قاغا

ۋاقتى:2011-08-08 15:56مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن
     خۇدەبەردى مىڭلىغان ھەرلەرنىڭ ئارىسىدا قاللغانتى . ھەرىلەر خورغا چۈشكەندەك بىر – بىرى بىلەن گېڭىلدىشاتتى . ئۇ قولىدىكى سۈپۈرگىنى توختىماي ھەرە تەرەپكە شىلتاتتى . ھەرلەر بولسا ئۇنىڭ يۈز – كۆزلىرىنى ، قۇلاقلىرىنى ... قىسقىسى ئۇتتۇر كەلگەن يەرلىرىنى چاقاتتى . نۆۋەت تەگمىگەنلىرى بولسا ئۇنىڭ باش ئۈستىدە پۇرسەت كۈتۈپ ئايلىنىپ يۈرەتتى . ئۇ قېچىپ ئۆيگە كىرۋېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەركەت قىلۋىدى ، پۇتلىرى چوڭقۇر قېقىۋىتىلگەن قوزۇقتەك مىدىرلىمىدى . ئۇنى قورقۇنۇچ  ، سۈر ، ۋەھىمە باستى . ھەرىلەر ئۇنىڭ باشلىرىنى ، يۈز – كۆزلىرىنى ، قاش – قاپاقلىرىنى توختىماي چاقاتتى ، غاجىلايتى ... ئۇ بىردىنلا قېنى تۈگەپ ھوشسىزلىنىپ يىقىلدى . ھەرلەر ئەمدى ئۇنىڭ گۆشلىرىنى غاجىلاپ يېيىشكە باشلىدى . خۇدەبەردى بىردەمدىلا ئىسكىلىتقا ئايلىنىپ قالدى . ھەرلەر يوغناپ ئاۋال قۇچقاچلاردەك ، ئاندىن پاختەكلەردەك ئاخىرىدا قاغىلاردەك بولۇپ كەتتى ... شۇ تاپتا ھەرىلەر ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىمۇ غاجىلاپ يېيىشىۋاتتاتتى ... ئۇ قاتتىق ۋاقىرىغىنىچە ئويغۇنۇپ كەتتى . ھويلا سۈپۈرىۋاتقان ئايالى سۈپۈرگىنى تاشلاپ ، ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ كىرىدى . خۇدەبەردى تەكىيگە يۆلىنىپ ئولتۇرغىنىچە جالاقلاپ تىتىرەۋاتاتتى .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


   - نىمە بولدى سىزگە ؟
   - سورمايلا قوي ، تېز بول بىر تاۋاق تېرىقنى بېشىمدىن ئۆرۈپ ، سىرتقا ئەپچىقىپ چېچىۋەت .
   - قارا بېسىپ قاپتۇ – دە ؟
   - ھەئە ، شۇنداق ، ھەئە شۇنداق ... تېز بول ... تېرىق ئەپچىق .
  - سەھەردە قوپۇڭ ، ھېچ بولمىغاندا بىرەر ۋاخ ناماز ئوقۇڭ دېسەم ئۇنمايسىز ، كۈن قىزىلىدا ياتسا ئاشۇنداق قارا باسىدىغان گەپ .
   - تولا سۆزلىمەي يۈگۈر ، مەن دېگەننى قىل ، ھېلى بىكار ..
   - مەن قارا باستۇرۇپ قويغاندەك نىمە مۇزلۇق قىلىدۇ ماڭا – ھەنىپىخان غۇدىرىغىنىچە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
   << راست ئېيتىدۇ ، خوتۇن راست ئېيتىدۇ ، بوۋام رەھمىتىمۇ كۈن قىزىلىدا ياتقان ئەڭ يامان ... >> دەيدىغان ، دەپ ئۆز – ئۆزىگە شىۋىرلىدى ئۇ ، ئايالى بىر تاۋاق تېرىقنى ئېلىپ چىقىپ بېشىدىن ئۆرىگەندىلا قەلبىدىكى قورقۇنۇچ سەل بېسىلغاندەك بولدى خۇدەبەردىنىڭ .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


