شۇ چاغلاردا

ۋاقتى:2011-08-21 11:44مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

ھىكايە
ئابدىۋەلى مۆمىن (شۇچاغلار)

ئىز تورى www.iz.la


بۇ ھىكايەمنى سىېنىڭدىن ، يەنە سەن بىلەن تۇنۇشقان ۋاقىتلاردىن باشلايمەن، توۋا  ،  ياش ۋاقىتلىرىم، 19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى، كىچىكلىكتە قىلدىغانغا ئىش تاپالماي، ئىنتىرنىت تورىدا  باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ،  بەزىدە قىزلارنى ئالداپ، قىزلار بىلەن داۋاملىق پاراڭلىشىپ، ئۇلار بىلەن سۇقۇشۇپ، ئەتىگەندىن كەچكىچە، كومپيۇتېر ئۈستىلىدىن تۇرماي، توردىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپلا يۇرەتتىم، ۋاقىتلىرىمنى ئاساسەن بىكارغىلا ئۆتكۈزۋىتەتىم، ئۇچاغلىرىم. ھەي:- ئويلىسام كۈلگۈم كىلىدۇ.
شۇ كۈنلەردە ئىنتىرنت تورىدىكى بىر ئاۋازلىق كامىرالىق خەتلىرى ئۇيغۇرچە بولغان بىر سۆھبەتخانىنى بايقاپ قالدىم، بۇ سۆھبەتخانىدىكىلەر شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىپتۇ، سۆھبەتخانا، چايخانا، دىگەنلەرگە قىزىقىپمۇ كەتمەيتىم، كوت كوت بىلەن پاراڭلىشىپلا يۇرەتتىم، ئەمما بۇ سۆھبەتخانىدىكىلەرنىڭ پاراڭلىرى ۋە يېزىشقان خەتلىرى مىنى باشقىچە قىزىقتۇرۇپ قويدى، ھەم ئۇلارنىڭ قوللانغان ئىسىملىرىمۇ شۇنداق قىزقارلىق، مەن ئۈزەممۇ خۇش چاچ چاق بولغانلىقىم ئۈچۈن، چايخانىغا بىر قانچە خىل ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ كىردىم، باشتا پاراڭلىشىدىغان ئادەم تاپالماي، باشقىلارنىڭ پاراڭلىرىغا دىققەت قىلىپ ئولتۇردۇم، كىيىن سۆھبەت خانىغا سەن كىردىڭ، سەن ئەسلى بۇ سۆھبەتخانىنىڭ بۇرۇنقى ئەزاسى ئىكەنسەن، ھەم بۇ سۆھبەتخانىدا باشقۇرغۇچى ئىكەنسەن، تۇرۇپلا سىنىڭ ئىسمىڭغا كۈزۈم چۈشتى، سەن سىنىڭ بۇ سۆھبەتخانىدىكى پاراڭلىرىڭ ئاۋازىڭ بارغانسىرى مىنى مەھلىيا قىلۋالدى، مەن ئاساسەن سۆھبەت خانىغا كىرىپ باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشنى كارىم يوق، سىنىڭ ئاۋازىڭنىلا ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم، سەن يوق ۋاقىتلىرىڭ بولسا باشقىلارنىڭ مۇنازىرسىگە ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئولتۇراتتىم، لىكىن سۆھبەتخانىدا سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاشقا شۇنداق ئامراق ئىدىم، سەن كىرسەڭلا شۇنداق خۇشال بۇلۇپ كىتەتتىم، سىنىڭ ئاۋازىڭ شۇنداق، قانداق تەسۋىرلىسەم بۇلا، ئىش قىلىپ تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيتىم، شۇنداق ئۇماق چىقاتتى، سىنىڭ سۆھبەتخانىدىكى ئاۋازىڭنى بىر ئاماللارنى قىلىپ كومپيۇتېرىمغا ئېلىۋالاتتىم، سەن توردا يوق ۋاقىتلىرىڭدا، ئۆزەممۇ بىلمەي، كومپيۇتېرىمغا ئېلىۋالغان، سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم، شۇ چاغلاردا سىنى كۆرمەي تۇرۇپ سىنىڭ ئاۋازىڭغا ئاشىق بۇلۇپ يۈردىم، ۋاقىتلار ئۆتتى، لىكىن سىنى كۈرۈشكە ھىچ ئامال قىلالمىدىم، بىر كۈنى ساڭا خەت يازدىم، سەن خېلى ئۇزۇنغىچە خەت يازىمىدىڭ، مەن يەنە قايتا خەت يازىدىم، سەن بىرلا ئېغىز ‹‹ياخشى›› دىگەن خەتنى ماڭا يازدىڭ، مەن يەنە ساڭا ‹‹ۋاقتىڭىز بولسا پاراڭلاشساق بۇلامدۇ›› دەپ خەت يازدىم، سەن بولساڭ يەنە جىمجىت، مەن سىنى قاچان خەت يازا دەپ ساقلاپ ئولتۇراتتىم، شۇنداق ساقلاپ ئولتۇرسام، سۆزلىگۈچنى ساڭا بەردى، سىنىڭ ئازىڭ يەنە چىقتى، شۇنداق دىققەت قىلىپ ئاڭلاۋاتىمەن، لىكىن سەن بۇنى ھىس قىلمايسەندە، شۇ ۋاقىتتا