تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

ۋاقتى:2011-08-19 17:25مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
   كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان  ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى  ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ  قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن.
  - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن  ئەسلى ئاغىينەمگە تېلىفون قىلغان ئىدىم ، قانداق بولۇپ سىزنىڭ تېلىفونىڭىزغا ئۇرۇپ قالغاندىمەن ، خاپا بولماڭ -ھە....!- تېلىفوندىن بىر ئەركىشىنىڭ كەچۈرۈم سورىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
    - ھە، ھېچۋەقەسى يوق، نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ:- دېدى ئاينۇر ۋە تېلىفوننى قويۇپ ئىشىنى قىلۋەردى، ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتتى ، بىر كۈنى ئىشخانىسىدا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتاتتى تۇيۇقسىز يان تېلىفونىغا << تېلىفونىڭىزغا 30 يۈئەن پۇل قاچىلاندى>>دېگەن قىسقا ئۇچۇر كەلدى، ئۇ بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئۆزىچە ھەيران بولۇپ << كىمدۇ تېلىفونۇمغا پۇل تۆلەپ قويغان ؟ >> دەپ ئويلاپ تۇراتتى يانفونى سايراپ كەتتى، ئاينۇر يانفوننى ئېلىپ << ۋەي >> دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەيلا ،  :
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  - ۋاي ئاداش، مالىيەرىڭدە قىزىل رەقەم كۆرۈلدىمۇ نېمە، تېلىفونۇڭ پۇل تۆلەنمەي توختاپ قاپتۇ، ئاز بولسىمۇ 30 يۈئەن تۆلەپ قويدۇم، بىرنەچچە كۈن سۆزلىشىمىزگە يېتەر -ھە ، بۇ پۇل تۈگىسە يەنە ئىششىپ تۇرىۋالماي، قالغىنىنى ئۆزەڭ تۆلەسەن جۇمۇ،- دېگەن توختىماي سۆزلەنگەن   بىر ئەركىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى.
    - ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟  مەن سىزنى ئاغىينىڭىز ئەمەس ، سىز خاتالىشىپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟- دېدى ئاينۇر ۋە بىرنەچچە  كۈن بۇرۇن خاتا  ئۇرۇلغان ھېلىقى تېلىفون ئېسىگە كەچتى.
   - ئاپلا ،  ما سەتچىلىكنى كۆرۈڭ، ئەستا، يەنە نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ، ئاغىينەمنىڭ تېلىفونىغا پۇل تۆلىدىم دەپ سىزنىڭ تېلىفونىڭىزغا تۆلەپتىمەن-دە بۇ پۇلنى، ما ئىشنى كۆرۈڭ، قايسى كۈنىمۇ سىزگە ئۇرۇپتىكەنمەن تېلىفوننى ، تازا سەت ئىش بولدى ....،- ھېلىقى ئەرنىڭ ئوڭايسىزلانغان ئاۋازى ئاڭلاندى تېلىفوندىن. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
   - قارىغاندا  يەنە  نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ   قويۇپسىزدە، قاراپ تۇرۇپ مېنىڭ تېلىفونۇمغا تۆلىنىپ كېتىپتۇ پۇلىڭىز، ئاغىينىڭىزنىڭ تېلىفون نومۇرىنى  دەپ بېرىڭ، مەن چىقىپ ئۇنىڭ تېلىفونىغا 30 يۈئەن تۆلىۋېتەي، زىيان تارتىپ كەتمەڭ،- دېدى ئاينۇر .
    - ھەي، بولدى مېنى زاڭلىق قىلماڭە، ئۆزەمنىڭ دۆتلىكى ئۇ، ئىككىڭلارنىڭ تېلىفونىنىڭ نومۇرنىڭ ئاخىرقى ئىككى خانىسىلا ئالمىشىغلىق ئىكەن قالغان نومۇرلىرى پۈتۈنلەي ئوخشايدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن تېلىفون قىلغاندا تېلىفون خاتىرىسىگە قاراپ تۇرۇپ ئۇرمىسام بولمىدى،-دېدى ھېلىقى ئەر.
  -ياق سىزنى زاڭلىق قىلمىدىم، مەن ئۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىسەم بولمايدۇ، تونۇشمىغان بىر ئادەمنىڭ تېلىفونىغا پۇل تۆلەپ بېرىدىغان بىكار ئىش نەدە بار ،- دېدى ئاينۇر ھەم راست ھەم چاخچاق تەلەپپۇزىدا.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

