ئۇ مېنىڭ دادام

ۋاقتى:2011-07-02 17:05مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

تۇرسۇن كېرىم

   يامغۇردىن كېيىن ھاۋا پەرەڭدەك ئېچىلىپ كەتتى. دىلشات ئۆزىنى چىڭڭىدە قولتۇقلىغىنىچە تومۇچۇقتەك چۇڭۇلداپ سايراپ مېڭىۋاتقان قىزغا پات –پات كۈلۈمسىرەپ قاراپ قوياتتى.پىيادىلەر يولىدىكى بوشاپ قالغان كېسەكلەر ئارىسىدىن ‹‹جىرتتىدە››چاچرىغان سۇيۇق لاي دىلشاتنىڭ بەتىنكىسى، شىمىنىڭ پۇشقىقىنى بۇلغىۋەتتى.
   — ۋاي – ۋۇي، نېمە ئىش بۇ ئەمدى، – قاپقارا چاچراندىدىن بۇلغانغان بەتىنكىسى ۋە شىمىنىڭ پۇشقىقىغا قاراپ دىلشاتنىڭ جۇدۇنى تۇتتى.
   — ھېچقىسى يوق، تازىلىتىۋەتسەكلا بولمىدىمۇ، – دېدى قىز يېقىنلا جايدا ئولتۇرغان 11 – 12 ياشلاردىكى ئىككى مايلامچى بالىنى ئىما قىلىپ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
   — تەلىيىمىزگە مايلامچىلارنىڭ يېنىمىزدىلا بولۇپ قالغىنى، – دىلشات شۇنداق دېگەچ قىز بىلەن مايلامچى بالىلار تەرەپكە ماڭدى –يۇ، قوي كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە ئۆزلىرىگە قادىلىپ تۇرغان مايلامچى بالىغا كۆزى چۈشۈشى بىلەن چىپپىدە توختىدى.
   — توختاپ قالدىڭىزغۇ، ماڭمامسىز؟ – دېدى قىز.
   — ئاياغ مايلىتىمىز دەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلمايلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوچا –كويدا ئاياغ مايلىتىش بىلەن خوشۇم يوق، قەغەزدە سۈرتۈۋەتسەكلا بولدى، يولىمىزغا مېڭىۋېرەيلى، –دېدى دىلشات ئۆزىدىكى ھودۇقۇش، بىئاراملىقنى يوشۇرۇشقا تىرىشىپ.
   — قەغەزدە سۈرتكەنگە چىقمايدۇ، يەنىلا مايلاتقىنىمىز تۈزۈك، – قىز شۇنداق دېگەچ دىلشاتنى قولىدىن تارتىپ ماڭدى.ئۇلارغا تىكىلىپ تۇرغان بالىنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا ياشاڭغىرىدى.ئۇ دىلشات بىلەن قىزنىڭ ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن ئىتتىك تۇردى –دە، نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىپ كەتتى.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