سىنىڭ ئاۋازىڭدىن باشقا كاللامغا ھېچنىمە كىرمەيتى، ئاۋازىڭنى يەنە شۇنداق دىققەت قىلىپ ئاڭلاۋاتقان ئىدىم، سەن بولساڭ شۇنداق ياخشى تىمىلار بىلەن مۇنازىرە قۇياتتىڭ مىنىڭ سۆزلىگۈچىم بولمىغاچقا سەن قويغان مۇنازىرىلەرگە ئاۋاز قۇشەلمايتىم، ئامالسىز خەت ئارقىلىق ئاۋاز قۇشۇپ ئولتۇراتتىم، ھەي بۇ ۋاقىتلاردا سىنىڭ چىرايىڭنى كۈرۈشكە قانچىلىك تەشنا ئىدىم ھە، كۇنلەر مۇشۇ تەرەققىدە بىر قانچە كۈن ئۆتتى، باشقىلارنىڭ ساڭا يازغان خەتلىرىنى كۈرۈپ قالدىم، خەتلەردە سىنى كۇرۋاتقانلىقى ۋە سىنى تەسۋىرلەپ بىرۋاققان ئىدى، مەنمۇ سىنى كۇرۇشكە ئالدىراپ كامىرانىڭ رەسمىنى باستىم، لىكىن چەكلىنىپ قالدىم، سىستىمىدا ‹‹كامىرانى دوسلىرى كۈرەلەيدۇ›› دىگەن ئۇختۇرۇش چىقتى، مەن ساڭا مىڭ جاپادا يالۋۇرۇپ مىنى دوسقا قۇشۇڭ دەپ مىڭ جاپادا ئۈزەمنى دوسقا قوشتۇردۇم، ئىكرانغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، سىنىڭ ئىككى كۈزۈڭ، ۋە يۈزۈڭ شۇنداق سۈزۈك، ئىكراندىن پەرىشتىلارنى كۆرگەندەك بولدۇم، سىنىڭ بۇ گۇزەل رۇخسارىڭغا قاراپ شۇنداق ئۇزۇنغۇچە ئولتۇرۇپ كەتتىم، ئاۋازىڭغا ئاشىق بۇلۇپ يۈرسەم، ئەمدى ئىكراندىن چىرايىڭنى كۈرۈپ، ساڭا باشقىچە ئاشىق بولدۇم، سىنىڭ بۇ سىياقىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ سىنىڭ چىقىپ كىتىدىغان ۋاقتىڭنىڭ كەلگىننىمۇ بىلمەپتىمەن، سۆھبەتخانىدىكىلەر بىلەن خوشلاشقان ئۇچۇرىڭنى كۆردىم، سىنى كۈرۈش ۋاقتىمنىڭ تۇشۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ سەن چىقىپ كەتكىچە، سىنى تۇلۇق بىر كۈرۋېلىش ئۈچۈن پۇتۇن دىققىتىمنى ئىكرانغا قاراتتىم، لىكىن ساڭا خەت يازمىدىم، توردىن چىقىپ كەتتىڭ، سەن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، مەن خۇددى گۈزەل پەرىشتەم يۇقۇتۇپ قويغاندەك بۇلۇپ كەتتىم، ئىكراندا بولمىساڭمۇ كۆز ئالدىم بار ئىدىڭ، خېلى ئۇزۇنغىچە خىيالىمدىكى سىمايەڭنى ئويلاپ ئولتۇردۇم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سىنى قاچانلىقىمۇ يەنە كۈرەلەمەن دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ ئولتۇراتىم، سەن ھەركۈنى ئەتىگەندە تورغا كىرسەڭ چۈشتىن كىيىن توردىن چىقىپ كىتەتەڭ، كۈنلەر شۇ پېتى ئۈتەتتى، مەن ھەر كۈنى ئەتىگەندە، سەن كىرىشتىن بۇرۇن تورغا كىرىپ سىنى ساقلاپ ئولتۇراتتىم، سۆھبەتخانىدا سەن بىلەن پاراڭلىشىشقا مىڭ جاپادا پۇرسەت چىقاتتى، سەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان بولدۇم، ھەي:- پاراڭلىرىمىز شۇنداق شىرىن ھەم شۇنداق قىززىق ئىدى، مەن (ھا ھا ھا ) دەپ كۈلسەم سەن بولساڭ (ھى ھى ھى ) دەپ كۈلەتتىڭ. قارا خەتلەردە كۈلۈشلىرىڭ شۇنداق ئۇماق، شۇنداق نازۈك.
شۇكۈنلەر سەن بىلەن پاراڭلاشمىسام ماڭا بىر كۈن ئۆتمەيتى، ھازىرغىچە سىنىڭ كوت كوت نۇمۇرىڭنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتىم، ھەم سەندىنمۇ بۇ تۇغۇرلۇق سۇراپ باقمىغان ئىدىم، توۋا مۇشۇ سۆھبەتخانىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشتىن باشقىنى قىلمايتىم، سەن بىلەن قانچىلىك پاراڭلاشسام شۇنداق خۇشال بۇلاتتىم، كەيپىياتىممۇ شۇنداق ياخشى بۇلەتتى، بۇ سۆھبەتخانا ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىشىغان بىردىن-بىر جايىمىز ئىدى، مەن ھەر قېتىم سەن بىلەن بۇ سۆھبەتخانىدا پاراڭلاشقاندا خۇددى سىنىڭ قۇلۇڭنى تۇتۇپ تۇرغاندەك، كەيپىياتتا پاراڭلىشاتتىم، خىيالىمدىمۇ ئىھتىيات قىلىپ سىنىڭ قۇلۇڭنى چىڭ سىقىۋەتمەسلىكنى ئويلايتىم