   - بولدى، ئۇنچىلىك ئازغىنە پۇلنى تىلغا ئېلىپ يۈرمىڭە، مەن خىجىل بولۇپ قالىدىكەنمەن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دېگەن مېنىڭ سەۋەنلىكىم تۇرسا، شۇ باھانىدا مانا ئىككىمىز تونۇشۇپمۇ قالدۇق، ئۇ ئازىراق پۇلنى ئىككىمىزنىڭ تونۇشقانلىقىمىزنىڭ يۈزى ئۈچۈن ئېغىزغا ئېلىپ ئولتۇرمايلى، ھە راست، ئىسمىڭىز نېمە،- دەپ سورىدى ئەر.
   - ئىسمىم ئاينۇر، سىزنىڭ ئىسمىڭىزچۇ؟ - دېدى ئاينۇر.
   - مېنىڭ ئىسمىم ئەنۋەر، شەھەرلىك پارتكومدا ئىشلەيمەن، سىز قايەردە ئىشلەيسىز،- دېدى ئەر.
    - شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدا ئىشلەيمەن،- دېدى ئاينۇر.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


    - مېنىڭ تېلىفوننى خاتا ئۇرۇشۇم بىلەن مانا ئەمدى تونۇشۇپمۇ قالدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن يۇقۇملۇق كېسەلگە دۇچار بولۇپ قالسام سىزنى ئىزدەپ بارسام بولغۇدەك ،- دېدى چاخچاق قىلىپ ئەنۋەر.
     - خۇدايىم ساقلىسۇن يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ قېلىشتىن، ھېلىقى پۇلنى ئېغىزغا ئالماڭ دېدىڭىز ، لېكىن مەن...- ئاينۇرنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا :
     - بولدى، ئەمدى ئېغىزغا ئالماڭ ئۇ گەپنى، ئەگەر بەك بەرگۈڭىز كېپ كەتسە، بىر كۈنى مېھمان قىلارسىز بولمىسا ،- دېدى ئەنۋەر ئاينۇرنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتمەيلا چاخچاق تەرىقىسىدە، شۇنىڭدىن كېيىن ئەنۋەر پات -پات ئاينۇرغا تېلىفون قىلپ ئەھۋال سوراپ تۇرىدىغان بولدى  ، خېلى بىر مەزگىل تېلىفوندا كۆۈشۈپ  يۈرۈپ ئاينۇر ئەنۋەرنىڭ ئىككى بالىسى بارلىقىنى، ئايالىنىڭ سېستىرا ئىكەنلىكىنى ئۇقتى، ئۆزىمۇ يولدىشىدىن ئاجرىشىپ كەتكىلى بىر يىلدىن ئاشقانلىقىنى،قىزى بىلەن تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېتىپ بەردى، شۇنداق قىلپ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى تېلىفون ئالاقىسى خېلى قويۇقلۇشۇپ قالدى،ئەنۋەر ئاينۇرنىڭ q q نومۇرىنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن بەزى كۈنلىرى كەچتە توردا كۆرىشىدىغان بولدى، كۆرۈشكەندە ئەنۋەر ئايالىنىڭ كۆپىنچە كېچىلىك سىمىنىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئىچى سىقىلغاندا ئۆزىگە ھەمدەم بولۇپ مۇڭدىشىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى،بالىلىرىنى يەسلىگە  ۋە مەكتەپكە ئاپىرىش ئىشلىرى ئاساسەن ئۆزىگە قالىدىغانلىقىنى،  بەزى ۋاقىتلىرى<< نىمىشقىمۇ سېستىرا بىلەن توي قىلپ قالغاندىمەن >>دەپ  قالىدىغانلىقىدەك ئىچ  پۇشۇقلىرىنى، ئاينۇر بولسا يولدىشىنىڭ ئۆزىگە سالغان زۇلۇملىرىغا چىدىماي ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت دەردىنى ئېيتىشىپ، گەپلىرى تۈگىمەي سائەت  12- 11 بولۇپ كېتىدىغان كۈنلىرىمۇ بار ئىدى. گەرچە ئاينۇر ئەنۋەرگە  تېلىفون قىلماسلىقنى ،توردىمۇ كۆرۈشمەسلىكنى نەچچە قېتىم ئېيتقان بولسىمۇ ئەنۋەر بۇنىڭغا قوشۇلماي :
