يىگىتنىڭ ساداقىتى

ۋاقتى:2011-08-20 11:43مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
   بۈگۈن جانجىگەر دوستۇم باھادىرنىڭ تويى،مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە مەنمۇ دوستۇم بىلەن  تەڭ كۈلۈپ ئۇنڭغا بەخىت تىلىسەم بولاتتى،كۈلدۈم لىكىن ئاچچىق ھەم ساختا كۈلۋاتىمەن،يۈرىكىم مۇشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىۋاتىدۇ.باھادىردەك ئېسىل بىر يېگىتنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغىنغا ،مەن شۇنچىۋالا ئەقىللىق ھېسابلايدىغان دوستۇمنىڭ نىكاھ ئىشدەك نازۇك ئشقا كەلگەندە ئەقلىنى ئىشلەتمىگىنىگە ئېچىنىۋاتىمەن.
ئۇنىڭغا دوست -بورادەرلەر كۆپ نەسىھەت قىلىپ كەتتۇق ،جىمجىت ئولتۇرۇپ ئاڭلايدىيۇ لىكىن ئۇ قولىغىدىن كىرىپ بۇ قۇلىغىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
-ئاداش ئۇ سېنى ئاز ئالدىدىمۇ ،بۇرنىڭغا سۇ كىرمەپتۇ دە. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
-ئۇنى بىلىمەن.
-بىلىپ تۇرۇپ يەنە نىمىگە توي قىلىمەن دەيسەن ئۇنداقتا.
-گەپ قىلە .
-نىمانداق قىلىسەن كۆڭلۈڭدىكىنى دىگنە ئادەمنىڭ ئچىنى سىقماي،-ئۇ زۇۋان سۈرمىدى.
مەن يەنە سوردىم ؛
ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساڭ بەخىتلىك بولالامسەن ؟
-بىلمەيمەن
-سىناپ باقاي دەمسەن ،-مەن ئەزۋەيلەپ سۆزلەشكە باشلىدىم
-ھەي نىكاھ ئىشى دىگەن ئومۇرلۈك ئىش جۇمۇ ،سەن بۇنى ئويۇن ئورنىدا كۆرۋاتامسەن ،سېنى نەچچە قېتىم تاشلاپ كەتكەن ئادەم يەنە قىلماسمۇ ،سېنى ئەخمەق قىلىپ قونچاقتەك ئوينىتىپ يۈرگەنلىرى يەتمەپدۇ دە ساڭا،بىلىپ قال ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساق بىر ئۆمۈر خار بولۇپ ئۆتىسەن ،ئەقلىڭ دۈمبەڭگە چىقىپ قاپتۇ سېنىڭ ئىز تورى بەك ياخشى
-بولدى قىلە ئۇنىمۇ خىجىل قىلىۋەرمەي ،كۆڭۈلنىڭ ئىشغا ھېچ نىمە دەپ بولمايدۇ،-باشقا بالىلار شۇنداق دىمىگەن بولسا ئاچچىقىمدا نىمىلەرنى قىلىۋېتشىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتىم.
بۇ ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن دىيىشكەن گەپلەر.باھادىر ئىككىمىز ئەزەلدىن قىزىرشىپ قىلىپ باقمىغان،بۇنداق ئىغىر گەپلەرنىمۇ قەتئىي قىلىشمايتۇق.لىكن بۇگەپلەرمۇ ئۇنڭغا ئېغىر كەلمىدى ،ئۇ قىز ھازىر جېنىڭنى بەرگىن دىسە ئۇ ئىككىلەنمەي بېرىدىغاندەك قىلاتتى ،ئۇ ئاڭلاپ زېرىكمىگەن بىلەن مەن سۆزلەپ زېرىكتىم،ھەم خىجىلمۇ بولدۇم .
ئەسلى ئىش مۇنداق ،باھادىر نىڭ كىچىكىدىلا ئاتا -ئانىسى تۈگەپ كېتىپ چوڭ ئانا-چوڭ دادىللىرى بېقىپ چوڭ قىلغان،بىز كىچىكىمىزدىلا  بىللە ئويناپ بىللە ئوقۇپ دىگەندەك چوڭ بولغان ،باھادىر بۇ قىز بىلەن سەپەردە تونۇشۇپ قاپتىكەن ،ئۇقىزنىڭ ئالى مەكتەپكە مېڭىشى باھادىرنىڭ تىجاەت ئىشى بىلەن شەھەرگە مېڭىشى توغرا كېلىپ قىلىپ ئىككىسى بىر ماشىنىدا سەپەرداش بولۇپ قاپتۇ.

