ئابدۇرېھىم ياقۇپ
(ھېكايە) ئىز تورى بەك ياخشى
بۇ مەھەللە كىچىك بولغىنى بىلەن ئادەملىرى ئىنتايىن ئۆم ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن بۈگۈن مۇسىبەت بولغان يۈسۈپ ئاكىنىڭ تال – باراڭلىق ھويلىسى ھازىدارلار، پاتىھەچىلەر بىلەن تولغانىدى. بۇ ھويلىدا يۈسۈپ ئاكا بىلەن مەريەمخان ئاچا ۋە ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئوغلى نىياز، كېلىنى گۈلسۈم ئولتۇراتتى. نىياز 30 ياشلاردا، گۈلسۈم 25 ياشلاردا بولۇپ، ئىككى ئوغلى بار ئىدى. نىياز توي قىلىپلا ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتمەي چوڭلار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتاتتى. ھازىدارلار ۋە پەتىچىلەرنىڭ بەزىلىرى نىيازدەك ۋاپادار ئوغۇلنىڭ ياشانغان ئاتا – ئانىسىنى تاشلاپ ئۇ ئالەمگە ۋاقىتسىز سەپەر قىلغانلىقىدىن مەيۈسلىنىپ يىغا – زار قىلسا، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ بىرى بەش ياشقا، يەنە بىرى ئۈچ ياشقا كىرگەن ئىككى ئوغلىنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە ئېچىنىپ ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتاتتى. يۈسۈپ ئاكا بىلەن مەريەمخان ئاچا بېشىغا چۈشكەن بۇ قارا كۈننىڭ زەربىسىدىن تولا يىغلاپ تۈگىشىپلا كەتكەنىدى. copyright by www.iz.la
يىراق – يېقىندىن كەلگەن ئۇرۇق – تۇغقان، ئەل – جامائەت نىيازنىڭ نامىزىنى ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بوشلۇقتا چۈشۈردى. ئاندىن مەھەللىدىكى ياشلار تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ جامائەت بىلەن مەھەللىنىڭ شەرقىدىكى قەبرىستانلىققا يول ئالدى...
* * *
تۇردى كاكچىنىڭ ئۆيىدە بالدۇرلا باشلانغان ئولتۇرۇش كەچتە بىرقانچە سازەندىنىڭ كېلىشى بىلەن تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. دەسلەپتە پىيالىلەرگە يېرىم قۇيۇلۇپ كېلىۋاتقان ھاراق بىردىنلا كۆپىيىپ ‹‹بېلىق كۆزى››گە ئايلاندى. سورۇن ئەھلى ‹‹قۇلىقى مىدىرلىغۇدەك›› ئىچمىسە پۇخادىن چىقمايدىغاندەك نۆۋىتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشنى خالىمايتتى. ئەزەلدىن ھاراقنى كۆرسە ئۆزىنى تۇتالمايدىغان نىياز ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغانىدى. قانچىلىك ھاراق ئىچكىنى ئۆزىگە نامەلۇم، ئۆزى گويا تونۇرنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇۋاتقاندەك، ئۆي چۆرگىلەۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئۇ بىردىنلا خوتۇن – بالىلىرىنى ئېسىگە ئالدى – دە، كېتىشكە ئالدىرىدى ۋە ساقى نامەتكە كۆڭلىدىكىنى ئېيتتى: ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
— ئاداش، مەن خېلىلا تەڭشىلىپ قالدىم، ئەمدى قۇيساڭمۇ ئىچەلمەيمەن، شۇڭا مەن كېتىۋالساممىكىن؟ – دېدى. باشقىلار ئۇنىڭغا ئۆكتە قوپتى:
— كېتىشكە نېمانچە ئالدىرايسەنوي، قۇلاقلار مىدىرلىغىچە ئىچىمىز بۈگۈن !
— ما ئاداش خوتۇنىدىن قورقۇپ ئولتۇرالماي قالدى.