   خۇدەبەردى روھى چۈشكۈن ، كۆڭلى يېرىم ھالدا سىرتقا چىقتى. ئۇنىڭ يۈرىكى نىمىشقىكىن ئەنسىزلا ئېغىپ تۇراتتى ، ئائىلىسىدە ھېلىلا بىر كۆڭۈلسىزلىك ، كېلىشمەسلىك يۈز بېرىدىغاندەك تۇيلۇپ بىئارم بولاتتى . 
   - قاق ، قاق ، قاق ..
   قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن بىر قاغىنىڭ ھويلىدىكى قاپاق توغراققا قونۋېلىپ ، ئارقا – ئارقىدىن قاقىلدىشى ئۇنىڭ يۈرۈكىدىكى ئەنسىزلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم ، پاراكەندە بولدى . خۇدەبەردى << كۆزۈم كۆرمىدى ، قۇلىقىم ئاڭلىمىدى >> دەپ ئۈچ قېتىم شىۋىرلاپ قاغىغا قاراپ ئۈچ قېتىم تۈكۈردى . قاغا يەنىلا يېقىمسىز قاقىلداۋاتاتتى . << ياخشى گېپىڭ بولسا ئاغىزىڭغا ياغ ، يامان گېپىڭ بولسا ئاغزىڭغا ئەڭ سېسىق پوق >> دەپ يەتتە قېتىم شىۋىرلاپ ، قاغىغا قاراپ يەتتە قېتىم تۈكۈردى . ئۇ بۇلارنى كىچىك چېغىدا مومىسىدىن ئۈگۈنىۋالغاندى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   << قاغا ناھايتى ئەقىللىق جانۋار ، ھەر قانداق بالا – قازانى ئالدىن سىزىپ بىشارەت بىرەلەيدۇ ، بىر راۋايەتتە ئېيتىلىشچە ، قاغا بەندىنىڭ بېشىغا كىلىدىغان ئۆلۈم ھىدىنى يەتتە كۈن بۇرۇن پۇرارمىش ، دىيىلگەن . يەنە بىر راۋايەتتە قاغا ئۆز بېشىغا كىلىدىغان ئۆلۈمنى ئۈچ كۈن بۇرۇن بىلۋالغاچقا ئادەملەرگە ئۆلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ دىيىلگەن >> دەپ سۆزلەپ بىرەتتى بوۋىسى ھايات چېغىدا ئۇنىڭ بېشىنى مېھرى بىلەن سىلاپ تۇرۇپ . خۇدەبەردى بۇلارنى ئويلاپ ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغۇنۇپ كەتتى ... قاغا ھەققىدىكى راۋايەتلەر راست بولسۇن ، يالغان بولسۇن قاغىنىڭ قاقىلدىشى ئۇنىڭ نەزىرىدە شۇملۇق ئېلىپ كېلەتتى . بىر قېتىم تۆگمەندىن كېلۋاتسا باش ئۈستىدە بىر قاغا ئايلىنىپ بىر ھازا قاقىلدىغاندىن كىيىن ، يىراقلارغا كەتكەن ، شۇ چاغدىمۇ ئۇنىڭ يۈرىكى بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك ئەنسىز ئېغىپ كەتكەنتى ، راست دېگەندەك ئۆيگە كەلگەندە بىر توپ جامائەت ئۇنىڭ چوڭ قىزىنىڭ جەسىدىنى ھويلىغا ئېلىپ كىردى . ئۇنىڭ قىزى سۇغا چۈشۈپ كىتىپ ئۆلۈپ كەتكەندى . ، يەنە بىر قېتىم ئاياغ مەھىلىدىكى قوناقلىرىغا سۇ تۇتىۋاتقاندا بىر قاغا ئۇنى ئايلىنىپ قاقىلداپ ئارام بەرمىگەن ، چالما ئاتسىمۇ ئۇنىماي قاقىلداۋەرگەن ... قاغا ئۇچۇپ كىتىپ بىر ھازادىن كىيىن ، ئۇنىڭ ھويلىسىدا قىيا – چىيا كۆتۈرىلگەن ، ئۇ يۈگۈرۈپ يويلىغا كىرگەندە ئۈچ ياشلىق ئوغلى قانغا مىلىنىپ ياتاتتى . خۇدەبەردى يۇقارقىلارنى ئويلاپ چەكسىز ، ئارامسىزلىنىشقا باشلىدى ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
      ئۇ ئىنەككە ھەلەپ بىرىش ئۈچۈن ئېغىلغا كىردى ، كىردىيۇ كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ ئولتۇرۇپ قالدى – تۇغۇشىغا بىر نەچچە كۈنلۈكى قالغان ئىنىكى ئۈردەپ ئۆلۈپ قالغاندى . ئۇ بىردىنلا ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتتى ، ئۆزىنىڭ شور پىشانىلىكىدىن قاتتىق ئېچىندى ، ئايالى يۈگۈرگىنىچە ئېغىلغا كىرىپ سۇنايلىنىپ ياتقان كالىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ ھوشىدىن كەتتى ...  
      مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنى پالاكەت بېسىشقا باشلىدى . ھېلىقى شۇم قاغا ھەر كۈنى ئىت پوق يىمەستە كىلىپ توغراقنىڭ قاپ ئۇچىغا قونىۋېلىپ يېقىمسىز قاقىلدايتى . ئۇنىڭ خۇشال كۈنلىرى تۈگەپ ، يۈرىكى ئۆرتىنىدىغان بولۇپ قالدى . ئۆمۈتسىزلىك ، مىسكىنلىك ئۇنىڭغا زورلۇق – زۇمبۇلۇق قىلاتتى ... ئىز تورى بەك ياخشى
   ئۇ ئەمدى ئورنىدىن ئەتىگەندە تۇراتتى . قاغىنى تاش – چالما ئېتىپ قوغلايتى . قاغا ئۇچۇپ كەتكەن تەرەپكە نەپرەتلىك خىيالار بىلەن ئۇزاققىچە قاراپ تۇرۇپ كېتتەتتى . ھېلىلا بىر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بىرىدىغاندەك بىئارام بولاتتى ... ئۇ بۈگۈنمۇ قاغىنى ئاڭ سېسىق تىللار بىلەن تىللاپ ، قوغلىۋەتكەندىن كىيىن ، كارۋات ئۈستىدە تۇرغان پالتىنى كۆرۈپ قالدى – دە ، كۆز ئالدى پاللىدە يورۇپ كەتكەندەك بولدى . ئۇ ھەرھال پالتىنى قولىغا ئېلىپ ، غەزەپ بىلەن توغراقنى كېسىشكە باشلىدى .
   - نىمە قىلۋاتىسىز ؟ ساراڭ بولدىڭىزمۇ ؟
   - تولا كاپشىما ! ھېلىقى نىجىستىن مۇشۇنداق قىلىپ قۇتۇلمىسام بولمايدۇ ...