copyright by www.iz.la


باھادىرنىڭ سەپەردىن قايتىپ كەلگەندىكى گەپ سۆزلىرىگە قاراپ ئۇنىڭ ئۇ قىزغا قىزىقىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم،ئاندا -ساندا تىلفۇندا پاراڭلاشقىنىمۇ ئاڭلاپ قالاتتىم،ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ئۇ قىز تەتىل قىلىپ يۇرىتقا كەلگەندە ئۇلار يۈرۈپ قاپتۇ.تاكى ئۇقىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگىچە بولغان تۆت يىل جەريانىدا ئۇ ئىككىسى كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك ياخشى ئۆتتى،بىز ئاغىنە بالىلارمۇ ئۇلارنىڭ ئىناق ،ئامراقلىقغا شۇنچىلىك ھەۋەس قىلاتتۇق.
ھەممە ئىشلار  قىز مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كىيىن يۈز بېرىشكە باشلىدى.ئۇ مەزگىللەردە باھادىر ئۆزىنىڭ تىجارەت ئىشلىرى بىلەن يۇرتتا تولۇق تۇرۇپ بولالمىدى،تۆت -بەش يىل خەقنىڭ يۇرتىدا تۇرۇپ ئۆزىنى ساق تۇتۇپ باشقا كىشلەرگە كۆز قىرىنى سالماي يۈرگەن قىز ،تۆت -بەش ئايغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى.بىر يۇرتتا بولغاندىكىن كۆرمەي دىسىمۇ قەدەمدە بىر ئۈچراپ قالدىكەن ،ئۇنى باشقا بىر بالا بىلەن تولا ئۇچىرتىدىغان بولۇپ قالدۇق،باشتا بىزنى كۆرسە بىئارام بولۇپ قېچىپ يۈردى ئاستا -ئاستا بۇنداق ئىشلار تەكرارلىنىۋەرگەچكە ئۇمۇ ھايا قىلماس بولۇپ كەتتى.باھادىرغا دەيلى دىسەك تېخى چۈنكى ئۇ قىزنىڭ ئەقىدىسگە بەك ئىشىنەتتى زەربە بولمىسۇن دىدۇق،دىمەيلى دىسەك تېخى .ئۇمۇ بىر ئەقىل ئگىىسى بولغاندىن كىيىن كىيىن ئۆزىمۇ ھېس قىلىپ قالاردەپ ئۇ توغۇرلۇق ئېغىز ئاچمىدۇق. ئىز تورى www.iz.la
باھادىرنىڭ سىرتتىكى ئىشلىرىمۇ تۈگەپ يۇرتتا موقىم تۇردىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى،توۋا ئادەم ئۆزگىرەي دىسە بىردەمچىلىك ئىش ئىكەن،ماۋۇ قىزنىڭ شەيتانلىقنى قاراڭ ،ئەمدى باھادىرنىڭ يېنىدىن ئايرىلماسلا بولدى.توۋا- توۋا ھە بوپتۇ بۇمۇ بولغىنى قىلغىنىغا پۇشايمان قىلغان ئوخشايدۇ ،ئىككىسى ياخشى ئۆتسىلا بولمىدىمۇ.
ئۇ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر كۈنى كەيپىياتى شۇنداق ناچار ،روھى چىقىپ كەتكەندەكلا يېنىمغا كەپتۇ ،ئۇنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ <<ئاپلا ئالمىرەنىڭ قىلىپ يۇرگەن ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپتۇ-دە>>دەپ ئويلىدىم.شۇ ھامان سوردىم ؛
-نىمانچە سولىشىپ كەتتىڭ ،ياراشماپتۇ جۇمۇ ،-ئامال بار كەيپىياتنى تۈزەشكە تىرىشتىم ئىز تورى www.iz.la
ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىۋېتىپ ،-دىسەم گەپ تولا ئاغىنە .-دىدى
-نىمە ئىش بولغانتى سېنى شۇنچىۋالا ھالى خاراپ قىلۋەتكۈدەك؟
-ئەتىگەن ئالمىرەنىڭ ھەدىسى ئىزدەپ كەپتىكەن.
-ھە نىمە دەيدۇ ؟ تويۇڭلارنى بالدۇرراق قىلساڭلار بولاتتى دەمدۇ؟-چاقچاق قىلدىن مەن
