ئاھ ئاشۇ تەبەسىسۇمىڭ

ۋاقتى:2011-08-18 15:34مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كۆزلىرىمگە‹‹لاپپىدە››قارىدىڭ-دە،ۋىللىدە قىزرىپ كەتتىڭ.بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئارقاڭغا قايرىلىپ شۇنداق بىر تەبەسسۇم قىلدىڭكى يۈرۈكىمگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتى.يۈرىكىم نامەلۇم بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىچەكلەپ،مەندىن يىراقلاپ كەتكىنى خېلى بولغان خۇشاللىق ئەتىراپىمدا ئەگىشكە باشلىدى.يۈرۈكىمدە ئۇزاقتىن بىرى يېلىنجاپ تۇرغان چوغ يانغىنغا ئايلاندى.سېنىڭ تەبەسسۇمىڭ شۇنچە ئىسسىق، شۇقەدەر ئوتلۇق ئىدى.بىز تونۇشمايتۇق،بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇچۇرۇشۇپمۇ باقمىغان.شۇنداق بولغاندىكىن سەن
نىمىشقا ماڭا قايرىلىپ قاراپ تەبەسسۇم قىلىدىغانسەن؟ ماڭا دەيدىغان بىرەر گېپىڭ بولغىمىدى-يا؟ بىرەرسىگە

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


ئوخشىتىپ قالغانسەنمۇ؟ يۈرۈكىم ۋىژژىدە ئېچىشىپ كەتتى.كۆڭلۈمدىكى پۈتۈنلۈك ئورنىنى يېرىملىق ئىگىلىۋالدى. ئاچچىق بىلەن تاتلىق ئارلىشىپ كەتكەن بىر تۇيغۇ ئارامىمنى بۇزدى.
مەن بۈگۈنمۇ چۇڭقۇر خىياللار قاينىمىدا سەن ماڭا قايرىلىپ قاراپ يەبەسسۇم قىلغان جايغا قاراپ كېتىپ بارىمەن. يۈرۈكىم شادلىق ئارلاشقان ۋەسۋەسە ئىچىدە تىپىرلىماقتا.مەن سېنى كۆردىم . ئېيتىپ تۈگەتكۈزسىز بىر
شادلىق تىنىمگە تاراشقا باشلىدى.سەنمۇ مېنى كۆردىڭ.تۇيۇقسىز كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى.يۈرۈكىم
ھاياجانلىق دۈپۈرلەشكە باشلىدى.سەن يەرگە قارىغىنىڭچە قەدەملىرىڭنى يۆتكىدىڭ.
-توختاڭ...-سەن شۇنداقلا بىر قايرىلىپ ماڭا قاراپ تاتلىققىنە كۈلدىڭ ھودۇققىنىمدىن دېمەكچى بولغان ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
گەپلىرىم بوغۇزۇمدىلا قالدى.مەن ساڭا نىمە دىمەكچى بولغىدىم،سەن نىمە دەپ ياندۇرۇق بىرەتىڭ؟ -گىپىڭىز
بارمىتى؟-ئۇياتچان كۆزلىرىڭ كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە تىكىلگەندەك قىلدى.
ئاجايىپ بىر ئىچكى ھاياجان قانلىمغا قوشۇلۇپ پۈتۈن تىنىمگە يامرىدى.
-ياق...بولدى...-تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ گىپىمنى داۋاملاشتۇرالماي قالدىم.مېنىڭ
سۆزىمەنلىكىم سېنىڭ ئالدىڭدا ھىچنىمىگە ئەرزىمىدى. سەن ماڭا قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ يولۇڭنى
داۋاملاشتۇردۇڭ.سەن كىتىپ بارىسەن خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك كىتىپ بارىسەن. كۆڭلۈمنى غېرىپلىق
 باستى.بۇ دۇنيانىڭ ھەممە غەملىرى ماڭا يۈكلەنگەندەك ئېغىر بىر تۇيغۇ قەلبىمنى ماتىلاشقا باشلىدى.سەن مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەندىن يىراقلاشقانسىرى يۈرۈكىم سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ مېنى ئارامسىزلاندۇرۇشقا
باشلىدى. سېنىڭدىن مەگۈلۈككە ئايرىلىپ قالىدىغاندەك بىر تۇيغۇ ئىچىدە يۈرىكىم پۇلاڭلاپ كەتتى.مەن شۇ
دەقىقىدە ئايرىلىشنىڭ نەقەدەر دەھشەت بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتاتتىم.بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىش
دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك.دۇنيادا ئادەمگە ئايرىلىشتىن كېلىدىغان ئازاپتىنمۇ ئېغىر ئازاپ بارمىدۇ؟!.مەن
ئارقاڭدىن يۈگۈرۈپ بېرىپ سېنى تۇتۇۋالماقچى،باغرىمغا بېسىپ قۇچاقلىۋالماقچى بولدۇم. ئەمما،پۇتلۇرۇمدا
جان يوق،قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك  ئورنىمدىن مىدىرلىيالمىدىم؛ مەن ئۆزۈمنىڭ ئىختىيارىدىن چىقىپ  كەتكەندەك قىلاتتىم.مەيلىم ئۆزۈمدە ئەمەس.مەن خۇددى بىرسىنىڭ كونتورۇللۇقىدا ...سەن ھەر قېتىم مەن بىلەن خوشلاشقان چاغدا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ  ئاندىن كېيىن ئارقاڭغا شۇنداق قايرىلىپ ،تەبەسسۇم بىلەن پىسىڭڭىدە كۈلىۋەتكەندىن كېيىن يولۇڭغا راۋان بولاتتىڭ.بۇنداق چاغدا يۈرۈكىم چوغدىن ئېلىپ چوغقا تاشلىناتتى.پۈتۈن دۇنيا گويا گۈلخان ئىچىدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقاندەك بولۇپ كېتەتتى...