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


   - كەسمەڭ ، شەرتلىك توغراق بۇ ، بۇنىڭسىزمۇ بىزگە كىلۋاتقان كۆڭۈلسىزلىك ئازمۇ ؟
   - شەرتلىك بولسا بولمامدۇ ، كېسىۋىتىش كېرەك ، شۇ چاغدىلا قاغا ھەمرالىرىنى باشلاپ كىلىپ قاقىلداپ بىزنى ئاۋارە قىلمايدۇ .
   ئۇ توغراقنىڭ غولىغا ئەسەبىلەرچە پالتا ئۇرۇشقا باشلىدى ...
- كەسمەڭ ، - ئايالى كىلىپ ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىۋالدى – كەسمەڭ ، كۆڭلۈم بۆلەكچىلا ئېغىپ تۇرۋاتىدۇ ، كەسمەڭ ، ئۇ ئايالىنى ئىتىرىۋېتىپ توغراقنى كىسىشنى داۋام ئەتتى . قاياقتىندۇر كەلگەن بىر ئىسسىق شامال ئۇنىڭ يۈز  – كۆزلىرىنى سىپاپ ئۆتۈپ كەتتى . ئۇنى ئاستا – ئاستا بىر تاتلىق ئۇيقۇ قىستاپ كىلۋاتاتتى . ئۇ كىسىلىپلا دەپ قالغان توغراق غولىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ بىردىنلا ئۇيقۇغا كەتتى ... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
   قابائەتلىك بىر چۈش دەۋرەپ كىلىپ ئۇنى قوينىغا ئېلىشقا باشلىدى . ئۇزۇنغا سوزۇلغان قورقۇنۇچلۇق چۆل ... قاخشال بولۇپ كەتكەن يۇلغۇنلار ... يىلان باغرى سوزۇلغان ئىككى تەرىپى دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ، لاۋۇلداپ كۆيۋاتقان دەريا ... ئوت دولقۇنى ئېچىدە بىخارامان ئۈزۈپ يۈرگەن بىلىق ، لەھەڭ ، يىلانلار ... كەستۇيۇم بۇرۇلكا كىيىپ ، گىلاستۇك تاقىۋالغان تۈلكىلەر ... قوي تېرىسىگە ئورنىۋالغان بۆرىلەر ... بوۋاقلارنى پۈتۈنلا يۈتىۋىتىپ بارغان يولۋاسلار ... كىپەنلىكنىڭ يېرىمىنى پوملاپ ئاغىزىغا تىقىۋالغان جەسەتلەر ... تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئانىسىنىڭ قورسىىدىنلا دەم تارتىپ يۈتىۋاتقان ئەجىھالار ... ئۇ پۇت – قولى مەھكەم باغلانغان ھالدا قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن بىر تۈپ يوغون يۇلغۇننىڭ ئاستىدا ياتاتتى . يۇلغۇن شاخلىرىغا نۇرغۇن ئۆلۈك يىلانلار يامىشىۋالغانتى ... نۇرغۇن ھوقۇش ، نۇرغۇن كىلەلەر قونۋالغانتى ... ئۇنىڭدىن سەللا نېرىدا چوڭ بىر داش قازاندا لىقلا سۇماي قايناۋاتاتتى . چىرايى بەتبەشىرە ، قورقۇنۇچلۇق بىر نەچچە مەخلۇق چىقىرىشىپ يىغلىشىۋاتقان بوۋاقلارنى ئارقا – ئارقىدىن پۇرۇقشۇپ قايناۋاتقان قازانغا تاشلىشىۋاتاتتى ، بىر – بىرىگە نىمىلەرنىدۇر دەپ قاقاقلاپ كۈلشىۋاتاتتى . چىرايلىرى سۇلغۇن ، كۆزلىرىدىن مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئاياللار كۆزلىرىدىكى ياشلارنى يوشۇرۋالالماي لەۋلىرىنى چىشلىگىنىچە ئۇلارغا ئىش ھەققى بىرىپ قايتىپ كىتىۋاتاتتى ... ئۇ قۇرۇپ قاخشال بولۇپ كەتكەن يۇلغۇننىڭ ئاستىدا سۇنايلىنىپ ياتاتتى . ئۆمۈرىدە كۆرۈپ ، ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئاجايىپ بەتبەشىرە ، ۋەھىمىلىك غەلتە مەخلۇق ئۇنىڭ كۆكرىكىنى يېرىپ ، يېرىقلاردىن شىلدىرلاپ چىقىۋاتقان قاننى ئىچمەكتە ئىدى ... خۇدەبەردى كۆز ئالدىدىكى بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈپ چىقىرىغىنىچە ئويغۇنۇپ كەتتى ...
ئىز تورى www.iz.la

 قاغا يېقىمسىز قاقىلداۋاتاتتى ، ئۇ ئەسەبىلەشكىنىچە  تاش – چالما ئاتاتتى . قاغا سەللا ، ھاۋاغا كۆتۈرلەتتى – دە ، يەنە توغراق شاخلىرىغا قونۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك قاقىلداۋىرەتتى . ئۇ ئىچ – ئىچىدىن قاپساپ كىتىۋاتقان غەزىپىنى باسالماي ، توغراق غولىغا غەزەپ بىلەن پالتا چېپىشقا باشلىدى . ، << قاراس – قۇرۇس >> قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ چىررىدە چىقىرىغان بىر ئاۋاز پۈتۈن مەھلىنى بىر ئالدى – دە ، خۇدابەردىنىڭ – يۈرۈكىنى جىغىلدىتىۋەتتى . تاپىنىدىن كىرگەن تىتىرەك مىڭىسىنى قوچىۋەتتى . يىقىلغان توغراقنىڭ ئاستىدا ئايالى قانغا مىلىنىپ ياتاتتى . قاغا ھېچيەردە كۆرۈنمەيتى
ئىز تورى www.iz.la

