ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

ۋاقتى:2011-08-19 11:29مەنبە: يوللىغۇچى: رىشتە چېكىلىشى:قىتىم
  

(ھېكايە)
مۇھەممەتجان توختى

ئىز تورى بەك ياخشى


تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئازابىدا مەنمۇ يىغلىدىم . ئانامنىڭ چاچلىرى چىگىلىشىپ، كىيىملىرى كىرلىشىپ قاپتۇ . مەن ئانامنىڭ چاچلىرىنى تاراپ قويۇش ئۈچۈن تارغاقنى قولۇمغا ئالدىم .
-سەن، تارىيالارسەنمۇ؟- دېدى ئانام <<ھۈنۈرۈم>> دىن گۈمانلىنىپ. مەن ئانامنىڭ چېچىنى تاراشقا باشلىدىم . ئانامنىڭ تاپىنىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن چېچى ئېسىمگە مۇنداق بىر ھېكايىنى سالدى : بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا كىلاسسىك ئەدىبىياتنى سۆزلەۋېتىپ :
_ئۇيغۇرئاياللىرى بۇرۇن ئۇزۇن چاچلىق ، چاچلىرىنى 41 تال ئۆزۈۋالىدىكەندۇق ھەمدە باشقا ئەللەرخەلىقلىرىنىڭ مەسىتلىكى كەلگۈدەك چىرايلىق ، پەزىلەتلىك ئىكەنتۇق . مانا بىز شۇ ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادى ،_ دىيىشىگە بىر ئوقۇغۇچى قولىنى كۆتۈرۈپ:
_مۇئەللىم، سىزقايسى مىللەتتىن ؟- دەپتۇ .
_مەن ئۇيغۇرغۇ ، _ دەپتۇ ئوقۇتقۇچى ئەجەپلىنىپ.
_ئۇنداقتا ، نېمە ئۈچۈن چېچىڭىزنىڭ ئالدى قىزىل ، كەينى سېرىق ھەم قىسقا؟- دەپتۇ ئوقۇغۇچى ...
ئانامنىڭ چېچىنى ئاۋايلاپ ئىخلاسمەنلىك بىلەن تاراشقا باشلىدىم . تاراۋېتىپ بىر نەچچە تال ئاق چاچ كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى . قولۇمدىكى تارغاقمۇ ئىختىيارسىز توختاپ قالدى : بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ئانا ، چېچىڭىزغا نىمانداق ئاق كىرىپ كەتتى .
_قانچىلىك كىرىپتۇ ؟
_كۆپ ئەمەس بىرنەچچە تاللا ، مەن يۈلىۋېتەي .
_ئەخمەق بالا ، مەن ئەمدى قېرىدىم ، چېچىمغا ئاق كىرمەي قالاتتىمۇ .
مەن ئانامنىڭ چېچىنى تاراپ ، ئاق چاچلىرىنى كۆرەلىگىنىم بىلەن ، ئۇنىڭ روھى دۇنياسىغا كىرىپ ، ئۇ باشتىن كەچۈرگەن ھەم كەچۈرىۋاتقان يالغۇزچىلىقتىكى ئازاپ - ئۇقۇبەتلىرىنى بايقىيالماتتىم .
_نېمىگە ھاڭ بېقىپ تۇرىسەن .
ئانامنىڭ ئاق چاچلىرىغا قاراپ خىيال بىلەن تۇرۇپ قالغان بولسام كېرەك. ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاندىن ئېسىمگە كەلدىم .
_سەن مېنىڭ بارلىق ئاق چاچلىرىمنى يۇلۇۋەتكەن بىلەنمۇ ، يىللارنىڭ قەدىمنى توختىتالمايسەن، چاچلىرىمنىڭ ئاقىرىشىنى توسۇپمۇ قالالمايسەن، چېچىمنى يۇلۇپ ، قېرىغاندا تاز قىلىپ قوياي دەمسەن ، يە! ئىز تورى www.iz.la
مەن ئانامنىڭ چاقچىقىغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشىمنى ۋە ئۇنۇڭغا قانداق تەسەللىي ئېيتىشىمنى بىلەلمەي، ئانامنىڭ چېچىنى داۋاملىق تاراشقا باشلىدىم . ئانا، ئېھتىمال، سىزنىڭ باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرىڭىزنى مەن ، ئۆمۈر بويىمۇ چۈشىنەلمەسمەن ، لىكىن سىزگە يالغۇزچىىلىقتا ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىڭىزنى ھەرگىز بىلىندۇرمەيمەن . سىزگە بولغان چوڭقۇر مېھرىم بىلەن چېچىڭىزنى ئەبەدى چىرايلىق تارايمەن . ھاياتنىڭ بارلىق نىممەتلىرىنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋېلىشىڭىز ئۈچۈن ئۆمرۈمنى تەسەددۇق قىلىمەن .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە؛كۈيۈكتاغ ئەدەەبىيات تورى

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(7)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بىر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى

    بىر قىز پۇتى تازا ياخشى باسمىغاچقا،ئەتىدىن كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،باشقا بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ تۇراتىتى. بىريىلى يازدا قوشنىسنڭ شەھەردىكى تۇقىقنى بۇيەرگە ئوينىغىلى كەلدى.ئۇلارنڭ بۇقىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەندى. شەھەرلىك بالا ناھايتى...