-بولدى چاقچاققا ئايلاندۇرما،بۇرۇن شۇنچە ھۆرمىتىمنى قىلدىغان ئادەم قايناپلا كەتتى تونىمايلا قاپتىمەن ،ئۇنىڭ دىيىشىچە مەن ئالمىرەگە ماس كەلمەسمىشمەن،خىزمەتچى دىگەن خىزمەتچىگە لايىق كېلەمىش،ئۇ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ تۇرۇپ ،-ئالمىرە دىگەن ھازىر موقىم خىزمىتى بار دۆلەت كادىرى بولۇپ قالدى،ئەمدى مۇشۇ جايىڭىزدا توختاپ قېلىڭ ،ئەمدى ئۇنى يەنە ئىزدەپ ئاۋارە قىلماڭ.بىكار ئاۋارە بولغىنىڭىز قالىدۇ ،سىلەرنىڭ ئىشىڭلار بىر باشقا چىقمايدۇ.- دەپلا كەينىگە قارىماي كەتتى ،ماڭا سۆزلەشكە پۇرسەتمۇ بەرمىدى .شۇ ھامان ئالمىرەنڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققىم كەلدى دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا  چاپتىم ،ئۇنى خىزمەت ئورنىدىن چاقىرىپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى سۆزلەپ بەردىم.توۋا ،ئۇ مەندىنمۇ ئۆتە خاپا بولۇپ نىمە دەيدۇ دەيسەن؛
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-نىمىگە خاپا بولسىز ،شۇنچىلىل گەپكىمۇ چىدىماي قالدىڭىزمۇ ،مەن بىر نەرسە دىمىگەندىن كىيىن خاتىرجەم ئىشىڭىزنى قىلىۋېرىڭ.شۇنچە ئالدىراش ئىشلەۋاتسام مۇشۇنچىلىك ئىشقىمۇ ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ ،مەن كىرىپ كەتتىم- ھە خوش ئەمسە .-دەپ ئۇمۇ كىرىپ كەتتى .ئۇنىڭ كەينىدىنمۇ بىر ھازا ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇپ ،ئۇدۇللا سېنىڭ قېشىڭغا ياخشىراق مەسلىھەت كۆرسىتەمىكى دەپ كېلىشىم .ئالمىرە ئۇنداق دىگەن بىلەن مەن تازا خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن .دىدى
ئۇنىڭ بۇگەپلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ تېخى ئالمىرەنىڭ ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسىگىنىدىن خەەۋەردار بولمىغىنىنى بىلدىم.ئالمىرەنىڭ ئۇ ئىشلىرىنى بىلسە قانچىلىك ئازاپلىنار دىگەننىمۇ ئويلاشقا ئۈلگۈردۈم.ئاز تولا تەسەللى بېرىپ ئۇنىمۇ يولغا سالغان بولدۇم لىكىن ئۆزۈم چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولدۇم. ئىز تورى بەك ياخشى
<<قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىمۇ بىلىنەر >>ئالمىرە بىر كۈنى كېچىدە ھېلىقى يىگىت بىلەن باھادىرنىڭ ئالدىغىلا چىقىپ قالغان گەپ ،يەنە تېخى كەچۈرۈم سوراشنىڭ ئورنىغا ،
-باھادىر مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن ،بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ ،ئۇ پەقەت بىر قىزىقىش ھەۋەسكەن مۇھەببەت ئەمەس .سىزگە مەندىنمۇ ياخشى قىز ئۇچرايدۇ .چوقۇم بەخىتلىك بولسىز.- دەپ ئۇ يېگىتنى قولتۇقلاپ كېتىپ قاپتۇ ،
داۋامى بار .............
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(5)
83.3%
ناچار
(1)
16.7%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بىر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى

    بىر قىز پۇتى تازا ياخشى باسمىغاچقا،ئەتىدىن كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،باشقا بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ تۇراتىتى. بىريىلى يازدا قوشنىسنڭ شەھەردىكى تۇقىقنى بۇيەرگە ئوينىغىلى كەلدى.ئۇلارنڭ بۇقىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەندى. شەھەرلىك بالا ناھايتى...

  • قايغۇنىڭ دوستى

    خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئور...

  • دېرىزىنىڭ يېنىدا

    شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە) ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى. بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى: ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل... ئارىدىن...

  • دوختۇر ۋە مۇخبىر

    مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىن...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...

  • ھېكايە... بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە

    ھېكايە بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە كىرىش سۆز بۈگۈن يازماقچى بولغان ھېكايەم رىياللىقتىكى ئادەمنى چۆچىتىدېغان ھەقىقى ۋەقەلىك....بۇ ھېكايەمنى باشلاشتىن بۇرۇن،مەن ئۇقۇغان كىتاپتىكى بىر ھېكايىدىن ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي.مەن ئۇقۇغان ئۇ ھېكايىدە ئاكا-ئۇكىلار ئاتا...

  • پىستەك

    پىستەك ئەسلىي تاغامنىڭ ئىتى ئىدى.ئۇ شەھەرلىكىلەرنىڭ ئىتلىرىدەك ئۇنچىلىك پاكار ئەمەس، ئەمما سەھرا ئىتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا جۇغى كىچىك بولغاچقا،ئىنىم ئىككىمىز ئۇنىڭىغا(پىستەك)دەپ ئىسىم قويغانىدۇق. ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئىككى يىل ئىلگىرى ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈن...

  • ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى

    ھەزىرتى ئادەم ئەلەيسالام يارىتىلغاندا بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش بۇيرۇلغان،بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئىبلىس مەنگۈ لەنەتكە دۇچار بولغانىكەن .دىمەك ،ئىنسان يارىتىلىشىدىنلا ئەنە شۇنداق ئەزىز يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭغا تەبىئەتتىكى بارلىق نېمەتلەردىن...

  • سۆيۈنچە

    بىر ۋاقىتلار ئۇر ھەمدە كۆر، كېيىنچە كىچىك ۋە كاتتا تاغ دەپ ئاتىلىدىغان تاغلار ئارىسىدا، سىردەريانىڭ تۆۋەن قىسمىدا بىر يۇرت جايلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ سۇلتانى ئادالەت بىلەن يۇرت باشقۇرۇشتا داڭقى چىققان سۇلتان مەھمۇد باھادىرخان ئىكەن. قەۋمىنىڭ ياشۇ قېرىسىنى ئەز...

  • كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق

    كۈزپەسلىنىڭ دەسلەپكى شاماللرى كىشى ھۇجۇدىغا ناھايىتى ۋەھىمىلىك ھېسلارنى سالسىمۇ،بىراق ئوتتۇر مەزگىللگە كەلگەندە دەرەخ ئۈستىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلارنى لەرزان لەيلىتىپ يەرگە چۈشۈرۈپ تەبىئەتكە ئاجايىپ تۈس قوشاتتى،ئەنە شۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ھۆسۈن قوشقان تەب...

  • پۇلغا تامىغان ياش

    ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ھارۋامنى تېز ھەيدەپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ، ئاپامنىڭ ئاغرىپ ياتقانلىقى مىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى . ئاپام 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ئادەتتە ئىشچان ، تەلەپچان ئائىلە ئايالى ئىدى . مەن ئا...

  • قاراڭغۇدا ئالىيىش

    مەن خىزمەت تەقسىماتى بويىچە مۇشۇ ئىدارىگە كەلسەم،نامەت ئەپەندى كاتىبات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىكەن.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر پۇتنى ئاياپ دەسىسەيدىغان،ئېڭىكىدىكى تاتۇقى ساقلىقىنى قاق ئوتتۇرسىدىن ئىككى تەرەپكە بۆلۈۋەتمەي،چېغىر كۆزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان،بويى پاكا...

  • مەن قورقىمەن

    مەن ئازۇيۇم ئىچىدە ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپلا قىلىشتىن قورقىمەن. مەن ئاداشلىرىم ئارقىدىنلا پالاقشىپ نىمە دىسە لەببەي دەپ ئاتا-ئانامنى قاقشىتىپ سورون دىسە ، ئويۇن دىسە ئۆزۈمنى تارتالماي ئاغىندارچىلىق قىلىپ ئۆزۈمنى شۇ جايلاردا يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ قىلىشتىن بەك قورقىمەن...