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ھىم؛- قىززىق،. ساڭا خىيالمدا ئاشىق لىكىن بۇنى ساڭا دىيەلمەي يۈرەتتىم، چۈنكى سەن مىنىڭ تۇنجى ياخشى كۆرگەن، سەن بىلەن كۈرەشمەي تۇرۇپ سەن بىلەن كۈرەشمەي تۇرۇپ مۇشۇ سۆھبەتخانىدىلا سىنى شۇنداق ياخشى كۈرۈپ قالغان ئىدىم. ئەممە بۇنى سەن بىلمەيتىڭ، سىنى ياخشى كۈردىغانلىقىمنى ساڭا قانداق دىيىشىمنى، قانداق قىلىپ ساڭا چىن مۇھابىتىمنى ئىزھار قىلىشنى بىلمەيتىم، لىكىن سەن بىلەن مۇشۇنداق پاراڭلىشىپ دىگەندەك بۇ كۈنلەرنى ئۆتكۈزەتتىم. بۇ پۇرسەتنىڭ قاچانمۇ كىلدىغانلىقىنى، سەن بىلەن قاچاندىمۇ كۈرۈشۈپ بۇ گەپلەرنى دىيىشىمنى بىلەلمەي يۇرىمەن، لىىن سەن بۇنىڭدىن بىخەۋەر، سەن پەرىشتىگە ئوخشىغان بىلەن پەرىشتە ئەمەستە. ساڭا بۇلارنى دىمىسەم مىنىڭ كۆڭلىمدىكىنى ئەلۋەتتە بىلمەيسەن. كۈنلەرنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ سىنى جانىم، جېنىم دىگەندەك سۆزلەر بىلەن چاقىردىغان بولدۇم، سەن بۇ گەپلىرىمگە دەسلەپتە كۈنەلمەي، ماڭا ئاچىقلىغاندەك خەتلەرنى يازغان ئىدىڭ، مەن بۇ گەپلەرنى سىنى زىكتۇرسەممۇ داۋاملىق دەۋاتىمەن. سەنمۇ بۇ گەپلەرگە بارغانسىرى كۈنۈپ قالدىڭ، قارا پەرىشتەم بۇ نىمىلەرنى يېزىۋىتىپ شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنى ئەسلەپ كۈلۈپ كەتتىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن يەنە بۇرۇنقى ئادىتىمغا بۇيىچە سۆھبەتخانىغا سەندىن بۇرۇن كىرىپ سىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم، سىنى ساقلاپ كۈزۈم تۆت بۇلۇپ كەتتى، ئەجەپ تەستە كىردىڭ. بۇ گەپلەرنى بۈگۈن ساڭا خەت ئارقىلىق دىگىدەك پۇرسەت كەلگەندەك قىلىدۇ، سەن كىرىپ بولغۇچە ساڭا ئىختىيارسىزلا خەت يازدىم. ‹‹ خەيرىلىك سەھەر ياخشى تۇرۇپسەنمۇ جانىم، سىنى ئەجەپ سېغىندىم، مىنى ساقلىتىپ ئەجەپ تەستە كىردىڭ›› دەپ يازدىم
سىنىڭ خىيالىمدا سىنىڭ سىمايەڭنى ئويلاپ، كۈزۈڭگە قاراپ بۇ گەپلەرنى ساڭا دەۋاتىمەن. بۇ گەپلەر سەن ئۈچۈن بىر تۇيۇقسىز بۇلۇپ قالدى. لىكىن مەن بۇ گەپلەرنى ئۇزۇندىن بېرى كۆڭلىمدە ساقلاپ تۇرغۇن، ساڭا بۇ گەپلەرنى دىۋالدىم، كۆڭلىم شۇنداق خاتىرجەم، قارا-قارا، سىنىڭ خىيالىمدىكى چىرايىڭ قىزىرىپ كەتتى، سىنىڭ خىجىل بولۋاتقىنىڭنى ھىس قىلالىدىم، شۇنداقتىمۇ مەن سىنىڭ ئۇماق شاھزادەڭ سەن بولساڭ مىنىڭ ئۇماق دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل مەلىكەم ئىدىڭ.