— خوتۇنۇڭدىن قورققان بولساڭ كۈرۈك مېكىياندەك ئۆيۈڭدە تۇخۇم بېسىپ ياتساڭ بولمامدۇ.
— بۇنىڭدىن كېيىن خوتۇنۇڭدىن رۇخسەت ئېلىپ كەل جۇمۇ...
سورۇندا يەنە نېمە گەپلەر بولغىنى ئۇنىڭ ئېسىدە يوق، ئەمما بەزى گەپلەر ئۇنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ ئۇرۇشماقچى بولغىنى ئېسىدە ئىدى. ئاخىرىدا ساقى نامەت ئارىغا چۈشتى:
— ئاغىنىلەر، ھەممەيلەننىڭ خوتۇن – بالىلىرىمىز بار، دۇنيادا ئاخىرلاشمايدىغان زىياپەت يوق، بىزمۇ ئۆيلىرىمىزگە قايتمىساق بولمايدۇ، نىياز تەڭشىلىپ تىلى كالۋالاشقىلى تۇردى، شۇڭا ئۇنى چىرايلىقچە يولغا سېلىپ قويايلى، – دېدى ۋە سورۇندىكىلەرگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن:
— ھوي ھېكىم، نىيازنى موتوسىكلىتىڭغا مىنگەشتۈرۈپ ئاپىرىۋەتكىنە.
— يېنىپ كەلگىچە قورقىمەن.
— تازا توخۇ يۈرەك نېمىكەنسەن، 30 چاقىرىممۇ كەلمەيدىغان يولدىن قورققۇدەك نېمىسى بار؟!
— شۇنداقتىمۇ ھەمراھلىققا بىرەيلەننى قوشۇپ بەرگىن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇنداق قىلىپ ھېكىم موتوسىكلىتنىڭ ئالدىغا ئۆزى مىنىپ، كەينىگە ھەمراھىنى مىنگەشتۈرۈپ يولغا چىقماقچى بولدى، ئاڭغىچە نىيازنى باشقىلار يۆلەپ ئېلىپ چىقىپ موتوسىكلىتنىڭ ئەڭ كەينىگە مىنگەشتۈرۈپ قويدى.
ھېكىم ھەمراھى بىلەن نىيازنى ئېلىپ يېزىنىڭ ئېگىز – پەس يوللىرىدا بەزىدە ئاستا، بەزىدە ئىتتىك مېڭىپ نىيازنىڭ مەھەللىسىگە كەلگەندە موتوسىكلىتنىڭ كەينىدە نىياز يوق بولۇپ چىقتى، ئۇلار دەسلەپتە چۆچۈدى، بىرئازدىن كېيىن (كەيىپچىلىكتە) ئېھتىمال بۇ ئاداش ئۆيىگە ئالدىراپ مەھەللىسىگە يېقىن كەلگەندە موتوسىكلىتتىن سەكرەپ چۈشۈۋالدى بولغاي، دەپ ئويلاپ موتوسىكلىتقا مىنىپ قايتىپ كېتىشتى...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
* * *
بۇ يەرنىڭ كۈز كۈنلىرى سوغۇق بولىدۇ. كۈزدە دېھقانلار ھوسۇل يىغىشقا ئالدىرىسا، بالىلار مەكتەپتىن كېلىپ ئۆچكە – قويلىرىنى باقىدۇ. بۈگۈن مەكتەپكە بارمايدىغان كۈن بولغاچقا، جاڭگالغا ئۆچكە باققىلى چىققان بالىلار ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۈچ – تۆتتىن بولۇپ قارتا ئوينىسا، بەزىلىرى قۇمساڭغۇ يەرگە ئاللىقانداق سىزىقلارنى سىزىپ سەكرەپ ئوينايتتى. بىر چاغدا قارتا ئويناۋاتقان بالىلاردىن بىرى:
