۇنى ‹‹شەرىق گۈزىلى، سېرىق چاچلىق نازىنىن›› دېسە،كىم ئىشەنمەيدۇ.ئۇنىڭ چېچىنى سېرىق بويغىنىدىنمۇ خاپا بولغىلى بولمىغىدەك،بولمىسا ئۇ بۇنچلىك گۈزەل بولامتى؟ئىلگىرى سېرىق چاچنىڭ بۇنداق جەزبىدارلىقنى ئويلاپتىكەنمەن،سېرىق رەڭ ئەسلىدە ئادەمگە گۈزەللىك تۇيغۇسى بېرىدىكەن ئەمەسمۇ؟

ئىز تورى www.iz.la


رۇخسار بىردىنلا مۈرەمگە بېشىنى قۇيۇپ مۈگۈدەپ قالدى،ئىچ ئىچمىگە قۇيۇلىۋاتقان    شىرىن تۇيغۇلار مېنىڭدىن غالىپ كېلىپ مۈرەمنى تارتىۋېلىشىمدىن تۇسۇپ تۇراتتى،كۆزلىرىمگە ئۇنىڭ تۇلۇپ تۇرغان كۆكسى،پارقىراقلار ئىچىدە چاقناۋاتقان يوتىلىرى ئوت كۆرۈنۈپ ،قوللۇرۇم چوڭ مېڭەمگە بويسۇنمىغاندەك شۇياققا   ھەركەتلىنىشنىلا ئسىتەيتتى.ئاخىرى شوپۇرغا يۆلىنىشنى ئۆزگەرتىشنى ئېيتىش قارارىغا كەلگەن ئىدىم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(2)
13.3%
ناچار
(13)
86.7%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • قايغۇنىڭ دوستى

    خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئور...

  • دېرىزىنىڭ يېنىدا

    شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە) ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى. بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى: ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل... ئارىدىن...

  • دوختۇر ۋە مۇخبىر

    مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىن...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...

  • ھېكايە... بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە

    ھېكايە بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە كىرىش سۆز بۈگۈن يازماقچى بولغان ھېكايەم رىياللىقتىكى ئادەمنى چۆچىتىدېغان ھەقىقى ۋەقەلىك....بۇ ھېكايەمنى باشلاشتىن بۇرۇن،مەن ئۇقۇغان كىتاپتىكى بىر ھېكايىدىن ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي.مەن ئۇقۇغان ئۇ ھېكايىدە ئاكا-ئۇكىلار ئاتا...

  • پىستەك

    پىستەك ئەسلىي تاغامنىڭ ئىتى ئىدى.ئۇ شەھەرلىكىلەرنىڭ ئىتلىرىدەك ئۇنچىلىك پاكار ئەمەس، ئەمما سەھرا ئىتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا جۇغى كىچىك بولغاچقا،ئىنىم ئىككىمىز ئۇنىڭىغا(پىستەك)دەپ ئىسىم قويغانىدۇق. ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئىككى يىل ئىلگىرى ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈن...

  • ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى

    ھەزىرتى ئادەم ئەلەيسالام يارىتىلغاندا بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش بۇيرۇلغان،بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئىبلىس مەنگۈ لەنەتكە دۇچار بولغانىكەن .دىمەك ،ئىنسان يارىتىلىشىدىنلا ئەنە شۇنداق ئەزىز يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭغا تەبىئەتتىكى بارلىق نېمەتلەردىن...

  • سۆيۈنچە

    بىر ۋاقىتلار ئۇر ھەمدە كۆر، كېيىنچە كىچىك ۋە كاتتا تاغ دەپ ئاتىلىدىغان تاغلار ئارىسىدا، سىردەريانىڭ تۆۋەن قىسمىدا بىر يۇرت جايلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ سۇلتانى ئادالەت بىلەن يۇرت باشقۇرۇشتا داڭقى چىققان سۇلتان مەھمۇد باھادىرخان ئىكەن. قەۋمىنىڭ ياشۇ قېرىسىنى ئەز...

  • كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق

    كۈزپەسلىنىڭ دەسلەپكى شاماللرى كىشى ھۇجۇدىغا ناھايىتى ۋەھىمىلىك ھېسلارنى سالسىمۇ،بىراق ئوتتۇر مەزگىللگە كەلگەندە دەرەخ ئۈستىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلارنى لەرزان لەيلىتىپ يەرگە چۈشۈرۈپ تەبىئەتكە ئاجايىپ تۈس قوشاتتى،ئەنە شۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ھۆسۈن قوشقان تەب...

  • پۇلغا تامىغان ياش

    ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ھارۋامنى تېز ھەيدەپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ، ئاپامنىڭ ئاغرىپ ياتقانلىقى مىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى . ئاپام 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ئادەتتە ئىشچان ، تەلەپچان ئائىلە ئايالى ئىدى . مەن ئا...

  • قاراڭغۇدا ئالىيىش

    مەن خىزمەت تەقسىماتى بويىچە مۇشۇ ئىدارىگە كەلسەم،نامەت ئەپەندى كاتىبات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىكەن.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر پۇتنى ئاياپ دەسىسەيدىغان،ئېڭىكىدىكى تاتۇقى ساقلىقىنى قاق ئوتتۇرسىدىن ئىككى تەرەپكە بۆلۈۋەتمەي،چېغىر كۆزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان،بويى پاكا...

  • مەن قورقىمەن

    مەن ئازۇيۇم ئىچىدە ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپلا قىلىشتىن قورقىمەن. مەن ئاداشلىرىم ئارقىدىنلا پالاقشىپ نىمە دىسە لەببەي دەپ ئاتا-ئانامنى قاقشىتىپ سورون دىسە ، ئويۇن دىسە ئۆزۈمنى تارتالماي ئاغىندارچىلىق قىلىپ ئۆزۈمنى شۇ جايلاردا يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ قىلىشتىن بەك قورقىمەن...

  • ئۇجۇققان غەرەز

    -ھوي كېۋىر،بارمۇسەن؟بۈگۈن سېنى ئاتايىن ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ كەلدىم،قانداق،بالىچاقلىرىڭ ئامان،ئىشلىرىڭ دەريادەك راۋاندۇ؟-رەسۇل ھاكىم (سانتانا)ماركىلىق پىكاپتىن چۈشۈپلا ئالدىمغاا كەلدى ۋە مېنىڭ جاۋابەن ھال-ئەھۋال سورىشىمنى كۈتمەستىنلا،ئۆزى بىرگە ئېلىپ كەلگە...