ئىز تورى بەك ياخشى


مۇھابىتىمىز مۇشۇ كۈندىن باشلاندى، ئالدىراش ۋاقىتلىرىمدا ساڭا تىلفۇن قىلدىغان بولسۇم، بىكار ۋاقىتلىرىمدا بولسا سەن بىلەن توردا پارالىشىدىغان، سىنىڭمۇ بىكار ۋاقىتلىرىڭدا مەن بىلەن تورخانىغا كىرىپ پاراڭلىشىدىغان بولدۇڭ، كۈندە دىگىدەك سىنى كۈرەلەيدىغان بولدۇم، شۇ چاغلىرىمىز شۇنداق بەختلىك ئىدى، مەن ۋاقىت چىقىرىپ سىنىڭ يېنىڭغا سىنى كۆرگىلى باردىم. سىنى ئاخىرى كۈرەلىدىم، سەن بىلەن پاراڭلىشىپ بۇ گەپلەرنى سىنىڭ قۇلۇڭنى تۇتۇپ تۇرۇپ دىدىم. ئەمما مەن شۇنداق خۇشال، شۇنداق بەختلىك، مانا ئالدىمدا تۇرۋاتقىنى سەن. قارا كۆزلىرىڭ، قارا چاچلىرىڭ، شۇنداق كىلىشكەن بويلىرىڭ، خىيالىمدىكى رۇخسارىڭنى قايتىدىن بىر يېڭىلىۋالدىم دىسەممۇ بۇلىدۇ، ياق خىيالىم ئەمەس بۇ مىنىڭ رىيانلىقىم، ئۈزەمنىڭ يەنە ئىككىمىزىڭ بەختىنىڭ رىيانلىقى. سەن بىلەن كۈرشىپ بولغاندىن كىيىن شۇنداق خۇشاللىقىمدا قايتىپ كەلدىم. www.iz.la
سەن بىلەن بولغان ئالىقىمىز ئۈزىلىپ قالمىدى، يەنە شۇ بۇرۇنقىدەك پاراڭلىشىپ تۇردۇق، بەزى كىلىشمەسلىكلەر سىنىڭ بېشىڭغا كەلدى، مەن يېنىڭدا بوللالمىدىم، سەن بەزى ئازاپلارغا قالدىڭ بۇ ۋاقىتلاردا يېنىڭدا بۇلالمىدىم، چۈنكى ئىككىمىزنىڭ ئارلىقىمىز سەل يىراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ بارغىدەك ۋاقىت چىقىرالمىدىم، بۇ كىلىشمەسلىكلەرىڭگە ياردەم قىلالمىدىم، ئاۋارچىلىقىڭ شۇنداق جىق بۇلۇپ كەتتى. بۇنىڭغىمۇ ياردەم قىلالمىدىم، مىنى چاقىرغان چېغىڭدا بولسا يېنىڭدا بارالمىدىم. لىكىن سەن بۇ ئىشلارنى ماڭا ئازراق بىر قىسمىنىلا دىمىگەن.
سەن بىلەن مىڭ جاپادا توي قىلىشنى ۋە سەن بىلەن بىر بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشنى ئاتا-ئانام بىلەم مەسلەتلىشىپ، ئارلىققا سىڭلىمنى سېلىپ يۈرۈپ ئۆيدىكىلەرنى قايىل قىلغان ۋاقىتلىرىمدا بولسا سەن يۇقاپ كەتتىڭ. سىنى تاپالمىدىم، باشقىلاردىن ئاڭلىسام سەن جىق ئاۋارچىلىقلارغا ئۇچراپسەن. مەن يېنىڭدا بولغان بولسام بۇ ئاۋارچىلىقلارغىمۇ ئۇچرىمىغان بۇلاتتىڭ. ھە.....  مەن ئۈزەمنى دەپ سىنى تاشلاپ قويدۇم سىنى يالغۇز تاشلاپ قويدۇم، شۇڭا سەن بۇ ئاۋارچىلىقلارغا ئۇچۇردىڭ. copyright by www.iz.la
مانا سەن بىلەن كۈرۈشمىگىلى خېلى ۋاقىتلار بولدى، بىر قانچە قېتىم سىنى ئىزدەپ باردىم، لىكىن تاپالمىدىم، سەن ئىشلەيدىغان يەرگىمۇ باردىم، لىكىن سەن يوق، مەن شۇنداق قىلىپ، قايتىپ كەلدىم، خېلى ۋاقىتلار ئۆتتى، ئاتا-ئانام سەن توغۇرلۇق سۇراپتى مەن ئۇلارغا كۈرشەلمەۋاتىمەن، نىمە ئىش بولغىنىنى بىلمىدىم، ئىزدەپ بارساممۇ تاپالمىدىم، دەپ جاۋاپ بەردىميۇ، ئېچىمدىكى ئازاپنى ئازراق بولسىمۇ يۇشۇرۇپ قالدىم، ھەر كۈنى ئاخشىمى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ، يۇلتۇزلاردىن مىنىڭ پەرىشتەم نەدە، ئۇ نىمىشقا مىنى ئىزدىمەيدۇ، نىمىشقا مەن بىلەن كۈرۈشمەيدۇ دەپ سۇراپ كىتەتىم. ئۈنلىك ئاۋاز بىلەن سىنى چاقىراتىم. لىكىن يەنىلا شۇ جىمجىت قاراڭغۇ كىچە ۋە كۆز قىسىم تۇرغان يولتۇزلارغا قاراپ تۇراتتىم.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

