ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەد ئىمىنىياز
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىز تورى بەك ياخشى
ئىسىڭدىمۇ ئاشۇ خىسلەتلىك سۆزلىرىڭ؟ دوپپا –بايراق ، دوپپا-تۇغ ، دوپپا –سىنىڭ ھايات بەلگەڭ .
مۇشۇ تەسىرلىك سۆزلەرنى ئېيتقىنىڭدا مىنىڭ قەلبىمدە گۈدەكلىكنىڭ ھېسلىرى بالقىيتتى . ئەمما سەن خۇددى بىلىملىك ، ئۈمۈدلۈك بىرسىگە يول باشلاۋاتقاندەك ماڭا تۇلىمۇ مىھرىبانلىقىڭ بىلەن تۇلىمۇ تەسىرلىك ، تۇلىمۇ ھاياجانلىق رىۋايەت ، ياق رىۋايەت ئەمەس ئەجداد روھى قىزىرىپ تۇرىدىغان ئۆلمەس تارىخنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىڭ . ھەرقېتىم ئاشۇ تۇنۇش دوقمۇشتىن ئۆتكىنىمدە سەن بىرخىل ئۈمۈدۋارلىق بىلەن دوپپا سېتىپ ئولتۇغىنىڭ ئولتۇرغان ئىدى . ياق يەنە خاتالاشتىم . دوپپا سېتىپ ئەمەس، ئەجداد روھىنى ئەۋلات قەلبىگە سىڭدۈرۈپ ئولتۇراتتىڭ . مەن سىنىڭ قۇياش ئاقلىغىنى خىجىل قىلىدىغان ، ئانامنىڭ سۈتىدەك ئاق ساقىلىڭغا قاراپ سىنى <دوپپىچى بۇۋاي>دەپ قۇياتتىم . سىنىڭ خسلەتلىك ئاشۇ رىۋايىتىڭ گۈدەك قەلبىمگە ئەقىل بەردى . مەن سىنى <دوپپىچى بۇۋا>دەپ ئاتايدىغان بولدۇم . ئىز تورى بەك ياخشى
قىنى دوپپىچى بۇۋا ماڭا ئاشۇ گۈزەل رىۋايىتىڭنى يەنە بىر قېتىم سۆزلەپ بىرە ، مەن تېخىمۇ-تېخىمۇ كۆپ رىۋايەتلەرنى ئاڭلىسامكەن دەيمەن ، سەن ئۆتكەن قېتىم دىگەنتىڭ . ئىلگىرى ئۇيغۇرلار تۇلىمۇ بەخىتلىك ياشايدىكەنتۇق . سۇلىرى ئەن ، ئېتىزلىرى مۇنبەت زىمىندا ئۇلارنىڭ پادىلىرى كۆكتىكى بۇلۇتلاردەك ئەركىن ئوتلاپ يۈرىدىكەنتۇق . ئالتۇن كۈزدە ئېتىز قىرىدا تۇرۇپ كەڭرى كەتكەن ئالتۇن باشاقلارغا قارىغان كىشى تۇلىمۇ خۇشاللىق بىلەن زوقلىنىپ < - ئاي – ھاي ! قاراڭلار!توي ئوينايدىغان بولدۇق – دىيىشەتتىكەنتۇق . ئەمما شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ يۇرتقا ياۋلارنىڭ كۈزى چۈشۈپ ئاپەت بۇلۇپ كىرىپتۇ . ئىناق ئۇيغۇرلار قۇشۇن تەشكىللەپ ياۋغا قارشى تۇرۇپتۇ . ئەمما دۈشمەن كۈچلۈك ،ئۇلار ئاجىز ھەم ئاز بولغاچقا يېڭىلىپ قاپتۇ . نۇرغۇن ئەزىز جانلار قاباھەتنىڭ زولمى ، جاھالەتنىڭ قېلىچى ئاستىدا كىتىپ قاپتۇ . لېكىن شۇنچە دەھشەت جەڭ بولسىمۇ توپ ئالدىدا بايراق يېقىپماپتۇ . ئۇيغۇرلار ئازلىقى سەۋەبىدىن چىكىنىپتۇ . چىكىنگەندىمۇ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كىتىپتۇ . ئەمما