copyright by www.iz.la


  كۈنلەر ئۆتكەنسىرى تولىمۇ خىيالچان بولۇپ كېتىۋاتاتتىم.كۆڭلۈمدە ساڭا ئېيتىدىغان گەپلىرىم ئاۋۇماقتا ئىدى.
مەن كۈندىن –كۈنگە ساڭا بەكمۇ مۇھتاج ئىكەنلىكىمنى تۇنۇپ يىتىۋاتاتتىم.بىر خىل تەقەززالىق ماڭا ئارام
بەرمەيدىغان بولىۋالغانتى. كۆزۈم يۇمۇلماي تاڭغا ئۇلۇنىپ كېيىدىغان تۈنلىرىم كۆپۈيۈشكە باشلىدى.كەچ يېتىپ
سەھەر قوپاتتىم .يېقىنلىرىم مېنىڭدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى سىزىۋالغانتى. مەن سەزدۈرمەيمەن دەپ شۇنچە تىرىشىپمۇ سەزدۈرۈپ قويغانتىم.‹‹ھەممىگە قادىر ئاللاھ رىشتىمىزنى مەڭگۈ ئۈزۈلمەيدىغان قىلىپ چېگىۋەتكەي!››مەن
پات-پات شۇنداق پىچىرلايتىم-دە،ئارقىدىنلا بىرەرسى ئاڭلاپ قالغاندىمۇ دەپ ئەتىراپىمغا چەكچىيىپ قاراپ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كېتەتتىم.كۈنلىرىم سېغىنىش،تەقەززالىق ئىچىدە شۇنداق ئۆتمەكتە.باغرىم چاڭقاپ كەتكەن چۆلدەك ۋىسالىڭغا
تەشنا!كۈنلەر ئۆتمەكتە، لەۋلىرىم لەۋلىرىڭگە ئىنتىزار!!...مەن بەڭگى نەشىگە خۇما بولغاندەك سېنىڭ
تەبەسسۇمۇڭغا خۇما بولۇپ قالغانتىم.
‹2›
  بۈگۈن يەنە سەن ماڭا قايرىلىپ تەبەسسۇم قىلغان جايغا قاراپ يولغا چىقتىم.ئىككى  تەرىپىدە بىر بىرى بىلەن
بوي تالىشىپ يوغىنىغان تىرەكلەر بولۇق ئۆسكەن يولدا كىتىۋاتىمەن.يۈرىكىمدە بىر خوشلۇق چاۋاك چالماقتا،
يۈرۈكىمدە بىر ئەندىشە داۋالغۇماقتا،يىراقتىن سېنى كۆردىم ، يۈرۈكىم بىر خوشلۇقتىن تىپىچەكلەپ كەتتى،
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

چىرايىڭدا تىتتىتلىق،ئىنتىزارلىق. كىمدۇ بىرىنى كۈتىۋاتاتتىڭ.كىمنى كۈتىۋاتقانسەن،ئاشۇنداق تەقەززالىق ئىچىدە؟باشقا بىرىنىمۇدۇ،مىنىمۇدۇ يا؟؟ ساڭا يېقىنلاشقانچە  شۇنچىلىك ئىزتىراپقا چۈشتىمكى كاللام قۇرۇقدىلىپ
كىتىۋاتاتتى. يېنىڭغا كەلگەندىن كېيىن گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي بىر پەس تۇرۇپ قالدىم.سەن نىمىدىندۇر
چۇچۇغاندەك قىلىپ ئەتىراپىڭغا قارىدىڭ.
-تىچ–ئامانمۇ؟-سەن چۇچۇپ ماڭا قارىدىڭ،كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالدى. ۋىللىدە قىزاردىڭ.تۇنۇش چىراي،تۇنۇش تىنىقلار ... ساڭا خويمۇ  ياراشقان زىناقلىرىڭدىكى ئۇيات نۇرلىرىدىن يۈرۈكىم كۈيۈشكەندەك بولدى. ئىز تورى www.iz.la

-ئاللاھ خالىسا...-بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلىشىدەك يېقىملىق ئاۋازىڭ كۆڭلۈمدىكى غېرىپلىقنى كەچ كۈزدىكى
قومۇچ پۈپۈكىدەك توزۇتىۋەتتى.
-تۇرۇپسىزغۇ؟
-تۇردۇم ...شۇ...
-بىرىنى ساقلاۋاتامسىز؟
-ياقەي...شۇنداقلا...-سەن يەنە ۋىللىدە قىزىرىپ،لەۋلىرىڭنى يىنىك چىشلەپقىنا يەرگە قارىدىڭ. سەن
شۇتاپتا كۆز ئالدىمدىكى يىگانە قىزىل گۈلنىڭ ئۆزىتىڭ.تۇرۇقىڭ شۇقەدەر يېقىملىق.كۆزلىرىڭ شۇقەدەر
چىرايلىقتارتىنىش ئىچىدىكى تۇرىقىڭدىن ۋاپادار خوتۇن، مېھرىبان ئانا، كۈيۈمچان كېلىن بولالايدىغانلىقىڭ
تۆكۈلۈپلا تۇراتتى.‹‹بۇ قىزنىد ئۆمۈرلۈك ھەمرا قىلىپ تالىسام چوقۇم بەختىم كۈلىدۇ››تۇيۇقسىز خىيالىمد ىن