— چۇرقىراشماڭلار، يىراقتىن بىرسى ۋارقىراۋاتىدۇ، – دېدى. ھەممەيلەن جىم بولۇۋېدى، دېگەندەك ئاۋاز يەنە ئاڭلاندى. كىمدۇ بىرى ‹‹ئادەم بارمۇ؟ قۇتقۇزۇڭلار!›› دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. بالىلار ئاۋاز چىققان تەرەپكە بويۇنداپ، ئاۋازنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى بىر قۇدۇقتىن چىقىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئەسلىدە ئالدىنقى كۈنى كەچتە سورۇندىن قايتقان نىياز مەھەللىسىگە يېقىنلاشقاندا موتوسىكلىت قاتتىق سىلكىنگەنلىكتىن قاڭقىپ چۈشۈپ كېتىپ مەستلىكتە ئاغزى شاخ – شۇمبىلار بىلەن مۇنداقلا يېپىپ قويۇلغان قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەنىدى. قۇدۇق چوڭقۇر بولمىسىمۇ سۈيى سوغۇق ئىدى. بالىلارنىڭ ئىچىدىكى ئابلىمىت تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا چېچەن بالا ئىدى. شۇڭا ھەممەيلەن ئۇنىڭ گېپىنى يىرمايتتى. ئابلىمىت بالىلارغا قاراپ:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
— قۇدۇقتا ئادەم بار ئىكەن، دەرھال قۇتقۇزۇۋالمىساق بولمايدۇ، شۇڭا قوي – ئۆچكىلەرنىڭ بوينىدىكى ئارغامچىلارنى يېشىپ بىر – بىرىگە ئۇلاڭلار، – دېدى. ھەش – پەش دېگۈچە 50 مېتىر ئوزۇنلۇقتىكى ئارغامچا تەييار قىلىندى. بالىلار بىر تەرەپتىن ئارغامچىنى قۇدۇققا ساڭگىلاتقاچ، بىر تەرەپتىن قۇدۇق ئىچىگە قاراپ:
— ھەي...! ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى چىڭ تۇتۇڭ، بىز تارتىمىز، – دەپ ۋارقىرىدى. بالىلار ئابلىمىتنىڭ قوماندانلىقىدا ئارغامچىنى كۈچەپ تارتىشقا باشلىدى. نىياز ئارغامچىنىڭ ئۇچىنى بېلىگە باغلىۋالغان بولۇپ قۇدۇقتىن چىقايلا دەپ قالغانىدى، بالىلار يەنە بىر ئاز كۈچىسىلا نىياز قۇتقۇزۇۋېلىناتتى. ئەمما قېرىشقاندەك ئارغامچا ئۈزۈلۈپ كېتىپ، نىياز قۇدۇققا يەنە چۈشۈپ كەتتى. ئابلىمىت بىر بالىنى مەھەللىدىكىلەرگە خەۋەر قىلىشقا ماڭدۇردى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىر ھازادىن كېيىن مەھەللىدىن 20 دەك ئادەم يېتىپ كېلىشتى. ئۇلار ئارغامچا بىلەن بىرەيلەننى قۇدۇققا چۈشۈردى. كۆپچىلىك ھە – ھۇ بىلەن نىيازنى تارتىپ چىقاردى. شۇ تاپتا نىياز بىر كېچە سوغۇق قۇدۇق سۈيىگە چىلىنىپ ياتقانلىقى ئۈچۈن چىرايى تاتىرىپ بەئەينى تىرىك مۇردىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى. كۆپچىلىك ئۇنى كۆتۈرۈپ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان زەمبىلگە سالدى ۋە ئۆيىگە ئاپىرىپ ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ قويۇشتى. ئاتا – ئانىسى ئۇنى دوختۇرغانىغا ئاپاردى، ئەمما تولىمۇ كېچىككەن بولغاچقا، نىياز ئەتىسى تېخى توققۇز گۈلى تولۇق ئېچىلىپ بولمايلا ۋاقىتسىز قازا قىلدى...