... ئۇ ئايالىنىڭ قىرىق نەزىرسىنى تۈگەتكەندىن كىيىن توغراقنى ئۇششاق پارچىلاپ ئوتۇن قىلىپ ، غازاڭلىرىنى سۈپۈرۈپ بىر يەرگە دۆۋلەپ ، ئۈستىگە كىرسىن چېچىپ ئوت قويۋەتتى . ئوت يېقىلىش بىلەن تەڭ بىر توپ قاغىلار ئۇچۇپ كىلىپ ، ئۇنى ئايلىنىپ قاقىلداشقا باشلىدى ، ئۇ يەنە كۈتۈلمىگەن پاجىئەلەردىن سارسىمگە چۈشتى ، ئوت ئۈچ كېچە – كۈندۈز لاۋۇلداپ كۆيدى ،قاغىلارمۇ ئۈچ كېچە – كۈندۈز ئوت ئۈستىدە ئايلىنىپ توختىماي قاقىلداشتى ، خۇدەبەردىمۇ ئۈچ كېچە – كۈندۈز قاغىلارغا توختىماي تاش – چالما ئاتتى ...
ئوت ئۆچتى – قاغىلارمۇ كەتتى . بىراق كۈل دۆۋىسى كېچە – كۈندۈز قاغىلاردەك قاقىلدايدىغان بولىۋالدى ... ئۇ ھەيران قالدى ، كۈل دۆۋىسى قاقىلدايتى ، ئۇ ياقىسىنى چىشلىگىنىچە كۈل دۆۋىسىگە قاراپ تۇراتتى . كۈل دۆۋىسى قاغىلاردەك قاقىلدايتى ... ئۇ ئاخىرى كۈل دۆۋىسىنى تاغارلارغا قاچىلاپ يىراق بىر جاڭگالغا ئاپپىرىپ تۆكۈۋەتتى . ئەمدى بولسا كۈل دۆۋىسىنىڭ ئورنى قاغىلاردەك قاقىلداۋاتاتتى ، ئۇ بىر نەچچە كۈن جاپالىق ئىشلەپ ئۇ جاينىمۇ ئادەم بويى  چوڭقۇرلۇقتا ئويۇپ توپىسىنى يىراق بىر ساسلىققا ئاپپىرىپ تۆكۈۋەتتى ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قاپاق توغراقنىڭ كۈنىكىدىن نۇرغۇن توغراق نوتىللىرى كۆكلەپ چىقتى ، ئۇ توغراق نوتىللىرىنى كىسىپ تەڭ كىلەلمەي ، توغراق كۆتىكىنى كولاپ چىقىرۋاتتى . ئۇنىڭ تەلىيى يەنە ئوڭدىن كەلمىدى . ئۆي – ھويلىسى ، ئۆي - ئەتىراپىنى يەنە نۇرغۇن توغراق نوتىللىرى قاپلاپ كەتتى ، ئۈنۈپ چىققان توغراق نوتىللىرى تېز كۆپۈيىپ ، تېز يوغناشقا باشلىدى ... نۇرغۇن قاغىلار كىلىپ توغراقلارغا ئۇۋا سالدى . نۇرغۇن بالىلارنى چىقىرىپ قاتارغا قوشۋەتتى ، ئۇ قاغىلارنىڭ ئۇۋىسىنى بۇزۇپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، تۇخۇملىرىنى چېقىپ تۈگتەلمىدى ، قاغىلار ئۇنىڭ بىلەن قېرشقاندەك ئەتتىگەندىن كەچكىچە ، كەچتىن ئەتىگىچە توختىماي قاقىلدايتى . ئۇ ئۆگۈزسىگە چىقىۋېلىپ قاغىلارغا توختىماي تاش – چالما ئاتاتتى ، قاغىلار توختىماي قاقىلدايتى . ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى ھەممىلا نەرسە قاغىلارغا جۈر بولاتتى ، ئۇ توختىماي تاش – چالما ئاتاتتى ... ئەمدى توغراقلار قاغىلار بىلەن بەسلەشكەندەك كېيىم – كېچەكلىرىنىڭمۇ قاغىدەك قاقىلداۋاتقىنىنى سىزىپ قالدى – دە ، سېلىپ تاشلاپ ئاندىن تۇغما بولدى ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇنڭ ئۆگىزىگە تاش – چالمىلارنى دۆۋلىۋېلىپ قاغىلارغا ئېتىۋاتقىنىغا ئۈچ كۈن بولغانتى ، ياق ئۈچ ئاي بولغاندۇ ، ياق ، ياق ئۈچ يىل بولغاندۇ ، ياق ، ياق ئۈچ يۈز يىل بولغاندۇ ، ياق ، ياق ئۈچ مىڭ يىل بولغاندۇ << قاغىلار توختىاي قاقىلدايتى ، ئۇ قاغىلارغا قارتىپ توختىماي تاش – چالما ئاتاتتى ...
... سەنلەر بىلەن ئېلىشقىنىم ئېلىشقان  ، سەنلەرنى سۈرتوقاي قىلمىغىچە ، بۇ يەردىن قوغلىۋەتمىگىچە ئارام تاپمايمەن . ئاڭلاشتىڭمۇ ھەي نۇمۇسسىزلار ، بۇلاڭچىلار ، مەلئۇنلار ، بىر ئېتىز قونۇقىمنىڭ بېشىنى ئېلىپ قېچىپ تۈگۈتىشمىدىڭمۇ ئاچ – كۆز تويماسلار ، مەندە يەنە ھەر قايسىڭنىڭ نىمىسى قالغان ، ئەگىپ كىتىشەلمەيسەنۇشۇملار ...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇ مەجنۇنلارچە ۋاقىرايتى ، قاغىلارغا قارىتىپ تاش – چالما ئاتاتتى ... قاغىلار توختىماي قاقىلدايتى ... 
-     قاق ، قاق ، قاق ...
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • بىر ئايالنىڭ ئۆمۈرلۈك ۋەدىسى