ئىز تورى www.iz.la

شۇلار كەچتى. سەن نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانسەن شۇتاپتا؟
-سىز قانداق يىگىتنى ياقتۇرىسىز؟
-مەن...سىز...-ئاۋازىڭ بۆلەكچىلا تىتىرەپ كەتتى.
-مۇنداقلا سوراپ قويدۇم خالىمىسىڭىز جاۋاپ بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.-مېنىڭ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا
سورغان سۇئالىم سېنى تەڭسىزلىكتە قالدۇرغانتى.مەن ئۆزۈمنىڭ كالتە پەملىكىدىن تولىمۇ خىجالەتچىلىكتە
قالغانتىم.
-تازا چۈشەنمىدىم... نىمە دىمەكچى سىز؟...
-مەن شۇ ...مۇنداقلا ...- كۆزلىرىم تۇيۇقسىز مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىڭ بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قېلىپ دەيدىغان گىپىمنى تاپالماي قالدىم.تىلىممۇ ئۆز رىتىمىدىن ئاداشتى.
-ئىش قىلىپ مەن بۇرۇت قويۇۋېلىپ،پىچاق ئېسىۋېلىپ تۇرۇقلۇق ۋىجدان-غورۇرىنى قوغداشنى بىلمىگەن يىگىتنى ياقتۇرمايمەن، ئۇنداقلارغا بەك ئۆچ...–سەن شۇنداق دېدىڭ.قەتئىلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىڭدىن ئېتىلىپ چىققان بىر نۇر قەلبىمنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىكى قاراڭغۇلۇقنى يۇرۇتىۋەتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


-سىزنىڭچە... مەن...ئىككەيلەن....
-نىمە دىمەكچى؟
-يۈرىۋاتقىنىڭىز بارمۇ؟
-ئەگەر بار دېسەمچۇ؟-ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى تارتىنىش بارا-بار تۈگەپ جىددىلىك پەسىيىشكە باشلىدى.
-ئۆلۈپ بىرىمەن ئالدىڭىزدىلا
-ئاغزىڭىزدىن سائەت چىقىپ كەتمىسۇن،نىمىنداق ئادەمنى قورقۇتىسىز؟
-مېنى قايمۇقتۇرماي ئېيتڭە تىز،كۆڭلىڭىزدە بىرەسى بارمۇ؟
-بار-سەن شۇنداق دەپلا ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتىڭ.يۈرۈكىم بۆلەكچىلا سېلىپ كەتتى.
-چىمۇ؟
-تېپىپ بېقىڭە قېنى.
-مەن
-مۇمكىن ئەمەس–سەن شۇنداق دەپلا پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ،كۆزلىرىڭنى كۆزلىرىمدىن ئۇستۇلۇق بىلەن
ئېلىپ قاچتىڭ.بېشىمدىن بىر قاپاق سوغوق سۇ قۇيۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم.ئىچىمنى مۇشۇك تاتىلىۋەتكەندەك
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