شۇ ۋاقىتلاردا مىنىڭ بۇ ئەھۋالىمنى كۆرگەن بىر قىسىم دوسلىرىم ماڭا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، مىنى بىر قانچە ئولتۇرۇشلارغا ئاپاردى، ئۇ يەردە دوسلىرىمنىڭ زورلىشى بىلەن ھاراقنى كۆپ ئىچىپ، كۇچىلاردا دەلدەڭشىپ يۈرۈپ ئالدىمغا ئۇچۇرغانلا ئادەمنى تىللاپ دىگەندەك مىڭ جاپادا ئۆيگە قايتىپ بىر كىچىنى ھېچنىمىنى بىلمەي بىر كىچىنى ئۆتكۈزەتتىم، كۈنلەر مۇشۇ بۇيىچە ئۈتۈپ كىتىپ باراتتى، قىزلار كۈزۈمگە بۇرۇن سىنى ياخشى كۈرۈشتىن بۇرۇن، سىنى ئۇچۇرتۇشتىن بۇرۇن قانداق كۈرۈنگەن بولسا شۇنداق كۈرۈندىغان، بۇلۇپ كەتتى، قىزلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىم بارغانسىرى ئېشىپ كەتتى، مەس ۋاقىتلىرىمدا قىزلارنى كۆرسەم تىللايدىغان، ئۇلار بىلەن سۇقۇشىدىغان بۇلۇپ قالدىم، بۇ بارغانسىرى ئۆچمەنلىككە ئايلاندى، مەن دوسلۇرۇم بىلەن ئولتۇرۇپ ئولتۇرشىمىزغا قىزلارنى چاقىرىپ قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇلارنى قولغا كەلتۇرۋالغۇچە، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئالداپ قولغا كەلتۇرۋېلىپ، قولغا كەلتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇلاردىن سەندىن ئالالمىغان ئاچچىقىمنى، ۋە سىنىڭ ماڭا سالغان ئازاپلىرىڭنى ئاشۇ باشقا قىزلاردىن ئالدىغان بولدۇم، بۇنىڭ ھەممىسىگە سىنى سەۋەپچى دىمەيمەن، سىنىڭمۇ بېشىڭغا نۇرغۇن ئازاپلار ۋە نۇرغۇن كۈلپەتلەر كەلگەندە مەن يېنىڭدا يوقدە. بۇنى ھەرگىز سەندىن كۆرمەيمەن، بۇنى ئۈزەمنىڭ تەتۇر پىشانىلىكىمدىن كۈرمەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مۇشۇنداق قىلىپ يۇرۇپ يەنە بىر تۇلۇق ئوتتۇرنى يىڭىلا پۇتتۇرۇپ چىققان بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم، بۇ قىزمۇ شۇنداق خۇش چاقچاق ئىدى، لىكىن ئۇنىمۇ ئالدىدىم، تىرشىپ ئۇنىمۇ قولغا كەلتۇردۇم، تەسلىكتە قولغا كەلدى، لىكىن ئۇنىمۇ خارلاپ قويدۇم، ئۇنىڭغا مەجبۇرى زورلۇق قىلدىم، ئۇنىڭ پۇتۇن ياشلىق باھارىنى ۋە ئۇنىڭ جېنىدىنمۇ ئېزىز كۈردىغان قىزلىق ئىپپىتىگە تەگدىم. مەن بىر قانچە كۈن ئۆيدىن سىرىتقا چىقماي يۇشۇرنىپ تۇرۋالدىم، ئۇ ماڭ جىق تىلفۇنلارنى ئۇردى ئۇچۇرلارنى يوللىدى، مەن بىرگىمۇ جاۋاپ قايتۇرمىدىم، پۇرسەتتىن پايدىلنىپ يەنە سىنى ئىزدەش ئۈچۈن سىنىڭ يۇرتىڭغا باردىم، ئۇ يەردە بىر قانچە كۈن يۇشۇرنۇپ يۈردىم. ئۆيدىكىلەردىن ئاڭلىسام ئۇ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى مىنى ئىزدەپ ئۆيگە بېرىپتۇ، ھەم مىنى ئۆيدە يوق دىسە سىلەر بالاڭلارنى يۇشۇرۇپ قۇيۇپسىلەر، ئۇ قىزىمنىڭ بەختىنى نابۇت قىلدى دەپتۇ، ئىز تورى بەك ياخشى
ئۆيدىكىلەرگە بۇ گەپنى ئۇققاندىن كىيىن ئۇلارغا بىز ئۇنى ئىزدەپ تاپىلى ھەر قانداق ئىش بولسا چىرايلىق دىيىشەيلى دەپ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قۇيۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەردىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ بارغۇم كەلمىدى، شۇ يەردىن ئۇرۇمچىگە كىتىپ قالدىم، ئۇرۇمچىدە بىر قانچە كۈن ئايلىنىپ يۈرسەم ئاپام يەنە تىلفۇن قىلدى ۋە ساقچىلارنىڭ مىنى ئۆيگە ئىزدەپ كەلگىنىنى ئېيىتتى، مەن ئىشنىڭ چۇڭىيىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆيگە قايتىماقچى بولدۇم، ئۆيدە قايتىشتىن بۇرۇن، ئۇ قىزغا تىلفۇن قىلىپ مەن ھازىر قايتىماقچى، سەن ئۆيدىكىللىرىڭگە دەپ بۇ ئىشلارنى بېسىقتۇر، بۇ ئىشىڭ ئاخىرى ساڭىمۇ ماڭىمۇ ياخشى بولمايدۇ، دەپ ئۇنى قايىل قىلىپ قايتىپ باردىم، قايتىپ بارغان ۋاقىتتا سەن ماڭا تىلفۇن قىلدىڭ. مەن شۇ چاغدا شۇ قىز بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن توي تەييارلىقى قىلۋاتقان ئىدىم، ئەگەر مەن بۇ توينى قىلمىسام، ئۇنىڭ ۋە ئۈزەمنىڭ مەڭگۈلىك بەختىگە ئولتۇرۇپ قۇياتتىم، شۇڭا ساڭا ئامالسىز مەن توي قىلغان بولدۇم، دەپ شۇنچىلىكلا دىيەلىدىم، ئەمما بولغان ئىشلارنى سەندىن يۇشۇردۇم.  
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