جەڭ مەيدانىدا قالغانلار بايراقنى پارچىلاپ بېشىغا كىيىپ چىكىنىپتۇ . لېكىن ئويلىمغان يەردىن بايراق پارچىسىنى كۆرگەن كىشىلەر<<توپ بار>>ئىكەن دەپ يىغىلىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار بايراق پارچىسىنى قايتا تىكىپ ، قۇشۇن تەشكىللەپ ياۋلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ ئۈزىنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . شۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر ئاشۇ چاغدىكى بايراق كەشتىسىنى كەشتىلەپ بېشىغا كىيىۋېىلىپ <<توپ با>> ، <<توپ با>> دەپ ئاتايدىغان بۇپتۇ . بۇ كىينچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلىنىپ <<دوپپا>>دەپ ئاتىلىدىغان بۇپتۇ . شۇنداقمۇ بۇۋا؟ نىمىشقا كۆزلىرىڭنى نەملىۋالدىڭ ؟ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
بىلەمسەن بۇۋا !؟سەن كەشتىلىگەن ئاشۇ چىرايلىق دوپپىنى كىيىپ ، چېڭدۇ كۇچىلىرىدا يۈرگىنىمدە قانچىلىغان كىشى ماڭا قاراپ ھەۋەس ، زوقلىنىش نەزەرى بىلەن قارايدۇ ھە !
پەقەت بۇلارلا ئەمەس ، چەتئەللىكلەرنىڭ تۇلىمۇ زوقلىنىش نەزەرى بىلەن are you an uyghur? دەپ سورىغان سۇئالى مىنى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇتقاندەك شۇنداق خۇشال بۇلۇپ كىتىمەن . سىنىڭ ئاشۇ يېقىملىق ئاۋازىڭ بىلەن ئېيىتقان رىۋايىتىڭنى يەنە ئاڭلىسامكەن دەيمەن ؟ بۇۋا ، قېنى سۆزلەپ بەرگىنە ....
- نىمىگە قاراۋاتىسەن بۇۋا ؟!
- ئاۋۇ چېچى ئۇزۇن ئۇغۇلغىمۇ ياكى ئاۋۇ قىزغىمۇ؟بولدى بۇۋا قايغۇرما ، قېنى رىۋايىتىڭنى باشلا ... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
- نىمە ، دوپپا – ئۇنتۇلغان رىۋايەت دەۋاتامسەن ؟
- جېنىم بۇۋا زادى نىمىشقا ؟ زادى نىمىشقا ؟ ئىلگىرى سەن دوپپىنى خۇشاللىقنىڭ بەلگىسى قىلساڭ ، مىنىڭ ئۇنى ئۈلۈمنىڭ – ماتەمنىڭ بەلگىسى قىلىۋالغىنىم ئۈچۈنمۇ ؟
- قېنى رىۋايىتىڭنى دىگىنە ، ھەممەيلەن ئۇنى بىلسۇن .
شۇنداق ، سەن ھەقىقەتەن ئۇلۇغ غەلبە بەلگىسى سەن ! دوپپا – سەن بايراق ، سەن – جەڭگىۋارلىق شەۋكىتى . لېكىن سەن ھەرگىزمۇ<<ئۇنتۇلغان رىۋايەت >>ئەمەسسەن . مەن سىنى بېشىمغا كىيىۋالدىم . مەن كىشىلەرنىڭ ئەتراپىمغا ئۇلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .ھەم شەكسىز شۇنداق ، سەن ھەقىقەتەنمۇ ئۇنتۇلمىدىڭ . ھازىرمۇ توپبا. كىيىنمۇ بولغۇسى ،شۇنداقمۇ بۇۋا؟!!