    بىر قىز پۇتى تازا ياخشى باسمىغاچقا،ئەتىدىن كەچكىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ،باشقا بالىلارنىڭ ئوينىشىغا قاراپ تۇراتىتى. بىريىلى يازدا قوشنىسنڭ شەھەردىكى تۇقىقنى بۇيەرگە ئوينىغىلى كەلدى.ئۇلارنڭ بۇقىزدىن بەش ياش چوڭ بىر ئوغلىمۇ كەلگەندى. شەھەرلىك بالا ناھايتى...

  • قايغۇنىڭ دوستى

    خېلىلا ياشانغان بىر موماي تولىمۇ ئاستا ماڭغىنىچە تاش ياتقۇزۇلغان سەھرا يولىدا كېتىۋاتقانىكەن. ياشىنىپ قالغىنىغا باقماي چىرايىدا ياش قىزلارغا خاس تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىكەن . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان بىر يىگىتنى كۆرۈپ قاپتۇ ، يىگىت ھەم ئور...

  • دېرىزىنىڭ يېنىدا

    شوكۇرېنفۇ (رۇسىيە) ئېلكتىروۋۇزدا ئادەملەر تولىمۇ جىق بولۇپ، بىر بوۋاي، موماي، يەنە بىر مېيىپ كىشىمۇ بار ئىدى. بىر تەرەپتە ياش بىر قىزچاق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، لېرمېنتوۋنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇماقتا ئىدى: ساھىلىدا دېڭىزنىڭ ئولتۇرىدۇ بىر گۈزەل... ئارىدىن...

  • دوختۇر ۋە مۇخبىر

    مەن بىر داۋالىغۇچى مۇخبىر ، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيەسى خەۋەرلىرى (CNN) پىروگراممىسىدا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئون يىلدىن ئاشتى . ئىلگىرى بولسا نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئىدىم . مەن ئۆز خىزمىتىم ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مىدېتسىنا ۋە ساغلاملىقنى چۈشىنىشىن...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • يۈز تۇرانە ئىمتىھان

    ئالىي مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتكۈزگەن بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى داڭلىق چوڭ شىركەتكە كېلىپ باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىگە ئىمتىھان بېرىپ ئىشلىمەكچى بولدى .ئۇ يازما ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھانلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن ، ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمى بۇ ياشنى باش دىرېكتو...

  • تىرىكچىلىكنىڭ چارىسى

    بازار ياخشى ئەمەس، سودا بولمايۋاتىدۇ... خېلىل بۈگۈنمۇ شۇنداق خىيالغا پېتىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئەس يادى ئالدىنقى ھەپتە نېمكەش ئاپتومبېل بازىرىدىن سېتىۋالغان تۇرمۇش ماشىنىسىنى پايدىسىغا سېتىۋېتىشتا ئىدى. ئەلۋەتتە دەپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەككى، بىزنىڭ بۇ خېلى...