سەن شۇ بىر قېتىملىق تىلفۇندىن كىيىن يەنە يۇقاپ كەتتىڭ، مەن توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن سىنى بىرقانچە قېتىم ئىزدەپ باردىم، لىكىن سىنى تاپالمىدىم، باشقىلاردىن سۈرۈشتە قىلسام سىنى بار دەيدۇ لىكىن ئىنىق ئورنىڭنى بىلمەيدىكەن، يەنە سىنىڭ خەۋىرىڭنى ئالالماي قايتىپ كىلەتتىم. ئىككىمىز پاراڭلىشىدىغان ھېلىقى سۆھبەتخانا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تاقىلىپ قالدى، مەن سىنى تاپالماي قالمەن دەپ، ئۈزەم شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ بىرنى ياساپ چىقتىم، مەن ساقلىدىم، ساقلىدىم، ساقلاۋاتىمەن، بۇ كۈنلىرىم ساقلاش بىلەنلا ئۈتۈپ كەتتى، لىكىن سەن يەنىلا يوق. بىزنىڭ بۇ يەردە يامغۇر بىر قەدەر كۆپرەك ياغىدۇ، جەنۇپقا قارغاندا بىر قەدەر كۆپ، ھەر قېتىم يامغۇر ياققاندا سىنىڭ ئاشۇ ‹‹ مەن يامغۇرغا ئامراق›› دىگەن گىپىڭ ئىسىمدىن كىلەتتى، ھەر قېتىم يامغۇر ياغسا سىنى ئەسلەپ قالىمەن ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بىر قېتىم سىنىڭ يۇرتىڭدا بىر ئايلىق تەربىلىنىشتە بولدۇم، بۇ ۋاقىتتا سىنى بىر كۈن تاشلاپ قويماي ئىزدىدىم، لىكىن سىنىڭ قاراڭنىمۇ تاپالمىدىم، بۇ كۈنلىرىم سىنى سېغىنىش ۋە سىنى ئەسلەپ تۇرۇش، ساڭا بولغان ئوتلۇق مۇھابىتىمنى تېخى شۇ پېتى ساقلاپ كەلدىم. سىزنى ئىزدەشتىن ۋە سىنى سېغىنىشتىن ساڭا بولغان مۇھابىتىمنى ھازىرغىچە ساقلاپ كەلدىم.
مانا ئىككىمىز كۈرۈشمىگىلى 4 يىل بۇلاي دىدى، بۇ ۋاقىتلاردا كۆڭلىم شۇنداق پەرىشان تۇرمۇشىمدا نۇرغۇن چۈشەنمەسلىكلەر يۈز بىرىپ، تۇرمۇشۇممۇ كۈڭۈلدىكىدەك ئەمەستى.
سەن تۇيۇقسىز تىلفۇن قىلدىڭ، مەن سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بۇلۇپ كەتتىم، سەن ماڭا مەن كىمۇ دەپتىكەنسەن، سىنىڭ ئىسمىڭنى دەپ بەرسەم سەنمۇ ھەيران قالدىڭغۇ دەيمەن، قانداق تۇنۇپ قالدىڭىز، دەپ سۇرىدىڭ، مەن شۇنداق خۇشاللىق بىلەن سىنىڭ ئاۋازىڭنى تېخى ئۇنتۇلۇپ قالمىدىم دەپ جاۋاپ بەردىم. ھەي مىنىڭ خۇشاللىقىم يەنە باشلاندى، سەن بىلەن كۈندە دىگۈدەك تىلفۇندا ئىككى، ئۈچ، سائەتلەپ پاراڭلىشىدىغان، پاراڭلاشمىسام ئۇخلىيالمايدىغان بۇلۇپ قالدىم. سىنى ئۈزەمنىڭ خۇشاللىقى ۋە خۇمارىم دەپ بىلەتتىم، مۇشۇ كۈنلەردە مىنىڭ كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس، نۇرغۇنلىغان ئىشلار بېشىمنى ئاغرىتىپ تۇرغان ۋاقىتلار ئىدى، سىنىڭ بۇ ۋاقىتتا تىلفۇن قىلغانلىقىڭ مەن ئۈچۈن بىر چوڭ خۇشاللىق بولغانتى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