بولۇپ كەتتىم.
-ئۇنداق ...بولسا...كى...كىم؟...-ئاۋازىم بىلەن تەڭ يۈرۈكىممۇ تىتىرەپ كەتتى.ھەسەت بىلەن مۇھەببەت، خورلۇق بىلەن ئەلەم بىر بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن بىر مالماتاڭ تۇيغۇ مېڭەمنى قوچۇشقا باشلىدى. روھىم
تىنىمدى سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتىم.
-ۋاي ئەخمەق!خوش ئەمىسە،يەنە كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ...-شۇنداق دەپلا يولۇڭغا راۋان بولدۇڭ.
كۆڭلۈمگە پۈككەن نۇرغۇن سۆزلىرىم شۇ پېتىلا قالدى.مەن ساڭا دىيەلمىدىم.دەپمۇ نىمە قىلارمەن ئەمدى؟مەن
سېنى راستتىنلا بەك ياخشى كۆرۈپ قالغانتىم.ئەمما سېنىڭ كۆڭلۈڭدە باشقا بىرىسى باركەن ئەم،ئەسمۇ؟ مەن بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سەن بىلەن نىمىشقىمۇ ئۇچۇرۇشۇپ قالغاندىمەن،سەنمۇ نىمىشقا ماڭا قاراپ بىكاردىن –بىكار تەبەسسۇم قىلىپ
ئىچىمگە بىر ئۆچمەس ئوتنى سېلىپ قويغان بولغىتىڭ؟...
 سەن ھەر قېتىم مەن بىلەن خوشلاشقان چاغدا بىر نەچچە قەدەم مېڭىۋەتكەندىن كېيىن ئارقاڭغا شۇنداق قايرىلىپ ،تەبەسسۇم بىلەن پىسىڭڭىدە كۈلىۋەتكىندىن كېيىن يولۇڭغا راۋان  بولاتتىڭ.بۇنداق چاغدا يۈرۈكىم چوغدىن ئېلىپ چوغقا تاشلىناتتى.پۈتۈن دۇنيا گويا گۈلخان ئىچىدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقاندەك بولۇپ كېتەتتى.ھازىرمۇ شۇنداق قىلدىڭ.
باياتىنقى خوشاللىقلىرىم ئاللاقاياقلارغىدۇر غايىپ بولغان.ئەتىراپىمدىكى ھەممە نەرسە شۇقەدەر مىسكىن،شۇقەدەر مۇڭلۇق ھەم غېرىپ خۇددى يۈرۈكىمگە ئوخشاشلا.سەن مېنى ياقتۇرۇپ قالمىغان بولساڭ نىمىشقا يەنە ئارقاڭغا قايرىلىپ تەبەسسۇم قىلىسەن؟ ياقتۇرۇپ قالغان بولساڭ نىمىشقا ‹كۆڭلىڭىزدە مەن بارمۇ؟› دېسەم‹ مۇمكىن ئەمەس› دەيسەن؟مەن سېنى ھىچ چۈشىنەكمەۋاتىمەنغۇ؟سەن بارغانچە مەن ئۈچۈن تىلىسىم ئارالغا ئوخشاپ قېلىۋاتىسەن.نەمە بولسا بولسۇن مەن سېنى تولا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.سېنىڭ پىسىڭڭىدە كۈلۈمسىرەشلىرىڭ، ئەبجەش مەدەنىيەتتىن مۇستەسنا  كىيىنىشلىرىڭ،تۇرۇقۇڭ كۆز ئالدىمدىن تېخىمۇ  كەتمەيدىغان بولىۋالدى.
copyright by www.iz.la

خىياللىرىممنى مالماتاڭ قىلغىنىڭ يەتمەيدىغاندەك ،چۈشلىرىمدىمۇئارمىمنى قويمايدىغان بولىۋالدىڭ، كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋەرمەكتە.
‹3›
   ئىككى تەرىپى بىر- بىرىدىن بوي تالىشىپ ئۆسكەن تىرەكلەر بىلەن قاپلغان يولدا كېتىۋاتىمەن، كۆڭلۈم يېرىم
كېتىۋاتىمەن خۇددى يىڭنىسىنى يۈتتۈرۈپ  قويغان مومايدەك يەرگە سىنجىلىغىنىمچە.
-بۇ يەردە نىمىش قىلىۋاتىسىز؟-تۇيۇقسىزلا يېنىمدىلا جاراڭلىغان تۇنۇش ئاۋازدىن تەمتىرەپ قالدىم.
كۆزلىرىڭدە يېقىملىق تەبەسسۇم،لەۋلىرىڭدە يېقىملىق كۈلكە،ئالدىمدىلا پەيدا بولدۇڭ.يۈرۈكىمنىڭ رىتىمى
بۇزۇلۇپ كەتتى.كۆزلىرىڭ نىمانچە نۇرلۇقتۇ؟نىمانچە ئوتلۇقتۇ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ھىچ...ھىچ  ئىش...-نىمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن،  مېھىرلىك تەبەسسۇمىڭدىن ھودۇقۇپ ،ئۆزۈمنى قويىدىغان
يەر تاپالماي قالدىم.تىللىرىممۇ كالۋالىشىپ گەپلىرىم ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ چىقتى.
سېنىڭ ئاشۇ تەبەسسۇمىڭغا ئاجايىپ چۇڭقۇر بىر مەنە يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى،مەن شۇ مەنە ئىچىدىن خۇشاللىقىمنى ئاختۇراتتىم.مەن ئاشۇ تەبەسسۇنىڭدىن بەختىمنى ئىزدەپ يۈرەتتىم.
-كۆزۈمگە نىمانچىلا قارايسىز؟
-سىزمۇ قاراپسىزغۇ؟
-نەدىكىنى، قارىمىدىمغۇ...
-قارىمىغان بولسىڭىز ،مېنىڭ كۆزلىرىڭىزگە قارىغىنىمنى قانداق بىلدىڭىز؟
سەن ۋىلىققىدە كۈلدىڭ. كۆزلىرىم سەندىن ئۈزۈلمەيتى،كۆزلىرىڭ پات-پات يەر تېگىدىن كۆزلىرىمگە تىكىلەتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-پەخەس بولۇڭ بۇ يەرنىڭ ئىتلىرى بەك يامان، بىرنەچچىسى بىر بولۇپ ئادەم تالايدۇ. سىزنى تالاپ قويمىسۇن يەنە-سەن كۆزلىرىمنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدىڭ.
-ئادەمنى قورقۇتمىڭە.
-راست دەۋاتىمەن.
-مەن ئىتتىن بەك قورقاتتىم
-ئوغۇل بالىمۇ ئىتتىن قورقامدۇ؟-سەن شۇداق دەپلا تارتىنىش ئىچىدە كۆزلىرىمگە لاپپىدە قاراپ، پىسىڭڭىدە كۈلدىڭ.شۇئان يۈرۈكىمدىكىمدىكى چوغ يانغىنغا ئايلاندى.ئۇياتچان كۆزلىرىڭ كۆزلىرىمگە تىكىلدى.مەن
ھودۇقۇپ كەتتىم.سەن پات-پات كۆزلىرىمگە لاپپىدە قاراپ قويۇپ كۆزلىرىڭنى يەرگە تىكەتتىڭ-دە،پۇتۇڭنىڭ
 ئۇچى بىلەن يەرنى جىجىغان بولاۋالاتتىڭ، كۆزلىرىڭ شۇ تاپتا ماڭا:‹‹ ئۇنداق بولسا سىز تولىمۇ بىچارىكەنسىز، سىزنىمۇ ئوغۇل بالا دېگىنى بولسۇنمۇ،ئوغول بالا دېگەن شىردىنمۇ قورقىمايدىغان، يولۋاسنىمۇ
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