  • قايغۇنىڭ دوستى

    خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئور...

  • دېرىزىنىڭ يېنىدا

    شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە) ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى. بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى: ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل... ئارىدىن...

  • دوختۇر ۋە مۇخبىر

    مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىن...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...

  • ھېكايە... بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە

    ھېكايە بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە كىرىش سۆز بۈگۈن يازماقچى بولغان ھېكايەم رىياللىقتىكى ئادەمنى چۆچىتىدېغان ھەقىقى ۋەقەلىك....بۇ ھېكايەمنى باشلاشتىن بۇرۇن،مەن ئۇقۇغان كىتاپتىكى بىر ھېكايىدىن ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي.مەن ئۇقۇغان ئۇ ھېكايىدە ئاكا-ئۇكىلار ئاتا...

  • پىستەك

    پىستەك ئەسلىي تاغامنىڭ ئىتى ئىدى.ئۇ شەھەرلىكىلەرنىڭ ئىتلىرىدەك ئۇنچىلىك پاكار ئەمەس، ئەمما سەھرا ئىتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا جۇغى كىچىك بولغاچقا،ئىنىم ئىككىمىز ئۇنىڭىغا(پىستەك)دەپ ئىسىم قويغانىدۇق. ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئىككى يىل ئىلگىرى ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈن...

  • ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى

    ھەزىرتى ئادەم ئەلەيسالام يارىتىلغاندا بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش بۇيرۇلغان،بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئىبلىس مەنگۈ لەنەتكە دۇچار بولغانىكەن .دىمەك ،ئىنسان يارىتىلىشىدىنلا ئەنە شۇنداق ئەزىز يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭغا تەبىئەتتىكى بارلىق نېمەتلەردىن...

  • سۆيۈنچە

    بىر ۋاقىتلار ئۇر ھەمدە كۆر، كېيىنچە كىچىك ۋە كاتتا تاغ دەپ ئاتىلىدىغان تاغلار ئارىسىدا، سىردەريانىڭ تۆۋەن قىسمىدا بىر يۇرت جايلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ سۇلتانى ئادالەت بىلەن يۇرت باشقۇرۇشتا داڭقى چىققان سۇلتان مەھمۇد باھادىرخان ئىكەن. قەۋمىنىڭ ياشۇ قېرىسىنى ئەز...

  • كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق

    كۈزپەسلىنىڭ دەسلەپكى شاماللرى كىشى ھۇجۇدىغا ناھايىتى ۋەھىمىلىك ھېسلارنى سالسىمۇ،بىراق ئوتتۇر مەزگىللگە كەلگەندە دەرەخ ئۈستىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلارنى لەرزان لەيلىتىپ يەرگە چۈشۈرۈپ تەبىئەتكە ئاجايىپ تۈس قوشاتتى،ئەنە شۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ھۆسۈن قوشقان تەب...

  • پۇلغا تامىغان ياش

    ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ھارۋامنى تېز ھەيدەپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ، ئاپامنىڭ ئاغرىپ ياتقانلىقى مىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى . ئاپام 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ئادەتتە ئىشچان ، تەلەپچان ئائىلە ئايالى ئىدى . مەن ئا...

  • قاراڭغۇدا ئالىيىش

    مەن خىزمەت تەقسىماتى بويىچە مۇشۇ ئىدارىگە كەلسەم،نامەت ئەپەندى كاتىبات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىكەن.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر پۇتنى ئاياپ دەسىسەيدىغان،ئېڭىكىدىكى تاتۇقى ساقلىقىنى قاق ئوتتۇرسىدىن ئىككى تەرەپكە بۆلۈۋەتمەي،چېغىر كۆزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان،بويى پاكا...

  • مەن قورقىمەن

    مەن ئازۇيۇم ئىچىدە ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپلا قىلىشتىن قورقىمەن. مەن ئاداشلىرىم ئارقىدىنلا پالاقشىپ نىمە دىسە لەببەي دەپ ئاتا-ئانامنى قاقشىتىپ سورون دىسە ، ئويۇن دىسە ئۆزۈمنى تارتالماي ئاغىندارچىلىق قىلىپ ئۆزۈمنى شۇ جايلاردا يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ قىلىشتىن بەك قورقىمەن...