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    -تۇرمۇش دېگەندە ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يوللىرى بولۇپ تۇرىدۇ،  بىزنىڭ يا باشقا نىيىتىمىز بولمىسا، نورمال ئالاقىلىشىپ قويغانغا نېمە بولىدۇ؟،-  دەپ تۇرىۋالدى، راستىنى ئېيتقاندا ئەنۋەرنىڭ تېلىفوندا ۋە q q دا  دېگەن يۇمۇرلۇق گەپلىرى ، ئورۇنلۇق سۆزلىرى ئاينۇرنىمۇ ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئىدى،كۆڭلى ئەنۋەردىن تېلىفون كېلىشنى، تېلىفوندا ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ، توردا كۆرۈشۈپ تۇرۇشنى ئىستەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.   ئەنۋەر ئاينۇرغا بىرنەچچە قېتىم يۈزتۇرانە  كۆرۈشۈش  تەلىۋىنى قويغان بولسىمۇ ئاينۇر رەت قىلپ كەلگەن ئىدى، ئاخىرى ئەنۋەر قايتا -قايتا تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغاچقا يۈز كېلەلمەي ماقۇل بولدى،مەلۇم بىر كۈنى كەچتە  ئىشتىن چۈشكەندە  ئىككىسى << قەلبداشلار >> تېز تاماقخانىسىنىڭ ئالدىدا كۆرىشىدىغان بولۇپ كېلىشتى،گەرچە ئىككىسى بىر -بىرىگە رەسىملىرىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئاينۇرنىڭ كومپيوتۇرىدا تېلكانمىرا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، بىر -بىرىنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.كۆرىشىدىغان جايغا يېقىنلاشقانسېرى ئاينۇرنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ، پۇتىلىرى تىترەپ، ئاجايىپ بىر خىل سېزىم پەيدا بولدى،ئاينۇر تېز  تاماقخانا  ئالدىغا كەلگەندە ئەنۋەر  كېلىپ بولغان ئىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   - تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟- دېدى ئەنۋەر ئۇنى كۆرۈپلا تونۇپ.
   - خۇداغا شۈكرى ، ئۆزىڭىزمۇ تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ ؟- دېدى ئاينۇر، ئۇلارئەنە  شۇنداق ئەھۋال سوراشقاچ تاماقخانا ئىچىگە كىردى، ئىككىسى بىر -بىرىگە تۈزۈت قىلشىپ تاماق بۇيرۇتۇشتى،  ئۇلار توردا ۋە تېلىفوندا نۇرغۇنلىغان گەپ -سۆزلەرنى قىىلشقان بولسىمۇ يۈز -تۇرانە كۆرۈشىشى تۇنجى قېتىم بولغاچقا دەسلەپتە سۆزلىرى تازا قولاشمىدى، تاماق يېيىش جەريانىدا بارا -بارا ئېچىلىپ -يېيىلىپ پاراڭلىشىشقا باشلىدى.شۇ ئۇچرۇشىشتىن كېيىن ئىككىسىنىڭ بىرگە بولىدىغان كۈنلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى، ئۇلار ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن كۈنلىرى ئاينۇر قىزىنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قوياتتى، ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە بىرگە تاماق يېيىشىپ  ئايلىنىشاتتى ، ھەتتا بىرقانچە قېتىم  << كارائوكى >>غا كىرىپ ناخشا ئېيتىشىپ ، مېھمانخانىلارغا بېرىپ كۆڭلۈل ئېچىشقان   يەرلىرىمۇ بولدى،ئاينۇر بۇ ئىشتىن  ئۆزىنى تارتاي دەپمۇ تارتالمايۋاتاتتى.<< مەن نېمە ئۈچۈن ئايالى بار بىر ئەر بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرىمەن؟ نېمىشقا ئۆزۈمنى تارتمايمەن ؟>> دەپ ئۆزىنى ئەيىپلەيتتى، ھەر قېتىم كۆرۈشمەسلىك تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى ، ئەنۋەر تېلىفون قىلسا  بىرنەچچە قېتىم ئالمىغانمۇ بولاتتى، لېكىن تېلىفوننى  ئالمىغان ۋاقىتلىرى ئۈچ ياكى تۆت قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيتتى، q q سىغا قالدۇرۇپ قويۇلغان خەتلەرنى ياكى تېلىفونىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي  ئۇرۇلغان تېلىفوننى يەنە ئالاتتى.تېلىفوننى ئالمىغان ياكى توردا كۆرۈشمىگەن كۈنلىرى كەچلىى خېلى بىركەمگىچە يىغلاپ چىقاتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇلار ئەنە شۇنداق شېرىن مۇھاببەت قوينىغا شۇڭغۇپ خۇدىنى بىلمەي يۈرگەن كۈنلىرى،<< ئاشكارىلانمايدىغان سىر يوق >>دېگەندەك  ئىككىسىنىڭ بۇ غەيرى مۇناسىۋىتى باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالدى  ۋە بۇ گەپلەر ئاخىرى بېرىپ  مۇشۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن ئەنۋەرنىڭ ئۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشلىرىدىن ،باشقىچە بىرنەرسىنى ھېس قىلپ قالغان  ئەنۋەرنىڭ ئايالىنىڭ قۇلىقىمۇ يەتتى ،ئايالى  بۇ گەپلەرنىڭ راست -يالغانلىقىنى  تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەنۋەر مۇنچىغا كىرىپ كەتكەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ، ئۇنىڭغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ۋە تېلىفون نومۇرىنى كۆرۈپ چىقتى، ، بۇ ئۇچۇرلارنى << جېنىم، سىزنى سېغىندىم، كۆيدۈم، سۆيدۈم، >>دېگەنگە ئوخشاش تېتىقسىز مۇھاببەت سۆزلىرى قاپلىغان ئىدى، بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ئەنۋەرنىڭ ئايالىنىڭ بېشى قېيىپ، كۆزلىرىدىن مۇنچاق -مۇنچاق ياشلار تۆكۈلدى، << بۇ ئىشنى يۈزىگە سالايمۇ ؟ قانداق قىلسام بولار ؟>> دېگەنگە ئوخشاش خىياللار بىلەن ئويلۇنۇپ ئاخىرى ئاينۇرغا تېلىفون قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈز -تۇرانە كۆرۈشۈش قارارىغا كەلدى ۋە تېلىفون نومۇرىنى يېزىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئىسىم -فامىلىسىنى ئاشكارىلىماي تۇرۇپ ئاينۇرغا ئاممىۋى تېلىفوندا تېلىفون قىلىپ  كۆرۈشۈشنى ئېيتتى، << ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن  >> دېگەندەك بۇ نامسىز تېلىفون ئاينۇرنى خېلى سەرسامىگە سېلىپ، ئىشتىن چۈشۈپ بولغۇچە دەككە -دۈككە ئىچىدە يۈردى،ئاينۇر  ئىشتىن چۈشكەندىن  كېيىن قىزىنى چوڭ ئۆيەە ئاپىرىپ قويۇپ ، كېلىشكەن ئورۇنغا كېلىپ ئەنۋەرنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشتى،ئەنۋەرنىڭ ئايالى ئاينۇرنى تونىمىغان بىلەن ئاينۇر بۇ ئايالنى ئەنۋەر بىلەن بىرگە ماڭغاندا  بىر قېتىم كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ، كۆرۈشۈش ئۈچۈن قول بەرگەندە يۈرىكى سېلىپ تاس قالدى دۈم چۈشكىلى، ئۇلار گەپ -سۆزسىزلا تاماقخانىغا كىرىشتى،تاماجىانىدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، ئۇلار  بىر -بىرىگە روبىرو ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن ، ئەنۋەرنىڭ ئايالى تاماق بۇيرۇتتى ۋە تاماق پۇلىنى تۆلىدى ،بىر ھازا گەپ -سۆزسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەنۋەرنىڭ ئايالى سۆز باشلىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