بويسۇندىرالايدىغان بولىشى كېرەك،مەن ئاشۇنداق ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرىمەن... ››دەۋاتقاندەك قىلاتتى.
تۇرۇپلا ساڭا بەرگەن جاۋابىمدىن نۇمۇس قىلدىم.كۆزلىرىڭگە قاراشقا تېخىمۇ پېتىنالمىدىم.كۈنلەر ئۆتكەنسىرى
 سەن ماڭا تولىمۇ سىرلىق تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتىڭ.
   كېيىۋالغان قىپقىزىل ئەتلەس كۆڭلىكىڭ  ھۇشۇقۇڭنى  بېسىپ تۇراتتى.چىرايلىق ئۆرۈۋالغان  قاپقارا  چاچلىرىڭ  تېقىمىڭغا چۈشۈپ تۇراتتى. چاچلىرىڭ  ساڭا  بۆلەكچىلا  سالاپەت بېغىشلىغانتى. چېچىڭنى باسۇرۇپ  كېيىۋالغان چىمەن  دوپپاڭ  سېنى  باشقىچىلا  چىرايلىق  كۆرسىتىۋەتكەنتى.سەن  چاكىنىلاشقان  مەدەنىيەتنىڭ  تەسىرىگە  زادىلا ئۇچرىمىغانتىڭ. تارتىنىش  ئىچىدە  كۆزلىرىمگە    تۇيدۇرماي قاراشلىرىڭدىن  چەكسىز بىر  ئىللقلىق  ھىس  قىلاتتىم. سېنى  كۆرسەملا زىيادە  جىدىلىشىپ  كېتەتتىم . نىمە  دىيىشىمنىمۇ  بىلەلمەي بىرھازا تۇرپ  قالاتتىم. سەن  كۆزۈمگە   بۆلەكچىلا   ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغانتىڭ.ئەدەپ-ئەخلاقىڭ،قائىدە–يوسۇنلۇقىڭ مېنى ساڭا مايىل ھەم قايىل قىلىۋالغانتى.ھەر قېتىم سەن بىلەن كۆرۈشكەندە تەبەسسۇمىڭغا قوشۇلۇپ كۆزلىرىڭدىن ئاجايىپ بىر ئوت ‹‹لاپ››قىلىپ چاقناپ كېتەتتى.سېنىڭ ئاشۇ ئوتلۇق تەبەسسۇمىڭ مېنى ساڭا باغلىۋالغانتى. سەن ئارقاڭغا شۇنداق ئۆرۈلگەن چاغدا يۈرۈكىم پۇلاڭلاپ ئاجايىپ بىر تاقەتسىز سېغىنىش،تاقەتسىز سۆيگۈ يۈرۈكىمنىڭ قات-قېتىغا ئورناپ كەتكەنتى.

ئىز تورى بەك ياخشى


  سەن ھەر قېتىم مەن بىلەن خوشلاشقان چاغدا بىر نەچچە قەدەم مېڭىۋەتكەندىن كېيىن، ئارقاڭغا شۇنداق قايرىلىپ تەبەسسۇم بىلەن پىسىڭڭىدە كۈلۈپ، قويۇپ يولۇڭغا راۋان بولاتتىڭ.بۇنداق چاغدا يۈرۈكىم چوغدىن ئېلىپ چوغقا تاشلىناتتى.پۈتۈن دۇنيا گويا گۈلخان ئىچىدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقاندەك بولۇپ كېتەتتى.
‹4›
  مەن ئىككى تەرىپى تىرەكلەر بىر-بىرى بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسكە ئاشۇ يولدا كېتىۋاتىمەن. كۆز ئالدىمدىلا
ئوتۇلۇق كۆزلىرىڭ، ئوماق لەۋلىرىڭ. توساتتىن ئالدىمدا تەڭ دىمەتلىك تۆت ئوغۇل بالا پەيدا بولدى.ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قىزىللىق تىقىلغانتى.ئەلپازى يامانتى.تۇرۇقىدىن ياخشى ئادەملەر ئەمەسلىكى چىقىپ تۇراتتى.قولىدىن ھەر بالالار كېلىدىغاندەك قىلاتتى.ئۇلارنىڭ شۇملۇق يېغىپ تۇرغان چىرايىغا قارىغانسىرى كۆڭلۈم تىكەنلىشىپ كېتىۋاتاتتى. يۈرۈكىم ئەنسىز سالاتتى،ئۆڭەتتى.ھېلىلا بىر كۆڭۈلسىزلىك يۇز بىرىدىغاندەك بىر ئەنسىز تۇيغۇ قەلبىمنى ماتىلاشقا باشلىدى.
copyright by www.iz.la