  • ھېكايە... بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە

    ھېكايە بىر تۈپ دەرەختىن كەلگەن پاجىھە كىرىش سۆز بۈگۈن يازماقچى بولغان ھېكايەم رىياللىقتىكى ئادەمنى چۆچىتىدېغان ھەقىقى ۋەقەلىك....بۇ ھېكايەمنى باشلاشتىن بۇرۇن،مەن ئۇقۇغان كىتاپتىكى بىر ھېكايىدىن ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي.مەن ئۇقۇغان ئۇ ھېكايىدە ئاكا-ئۇكىلار ئاتا...

  • پىستەك

    پىستەك ئەسلىي تاغامنىڭ ئىتى ئىدى.ئۇ شەھەرلىكىلەرنىڭ ئىتلىرىدەك ئۇنچىلىك پاكار ئەمەس، ئەمما سەھرا ئىتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا جۇغى كىچىك بولغاچقا،ئىنىم ئىككىمىز ئۇنىڭىغا(پىستەك)دەپ ئىسىم قويغانىدۇق. ھېلىمۇ ئېسىمدە،ئىككى يىل ئىلگىرى ياز ئايلىرىنىڭ مەلۇم بىر كۈن...

  • ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتى

    ھەزىرتى ئادەم ئەلەيسالام يارىتىلغاندا بارلىق پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش بۇيرۇلغان،بۇنىڭغا بويۇنتاۋلىق قىلغان ئىبلىس مەنگۈ لەنەتكە دۇچار بولغانىكەن .دىمەك ،ئىنسان يارىتىلىشىدىنلا ئەنە شۇنداق ئەزىز يارىتىلدى ۋە ئۇنىڭغا تەبىئەتتىكى بارلىق نېمەتلەردىن...

  • سۆيۈنچە

    بىر ۋاقىتلار ئۇر ھەمدە كۆر، كېيىنچە كىچىك ۋە كاتتا تاغ دەپ ئاتىلىدىغان تاغلار ئارىسىدا، سىردەريانىڭ تۆۋەن قىسمىدا بىر يۇرت جايلاشقان ئىكەن. ئۇنىڭ سۇلتانى ئادالەت بىلەن يۇرت باشقۇرۇشتا داڭقى چىققان سۇلتان مەھمۇد باھادىرخان ئىكەن. قەۋمىنىڭ ياشۇ قېرىسىنى ئەز...

  • كۈز شامىلىدا تۆكۈلگەن يوپۇرماق

    كۈزپەسلىنىڭ دەسلەپكى شاماللرى كىشى ھۇجۇدىغا ناھايىتى ۋەھىمىلىك ھېسلارنى سالسىمۇ،بىراق ئوتتۇر مەزگىللگە كەلگەندە دەرەخ ئۈستىدىكى سارغايغان يوپۇرماقلارنى لەرزان لەيلىتىپ يەرگە چۈشۈرۈپ تەبىئەتكە ئاجايىپ تۈس قوشاتتى،ئەنە شۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە ھۆسۈن قوشقان تەب...

  • پۇلغا تامىغان ياش

    ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ، قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ھارۋامنى تېز ھەيدەپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ، ئاپامنىڭ ئاغرىپ ياتقانلىقى مىنى تولىمۇ بىئارام قىلدى . ئاپام 60 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ ، ئادەتتە ئىشچان ، تەلەپچان ئائىلە ئايالى ئىدى . مەن ئا...

  • قاراڭغۇدا ئالىيىش

    مەن خىزمەت تەقسىماتى بويىچە مۇشۇ ئىدارىگە كەلسەم،نامەت ئەپەندى كاتىبات بۆلۈمىدە ئىشلەيدىكەن.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر پۇتنى ئاياپ دەسىسەيدىغان،ئېڭىكىدىكى تاتۇقى ساقلىقىنى قاق ئوتتۇرسىدىن ئىككى تەرەپكە بۆلۈۋەتمەي،چېغىر كۆزلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان،بويى پاكا...

  • مەن قورقىمەن

    مەن ئازۇيۇم ئىچىدە ئەللەيلىنىپ ئۇخلاپلا قىلىشتىن قورقىمەن. مەن ئاداشلىرىم ئارقىدىنلا پالاقشىپ نىمە دىسە لەببەي دەپ ئاتا-ئانامنى قاقشىتىپ سورون دىسە ، ئويۇن دىسە ئۆزۈمنى تارتالماي ئاغىندارچىلىق قىلىپ ئۆزۈمنى شۇ جايلاردا يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ قىلىشتىن بەك قورقىمەن...