  - مەن شەھەرلىك پارتكومدا ئىشلەيدىغان ئەنۋەرنىڭ ئايالى بولىمەن، سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئاينۇر ئىكەن، ئىسمىىڭزنى يولدۇشۇمنىڭ تېلىفونىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئارقىسىغا يېزىپ قويغان << ئاينۇرىڭىز >> دېگەندىن بىلدىم ،- دېدى ، نومۇستىن يەر يېرىلسا كىرىپ كەتكۈدەك بولغان ئاينۇر گەپ قىلماي ئولتۇردى.
  - ئاڭلىغىنمدىن ۋە تېلىفوندىكى بىر -بىرىڭلارغا يېزىشقان  ئۇچۇرلاردىن قارىسام ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى مۇناسىۋەتتىن خېلى ھالقىپ كېتىپتۇ، بەلكىم مەن سېستىرا بولغاچقا ئىشلىرىم ئالدىراش ھەم كەچلىرى سېمىنىدا ئىشلىگەچكە يولدۇشۇمغا سىز قىلغاندەك شېرىن سۆزلەرنى قىلىپ بېرەلمىگەن ،سىزدەك ئەركىلەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالامىغان ، تاتلىق گەپلەرنى قىلپ مۇڭدۇشۇپ بېرەلمىگەن بولۇشۇم  مۈمكىن ،لېكىن قانداقلا بولمىسۇن مەن ئۇنىڭ نىكاھلاپ ئالغان ئايالى، بىزمۇ مۇھاببەتلىشىپ يۈرۈپ توي قىلغان ، ئارىمىزدا ئىككى بالىمىز بار،مەن سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم ،  سىزمۇ بىر ئەردىن كۆڭلى ئازار يەپ ئاجراشقان ئايال ئىكەنسىز، بىر قىزىڭىز بار ئىكەن، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىدىن باشقا بىر ئايال بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ يۈرسە ، ھەرقانچە كەڭ قورساق ئايال   بۇنىڭغا سۈكۈت قلىپ يول قويۇپ تۇرىۋەرمەيدۇ، سىزمۇ بىر ئايال كىشى،  << ئايال  ئايالنىڭ قاياشى >> دېگەن گەپ بار ، مەن بۈگۈن سىزنىڭ ئالدىڭىزۈغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يولدۇشۇمنى ماڭا  قايتۇرۇۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنۈپ كەلدىم ، سىزنىڭ قىزىڭىز يېتىملىك كوچىسىدا تۇرىۋېتىپتۇ، بۇنىڭغا بەلكىم يۈرىكىڭىز ئېچىشىدىغاندۇ؟ سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىنى، ئىككى بالىمىزنىڭ يېتىم بولۇپ ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىشىنى خالىمايدىغانسىز؟ ۋىجدانىڭىز بەلن ئويلۇنۇپ بېقىڭ، ئەگەر مەن ئاجرىشىپ كېتىپ ، سىز ئەنۋەر بىلەن توي قىلپ قالسىڭىزمۇ ،  ئۆزىىڭزنى << مەن بەختلىك >> دېيەلەمسىز؟مېنىڭ  بەختىمنى قارا قىلىش، بالىلىرمىزنى يېتىملىك كوچىسىغا تاشلاش ھېسابىغا ئېرىشكەن بەخت سىزچە سىزنى خوشال قىلارمۇ؟ سىزمۇ بەختسىز بولۇپ باققان ، بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلش ھېسابىغا مېنى ۋە ئىككى پەرزەنتىمنى بەختسىز قىلسىڭىز ۋىجدانىىڭز كۆتۈرەرمۇ ...؟، - دېدى