قارا بىز كۈندە بىر ۋاققىچە پارالىشىپ، ھەر ئىككىلىمىز شەپەرەڭگە ئايلىنىپ قالايلا دەپ قالغان ئىدۇق، ھەي سىنىڭ ئاۋازىڭ بەك ئۇماقتى، ئاۋازىڭ يەنىلا بۇرۇنقىدەك تۇرۇپتۇ، سىنى شۇنداق كۆرگىم كەلدى، چىرايىڭنى يەنە شۇنداق سېغىنغان ئىدىم، سەن بىلەن كۈندە دىگۈدەك پاراڭلىشىپ توردا كۈرشەپ تۇرۋاتىمەن، مەن ھازىر شۇنداق خۇشال، مانا ئىككىمىز خېلى كۈنلەرگىچە پاراڭلىشىپ كەلدۇق، سىنىڭ تىلفۇندا مىنىڭ يېنىمغا بارمەن دىگەن گىپىڭنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولدۇم، سىنى تىزراق كەلسىكەن دەپ تۆت كۈزۈم بىلەن سىنى كۈتۈپ ساقلاپ تۇرۋاتقان ئىدىم، سەن كەلگىچە ساڭا قانچە قېتىم تىلفۇن قىلغانلىقىمنى ئۈزەممۇ بىلمەيمەن. سەن تىچلىق ئامان يېنىمغا كەلدىڭ، سەن يەنە شۇندق ئۇماق، چىرايلىق تۇرۇپسەن، سىنى كۈرۈپ خۇشاللىقىمدا ئۈزەمنى ئاسمانغا ئاتمىدىم ئۇنىڭ بىرسى بۇلۇپ كەتتىم. ئۈزەمدىن ئۈزەمگە پەرىشتەم كەپتۇ، مىنىڭ پەرىشتەم كەپتۇ، دەپ توختىماي سۆزلەپ كەتتىم. سەن مەن بىلەن بىر كۈنى ئۆتكەزدىڭ، مەن سىنىڭدىن شۇنداق خۇشال بولدۇم. سەن ئۆيگە قايتىمەن دەپ كىتىپ قالدىڭ، مەن سەن كەتكەننىڭ ياقى ئۆيدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ سىنىڭ كەلگەنلىكىڭنى ۋە مەن بىلەن كۈرۈشكەنلىكىڭنى ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىپ ئاتا-ئانامنى تىلفۇن قىلىپ يۈرۈپ مىڭ جاپادا قايىل قىلىپ، سىنى ياخشى كۈردىغانلىقىمنى سەن بىلەن توي قىلدىغانلىقىم دەپ قايىل قىلغان ئىدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سەن ئۈيىڭگە بېرىپلا ئايلىنىپ كەتتىڭمۇ، يا بولمىسا مەندىن ئاغرىنىپ قالدىڭمۇ تۇيۇقسىزلا ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى يەنە ئۈزۈلۈپ قالدى، مەن ساڭا ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىككىمىزنىڭ توي ئىشىغا قۇشۇلدىغانلىقىنى ۋە سىنى كۈرۈپ باققىسىنىڭ بارلىقىنى دىيىش ئۈچۈن ساڭا شۇنداق جىق تىلفۇن قىلدىم، شۇنداق تىت-تىت بولدۇم، سىنىڭ دوستىڭغا تىلفۇن قىلىپ بەك مۇھىم ئىش بارلىقىنى مەن بىلەن تىز ئالاقىلاشسۇن دەپ ھاۋالە قىلىپ قويدۇم، سەن تىلفۇن قىلىپتىكەنسەن يۈرىكىم سەل ئىزىغا چۈشتى، مەن تىلفۇننى ئالدىم، سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ شۇندق خۇشال بولدۇم، تىچلىق سۇراشتۇق، سەن باشقا گەپ قىلماي، مىنى نىمە سەۋەپتىن ئىزدىگەنتىڭىز، نىمە ئىش بارتى دەپتىكەنسەن، مەن بۇنىڭ باشقا ئىشنى ھىس قىلالماي، ئىككىمىزنىڭ ئىشىى چوڭلارغا دىگەنتىم ئۇلار سەن بىلەن كۈرشۈپ باقىلى دىگەنتى، ۋاقتىڭ بولسا كىلەمسەن دىسەم، سەن ماڭا ئوخشاش، مەنمۇ بۇ ئىشنى ئاچامغا مەسلىھەت سېلىپ باققانتىم، ئاچام قۇشۇلمىدى، دەپ تۇرۋالدىڭ. مەن ئەسلى سەندىن بۇ جاۋاپنى كۈتمىگەن، سىنى خۇشال بولىدۇ دەپ ئويلىغان، سەن ئەكسىچە جاۋاپ بەردىڭ. مەن تىلفۇننى قۇلۇمدا تۇتۇپ تىترەپ كەتتىم، ئامالسىز تىلفۇندا گەپ قىلالماي، ساڭا كەچتە تىلفۇن قىلاي دەپ تىلفۇننى قۇيۋەتتىم.

ئىز تورى بەك ياخشى


مىنىڭ خۇشاللىقىم تۈگۈدى، مىنىڭ ئازاپلىرىم يەنە باشلاندى، مەن سىنى دەپ بارلىقىدىم ۋاز كەچكەن ئىدىمغۇ، سەن ماڭا مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇردۇڭ، مەن ئەمدى بارلىقىمدىن ۋە سەندىن ئايرىلىپ قالدىم، ئاتا-ئانامغىمۇ ئىككىنجى قېتىم مەغلۇپ بولغانلىقىمنى دەيمەنما. يەنە قايسى يۈزۈم بىلەن تىلفۇنىنى ئالىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنىمۇ ئۈزىۋەتتىم، تىلفۇن قىلسا ئالمىدىم، ئىشخانىغا تىلفۇن قىلسىمۇ ئالمىدىم. سەن ھازىر مىنى ئېغىر قىيىنچىلىقتا قويدۇڭ.
سىنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرىڭ باردۇ، بۇنى مەن بىلمەيمەن. سىنى سۈيمەن، سەن مىنىڭ بارلىقىم ئىدىڭ، سەن بەختلىك بولساڭ مەن بۇنىڭغا خۇشال، بەخىتلىك بول، بەخت بول،..... بەختلىك بول،......... بەختلىك بول............................ ساڭا بەخت تىلەيمەن.
www.iz.la

بۇلارنى دەپ سىېنى مەڭگۈلۈك ۋىجدان قەرزى قىلىپ قويغۇم يوق، لىكىن سەندىن شۇنى ئۈتىنەي ئۈزەڭنىڭ گۈزەللىكىڭ ۋە ئەخلاق گۈزەللىكىڭنى مەڭگۈ ساقلاپ قال.... بۇ ھىكايەمگە ساڭا بولغان كۈڭۈل سۆزلىرىم ۋە ئاچچىق ھىسلىرىم سىڭگەن،....