-تۇرۇپسەنغۇ ئالالمىغان سادەك ھاڭۋېقىپ؟
-تۇردۇم شۇ.
-نىمە دەپ بۇ يەردە تۇرىسەن؟
-مۇنداقلا
-مۇنداقلا تۇرىدىغان بۇ سېنىڭ مەھەللەڭ بولمىسا.
-تۇرۇشتىكى مەخسىدىڭنى دە.
-يېقىندىن بۇيان بۇ يەردە خېلى تىمىسقىلاپ يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدىڭ شۇنىڭدىن قارىغاندا سېنىڭ چۇقۇم بىر ئىشىڭ  بار. 
-باشقا مەخسىدىم يوق،ئىشىممۇ يوق.
-مەخسىدىڭ بولمىسا نىمىشقا بۇ يەردە لالما ئىتتەك ئايلىنىپ يۈرۈيسەن؟
-بىزنى بىلمەيدۇ دىمە ،خېلى بولدى سېنى كۈزۈتىپ كېلىۋاتقىنىزغا.
-يەنە بۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالساڭ كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىمىز ئوقتۇڭمۇ؟
ئۇللار مېنى ئارىغا ئېلىۋېلىشتى-دە،ئارقا ئارقىدىن سۇئال-سوراق قىلىشقا ،ئاغزى بېسىقماي سۆزلەشكە،قورقاق
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

 سېلىشقا باشلىدى.
-ئالىيىسەنغۇ؟ گېپىڭ بارمۇ نىمە سېنىڭ؟ -قارامتۇلراق كەلگەن بىرى مۇشتۇممۇللىرىنى تۈگكۈچە ئالدىمغا
كەلدى.غۇززىدە كەلگەن ئاچچىقتىن تىتىرەپ كەتتىم .
-ئاغىنىلەر بۇنىڭ خورىگى ئۆسۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ ،تازا بىر ئىدىۋىنى بىرىپ قويمايلىمۇ؟
-شۇنداق قىلايلى.
-باشقا مەھەللىدىن كېلىپ نىمە ئادەمنى زاڭلىق قىلىدۇ ماۋۇ لامزەللە.
-ئاغىنىلەر تىل ئۇقۇشقاندىكىن بۇنچە قىلىشىپ كەتمەيلى-دىدىم مەن ئىچ-ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان
غەزەپ-نەپرىتىمنى زورىغا بېسىپ.
-سېنىڭچە بىز بېشىمىزدا توپ ئوينىساڭ تۇرۇپ بىرىدىكەنمىزدە؟
-مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس... تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
-نىمە دېمەكچى؟
-بىر-بىرىمىزنىڭ دىللىرىغا ئازار بىرىشمەينى دېمەكچى مەن.
-ھە،بىز سېنىڭ كۆڭلۈڭگە ئازار بىرىپتۇق دە،ئازار بەرگەن دېگەن مانا مۇنداق بولىدۇ.-تۇيۇقسىزلا قاڭشىرىمغا تەككەن مۇشت كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. نىمە كۆرسەم كۆرەي دېگەن يەرگە كىلىپ،ئۆزۈمنى ئوڭشاپ بولغىچە مۇشت-تىپىكلەر باش-كۆزلىىمگە يېغىپلا كەتتى.ئېغىز-بۇرنۇم قىپقىزىل قانغا بويالدى.سېنىڭ ‹‹پەخەس بولۇڭ بۇ يەرنىڭ ئىتلىرى بەك ئەسكى سىزنى تالاپ قويمىسۇن ...››دېگەن سۆزلىرىڭ قۇلىقىم تۈۋىدە ئاڭلانغاندەك بولدى.ئەمما بولغۇلۇق بولۇپ بولغانتى.ئوڭ بىلىكىم كۈيۈشۈپ ئاغرىماقتا.كۆز ئالدىم بارغانچە قاراڭغۇلىشىپ ،كۆڭلۈم ئېلىشىشقا باشلىدى. مەن ھەر قېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا سېنى ئويلايمەن ،سەن ئوتلۇق تەبەسسۇم قىلغانچە كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىسەن .كۆڭلۈم ۋاللىدە يۇرۇپ كېتىدۇ قاراڭغۇ ئۆيگە چىراق ياققاندەك.نىمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن بىر چاغدا دوختۇرخانىدا ياتقان ھالدا ئىسىمگە كەلدىم.بولغان ئىشلار غۇۋا ئىسىمدە. ياتاقنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ سەن كىرىپ كەلدىڭ،كۆزلىرىڭدە مۇڭ،تەشۋىش،ئەندىشە.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