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


     ئەنۋەرنىڭ ئايالىنىڭ  ھەر بىر سۆزلىرى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ، ئادەمنىڭ ئىچىنى سېرىيتتى، ئاينۇرنىڭ يۈرىكى ئېچىشتى، قانداقلا بولمىسۇن ،ئۇمۇ مۇشۇ خىلدىكى ۋە باشقا  دەرد -ئەلەملەرنى خېلى تارتىپ باققان ئىدى ،  شۇ ئارىقتا ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاماق كەلدى، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ گېلىدىن قانداقمۇ تاماق ئۆتسۇن؟ ئىككىلىسى ئۈن -تۈنسىز ئولتۇرۇپ ئالدىدىك تاماقنى ئېلەشتۈرمەكتە ئىدى.
   - كەچۈرۈڭ، بۇ تاماق گېلىمدىن ھەرگىزمۇ ئۆتمۈگۈدەك! باياتىن بېرى قىلغان  سۆزلىرىمنى ئويلۇنۇپ باقارسىز؟ - دېدى ئەنۋەرنىڭ ئايالى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى، ئاينۇرمۇ تاماقنى يېيەلمىدى ،ئۇ  ئورنىدا مىخلاپ قويغاندەك بىر ھازاغىچە مىدىرلىماي ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېغىرلاشقان پۇتلىرىنى سۆرەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى، ئۆيىگە كېلىپلا ئۆزىنى تاشلاپ ياتتى ۋە ئۈنسىز يىغلىدى، ئۇنىڭ كاللىسىدا باياتىن ئەنۋەرنىڭ ئايالى ئېيتقان گەپلەر بىر -بىرلەپ تىزىلپ تۇراتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا خىلاپ ئىش قىلغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق ئويلاپ يەتمەكتە ئىدى، شۇ ئارىقتا ئۇنىڭ يانفونى سايراپ كەتتى، يانفوننى ئېلىپ قارىۋىدى، ئەنۋەرنىڭ نومۇرى ئىكەن، ئۇ تېلىفوننى ئېلىش -ئالماسلىق ئۈستىدە ئويلۇنۇپ بىردەم ئىككىلەنەەندىن كېيىن ، يەنىلا ئالماسلىق قارارىغا كەلدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا ئۇرۇلغان مۇشۇ تېلىفوندىن باشلانغان خاتا مۇھاببىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بەل باغلىغان ئىدى.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(19)
90.5%
ناچار
(2)
9.5%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بىر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى

    بىر قىز پۇتى تازا ياخشى باسمىغاچقا،ئەتىدىن كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،باشقا بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ تۇراتىتى. بىريىلى يازدا قوشنىسنڭ شەھەردىكى تۇقىقنى بۇيەرگە ئوينىغىلى كەلدى.ئۇلارنڭ بۇقىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەندى. شەھەرلىك بالا ناھايتى...

  • قايغۇنىڭ دوستى

    خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئور...

  • دېرىزىنىڭ يېنىدا

    شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە) ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى. بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى: ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل... ئارىدىن...

  • دوختۇر ۋە مۇخبىر

    مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىن...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...