   — توۋا، خېرىدار ئالدىغا كەلسە كېتىۋاتقىنىنى ئاۋۇ بالىنىڭ، – دېدى قىز كەينىگىمۇ قارىماي كېتىۋاتقان بالىنىڭ ئارقىسىدىن ھەيرانلىق بىلەن قاراپ.بالىنىڭ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن دىلشاتنىڭ يۈرىكى جايىغا چۈشكەندەك بولدى.ئۇ يەنە بىر مايلامچى بالىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردى.شۇ ئارىدا قىز كېتىپ قالغان بالا تەرەپكە ھەيرانلىقتا قارىدى.شۇ چاغدا ئۇ بالىمۇ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئۇلارغا قارىغاچ، يېڭى بىلەن كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتۈۋاتاتتى.بۇنى كۆرگەن قىزنىڭ يۈرىكى نېمىشقىدۇر ‹‹قارت››قىلىپ قالدى.‹‹ئۇ بالا نېمىشقا بىزنى كۆرۈپلا كېتىپ قالدى، يەنە تېخى يىغلاپتۇ››.قىز شۇلارنى ئويلىغاچ بالىنىڭ قارىسى يىتكىچە قاراپ تۇردى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   ئەتىسى قىز بىر جۈپ توپلەينى كۆتۈرگىنىچە تۈنۈگۈن كېتىپ قالغان مايلامچى بالىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.ئۇ پۈتۈن دىققىتى بىلەن توپلەينى مايلاۋاتقان بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ سورىدى:
   — نەچچە ياشقا كىردىڭ ساقام؟
   — ئون ئىككىگە.
   — مەكتەپتە ئوقۇيدىغانسەن؟
   — ئوقۇيمەن. تەتىلدە ئازراق پۇل تاپاي دەپ...
   — بىر گەپنى سوراي، جاۋاب بەرگىن ماقۇلمۇ؟
   — ماقۇل.
   — تۈنۈگۈن مەن بىرەيلەن بىلەن ئالدىڭغا كەلگىلىۋاتقاندا نېمىشقا كېتىپ قالىسەن؟ يەنە تېخى يىغلىدىڭ، شۇنداقمۇ؟
   — مەن شۇ... ئىز تورى بەك ياخشى
   — ۋەدەڭدە تۇر ساقام، راست گېپىڭنى دېگىن!
   — ئۇ... يېنىڭىزدىكى ئۇ ئادەم مېنىڭ دادام، ئۇ ئاپام ئىككىمىزنى تاشلاپ كەتتى.ئاپام دائىم ‹‹داداڭ ئازدى، ئەمما ھېچقىسى يوق، ئۇ ھامان بىر كۈنى يېنىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ.سېنى بۇرۇنقىدەك باغچىلارغا، كىنولارغا ئاپىرىدۇ...››دەيتتى، لېكىن...ھەدە، سىز ئۇنىڭ نېمىسى بولىسىز؟
   — سىز ئۇنىڭ...
   — مەن ئۇنىڭ ھېچنېمىسى ئەمەس ساقام، خوش، ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئوقۇغىن، قىز يالىلدىتىپ مايلانغان توپلەينى ئېلىپ، تېز –تېز مېڭىپ كەتتى. ئۇ دىلشاتنىڭ ‹‹خوتۇنۇم ئۇنداق ئەسكى، بۇنداق ئەسكى ئىدى... مېنى تاشلاپ بىرسىنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالدى...››دېگەندەك گەپلىرىنىڭ يالغانلىقىنى، ھەتتا بالىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ يوشۇرغانلىقىنى بىلدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ۋاقىتسىز قازا

    ئابدۇرېھىم ياقۇپ (ھېكايە) بۇ مەھەللە كىچىك بولغىنى بىلەن ئادەملىرى ئىنتايىن ئۆم ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن بۈگۈن مۇسىبەت بولغان يۈسۈپ ئاكىنىڭ تال باراڭلىق ھويلىسى ھازىدارلار، پاتىھەچىلەر بىلەن تولغانىدى. بۇ ھويلىدا يۈسۈپ ئاكا بىلەن مەريەمخان ئاچا ۋە ئۇلارنىڭ بىر...

  • شۇ چاغلاردا

    ھىكايە ئابدىۋەلى مۆمىن (شۇچاغلار) بۇ ھىكايەمنى سىېنىڭدىن ، يەنە سەن بىلەن تۇنۇشقان ۋاقىتلاردىن باشلايمەن، توۋا ، ياش ۋاقىتلىرىم، 19 ياشقىمۇ كىرمىگەن ۋاقىتلىرىم ئىدى، كىچىكلىكتە قىلدىغانغا ئىش تاپالماي، ئىنتىرنىت تورىدا باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، بەزىدە قى...

  • يىگىتنىڭ ساداقىتى

    بۈگۈن جانجىگەر دوستۇم باھادىرنىڭ تويى،مۇشۇنداق خۇشاللىق كۈندە مەنمۇ دوستۇم بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۇنڭغا بەخىت تىلىسەم بولاتتى،كۈلدۈم لىكىن ئاچچىق ھەم ساختا كۈلۋاتىمەن،يۈرىكىم مۇشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بولىۋاتىدۇ.باھادىردەك ئېسىل بىر يېگىتنىڭ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە ك...

  • تېلىغۇندىن باشلانغان مۇھەببەت

    كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن. - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن ئەسلى ئاغىي...

  • ئانا چېچىڭىزنى تاراپ قوياي

    (ھېكايە) مۇھەممەتجان توختى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن تەتىلمۇ يېتىپ كەلدى، مەن بۇ قەدىمى شەھەردىن يۇرتۇمغا قاراپ ئۇچتۇم. ئاكا- ئاچىلىرىم ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە، ئانام يالغۇزچىلىقتا زېرىكىپ قالغانمۇ، مېنى كۆرۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى. سېغىنىش ئا...

