مەن 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى، نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتاتتىم، دەرستىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا، كۆپرەك كىتابخانىدا ، كىتاپ كۆرەتتىم، كۈنلىرىم شۇنداق ئالدىراش ئىدى.
تەتىل قويۇپ بەرگەندىن كىيىن، يەنە داۋاملىق كىتابخانىغا باردىم، كىتابخانا ھازىرقىدەك بوش ئەمەس ئىدى ، تاڭ سەھەردە بېرىپ ئۆچىرەتتە تۇرمىسا ئولتۇرغىدەك ئورۇنمۇ چىقمايتتى.
ھەر كۈنى كىتابخانىغا بارىدىغان بىر ئوغۇل بالابار ئىدى، بەزىدە ئۇ مەندىن بۇرۇن كېلىپ ،ماڭا ئورۇن ئىپ قوياتتى، ئىككىمىز يانمۇ- يان ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇيتۇق، چۈش بولغاندا يەنە بىللە تاماق يەيتتۇق، تاماقتىن كىيىن يەنە بىللە دەرس تەكرارلايتۇق.
كەچ سائەت 6 دە كىتابخانا تاقىلاتتى، بىزمۇ ئاستا خوشلىشىپ كېتىپ قالاتتۇق، شۇنداق قىلىپ بىز ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ قالدۇق.
بىر كۈنى ئۇ كەلمىدى، توپتوغرا بىر كۈن ساقلىدىم، لېكىن يەنىلا كۆرۈنمەيتتى، مەن تىت-تىت بولۇپ ئولتۇرالمايلا قالدىم، ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولغاندىمۇ ، ئىشى چىقىپ قالغاندىمۇ، ئاغرىپ قالغاندىمۇ................
ئەتىسى ئۇ يەنە پەيدا بولدى، گويا تۈنۈگۈن ھىچ ئىش بولمىغاندەك، ماڭا ئۇ توغرىلىق ھېچنىمە دىمىدى، مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم، بىز يەنىلا بىللە دەرس تەكرارلاپ، بىللە تاماق يېدۇق،شۇ كۈنى ئۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەكلا تۇراتتى، لېكىن ئۇ ماڭا باشقىچىلا تۇيۇلۇپ كەتتى.
ئەينى ۋاقىتتا مەن زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇنى كۆرسەملا تىلىم تۇتۇلۇپ، گەپ قىلالمايتىم، جىددىيلەشكەنلىكىمدىن يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالاتتى، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىچە تاقىتىم تاق بولاتتى، ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرگەندىلا كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ ، بىردىنلا يىنىكلەپ قالاتتىم، بۇرۇن ئەزەلدىن بۇنداق بولۇپ باقمىغان ئىدىم.
مۇھەببەت.
copyright by www.iz.la
توساتتىن بۇ سۆز يادىمغا كەچتى، بۇرۇن بىرسىنى ياقتۇرۇپمۇ قالغان لىكىن بۇنچىلىك بولۇپ كەتمىگەن ئىدىم ، ھازىر ئۇ مىنى ئۆزىگە قارىتىۋالغاندەك، ئۆزۈمنى تۇتۇۋىلىشقا شۇنچە تىرىشساممۇ، كاللامدە پەقەت ‹‹ ئۇ›› لا بار ئىدى.
كىتابخانىغا بارمايمۇ دېدىم، لېكىن تاڭ ئېتىشى بىلەنلا
پۇتلىرىم مىنى ئىختىيارسىز شۇ تەرەپكە سۆرەيتتى، مەن كىتابخاننىڭ ئامبىرىغا كىردىم ، بۇ يەردە مەن كۆرۈپ باقمىغان نۇرغۇن كىتابلار بار ئىدى، كۆڭلۈمدىكى ئارامسىزلىقنى بىسىش ئۈچۈن، ياخشىراق كىتاب تىپىپ ئوقۇماقچى بولدۇم، ئۆزۈم بۇيەردە بولغان بىلەن كاللام باشقا يەردە، ئۇنىڭدا ئىدى، ئەمما مەن شۇنى چۈشىنەلمەيۋاتاتتىم، مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن مۇھەببەت پەيدا بولدىمۇ دەيلى، مەن زادى قانداق قىلىشىم كىرەكتۇ؟..
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كاللام جاۋاپسىزسۇئاللارغا، گادىرماچ خىياللارغا تولۇپ كەتتى...........
بىشىمنى كۆتۈرسەم ئالدىمدا‹‹ مۇھەببەت ھەققىدە›› ‹‹ نىمە ئۈچۈن›› ... دىگەندەك كىتابلار تۇرۇپتۇ، توغرا مەن ئىزلەۋاتقانمۇ شۇ مۇھەببەت ، قىنى كۆرۈپ باقاي، بىرەر ئامالى بوپ قالار.
تۇرمۇشتىكى مەسىللىلەرنىڭ جاۋابىنى كىتابتىن ئىزدىشىم تىخى تۇنجى قىتىم ئىدى، جاۋابىنى تاپالامدىم ياكى تاپالمامدىم بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ ئىدى، ئەمما مەن شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنەتتىم، بۇندىن بۇرۇن بۇھەقتەئىزدەنگەنلەر كۆپ، ئەلۋەتتە مەن بىرنجىسى ئەمەس.
مۇھەببەت توغىرلىق يىزىلغان بۇ كىتابلاردىن بىرەر چارە تاپالايدىغاندەك ئەمەس ئىدىم، ھىچنىمە ئۆزگەرمىگەندەكلا. مۇشۇ توغىرسىدايىزىلغان 20نەچچە پارچە كىتابنى كۆرۈپ بولدۇم، ئەمما بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاخرىدا مىنى كۈتۈۋالغاىنى يەنىلا مەغلۇبىيەت بولدى.
ئەسلىدە كىتابخانىغا كەلمىگەن ئاشۇ كۈنى ئۇ بىر قىز بىلەن كۆرۈشكىلى بارغانكەن..
كىيىن ھەر قىتىم ئازاپلانغاندا، بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا مەيلى قەيەردە بولاي كىتابخانىغا بارىدىغان بولدۇم.تۇرمۇشۇمدا ئۇچرىغانلىكى مەسىللەرنىڭ جاۋابىنى كىتابتىن ئىزدەيدىغان بولدۇم، توختىماستىن كۆردۈم، چۈنكى مەن شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنەتتىم، بۇرۇندىن ئىزدەنگۈچىلەر نۇرغۇن ھەم مەن تۇنجىسى ئەمەس.....
كىشىلىك ھاياتتا كىشىنى ئەڭ قىينايدىغىنى تەنھالىق بولسا كىرەك، بىشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە يىنىڭىزدا بىرەر دوستىڭىزنىڭ بولغىنى سىزگە چوڭ تەسەللى ئىكەن، ئەمما سىز يالغۇز بولسىڭز
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بەلكىم ئۈمىدسىزلىك سىزنى نابۇت قىلىۋىتىشى مۇمكىن.
مەن 14 ياشقا كىرگەن ئاشۇ يىلى كىتابخانىدا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ماڭا نىسىپ بولمىدى، لىكىن مەن تىخمۇ ياخشى نەرسىگە...
ياخشى بىر دوستقا ئىرىشتىم.