  • ھېكايە... بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە

    ھېكايە بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە كىرىش سۆز بۈگۈن يازماقچى بولغان ھېكايەم رىياللىقتىكى ئادەمنى چۆچىتىدېغان ھەقىقى ۋەقەلىك....بۇ ھېكايەمنى باشلاشتىن بۇرۇن،مەن ئۇقۇغان كىتاپتىكى بىر ھېكايىدىن ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي.مەن ئۇقۇغان ئۇ ھېكايىدە ئاكا-ئۇكىلار ئاتا...

  • پىستەك

    پىستەك ئەسلىي تاغامنىڭ ئىتى ئىدى.ئۇ شەھەرلىكىلەرنىڭ ئىتلىرىدەك ئۇنچىلىك پاكار ئەمەس، ئەمما سەھرا ئىتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا جۇغى كىچىك بولغاچقا،ئىنىم ئىككىمىز ئۇنىڭىغا(پىستەك)دەپ ئىسىم قويغانىدۇق. ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئىككى يىل ئىلگىرى ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈن...

  • ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى

    ھەزىرتى ئادەم ئەلەيسالام يارىتىلغاندا بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش بۇيرۇلغان،بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئىبلىس مەنگۈ لەنەتكە دۇچار بولغانىكەن .دىمەك ،ئىنسان يارىتىلىشىدىنلا ئەنە شۇنداق ئەزىز يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭغا تەبىئەتتىكى بارلىق نېمەتلەردىن...

  • سۆيۈنچە

    بىر ۋاقىتلار ئۇر ھەمدە كۆر، كېيىنچە كىچىك ۋە كاتتا تاغ دەپ ئاتىلىدىغان تاغلار ئارىسىدا، سىردەريانىڭ تۆۋەن قىسمىدا بىر يۇرت جايلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ سۇلتانى ئادالەت بىلەن يۇرت باشقۇرۇشتا داڭقى چىققان سۇلتان مەھمۇد باھادىرخان ئىكەن. قەۋمىنىڭ ياشۇ قېرىسىنى ئەز...

  • كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق

    كۈزپەسلىنىڭ دەسلەپكى شاماللرى كىشى ھۇجۇدىغا ناھايىتى ۋەھىمىلىك ھېسلارنى سالسىمۇ،بىراق ئوتتۇر مەزگىللگە كەلگەندە دەرەخ ئۈستىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلارنى لەرزان لەيلىتىپ يەرگە چۈشۈرۈپ تەبىئەتكە ئاجايىپ تۈس قوشاتتى،ئەنە شۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ھۆسۈن قوشقان تەب...

  • پۇلغا تامىغان ياش

    ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ھارۋامنى تېز ھەيدەپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ، ئاپامنىڭ ئاغرىپ ياتقانلىقى مىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى . ئاپام 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ئادەتتە ئىشچان ، تەلەپچان ئائىلە ئايالى ئىدى . مەن ئا...

  • قاراڭغۇدا ئالىيىش

    مەن خىزمەت تەقسىماتى بويىچە مۇشۇ ئىدارىگە كەلسەم،نامەت ئەپەندى كاتىبات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىكەن.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر پۇتنى ئاياپ دەسىسەيدىغان،ئېڭىكىدىكى تاتۇقى ساقلىقىنى قاق ئوتتۇرسىدىن ئىككى تەرەپكە بۆلۈۋەتمەي،چېغىر كۆزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان،بويى پاكا...

  • مەن قورقىمەن

    مەن ئازۇيۇم ئىچىدە ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپلا قىلىشتىن قورقىمەن. مەن ئاداشلىرىم ئارقىدىنلا پالاقشىپ نىمە دىسە لەببەي دەپ ئاتا-ئانامنى قاقشىتىپ سورون دىسە ، ئويۇن دىسە ئۆزۈمنى تارتالماي ئاغىندارچىلىق قىلىپ ئۆزۈمنى شۇ جايلاردا يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ قىلىشتىن بەك قورقىمەن...