  • ئاھ ئاشۇ تەبەسىسۇمىڭ

    سەن يېنىمدىن ئۆتۈپ كىتىۋېتىپ كۆزلىرىمگەلاپپىدەقارىدىڭ-دە،ۋىللىدە قىزرىپ كەتتىڭ.بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن ئارقاڭغا قايرىلىپ شۇنداق بىر تەبەسسۇم قىلدىڭكى يۈرۈكىمگە گۈررىدە ئوت تۇتاشتى.يۈرىكىم نامەلۇم بىر خۇشاللىق ئىلكىدە تىپىچەكلەپ،مەندىن يىراقلاپ كەت...

  • كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل

    كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق -تاماكىغا بېرىلىپ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق...

  • دوپپىچى بوۋاي

    ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ خىسلەتلىك سۆزلىرىڭ؟ دوپپا بايراق ، دوپپا-تۇغ ، دوپپا سىنىڭ ھايات بەلگەڭ . مۇشۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئېيتقىنىڭدا مىنىڭ قەلبىمدە گۈدەكلىكنىڭ ھېسلىرى بالقىيتتى . ئەمما سەن خۇددى بىلىملىك ، ئۈمۈدلۈك بىرسىگە يول باش...

  • شاماللاردىن سورايمەن سېنى

    ئۇ كەتتى،مېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتى،قەىب ئاسمىنىمنى كۆز ياش ۋە قايغۇ قاپلىدى،مەن بۇ يەردە ئۇ ھايات چاغدىكىدەك ياشاۋاتىمەن،ئۇ بولمىسىمۇ يەنە تاماق يەۋاتىمەن،يەنە ھېچئىش بولمىغاندەك كۈلىۋاتىمەن،ئاپئاق تاملارنى بۇلغاپ يەنە جىجىلاپ رەسىم سىزىۋاتىمەن.جىمىك...

  • ۋاقىتلىق دادا

    (ھىكايە) چېن يۇڭلىن ئەلىخان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى ھەر يىلى ئىشلەمچىلەر چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشاتتى،ئەمما شياۋلىننىڭ دادىسى زادىلا ئۆيگە قايىتمايتى .شۇڭا بەش ياشلىق شياۋلىن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئويغۇنۇپ :ئانا ،دادام بۈگۈن قايتىپ كېلەمدۇ ؟ئاخشام دادامنى...

  • پۇشايمان

    مەن كىچىكىمىدە ئاجايىپ كەپسىز ئىدىم.يالغۇز ئوغۇل بولغاچقىمىكىن ئائىلىمىزدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىق بالا ئىدىم.شۇڭا مېنىڭ دېگىنىم دېگەن، قىلىغىنىم قىلىغان ئىدى.ئەمما،مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن ئىش ئۇنداق بولۇۋەرمىدى.سىنىپتا ماڭا قارشى چىقىدىغان تۇرسۇن ئىسىملىق بىر...

  • نـامـرات سـتـۇدېـنـت

    ---ئەزىز--- مەن چوڭ شەھەردىن ناھايىتى يىراق بىر سەھرانىڭ قوينىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كەمبەغەل ئوقۇغۇچى . ئۈرۈمچىدەك پۇلى بارغا ئۈرۈمچى ، پۇلى يوققا ئۆلۈمچى شەھىرىدە ، ئۇنىۋېرسىتېت قوينىدا تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە ، كىشى كۆزىگە يۈرۈش-تۇرۇشۇمدىن گۈلزاردىكى شۇمبۇيىدەك...

  • كىتاپخاندىكى ئاشىق

    مەن 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، دەرستىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا، كۆپرەك كىتابخانىدا ، كىتاپ كۆرەتتىم، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش ئىدى. تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق كىتابخانىغا باردىم، ك...

  • قۇرت چۈشكەن ئالما

    ئادىل مۇئەللىم ئەركىننىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا خۇپىيانە تاماكا چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ ئەركىننى چاقىرتتى. ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن دېگەندەك، ئەيىبى ئۆزىگە ئايان ئەركىننىڭ ساراسىمىگە چۈشكەن يۈرىكى مۇئەللىمنىڭ ئاتىلارچە مېھرىبانلىق يېغىپ...

  • قاغا

    تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن خۇدەبەردى مىڭلىغان ھەرلەرنىڭ ئارىسىدا قاللغانتى . ھەرىلەر خورغا چۈشكەندەك بىر بىرى بىلەن گېڭىلدىشاتتى . ئۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى توختىماي ھەرە تەرەپكە شىلتاتتى . ھەرلەر بولسا ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى ، قۇلاقلىرىنى ... قىسقىسى ئۇتتۇر كەلگەن...