ئۇ ئېغىر كېسەلدىن ئۆلمىدى،ئۇ دەرت-ھەسرەتتىن ئۆلدى،ئۇ بىخۇتلۇقتىن بېرەر ئىشنى توغرا قىلغانلىقتىن ئۆلمىدى ئەكسىچە ھەممىنى توغرا قىلغاچقا،تولىمۇ سەگەك بولغاچقا ئاللاھ ئۇنى دەرگاھىغا ئېلىپ كەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ ئەمدى قىينالمايدۇ،تۈرلۈك-تۈمەن پىتنە-پاساتلارنى ئاڭلىمايدۇ،ئەمدى يىغلىمايدۇ،ئەمدى ھارمايدۇ...
ئۇ يولبويى ئۆزىنىڭ دەردى ئازدەك مېنىڭ دەردىمنىمۇ كۆتۈرۈشۈپ بېرەتتى،ئەپسۇس ھاياتتىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن مۇساپىدە مەن ئۇنىڭغا :« ئەكىلە قولۇڭنى،ئەكىلە ئۈستۈڭدىكى يۈكنى مەن كۆتۈرۈشۈپ بېرەي » دەپ باقمىدىم.
ئەزرائىل ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلگەندە ئۇنىڭ يېنىدا بولالمىدىم.
كۆزۈبىر تامچە قەترە سىرغىغاندا ئۇ پەرىشىلەردەك پەيدا بولۇپ ھەمدەم بولاتتى،يېشىمنى سۈرتەتتى،ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرۇپ قۇياشتىن ماڭا سالام يوللايتى.
مەنچۇ مەن؟ ئۇ ئاسما ئوكۇل يىڭنىسى قولىغا سانجىلغان ھالدا كارىۋاتتىن چۈشكىنىدە يېنىدا بولۇپ ساپما كەشنى ئۇنىڭ پۇتلىرىغا كەيگۈزۈپ قويۇشقىمۇ يارىمىدىم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئۇ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى.دوست-يارەنلىرىنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزى يالغۇز شاماللارغا ئەگىشىپ كەتتى.
بۈگۈن ئۇنى ئۇنتۇشقا نىيەت باغلىدىم،كۆڭلۈمنى بىر ئىشلارغا مەشغۇل قىلاي دەپ سىرتقا چىقتىم،چىقىشىمغا يۈزۈمگە شامال ئۇرۇلدى يەنە ئۇنى ئەسلىدىم،چۈنكى ئۇ شاماللارنىڭ قوينىدا ئۇچۇپ كەتكەن.
كىتابخانىغا كىردىم،ئۇنىڭ قەلەم –قەغەز دۆۋىسى ئالدىدا بېشىنى قويۇپ ياتقان ھالىتى چاقماق تىزلىكىدە كۆز ئالدىمغا كېلىپ بولدى.
مەكتەپ گۈللۈكىگە چىقتىم،بوينىنى ئېگىۋالغان ئەتىرگۈل كۆزۈمگە چېلىقتى ،ئاھ يەنە ئۇنى ئەسلىدىم، ئۇ قارا قوللارغا پۇراق چاچماي ،گەدىنىنى تولغاپ ،تىكىنىنى سانجىۋالىدىغان تەرسا گۈل ئىدى.
نەگىلا قارىسام ئۇ ،ھاۋامۇ ئۇ پۇرايدۇ،ھەممە تەرەپتە ئۇنىڭ سىيماسى ،ئۇنىڭ ھىدى..
ئادەمسىز دەريا بويىغا بېرىپ ۋارقىرىۋەتتىم :« ھەي نېمىشقا ماڭا ئۇختۇرۇپ قويماي كېتىسەن،تەييارلىقسىز قەلبىمنى نىمانچىلا چۇل-چۇل ئېتىسەن»
جاۋاپ بېرىدىغان ئۇ يوق،شۇنداقتىمۇ قايتا –قايتا توۋلىدىم.
شوخشۇپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە قاراپ شۈكلىنىپ قالدىم،ئۇ ئامراق ھېلىقى كۆۋرۈكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە تاس قالغانتى يىغلىۋەتكىلى ،مانا مەنمۇ ھازىر كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرۇپتىمەن،ئۇ بولغان بولسا ئىدى ،تاھىر ئاققان شۇ دەرياغا قاراپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرگەن بولاتتى.
ئەمدى ئۇ دەريا ئۇنىڭدەك ھىسياتچان،چىملىقلارنى ئاغرىتىۋىتىشتىن قورقۇپ ئاۋايلاپ دەسسەيدىغان،شاۋقۇن-سۈرەن چىقارماستىن جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۆزىنى تاماششا قىلىدىغان بىر ياخشى مىھمىنىنى كۈتىۋالمايدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇرۇنقىدەك مېھىر بىلەن بىر رېتىمدا ئاقماستىن،ئەلەم –قايغۇ بىلەن تولغىنىپ ئاقىدۇ.
ئەمدى ئۇ ماڭغان كوچىلار ئىپار پۇرىماستىن ھىجران پۇرايدۇ.
لېكىن كىشلەر يەنىل ئۆز غېمىدا ياشاۋىرىدۇ،مەنمۇ ھەم يا بايدىن يا سايدىن چىقالماي بېغەملەر شەھرىنىڭ مۆمىن پۇقراسى بولۇپ قېلىۋىمەن.
ئەپسۇس يۈرىكىم كاردىن چىقىدۇ،چۈنكى كاللىدىكى خاتىرىنى تامغا بىرنى ئۈسسىسىمۇ يوق قىلىۋەتكىلى بولىدۇ،يۈرەكتىكى ئەسلىمىنى قانداقمۇ يوق قىلىۋەتكىلى بولسۇن؟
كۈنلەر ئۆتىدۇ، بىر كىپىنەك ئۇچۇپ كېلىپ قولۇمدىكى مامكاپقا قونغاندا،بىر شائىرنىڭ ئىسمى لەۋلەردە ناخشا بولۇپ توۋلانغاندا مەن ھامان ئۇنى ئەسلەيمەن.
ئىز تورى بەك ياخشى
قايسىدۇر بىر شائىر مۇنداق يازغانىكەن:
ئۆلۈپ كەتتىڭ،غەمكىن ،پەرىشان،لەۋلىرىڭدە سانسىز كېپىنەك چېچەكلەرگە ياسار قەبرىستان.كۆزلىرىڭدە قاپقارا كېچە ،يۇلتۇزلاردىن زېرىككەن ئاسمان.قىيا باقتىڭ،چۆچۈپ كەتكەن بىر توپ كېيىكلەر قاچتى تاغقا بولۇپ سەرگەردان.
تۇرار ئېدى چېقىلىپ دەمدە تەبەسسۇمنىڭ ئەينىكى چۇل-چۇل،ئورمانلاردا سۇنغان كىرپىك ئاۋازى،ئادەملەدە يارنىڭ ئۆلگەن ئازابى.مەرسىيىدەك كېتىپ باراتتىڭ،ئەگەشتۈرۈپ شېئىرلىرىمنى.
ئۇنىڭ يوقلۇقى بەك تىز بىلىنمەكتە،ئىھ ئاللاھ ئۇنى ئەڭ گۈزەل ئورنۇڭدا ئولتۇرۇشقا نېسىپ قىلغىن ئامىيىن.
شۇ تاپ ئۇ مېنى كۆرىۋاتامدىغاندۇ؟ئۇنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى بىلىۋاتامدىغاندۇ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەي شاماللار ئۇنىڭغا مەندىن سالام دەڭلار.