لەۋلىرىڭ يىنىك تىترەيتى، سەن ماڭا قاراۋاتقان ئاچام بىلەن تارتىنىپقىنا كۆرۈشتۈڭ.ياتاقتا ئاچام ئىكىمىزدىن
باشقا ئەدەم يوقتى. بەخت،ئوڭايسىزلىققا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر تۇيغۇ قەلبىمنى ماتىلايتى. ئاچام سېستىرانى
چاقىرىشنى باھانە قىلىپ چىقىپ كەتتى.
-نىمە... بولدىڭىز؟-سەن كارۋاتنىڭ يېنىغا كىلىپ ئاستىغىنە سوردىڭ.
كۆز چاناقلىرىڭدا ياش،يىغلىۋىتىدىغاندەكلا قىلاتتىڭ.
-مەھەللىڭىزنىڭ ئىتلىرى بەك يامانكەن تالىۋەتتى.
-ھەزەر ئەيلەڭ ...دىمىگەنمىدىم-سەن شۇنداق دەپلا شەلپەردەك قىزىرىپ، تاتلىقتىنە كۈلدىڭ.سەن قاراۋاتامسەن ياكى مەن قاراۋاتامدىمەن كۆزلىرىمىز يەنە  ئۇچۇرۇشۇپ قالدى. ئەمما بىر-بىرىمىزگە تىكىلىپ قارىشالمايتۇق.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئاجايىپ بىر خىل تاتلىق تۇيغۇ ئارىمىزدا شىپىرلاپ يۈرۈيتى.
-بىخەستىلىك قىپتىمەن.
-پىچاق تىقىۋىتىلگەن يىرىڭزنى قانداق قىلدى؟
-يەتتە يىپلىق قىلىپ تىكىپ قويدى.
-بەك ئاغرىۋاتقاندۇ ھەقىچان؟بىز ئاجايىپكەنمىزغۇ- تاڭ، مۇشتنى ئاتىدىغان يەرگە ئاتماي،ئۆز-ئارا يۈرۈكىمىزنى يارا قىلىشىدىغان...
-ئاغرىۋاتاتتى سىز كىرگەندىن كېيىن ساقىيىپ قالدىغۇ ئۆزىچە.
-ئۇداق بولسا سىز ساقايغىچە يېنىڭىزدىن ئايرىلمىسام بولغىدەك.
- ئەجەپمۇ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭىز،ئۇنداق بولسىغۇ بەك بەلەن بولاتتى.ئەمما...
-ئەمما نىمە؟
-ئۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەستە.
-نىمىشقا؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-سىزنىڭ كۆڭلۈڭىزدە باشقا بىرىسى تۇرسا.
-سىزدىن باشقا يەنە كىم بولماقچىدى؟-كۆزلىرىڭ كۆزلىرىمگە تىكىلدى.
مەن قاراشلىرىڭغا بەرداشلىق بىرەلمىدىم. ئالەمچە بىر شادلىق تۇيغۇسىدىن تىنىم تىترەپ كەتتى.يەر تېگىدىن ھېسسىياتلىق بېقىشلىرىڭدىن يۈرۈكىم گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلىدى.ئارىنى جىمجىتلىق باستى.خۇددى بىز بارلىق گەپلەرنى دىشىپ بولغاندەك سۈكۈتكە چۆكتۇق. بىردىنلا ئىشىك مەھكەم تاقىلىپ،ئىككىمىزنىڭ بىر ئۆمۈر مۇشۇ يەردە بىرگە تۇرۇشىمىزنى ئويلاپ قالدىم-دە، ئىتتىكلا ساڭا قاراپ سالدىم ،سەنمۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغانكەنسەن، سەن نىمىنى ئويلىغان بولغىتىڭ؟!يىنىك ئاياق تىۋىشى ئاڭلاندى.ھەر ئىككىلىمىز سەل ئىسىمىزگە كەلدۇق.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


-مەن قايىتاي.
-تېخى ھىلىلا يېنىڭىزدىن ئايرىلمايمەن دېگەنغۇ؟
-ئۇ دېگەن چاقچاق.
-چاقچاق؟
-تىزراق ئەسلىگە كىلىڭ ،ئۇ كۈنلەر بىزنى كۈتمەكتە،خوش.
-رەخمەت سىزگە.
 -ئۆزۈڭىزنى ئاسىراڭ،مەن كەتتىم ئەمىسە-سەن شۇنداق دەپلا ئىشىككە قاراپ ماڭدىڭ.بوسۇغىدا تۇرۇپلا ئارقاڭغا ئۆرۈلۈپ ئوتلۇق بىر تەبەسسۇم قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئىشىكنى ئاستاغىنە يېپىۋەتتىڭ.مېنىڭ يۈرۈكىممۇ بارا-بارا ئۇزاپ كېتىۋاتقان تونۇش ئاياق تىۋىشىغا ئەگىشىپ كەتمەكتە ئىدى.
   سەن ھەر قېتىم مەن بىلەن خوشلاشقان چاغدا بىر نەچچە قەدەم مېڭىۋەتكەندىن كېيىن، ئارقاڭغا شۇنداق قايرىلىپ تەبەسسۇم بىلەن پىسىڭڭىدە كۈلۈپ، قويۇپ يولۇڭغا راۋان بولاتتىڭ.بۇنداق چاغدا يۈرۈكىم چوغدىن ئېلىپ چوغقا تاشلىناتتى.پۈتۈن دۇنيا گويا گۈلخان ئىچىدە لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقاندەك بولۇپ كېتەتتى. www.iz.la
 ئاشۇ ئوتلۇق  تەبەسسۇمۇڭ كۆز ئالدىمدىن  پەقەتلا كەتمەيتى.     
 شۇ تاپتا يۈرۈكىم ئەتىكى بەخت تۇيغۇسىغا،ۋىسال شادلىقىغا بەكمۇ زارىققانتى.يۈرۈكىمنى قاپلىغان ئىللىق بىر سىزىم قانلىرىمغا قوشۇلۇپ پۈتۈن تىنىمگە تاراشقا باشلىدى .
نىمە دېگەن مېھىرلىك ھەم ئوتلۇق ھە!!... ئاھ، ئاشۇ تەبەسسۇمىڭ! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(5)
62.5%
ناچار
(3)
37.5%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بىر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى

    بىر قىز پۇتى تازا ياخشى باسمىغاچقا،ئەتىدىن كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،باشقا بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ تۇراتىتى. بىريىلى يازدا قوشنىسنڭ شەھەردىكى تۇقىقنى بۇيەرگە ئوينىغىلى كەلدى.ئۇلارنڭ بۇقىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەندى. شەھەرلىك بالا ناھايتى...

  • قايغۇنىڭ دوستى

    خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئور...

  • دېرىزىنىڭ يېنىدا

    شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە) ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى. بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى: ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل... ئارىدىن...

  • دوختۇر ۋە مۇخبىر

    مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىن...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...

  • ھېكايە... بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە

    ھېكايە بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە كىرىش سۆز بۈگۈن يازماقچى بولغان ھېكايەم رىياللىقتىكى ئادەمنى چۆچىتىدېغان ھەقىقى ۋەقەلىك....بۇ ھېكايەمنى باشلاشتىن بۇرۇن،مەن ئۇقۇغان كىتاپتىكى بىر ھېكايىدىن ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي.مەن ئۇقۇغان ئۇ ھېكايىدە ئاكا-ئۇكىلار ئاتا...

  • پىستەك

    پىستەك ئەسلىي تاغامنىڭ ئىتى ئىدى.ئۇ شەھەرلىكىلەرنىڭ ئىتلىرىدەك ئۇنچىلىك پاكار ئەمەس، ئەمما سەھرا ئىتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا جۇغى كىچىك بولغاچقا،ئىنىم ئىككىمىز ئۇنىڭىغا(پىستەك)دەپ ئىسىم قويغانىدۇق. ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئىككى يىل ئىلگىرى ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈن...

  • ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى

    ھەزىرتى ئادەم ئەلەيسالام يارىتىلغاندا بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش بۇيرۇلغان،بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئىبلىس مەنگۈ لەنەتكە دۇچار بولغانىكەن .دىمەك ،ئىنسان يارىتىلىشىدىنلا ئەنە شۇنداق ئەزىز يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭغا تەبىئەتتىكى بارلىق نېمەتلەردىن...

  • سۆيۈنچە

    بىر ۋاقىتلار ئۇر ھەمدە كۆر، كېيىنچە كىچىك ۋە كاتتا تاغ دەپ ئاتىلىدىغان تاغلار ئارىسىدا، سىردەريانىڭ تۆۋەن قىسمىدا بىر يۇرت جايلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ سۇلتانى ئادالەت بىلەن يۇرت باشقۇرۇشتا داڭقى چىققان سۇلتان مەھمۇد باھادىرخان ئىكەن. قەۋمىنىڭ ياشۇ قېرىسىنى ئەز...

  • كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق

    كۈزپەسلىنىڭ دەسلەپكى شاماللرى كىشى ھۇجۇدىغا ناھايىتى ۋەھىمىلىك ھېسلارنى سالسىمۇ،بىراق ئوتتۇر مەزگىللگە كەلگەندە دەرەخ ئۈستىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلارنى لەرزان لەيلىتىپ يەرگە چۈشۈرۈپ تەبىئەتكە ئاجايىپ تۈس قوشاتتى،ئەنە شۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ھۆسۈن قوشقان تەب...

  • پۇلغا تامىغان ياش

    ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ھارۋامنى تېز ھەيدەپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ، ئاپامنىڭ ئاغرىپ ياتقانلىقى مىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى . ئاپام 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ئادەتتە ئىشچان ، تەلەپچان ئائىلە ئايالى ئىدى . مەن ئا...

  • قاراڭغۇدا ئالىيىش

    مەن خىزمەت تەقسىماتى بويىچە مۇشۇ ئىدارىگە كەلسەم،نامەت ئەپەندى كاتىبات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىكەن.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر پۇتنى ئاياپ دەسىسەيدىغان،ئېڭىكىدىكى تاتۇقى ساقلىقىنى قاق ئوتتۇرسىدىن ئىككى تەرەپكە بۆلۈۋەتمەي،چېغىر كۆزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان،بويى پاكا...

  • مەن قورقىمەن

    مەن ئازۇيۇم ئىچىدە ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپلا قىلىشتىن قورقىمەن. مەن ئاداشلىرىم ئارقىدىنلا پالاقشىپ نىمە دىسە لەببەي دەپ ئاتا-ئانامنى قاقشىتىپ سورون دىسە ، ئويۇن دىسە ئۆزۈمنى تارتالماي ئاغىندارچىلىق قىلىپ ئۆزۈمنى شۇ جايلاردا يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ قىلىشتىن بەك قورقىمەن...