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

مەنبە؛مىسرانىم مۇنبىرى مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بىر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى

    بىر قىز پۇتى تازا ياخشى باسمىغاچقا،ئەتىدىن كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،باشقا بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ تۇراتىتى. بىريىلى يازدا قوشنىسنڭ شەھەردىكى تۇقىقنى بۇيەرگە ئوينىغىلى كەلدى.ئۇلارنڭ بۇقىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەندى. شەھەرلىك بالا ناھايتى...

  • قايغۇنىڭ دوستى

    خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئور...

  • دېرىزىنىڭ يېنىدا

    شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە) ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى. بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى: ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل... ئارىدىن...

  • دوختۇر ۋە مۇخبىر

    مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىن...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...

  • ھېكايە... بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە

    ھېكايە بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە كىرىش سۆز بۈگۈن يازماقچى بولغان ھېكايەم رىياللىقتىكى ئادەمنى چۆچىتىدېغان ھەقىقى ۋەقەلىك....بۇ ھېكايەمنى باشلاشتىن بۇرۇن،مەن ئۇقۇغان كىتاپتىكى بىر ھېكايىدىن ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي.مەن ئۇقۇغان ئۇ ھېكايىدە ئاكا-ئۇكىلار ئاتا...

  • پىستەك

    پىستەك ئەسلىي تاغامنىڭ ئىتى ئىدى.ئۇ شەھەرلىكىلەرنىڭ ئىتلىرىدەك ئۇنچىلىك پاكار ئەمەس، ئەمما سەھرا ئىتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا جۇغى كىچىك بولغاچقا،ئىنىم ئىككىمىز ئۇنىڭىغا(پىستەك)دەپ ئىسىم قويغانىدۇق. ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئىككى يىل ئىلگىرى ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈن...

  • ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى

    ھەزىرتى ئادەم ئەلەيسالام يارىتىلغاندا بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش بۇيرۇلغان،بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئىبلىس مەنگۈ لەنەتكە دۇچار بولغانىكەن .دىمەك ،ئىنسان يارىتىلىشىدىنلا ئەنە شۇنداق ئەزىز يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭغا تەبىئەتتىكى بارلىق نېمەتلەردىن...

  • سۆيۈنچە

    بىر ۋاقىتلار ئۇر ھەمدە كۆر، كېيىنچە كىچىك ۋە كاتتا تاغ دەپ ئاتىلىدىغان تاغلار ئارىسىدا، سىردەريانىڭ تۆۋەن قىسمىدا بىر يۇرت جايلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ سۇلتانى ئادالەت بىلەن يۇرت باشقۇرۇشتا داڭقى چىققان سۇلتان مەھمۇد باھادىرخان ئىكەن. قەۋمىنىڭ ياشۇ قېرىسىنى ئەز...

  • كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق

    كۈزپەسلىنىڭ دەسلەپكى شاماللرى كىشى ھۇجۇدىغا ناھايىتى ۋەھىمىلىك ھېسلارنى سالسىمۇ،بىراق ئوتتۇر مەزگىللگە كەلگەندە دەرەخ ئۈستىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلارنى لەرزان لەيلىتىپ يەرگە چۈشۈرۈپ تەبىئەتكە ئاجايىپ تۈس قوشاتتى،ئەنە شۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ھۆسۈن قوشقان تەب...

  • پۇلغا تامىغان ياش

    ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ھارۋامنى تېز ھەيدەپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ، ئاپامنىڭ ئاغرىپ ياتقانلىقى مىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى . ئاپام 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ئادەتتە ئىشچان ، تەلەپچان ئائىلە ئايالى ئىدى . مەن ئا...

  • قاراڭغۇدا ئالىيىش

    مەن خىزمەت تەقسىماتى بويىچە مۇشۇ ئىدارىگە كەلسەم،نامەت ئەپەندى كاتىبات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىكەن.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر پۇتنى ئاياپ دەسىسەيدىغان،ئېڭىكىدىكى تاتۇقى ساقلىقىنى قاق ئوتتۇرسىدىن ئىككى تەرەپكە بۆلۈۋەتمەي،چېغىر كۆزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان،بويى پاكا...

  • مەن قورقىمەن

    مەن ئازۇيۇم ئىچىدە ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپلا قىلىشتىن قورقىمەن. مەن ئاداشلىرىم ئارقىدىنلا پالاقشىپ نىمە دىسە لەببەي دەپ ئاتا-ئانامنى قاقشىتىپ سورون دىسە ، ئويۇن دىسە ئۆزۈمنى تارتالماي ئاغىندارچىلىق قىلىپ ئۆزۈمنى شۇ جايلاردا يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ قىلىشتىن بەك قورقىمەن...